ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-ئۈچىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 08:46:51

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمان ـــ زۈبەيدە، ھەي زۈبەيدە، بامۇسىز؟ ــ دېگىنىچە قوشنام مەريەم ھەدە كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىساممۇ مېڭىشىدىنلا قانچە يىراقتا بولسىمۇ ...



    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

     

        ـــ زۈبەيدە، ھەي زۈبەيدە، بامۇسىز؟ ــ دېگىنىچە قوشنام مەريەم ھەدە كىرىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىساممۇ مېڭىشىدىنلا قانچە يىراقتا بولسىمۇ بىلىۋالاتتىم، ئۇ يولدىشىنىڭ ئايىقىنىڭ كەينىگە دەسسەپلا ساپما كەش قىلىپ كېيىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاۋازى باشقا مەخسۇس ساپما كەشلەردىن قوپاللىقى ھەم قاتتىق سۆرەلمىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇراتتى.

      . ـــ كېلىڭە ھەدە، دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم ئۇ ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن

       ـــ كەچتە كىرىڭ دېسەم كىرمىدىڭىزغۇ؟ ئۆتكەندىمۇ ماقۇل دەپ قويۇپ كىرمىدىڭىز، بۈگۈنمۇ روزىبادىن خىجىل بولۇپ كىرمىگەن چېغى دەپ ئۆزۈملا ئېلىپ چىقتىم بۇ تاماقنى،  ــ دېگىنىچە بىر تەخسە تاماقنى ماڭا ئۇزاتتى ئۇ. تاماقنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىۋېتىپ ئەتىگەندە  «كەچتە تاماققا كىرىڭ جۇمۇ» دېگەن گېپىگە «ماقۇل» دەپ ۋەدە بېرىپ قويغىنىم ئېسىمگە كېلىپ سەل خېجىل بولۇپ قالدىم.

      . ـــ تېخى ھازىر كىرەي دەپ تۇرغان، ــ دېدىم ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىپ

       ـــ ھە بوپتۇ،  ئەمدى مەن كىرىپ بوپتىمەن، قازاندىن سۈزۈپلا قىزىق شورپىنى قۇيۇپ چىقتىم، دەرھال يەڭ، نارىن دېگەن بىردەم تۇرسا قېتىپ قالىدۇ. ئاللا..... ئوتمۇ قالىماپسىزغۇ؟ كاچكۇل بوپتۇ بۇ ئۆي، ــ دېگىنىچە مەشنىڭ كۈللىرىنى تارتىپ تاراڭلىتىپ بىردەمدە ئوتنى گۈركىرىتىۋەتتى، ــ تېخى ئاستى ئۈستىنى ئۆرۈپ ئولتۇرىسىزغۇ يېمەي؟  تاماق يېۋەلغانمۇ؟

      ـــ ياق، ــ دېدىم تۆۋەن ئاۋازدا، شۇندىلا بۈگۈن چۈشتىمۇ تاماق يېمىگەنلكىم ئېسىمگە كەلدى، ــ قورسىقىم ئاچمىغاندەكلا.

     :  ئۇدۇلۇمغا كېلىپ ماڭا سىنچىلاپ قاراپ

     .  ـــ يەنە نېمە بولدى؟ ــ دېدى ئۇ

     . ـــ فىرقەت يۇرتىغا كەتتى، ــ دېگىنىمچە پاڭڭىدە يىغلاپ كەتتىم

     


      ـــ كەتسە نېمە بوپتۇ؟ ئاۋۇ روزىبايمۇ يىللاپ - يىللاپ كەلمەي ماۋۇ كۆزلىرىم ئۇنىڭ يوللىرىغا قاراپ تېشىلگىلى ئاز قالغان. مانا ئەمدى تېقىمىغا ئوسۇرۇپ ئولتۇرىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئېتىپمۇ تۇتقىلى بولمايدىغان يىگىت ئىدى، يىغلىماڭ، ئەركىشىگە يىغلىغان ئايالنى ساراڭ دەيمە مەن ھازىر. ئاشۇ ئاققان ياشلارنىڭ بىر تامچىىسىغا ئەرزىسە نېمە دەي ئۇلارنى. مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا يۇرتنىڭ گۈلى، روزى باينىڭ بۇلبۇلى ئىدىم، ماڭا ئاشىق يىگىتلەر ئۆيىمىزنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆستەڭگە مەيدىسىنى يېقىپ، گۈلمەرەمنى ئوقۇپ تاڭ ئاتقۇزاتتى، ئەخمەقلىقىمدىن بىر موچەن پۇلى بولمىسىمۇ كۆڭلۈمنى ئۇتۇۋالغان روزىغا تېگىپتىكەنمەن،  ئۆز ۋاقتىدا ماڭا كۆيۈپ مەيدىسىنى نەم يەرگە ياققان يىگىتلەر ھازىر كاتتا ئادەم بولۇپ كەتتى، بىرسى تېخى ھاكىم بولدى،  ئۆتكەندە ئاۋۇ قاسىمجان بالامنىڭ ئىشى بىلەن ئىزدەپ بارسام، دەردىمنى ئاڭلاش تۈگۈل، نەزەرىگىمۇ ئىلىنالمىدىم، ئەرخەق دېگەن مانا مۇشۇنداق خەق. يىغلىماڭ ئۇكام، ئۇ كەتسە يەنە كېلىدۇ، كەلمىسىمۇ ئامال يوق. لېكىن سىز ياشىمىسىڭىز بولمايدۇ.

    مەريەمخان ھەدە، مەكتەپ قوغداش بۆلۈمىدىكى روزىباينىڭ ئايالى بولۇپ ئۆزىنىڭ پاكار، سېمىزلىكىگە باقماي تولىمۇ چاققان ئايال ئىدى، مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ، مېنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتقان بىردىن بىر ھېماتچىم دېسەم ئارتۇق كەتمەيدۇ. يولدىشى روزى باي ئۆتكۈر كۆزلىرى نېمىنىدۇر دېگۈسى بار، لېكىن ئىچىدىن چىقىرالماي ھەسرەت چېكىۋاتقاندەكلا باشلىرىنى ھەدەپ لىڭشىتىپ يۈرىدىغان، جەمىيەتتىن نارازى بولۇپلا يۈرىدىغان ئادەم ئىدى.

     


         مەريەم ھەدە بىرمۇنچە ۋەز ئېيتىپ تەسەللىي قىلىپ، ئوتنى قالاپ ياتىقىمنى ئىسسىتىپ بېرىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن ياش تۆككىنىمنىڭ سەۋەبىنى، ئۇنىڭ كېلىش كەلمەسلىكىدىن شۇنچە  ئەنسىرىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى. مەريەم ھەدىنىڭ ھازىرقى غەمسىز، ساددا تۇرقىغا تولىمۇ مەستلىكىم كەلدى. ئادەمنىڭ قەلبىگە مۇھەببەت بۆسۈپ كىرمىسە ياخشىكەن، كىردىمۇ ئۇنىڭ قانچىلىك لەززىتى بولسا نۆۋىتىدە ئېلىپ كېلىدىغان ئازابىمۇ  شۇنچىلىك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ  چوڭقۇر بولىدىكەن.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.