ئايالىمنىڭ سۆيگۈنى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 12:40:16

ئايالىمنىڭ سۆيگۈنىمۇقەددىمە ئاپامدىن، رۇسلاننىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ، قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، < بۇ مەھەلىدىكىلەرنىڭغۇ تاپمايدىغان گېپى يوق >دېدىم كۆڭلۈمدە بۇ ئىشنىڭ ي...

     


    ئايالىمنىڭ سۆيگۈنى

    مۇقەددىمە

       ئاپامدىن، رۇسلاننىڭ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ، قۇلىقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم، < بۇ مەھەلىدىكىلەرنىڭغۇ تاپمايدىغان گېپى يوق >دېدىم كۆڭلۈمدە بۇ ئىشنىڭ يالغان بولۇشىنى تىلەپ.

    - رۇسلان قايتىپ كېلىپ مۇشۇ ئۆيدە تۇرىۋاتىدۇ، بىر ئايدىن ئاشتى، مۇكەررەم ئاپاڭمۇ بالىسىنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ. رۇسلان كۈندە ئۆيدە ئىشىكنى تاقىۋېلىپ، ھېچ يەرگە چىقمايدىكەن. تاماقنىمۇ تۈزۈك يېمەيدىكەن، گەپ سورىسا گەپمۇ قىلمايدىكەن.-دېدى ئاپام سەي ئاقلىغاچ.

    - بىر ئايدىن ئېشىپتۇ؟ مەن ھەجەپ بىلمەيدىكەنمەنغۇ؟! توي قىلغىلى بىر يىل بولمىدىغۇ، تىخى؟ نىمىگە بۇنچە تېز ئاجرىشىپ كەتكەندۇر؟

    - سەن ئىشتىن كېلىپلا، ئۆيۈڭگە بىر كىرىپ كېتىپ، كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدىن ھېچ يەرگە چىقمىساڭ، قانداق ئاڭلايتىڭ؟!-دېدى ئاپام ماڭا دوق قىلىپ. ‹‹توۋا!!!!! رۇسلان ئاجرىشىپ كېتىپتۇ؟! بۇ مۇمكىنمۇ؟ نېمە دەپ ئاجرىشىپ كەتكەندۇ؟ توي قىلغىلى بىر يىل بولا بولمايلا››ئويلىسام، ئويلىسام ئىشەنگىم كەلمەيۋاتاتتى.   

     

                                          ئەسلىمە

      رۇسلان ئىككىمىز ساۋاقداش ئىدۇق، ئاپام بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسىمۇ يېقىن دوستلاردىن ئىدى، ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش - كېلىشى  قويۇق ئىدى. مەكتەپتىمۇ رۇسلان ماڭا بەك كۆڭۈل بۆلەتتى. كېيىنچە بۇلار بىزنىڭ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلدى. بىزنىڭ ئۆي 3- قەۋەتتە، بۇلارنىڭ 2- قەۋەتتە. شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئائىلىنىڭ بېرىش - كېلىشى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتى. رۇسلان ئىككىمىز بىللە مەكتەپكە باراتتۇق، بىللە كېلەتتۇق، كىمنىڭ ئۆيىدە بالدۇر ئاش پىشسا، شۇ ئۆيدە تاماق يەپ، بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيتتۇق. رۇسلان بەك ئەخلاقلىق، قىزلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل بالا ئىدى. گەرچە ئۇ چاغلاردا كىچىك بولساقمۇ، كىمنىڭ قانداقلىقىنى پەرق ئېتەلەيتۇقتە؟! سىنىپىمىزدىكى ھەممە قىزلار دېگۈدەك رۇسلانغا ئامراق ئىدى. ئامال قىلىپ، رۇسلان بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرۇشنى، بىللە دىجۇرنىلىق قىلشنى، بىلمىگەنلىرىنى رۇسلاندىن سوراشنى، ئۈمىد قىلىشاتتى ھەم چاندۇرماي تالىشاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكى، مۇشۇنداق ھەممە جەھەتتە ئەلا بىر بالىنىڭ مەن بىلەن سايەمدەك يېقىن ئۆتۈشى، قىزلارنىڭ ئارىسىدا ھەسەت قوزغايتتى، لېكىن مەن بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتىم. باشقا ئوغۇل ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا بولغان كىچىككىنە ياردەملىرىنىمۇ، كۆڭۈل بۆلۈشلىرىنىمۇ، چىرايلىق گەپ - سۆزلىرىنىمۇ قوپاللىق بىلەن رەت قىلاتتىم، خۇددى مەن پەقەت رۇسلاننىڭلا كۆڭۈل بۆلۈشى ئۈچۈن يارىتىلغاندەكلا.

       تولۇقسىزنىڭ 2 -يىلىغا چىققان ۋاقتىمىزدا، سىنىپىمىزغا يېڭىدىن بىر قىز ئوقۇغۇچى كىردى. نازۇك چىراي، ئاۋازلىرى ئىنچىكە، قاچانلا قارىسىڭىز سۈزۈلۈپلا تۇرىدىغان بۇ قىز دەل رەنا ئىدى. رەنا ناھايتتى تېزلا سىنىپىمىزدىكى ئوغۇللارنىڭ كۆڭلىدىكى مەبۇدىلىرىگە ئايلاندى. ئۇ چاغدا مەن تولىراق ئوغۇللار بىلەن توپ ئوينايتتىم. رۇسلان بىلەن بىللە يۈرگەچكىمىكىن، جىقراق ئوغۇللارنىڭ ئويۇنلىرىغا قىزىقاتتىم. شۇنداق چاغلاردا ئوغۇللارنىڭ رەنا توغۇرلۇق قىلغان بەزى سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالاتتى.

    • ئاۋازى بەك تاتلىق چىقىدۇ ھە؟!- دېسە، يەنە بىرسى،
    • كۈلۈشىچۇ؟ قايسى كۈنى كانسىپىكىمنى بېرىپ تۇرسام، شۇنداق بىر تاتلىق كۈلۈپ رەھمەت ئېيتقانىدى قاراپلا قاپتىمەن،- دەيتتى.

     دېمىسىمۇ، رەنا بەك مۇلايىم ئىدى. ھەم ئۆزىنىمۇ ياساپ يۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرەتتى، ئوغۇللار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئاۋازىنى ئادەتتىكىدىنمۇ سىلىق چىقىرىشقا تىرىشىپ گەپ قىلاتتى. (پەقەت قىزلارلا ھېس قىلالايمىزغۇ بۇنى). مېڭىشىچۇ تېخى. ئالدىرىماي يەرنى ئاۋايلاپ دەسسەپ، خۇددى ئۇچىۋاتقاندەك ماڭاتتى، چىرايىدا مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ھېلىقى سۈزۈلمە كۈلكىسى. ئۇ قىزغا قارىسام بەزىدە < غەربكە ساياھەت > فىلىمىدىكى گۈزەل چىراي ئالۋاستىلار كۆز ئالدىمغا كېلەتتى. دەرس ۋاقىتلىرىدا ئۇ قىزغا قاراپ، كۈزىتىپ ئولتۇرۇش مەن ئۈچۈن بىر قىزىقارلىق ئىش ئىدى. ئۇ قىز دەرسلەرنى ئانچە بىلمەيتتى، ئەمما يۇقىرىقىدەك باشقا ئالاھىدىلىكلىرى ئۇ قىزنىڭ دەرس بىلمەسلىكتەك كامچىلىقىنى يېپىپ كېتەتتى. لېكىن بىزنىڭ رۇسلان ئۇ قىزغا باشقا ئوغۇللاردەك ئۆزىنى ئۇرمايتتى، كارىمۇ يوق ئىدى، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىشىنى قىلىپ پۇتبۇلىنى تېپەتتى. لېكىن مەن رەنانىڭ ئۇنى - بۇنى باھانە قىلىپ، رۇسلانغا يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇراتتىم.

    بىر كۈنى ، رۇسلاننىڭ ئۆيىدە تاپشۇرۇق ئىشلىگەچ، ئۇنىڭدىن رەنا توغۇرلۇق سوراپ باققىم كەلدى،

    -  ھەي، سىنىپىمىزدا قىزلارنىڭ ئىچىدە كىم ئەڭ چىرايلىق؟- دېدىم ئۇنىڭ بېشىنى قەلىمىم بىلەن نوقۇپ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا تازا قاراپ كېتىپ:

    - سېنى بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ،  دېسەم چوڭ بوپسەن جۇمۇ!! ھى ھى... -دېدى ھىجاراپ. 

    - سەندىن كىچىك بولساملا چوڭ بولمايدۇ دېگەنمىدىڭ؟!  بولە چاققان،  دەپ باقە،  كىم ئەڭ چىرايلىق سىنىپىمىزدا؟! -دېدىم ئىڭىكىمنى ئۈستەلگە قويۇپ.

    - ماڭىغۇ، ھەممە قىزلار ئوخشاشلا كۆرۈنىدۇ. ھەي! قانداق بولسا چىرايلىق بولغان بولىدۇ؟! -دېدى ئۇمۇ ئۈستەلگە ئىڭىكىنى قويۇپ.

    -  سەن بىرىنچى قېتىم كۆرۈپ، كۆزۈڭنى ئۈزەلمەي قالغان بولساڭ، ۋە ياكى ئۇنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرسا دېگەندەك...- دېدىم مەنمۇ قانداق چۈشەندۈرۈشۈمنى بىلمەي.

    - ئۆزەڭنى دەۋاتامسەن؟ مەنغۇ سېنى بىرىنچى قېتىم كۆرگەن ۋاقتىمنى ئېسىمگە ئالالمايمەن، ئەمدى باشقا قىزلارغا ئوخشىمايدۇ دېسەڭ، شۇ سېنى ئوخشىمايدۇ ، دەپ ئويلايمەن. ھېچنىمىدىن قورقمايسەن، ئوغۇللار بىلەن توپ تېپىسەن، شۇ.- دېدى ئۇ ئەستايىدىل ئويلاشقان قىياپەتتە. يۈرۈگۈم ئىختىيارسىز تېپىچەكلىگەن بولسىمۇ، چاندۇرمىدىم- دە، تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ قويۇپ، كىتابىمغا قارىدىم. لېكىن، سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ رۇسلانغا بۇنىڭدىن كېيىن رەنانىڭ ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشىنى، ھەركۈنى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن بىر سائەت تەكرار قىلىشىنى ئېيتقاندىن كېيىن، ھەممە بارا - بارا ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن سىنىپ مەسئۇلۇم كۆزۈمگە ئىت كۆرىنىدىغان بولدى.

    شۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە، رەنا رۇسلاننىڭ يېنىدىن يىراققا كەتمىدى، سىنىپ مەسئۇلىغا دەپ رۇسلاننىڭ يېنىغا ئالماشتى، مەنمۇ يۇۋاشلەرچە ئورنۇمنى بوشاتتىم. لېكىن ھەر كۈنى، مەكتەپتىن قايتىدىغاندا رۇسلاننى ساقلاپ تۇراتتىم. بۇ رەنا دېگەن قىزنىڭ قاپاقباشلىقىغا بىر نېمە توغرا كېلەمدىغان،  يا قەستەنگە قىلامدىكىن) بىر مەسىلىنى ئوتتۇز قېتىم دېسە بىلەلمەيتتى. بىر چەتتە دەرس تەكرارلاپ مېنىڭ ئىچىم پۇشۇپ كېتەتتى ئۇ قىزغا قاراپ.

    - رۇسلان، بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتتى، جۈرە بىز ئۆيگە بارغۇچە كەچ بولۇپ كېتىدۇ، تاپشۇرۇقۇڭنى قايسى ۋاقىتتا ئىشلەيسەن؟ - دېدىم بىر كۈنى قەتئىي بەرداشلىق بېرەلمەي.

    -بولمىسا، سىز كېتۋېرىڭ!! گۈللالە. رۇسلاننى دادامنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئاپىرىپ قويىمىز،-دېدى ئۇ چىرايلىق رۇسلاننىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا.

     شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ ئەسلى بىزنىڭ مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ ئارزۇلۇق قىزى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. كېيىنكى كۈنلەردە، مەن رۇسلاننى ساقلىماي كېتىۋېرىدىغان بولدۇم. بىر كۈنى دەرس ۋاقتىدا ئۇ ماڭا بىر خەت بەردى. ‹‹گۈللالە، مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟ ئەتىگەنمۇ مېنى ساقلىماي كېتىپسەن؟ كەچتە بىللە ماڭايلىچۇ؟ ساڭا دەيدىغان گېپىم بار، بولامدۇ؟ خەت قايتۇر ھە؟›› خەتنى ئوقۇپ، خوشال بولغان بولساممۇ، يەنە ئازراق تەنە قىلغۇم كەلدى. ‹‹ لىندەييۈ خېنىم خاپا بولۇپ قېلىپ يۈرمىسۇن يەنە. ( ئۇ قىزنى مەن < قىزىل راۋاقتىكى چۈش> تىكى لىن دەييۈگە ئوخشىتاتتىم. ھازىرمۇ لەقىمى شۇ ھى ھى ). بولدى، مەن ئېرفان بىلەن بىللە قايتىمەن دەپ دېيىشىپ قويۇپتىكەنمەن›› ئېرفان بىزنىڭ مەھەللىدىكى يەنە بىر بالا، ئۇ بىز بىلەن خوشنا يەنە بىر مەكتەپتە ئوقۇيتتى، ماڭا ئۆزىچە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېتەتتى. رۇسلانمۇ مېنى پات پات ئۇنىڭغا چاپلاپ قوياتتى.  ئۇ خەتنى ئېلىپ ئوقۇپلا، پۇرلاپ - پۇرلاپ تاشلىۋەتتى، گەرچە، مەن بوينۇمنى بۇراپ قارىمىغان بولساممۇ، سېزىپ تۇراتتىم. < ھۇ. چىدىماس ، سەنمۇ تەمىنىتېتىپ باق.>دېدىم ئىچىمدە. تەنەپپۇستا ئۇ يېنىمغا كېلىپ، يېنىمدىكى قىزنى تۇرغۇزۇپلا ئۆزى ئولتۇرۋالدى، قاراپمۇ قويمۇدۇم. دەپتىرىمدىكى مىسالنى ئىشلەۋەردىم بىلمىگەن كىشى بولۇپ.

    -ھەي! مانى خاتا يازدىڭ!-دېدى ئۇ قولىنى سوزۇپ دەپتىرىمدىكى مىسالنى كۆرسىتىپ،

    -تارتقىنە قولۇڭنى، ئۆزەم ئىشلەيمەن. سەن يەنىلا لىندەييۈرىڭغا ياخشى ئۆگەت.  مۇقەددەس ۋەزىپە بەردى ساڭا پارتىيە ئىشىنىپ.-  دېدىم بىشىمنى كۆتۈرمەي.

    -سەن نېمە ئېرفان بىلەن بىللە مېڭىپ ئەمدى. نېمە بوپسەن؟- دېدى ئۇ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەك.

    -نېمە نېمە بوپتۇ؟!قىززىققۇ بۇ؟!- دېدىم كۆزلىرىگە قاراپ،

    -مەن قىززىق ئاشۇنداق. كەچتە مېنى ساقلا! بىللە ماڭىمىز. ساڭا دەيدىغان گېپىم بار.

    -ئاڭلىماي بولدى، گېپىڭ بولسا لىندەييۈگە دمەمسەن؟

    - تولا ھەددىڭدىن ئاشما. سۈۋەررەك ( مېنىڭ لەقىمىم )، ساڭا دەيدىغان مۇھىم گىپىم بار.

    -ساراڭ، ھەرە.(ئۇنىڭ لەقىمى) -دېدىم دومسىيىپ.

     كۆڭلۈمدە ئۇنىڭدىن شۇنچىلىك سۆيىنىپ كەتتىم. دەرستىن چۈشۇپ، رۇسلاننى ساقلىغاچ، بالىلار بىلەن پۇتبۇل ئوينىدىم. كىم بىلسۇن كارىدورغا كىرىپ، توپنى بىرسىدىن چاقچاق قىلىپ، پۇتۇمغا ئىلىپ ئوينايمەن دەپ كۈچەپ كەتتىممۇ قانداق بىلمىدىم، بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئىشىك ئەينىگىگە تىگىپ، ئەينەك چېقىلىپ كەتتى، ئاپلا، دەپ سىنىپقا كىرىپ، بالىلار بىلەن ئەينەك پارچىلىرىنى يىغۇشتۇرۋاتساق، ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق رەنا يېنىمىزغا كېلىپ:

     - چىدىمىسىڭىز، بومبا بىلەن پارتىلىتىۋېتىڭ!! مۇشۇ سىنىپنى!- دەيدۇ چىرايلىرىنى بىر قىسما قىلىپ. ئەزەلدىن خەق بىلەن سەن - پەن دېيىشىپ باقماپتىكەنمەن. بۇلۇپمۇ قىزلار بىلەن. دەماللىققا بىرنېمە دىيەلمەي قالدىم. ئاڭغىچە رۇسلان كېلىپ، بىلىكىمدىن تارتىپ:

    -   يەنە دېرىزە چېقىۋەتتىڭ دېگىنە؟! - دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ،  ئۇنىڭ كۈلكىسىمۇ جان - جېنىمدىن ئۆتتى!

    -تارتە قۇلۇڭنى! چېقىۋەتسەم سىنىپنىڭكىنى چاقتىم. ئىككىڭنىڭ ئۆيىنىڭكىنى چاقمىغاندىن كېيىن، نېرى كېتىشە!!-دېدىم ئۆڭۈپلا.

    -ۋۇي؟ لالە نېمە بولدىڭىز؟ نېمىگە خاپا بولىسىز؟ رۇسلاننىڭ مىجەزىنى بىلىسىزغۇ؟-دەپ بىلجىرلاپلا كەتتى ئاۋۇ تۈلكە.

    -ئاغزىڭنى يۇمە!! سەن، نايناق خېنىم. چىرايىڭنى ياسايمەن دېگۈچە، ئازراق كىتاپ كۆرگەن بولساڭچۇ!!!- دېدىم، سومكامنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم.

     رۇسلان ئىككىمىز شۇ ئىش تۈپەيلى تۈزۈك پاراڭلاشماي، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش زىياپىتىدە، < كۆڭۈلدىكى سۆزلىرىم > ئويۇنى ئويناپ، شۇ يەردە ئاخىرقى قېتىم ئۆيگە بىللە قايتتۇق. شۇ كۈنى < كۆڭلۈمدىكى گەپلەر> ئويۇنىدا ئۇ كۆپچىلىككە، < مېنىڭ بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن، ئىلھامىم كېلىپ يېزىپ قويغان كىچىككىنە يازمام بار ئىدى، ئۇنى ئوقۇپ بېرىدىغان پۇرسەت بولماي كەلگەن، شۇنى كۆپچىلىككە ئوقۇپ بېرەي > دەپ ، ھېلىقى كۈنى ماڭا بەرمەكچى بولغان خېتىنى ئوقۇدى. ئۇ خېتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى. ئۆيىدىكى سۈۋەرەك، ھەم شۇ سۈۋەررەكنىڭ قىزىقارلىقلىقى، باشقا سۈۋەررەككە قەتئىي ئوخشىمايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ تۇرمۇش مۇساپىسىدە، شۇ سۈۋەررەكتىن ئايرىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىلغان ئىدى. ئۇ كۈنى ھەممە ساۋاقداشلار يىغلىدى، مەنمۇ ھەم بەك كۆپ يىغلىدىم. ئۆزەمنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ يىغلىدىم. چۈنكى ئۇ چاغدا رۇسلان رەنا بىلەن يۈرىۋاتاتتى. كېيىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۇق. ئۈچىلىمىز بىر مەكتەپتە ئوقۇدۇق. رۇسلان رەنا بىلەنلا ئۆتەتتى، رەنامۇ رۇستەمنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتى. بەزى كۈنلىرى يامغۇر ياغقان كۈنلەردە، ياتاق بىناسى ئالدىدا كۈنلۈك تۇتۇپ تۇرغان رۇسلاننى ئۇچرىتاتتىم. (ئۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى ئوغۇل بالا) بۇنداق چاغلاردا ئىككى ئېغىز چاقچاق قىلىپ كەيپىياتنى ئوڭشايتتى. بولمىسا ئۇ بىر خىل ئوڭايسىزلىنىپ كېتەتتى.

    - ۋۇي؟! رۇسلان! ھەقىقەتەن بەشتە نەمۇنىلىك ياخشى ئوغۇل دوست  جۇمۇ سەن! ساڭا ئوخشاش مۇشۇنداق كاپالەتلىك دوستلىرىڭ بولسا ھايت دە ھە!؟

    ئىشقىلىپ، پۈتۈن مەكتەپتىكىلەر بىلەتتى ئۇ ئىككىسىنىڭ قانچىلىك ئىجىل - ئىناقلىقىنى. مەنمۇ چىن قەلبىمدىن ئىككىسىگە بەخىت تىلەيتتىم.  رەنانى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ياقتۇرمايتتىم. بۇ ياقتۇرماسلىقنىڭ رۇسلان بىلەن ئاللىقاچان ھېچقانداق ئالاقىسى قالمىغان بولسىمۇ، ئۇ < لىندەييۈ>نىڭ ھەددىدىن ئارتۇق رۇسلانغا يۆنىلىۋېلىشى، ئەركە - نايناقلىقى مېنى ئىختىيارسىز سەسكەندۈرۈپ قوياتتى. بەزىدە رۇسلاننى تاماق كۆتۈرۈپ، يا باشقا نەرسە كۆتۈرۈپ، ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇچرىتىپ قالسام، غۇژژىدە قىلىپ ئاچچىقىم كېلەتتى. رەناغا بۇنداق قىلىشى ئۇ قىزنى تېخىمۇ بەك رۇسلانغا يۆنىلىۋالىدىغان قىلىپ قوياتتى.< مۇشۇنداق قىلىدىغان بولساڭ، ئاز كۈندە مەكتەپ گېزىتىگە چىقىرىمەن سېنى رۇسلان، سەندىن ئۆگىنىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇپ >دەپ قوياتتىم مىيىقىمدا كۈلۈپ. گەرچە ھازىر ئۇنىڭغا نىسبەتەن، ساۋاقداشلىقتىن باشقا ھېچقانداق، ھېسسىياتىم بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرقىنى كۆرسەم يۈرۈگۈم ئېچىشاتتى. بىر  ياخشىغا بىر ياماندە بۇ.

     رەنا دېگەن قاپاقباش < لىندەييۈ>مۇ ئانچە - مۇنچە سۇخانىلاردا ئۇچرىشىپ قالساق، سۈزۈلۈپ تۇرۇپ:

     - گۈللالە، قاچانغىچە مۇشۇنداق ئۆتىسىز؟-دەپ كېتەتتى. مەنمۇ مۇنداقلا كۈلۈپ قويۇپ:

     - بىرسىنى ئاللىقاچان تېپىپ بولغان، سىزنى ئالداپ كەتمىسۇن  دەپ تىقىپ قويدۇم.- دەپ قوياتتىم.

    بىركۈنى، يەنە شۇنداقراق گەپتىن بىرنى قىلدى ئوپچە سۇخانىدا، تازا كەيپىم چاغ ئەمەس كۈنى ئىدى:

    - قاچان سىز  بىر سىنىپ ئېچىپ، بىزدەكلەرگە ئوغۇللارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش ئاماللىرىڭىزنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، مەنمۇ تازا سىزدەك يۇۋاش - يۇمشاق بىرسىنىڭ پېشىغا ئېسىلارمەن!-دېدىم كۈلمەي تۇرۇپلا. شۇنىڭدىن ياقى، مېنى كۆرسە ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. رەنانىڭ، مەن بىردىنبىر ياقتۇرىدىغان يېرى، ئۇ قىز رۇسلاندىن باشقا بالىغا تۈزۈك گەپمۇ قىلمايدۇ. رۇسلاننىڭ بېقىنىدىن ھېچيەرگە چىقمايدۇ. ئۇ < لىن دەييۈ>نىڭ مۇشۇ يېرىنى دەپ، ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ كېتىمەن بەزىدە. كېيىن ئوقۇش پۈتتۈردۇق. رۇسلان بىلەن رەنا ئىككىلىسى بىر ئىدارىغا خىزمەتكە چۈشتى. يەنە پات - پات ئۇچرىتاتتىم  مەھەللىدە ئىككىسىنى پاترۇشكىلاپ ماڭغىنىنى. بۇ ۋاقىتتا ئىككىسىگە ھەۋەس نەزىرىدە قارايتتىم. كېيىن تويىنىمۇ قىلىپ قويدۇق. ئىجىل - ئىناق ئۆتىۋاتاتتى. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ خىزمىتىم بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، بۇلارنىمۇ كۆرمىگەنىدىم.

     

     

    رۇسلاننىڭ بايانى

      ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ، نېمىلا ئىش قىلىپ باقسام ، كاللامغا پەقەتلا چۈشمىدى. توختىماي رۇسلاننى، رەنانى ئىككىسىنىڭ بىللىلا تۇرغان ھالىتى كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى. ئاپامنىڭ يېنىغا يۈگرەپ دېگۈدەك چىقتىم.

    • ئاپا، ئاپا
    • ھە! نېمە؟ نېمىگە ئۈندەرەيسەن؟ - دېدى ئاپام ئاشخانا ئۆيدىن چىقىۋاتقاچ.
    • ئاپا، يۈرە، مۈكەررەم ئاپامنىڭ ئۆيىگە كىرىپ چىقايلى، مەن رۇسلاندىن ئۆز قۇلىقىم بىلەن بىر ئاڭلاي. ھەقىقىي ئەھۋالنى.-دېدىم ئاپامنى قولتۇقلاپ.

     - ئوھوش. كەسپىي كېسىلىڭ قوزغىلىۋاتامدا؟! ھەقىقي ئەھۋال ئېنىقلايمەن، دەپ، ئاڭلىغىڭ كەلسە كىرىۋەر، سەن كىرىپ گەپ قىلىپ باقساڭ، ئاۋۇ ئاپىسىنى ئۇنداق قاخشاتماي، تامىقىنى ۋاقتىدا يەپ، ئۇيقۇسىنى ئۇخلاپ يۈرسۇن. جاھان ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئىش بولسىمۇ، نېمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ مۇشۇ جاھاننىڭ بالىلىرى..-ئاپام غۇدۇڭشىغاچ ئاشخانا ئۆيدە قالدى.

     كىرسەم بولارمۇ، كىرمىسەم بولارمۇ؟ كىرسەم نېمە دەيمەن؟؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ تۇراتتىم. رۇسلاننىڭ سىڭلىسى بىر ماتېماتىكا سۇئالنى كۆتۈرۈپ كىرىپ قالدى. ئاللاھقا شۈكرى:

    -يۈرۈڭە، ساقام سىلەرنىڭ ئۆيگە چىقايلى. دەرسلىرىڭىزنى كۆزدىن كەچۈرمىگىلىمۇ ئۇزۇن بوپتۇ،-دەپلا سىڭلىسى بىلەن رۇسلانلارنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئۇ قىزغا بىرەر قۇر كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۋەتكەندىن كېيىن، مۇكەررەم ئاپام كىردى،

    - ۋۇي جېنىم بالام، تاتلىق خېنىم بالام. (مۇكەررەم ئاپام مۇشۇنداق بالا ئەركىلىتىدۇ) ئۇزۇن بوپتۇ، كۆرمىگىلى، شەمشىقەمەردىن سورىسام، ئۇبالا بىز بىلەنمۇ، خوشنىلاردەك ئانچە - مۇنچە سالام - سائەت قىلىپ قويىدۇ، كۆرگىلى بولمايدۇ، دەيدۇ، بالام،-دەپ پىشانىلىرىمگە سۆيۈپ كەتتى.

     - ھە.. مەن شۇ ئىشلەپ، مۇكەررەم ئاپا، سەل ئالدىراش،-دېدىم ئوڭايسىزلىنىپ.

    - بالام، رۇسلان ئاجرىشىپ كەتتىم دەيدۇ.  مۇشۇ ئۆيدە، خېلى ۋاقىت بولدى.  راست ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، رەناگۈلمۇ كەلمىدى..-دەپ ئۇف تارتتى مۈكەررەم ئاپام.- بولسا بالام، ئىككىڭلار يېقىن، ئاكا - سىڭىلدەك ئۆتكەندىن كېيىن، مۇنداق بىر سوراپ باققان بولسىڭىز، مەن بىر خوش بولۇپ كەتسەم ،جېنىم بالام.... بېشىمنى لىڭشىتتىم.

     رۇسلاننىڭ ھۇجرىسىغا كىرگىنىمدە، ئۇ كىتابنى يۈزىگە قويۇۋېلىپ، قۇلىقىدا نائۇشنىك بىلەن مۇزىكا تىڭشاۋاتاتتى. مېنىڭ كىرگىنىمنىمۇ سەزمىدى. ئاستا كۆز يۈگۈرۈتتۈم. كىچىك ۋاقتىمدا بۇنىڭ مۇشۇ ھۇجرىسىدا تەكرار قىلىپ، تاپشۇرۇق يازغۇچە، قانچە قېتىملاپ يامانلاشقىنىمىز، يەنە ئەپلىشىپ، كۈلۈپ تاماق يىېگەنلىرىمىز ئېسىمگە كېلىپ، كۈلۈپ كېتىپتىمەن.

    • سۈۋەررەك!! ما ئۆيگە دورا چاچقان، ھاياتىڭ بىلەن ئوينىشىۋاتامسەن؟!!- ئۆرۈلۈپ كەينىمگە قارىدىم. رۇسلان ماڭا قاراپ، ھومۇيۇپ تۇراتتى. سەل جۈدەپ قاپتۇ. بۇرۇنقىغا قارىغاندا جىق روھسىز كۆرىنەتتى،
    • ئاپارغىنە، ئۇنداق ساختا دورىلىرىڭنى. قورقۇپ قالمايمىز،-دېدىم مەنمۇ تۇمشۇقۇمنى سوزۇپ.

     - ۋوي،ئېسىمدە يوق، تاپانچاڭ بار ھە راست، سەن سۈۋەرەكنىڭ! خېلى ئۇزۇن بوپتىكەن سۈۋەرەك كۆرمىگىلى. يوقىغان ئوخشايدۇ، دېسەم، دەرىجەڭنى يۇقىرىلىتىپ كەلدىڭمۇ؟ نېمە!!-دېدى ئۇ قولىدىكى كىتابنى ئىشكاپىغا قويغاچ.

    - بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ ھەرىلەر يوقاپ، گۈللەر خېلى كۈن كۆرۈپ قالغان، ئەمدى قانداق بولاركىن تاڭ؟!!-دېدىم بويۇمنى ئۇنىڭ بىلەن بەسلەشتۇرگەچ، كىچىكىمدىن تارتىپ ئۇنىڭ بىلەن بوي بەسلەشتۈرەتتىم.

    - ماڭاۋاي، ئەمدى ئۆسمەيسەن، خاتىرجەم بول. سىڭلىم بىلەن بەسلەشتۇرسەڭ قانداقكىن تاڭ! بويۇڭنى!-دېدى ئۇ بېشىمدىن ئىتتەرگەچ.

    رۇسلاننىڭ كىتاب ئىشكابىغا كۆز يۈگۈرۈتتۈم. بۇ بەك ئەستايىدىل جۇمۇ!!!!

    • بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كىتابلىرىمىزمۇ تۇرامدۇ نېمە؟!! رۇسلان،-دېدىم ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ.
    • ھە!! تاپشۇرۇق دەپتەر، سىنىپ دەپتەر، ھەممىسى بارغۇ ئىشقىلىپ،- دېدى ئۇ كارىۋېتىدىكى خاتىرىسىنى يىغۇشتۇرغاچ.
    • توۋا. مېنىڭ ئاۋۇ ئالىي مەكتەپتىكى كىتابلىرىممۇ يوققۇ دەيمەن ھازىر،-دېدىم ئۇنىڭ ئۈستىلىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرغاچ.

     -  يەنە شۇنداق ھاڭۋاقتىمۇ سەن؟!  ئۇ-بۇ نەرسىلىرىڭنى يۈتتۈرۈپ، كىتابلىرىڭغۇ، مەۋسۈم بېشىدىلا ئالدى - ئارقى يىرتىلىپ بولاتتى سېنىڭ. دائىم كىتابىڭنىڭ بېتى يوق مەن بىلەن بىللە كۆرۈپ.- دېدى ئۇ ماڭا ئالىيىپ، ئۇنىڭ ھەممە يېرىدىن مۇڭ تۆكۈلەتتى. گەپنى مىڭ باشقا ياققا بۇراپ، ئۆزىنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرسىتىمەن دېسىمۇ، كۆزلىرى ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىۋاتاتتى. ئاخىرى غەيرەت قىلىپلا سورىدىم:

    - ئاپاڭ سېنى ئاجرىشىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ،دەيدا؟!

    - ئوخشايدۇ؟! ئاجرىشىپ كەتتۇق. ئۆتكەن زامان بولۇپ كەتتى.-دېدى ئۇ بېشىنى پەس قىلىپ.

     - نېمە دەپ؟ شۇنداق ياخشىتىڭلارغۇ؟ رۇسلان. مۇمكىن ئەمەس بۇ!! > دېدىم سەل ھاياجانلىنىپ.

     - دېلو ئېنىقلىغىلى كەلدىم دېگىنە؟!! - دېدى ئو ماڭا قاراپ ھومايغىنىچە.

    -ئوھوي. نېمە دەيدۇ ماۋۇساراڭ. رەنانى ئۆلتۈرۋەتمىگەنسەن يەنا!!!- دېدىم كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ.

     -ماۋۇ نېمە دەيدۇ ئەمدى؟!! كەسپىي كېسىلىڭ خېلى ئېغىركەن جۇمۇ. بۇنداق قىلما. ئادەم ئەنسىرىتىپ.-دېدى ئۇمۇ ھەيرانلىقتا.

    - دەيمىنا ئەمدى. ئەمىسە نېمىگە ئاجرىشىپ كەتتىڭلار؟!- ئۇ بېشىنى پەس قىلىپ، ئولتۇراتتى.

     - دېسەڭ ئىچىڭ بوشاپ قالىدۇ، رۇسلان.-دېدىم يەنە ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرغاچ.

     - خەققە دېگۈدەك يۈزۈممۇ يوق. قانداق دېيىشىمنى، نېمە دېيىشىمنىمۇ بىلمىدىم، لالە! رەنا ئۇ. توۋا!! توۋا دېسەم توۋا دېگۈم كېلىدۇ. بىر تۇرۇپ ئىشەنگۈممۈ كەلمەيدۇ، بۇ ئىشلارغا...  قولىدىكى قەلەمنى توختىماي پىقىرىتاتتى.

    - نېمە؟ رەنا، ئۇ؟ باشقا بىرسىنى تىپىۋاپتىما؟- بۇ گەپنى بەك تەستە دېدىم. چۈنكى مەن ئۇ خېنىمنىڭ باشقا يېرىگە ئىشەنچ قىلالمىساممۇ، رۇسلانغا بولغان سادىقلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم.

     - باشقا بىرسى؟!!  توغرا! بىرسىنى. ئەمما.. لالە!! بىر ئەر كىشىنى تاپقان بولسا مەيلىتى. مەيلىتى. مەن رازىتىم. جۇمۇ.راست رازىتىم. ئۇنىڭ بىلەن 9يىل يۈرۈپ، بىر يىل ئۆي تۇتقىنىمغا رازىتىم. توۋا.

     رۇسلان سەل ھاياجانلىنىۋاتاتتى. ئاۋازىمۇ تىترەپ، چىڭ چىقىۋاتاتتى. گەرچە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ, قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي، قايمۇقۇپ قېلىۋاتقان بولساممۇ، رۇسلاندىن يەنىمۇ ئىچكىرلەپ سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. ئۇنىڭ،  ھازىرقى بۇ تۇرقى ئىگىسى تەرىپىدىن يارىلانغان بىچارە كىيىكلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى. كۆڭلۈم گەرچە بەزى نەرسىلەرنى غۇۋا سەزگەندەك قىلغان بولسىمۇ، چىنپۈتەلمەيۋاتاتتىم.

     - ساڭا دېگۈم بار ئىدى.ساڭىلا! ساڭا ئۆزەمدىنمۇ بەك ئىشىنىمەن، لالە. ئەتە كۆرىشەيلى. خەلق باغچىسىدا، ساڭا ھەممىنى دەپ بېرىمەن. ئىشتىن چۈشۈپ شۇ يەردە كۆرىشەيلى...

       رۇسلاننىڭ ئۆيىدىن ، ئېغىر پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ قايتىپ چىقتىم. كارىۋاتقا ئۆزەمنى تاشلاپ، رۇسلاننىڭ گەپلىرىنى قايتىدىن ئويلىدىم. <توۋا. رەنا ئۆزگىرەپتىكەندە؟!! لېكىن ئەركىشى ئەمەس دەيدۇ. ئەجەبا ئايال كىشى؟!! بۇ قانداق مۇمكىن بولىدۇ. ياق.رۇسلان خاتا چۈشۈنۈپ قالدىمۇ يە؟!! لېكىن،  رۇسلاننى ئۆزەمدىنمۇ بەك ياخشى چۈشىنىمەن. ئۇ ھەرگىز يوق يەردىن ئىش چىقىرىدىغان، گۇمانخورلاردىن ئەمەس. ۇڭا، شۇ بىر رەنا بىلەنلا ئۆتتى. ئۇنىڭدەك بۇنداق شارائىتى ياخشى بالىلارغا، نى نى قىزلارمۇ چىققان. بىزنىڭ قىزلارنىڭ ئىچىدىمۇ، ئوچۇق - ئاشكارا رۇسلانغا قانات سۆرىگەنلەرمۇ ئازمۇ؟!! لېكىن، رۇسلاندا ئاز ئۇچرايدىغان ساداقەتمەنلىك بار. ناھايتتى ئەخلاقلىق، كۆيۈمچان بالا، بۇ رەنا لايدىنمۇ ياساپ، ياسىيالمايدۇ، بۇنىڭدىن يەنە بىرىنى. كۆز تېگىش دېگىنمۇ، راستلا بار ئىشكەن جۇمۇ!!> ئويلا - ئويلا ئاخىرى ئۇخلاپ قاپتىمەن....

    بۈگۈن بىر كۈن ئىشلىگەندەكمۇ بولمىدىم.. پۈتۈن ئەس - خىيالىم رۇسلاندا. باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا ماتېرىيال ئەكىرىپ بېرىمەن، دەپ كىرىپ، ئىشىكنىڭ بوسۇغۇسىدا تۇرۇپ كېتىپتىمەن، يا كىرمەي يا چىقماي. نېمە بولدۇڭ؟ دەپ نەچچىنى دېگەن ياقى ئېسىمگە كەپتىمەن دېسە. كاللامغا كەلمىگەن بىر خىياللار كېلىپ، يەتمىش  قېتىم سائەتكە قاراپ،  ئاران ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت قىلدىم. يائاللا، بۇ ۋاقىت دېگەن نەرسە، مۇشۇنداق ساقلاپ قويسا توشمايدىكىنا؟!!! مىسىلداپ، ئادەتتە ۋاقىت يېتىشتۇرۇپ بولالماي كېتىمەن.

       < خەلق باغچىسى> نىڭ ئالدىدا كېلىپ، كۆڭلۈم بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا بۇ باغچىنى ئاجايىپ چوڭ بىلەتتۇق. مەكتەپتىن، بالىلار بايرىمىدا تولىراق مۇشۇ يەرگە ئەكىلەتتى. ئۇ ۋاقىتلار نەقەدەر بىغۇبار ۋاقىتلار. يەنە نەچچە يىلدىن كېيىن، بالامنى ئويناتقىلى كەلگىنىمدە، ھازىرقى ۋاقتىمنى ئويلاپ، مۇشۇنداق سېغىنىپ كېتەرمەن، ھە قاچان. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى، ھازىرقى مۇشۇ ۋاقتىمنىڭ قەدرىگە يېتەي جۇمۇ!! مۇشۇ خىياللارنى قىلىپ، كۆلنىڭ بويىغا كېلىپ قاپتىمەن. ھەركۈنى ئەتىگىنى مۇشۇ يەرگە كېلىپ يۈگرەيتتىم، ئالىي مەكتەپ ۋاقتىمدا، كاللامغا شۇ ۋاقىتتا نېمە تەسىر قىلغان بولغىيتتى،  شۇ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىن مۇشۇ يەرگە كېلىپ، يۈگرەپ كېتەتتىم، بىرەر يىلدەك يۈگرەپتىكەنمەن دېسە. ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىرىغۇ دەيمەن. شۇ ۋاقىتلاردا، مۇشۇ كۆل بويىدا رۇسلان بىلەن رەنانى ئۇچرىتاتتىم ئىت پوق يىمەستە، نېمە باردۇر بۇ ئىككىسىگە دەپ، قاراپ قويۇپلا كېتەتتىم. كېيىن،  رۇسلان بىلەن ئۆيگە قايتقاچ، ئاپتوبوسلاردا ئۇچرىشىپ قالاتتۇق، شۇ ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭمۇ شۇ يەرگە بېرىپ يۈگرەشنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى، لېكىن بۇيەرگە كېلىپ يۈگرىسە،  ئەتىگەنلىك ناشتىنى رەنا بىلەن قىلالماي قالىدىغىنىنى، شۇڭا، رەنانىڭمۇ يۈگۈرمىسىمۇ، ئەتىگەن تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ ئىككىسىگە يەنە بىر قېتىم قول قويغان ئىدىم. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ ئىككىسىنىڭ بۇنداق بولۇپ كەتكىنىنى. ھەي... رۇسلان ئىككى قولىنى تىزىغا جەينەكلەپ تىرەپ، ئالدىدىكى كۆلگە قاراپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ، دەردىنى ئېيتقىلى كەلگەن ئادەمگە ئەمەس، مۇھەببىتىنى ساقلاپ ئولتۇرغان ئادەمگە ئوخشاتتىم.

    • قېتىۋاپسەنغۇ؟! بىرەرسىنى توغۇرلاپ قويدۇڭمۇ يە؟! -دېدىم يېنىغا كەلگەچ. ئۇ ماڭا بېشىنى بىر بۇراپ قاراپ قويۇپ، يەنە ئالدىغا قاراپ ئولتۇردى دە:
    • سەن سۈۋەررەكنىڭ دېمەيدىغان گېپىمۇ بارمىدۇ؟-دېدى.
    • ھا ھا ھا. نازۇك بولۇپ كېتىپسەنغۇ؟! ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئەسكەرتىش ساڭا رۇسلان مالىك. مېنى ئەمدى سۈۋەررەك دېسەڭ، سەن بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋېتىمنىمۇ ساقلاپ قالالمايمەن. بىلدىڭما؟!!- دېدىم يېنىغا كېلىپ، بېشىدا دىۋەيلەپ تۇرۇپ.    - سەن سۈۋەررەك بولماي نېمە؟! ئۆلىۋالساڭمۇ ئامال يوق.-دېدى ئۇ ئورنىدىن تۇرغاچ.
    • يۈرە ، ئاۋۇ ياقلارغا ماڭايلى...

     ئامالسىز ئۇ غوجامنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.

    • ئىشقىلىپ مېنى سۈۋەررەك دېمە. چوپچوڭ بولغاندا. نېمە سەت گەپ بۇ..دېدىم غودۇڭشىغاچ..
    • كىچىك ۋاقتىمىزدا، مەكتەپتىن مۇشۇ يەرگە بەك تولا ئەكىلەتتى ھە؟!! سۈۋەررەك.-دېدى ئۇ، مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمىغاندەكلا ئۆزىنىڭ گېپىنى قىلىپ،-شۇ چاغدا دەيمەن ئاۋۇ يەردە بىر چوڭ ئۆردەك باتتى. ئىچىگە كىرىپ ئوينايتتۇق. ئىچى يۇمشاق. سەكرەپ ئوينايتتۇق، سەن سۈۋەررەك ئىچىگە كىرىپ، ئىككى تاقلاپلا  قۇسۇۋەتكەنتىڭ ھە؟!!-دېدى ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قارىغاچ.
    • مەن قۇسۇۋەتكەننى كۆرۈپ، جىق بالىلارمۇ قۇسۇۋەتكەنتىغۇ؟! مەنغۇ يۈگرەپ - يۈگرەپ چىقىپ كەتكەنتىم،-دېدىم كۈلۈپ كېتىپ.
    • شۇ ۋاقىتلار بەك پەيزىكەنتۇق، دەيمەن. چوڭ بولغانسېرى ئادەم ئەقلىگە توشقاندەك قىلغان بىلەن، ئەقلى يەتمەيدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ تۇرىدىكەن دەيمەن.-ئۇ گېپىنى باشلىغاندەك قىلاتتى. كەينىدىن ئاستا ماڭدىم. ئۇ خۇددى ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك ئالدىغا قاراپ ئالدىرىماي مېڭىپ سۆزلەۋاتاتتى.
    • مەن رەنا بىلەن يۈرگەن ۋاقتىمدىن باشلاپ، ئۆزەمنى بىرخىل ئۇرۇش قىلىۋاتقان، جەڭ قىلىۋاتقان ئادەمدەك ھېس قىلاتتىم. ھەر ۋاقىت ئۇنى قوغداش، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك، ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرى بولسا، بىرىنچى بولۇپ چىقىش دېگەندەك. ئاخىرى رەنا بىلەن توي قىلىپ بۇ ئۇزۇن جەڭگە خاتىمە بېرىلدى. 9يىل؟ ئويلاپ باقە. بىر بالا تۇغۇلسا 9 ياشقا كىرىپ قالىدۇ دېگەن گەپ، سۈۋەررەك، بىلەمسەن سەن شۇنى؟!-دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ قويدى.
    • شۇ، شۇ. بۇنداقمۇ ھېسابلاپ كەتمە ئەمدى. بىزدەكلەرمۇ ئۆتكۈزدۇققۇ، شۇ 9 يىلنى. ھېچ ئىش قىلماي.-دېدىم ئۆزەمچە تەسەللىي دەپ.
    • ما ساراڭ نېمە دەيدۇ. ھە بولدى. ئۆزەمنىڭ گېپىگە كېلەي. رەنا ئىككىمىز توي قىلىپ، ئىككى ئاي بولا بولماي، ئۇنى ئىدارىسىدىن ئىچكىرىگە ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. ئۇنىڭ بىلەن مەدىنە دەپ بىر قىزنى بىللە ئەۋەتتى. مەدىنە دېگەن قىز، رەنادىن بىر ياش كىچىك، بويلىرى ئېگىز، يوغانلا، بەستلىك، گىروي قىز، قارىساڭ بىر يەرلىرىدە ئوغوللاردەك ئالامەتلەر بار بىر قىز. ئۇ چاغدا ئۆزەمچە خوش بولۇپ كېتىپتىمەن. بوپتۇ،رەنامۇ مەندىن ئايرىلىپ باقمىغان، ئانچە ئۆزىگە تايىنالمايدۇ، مۇشۇنداق قىزدىن بىرسى ھەمرا بولغىنىمۇ ياخشى بولدى دەپ. لېكىن، توۋا! كىم ئويلىغان دەيسەن؟ مۇشۇ رەناغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويارمىكىن دەپ، مەن خوشامەت قىلىپ كەتكەن،  شۇ مەدىنە مېنىڭ ئۆيۈمنى ئۆز قولى بىلەن بۇزدىغىنىنى!!  يېڭى توي قىلىپلا،  يەنە ئايرىلىپ تۇرۇش ئىككىلىمىزگە ئېغىر كەلدى. شۇڭا، رەنانى بىر خوشال قىلىۋېتەي دەپ، ئۇنىڭغا دېمەيلا بېيجىڭغا باردىم. ئۇ بار مەكتەپكە بېرىپ سورىسام، تەجرىبىخانىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەجرىبە بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. رەنا مېنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىدا، قولىدىكى كىتابلىرىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. كەينىدىنلا يۈگرەپ كېلىپ، ماڭا ئېسىلىپلا يىغلاپ كەتتى. ئىككىمىز ئاشۇنداق تۇرغاندا، مەدىنەمۇ تەجرىبە بىناسىدىن چىقتى، ئۇمۇ بىزنى كۆرۈپ ھەيران بولۇپ، تۇرۇپ كەتتى، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىپمۇ خېلى تۇردى. روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراپ، ھەتتا مېنىڭ سالىمىمنىمۇ ئاڭلىمىدى. ئۇلارنىڭ ياتىقىغا قايتقاچ يولدا، بايامنىڭ ياقى بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان، مەدىنە تۇيۇقسىزلا:

     - شۇنچە جىق ئادەمنىڭ ئالدىدا، قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلەشتۈرۈپ!- دەيدۇ!! تۇرۇپلا قالدىم. نېمە دېيىشىمنى بىلمەي. ئوڭايسىزلىنىپ كەتكىنىم. ئۈچىلىمىز جىم بولۇپ كەتتۇق. بۇغۇ مەيلىغۇ، بوپتۇ دېدىم ، كىچىك قىز ئەمەسمۇ دەپ. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، مەدىنە بىزدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمىدى. بۇ ئىككىسى بىر ياتاقتىكەن. شۇ ئىككى كىشىلىكلا ياتاق. ياتاقتىمۇ رەنا ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى قىلىپ ئولتۇرساق، ئۇ مەدىنە ئۇنى بۇنى باھانە قىلىپ قەتئىي چىقىپ كەتمىدى.

     كەچلىك تاماق ۋاقتى بولغاندا، قارىسام مەدىنە يەنە چىقىپ كەتمەي، مەكتەپ ئاشخانىسىدىن تاماق ئەكىرىمىز دەپ، رەنانى تارتىدۇ:

     -رەنا ئىككىمىز بولدى، سىرتتا يەيلى.-دېدىم بىردەم بولسىمۇ رەنا بىلەن يالغۇز قالامىزمىكىن دەپ. كىم بىلسۇن، مەدىنە چىرايىنى شۇنداق ئۆڭدۈرۈپلا:

    - ھە؟! سىلەر سىرتتا يەيسىلەر، مەن مۇشۇ يەردە يەنە يالغۇز قالىمەن دەيلى!-دەپ، تاماق قاچىلىرىنى جالاق - جۇلۇق قىلىپ كەتتى. ئاخىرى بىز بىلەن بىللە چىقتى. تاماق يىگەندىمۇ قارىسام ئىككىسى كۈلۈشۈپ، ئۆزلىرىنىڭ گەپلىرىنى قىلىشىپ، ماڭا گەپ قىلغۇدەك ھالىمۇ يوق، مەن تېخى ، بايا قىلغىنىمغا خاپا بولۇپ مۇشۇنداق قىلىپ باتناۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ. ئۆزەمچە ئىززا تارتىپ كېتىپتىمەن، دېمەيسەن. لېكىن، كۆڭلۈمدە بىر قىز بالا تۇرۇپ، ھەجەپ ئىش بىلمەيدىغان  قىزكىنا دەپمۇ ئويلىدۇم. كەچتە قانداق قىلامىز؟ ئاشۇ بىر غەم بولدى دېگىنە؟! باشقىچە ئويلاپ قالما يەنە ھە؟! سۈۋەررەك ،- دېدى ماڭا قاراپ كۈلۈپ قويۇپ.

     - ياقەي. مەنمۇ خېلى چوڭ بوپ قالدىم.ھى ھى،-دەپ ھىجاراپ قويدۇم،

    - ئويلىمامسەن، رەنا ئىككىمىز ئەمدىلا توي قىلغان. خىزمەتكە چۈشكىلىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغان تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارىدىن جىق رۇخسەت ئالالماي، ئايرۇپىلان بىلەن بېرىپ - كېلىشكە توغرا كەلدى. سىرتتا مېھمانخانىلاردا ياتايلى ، دېسەك ئولىمپىك دەپ شۇنداق قىممەت دېمەيسەن، ئاخىرى بولماي مەدىنە قولىنى يۇغىلى چىقىپ كەتكەندە، رەناغا ئاستا:

     - مەدىنە بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقە! كەچتە باشقا قىزلارنىڭ يېنىغا چىقىپ تۇرسا، مەن سىلەرنىڭ ياتاقتىلا ياتاي،- دېدىم. بېشىدا رەنا: ‹مەن قانداق دەيمەن›دەپ ئۇنىماي تۇرىۋالدى، ئارقىدىن سەل ئۆتۈپ، < بوپتۇ دەپ باقاي، مەدىنەنى ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز؟ مىجەزى سەل غەلىتە، لېكىن سىرتتا بىكار پۇل بۇزماي تۇرايلى. مەن ئۇنىڭغا دەپ باقاي جۇمۇ > دېدى. ئۇ قىز كەلگەندىن كېيىن، رەنا ياخشى گەپنىڭ ھەممىنى دەپ، ئاران ئۇناتتى. مەن شۇ چاغدا رەناغا قارىشىدىن بىرخىل گۇمانلانغان، ئەمما، ئويلاپ باقە، ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمان تۇرۇپ، شۇ ئىككى ئاجىزەدىن، قالايمىقان گۇمانلانسام توغرا بولامدۇ؟ دەپ يەنە ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن.  ئەتىسى رەنا رۇخسەت سورىدى، ئىككىمىز ئەمدى ئىشىكتىن چىقايلى دەپ تۇرساق، مەدىنە كىرىۋاتىدۇ. دەرس ئوقۇغىلى كەتكەن بولمىسا ئۇ قىز. كىتابلىرىنى قويۇپلا:

     - مەنمۇ مۇشۇ يەرگە كەلگەن ياقى تۈزۈك بازار ئايلىنىپ باقماپتىمەن. بۈگۈن رەنا ھەدەمنىڭ باھانىسىدا مەنمۇ بىركۆرۈۋالايچۇ؟-دەپلا رەنانى قولتۇقلاپ مېنىڭ ئالدىمدا ماڭدى. ئۇ كۈنى ئىككىسىنىڭ كەينىدىن يۈردۈم، ئەمدى رەناغا گەپ قىلاي دېسەملا، ئۇ قىز كېلىپلا گەپنى بۇرايدۇ. شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ بۇ قىزغا، ئاخىرى، - شۇنچە يىراقتىن رەنا ھەدىڭىز بىلەن بىللە بولارمەنمىكىن، دەپ كەلسەم، ئىككىڭلارغا دەخلى قىلغاندەك ھېس قىلىپ قالدىمما؟!-دېدىم. ئىززا تارتامىكىن دېسەم، نەدە؟! ئۇ قىز ماڭا قاپاقلىرىنى تۈرۈپ،

    - ۋىيەي، بۇ نېمە دېگىنىڭىز سىزنى مۇشۇنداق بىللە ئېلىپ، بازار چۆگلىتىۋاتساق، خوش بولماي. بىزغۇ سىزنى دەخلى قىلدى، دېمىدۇق،ئەگەر ئۆزىڭىز شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز، مەيلى كەتسىڭىزمۇ، توسمايمىز-ھە؟ رەنا ھەدە!!- دەيدۇ.  توۋا! توۋا قىلدىم. قېنىم قىززىپ، مېڭەمگە چىقتى، ئاچچىقىمدا يېرىلىپ كېتەيلا دېدىم، دېمەيسەن. دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ ئادەملەر بولىدىكەن. رەنا كېلىپلا مېنى تۇتىۋالدى:

    -مەدىنە، سەنمۇ بەك ئاشۇرۇپ چاقچاق قىلدىڭ !- دەپ ، مېنى توساپ تۇرىۋالدى، مەدىنە دېگەن قىز بىردەمدىلا بىچارە بولۇپ تۇرىۋالدى، يەنە نېمە دېگىلى، نېمە قىلغىلى بولىدۇ؟ دەيسەن.

      ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپمۇ، ئويلاپ ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. ئوقۇش پۈتتۈرىشگە ئاز قالغان بولسىمۇ، ئىككى ئاي ئۆتۈپ يەنە باردىم. مەدىنە دېگەن قىز ئاۋۇ قېتىمقىدىن بەكرەك ھەددىدىن ئاشتى. چۈشتىن كېيىن، نەرسىلىرىمىزنى قويۇپ قويۇپ، رەنا ئىككىمىز سىرتقا تاماققا ماڭدۇق، بۇ قېتىمغۇ بىزدىن ئەگەشمىدى، لېكىن ئىشىكتىن چىقىشىمىزغىلا ئۇ ساراڭ، سومكىلىرىمنى ئىشىكتىن سىرتقا ئاتتى، كەينىدىنلا شۇنداق قاتتىق ۋارقىراپ تۇرۇپ،

    • نەگە بېرىشساڭ بېرىش، مېنى يەنە ئورۇن بوشىتىپ بېرىدۇ، دەپ خام خىيال قىلىشما!!

     ئۇ ۋاقىتتا، قېتىپلا قالدىم. ماڭا ھەرقانچە پىكرى بولسىمۇ بۇنداق قىلماسلىقى كېرەكتە؟! نېمە قىلىشىمنى، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم، رەنانىڭمۇ چىرايلىرى بىر قىسما بولۇپ كەتتى، ماڭا، قانداق قىلىمىز دېگەندەك قاراپلا تۇردى. سەل ئۆزەمگە كېلىپ، ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپلا، كىردىم. قولۇمنى كۆزىنىڭ ئىچىگە تىقىۋېتەيلا دەپ قالدىم:

    • سەن پاسكىنىغا مەن نېمە قىلدىم؟  نېمەڭگە نېمە يەتمەي مېنىڭ سومكامنى ئاتىسەن؟!
    • مېنىڭ بۇ يېرىمگە قويساڭلار بولمايدۇ ئىشقىلىپ !-دەيدۇ يەنە ئاۋۇ ئالجوقى. تاس قالدىم كۈلىۋەتكىلى
    • نېمە؟ سېنىڭ؟ بۇ ياتاق سېنىڭما ؟ بىلىپ قوي، بىلمىگەن بولساڭ، بۇ ياتاق رەنا ئىككىڭلارغا ۋاقىتلىق بېرىلگەن ياتاق. ئومۇمنىڭ بۇ!! نېمانداق بىشەم نېمە سەن! شۇنىڭغا ئەر ئالماي ئولتۇرۇپ قالغان نېمىكەنسەن سەن!- دەۋەتتىم ئۇ ئاچچىغىمدا. - كىم دەيدۇ؟ مېنى ھېچكىم ياراتمايدۇ، دەپ. رەنا ھەدەم مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغۇ؟!-بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تاس قالدىم كەينىمگە ئۇچۇپ كەتكىلى. ئۇ يەنە توختىماي سۆزلەۋاتاتتى - سەن مېنىڭ رەنا ھەدەمنى بۇلاپ كەتتىڭ؟! مەن ساڭا يول قويۇپ يۈرسەم، سەن يەنە نېمە قىلماقچى؟؟-دەيدۇ.

    ئۇلۇغ ئاللاھ. ماۋۇ ساراڭ نېمە دەپ بىلجىرلايدۇ؟! ئۇ يەنە رەنانىڭ يېنىغا كېلىپ، رەنانىڭ قولىنى تارتىپ يىغلاپ تۇرۇپ،

    • ئىشەنمىسەڭ رەنا ھەدەمنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باق، ئۇ سېنى ياخشى كۆرەمدىكىن؟ سېنى سۆيەمدىكىن؟ ساڭا دەپ قوياي، رۇسلان! رەنا ھەدەم مېنى سۆيىدۇ. مېنىلا. ئۇ ماڭا، مەن بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتىمەن دېگەن،

     مېڭەم ۋاڭڭىدە قىلىپلا ئېتىلىپ كەتكەندەك بولۇپ، كاللام قوپقۇرۇق بولۇپ قالدى. ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدىم، پەقەت كاسىلداپ تۇرغان ئاغزىنىلا كۆردۈم. پۈتۈن خىيالىم بىلەن، ئۇ ئۆيدىن قانداق چىقىپ كېتىشنىلا ئويلاۋاتاتتىم. يۈرۈگۈمنىڭ سوقۇشى قالايمىقانلىشىپ، قازان قايناۋاتقاندەك ئىچىم كۆيىۋاتاتتى. سەل تۇرۇپ ئېسىمگە ئازراق كېلىپ، يەنە ئويلاپ قالدىم. < مەدىنە دېگەن بۇ قانجۇق ماڭا ئۆچ بولغاچقا، قەستەنگە شۇنداق دەپ، مېنى تېرىكتۈرىۋاتامدۇ، يە؟! رەنا مېنى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا، بۇ مۇمكىنمۇ؟! يەنە كېلىپ بىر قىزبالا بىلەن. ياق تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، مەن بۇرۇنمۇ ئوخشاش جىنىسلىقلار توغۇرلۇق ئاڭلىغان. ئۇنداقلار ھەرگىز يات جىنىسلىقلارغا قىززىقمايدۇ >مۇشۇنداق ئويلاپ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىپ، چىرايلىقچە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم. لېكىن، مەن ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى.

    ئاز ۋاقىت ئۆتمەيلا رەنا قايتىپ كەلدى، بىز يەنە بۇرۇنقىدەك ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتىۋەردۇق، ئۇ ھېچقانداق ئۆزگەرمىگەندەك ھېس قىلاتتىم، تېخى، ماڭا تېخىمۇ بەك كۆيۈمچان بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. بىر كۈنى، يەكشەنبە كۈنىغۇ دەيمەن،  دوستۇمنىڭ تويىغا بېرىپ، سەل مىجەزىم يوق بېشىم قېيىپ تۇراتتى، بالدۇرلا ئۆيگە قايتتىم. ئاچقۇچنى ئىشىككە سالسام ئېچىلمايدۇ، خاتا سېلىۋالدىممۇ دەپ قارايمەن، توغرا، ھەممە ئاچقۇچلىرىمنى بىر قېتىمدىن سېلىپ چىقتىم. يەنە ئېچىلمايدۇ. ئاخىرى بولماي ئىشىكنى چەكتىم. بىر ۋاقىتتا رەنا ئىشىكنى ئاچتى. سەل ھودۇقۇپراق

    • ۋۇي؟! بالدۇرلا كەپسىزغۇ؟!-دەپ سورىدى كۆزلىرىمگىمۇ قارىيالماي. گەپمۇ قىلماي، ياتاق ئۆيىگە كىردىم، توۋا!! ھېلىقى مەدىنە دېگەن نەرسە ئولتۇرىدۇ، بىزنىڭ كارىۋاتتا، ئۇمۇ ھودۇقۇپ تۇراتتى.
    • نېمىگە كەلدىڭ؟! بىزنىڭ ئۆيگە؟!-دېدىم قاپاقنىمۇ ئاچماي، ئۆزەمنىڭمۇ بېشى ئاغرىپ تۇراتتى.
    • ياق..بۇ..مەن ھازىر كېتەي...- دەپلا، ئورنىدىن تۇردى.

    - مەدىنە!! رەنا ئىككىڭلار، قىزبالا بولغاندىن كېيىن، دوست بولۇپ ئۆتىمەن دېسەڭلار، مەيلى مەن قارشى ئەمەس، ئەمما، ئۇكام ساڭا شۇنى دەپ قوياي!! ھەرگىز كاللاڭدا، باشقىچە خىيال بولۇپ قالمىسۇن،ئوقتۇڭما؟>دېگىنىمنى بىلىمەن، ھېلىقى ساراڭ پاسكىنا تۇيۇقسىزلا ھاياجانلىنىپ:

    - رەنا ھەدەم بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئۈچۈن، سەندىن مۆكۈپ يۈرۈپ، ئەمدى سېنىڭ تەستىقىڭنى ئاڭلامدىم. بۇنداق كۈندىن مەنمۇ زېرىكتىم. بىلدىڭما؟ ساڭا راست گەپنى دېمىسەم بولمىدى. رەنا!!! دېگىنە كىمنى ياخشى كۆرىسەن؟ ساڭا دەپ قوياي، رۇسلان. رەناچۇ؟ مېنى سۆيىدۇ بىلدىڭما؟! رەنا! گەپ قىلە!!-دەپ رەنانىڭ يەڭلىرىدىن تارتتى.  رەنا، ماڭا بىر، مەدىنەگە بىر قاراپ قويۇپ،يىغلاپلا تۇردى.

    - گەپ قىلە!! نېمىگە يىغلايسەن؟-مەدىنە راستلا تېرىكىپ، رەنانى سىلكىشلىدى. رەنا ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى. مەدىنە يەنە ئۇنى باغرىغا بېسىپ،

    - جېنىم. بولدى يىغلىما!! بولدى بولدى،- دەپ بەزلەشكە باشلىدى.

    ئىشەنسەڭ! لالە!!! مەن بېشىمنىڭ ئاغرىقىدا كۆزلىرىمگە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتامدۇ نېمە؟! دەپ خېلىغىچە ئەسلىمگە كېلەلمەي تۇرۇپ كەتتىم. تا ئىككىسى قۇچاقلىشىپ، يىغلىغانغا قەدەر. قەتئىي چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.  دەلدەڭشىپ بېرىپ، ئىشىكنى ئاران ئاچتىم. ئىككىسىگە قاراپ جېنىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم:

     - يوقۇلۇش!!!!!!!!! ئىتلار!! كۆزۈمدىن ھازىرلا يوقۇلۇش!!!!- شۇنىڭدىن كېيىن رەنا ئۆيگىمۇ كەلمىدى. بىر كۈنى، نەرسىلىرىنى ئالغىلى كەپتۇ، قارىسام ئورۇقلاپ، جۈدەپ كېتىپتۇ. ئون يىللىق ھېسىيات ئاسان گەپمۇ؟! ئۇنىڭدىن:

     - مېنى ياخشى كۆرەمسەن؟-دەپ سورىدىم. ئۇ نېمە دەيدۇ بىلەمسەن؟!

    - سىزنى ياخشى كۆرىمەن. لېكىن، مەدىنەنىمۇ ياخشى كۆرىمەن رۇسلان..

    ھا ھا ھا !! بۇ ئۆمرۈمدە مەن ئاڭلىغان ئەڭ بىمەنە گەپ!!! شۇنىڭ بىلەن، ئاجرىشىپ كەتتۇق!! ئاجرىشىپ كەتسەك مەيلىغۇ!!! لېكىن، نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ، ھەتتا يولدىشىدىنمۇ ئاجرىشىپ، ئائىلىنى ۋەيران قىلغۇدەك. ئۇ مەدىنەنىڭ زادى نەرى مەندىن ئارتۇقتۇ!! شۇنى بىلمىدىم. ھازىر مۇنداق ئويلىسام.ئەسلى خاتالىق مەندىكەن!! سۈۋەرەك بۇ گەپنى دېمىسەم بولاتتى!! ئەمما، خاتا چۈشەنمەسلىگىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن!!! مېنىڭ كاللامغا قارا، سەن بىلەن بىللە ياخشى ئۆتكەن كۈنلەردە، مەن ئۆزەمنى، ئۆگىنىشىمنى دەپ، ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان قىزنىڭ قەدرىگە يەتمەپتىكەنمەن. ئۇ ھەربىر ماڭا مۇھتاج بولغاندا، مەن بەك سۇس قاراپتىكەنمەن، شۇنداققۇ؟! لالە! شۇنداق قىلغاچقا،  سەن مېنى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتتىڭ!! شۇنىڭدىن كېيىن، مەن قىزبالىغا، ياخشى كۆيىنىمەن، ھەرگىز ئۇنى جاپا تاتقۇزمايمەن، دەپ ئويلاپ رەنانى ھەددىدىن ئارتۇق ئەركە ئۆگىتىپ قويۇپتىمەن، ھەممە ئىشلارنى ئۆزەم قىلىپ، ھەممە ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ بېرىمەن، دەپ، ئۇنى ئۆزىگە تايىنالماس قىلىپ قويۇپتىمەن. جەمئىيەتنىڭ ئىسسىق - سوغۇقىنى تېتىماي، شۇيەرگە ئۆگىنىشكە بېرىپ، قارىسا مەدىنە ھەممە جەھەتتە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇنىڭدىكى بېسىمنى يېنىكلىتىپ، ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا كىرىپتۇ.   

      رۇسلاننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، كىمگە ئىچ ئاغرىتىشنى، كىمنى ئەيىبلەشنى بىلمەي قالدىم. پەقەت شۇ كۈلۈپلا قويۇپ،< بوپتۇ!! ئۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىپتۇ!! ئۇنى ئۆزەڭگە كۆلەڭگە قىلىۋالما!! رۇسلان> دېيەلىدىم. ئۇمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، بېشىمنى سىلاپ قويدى دە،<ھېلىمۇ سەن باركەنسەن، بولمىسا بۇ گەپنى كىمگىمۇ دە بولغۇيتتۇم. ئۇماق سۈۋەرەك. ئانچە - مۇنچە بىرنېمە يازىسەنغۇ؟!! بولسا يېزىپ قوي مۇشۇنىمۇ!! ئىبرەت بولۇپ قالسۇن !!> دېدى كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىككەچ.

                                                        خاتىمە

     رۇسلان ھازىر تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىدى. خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى. ئۇ مۇزىكىنى سۆيەتتى، ئەمدى بىر ياقتىن سودا قىلغاچ بىر ياقتىن مۇزىكا جەھەتتىكى بىلىملىرىنى مۇستەھكەملەۋاتىدۇ.

      چوڭلار دائىم بىزگە < ھەددىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈش، بالىنىڭ ساغلام چوڭ بۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ> دەيدۇ، قىز - ئوغۇللار ئارىسىدىكى مۇھەببەتمۇ، شۇنداق بولىدىكەن!! ھەددىدىن ئاشقان كۆيۈمچانلىق پىسخىكىمىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىكەن!!!  ھېكايەم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ئازاب ئىچىدە شۇنى ئويلاپ قالدىم. < زادى مۇھەببەت ئاجىزمۇ؟ ۋە ياكى بىزنىڭ قەلبىمىز ئاجىزمۇ !!!!>

                 تامام

    ئەسكەرتىش: بۇ ۋەقە ھەقىقىي بولغان ۋەقە، پەقەت كىشى ئىسىملىرى ئۆزگەرتىلدى!! توغرا كېلىپ قالغۇچىلار بولسا، كەچۈرۈم سورايمەن. (رۇخسەتسىز كۆچۈرگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران ئايال سۆيگۈ _