ئۆلۈم ئالدىدىكى خەت

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-18 12:52:21

قەدىرلىك ئانا، ھازىر ئويلىسام، ئاشۇ يەڭگىلتەكلىكىمگە بەك پۇشايمان قىلىمەن. مېنى كەچۈرگىن، بەرگەن ئاق سۈتۈڭگە، تارتقان جاپالىرىڭغا ھېچبىر جاۋاب قايتۇرالمايلا، سەن بىلەن ۋىدالىشىدىغان بولدۇم.

     
    ئۆلۈم ئالدىدىكى خەت
     
      قەدىرلىك ئانا، بەلكىم مېنىڭ ساڭا بۇ خەتنى يېزىۋېتىپ سېنىڭ ئاشۇ جاپالاردا ۋاقىتسىز ئاقارغان، مېنىڭ دەردىمدە نەچچە ئايلاردىن بېرى تارغاق كۆرمەي چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرىڭنى سىلاپ تۇرۇپ، ئاشۇ يول-يول قورۇق چۈشكەن مەڭزىمگە مەڭزىمنى يېنىش-يېنىشلاپ يېقىپ: ئانا، جېنىم ئانا، مېنى كەچۈرگىن، مەندىن رازى بولغىن، دېگۈم كېلىۋاتاتتى، يۈرىكىمنى ئازابلاۋاتقان قانداقتۇر بىر نەرسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانسەن. ياق، سەن چوقۇم تەسەۋۋۇر قىلالايسەن. بەلكىم سەن ھازىر مەندىنمۇ بەكرەك ئازابلىنىۋاتقانسەن، مېنى باغرىڭغا قانغۇچە بېسىۋېلىشنى ئارمان قىلىۋاتقانسەن، بىراق ئۇنىڭغا ئامال يوق. مەن ئالدىمدا ئۈچ كۈندىن كېيىن ماڭا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى توغرسىدىكى كېسىمنامە، ياق، ئۆزۈم مەجبۇرىي ئەكەلدۈرگەن دوزاخنىڭ باغىقى تۇرۇپتۇ. شۇنداق مەن يەنە ئۈچ كۈندىن كېيىن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىمەن. دېمەك، سەن ئەمدى مېنى ئاشۇ جازا مەيدانىغا پۇت-قولۇمدا كىشەن، يالاپ ئېلىپ مېڭىۋاتقاندا ئاخىرقى قېتىم كۆرىسەن.
      قەدىرلىك ئانا، مۇشۇ خەتتە بولسىمۇ سەندىن رازىلىق تىلىۋالاي، مەندىن رازى بولغىن. سەن مېنى ئەقلىمگە كېلىپ بۇ دۇنيادا ھايات بولسىمۇ، دىدارىنى كۆرۈشكە نېسىپ بولمىغان، سېنى بىر ئۆمۈر ئازاپقا قويغان، قىسقىسى، مېنىڭ مۇشۇ ئاقىۋەتكە قېلىشىمغا سەۋەپچى بولغان دادام، ياق، ئۇنداق ئىنساننى ھەرگىز دادام دىگۈم يوق. مەن قورسىقىڭدىكى ۋاقتىمدا باشقا ئاياللارغا بۇزۇلۇپ تاشلاپ كەتكەندىن بېرى ئاۋايلاپ بۇ يورۇق دۇنياغا ئېلىپ كەلدىڭ ۋە تاپقان-تەرگىنىڭنى مەن ئۈچۈن سەرپ قىلىپ نۇرغۇن جاپالاردا مېنى قاتارغا قوشتۇڭ. مەندىن كېيىن قالساڭ، ياخشىراق كۈن كۆرەرسەن، مەكتەپتە ئوقۇ، دەپ دېھقانچىلىقتىن بىكار بولغان ۋاقىتلىرىڭدا باشقىلارنىڭ كىر-قاتلىرىنى يۇيۇپ، بالىلىرىنى بېقىپ تاپقان پۇللىرىڭدا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇتتۇڭ. مەن سېنىڭ كۈندىن كۈنگە ئاجىزلاپ، ئېتىز -ئېرىقنىڭ ئىشلىرىغا يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىڭنى كۆرۈپ سېنىڭ قارشىلىقىڭغا قارىماي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قولۇمغا ئالدىم. دېھقانچىلىقتىن قورساقنى ئاران بېقىپ، ئۇچىمىز يىڭى كىيىم، قولىمىز پۇل كۆرمەي ئاخىرى سەن بىلەن مەسلىھەتلىشىپ شەھەر ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىغا ھۈنەرگە كىردىم. سېنىڭ نەسىھىتىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھۈنەرنى تېزلا ئۆگىنىپ ئاز-تولا پۇلمۇ تاپتىم. تۇرمۇشىمىز بارا-بارا ياخشىلىنىپ، ھەر ئىككىمىز تاللىغان يولىمىزدىن خۇشال بولۇشتۇق. يىللار ئۆتۈپ مەنمۇ كىشىلەرنىڭ مەسلىكى كەلگۈدەك چوپچوڭلا يىگىت بولۇپ قالدىم. بىر كۈنى ئاشخانىدا كۆكتات توغراۋېتىپ، بىرگە ئىشلەيدىغان بىر بالا بىلەن گەپ تالىشىپ قالدىم. ئۇ مېنى مۇشۇ  چاغقىچە بىر كىمدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر گەپ بىلەن، يەنى ھارامدىن بولغان دەپ تىللىدى. بۇگەپنى ئاڭلاپ پۈتۈن بەدىنىم تىكەنلىشىپ، كۆز ئالدىمنى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى كىچىكىمدىن زىدە بولغان يۈرەك يارامغا تۇز سەپكەندەك بولغانىدى. ئاچچىقىمدا كۆزۈمگە ھېچنەرسە كۆرۈنمەي، كۆكتات توغراۋاتقان قىڭراق بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى بىر نەچچىنى چانىۋەتتىم. ئۇ شۇ زامان جان بەردى. ئۇزاق ئۆتمەي ساقچىلار مېنى قولۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى.
      قەدىرلىك ئانا، ھازىر ئويلىسام، ئاشۇ يەڭگىلتەكلىكىمگە بەك پۇشايمان قىلىمەن. مېنى كەچۈرگىن، بەرگەن ئاق سۈتۈڭگە، تارتقان جاپالىرىڭغا ھېچبىر جاۋاب قايتۇرالمايلا، سەن بىلەن ۋىدالىشىدىغان بولدۇم. ئانا، مەن ھارامدىن بولغان ئەمەس، سەن دۇنيادىكى ئەڭ پاك، ئەڭ قەيسەر ئانا.
      ئانا، ئىشىك تاراقلاۋاتىدۇ، ھەرقاچان ماڭا تاماق ئېلىپ كەلدى. ئاخىرى دەيدىغىنىم، ئەگەر مەن يۈزىنى كۆرۈپمۇ باقمىغان، بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كېتىشىمگە سەۋەپچى بولغان دادام كۈنلەرنىڭ بىرىدە كېلىپ قالسا، قەبرەمنى كۆرسىتىپ قويما، ئۇنى بۇ دۇنيادا كۆرمىگەندىكىن، ئۇ دۇنيادىمۇ كۆرمەي. ئەلۋىدا، ئامان بولغىن، كۆپ قايغۇرما.
                                                            ۋاپاسىز ئوغلۇڭدىن.
     
    مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.
    توردىكى مەنبەسى: ئانا دىيار مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۆلۈم ئانا دادا