ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!!

يوللىغۇچى : asman يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-09 22:27:00

ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!! ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!! قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتەپ 97-65 يىللىق سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەيمەن] بىر تىزىق مارجان،بىر دەستە گۈلدەك، ئۆتكەن ئىدۇ...

      ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!!

    ساۋاقداشلىق مېھرى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!!!
        قەشقەر يېزا ئىگىلىك مەكتەپ 97-65 يىللىق سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى ئەسلەيمەن] بىر تىزىق مارجان،بىر دەستە گۈلدەك، ئۆتكەن ئىدۇق ساۋاقداش بولۇپ، ئەمدى بىز بۈگۈن ئايرىلار بولدۇق، جۇدالىق يېشى كۆزلەرگە تولۇپ. قالدى ئەسلىمە ياتاق - سىنىپتا، قالدى رىشتە باغلانغان ماكان. كەتسەكمۇ يىراق، يىراق جايلارغا، بىزلەر ساۋاقداش، ساۋاقداش ھامان. … … … … … … … … ….
         ھەر قېتىم ئابدۇللا ئابدۇرېيىم ئىجراسىدىكى‹ئايرىلىش مىنۇتلىرى› دىگەن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان بۇ مۇڭلۇق ناخشىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا بۇندىن 8 يىل ئىلگىرىكى شۇ ئۇنتۇلماس كۈرۈنۈشلەر كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ؛ 2001-يىل7-ئاي،قەشقەر يېزا ئىگىلىك تېخنىكومىنىڭ دىھقانچىلىق 97-65 يىللىق سىنىپىنى پۈتتۈرىدىغان 42 نەپەر ساۋاقداش مەكتەپتىن ئايرىلىدىغان كۈنى ئابدۇللانىڭ بۇ ناخشىسىغا جۆر بولۇپ ،كۆزلىرىمىزدىن تارام-تارام ياشلىرىمىزنى تۆككىنىمىزچە، كۆڭلىمىزدىكى گەپلىرىمىزنى دىيىشىپ ،بىر ئاخشام ئۇخلىماي تۈنەپ چىققان ئىدۇق… مانا،ھەش-پەش دىگۈچە بىزگە ئوقۇش پۈتتۈرگىلى 8 يىل بوپتۇ.شۇنچە يىراق جايلاردىن ئوقۇش ئۈچۈن بىر سىنىپقا جۇغلىشىپ ،بىر ياتاقتا يېتىپ ،ئاكا-ئۇكا ،ئاچا-سىڭىلدەك بولۇپ،4 يىلنى خۇددى 4كۈندەك ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.ئاقىۋەت،ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋەبىدىن ،ھەممەيلەن يەنە ئۆز يۇرىتلىرىمىزغا قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. مانا ھازىر ئەنە شۇ 42 نەپەر ساۋاقداش رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يېزا ئىگىلىك ،مەدەنىيەت-مائارىپ،خەلق ئىشلارقاتارلىق تارماقلاردا خىزمەت قىلىۋاتىمىز.يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن مەزگىللەردە،ھەممە ساۋاقداشلار ئىزچىل تۈردە ئالاقە قىلىپ تۇراتتۇق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ،ھەممەيلەن تۇرمۇش قۇرۇپ،ئۆي-ئوچاقلىق بولدۇق،خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالاقىمىز تەدرىجى ئازلاپ كەتتى.
       مانا ھازىر ھەتتا بىر قىسىم ساۋاقداشلارنىڭ تېلېفون نومۇرلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ،ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ!!!... … مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ،تور ئارقىلىق ئاشۇ ساۋاقداشلىرىمغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىمنى يوللايمەن! ھەم ئۇلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخت،خىزمىتىگە زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.!!!... .... ئەي ئەزىزساۋاقداشلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى،ساۋاقداشلىق مىھرى-مۇھەببەت مەڭگۈ ئۆلمەستور،ئىزدىشىپ ،ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم؛ 13629985749 6820481 QQ نۇمۇرۇم؛ 859854425 قەشقەر يوپۇرغا ناھىيە ئاخۇنلۇقۇم يېزا ئورگان؛ نامانجان ياسىن ئۆزھال. 2009-يىل 5-ئاينىڭ 10-كۈنى .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق