چۈشۈم(بەگمەت يۈسۈپ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-09 22:16:39

چۈشۈم(نەسىر)بەگمەت يۈسۈپ1بالىلار قۇشقاچقا ئوخشايدۇ، ۋىچىرلىشىپ يېنىڭغا كېلىۋالىدۇ؛ كارى يوق، كىم بىلەن، نېمە ئىش ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتىمەن . قاپاق تۈرسەم «پۇررىدە» ئۇچۇپ كېتىدۇ، تۈرمىسەم ئەركىل...

    چۈشۈم(نەسىر)
    بەگمەت يۈسۈپ


    1

    بالىلار قۇشقاچقا ئوخشايدۇ، ۋىچىرلىشىپ يېنىڭغا كېلىۋالىدۇ؛ كارى يوق، كىم بىلەن، نېمە ئىش ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتىمەن . قاپاق تۈرسەم «پۇررىدە» ئۇچۇپ كېتىدۇ، تۈرمىسەم ئەركىلەيدۇ، غىدىڭشىيدۇ، تەلەپ قىلىدۇ، بۆلىدۇ ئوي-پىكرىمنى، گەپنى-سۆھبەتنى؛ «مۇھىم ئىش» بىلەن راستلا كارى يوق، گاھ مۈرەمگە قونۇۋالىدۇ، چوقۇلايدۇ بۇرۇنلىرىمنى ئوماق بۇدرۇق بارماقلىرىدا.

    2

    مەن ئەسلى بىلىمى يوق بوۋايمەن، بىلىملىك قىلىپ قويدى ساقىلىم، ساقىلىمنى سۆرەپ كىردىم شەھەرگە، ساقالسىزلار ئىچىگە . پەتىلەپ كوچىلارنى بىلىم توپلىدىم، نەچچە يەشىك يېڭى پاراڭنى، ئېلىپ باردىم سەھراغا يەنە . «شەھەر كۆرگەن ئېشەكتىن قاچ»مىدى، ئىمتىھانغا كىردىم قەلەمسىز، تەرلىرىم قۇيۇلماقتا ماڭلىيىمدىن، قۇيۇلماقتا كۆزلىرىمدىن، خۇددى كىچىك بالىدەك...

    3

    تاۋۇتقا ئاشىق ئادەملەرنى كۆردۈم، كۆتۈرۈۋالساق كۆتۈرۈلەرمىز دەپ.
    بىلىمى يوق بوۋاينى ئويلاپ، شېئىر يېزىپ ئولتۇرار بەگمەت، سەھرادىكى خىلۋەتخانىدا، شەھەردىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭدا.
    خۇددى ياشنى ئۆلچەپ بەرگەندەك، پەقەت، ئىككى تامچە ياش ئەڭ ئاخىرى تامدى كۆزىدىن.
    كۈلكىسىمۇ.. . يىغىسىمۇ...

    4

    ئويغاندىم، چۈشۈمنى يازدىم.
    چۈشۈڭلاردا ئوقۇڭلار ئۇنى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بەگمەت يۈسۈپ چۈشۈم