ئەرزخورنى ئەدەپلەش تەدبىرلىرى(فېليەتون)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-04 10:29:24

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر، كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭغۇ؟ -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خىزمەتچىلىك، بۇرادەر. ئەرزخورلار ئارام بەرمەي، بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قېتىپ كەتتى. -سىلەرنىڭ ئىدارە ئەرزىيەت ئىدارىسى تۇرۇپ بېشىڭلار قاتسا، ئەرزخورلارنىڭ ئەرزىنى كىم سورايدۇ

    ئەرزخورنى ئەدەپلەش تەدبىرلىرى

    (فېليەتون)

     

    -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇرادەر، كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭغۇ؟

    -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، خىزمەتچىلىك، بۇرادەر. ئەرزخورلار ئارام بەرمەي، بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ-تېشىمۇ قېتىپ كەتتى.

    -سىلەرنىڭ ئىدارە ئەرزىيەت ئىدارىسى تۇرۇپ بېشىڭلار قاتسا، ئەرزخورلارنىڭ ئەرزىنى كىم سورايدۇ؟

    -بۇرادەر، سەن بىلمەيسەن، ئەرزىنى سورايمىز دەپ نەچچە ئون قېتىم دېدۇق، لېكىن، ئەرزخورلار يەنىلا ئۈرۈمچى، بېيجىڭغا بېرىۋېلىپ، بىزنى ئوسال قىلىۋاتىدۇ.

    -ئەمىسە، مەن ساڭا ئەرزخورلارنى ئەدەپلەشنىڭ بىرنەچچە ئۈنۈملۈك تەدبىرىنى دەپ بېرەي، سىناپ باققىن.

    -قۇلىقىم سەندە، ئاداش.

    -بىرىنچى تەدبىر، تەشۋىقات جېڭىگە كۈچەڭلار، لوزۇنكا-پلاكاتلارنى ھەممە يەرگە ئېسىڭلار، لوزۇنكىغا «ئەرزخورلۇق قانۇنسىزلىق، ھاكىم بىلەن قارشىلاشقانلىق، كىمكى قانۇن بىلەن ئويناشسا، دىكتاتۇرانىڭ تەمىنى تېتىيدۇ» دەپ يېزىڭلار.

    -يەنە «قانۇنسىز ئەرز قىلغانلارغا تۇنجى قېتىم تەنبىھ بېرىلىدۇ، ئىككىنچى رەت سولاپ قويىلىدۇ، ئۈچىنچى مەرتەم قاماققا ئېلىنىدۇ» دەپ يازساق، چوقۇم يۈرىكى پوكۇلدايدۇ.

    -ئىككىنچى تەدبىر، ئىزىغا چۈشۈپ نازارەت قىلىڭلار، نەگە بارسا، ئايرىلىپ قالماي، بىرگە بېرىڭلار.

    -ئۈچىنچى تەدبىر، ئەرزخورلارنى سېسىتىڭلار، تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ھورۇن، چاتاقچى، تەييارتاپ دەپ چاۋىسىنى چىتقا يېيىڭلار.

    -بەزىلىرىنى مېڭىسىنىڭ دەردى بار، ئېلىشىپ قالغان، دېسەكمۇ بولغىدەك.

    -تۆتىنچى تەدبىر، ئەرز قىلماسلىق كاپالەت پۇلى ئېلىش يولى بىلەن ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈڭلار.

    -بۇ تەدبىرنى كەنت ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، كەنتنىڭ قولى بىلەن قىلساق بولىدىكەن.

    -بەشىنچى تەدبىر، يولدا توسۇپ، ناھىيە، ھېچ بولمىغاندا ۋىلايەت چېگرىسىدىن چىقارماڭلار.

    -توغرا، ئايرودروم، پويىز ئىستانسىلىرىدا مەخسۇس ئادەم قويساق بولىدۇ.

    - ئالتىنچى تەدبىر، ئۈرۈمچى، بېيجىڭدىكى مەلۇم شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزۈپ، ئەرزخور پويىزدىن چۈشكەندە مەخسۇس ئادەم ئالدىغا چىقسۇن.

    -ئېلىپ كېلىپ بىزگە تاپشۇرۇپ بەرسە، ئادەم سانىغا قاراپ ھەق بەرسەك بولىدۇ.

    -يەتتىنچى تەدبىر، روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىڭلار.

    -سەككىزىنچى تەدبىر، قەلەمنىمۇ، ئەلەمنىمۇ ئىشقا سېلىڭلار، گەپ يېمىگەنلەر ئانچە-مۇنچە دۇمبا يېسىمۇ بولىدۇ.

    -توققۇزىنچى تەدبىر، تاياق يەپمۇ ئەرزنى توختاتمىسا، جامائەت تەرتىپىنى قالايمىقان قىلىش جىنايىتى بىلەن تۈرمىگە تاشلاڭلار.

    -ئونىنچى تەدبىر، رادىيو-تېلېۋىزوردا ياكى بازارلاردا سازايى قىلىڭلار.

    -بۇ چارە بولىدىكەن، ئوغرى-قىمارۋاز، پاھىشىۋازلار قاتارىدا سازايى قىلىپ پەندىيات دېگۈزىۋېتىمىز. ناھىيىمىزنىڭ «ئەرزخوردىن خالىي ناھىيە» بولىشىغا گەپ كەتمەيدىغان بولدى، يۈرە ئاداش، رېستوراندا تازا بىر مېھمان قىلاي سېنى.

    (ئابلاجان تۇردى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.