ئـامـان بـولـۇڭ ئاننا مــارىي(خالىدە ئىسرائىل)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:16:04

ئـامـان بـولـۇڭ ئاننا مــارىي(ھېكايە)خالىدە ئىسرائىل مەن ئاننا مارىي بىلەن پويىزدا تونۇشتۇم، يېرىم كېچىدە ھاجەتخانىغا كېتېۋىتىپ قوشنا بۆلۈمچىنىڭ ئاستىنقى كارۋىتىدا ئالتۇندەك سېرىق چاچلىق بى...

    ئـامـان بـولـۇڭ ئاننا مــارىي(ھېكايە)
    خالىدە ئىسرائىل

     

       مەن ئاننا مارىي بىلەن پويىزدا تونۇشتۇم، يېرىم كېچىدە ھاجەتخانىغا كېتېۋىتىپ قوشنا بۆلۈمچىنىڭ ئاستىنقى كارۋىتىدا ئالتۇندەك سېرىق چاچلىق بىر قىزنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، پاھ قالتىس چىرايلىق قىزكەن دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەنچە ،،ئۆتكۈزگەنچە ئۇخلاپ قاپتىمەن.
    كېيىن، پويىزنىڭ تار كارۋىتىدا ئۇخلىيالماي ئۇ يان_بۇيان ئۆرۈلۈپ ياتقىنىمدىمۇ خىيالىمغا ئاشۇ قىز كىرۋالدى، ئۇ قارماققا ئوقۇغۇچىدەك قىلىدۇ ياكى ساياھەتچىمىكىن؟
    ساياھەتچى بولسا يات بىر ئەلدە يالغۇز يۈرمەس ئىدى. ياق، چەتئەللىكلەرنى ھېچ بىرنەرسە دەپ بولغىلى بولمايدۇ جۇمۇ. قايسىبىر يىلى گېرمانىيەلىك بىر يىگىتنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدا ئۆزى يالغۇز نەچچە ئاي ساياھەت قىلغانلىقى ، يېنىدا پۇلى قالماي، ئاچلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن يىقىلىپ قالغاندا، يەرلىك دېھقانلارنىڭ قۇتقۇزۋالغانلىقىنى ئاڭلىغانتۇق. ئۇلار بىزگە نىسبەتەن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتتىن تويۇنغان خەلىق، ئۆز تۇرمۇشىدىن زىرىكىپ يىراق يەرلەرگە بىرىپ يۈرۈشىدۇ، ئىنسانلارنىڭ ئازاپ_ئوقۇبەتلىرىنى چۈشۈنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.


    پويىزنىڭ قاتتىق سىلكىنىپ ، بېكەتكە كىرىپ كېلىشى خىيالىمنى بۇزۋەتتى، ئۇ بىر كىچىك بېكەت ئىدى، تىنىچ ۋوگزال سۇپىسى پويىزنىڭ توختىشى بىلەنلا جانلىنىپ كەتتى، ئەتراپتىكى قاراڭغۇلۇقتىن كىشلەر يوپۇرلۇپ كىلىشكە باشلىدى، كىشلەر ۋارقىرشاتتى ، يۈگىرشەتتى چىرايىدىن بىر خىل جىددىلىك چىقىپ تۇراتتى.
    بۇ ئالدىراشلىق تىزلا بىسىقتى. پويىز قوزغالدى، بىردىنلا چۆلدەرەپ قالغان ۋوگىزالنى تاشلاپ قاراڭغۇلۇق ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئەمدىلىكتە سولياۋ ئويۇنچۇققا ئوخشايدىغان پويىزنىڭ ئىچى ئادەم بىلەن توشۇپ،،،شۇنداق دىمىق بولۇپ كەتتى.تازا تىت-تىت بولۇپ تۇرسام، فورما كىيگەن پويىز خىزمەتچىسى كېلىپ، بوش ئاۋازدا:«باشقىلارنىڭ ئارام ئېلىشىغا دەخلى يەتكۈزسەڭلار بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر چەتئەللىك يولۇچى بىئارام بولۋاتىدۇ» دېدى.
    ئۇنىڭ قولىدا بىر قۇتا دورا بار ئىدى، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ يېنىمىزدىكى چەتئەللىك قىز بىلەن پاراڭلاشقان ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى:
    __مانا بۇ دورىنى يەپ كۆرۈڭ، ئاشقازان ئاغرىقىغا بەك پايدا قىلىدۇ، توختاڭ مەن قايناقسۇ ئەكېلىپ بېرەي.
    لىكىن بۇ قىز خىزمەتچىنىڭ قىزغىنىقىغا ئانچە پىسەنىىت قىلماي، ئۆلچەملىك بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا:
    __ھە،مۇشۇمدى، بۇ دورا مەندىمۇ بار، بايا يېگەندىم پايدىسى بولمىدى، سىلەردە ياخشىراقى يوقمۇ؟_دېدى.
    __بار ئىدى ، تۈگەپ كېتىپتۇ، مەن باشلىقىمدىن سوراپ باقاي، سىز بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ،_دېدى.
    خىزمەتچى بىردەمدىن كىيىن چوڭراق ئىككى كىشىنى باشلاپ كەلدى، ئۇلار ئەكەلگەن دورىلىرنى ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ، ياخشى ئارام ئىلىشىنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى، چىراق ئۆچۈپ ۋاگۇن ئىچى بىردىنلا جىمىپ قالدى.
    __بۇ قىز بىرەر مۇھىم شەخىسمىدۇ؟ گەپ_سۆزلىرىدىن قارغاندا نەزىرى بەكلا ئۈستۈن تۇرىدۇ،__دېدى نېرقى كارۋاتتىكى سەپەردىشىم، قارغاندا ئۇنىڭ ئويغىنىپ كەتكىنىگە خىلى بولغاندەك قىلاتتى.


    ئويغانسام ئاللىقاچان تاڭ ئىتىپ كىتىپتۇ، ............
    يوغان ئەينەك قۇتىغان دەملەنگەن چاينى ئىچىپ ئولتۇرغان ساۋاقدىشىم، قولى بىلەن سولياۋ تامنىڭ ئارقىسىنى كۆرستىپ:
    __ئاخشامقى قىز ساپساقلا كۈلۈپ تۇرىدۇ ، بىر يەرلىرى بىزنىڭ قىزلارغا ئوخشايدۇ، ئۇيغۇرمىدۇ يا؟
    __ئۇنداق بولسا گەپكە سىلىپ باقمامسىز ،__دېدىم مەن.
    قايناقسۇ ئالغىلى كېتىۋىتىپ قارسام ئۇ قىز كىچىك چاماداندىكى گىرىملىرىنى يىيىپ قويۇپ، گىرىم قىلۋاتاتتى، ساپسېرىق بۈدرە چاچلىرىنىڭ ئارسىدا ، ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇردىغان، تۆتلۈك ئۇزۇنلۇقتىكى چىچى ئۇنى كەپسىز ئوغۇل بالىغا ئوخشۇتۇپ قويۇپتۇ، قايتىپ كەلگەندە سەپەردىشىمنىڭ ئۇنىڭغا گەپ قىلۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
    __سىز ئۇيغۇرمۇ؟ قەيەردىن كېلىۋاتىسىز؟ ئىسمىڭىز نېمە؟
    چەت ئەللىك قىز مۈرىسىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ <سەپەردىشىم خەنزۇچە سورىغاندا، خوشياقمىغاندەك تەلەپپۇزدا:
    __مەن ياۋرۇپالىق ، ئىسمىم ئاننا مارىي، دەپ جاۋاپ بەردى ۋە بىزگە ئىسىم كارتۇچكىسىنى سۇندى، ئۇنىڭدا مەلۇم بىر چوڭ شەھەردىكى «ھاۋاي كېچىسى» ئويۇن قويۇش ئۆمىكىنىڭ باشلىقى دېيىلگەندى.
    __شىنجاڭغا ساياھەت قىلغىلى ماڭدىڭزمۇ؟
    __ياق ئارتىس قوبۇل قىلغىلى، ئاڭلىسام شىنجاڭلىقلار ناخشا_ئۇسۇلغا بەك ماھىر ئىكەن...


       كېچىچە تۈزۈك ئۇخلىيالمىغاچقا ، ھارغىنلىق ھىس قىلىپ بىردەم تىنىچ يىتىۋالماقچى بولدۇم، لىكىن، بۇ مۇمكىن بولمىدى، شۇڭا سۇخانىغا بىرىپ يۈزۈمنى يۇيۇپ كەلمەكچى بولدۇم..
       سۇخانىدا ھىلىقى چەتئەللىك قىز يانفۇنىدا بىرسى بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى، يۈزۈمنى يۇيۇۋاتقاندا قۇلىقىمغا تۇيۇقسىز ئۇنىڭ، «تولا قوۋۇرغامنى ئەگمىگىنە، قالغان گەپنى كىيىن قىلىشايلى» دىگەن گەپلىرى كىرىپ قالدى.
       توساتتتىن ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى، ئۇ سەل ھۇدۇققاندەك بولدىيۇ، لېكىن ماڭا قاراپ كۈلدى، ئۇنىڭ كۈلكىسى غۇژژىدە ئاچچىقىمنى كەلتۇردى ، دە _ گەپ-سۆزسىز كەينىمگە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتم، ئۇمۇ كەينىمدىن كەلدى.
    __خاپا بولماڭ ئاچا، ئىچكىردىكى ئۇيغۇرلار بەك مۇرەككەپ ، شۇڭا مەن ئىھتىيات قىلىپ چەتئەللىك بولىۋالغان، قارسام سىلەر ياخشى ئادەملەركەنسىلەر............
    يېڭىلا ئويغانغان سەپەردىشىم ، ئاغىزنى ئىچىپلا قالدى:
    __ئۇنداق بولسا سىز ئۇيغۇرمۇ؟
    __ھەئە، ئەسلى ئىسمىمى ئانارگۈل ، كېيىن خوجايىنىم ياق مۇئەللىم بۇنى ئۇزۇن كۆرۈپ ئاننا دەپ ئىسىم قويۇپ بەرگەن.
    __مۇنداق دەڭ ئۇ شەھەرگە قانداق بىرىپ قالغان ئىدىڭىز؟
    ئۇ بىردەم نېزىقاپ باقتىيۇ، يەنىلا بىزگە دەپ بىرىشنى لايىق تاپتى:
    __مەن جەنۇپتىكى بىر نامىرات ئائىلىنىڭ قىزى، بىز يەتتە قىز بىر ئوغۇل ئىدۇق، مەن قىزلارنىڭ كىچىكى ئىدىم، دادامنىڭ ئازغىنە مائاشى بىر ئائىلىدى ئوننەچچە جاننىڭ قورسىقىغا ئاران يىتەتتى. ئاتا_ئانام كونىچە ئادەملەر بولغاچقا ئاچىلىرىمنىڭ ھىچقايىسسىنى ئوقۇتماي بالدۇرلا ئەرگە بىرۋەتكەن ئىدى. پەقەت ئاكامنىلا ئۆز بالىسىدەك كۆرۈپ تاپقان_تەرگەننى شۇنىڭغا بىرەتتى.ئەممە ئاكام مەكتەپتە تۈزۈك ئوقۇماي، تازا بىر بوشاڭ بولۇپ چىقتى.مېنى ھەممىسى چىرايلىق دىيىشەتتى، ئاتا_ ئانام مېنى مەكتەپتىن چىقىرۋالمىدى، تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ ۋىلايىتتكى بىر مەكتەپتە سەنئەتتە ئوقۇدۇم، ئەمما دادام مېنى ناھىيەنىڭ ئىچىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالمىدى، يىراق يەرگە بولسا ئەۋەتمىدى، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە نۇرىمان ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىم مىنى ئىزدەپ كىلىپ:«ئىچكىردىكى بىر چوڭ شەھەردىن ئارتىس ئالدىغانلار كەپتۇ جىنىم ئاداش بىزمۇ بىرىپ سىناپ باقايلى» دېدى.
       ئېمتىھان جەريانىدا ئۇلار كۆپرەك چىرايىمىزنى، بەدەن قۇرۇلۇشىمىزنى تەكشۈردى. مەن ئۇلارنىڭ بىزنى ياقتۇرغانلىقىنى شۇ چاغدىلا سەزگەنتىم.
       ئانام مېنى «ئىچكىرگە پالانى ئىش قىلغىلى بارماقچىمىدىڭ» دەپ تىللاپ، ئۆينى بىشىغا كىيدى، دادام تامدەك تاتارغىنىچە جىم ئولتۇرۇپ كەتتى، شۇنداق قىلىپ ئەتىسى نۇرىمان ئىككىمىز جىمجىتلا بۇ يېزىدىن ئايرىدۇق.
    ئۈرۈمچىدە ئىگىز بىنالارغا قاراپ ئىڭەكلىرىم چۈشۈپ قالغىلى تاس قالدى، ئىچكىرگە بارغاندىن كىيىن بىر ئايغىچە چۈش كۆرگەندەك بولۇپ يۈردۇق.
    ئۇلار بىزنى بىر شەخسىنىڭ ئاچقان مەكتىپىگە ئاپىرىپ بەردى، ئۇ يەردە بىز جىمى نەرسىنى ئۈگەندۇق ئارىدىن يىرىم يىل ئۆتكەندىن كىيىن نۇرىمان جىمجىتلا غايىپ بولدى، ئۇنىڭ بويى پاكار بولغاچقا مەكتەپكە يارماپتۇ، شۇڭا كىچىلىك بەزمىخانىدا ئۇسۇل ئويناپ پۇل تىپىۋىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، ھەم ئۆزەمنىڭ تەلەيلىكلىكىدىن خوشال بولدۇم، مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ياخشى يەرگە ئورۇنلاشسام تۇنجى مائاشنى ئۆيگە ئەۋەتىمەن دەپ ئويلۇدۇم،،،،،،،،،،،،،،،،
    ئوقۇش ئاياغلىشىش ئالدىدا ئويۇن قويدۇق، ئۇسۇل ئويناۋىتىپ بىزنى يۇرىتتىن ئەكەلگەن كىشىنىڭ يىنىدىكى خوجايىن سۈپەت بىرسىگە مىنى كۆرسىتىپ گەپ قىلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇ ئويۇندىن كىيىن بۇ كىشى پات_پات مەكتەپتە پەيدا بولۇپ قالدىغان بولدى، مۇشۇ ئىشلار بولغاندىن كىيىن ھەممىسىنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگەردى، ھەممىسى ماڭا خوشامەت قىلىپ تۇراتتى، بىر كۈنى ئۇ مەن بىلەن پاراڭلاشتى، ئارلىقتا ئائىلە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شەھەرلىك ئاكسىيە شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىكەنلىكىنى ، بىر تاغىسى مەن تۇرغان ئۆلكىنىڭ شەھەر باشلىقى ئىكەنلىكىنى ، ئىلگىرى بىر روس قىز بىلەن توي قىلماقچى بولغاندا ، توي ئالدىدا نۇرغۇن پۇلنى ئىلىپ قىچىپ كەتكىننى، شۇنىڭدىن كىيىن ئاياللارغا ئىشەنمەس بولۇپ كەتكىننى ئېيىتتى ۋە:
    مەن پەرىشتىدەك گۈزۈل ھەم ئاق كۆڭۈل بىر قىزنى ئۇچىراتتىم مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن ھەم ھەر قانداق بەدەل تۆلەشكە رازىمەن دېدى.
    سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇ جىمىپ كەتتى.
    - ئۇ ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى دېدى...


    __شۇنداق قىلىپ لى ئەپەندى بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلدىڭىزمۇ؟
    __دەسىتلەپتە قوشۇلمىدىم، لىكىن ھەممىسى ئەگەر قوشۇلمىساڭ ئۆمۈرلۈك بەختىڭنى كەتكۈزۈپ قويىسەن، نۇرىماننىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلەمسەن، دەيتتى..
    مەن خىياللىرىمنى باشقا ئاچىقالماي غەمدە قالدىم،،،شۇ كۈنلەردە مېنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئاتا_ئانامدىن خەت كەلدى خەتتە ئۇلار مەن ئەۋەتكەن ئونمىڭ يۈەننى ئالغانلىقىنى ھەم مەندەك بىر ۋاپادار قىزىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، مەندە ئونمىڭ يۈەن نىمە قىلسۇن، بۇنى خوجايىننىڭ قىلغىنى ئىنىق..
    ئاننا مارىينىڭ تىلفۇنى تەخىرسىز سايراپ كەتتى:
    __ئانارگۈل ، ئۈرۈمچىگە چۈشەمسەن ياكى؟
    __قويە ئۇ ئۈرۈمچىنى! نېمېدىگەن مەينەت،،،سەن بارغۇ ئاداش ماڭا ئەڭ ياخشى ياتاقتىن بىرنى ئىلىپ قوي،،،،
    سەپەردىشىم ماڭا مەنىلىك قاراپ يەنە سورىدى:
    ئۇنداقتا تويىڭىزغا ئۆيىڭىزدىكىلەر نىمە دېدى؟
    دەسىتلەپتە بىزنىڭ سەندەك قىزىمىز يوق دەپ تىللىدى ،،،لىكىن پۇل دىگەن ھەممە ئادەمنى ئىرىتىدىكەن ،،،كىلىپ بىز بىلەن بىرەر يىلچە تۇرۇپ كەتتى. بىر بارغىنىمىزدا سەھرالىق ئىككى يېتىم قىزنى ئىلىپ كەلگەن، ئىچكىرنىڭ نەم ھاۋاسى ياققانلىقتىنمۇ ئىككىلىسى بىر پىيالە چاي بىلەن ئىچكىدەك چىرايلىق بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۇ يەردە ناھايتى ئەتىۋارلىق كىچىلىك سورۇننىڭ خوجايىنلىرى تالىشىپ كىتىدۇ تىخى...


    مەن خېلىغىچە ئۇخلىيالماي ئاننا مارىينىڭ ھىكايىسىنى ئويلاپ ياتتىم. ئەتىگەنلىك نەشتىدىن كىيىن ۋاگوندا قورال ئاسقان ئىككى ساقچى پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ پاكارراقى ئۇدۇلىمىزدا توختاپ، جازىدىكى سومكىلارنى كۆرسىتىپ:
    __ بۇ كىمنىڭ نەرسىلىرى ؟_دەپ توۋلىدى.
    __مېنىڭ، نېمە بولدى؟_دېدىم مەن ھۇدۇقۇپ.
    مەن ياردەم تىلىگەندەك ئەتىراپقا قارىدىم.
    __ نېمىشقا ئاختۇرسىلەر؟ ئاختۇرۇش گۇۋاھنامەڭلار بارمۇ؟
    _- قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ سومكاڭنىن ئاچ، دۆلەت كادىرى تۇرۇپ نېمە خىزمىتىمىزگە ماسلاشمايسەن ، دېدى كىملىكىمنى قايتۇرۇپ بەرگەچ.
    قوللىرىمىزنىڭ سۇس تىتىرىشىنى چاندۇرماي سومكىلارنى ئاچتۇق، مىڭتەستە پاتۇرغان نەرسىلەر يەردە يىيىلىپ تۇراتتى، ئۇلار بىزنىڭ سومكىلارنى ئاختۇرۇپ بولۇپ يەنە جازىغا قاراشقا باشلىدى:
    _ماۋۇ سومكا كىمنىڭ؟
    __مېنىڭ، نېمە بوپتۇ__ئاننا مارىينىڭ ئاۋازى چىرقىرغاندەك ئاڭلاندى.
    _-ئاختۇرىمىز ئاچ؟
    __ياق ،،بۇنىڭدا كىيىم_كىچەكتىن باشقا نەرسە يوق ئاختۇرۇشقا ھەددىڭ يوق،،،
    __ئاغزىڭنى يۇم ھۇ سىسىق جالاپ!!!!!!!!!!!!!!!!!
    ئاننا مارىي بىر دۆۋە كىيىمنىڭ يىنىدا بىچارە قىياپەتتە ئۆرە تۇراتتى، بىشىدىكى دىڭگىيىپ تۇرغان چىچى شۇنداق بىچارە كۆرۈنەتتى، چۈشكە يىقىن ئاختۇرۇش ئاياغلاشتى، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرىدىن ھىچكىم بىر نەرسە يىمىدى .
    __ئېرىڭىزنىڭ ئۆلكە باشلىقى دادىسى بىلەن تاغىسى بۇ ئىشلارنى ئاڭلىسا نېمە دەپكىتەر؟
    ئانناغا جان كىرگەندەك بولدى.
    __ئۇلارغا دەيدىغان بولسامغۇ كۆرگىلىگىم بار ،،،
    پويىز داخېيەنگە يىقىنلاشقاندا ئۇ ئۆزىگە ئەستايىدىللىق بىلەن گىرىم قىلدى،،،ھەم پويىزدىن چۈشىۋىتىپ ئەگەر ئىچكىرگە بىرىپ قالساق  ئۆزىنى چوقۇم ئىزدىشىمىزنى تاپىلىدى،،،،،،،،،،
    ۋوگىزالدا ئادەم مىغىلدايتتى، يوغان سومكا يۈدۈۋالغان ئاننا يولۇچىلارنىڭ ئارسىدا ئالاھىدە تۇراتتى،،،ئۇ چەتئەللىككە ئوخشايىتتى ،،لىكىن ئۇنىڭدا بىر خىل روھى سۇنۇقلۇق بار ئىدى..
    ئاننا تۇيۇقسىز كەينىگە بۇرۇلدى ،،،ئۇنىڭ قارچۇقلىرىدا بىر بەرسە يالىتتىدە قىلىپ قالدىيۇ ،،،دەرھال ئۆچتى.
    پويىز ئۈرۈمچىگە يىقىنلاشقاندا سوپەردىشىم:
    __سىزنىڭچە ئۇنىڭ دىگەنلىرى راسمىدۇ؟-دېدى.
    __بەلكىم راسىتتۇ.،،،
    مەن سىرىتقا قارىدىم ، پايانسىز دالىنىڭ يىراق بىر يېرىدە كۆڭلىكى ئۆزىگە چوڭ كىلىپ قالغان ، بىر قىز پويىزغا قاراپ يۈگىرەپ كىلۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

     

    شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2004.6 سانىدىن ئىلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.