تىرىك ئادەم

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-17 15:22:44

تىرىك ئادەمشاۋكەت يادكاروف-سەن بەرىبىر چۈشەنمەيسەن، ئارتۇق، بۇنى چۈشىنەلىشىڭ قىيىن،- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تاماكا تۇتاشتۇردى.-نېمىنى چۈشەنسەم بولاتتى؟ ھالىڭغا بىر قارا، سانجار،تىرىك مۇردىغىلا ئ...

     

    تىرىك ئادەم

    شاۋكەت يادكاروف

    \

    -سەن بەرىبىر چۈشەنمەيسەن، ئارتۇق، بۇنى چۈشىنەلىشىڭ قىيىن،- ئۇ شۇنداق دېگىنىچە تاماكا تۇتاشتۇردى.

    -نېمىنى چۈشەنسەم بولاتتى؟ ھالىڭغا بىر قارا، سانجار،تىرىك مۇردىغىلا ئوخشاپ قاپسەن،-دېدىم دىمىق ئۆينىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دېرىزىنى تارتقاچ.

    -ئىشقىلىپ ھاياتمەن،-سانجار شۇنداق دېگىنىچە ئەسكى ئەدىيىلىنى ئېلىپ مۆرىسىگە ياپتى.

    -تىرىك دەپ قوي، مۇشۇنداقلا ماڭىدىغان بولساڭ، ئۇزۇنغا قالمايلا ئۆلۈك بولىسەن!

    نەم تارتقان دېرىزە راملىرىنى تارتسام ئېچىلمىدى، كۈچەپرەك تارتقانىدىم، ئېچىلىپ قېلىپ يېپىلماي قويدى.

    ***********

    بۇرۇنقىدەك قىل سىغماس دوستلىقىمىزغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا قانداق گەپ بولسا ئۇدۇللا دېدىم. سانجار ئىككىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان، كېيىن ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەي تىجارەت بىلەن بولۇپ كەتتى. ئىشى ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە، بارا-بارا ئارىمىزدىن قېلىپ قالدى.

    تېلىفون نومۇرۇمنى نەدىن تاپتىكىن بىلمىدىم، ئۆتكەن ھەپتە تېلىفون قىلىپ: «بىر كېلىپ كەتسەڭ، دەيدىغان گېپىم بار» دېدى. كۆرۈشمىگىنىمىزگىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالغانىدى، ئۇنىمۇ سېغىنغانىدىم.

    ئاۋۋال ئاپىسى بىلەن كۆرۈشۈپ چىقاي دەپ، دەرۋازىدىن كىرىپلا ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقتىم. ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ سۇسقىنا سالام قايتۇرۇشىدىن ئوڭايسىز بىر ئەھۋالدا قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئۆزۈمنى قايتا تونۇشتۇرۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى سانجار بىلەن ياخشى دوست ئىكەنلىكىمنى، ھەمدە بۇ ھويلىغا دائىم كېلىدىغىنىمنى ئەسكەرتتىم. ئەمما موماي ئەسلىيەلمىدى ھەم كەينىدىنلا «ئەسىر ناماز قازا بولمىسۇن يەنە» دەپلا تەسۋىسىنى ئېلىپ ئورنىدىن قوزغالدى.

    ئەجەبلەندىم، تېخى پېشىن ۋاقتىغىمۇ خېلى چاغ بار ئىدى.

    كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قايتىپ چۈشتۈم. ئەھۋالىمنى بىر قاراپ بىلگەن سانجار «موماينىڭ كاللىسى ساق ئەمەس» دېگنىچە ھويلا تۆۋىنىدىكى ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىغا باشلىدى. كەينىدىن ماڭدىم. پاشنىسى خېلى بەك ئۇپرىغان، كەينىگە دەسسۋالغان جىگەررەڭ شىبلىتىغا كۆزۈم چۈشتى. بۇ شىبلىت ماڭا، بىر چاغلاردا، ئېسىل ماشىنىدىن بىرنى سوقۇپ قۇيۇپ،  بۇنىڭدىن قەرز سوراپ كەلگىنىمدە، بۇنىڭ، يا يۈزۈمگە يا كۆزۈمگە قارىماستىن، شۇ پۇتىدىكى شىبلىتىغا قاراپ تۇرۇپ: «ئۈچ ئايلىق دېمە، ئۇزۇن بوپ كېتىدۇ، بىر ئايلىق بېرىپ تۇراي» دېگەنلىرىنى ئەسلەتتى.

    -قالغانلار كۆرۈنمەيدىغۇ؟- دېدىم خىيالىمنى بۇراش ئۈچۈن. بۇنداق چوڭ ھويلىنىڭ جىمجىتلىقىغىمۇ سەل كۆنەلمەيۋاتاتتىم.

    ئىچىكىرىگە كىردۇق.

    -خوتۇن ئىشتا، بالىلار يەسلىدە،- دېدى سانجار ھەمدە بېشىنى بۇراپ تامدىكى سائەتكە قاراپ قويدى.

    -سەن بولساڭ ئۆيدە ئوخلاپ دېگىنە؟!-دېدىم كارىۋاتتىكى يىغىلمىغان ئورۇننى ئىشارە قىلىپ.

    ئۇنىڭ جاۋاب بەرگۈسى كەلمىدى بولغاي ئۈندىمىدى. ئۇ بۇ ئۆيدىكى بىردىنبىر ئورۇندۇقنى سۈرۈپ ئالدىمغا ئەكەپ قويۇپ، ئۆزى كارىۋاتتا ئولتۇردى.

    ئائىلەمنى، خىزمىتىمنى بىرەر قۇردىن سورىدى.

    دوستۇڭدىن «ئىش-ئوقۇتۇڭ قانداق؟» دەپ سوراشقا پېتىنالمىساڭ ئەجەپ تۇرىدىكەن.

    ئورۇندۇقتا مىختەك ئولتۇرغانچە، دوستۇمغا تىكىلدىم. بوي-بەستى يوغان، بەستلىك، پولاتتەك يىگىت ئىدى، شۇتاپتا كۆزۈمنگە كىچىكلەپ كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى. كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، قاراۋېرىشقا چىدىمىدىم -دە، ھويلا كۆرۈنۈپ تۇرغان دېرىزىگە بېشىمنى بۇرۇدۇم.

    ھويلىدا نېمىنىدۇر بىر نېمىنى كامدەك ھېس قىلىۋاتاتتىم. ھىم، تاپتىم!

    -گىلاس دەرىخى قېنى؟- دېدىم بىر ۋاقىتلاردا يامىشىپ چىقىپ «بۇقا كۆز» گىلاسلارنى ئۈزۈپ يېگەن شۇ دەرەخ كۆز ئالدىمغا كېلىپ.

    -كېسىۋەتتىم، -دېدى سانجار تورۇككىدە قىلىپ.

    -نېمىدەپ ئەمدى؟ نېرۋاڭ جايىدىمۇ سېنىڭ، ئۇ گىلاسنى كېسىپ نېمە قىلاتتىڭ؟!

    -قۇرۇشقا باشلاپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن كېسىۋەتتىم.- ئۇ خۇددى ئۇيقۇدىن ئەمدى ئويغانغان ئادەمدەك ئەسنىدى-دە، قۇشۇپ قويدى،-بۇ ئۆيمۇ ماڭا ئوخشاش ئاستا-ئاستا قۇرۇشقا باشلاۋاتىدۇ...

    دىماقلىرىم ئېچىشقاندەك بولدى، ئىختىيارسىز ئۈستەلدىكى قۇرۇقدىلىپ قالاي دېگەن تاماكا قۇتىسىغا قۇلۇمنى ئۇزاتتىم. نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇشۇ تاماكىنى تاشلاش ئۈچۈن ئۆزۈم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىۋاتاتتىم. ئەمما مۇشۇ تاپتا بېسىپ-بېسىپ ئىچىمگە تارتقۇم كەلدى. تاماكا قۇتىسىنى خېلى ۋاقىت مىجىقلاپ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇياق-بۇياققا چۆرۈپ كۆرگەندەك بولۇپلا، جايىغا قۇيۇپ قويدۇم. «مۇشۇنىڭ ئالدىدا چەكمەي جۇمۇ...»

    \

    -ئاڭلىغانلىرىم راست ئوخشىمامدۇ؟-دەپ سورىدىم ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ.

    ئۇ جاۋاب ئورنىغا كۆينىكىنىڭ يېڭىنى شىمايلىدى-دە، كۆكىرىپ كەتكەن بېلەكلىرىنى كۆرسەتتى ۋە : «ئەھۋال مانا مۇشۇنداق» دەپ قوشۇپ قويدى.

    ئاغزىمغا كەلگەننى يۈتمەي ھەممىنى دېدىم، ئۇ ھېچنەرىگە ئېلىپ قويماي بۇرۇنقىدەكلا ئولتۇرىۋەردى. «ئۆلۈپ كېتىسەن» دېگىنىم ئېغىر كەلدى بولغاي، چىرايى ئۆڭدى.

    -سېنى مەن، سېنىڭ بۇنداق تەنبىھلىرىڭنى ئاڭلاش ئۈچۈن چاقىرمىغانىدىم، ئارتۇق! – دېدى قولىدىكى تاماكىنى كۈلدانغا كۈچ بىلەن بېسىپ ئۆچۈرگەچ.

    -بىرىنچىدىن، ماڭا بۇنداق گەپ قىلما، ئالدىڭدا بىر جىنايەتچى ئەمەس، ئېغىر بىمار ئولتۇرىۋاتىدۇ سېنىڭ!

    ئۇنىڭ سۆز ئورامىدىن بايامقى ئەلپازىمدىن سەل پەسەيدىم.

    -نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولدۇڭ؟-دېدىم ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغاندەك ئاھاڭدا.

    -دېدىمغۇ، بۇنى چۈشىنىشىڭ قىيىن دەپ!

    ئۈندىمىدىم. «ئىلگىرى توغرا يولدا ئىدىڭغۇ؟!» دېمەكچىدىم ئىچىمگە يۈتۈۋەتتىم. ئۇ خۇددى مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى بىلىۋالغاندەك ماڭا بىر قاراپ قويدى.

    -زەھەر.... زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا بارمىدىڭمۇ؟- سورىدىم ئۆزۈمچە بۇنىڭدىن بىرەر ئۈمىدتە بولۇپ.

    -بىر يىلدىن ئاشتى.

    -پايدىسى بولمىدىمۇ، بەزىلەر شۇ يەردىن ساقىيىپتىكەنغۇ؟!

    -كىم دەيدۇ، زەھەر چەككەنلەر ئوڭشىلىدۇ-دەپ؟!

    -شۇ يەردە ئىشلەيدىغان تونۇشۇملار شۇنداق دېدى: «تۈزىلىدۇ، ئىرادىسى قاتتىق بولسىلا نورمال ئادەملەردەك بولۇپ كېتىدۇ، شۇنداقلار بولغان» دەپ...

    -تۈزۈلۈپ قېلىشى بەلكىم مۇمكىن. ئەمما بۇ بەك قىيىن بەك قىيىن، دوختۇرۇڭنى ئالداپ، چەكمىدىم، دېسەم مەنمۇ ساقايغانلاردىن بولاتتىم.

    -ئەمىسە...

    -ئاشۇ تونۇشۇڭ دېمىدىمۇ ساڭا: «زەھەر چەككۈچىلەر دوختۇرلارنى ئالدايدۇ» دەپ؟ بىزنىڭ مەھەللىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە مۇنداق بىرسى بار، زەھەردىن قۇتۇلىمەن دەپ ھاراققا ئۆزىنى ئاتقان، ھازىر روھىي كېسەللىكلەر دوختۇخانىسىدا.

    سانجار يەنە ئەسنىدى.

    -مانا، سەن بولساڭ بىر ۋاقىتلاردا يېگەن شۇ گىلاسنى ئەسلىدىڭ. مەنچۇ؟ ئەسلىمەيمەن ھەم ئەسلىيەلمەيمەن، ئارتۇق. ئەسلەيدىغىنىم قاچان شۇ نەرسىگە ئېرىشىشلا. مەن بىلىدىغان زەھەر ساتىدىغانلاردىن ئىككىسى بار ئىدى، تۇتۇلۇپ كەتتى، ئەمدى قانداق قىلسام بولار، دەپ بېشىم قېتىپ...

    گەپ قىلماي ئولتۇرىۋەرسەم، چېكىشنىمۇ ئېغىزغا ئېلىپ، دەپ كەتمىسۇن دەپ گېپىنى بۆلدۈم:

    -خوش، شۇنداق بولغاندا مەن بىلەن نېمىنى مەسلىھەت قىلماقچى  بولغانىدىڭ؟

    -ئاپامنىڭ ئەھۋالىنى كۆردۈڭ، ئارتۇق. ئايالىم ماڭا قارايدىغان كۆزى يوق. «بالىلىرىمنى دەپ سەن بىلەن ئۆي تۇتىۋاتىمەن» دەيدۇ. ئۇ يالغان. ئۇنىڭ مۇشۇ قورۇ-جايدىن تەمەسى بار. مەن ئۆلسەممۇ... شۇ ئاپام بىچارىگە ئۇۋال بولدى. قېرىنداشلىرىم، ئۇرۇق-تۇققانلار بۇ ئۆيدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈۋەتتى. بۇ ئۆيگە كېلىپ تۇرىدىغان ئىككىلا ئادەم بار، بىرى ساقچى، بىرى دوختۇر. بىرى قامىلىسەن دەيدۇ، بىرى ئۆلىسەن دەيدۇ. ئۇ ئىككىلىسى مەن ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بېرەلمەيدۇ، بۇنى سەن بىلىسەن. مېنىڭ سەندىن كۈتىدىغىنىم سەن بالىلىرىمغا بىر باش پاناھ بولۇپ، ئۆزۈڭدەك ئادەم قىلساڭ.....

    \

    ئاخىرقى بىر ئېغىز گېپىنى دەپ بولۇپلا، بوغۇزىغا بىر  نەرسە تۈرۈپ قالغاندەك بوغۇلدى.

    ئىككىلىمىز دېرىزىگە قاراپ سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇردۇق.

    -ئۇ كۈنى،- ئۆزىنى بىرئاز بېسىۋالغان سانجار يەنە گەپ باشلىدى،- شۇنداق جان تالىشىپ ياتقان چېغىمدا، ئوغلۇم جاۋاھىر شىپرىس كۆتۈرۈپ ئالدىمغا كەلدى..... ئىچىمدە داد-پەرياد قىلدىم. مەن نېمە ئەھۋالدا ياتتىم. ئوغلۇمنىڭ قىلغىنىنى قارا! مۇشۇنداق بالىنى كۆرگەنمۇسەن، ئارتۇق، - ئۇ ئەمدى راستلا يىغلاشقا چۈشتى،- ئۇ ئەمدى ئۈچ ياشقا كىردى، ئارتۇق. ئۈچ ياش! مېنىڭ شۇ قىينالغىنىمنى كۆرۈپ بۇ بىچارە ئوغلۇم چىدىيالمىغان گەپ! مېنىڭ خۇمارىم تۇتقاندا شۇنداق شىپرىس بىلەن ئۇكۇل قىلغىنىمنى كۆرگەن ئىدى، زەھەرنى دورا دەپ بىلەتتى ئۇ جاۋاھىرىم....

    سانجارنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئەمما پىلدىرلاپ يۈرگەن ئۈچ ياشلىق بالا كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى. خۇمارى تۇتۇپ ئازابلىنىۋاتقان، ۋارقىراۋاتقان دادىسىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىغان شۇ بالىغا ئېچىندىم.

    بايامدىن بېرى، «بۇيەرگە كەلمىسەم بوپتىكەن، نېمە دەپمۇ كەلگەندىمەن» دەپ مېڭەمنى قوچۇۋاتقان ئويلار، ئەمدى نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى. ئۇنىڭغا ئۇدۇل باققىنىمدا، ئۆزۈمنى رومانلاردىكى قەھرىمان باتۇرلاردەك ئاخىرغىچە مۇشۇنداق دادىل تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇۋاتاتتىم. نېمىلەرنىدۇر دەپ دوستۇمنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە ئامال ئىزدىگۈم كەلدى.

    نېمىلەرنى دېگىنىم ئېسىمدە يوق. پەقەت «باھاردا كىچىك گىلاس كۆچىتى ئېلىپ كېلەي، ھويلىنىڭ ئارقىسىغا ئۆزۈڭ ئەكىلىپ قويۇۋالغىن» دېگىنىملا يادىمدا.

    قايتىشىمدا، ئۇ مېنى دەرۋازىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدى. دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىنىڭ ئىچىدىلا قالغانلىقىنى چۈشىنىپ تۇراتتىم. كوچىنىڭ بېشىغا چىققاندا، دوستۇمغا تېلىفون قىلىپ، :خۇددى سەن ئېيتقاندەك بولدى، ئالدىمدا يىغلاپ «مېنى ئادەم قىل» دەپ يالۋۇردى، بىر ئايدا بېرىمەن دەپ قەرز ئالدى» دېمەكچى بولدۇم-يۇ، تېلىفون تۇتقان قوللىرىم تىترەپ، كۆز ئالدىمغا ئۈچ ياشلىق جاۋاھىر كەلدى. تېلىفوننى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈپ تاشلىدىم.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تىرىك ئادەم