تۇغۇلغان كۈن(ھېكايە)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:18:33

تۇغۇلغان كۈن(ھېكايە) دېرىزىنى ئېچىپلا ياتىغىم بىلەن تەڭ سەھەرنىڭ يەڭگىل، سۈزۈك نۇرلىرىنىڭ ھاياجانلىق باغرىغا سىڭىپ كەتتىم. شۇ تاپتا تىنىق ھەم ئېگىز كۆك ئاسمان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا سوزۇل...

    تۇغۇلغان كۈن(ھېكايە)


       دېرىزىنى ئېچىپلا ياتىغىم بىلەن تەڭ سەھەرنىڭ يەڭگىل، سۈزۈك نۇرلىرىنىڭ ھاياجانلىق باغرىغا سىڭىپ كەتتىم. شۇ تاپتا تىنىق ھەم ئېگىز كۆك ئاسمان قۇياشنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىدا سوزۇلۇپ تەبىئەتنىڭ سۆھنىنى ۋايىغا يەتكۈزگەن. مەخمەلدەك ياپيېشىل چىملىقلار ئۈستىگە، چوڭ - كىچىك يوللار ئۈستىگە ئاندا - ساندا چۈشكەن سارغايغان يوپۇرماقلار تەبىئەتنىڭ ھۆسنىگە زەررىچە تەسىر يەتكۈزەلىگەن، ئەكسىچە تېخىمۇ كەم - كۈتىسىز، تېخىمۇ روشەن ھەم تېخىمۇ مۇتلەق بىر  گۈزەللىكنى زېمىننىڭ ھەربىر تىنىقلىرىغىچە سىڭدۈرۈۋەتكەن ئىدى. بولۇق ياپراقلىرىنىڭ خىيالى كۈي - ناۋالىرى ئۆكسىمەس دەل - دەرەخلەر، پورەكلەپ ئېچىلىپ ۋايىغا يەتكەن رەڭدار گۈللەر ئەمدىلەتەن سارغايغان يوپۇرماقلار بىلەن بىرلىشىپ تەبىئەتنىڭ ياشلىقنىڭ قايناق پەسلى بىلەن سىھىر ھەم پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن نەۋقىران پەسىل بىلەن بىر - بىرىگە سىڭىشىپ تەبىئەتنى مانا مۇشۇنداق رومانتىك ھەم مۇكەممەل بىر دۇنيا ئايلاندۇرغانىدى.

        مەن كۈز پەسلىنى سۆيىمەن، چۈنكى ئۇ قانداقتۇر مەۋھۇم پۇرسەتلەرگە تەقەززا بولغان تەييارلىنىش ۋاقتى ئەمەس بەلكى كەسكىن ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۆز يولىغا تېخىمۇ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئىچكىرىلەپ كىرىش ۋاقتى.
    مەن كۈز پەسلىنى سۆيىمەن، ئەزەلدىن.
    يانفونۇم بىردىنلا سايراپ خىيالىمنى ئۈزۈپ قويدى.
     قىزىم، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن! ئۆيدە بولغان بولساڭزە ئاپاڭ ساڭا ئوخشىتىپ بىر كەسكەن ئاش ئېتىپ بېرۇردى. ھىلى بولسىمۇ كۆڭلۈڭنى خۇشال تۇت قىزىم، ياخشى ئىشلە، ياسىنجانچۇ، تىنچ - ئامانمۇ؟
    يۈز نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتامنىڭ ماڭا بولغان سېغىنىشلىرىنى ئىلىكتېر دولقۇنلىرى ماڭا خاتاسىز يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە شۇ يىراقتىكى مەڭگۈلۈك ساددىلىقى ھەم بىپايان مېھىر - مۇھەببىتى ئالەمدە يىگانە ئاپامنىڭ زارىقىش ھەم ئەنسىرەشلىرىنىمۇ يۈرىكىمگە خاتاسىز ئېقىتىپ كىردى.
    مەن ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ ئۆزۈمگە ناشتىلىق تەييارلاشقا باشلىدىم. سۇس قايناۋاتقان سۈتكە قاراپ تۇرۇپ قالدىم: «ياسىن، پات ئارىدا مەن سەن ئۈچۈن مول ناشتىلىق تەييارلايمەن. شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ناشتىلىق تەييارلاشقا ئادەتلىنىۋاتىمەن. بىز قول تۇتۇشۇپ يېڭى بىر مەنزىلگە قەدەم قويغاندا تەنھالىقىم مۇشۇ ياتاق بىلەن تەڭ مەن بىلەن خوشلىشىدۇ»
    يانفونۇم يەنە سايراپ قالدى.
     مېھرىبان، بۈگۈن جيابەر (سىمىنا قوشۇپ ئىشلەش) قىلىسىلەر دەپ ئىدارىدىن تېلېفون قىپتۇ. مەن چۈشتىن كېيىن رۇخسەت سوراپ يېنىڭغا بارىمەن. تۇغۇلغان كۈنۈڭنى كەچتە چوقۇم ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن. بىرنەچچە دوستۇڭغا خەۋەر قىلىۋەت.
         - ياسىن، بولدى رۇخسەت سورىما، كەچتە كۆرۈشەيلى.
        - ئىم، ماقۇل، خوش ھە!
       شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى دەم ئېلىشىمدا يالغۇز قالغان ئىدىم، بۈگۈن نېمىش قىلىشنى ئويلىشىۋېتىپ ئۇزۇندىن بارالمىغان ھورداققا بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. يىقىندىن دەسلەپكى توي تەييارلىقلىرى بىلەن ئازراق چارچاپ قالغانىدىم.
    ئىسسىق، ئاقۇچ سۇ تۇمانلىرىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، پەيدەك يەڭگىل ھەم يۇمشاق بىر خىل ھۇزۇر كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ ياماشتۇردى. ئەمما پارچە - پارچە لەيلىمە سوئاللار سۇ پارلىرىغا ئارىلىشىپ تۇتۇق، دىمىق بىر شەكىلدە لەيلەپ يۈرەتتى.
    بەزىدە تۇغۇلغان كۈنۈم ئېسىمدىن چىقىپ قالسىمۇ، ھېچقاچان ئاتا - ئانامنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلگخنى يوق. مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت ئاپامنىڭ «قىرو چۈشكەندە» ئاتامنىڭ «ئۈزۈملەر چىكىلگەندە» تۇغۇلغانلىقى. كېيىنچە بۇ ئاي - كۈنلەر «سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى»دە ئېنىقلاندى. ئەمما بۇ خاتىرە كۈنلەر يەنىلا ئېسىمدە يوق. مەن بىر ۋاپاسىز بالا بولدۇم...
    ياشلىرىم مەھكەم يۇمۇلغان لەۋلىرىم ئەتراپىنى يېرىم چۆگىلەپ ئىڭىكىمگە دومىلاپ چۈشتى. خىرەلەشكەن تۇيغۇلىرىمدا بىردە سول قولۇمنىڭ بېغىشى مۇزلاپ كېتىۋاتقاندەك يەنە يۈرىكىممۇ ئاغرىۋاتقاندەك...
    قاش - كۆزلىرى تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر شوخ قىزچاق بىردەم ئاپىسىنىڭ دوخاۋا بۆك ئۈستىگە تىكىۋالغان يۇلتۇزدەك ئۈنچىلىرىنى زوق بىلەن تاماشا قىلسا يەنە بىردەم ئاپىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان پەيغەمبەرلەر ھەققىدىكى قىسسەلەرگە مەپتۇن بولۇپ ئاپىسىدىن تىنماي سوئاللارنى سورايتتى.
     ئاپا، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاپىسىمۇ سەندەك ئۈنچە تىكشنى بىلەمدۇ؟
     ئەگەر شۇ پەيغەمبەرلەر بولمىسا بىز ھازىر بۈر بولالايمىزمۇ ئەمەسمۇ؟
     ئاپا، شۇنداق ئاجايىپ ئىشلار يەنە يۈز بېرەرمۇ؟
     ئاپىسى، مەن تۈگمەنگە بېرىپ ئۇن تارتىپ كېلەي.
        - ئانا، مەنمۇ بارىمەن.
        - ئاپئاق قىزىم، ئۇ يەردە مەينەت بولۇپ كىتىسىز. بولدى چۈشۈپ كېتىڭ - ھە! مەن ئالدىرايمەن.
       - ياق، قۇچىقىڭدا ئولتۇرۇپ ناخشاڭنى ئاڭلىغۇم بار.

        يەنە بىر خالتا بۇغداينى ھارۋىغا بىسىپ بولغاندا قىزىنىڭ تېىچە ھارۋىدىن چۈشمىگەنلىكىگە غەزىپى كەلگەن ئاتا ئاچچىقىدا قىزچاقنىڭ ئاپىسىغا ۋاقىرايدۇ «ھەي، ئالمامسەن بالىنى» دوپپىدىكى ئۈنچىلەرنى ساناۋاتقان ئاپا ئالدىراش ئورنىدىن تۇرۇپ يىتىپ كەلگىچە ئاتا قىزىنىڭ سول قولىنىڭ بېغىشىدىن تۇتۇپ ئېگىز كۆتەرگىنىچە يەرگە دەسسىتىپ قويىدۇ. قىزچاق ۋاررىدە يىغلىۋېتىدۇ. دەسلەتە ئاپىسىنىڭمۇ چاتىقى بولمايدۇ، ئەمما بالىنىڭ ئۇزۇنغىچە ئىسەدەپ يىغلىشىدىن ئىچى پۇشۇپ بالىنى ھەم بەزلەپ ھەم قورقۇتۇشقا باشلايدۇ.
     مىھرىبان، بولدى، ياخشى بالا دېگەن يىغلىمايدىغان، يەنە توختىمىسىڭىز لى چوقۇرنىڭ قارا ئىتى كېلىپ سىزنى چىشلىۋالمىسۇن يەنە. ئۇ ئىتنىڭ يىغلاڭغۇ بالىلارنى چىشلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ - يە!؟
    بىراق قىزچاقنىڭ ئىسەدەشلىرى توختايدىغاندەك ئەمەس ئوڭ قولى ھامان سول قول بېغىشىدىن بېرى كەلمەيتتى. ئاپا، قىزچاقنىڭ قولىنى ئاجرىتىپ چۆچۈپ كەتتى. قىزچاقنىڭ ئىنچىكە سول قول بېغىشى ھەم قىزىرىپ ھەم ئىششىپ كەتكەنىكەن. دوختۇرنىڭ سۆزىدىن مەلۇم بولدىكى سول قول بېغىشىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. قاتتىق سىقىلىشتىن بېغىش مۇسكۇللىرى يىنىك دەرىجىدە زەخمىلىنىپتۇ.
    قولىنى ئاق داكا بىلەن تىڭىپ يۈرگەن كۈنلەر ھەم شۇ كۈنلەردىكى ئاغرىقلار قىزچاقنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ بارا - بارا خىرەلەشتى. ئەمما ئاتىنىڭ بىر ئېغىز گىپى ئۇنىڭ نازۇك قەلبىگە بىر قارا كۆلەڭگىنى مەڭگۈلۈك قالدۇرۇپ قويدى.
     قىزىم، كىچىك بالا چوڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىسا قانداق بولىدىكەن، ئەمدىغۇ بىلگەنسىز؟...
    قىزچاقنىڭ بۇلاقتەك بىر جۈپ كۆزى شۈبھى بىلەن ئاتىغا غەيرى بىر تۈستە تىكىلىپ قالدى. «ئەجىبا ئاتامنىڭ قۇچىقىدا ئۇزۇنراق ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتە كۆپ ئېيتمايدىغان مۇڭلۇق ناخشىلىرى مېنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىدىغان شۇ چۆچەكسىمەن دۇنياغا يەنە بىر رەت بېرىشنى ئارزۇ قىلىش، ئاتامنىڭ ماڭا بولغان ئامراقلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ، سەۋر قاچىسىنى شۇنچە تىزلىكتە چىقىۋەتكەن بولسا - ھە! ئادەملەرگە لازىمى ياخشى كۆرۈش، يىقىنلىشىش ئەمەس بەلكى گەپ ئاڭلاش، ھېچقانداق ئاۋارىچىلىق تاپماي ياشاشلا ئوخشىمامدۇ؟...»
    باشقىلارغا يىقىنلىشىشتىن زىيادە ئېھتىيات قىلىش ھەم باشقىلارنىڭمۇ يىقىنلىشىشىنى خالىماسلىق ھاياتىمدا دوستلىرىمنىڭ تولىمۇ ئاز بولۇشىغا سەۋەپ بولدى. شۇنداقلا ھەددىدىن زىيادە كەمسۆزلۈكمۇ ماڭا غەيرى مىجەز - خاراكتىرنى ئاتا قىلىپ ماڭا ئوتتۇز يىشىمغىچە سوڭداشتى. مەن ئۈچ يىل بۇرۇن ئوتقاشتەك بىر تاڭ سەھىرىدىن ئۆزۈمنى يوقاتقان. ئەمما شۇ سەھەرنىڭ ئاخىرى گۇگۇم پەسلىگە سىڭىپ كىتىشنى ئەقلىمگە سىغدۇرالماي شۇ مەنزىرىلەرنى شۇ ھالەت، توڭلىتىپ قويدۇم. پات يىقىندا تويۇم بولۇش مۇمكىن. ئۇ چاغدا مەن بۇ يېڭى مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن يەنە قانچىلىك تەمتىراپ يۈرەرمەن...
    ھورداقتىن چىقىپ يىپ - يېنىكلا بولۇپ قالدىم. سىلىق ھەم پارقىراق بولۇپ كەتكەن مەڭزىلىرىمگە قان يۈگۈرۈپ، كۆزلىرىم جىمىرلاپ چاقناپ كىتىپتۇ. مۇشۇ ياخشى كەيپىياتىمنى غىرىپ ياتىقىمغا بەنت قىلغۇم كەلمەي بازار ئايلانماقچى بولدۇم. شۇنداقتىمۇ ئاۋال نەرسە - كېرەكلىرىمنى ياتاققا ئاپىرىۋەتمىسەم بولمايتتى.
    بىرنەچچە سودا سارىيى ھەم يەر ئاستى كىيىم - كېچەك بازارلىرىنى ئايلىنىپ ئاخىرىدا  بىر ئۆتۈكنى ياقتۇرۇپ قالدىم. باھاسى ئايلىق مۇئاشىمغا تەڭلىشىدىغان بۇ ئۆتۈكنى ككزۈمنى يۇمۇپلا سىتىۋالدىم. ھەرقاچان تاشقى گۈزەللىكنى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ چۈشەنسەممۇ يەنىلا بەزى - بەزىدە مۇشۇنداق قىزىققانلىقلاردىن ساقلىنالمايتتىم.
    چۈشتىن ئاللىقاچان قىيسىلغان، قوسىقىممۇ ئېچىپ كەتكەن ئىدى. ئەدىلا بىر ئاشخانىنىڭ بوسوغىسىدىن پۇتۇمنى ئاتلىشىمغا بىرى كەينىمدىن بىلىكىمنى تارتىپ مېنى ئۆزىگە قاراتتى. قارىسام ناھىيىدىكى ئەۋرە ئاچام ئاسىيە.
     يائاللا مېھرىبان، پاڭ بولۇپ قالمىغانسەن، سېنى تولا چاقىرىپ، ئۇ ھاسىراپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى.
     شۇنداقمۇ، قاچان كەلدىڭ، كىم بىلەن؟
    ئۇ قولۇمدىن تۇتۇپ ئېلىپ ماڭغىچە ھاسىراپ سۆزلەپ كەتتى.
     مەن مائارىپ ئىنستىتۇتىغا بىلىم ئاشۇرغىلى كەلگەن. ئاۋۇ ساتىراشخانىدا پەرىدە بار. ھېلىقى سىلەر پاراللىل ئوقۇغان پەرىدەچۇ، گۈلسۈم ئاچىسى ئاغرىپ قاپتىكەن دوختۇرخانىدا قاراۋاتقان. بۈگۈن ياخشى ئۆيدىكىلەر چىقىپتۇ، بىزنىڭ ئازراق ئىشىمىز بار ئىدى. دېگىنە، تەييارلىق قىلغىلى ئەمدى تېخى ساتىراشخانىغا  كېلىشىمىز.
    ساتىراشخانىغا كىرسەك پەرىدە چاچلىرىنى تەكشىلىتىۋېتىپتۇ. بىز ئانچىكىم سالاملىشىپ قويدۇق. ئاسىيەمۇ چىچىنى يۇيدۇرۇشقا تەييارلاندى.
     مېھرىبان ئەسلىدىمۇ سېنى چاقىرىۋالماقچى ئىدىم، يانفون نومۇرۇڭنى ئۆزگەرتىۋېتىپسەن، شۇڭا سەن بىلەن ئالاقىلىشالمىدىم.
     مېنى نېمىگە چاقىرماقچى ئىدىڭ؟
     ئەكرەم بىر - ئىككى ئاغىنىسى بىلەن بىزنى تاماققا تەكلىپ قىلغان. سېنىمۇ سورىغانتى.
     بولدى ئاسىيە، تۆت - بەش يىلدىن كېيىن ئاران بىر كۆرۈشكىنىڭلەردە مېنى ئارىغا قىسىۋېلىپ نېمىمۇ قىلارسەن. بولدى مەن بارمايمەن.
     سېنى ئارىغا قىستۇرۇپ - قىستۇرماي بىز ئۇ يەرگە يامان ئىش قىلغىلى بارمايمىز مېھرىبان. مېھرىبان تەتۈرلىكىڭنى قويە، ھازىر ئوينىماي كېيىن ئويۇن ياراشمايدىغان بولغاندا پۇشايمان قىلساڭ ئورنىغا كەلمەيدۇ.
     ئاسىيە، ئۈمۈتجانمۇ چوڭ بولۇپ قالغاندۇ، ھازىر ۈئچ ياشتىن ئىشىپ قالدىغۇ دەيمەن.
     ھەئە، تۆت ياشقا كىرەي دېدى. سەنچۇ، تويۇڭغا ئاز قاپتۇ دەپ ئاڭلايمىز.
     ئىم، خۇدايىم بۇيرۇسا.
    بىردىنلا ئۇدۇلۇمدىكى ئەينەكتىن پەرىدەنىڭ سىنچى كۆزلىرى بىلەن ماڭا ئەينەكتىن قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم. كۆزلىرىمىزنىڭ ئۇچرىشىپ قىلىشى بىلەن ئۇ ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى.
     مېھرىبان ئايىقىڭىزنىڭ قىپى خېلىلا چوڭغۇ. يىگىتىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ ياكى ئۆز تويىڭىزغا ئۆزىڭىز تەييارلىقنى باشلىۋەتتىڭىزمۇ؟ سەمىڭىزگە سىلىپ قوياي، سۆيگىنىگە ئاياق سوۋغا قىلسا تاشلاپ قاچىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئېھتىيات قىلىڭ جۇمۇ!؟
     مىنىڭچە ئادەمنىڭ ئۆزى ئادەتلەنگەن تۇرمۇشتىن  قېچىپ كېتىش ئۈچۈن مەلۇم پەۋقۇلئاددە تەسىرگە ئۇچرىشى شەرت بولىدۇ. ئەگەر ياسىن راستىنلا شۇنداق تەسىرگە ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كاشىلا بولمايمەن. ئەمما مېنىڭ سىزىمىمچە ياسىن تېخى مېنىڭ ئەتراپىمدا!
    پەرىدەنىڭ تەبىئى، ئىنچىكە چىرايلىق قاشلىرى سۈزۈلۈپ، سەمرىپ قارىدىغان دۈگىلەڭ يۈزى تاتىرىپ، قېلىن لەۋلىرى ئۇچلىنىپ چىقتى.
     شۇنداقمۇ، ئۆزىڭىزگە بۇنچىلىك ئىشەنچىڭىز بولسا ياخشىغۇ؟!
    بۇنىڭدىن ئالتە يىل ئىلگىرى يەنى مەن خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يىل بولغاندا ئۆيگە بارغىنىمدا بىر ساۋاقدىشىمنىڭ تويىغا قاتنىشىپ قالغانىدىم. شۇ تويدا ئىلگىرى بىزدىن ئىككى سىنىپ يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇغان بىرسى تولا تىكىلىپ تۇرىۋېلىپ ئىچىمنى تولىمۇ سىققان. ھەتتا ئاخىرىدا مېنىڭ باشتىن - ئاخىر ئوچۇق چىراي ئاچمىغىنىمغىمۇ پىسەنت قىلماستىن ماڭا بىزەڭلىك بىلەن «بىز بىر پاراڭلاشساق بولاتتى، ئۈرۈمچىگە قايتمىڭە بولدى، نېمە بار ئۇ خەقنىڭ يۇرتىدا...» دەپ تولا سۆزلەپ كەتكەندە مەن: «بىز بىر - بىرىمىزگە قالدۇرغان مۇشۇنچىلىك تەسىر بىلەن توختاپ قالايلى. مەندە سىزنى ئارتۇقچە چۈشىنىش ئىستىكى زادىلا يوق» دەپ گەپنى ئۈزىۋېتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەن. يولدا كىلىۋېتىپ دوستۇم ماڭا بۇ بالىنىڭ بىز بىلەن پاراللىل سىنىپتا ئوقۇغان پەرىدەنىڭ يۈرگەن يىگىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇڭا مەنمۇ شۇ كۈن كەچتىكى پەرىدەنىڭ ماڭا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراشلىرىدىن خاپا بولغانتىم. كېيىنچە پەرىدەنىڭ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغانلىقىنىمۇ ئاڭلىدىم. پەرىدەنىڭ مانا مۇشۇنداق بىر مەنىسىز ئىش سەۋەپلىك سوغۇق گەپلەرنى قىلىشى مېنى بەكلا كۆڭۈلسىز قىلىۋەتتى.
     ئاسىيە، مەن تېخى تاماق يىمىگەن، قوسىقىممۇ ئېچىپ كەتتى. بىز باشقا كۈنى ئالاقىلىشايلى.
     مېھرىبان، ئىككىمىز توغقانچىلىقنى دىمىگەندىمۇ، كىچىكىمىزدىن بەكلا چىقىشاتتۇق. ئەمدى نېمە بولدۇڭ، بىز سېنىڭ خىلىڭ ئەمەسىكەنمىز ياكى ياسىندىن بىسوراق بىرياققا بارالمامسەن، بولمىسا ئۇنىمۇ چاقىرىپلىۋال!
     ئەمىسە مەن ئاۋال نەرسە - كېرەكلىرىمنى ياتاققا ئاپىرىۋېتەي. سائەت نەچچىدە نەدە كۆرۈشىمىز.
     يەتتىدە، «تولۇن ئاي»دا.
     ماقۇل.
     ياتاققا كېلىپلا ئاۋال ياسىنغا تېلېفون قىلىۋەتتىم.
    بەش مىنۇت كۆزۈمنى يۇمۇپ يېتىۋالدىم. شۇ چاغدا پەرىدەنىڭ ساتىراشخانىدىكى يوغان ئەينەكتىن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ «ئىھتىيات قىلىڭ جۇمۇ» دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئىسىمگە كېلىپ قالغىنىغا ھەيران قالدىم. «نېمىشقا مۇشۇنداق تايىنى يوق سۆزلەرمۇ ماڭا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغاندۇ؟» ئەمەلىيەتتە مەيلى ئائىلىسى ياكى خىزمىتى بولسۇن تولىمۇ ئادەتتىكىچە مەندەك بىر قىزنىڭ ياسىندەك بىر مەمۇرى خىزمەتچى، سىتىۋالغان بىر يۈرۈش ئۆيىمۇ تەييار يەنە كېلىپ قائىدە - يوسۇنلۇق بىر يىگىتنى زادى قانداق قىلىپ ئالتە يىلغىچىلىك ئۆزىگە بولغان سادىقلىقىنى قولغا كەلتۈرىۋالغانلىقى ئاز بولمىغان تونۇش - بىلىشلەرنىڭ ھەيرانلىقىنى ئاشۇرغانتى. مەن ياسىننىڭ توي قىلىش تەكلىپىگە ئۈچ يىلغىچە كەسكىن جاۋاب بېرەلمىدىم. ياسىن بىلەن تونۇشۇپ ئۈچىنچى يىلى يەنى بۇندىن ئۈچ يىل بۇرۇن قۇياش نۇر ۋە ھارارىتىنى زىمىنىمىزگە ئايانماي تۆككەن تومۇز كۈنلىرىنى مەن ئادەتتىن تاشقىرى بىر كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ياسىن بىلەن توي قىلىشقا بولسا تىزراق توي قىلىشقا قوشۇلغان. توي خىتىنىمۇ شۇ چاغدا ئېلىپ، ئۆينىمۇ شۇ يىلى سېتىۋالغان. ئەمما كۈتۈلمىگەندە ياسىن ئۈچ يىللىق بىلىم ئاشۇرۇشقا بارىدىغان بولۇپ قىلىپ مانا تېخى ئەمدى قايتىپ كېلىشى. ئۈچ يىل بۇرۇن كۆزۈمنى يۇمۇپلا بۇ تەكلىپكە قوشۇلغىنىم بىلەن شۇ تاپتىمۇ ئاساسەن مۇقىملىشىپ بولغان بۇ ئىشنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا پېتىنالمايتتىم. ئەمما بۇ پىكرىمدىن يېنىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. ئەمدى مەن چۈشكەن بېكەتتىن بىللە سوڭدىشىپ كەينىمگە چۈشۈۋالغانلارنى قانداق ئېزىقتۇرۇش ئۈچۈن باش قاتۇرۇشۇمنىڭ بارا - بارا ھاجىتى قالمايۋاتقان. «ئۇسۇل دېگەننى مانا سىزدەك قولىنى قۇشقاچ قورىغاندەك كۆتۈرۈپلا قويسا پۈتۈن بەدىنىدىن ئۇسۇل تۆكۈلىدىغانلار ئوينايدىغان بولسىزە... دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قاملاشسا، قاملاشمىسا مېنى ئۇچۇرۇپ كېتىىغانلارنىڭمۇ ئايىغى سېلىككەن چاغدىمۇ ياسىن مېنى يەنىلا قەدىرلەپ كېلىۋاتاتتى. بىز ئىككىمىز ئالتە يىل ئىلگىرى بىر ئىمتىھان مەيدانىدا تونۇشۇپ قالغاندىن بۇيان ھەر قېتىم كۆرۈشكىنىمىزدە ماڭا «سىزنى ئەجەپمۇ سېغىندىم» دېيىشنى ئۇنۇتماي كەلدى. دەسلەپتە چاقچاقتىن باشلانغان بۇ سۆز كېيىنچە بىر ئۇدۇمغا ئايلاندى. ئەمما بىرى - بىرە ئۇنىڭ بۇ گەپنى قىلغان ۋاقتىدا كۆزلىرىنىڭ بۇ سۆز بىلەن تەڭ نۇرلىنىپ، ئاۋازلىرىنىڭمۇ تىترەپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالغانىدىم. (مۇشۇنداق قۇسۇرچى مىجەزىمدىن ئۆزۈممۇ بىزارمەن)، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ياخشى شەرت - شارائىتى مەندىن ياخشى قىزلارنى ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۈزۈلدۈرمىگەن بولسىمۇ ئۇ تېخىغىچە شۇ ئوماق قىزلاردىن بىرەرىنى ئۆزىگە جورا بولۇشقا تاللىمىغان. ئەكسىچە ماڭا ئىزچىل تۈردە خاتىرجەملىك، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ ۋەزمىن ھەم مەرتلىكى بىلەن ماڭا ھەمدەمدە بولۇپ كېلىۋاتاتتى.
    كىيىملىرىمنى يۆتكەپ بولۇشۇمغا بىرى ئىشىكنى چىكىپ قالدى.
     مېھرىبان، سىزنىڭ خىتىڭىز، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەت - چەك تارقىتىش ئىشخانىسىغا كىرگەنتىم. سىزنىڭ خىتىڭىزنىمۇ ماڭا بېرىپ قويدى.
     رەھمەت سىزگە، خەت ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىسمى ئورنىدىكى «دىليار» دېگەن خەتتىن كۆزۈمنى ئالدىراپ ئەپقېچىپ قوشۇپ قويدۇم، جىيەنىمدىن كەپتۇ.
     ئۇكىڭىزغا ئادەتتە كۆپ ئۇچرىمايدىغان ئىسىمدىن قويپتىلەر - ھە!
     ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ھەم شۇ.
    ھەر ئىككىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
     خوش مەن چىقاي.
     ۋاقتىڭىز بولسا كىرىپ تۇرۇڭ، خوش!
       
         - لىپاپقا يەنە بىر قارىغىنىمدا بىشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى. «جىنىم ئۇكام، جىنىم ئۇكام» خۇددى بىر جىنايەتتىن ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى بولغاندەك بۇ سۆزنى توختىماي پىچىرلىدىم. خۇددى تۇتۇپ تۇرغىنىم بىر ئوتتەك ئۇنىڭغا چىقىلىشقا پىتىنالمىدىم. «بۇ لىپاپقا سولانغىنى قانداق سۆزلەر توپى بولۇشى مۇمكىن. لىپاپتىن ئۇنىڭ ئىسمىنى كۆردۈم، ئۇنىڭ مېنى ئەسلىگىنى ئىنىق، ئەمىسە ئۇ، ئۇ ماڭا زادى نېمىلەرنى دېيىشنى لايىق تاپقاندۇ...» تىت - تىت بولۇپ تۇرغىنىمدا يانفونۇم سايراپ قالدى.
     مېھرىبان بولمامسەن، ھەممىمىز يىغىلىپ بولدۇق...
    ئىلگىرىكى ياتاقدىشىم گۈلشەن توي قىلىپ كەتكەندىن بۇيان بۇ ياتاق ماڭا ئوڭچە قالغان بولسىمۇ بۇ خەتنى نەگە يوشۇرۇشۇمنى بىلمەي ھىلى چاماداندىكى كىيىملىرىم ئارىسىغا يوشۇرسام، ھىلى كىتابنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ كېيىن يەنە ياستۇقنىڭ قىپىنىڭ ئىچىگىمۇ سالدىم. ئاخىرى خەتنى شۇ قەيەردە قويۇپ تۇرۇپ چالا قالغان گىرىملىرىمنى تۈگىتىۋەتمەكچى بولدۇم.
    كىرا ماشىنىسىنىڭ كەينى ئودۇندۇقىغا چىقىپ گۇگۇم پەردىسىگە ئورۇلۇپ سىرلىق، ھەسرەتلىك تۈس ئېلىۋاتقان شەھەر كوچىلىرىغا قاراپ ئولتۇرۇپ بىردىنلا كاللامغا مۇنداق بىر پىكىر كېلىپ قالدى. «مەن ھەم خاتىرجەملىك ھەم سۆيۈنۈشتىن بەھرىمەن بولدۇم. ئەمىسە مېنى مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئىستەكلەردىن بەھرىمەن قىلغان ئۇ ئىككىسىگە مەن زادى نېمە ئاتا قىلالىشىم مۇمكىن؟» بۇ مەن قاۋاب بېرەلەيدىغان سوئال ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن بۇ خىياللارنى قويۇپ نەزىرىمنى ئالدىمغا يۆتكىشىمگە كۆزلىرىم خەلق ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ دېگەن خەتلەرگە چۈشتى. بىردىن ھېلىقى خەلق ساقچىسى تولىمۇ ياش، زېھنى ئاجايىپ ئۆتكۈر بىر ئۇيغۇر يىگىتكە ئايلىنىپ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ئوڭ قولىنى چىكىسىگە تىرەپ «مەن سىزنى مەڭگۈ قوغدايمەن، ئىشەنمەمسىز» دەۋاتقاندەك ئىدى. خىيال يىپلىرىم بۇندىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكى بىر تومۇز كۈننىڭ دەل مۇشۇنداق گۇگۇم پەيتىگىچە تارتىلدى.
    ئىلگىرى ئىككى يىل بىر مەكتەپتە ئىشلەپ خېلى چىقىشىپ قالغان خىزمەتدىشىم ماھىرە كېيىن باشقا مەكتەپكە ئالمىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ پۇرسەت بولسىلا كۆرۈشۈپ، ئالاقىمىزنى ئۈزمەي كەلگەنىدۇق. ماھىرە مىجەزى تۈز، رۇخسارى چولپاندەك نۇرلۇق بولۇپ قالماستىن مۇھىمى ئۇ بىلىم ئىگىلەشنى قانداقتۇر بىر زېرىكىشلىك، جاپالىق ئەمگەك دەپ قارىمايتتى ئەكسىچە «پەقەت بىلىم بولغاندىلا ئاندىن جەمئىيەتكە ماسلاشقىلى بولىدۇ» دېيىشنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. شۇڭا كومپيۇتېر، چەت ئەل تىلى، شوپۇرلۇق، ساياھەت يېتەكچىلىكىلىك، ئىختىيارى مۇخبىرلىق قاتارلىق نۇرغۇن كۇرسلار ئۇنى ھارغۇزالمىغانتى. مەن ماھىرەنىڭ بىلىم ئىگىلەشتىكى مەقسىتىگە ئەمەس (گەرچە بۇ مەقسەت خاتا بولمىسىمۇ) بەلكى ئۇنىڭ ئۆگىنىش قىلىشتىكى ھارماس روھىغا زوقلىناتتىم. بۈگۈن ماھىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى سەۋەپلىك ئۇنىڭ يىگىتى ئەكرەم دوستلارنى رېستورانغا چاقىرغان. دەسلەپ ياسىن ئىككىمىز بىللە بارغان. ئەمدى تىخى ئولتۇرۇپ تۇرۇشىمىزغا ياسىننىڭ يىقىن ئاغىنىشى تاھىر تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان جەنۇپلۇق بىرنەچچە ساۋاقداشلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكى سەۋەپلىك بىرنەچچە ساۋاقداشنىڭ يىغىلىپ قالغانلىقىنى، ياسىننىڭمۇ تېزدىن بېرىشىنى ئېيتقان. ئۇ ئاخىرى مېنى قالدۇرۇپ ئۆزرە سوراپ چىقىپ كەتكەن. ماڭا «تارقىلىدىغان چاغدا تېلېفون قىلىڭ، مەن ئالغىلى كېلىمەن» دېگەندە ماھىرە بىلەن ئەكرەم «بىز ئاپىرىپ قويىمىز. خاتىرجەم بول» دەپ ئۇنىمىغانتى.

        سوغۇق سەيلەر تارتىلىپ بولغاندا ئاق، قىزىل ھاراقلارمۇ تاماق ئۈستىلىگە ئۈلگۈرۈپ چىقىپ بولدى. ئۇ ئىككىسى ماھىرە بىلەن ئەكرەمدىن باشلاپ ئايلىنىپ ھەش - پەش دېگۈچە  ياۋا قىزىل ئۈزۈم ھارىقىدىن بىر رومكا مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ بولدى. ئادەتتە ھاراقنى ئامال بار ئاغزىمغا ئالمايتتىم. بۈگۈن ماڭا ياردەم قىلىدىغان ياسىنمۇ يوق، يەنە كېلىپ ماھىرەنىڭ ئالدىدا رەت قىلىش ئاسان ئەمەس. شۇنداقتىمۇ زادى قانداق قىلىپ بۇ نۆۋەتنى ئىچمەي ئۆتكۈزەتكىلى بولار دېگەنلەرنى ئويلاپ ئىختىيارسىز ئۇدۇلۇمدىكى ياش يىگىتكە قارىدىم. مەن بىلەن تۇنجى نۆۋەت ئۇچراشقان شۇ كۆزلەردىكى قانداقتۇر سوئال، نېمىنىدۇر ئۈمىد قىلىشتەك ئىپادىلەرنىڭ خۇددى تىپىشماقتەك مېنى گاڭگىرىتىپ قيغانلىقىنى ھېلىھەم ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ كىچىكرەك ئەمما ئۆتكۈر كۆزلىرى ماڭا يوللىغان  سوئاللارنى چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىدىم. «ئۇ نېمىنى توغرا كۆرمەيۋاتقاندۇ؟» مەن سوئال تورلىرىدىن چىقىپ كېتەلمىدىم.
    سورۇننىڭ قائىدىسى بويىچە بۇ ياش يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى: «ئىسمىم دىليار، ماھىرە مېنىڭ نەۋرە ئاچام بولىدۇ. ئۇنىۋېرسىتىتتىكى ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ ھازىر يۇرتۇمغا قايتىش ئالدىدىمەن. ماھىرە ئاچا، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەكب ولسۇن!»
    دىليارنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن مەن ئورنۇمدىن تۇدۇم.
    «ئىسمىم مېھرىبان، كەسپىم ئوقۇتقۇچى. ماھىرە تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن»
    يەنە بىرەر جۈملە يىقىملىقراق سۆزنى قوشۇپ قويماقچى بولدۇميۇ، مېنىڭ سۆزۈمنىڭ تۈگىشىنى كۈتۈپ تۇرغان دىليارغا قاراپ يەنە شۇ سوئال، يەنە شۇ نېمىنىدۇر ئۈمىد قىلىش ئىپادىلىرىدىن ئوڭايسىزلىنىپ ماھىرەگە بۇرۇلدۇم.
     ماھىرە، مۇشۇنى ئىچىشكە پەقەتلا ئادەتلىنەلمىدىم، مەن...
     مېھرىبان، ئۆمرۈڭدە ئاغزىڭغا ئالمىغاندەك گەپ قىلمىغىنە، يا ياسىندىن قورقىۋاتامسەنيا، ئىچىۋىتە بولدى...
    ماھىرەنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا باشقىلارنىڭ نارازىلىق سۆزلىرىمۇ كۆتۈرلۈپ چىقتى.
     ئىچىۋېتىڭە بولدى، مۇشۇ كۈندە ئىچمەيمەن دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟
     بىرەر رومكىغا يىتىپ كالمايسىز، ئىچىۋىتىڭە!
    قاتتىق خىجالەتچىلىكتە قالدىم «كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك كەيپىياتىنى بۇزغان ئىدىم. شۇ تاپتا ئىچكۈم ھەقىقەتەنمۇ يوق. شۇنداقلا مېنى توسۇپ تۇرىۋاتقان باشقا بىر نەرسىمۇ بار. ئەمىسە ئۇ زادى نېمە؟» لەۋلىرىمنى چىشلىرىم تېخىمۇ قاتتىق پاتقاندا جاراڭلىق ھەم ناھايىتى ئۇرغۇلۇق بىر ئاۋاز مېنى بۇ تەڭلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقتى.
     ئاچا، ھاراق زورلاش يەنە كېلىپ قىزلارغا ھاراق زورلاش بىر ئەدەپسىزلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاراق ئىچىشنى ياقتۇرماسلىقمۇ ئەيىپلەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس. بولمىسا سىزنىڭكىنىمۇ مەنلا ئىچىۋىتەي.
    خۇددى مۇقەددەس بىر ئورۇندا چوڭ سەۋەنلىك سادىر قىلغان بەختسىز كىشىدەك نومۇستىن مەڭزىلىرىمنىڭ ئوتتەك لاۋۇلداپ يىنىشىمۇ ئاستا - ئاستا پەسەيدى. مەن خىجىللىق ھەم شاتلىقتا بۇ يىگىتكە كۈلۈمسىرىدىم.
     ئۇكام، رەھمەت سىزگە!

        مەن مېنى بۇ پىلسىراتتىن بىر ئەپسۇن بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ياش يىگىتتىن يەنە شۇنى بايقىدىمكى ھازىر ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بايا مەن ھېس قىلغان ئالامەتلەردىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. بەلكى ياقا يۇرتلۇق بىر يولۇچى يول ئاچىلىغا كەلگەندە شۇ يەرلىك بىر كىشىدىن يول سوراپ ئۆز يولىغا اۋان بولۇش ئالدىدا يول كۆرسەتكۈچىگە مىننەتدارلىق بىلەن تىكىلىشكە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل ئىپادە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ كەتكەنىدى. مەن ئۆزۈمدىكى بۇ خىل زىيادە سېزىمچانلىقىمدىن چۆچۈپ نەزىرىمنى باشقا ياققا يۆتكىمەكچى بولغىنىمدا ئۇ ماڭا قاراپ يىقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويدى. شۇ كۈلۈمسىرەش ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز مەنزىللەرنى دەقىقە ئىچىدە بېسىپ تۈگىتىپ  ئۇنى مېنىڭ ئالدىمغا باشلاپ كەلگەندەك، ئۇ ماڭا «مەن مىڭ يىللىق مۇساپىنى بىسىپ سەن ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم، مېنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىقىڭ بارمۇ؟ دەۋاتقاندەك. ئۆزۈمگە ھەيرانلىقىم ئاشتى. مەندىكى ئاسان ھاياجانلانمايدىغان، ئاسەن تەۋرەنمەيدىغان كونا تۇيغۇلىرىم بۈگۈن باشقىچىلا جانلىنىپ كېتىۋاتاتتى. مەن كۈچەپ دىققىتىمنى باشقىلارغا بەردىم. بۇ چاغدا بەزىلەر دىباغا بېرىش تەكلىپىنى بەردى. ئەمما ۋاقىت تېخى بالدۇر بولغاچقا بىردەم ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يۇمۇر ئېيتىش باشلىنىپ كەتتى. ئېغىزغا ئېلىش تۇرماق قۇلاق بىلەنمۇ ئاڭلىغىلى بولمايدىغان يۇمۇرلار ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن «كۆڭلى تۈز، ئىچىدە يامانلىق يوق» دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ ياشلار ئايرىمخانىنى كۆتۈرىۋەتكۈدەك كۈلۈشۈپ، چىقىرىشىپ كېتىشتى. بىردەمدىلا يۇمۇر ئېيتىش نۆۋىتى ماڭىمۇ كېلىپ قالدى. بۇ قېتىم باشقىلارنىڭ كەيپىياتىنى يەنە بر قېتىم بۇزماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈم خېلى قىزىقارلىق دەپ چۈشىنىدىغان مەشھۇر شەخسلەر توغرىسىدىكى مەزىلدىن بىرنى ئېيتتىم. ئەمما ناھايىتى زورىغا ئىپادىلەنگەن سۇس كۈلكىلەردىن ئەمدى سورۇندىن ئايرىلساممۇ بىرەرىنىڭ پىكرى چىقمايدىغانلىقىغا كۆزۈم يىتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ماھىرە بىلەن ئەكرەم مېنى ئانچە - مۇنچە تۇتقان بولدى. مەن ئۇنىمىغاندىن كېيىن ئاپىرىپ قويايلى دېگەندە يەنىلا رەت قىلدىم. بۇ چاغدا سورۇندىكىلەرمۇ «ئەمدى دىبانىڭ باشلىنىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى» دېيىشىپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ئويلىمىغان يەردىن ئىشىكتىن چىقىپ ماھىرەنىڭ ئۇكىسى دىليارمۇ قايتماقچى بولۇپ قالدى.
     ئاچا، مەنمۇ قايتاي. بولمىسا مېھرىباننى مەن ئاپىرىپ قويۇپ ئاندىن قايتىپ كېتەي.
    ئىككىمىز كىرا ماشىنىسى ساقلىغاچ بىردەم پىيادە ماڭدۇق. كەم كۆرۈلىدىغان بۇ يۇلتۇزلۇق ئاىشامدا كىشىلەر خۇددى يېرىم كېچە بولاي دەپ قالغانلىقىنى تۇيمىغاندەك كوچىلارنى يالغۇزسىراتمىغانتى. شۇ تاپتا دىليارنىڭ مېنى ئاپىرىپ قيۇش تەكلىپىنى تامامەن رەت قىلسام بولاتتى. ئەمما مەن بۇ تەكلىپ مەندە ئويغاتقان تولىم پاكىزە ھەم قىزغىن سۆيۈنۈشنى ئىنكار قىلالماي ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم.
     سىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.
     ئەرزىمەيدۇ.
    شاتلىقىمغا ئارىلاشقان ھەيرانلىقمۇ شۇ تاپتا مېنى جىمجىت مىڭىشقا قويمايۋاتاتتى. دىليارنىڭ «مېھرىباننى ئاپىرىپ قويۇپ قايتىپ كېتەي» دېگەن سۆزى تېخىچە قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇراتتى.
     دىليار، بۇ يىل نەچچە ياشقا كىردىڭىز.
     ھە، روشەنكى ئۇ بۇنداق سوئال سورىشىمنى كۈتمىگەنتى، شۇنداقتىمۇ تەئەججۈپتىن تېزلا ئەسلىگە كەلدى، يىگىرمە ئىككى ياشتىمەن.
     مەن بۇ يىل يىگىرمە يەتتە ياشتا.
     شۇنداقمۇ، پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ.
     ئيكام، بۇ سۆزىڭىزدىن بەكلا خوش بولدۇم. ئەمما ئادەمنىڭ يېشىمۇ ئۇنىڭ خاراكتىرى ۋە تۇرمۇش ئادىتىگە ئوخشاش ئىختىيارسىز ئىپادىلىنىپ چىقىپ قالىدىغان نەرسە...
    تۇيۇقسىز ئەتراپىمدىن مەنىسىز سۆزلىرىمگە قارىتا تارقالغان بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتىنى ئىنىق ھېس قىلىپ سۆزۈمنى دەرھال توختاتتىم. مەن بەش يىل بىر شەھەردە تۇرۇپ كۆرۈشمىگەن، ئەمدىكى يىراقتىكى يۇرتىغا قايتىش تەييارلىقىغا چۈشكەن بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا قاراپ سېزىمىمنىڭ توغرا - خاتالىقىنى بىلىپ باقماقچى بولدۇميۇ، ئەمما كۆزلىرىمنى يەردىن ئۈزەلمىدىم. ئەمدىلا ماشىنا توسۇش ئۈچۈن كۈتۈرگەن قولۇم دىليارنىڭ سوئالى بىلەن پەسكە سېرىلىپ چۈشتى.
     ماھىرە ئاچام سىزنى «ياتىقىغا ئاپىرىپ قويىمىز» دېگەندەك قىلدى، يالغۇز تۇرىدىغان ئوخشىمامسىز؟
     ھەئە.
     نېمە سەۋەپتىن بۇ يەردە قەپ قالغىنىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بېرەرسىزمۇ؟
     ئۆيگە كەتسەم ئاتا - ئانامنىڭ ئەتىۋارلىشىدىن لەززەتلىنىش بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ باشقۇرۇشىنىمۇ شەرتسىز قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئاتا - ئانام مەن توي قىلغۇچە مىڭىش - تۇرۇشۇمغىچە قاتتىق باشقۇرۇپ مېنى يەنە بىرسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگۈچە كۆڭۈللىرى ئارام تاپمايدۇ. ئەما مېنىڭ ئۆز - ئۆزۈمنى ئىدارە قىلىپ ياشىغۇم بار. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەسلىك ئۈچۈن بۇ يەردە قېپقىلىشنى توغرا تاپتىم. مېنىڭچە ئاساسلىق سەۋەپ مۇشۇ بولسا كېرەك.
    ئىككىلەنمەي دەۋەتكەن بۇ سۆزلىرىمدىن چۆچۈپ كەتتىم. ئەمەلىيەتتە ھېچقاچان مەن بۇ مەسىلىدە ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ باقمىغان. تېخى ئۈچ سائەت ئىلگىرى دۆڭكۆۋرۈكتىكى ھېلىقى رېستۇرانغا قەدەم بىسىشتىن ئىلگىرىلا تونۇشمايدىغان بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ھەتتا ئۆزۈمگىمۇ تازا يورۇق بولمىغان بەزى كۆز قاراشلىرىمنى ھېچ ئويلانماستىنلا دەۋەتكەن ئىدىم.
     ئاتا - ئانىنىڭ بالىنى قاتتىق باشقۇرۇشى بالىنىڭ تېخىمۇ كامالەت تېپىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇرەككەپ تەربىيە. بۇ تەربىيەنىڭ ئاقىۋەتتە ئېرىشىدىغىنى جان - جىگەرلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى تاشلاپ يىراققا قېچىشى بولىدىغان بولسا، بۇ سىزنىڭچە ئادىللىقمۇ؟
    ئۈرۈمچىنىڭ تومۇز كۈنلىرى چۈش مەزگىلىدە قىزىق ھەم ئېغىر ھاۋا ئىقىمى ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ئاسان بوزىۋەتكىنى بىلەن تاڭ شەپىقىدە تاۋلانغان سەھەر ھەم رەڭدار چىراقلار يۇلتۇزلارغا ھەمنەپەس بولۇپ چاراقلاپ كۈلگەن كەچلەردە ئادەمنىڭ نەپەسلىرى مۇزىكىدەك رىتىملىق، قەدەملىرى پەيدەك يەڭگىل، ھېس - تۇيغۇلىرى خىرۇستالدەك سوزۇلۇپ كىتىدۇ. خۇددى ئاپامنىڭ جەننەت ھۇزۇرى بېرىدىغان ئىللىق، يۇمشاق باغرى مېنى ئۆز قوينىغا ئالغاندەك پاكىزە، ئۇلۇغۋار ھېس - تۇيغۇلار ھاياتىمغا بىر تۈز سىزىق يۆنىلىشىدە  ئىچكىرلەپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى. تولىمۇ ئۇزاقتىكى تازا خەيرلىك بولمىغان بىر چۈشتەك ئىڭىمدا بىر مۈجىمەل  كۈلرەڭ چىكىت قالدۇرغان بىر كۆرۈنۈش  كىچىككىنە بىر قىزچاقنىڭ شۈبھى بىلەن ئاتىسىغا تىكىلىپ قالغان  قارچۇقلىرىدىكى غەيرى نۇرلار - ئاستا - ئاستا سۈزۈكلىشىپ قىزچاقنىڭ چېھرى ئۆز يىشىغا مۇناسىپ سەبىي، تاتلىق نۇرلاردا چاقنىدى. ئاتىنىڭ قىزىغا چوڭ ئارزۇلار بىلەن تىكىلگەن كۆزلىرى، ئانىنىڭ تۈگىمەس مېھرى بىلەن بالىنى قۇچىقىغا ئېلىشلىرى خۇددى ئەرىشتىن چۈشكەن ئىلاھى نۇرلاردەك مېنىڭ يول ھەم روھىمدىكى قاراڭغۇلۇقلارنى يورىتىۋەتتى.
     ماشىنىغا چىقامدۇق.
    بۇ سۆز بىلەن ۋاقىت سېزىمىم ئەسلىگە كەلدى.
     ماقۇل.
    ماشىنىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىغا چىقتۇق. تېز سۈرئەتتە قارشى يۆنىلىشكە قاراپ ئۇزاپ كېتىۋاتقان ماشىنىلار، دەرەخلەر، ئادەملەر، چىراغلار يەنە ئوخشاش يۆنىلىشتىكى ماشىنىلار، ئادەملەر، تەبىئەت بىردىنلا ئويغىنىپ ھەرىكەتكە كەلگەن. مېنىڭ روھىمدىكى تۇرغۇنلۇق بىلەن تەڭ.
     جىمىپ كەتتىڭىزغۇ؟
     ئە... مېنىڭ ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ.
    كېتىۋاتقىنىمنىڭ مەن ئېزىپ قالغان يول بولماستىن بىر داغدام يول ئىكەنلىكىدىن سۆيۈنۈپ ئۆز ئۆزۈمنى قۇتلۇقلىغىم كېلىۋاتسىمۇ مەن يەنە ئېزىپ قىلىش ھەم ئۆز ئۆزۈمنى ئەيىپلەش خاھىشلىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتاتتىم. سەمىمى ھەم يەڭگىل بولغان ئىپتىدائى ياشاش ئادىتى مەندىن قانچىلىك يىراقلاشقان - ھە!
     سىز ئۇخلاپ قالسىڭىز ياتىقىڭىزنى مەن قانداق تاپىمەن. ماڭا قاراڭ، مېنىڭ سىزنىڭ ئۇيقۇڭىزنى ئاچىدىغان ئامالىم بار.
     ناخشا ئېيتمايدىغانسىز؟
    ياش يىگىت سۆزۈمگە جاۋاب بەرمەي تولىمۇ قىزىقارلىق بولغان بىرنەچچە تىل قاپىلىرىدا سۆزلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن دەۋەتتى. بەك تېز دېگەچكە مەن ئېسىمدە تۇتالمىدىم، ئەمما قايىل بولماي تۇرالمىدىم.
     پەقەتلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇنداق سۆزلەرنى نەدىنمۇ ئۆگەنگەنسىز؟
     گەپ قىلىشنى خالىمايدىغان قىزلارنىڭ ئاغزىنى ئېچىش ئۈچۈن نەدىن بولسىمۇ ئۆگىنىمىز - دە!
    مەن ئىختىيارسىز كۈلىۋەتتىم.
     سىززە...
     بۇنچە ئىسسىقتا...
    تەڭلا ئېغىز ئاچقان ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرى ئېغىزلىرىمىزدىلا قالدى. مەن تەرەپكە  يەنى ئوڭ تەرەپكە سەل ئىڭىشىپ ماشىنا ئەينىكىنى ئاستىغا چۈشۈرمەكچى بولغان دىليارنىڭ ئوڭ مەڭزىگە، سىرتتىن - ئوڭ تەرىپىمدىن ئۇدۇلۇمغا قاراپ گەپ قىلىشقا تەمشەلگەن مېنىڭ سول مەڭزىم يەڭگىل سۇۋۇشۇپ دەقىقە ئىچىدە يىراقلىشىپ كەتتى. بىردىن پۇت - قولۇم كۆيۈشۈپ قالغاندەك، بايىقى ھەرىكەتتىكى بارلىق نەرسىلەرمۇ ئۆز جايىدا قېتىپ قالغاندەك ئىدى.
     كەچۈرۈڭ.
    كاللام ھېچنېمىگە ئىشلىمەي قالدىمۇ ياكى باشقا مۇۋاپىق سۆز تاپالمىدىممۇ، ناھايىتى پەس ئاۋازدا بۇ سۆزنى تەكرارلىدىم.
     كەچۈرۈڭ...
    دىليارنىڭ ئالقىنى قولۇمنى ئۆزىگە يوشۇرغاندا سۆزۈم ئۈزۈلۈپ قالدى. ھەر ئىككىمىز جىمجىت، ئەمما قاياقتىندۇر پەيدا بولغان بىر سوئال پاشىدەك گىژىلداپ قۇلاق - مىڭەمنى چىقىپ كېتىۋاتاتتى. «نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىڭنى ئۆزۈڭ بىلەمسەن؟» بۇ سوئالنى ئويلىغۇم، جاۋاب بەرگۈم يوق بولسىمۇ، ئۇنىڭ مېنى چېقىشى يەنىلا داۋاملاشماقتا. مەن سول قولۇمنى دىليارنىڭ ئالقىنىدىن سەل زورۇقۇپ تارتىپ چىقىرىپ باياتىن بېرى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ سەل تىكلەشكەن بەدىنىمنىڭ كەينىگە يوشۇردۇم. شۇ تاپتا بۇ قولنى نەگە قويۇشنى بىلمەي قالغانىدىم. مەن كۆزۈمنى ئۇدۇلۇمدىكى قونچاقلاردىن يۆتكەپ، شوپۇرنىڭ ئورۇندۇقىنىڭ كەينى تەرىپىگە چاپلانغان «خەلق ساقچىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ» دېگەن ىەتلەرگە تىكتىم.
     نېمە يېنىمغا لۈكچەك چۈشۈۋالدى دەپ ساقچىغا مەلۇم قىلاي دەۋاتمايدىغانسىز؟ بايىقى ھودۇقۇش ھەم ئېغىر كەيپىياتىم بۇ بىر جۈملە سۆز بىلەن يوقۇلۇپ، ئاخىرى ئەبجىقى چىققان جىنايى تۇيغۇلاردىن قۇتۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىدىم.
     ئەمەلىيەتتە مەن بار يەردە سىزنى ساقچىنىڭ قوغدىشى ھاجەتسىز، قاراڭ، ئۇ ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ چىكىسىگە تىرەپ ماڭا بۇرالدى، مەن سىزنى مەڭگۈ قوغدايمەن، ئىشەنمەمسىز؟
    شۇ چاغدىكى ئۇنىڭ بالىلارچە ساددا ھەرىكىتى، ئىشەنچ بىلەن كۈلۈمسىرىگەن يىقىملىق چىرايى ئۇنتۇلماس بىر شەكىلدە قەلبىمگە ئويۇلۇپ قالغانىدى.
    مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپ دەرۋازىسىغا يىقىنلاپ كەلگەندە مېنىڭ ئادەتتە تەپەككۇرغا ھورۇنراق نېرۋىلىرىمنى بىر قېتىم جانلاندۇرغان بۇ ياش ئوقۇغۇچى بالىغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم.
     ئۇكام، مېنى ئەپكىلىپ قويغىنىڭىزغا رەھمەت!
     سىزنى ئاپىرىشىپ قوياي، دىليار ماشىنىدىن چۈشتى ھەم شوپۇرنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتتى.
    كونىراپ كەتكەن ياتاق بىناسى ئالدىغا كەلگەندە قەدەملىرىم توختاپ قالدى. مەن قايسى يوسۇندا خوشلىشىشنى بىلمەي، ئۇنىڭغا خوشلىشىش مەنىسىدە كۈلۈمسىرەپ قويدۇم. دىليار ئىشىككە بىر مىنۇتچە تىكىلىپ ئاندىن ماڭا بۇرۇلدى.
     مېنىڭچە ئىككىمىز ناھايىتى ئۇزۇندىن بېرى تونۇش بولساق كېرەك. مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالغاندەك قىلىمەن، ئۇ كۈچلۈك ئالقانلىرىدا يەلكەمنى قاتتىق قىسىپ ماڭا تىكىلدى، ھەرۋاقىت ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.
    شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوتتەك چاقناق كۆزلىرىگە تىكىلىپ ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى تەكرارلىماقچى بولدۇم. ئەمما گىلىم ھەم تىلىم قۇرۇپ كەتكەندەك مەندىن ھىچبىر سادا چىقمىدى. ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ مەندىن يىراقلىشىپ مەيدانغا يىتىپ بارغاندا يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ دەقىقە تۇرۇپ قالدى. مەن دەل شۇ چاغدا ئېسىمنى يوقاتقاندەك «دىليار» دەپ چاقىرىپ سالدىم ھەم مىنۇت ئىچىدە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدۇم. قانداقتۇر بىر ئۆمۈرلۈك ۋەدىنى ئۇنىڭغا تەكرار - تەكرار بېرىش، تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا نېمىلەرنىدۇر تىنماستىن بايان قىلىش ئالدىدىكى تىنىمغا سىغماس بىر ھاياجان كۆزلىرىمدىن مەرۋايىتتەك ياش تامچىلىرىنى تىنماي سىرغىپ چىقىراتتى. مەن قوللىرىمنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىككى بىلىكىمنى قاتتىق قىسىپ تۇرۇپ ئاخىرى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىۋەتتىم.
     دىليار، ھەر ۋاقىت شاد، بەختىيار ئۆتۈشىڭىزنى تىلەيمەن.
    مەن خۇددى كۈلكىلىرىمدەكلا ئەخمىقانە بولغان بىر تىلەكنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ نېمىشقا مېنىڭ راست گەپ قىلمايدىغانلىقىمدىن ئەجەپلەنگەندەك ماڭا دىققەتتە تىكىلدى. ئاندىن قولىنى كۆتۈرۈپ ياشلىرىمنى سۈرتمەكچى بولغىنىدا مەن تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ئۇنىڭ قولىنى توستۇم.
     خەير - خوش دىليار.
     ئىم.
    ئۇ مەندىن يىراقلاپ كەتتى. ئۇ مىڭ چاقىرىملىق يولنى بىر دەقىقىدە بېسىپ مېنىڭ ئالدىمغا كۈلۈمسىرەپ كەلگەن، مەنمۇ بىر دەقىقە ئىسىمنى يوقىتىپ، بەخت ياشلىرىم بىلەن ئۇنىڭغا يىتىشىپ كېلىپ، ئوتتۇرىمىزدىكى بىر قەدەمنى تۈگەللىگەنتىم. ئەمما شۇ چىن كۆز ياشلىرىم ئۈستىگە تىپىپ چىققان ساختا كۈلكىلەرنىڭ ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى تولىمۇ قاتتىق، كىلەڭسىز رېئالنى سەۋەپلەردىن ئىكەنلىكىنى ئۇمۇ چوقۇم چۈشىنىپ يەتتى. تاڭغا يىقىن چوغدەك قىزىغان مەڭزىمدىن مۇزدەك كۆز ياشلىرىم سىرغىپ چۈشكەندە، تۇيۇقسىزدىن كۆپكۆك ياشناپ تۇرغان دەرەخلەرنىڭ مەزمۇت غوللىرىغا باغرىنى يىقىپ ئۇنىڭدىن زىمىستاننىڭ قار - شىۋىرغانلىرىدىن، تومۇزنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئاپتىپىدىن ھەم كىچىنىڭ ۋەھىمىلىك قاراڭغۇلۇقلىرىدىن قانداق غالىپ كەلگەنلىكىنى ماڭا سۆزلەپ بېرىشنى ئۆتۈنىشنى خالاپ قالغىنىم...
    رېستوراندا ئاسىيەنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان يىلى تونۇشۇپ قىلىپ ئاسىيەنى ئۈرۈمچىدە چوقۇم ئېلىپ قالىمەن دەپ چوڭ ۋەدىلەرنى بەرگەن ئەكرەم بىلەن ئۇنىڭ ئاغىنىسى ئالىم خېلىلا قىزىپ قىلىشقان. ئاسىيە، پەرىدەلەرنىڭمۇ مەڭزىلىرى ئاناردەك قىزىرىپ، كۆزلىرى خۇمالىشىپ، ئەرلەرنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرىدىن خۇدىنى يوقىتىشىپ ئۆزلىرىگە ھاياسىزلىق بىلەن تىكىلگەن كۆزلەرگە كىرىپ كەتكۈدەك تەلمۈرۈشۈپ ئولتۇرۇشاتتى. بوسوغىدىن ئاتلاپلا بۇ يەرگە كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلدىم. ئەمدى چىقىپ كىتىشنىڭ ئورنى يوق، شۇڭا «قولۇمنى يۇيۇپ كىرەي» دەپ چىقىپ ياسىنغا مېنى تېزرەك ئالغىلى كېلىشى ھەققىدە تېلېفون قىلىۋەتتىم. ئاسىيە ماڭا بىر ئىستاكان چاي قۇيۇپ بولىشى بىلەنلا ئۇلار ئىلگىر - كېيىن بولۇپ جۈپ - جۈپ بولۇشۇپ قىزلارغا تازىلىق ئۆيىنى كۆرسىتىپ قويۇش باھانىسىدا چىقىپ كېتىشىپ خېلى ھايال بولۇپ قايتىپ كىرىشتى. بىر چاغدا ئاسىيە بىئارام بولىۋاتىمەن دەپ چىقىپ كەتتى. بۇ چاغدا ئەكرەم يېنىمغا سۈرۈلدى.
     مېھرىبان، تازىلىق ئۆيىگە چىكسىڭىز، مەن سىزگە كۆرسىتىپ قوياي.
     رەھمەت، مەن چىقىپ بولدۇم.
     ھە، ئەمىسە بوپتۇ. بىر شەھەردە بولغاندىن كېيىن سالاملىشىپ ئۆتسەك دەيمىزغۇ. يامان نىيىتىمىز يوق، ئەممازە، ھىلىقى ياسىنمۇ نېمە، ھە شۇ ياسىن سىزنى بوزەك قىلغۇدەك بولسا، مانا بىزنىڭ سىزنى قوغدىغۇچىلىكىمىز بار. ھە، قانداق دېدىم مېھرىبان؟!
    مېنىڭ گەپ قىلمىغىنىمنى كۆرۈپ ماڭا تېخىمۇ يىقىنراق سۈرۈلدى. ھاراقنىڭ قاڭسىق پۇرىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
     مېھرىبان، تارتىنماڭ ھە، ئۆلۈپ كېتىدىغان جان بۇ!
    ئورنۇمدىن تۇرۇپ تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا گەپ قىلدىم.
         - ئاسىيەگە قاراپ باقامسىز، ئەجەپ كىرمەيدىغۇ؟
        - خاتىرجەم بولۇڭ، كىرمەي نەگە بارىدۇ. بۇنچىلىك ھاراق بىرنېمە قىلالمايدۇ، ئۇنى!

    ئاسىيەنىڭ چۈشكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. يولدىشى بىلەن خېلى ياخشى ئۆتىدىغاندەك قىلغانتى. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنىڭ ئىلگىرىكى شوخ ھەم زېرەكلىكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ياخشى راۋاج تاپالمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ «ھەر ساھە، ھەر قاتلامدىكى ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ كۆرگەننىڭ زىيىنى يوق» دېگەن كوگىكىسى بويىچە ئارىلىشىدىغان ئادەملىرى ئاز بولمىسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن چىقىشىپ ئۆتۈشنىڭ قانداقتۇر بىمەنە ئۇسۇل - چارىلىرىنى تاپقاندەك قىلاتتى. ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىق پۇرسەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە كېرەك بولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى ئۈچۈن ئىدى. مېنىڭچە ئاسىيە ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى بىلىشى مۇمكىن، ئەمما مۇشۇ سەۋەپ بىلەن ئۆزىنىڭ يوقاتقانلىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۆزىنىڭ يوقاتقان ھەم ئېرىشكەنلىرىنى ھېچقاچان مۇۋاپىق دەڭسەپ كۆرمىەن قىزلار قەدەممۇ - قەدەم ئېزىقتۇرۇش ھەم  مەنىسىز تاماشىلارغا چوڭقۇرلاپ پىتىپ كىتىشەتتى. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل بىغەملىكنىڭ زەھەرلەيدىغىنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىلا بولماستىن يەنە باشقىلارمۇ بولاتتى. ئەكرەمگە ئوخشاش ئەرلەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ يامان ئەمەس خىزمىتى، ئۆزلىرى بىلەن ئانچە - مۇنچە تونۇشلۇقى بار جەمئىيەتنىڭ مەلۇم بىر ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن  قايسىدۇر ئەربابلار بىلەن قانداق يىقىن مۇناسىۋەتتە ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدىكى سەپسەتىلىرى تېخىمۇ مۇھىمى ئازراق پۇل - پۇچەكلىرى بىلەن زېرىكىشتىن  ئۆلۈمدىن قورققاندەك قورقىدىغان ئاياللار ھەم قىزلار ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ چۈرك  بولغان پاقىراق ھەيكەللىرىنى قاتۇرۇشاتتى.
    ياسىن ھايال قالماي مېنى ئالغىلى كەلگەندە ھاياتنىڭ «ھەقىقەتلىرى» ھېچنېمىگە ئىشەنمەسلىك، پەرۋا قىلماسلىق، ئازاپ چەكمەسلىك ھەققىدە پەرىدەگە كۆپۈپ سۆزلەۋاتقان ئالىم بىلەن ئۇنىڭ «ئۆزگىچە دۇنيا قاراشلىرى»غا قاتتىق مەھلىيا بولغان پەرىدە بىز بىلەن سۇسلا خوشلاشتى. ئەمما ئەكرەم بىلەن ھىلى تىخى ياندۇرۇۋېتىپ كىرىپ خېلى روھلىنىپ قالغان ئاسىيە بىزنى «بىللە ئولتۇرايلى» دەپ خېلى تۇتتى. بىز تەسلىكتە خوشلىشىپ چىقىۋالدۇق.
    سىرتقا چىقىپلا ياسىن مېنى قۇچىقىغا تارتتى ھەم پەس ئاۋازدا مەندىن كەچۈرۈم سورىدى.
       -كەچۈر، بۈگۈن سېنى يالغۇز قويدۇم.
      
    ئۇنىڭ كۈچلۈك يۈرەك سوقۇشى ماڭا مۇتلەق بىخەتەرلىك ھەم قانائەتلىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىپ، بەختىيارلىقىمنى ئىسپاتلىسىمۇ مەن خىجىللىقتا يەنىلا ئۇنىڭ قۇچىقىدىن تېزلىكتە ئاجرىۋالدىم. ئەمما ئۇنىڭ ماڭا تىكىلگەن، ئاي نۇرىدا تېخىمۇ سوزۇلۇپ كەتكەن چىرايى ھەم مىڭلارچە ئىپادىدە تىنىق نۇرلانغان كۆزلىرى مېنى سىھىرلەپ قويدى.
     ياسىن، سەن مېنى بەختىيار قىلدىڭ، سەندىن ھېچقاچان رەنجىگەن ئەمەسمەن.
    ياسىن، بىردىن قولۇمنى تارتىپ ماشىنا توسۇش ئۈچۈن يەنە بىر قولىنى كۆتۈردى.
     يۈر، سېنىڭ ياتىقىڭغا بارايلى.
    بۈگۈن مەن ئاسىيەلەرگە ئۇچراپ قىلىپ بىرەر يەردە ئولتۇرىمىز دەپ ماھىرەلەرگخمۇ خەۋەر قىلمىغان ئىدىم. ئەمما ياسىننىڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپمۇ قويماسلىقى، ھەتتا بىرەر تورتخانىغا بولسىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويمىغانلىقىدىن سەل ئەجەپلەندىميۇ، ئەمما بۇ خىل ئەجەپلىنىشنىڭ نەقەدەر چاكىنىلىق ھەم نومۇسسىزلىق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بىردىنلا ئىزا ھەم نومۇستىن چاراسلاپ كۆيگەندەك ئولتۇرالماي قالدىم. خۇددى ياسىن شۇ تاپتا ھەممە ئويلىغانلىرىمنى بىلىپ قالغاندەك خىجىللىقتا تۈگۈلۈپ ئىختىيارسىز ئۇنىڭدىن يۈزلىرىمنى يوشۇردۇم.
     نېمە، توڭلاۋاتامسەن؟
     ياق، ئاۋازىم پۈتۈپ قالغاندەك ناھايىتى زورۇقۇپ گەپ قىلدىم، مەن ئانچە ياخشى ئەمەس.
     شۇنداقمۇ، يامان يىرى مەن دەرھال توي قىلماقچى. سەندىن ياخشىراقنى تاپقىلىغۇ بولار، ئەمما ئۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمەيدۇ - دە!
     ئەسكى! بولدى، ساڭا گەپ قىلمايمەن.
    توينىڭ گىپى ھەر ئىككىلىمىزنىڭ ئۈنىنى ئۆچۈردى. مەن ياسىننىڭ مۈرىسىگە بىشىمنى قويۇپ كۆزلىرىمنى يۇمدۇم. ئكزىدىن باشقا بىر ئادەم بىلەن بىر ئۆمۈر بىر - بىرىگە سادىق بولۇپ كۆيۈنۈشنى تەلەپ قىلىدىغان توي مەندىن نېمىلەرنى ئېلىپ كېتىپ يەنە نېمىلەر بىلەن تارتۇقلىشى مۇمكىن؟ مۇشۇ توي بىلەن يىراقتىكى ئاتا - ئانامنىڭ غەم - ئەندىشلىرىمۇ، كۆيۈمچان خوتۇنلارنىڭ  تەشۋىق - قىياسلىرىمۇ بىر يولى تۈگەپ كىتەر. مۇھىمى مېنىڭ جىمجىت ھەم تەنھالىقتىكى ھاياتىممۇ خېلى جۇشقۇنلاپ قالار. ئەمما نىكاھ ئىككى ئادەمنى بىر بوسۇقتىن ئاتلاتسىمۇ ھېسسىيات يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ تۇراقسىز نەرسە. ئەلۋەتتە نىكاھنىڭ تايىنىدىغىنى خاس ھېسسىياتلا ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تەسىرىگە ھەممىدىن ئاۋال ئۇچرايدىغان نەرسە. ئەمما توي مەيلى قانداق زىددىيەتلەرگە تولغان بولسۇن ئۇنىڭغا بىزنىڭ جۈملىدىن شۇ تاپتىكى مېنىڭ مۇشۇنداق ياشاش ئۇسۇلغا بولغان مۇھتاجلىقىم كۈنسېرى كۈچىيىپ مېنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويىۋاتاتتى.
    مەكتەپ ئالدىدىكى نەرسە - كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىغان كاۋاپچىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ياسىن «ياتاققا چىقىپ يىگۈدەك بىرنەچچە زىخ كاۋاپ ئىلىۋالايلى» دەپ  مېنى كاۋاپچىنىڭ ئالدىدا قويۇپ ئۆزى ياتاققا قاراپ ماڭدى. مەن ھەيرانلىقتا ۋاقىرىدىم:
        -ياسىن، ئاچقۇچ ئالمىدىڭغۇ؟
    ياسىن كەينىگە يېنىپ ئاچقۇچنى ئېلىپ ياتاققا قاراپ يۈگرەپ كىتىپ قالدى. بىرىنىڭ  ياراقتا مېنى كۈتىۋاتقانلىقى مېنى قانداقتۇر غىرىپ ياتىقىمغا ئەمەس بەلكى ئىللىق  بىر ئائىلىگە قايتىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ مېنى ياتاققا تىزراق قايتىشقا ئالدىرىتىپ قويدى.
    ياسىن ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك، مەن تېخى ئىشىك ئالدىغا كەلمەي تۇرۇپلا ياتاقنىڭ ئېلېكتر چىرىغى ئۆچۈپ قالدى. بىردىنلا كۈلگۈم كەلدى. بۇ مەنزىرە ماڭا تۇغۇلغان كۈن تورتى ئۈستىگە سانجىلغان شامنى پۈۋلەش ئالدىدىكى چىراغ ئۆچۈرۈلگەن مەنزىرىنى ئەسلەتتى. مەن خىلمۇ - خىل پەرەزلەرنى رەت قىلىپ ئالدىمغا قاراپ كىتىۋېتىپ ناھايىتى تېزلا خۇددى خىيالى شولىلاردەك ئاجىز نۇر تالالىرىنىڭ ياتىقىمدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ئەھۋالغا بىر تۇرۇپ ئىشەنگۈم كەلسە بىر تۇرۇپ ئىشەنگۈم كەلمەي ئىشىك ئالدىغا كەلگەندە ئاخىرقى بىر تال شامغا (وەقەت ئۈچ تال شام سانجىلغان ئىدى) ئوت يىقىۋاتقان ياسىن مېنى كۆرۈپ قىلىپ دەرھال ئالدىمغا كەلدى ۋە كۆتۈرگىنىچە مېنى كارىۋاتقان قويدى. بىر قولۇمدىكى سومكىنى كارىۋاتقا، يەنە بىر قولۇمدىكى كاۋاپنى تاماق ئۈستىلىگە قويۇپ تىخى كارۋاتقا تەككۈزمىگەن پۇتلىرىمنى ئالدىراپ يەرگە ئالدىم. ياتاقتىكى گىرىمسەن، غۇۋا يورۇقلۇق نىپىز ياش پەردىسىگە ئورالغان كۆزلىرىمگە تېخىمۇ غۇۋا كۆرۈنەتتى. خۇددى ئەقلىمدىن ئازغاندەك توختىماي كۈلۈپ تۇرساممۇ، كۆزلىرىمدىكى بايىقى ياش پەردىلىرى بىردەمدىلا ياش ئۈنچىلىرىگە ئايلىنىپ پەسكە توختىماي سېرىلىپ چۈشەتتى...
     بولدى ئەمدى، شامنى پۈۋلىۋەت، ھىلى شام كۆيۈپ بولسا تىلەك تىلەشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالىسەن!
    خىرىستىيان دىنى ئۇسۇلىدا ئىسلام دىنىنىڭ خۇداسىدىن تىلەك تىلەش، يەنە كېلىپ ناماز ياكى ئايەتلەردىن كېيىن ئەمەس بەلكى تورتقا سانجىلغان شام يورۇقىغا قاراپ تىلەك تىلەشنىڭ نەقەدەر بىمەنىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ھېسابلاشماستىن كۈلۈمسىرەپ كۆزلىرىمنى يۇمدۇم.
    ياسىن بىر توغرام تورتنى قەغەز تەخسىدە ماڭا سۇنۇپ ماڭا مېھىر بىلەن تىكىلدى.
     تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!
     رەھمەت.
    ياسىن يىنىمدا ئولتۇرغاندا نېمىنىدۇر دەڭسەپ بىرھازا قاراپ قالدىم. ئاندىن ئېغىز ئاچتىم.
     بۈگۈن يىنىمدا سەن يوق، بۇ كۈننى مەن بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم. بولۇپمۇ دەم ئېلىش كۈنلىرىنى تەنھا ئۆتكۈزۈش ماڭا بەك تەس كېلىدىكەن.
     ئەمدى ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇ يانچۇقىدىن كىچىككىنە تولىمۇ نەپىس بىر بولاقنى چىقىرىپ ئاچتى، چۈشتىن كېيىنكى ۋاقتىم مۇشۇ ئىش بىلەن ئۆتتى. ساڭا تاقاپ قوياي.
       پاكلىق ھەم ئۇلۇغلۇققا سىمۋول ئاق رەڭلىك ئۈزۈك بارمىقىمغا سىلىندى.
    مەن سوغۇق، ئېغىر ئەمما پارقىراپ تۇرغان ئالتۇن ئۈزۈككە قاراپ بىرھازا ئولتۇرۇپ قالدىم.
     رەھمەت، ئەمما بۇنى تويدا بىراقلا سالاي، بولدى، تويلۇققا تەييارلىغان نەرسىلەرگە قوشۇپ قويغىن.
     بولدىلا، بەرىبىر سەن تاقايسەنغۇ.
     شۇڭا، يەنىلا سەن ساقلىغىن. ياسىن، ھېچ ئەقلىم يەتمەيدۇ، بۈگۈن بىز ئىككىمىز بىللە كەلگەن تۇرساق، بۇ تورت، سوغۇق سەيلەرنى زادى نەدىن پەيدا قىلدىڭ؟
     سېنى ئالغىلى بېرىشتىن بۇرۇن خوشنا ياتاققا قويۇپ قويغان. يەنە ئۇلارغا «سىرتقا چىقىپ كەتمەي تۇرۇڭلار، بىز ھايال بولماي قايتىپ كېلىمىز» دەپ قويغان ئىدىم.
    شۇ تاپتا ياسىنغا نېمە دېيىشنى ياكى نېمە قىلىشنى بىلمەي قالدىم. ئۇ ماڭا بىر ئۆمۈر مۇشۇنداق ياخشى مۇئامىلىدە بولۇپ ئۆتەرمۇ؟ مەن بۇنداق شەرتنى قويمەيمەن، پەقەت ماڭا قاتتىق ئازار بەرمىسىلا بولدى.
     ئىككىمىزنىڭ قاتتىق ئېيتىشىپ قالغانلىقىمىز مېنىڭ ئىسىمدە يوق. تويدىن كېيىنمۇ بىز مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتەلەرمىزمۇ؟
     بۇ ساڭا باغلىق. چۈنكى ھېلىغىچە مەن ساڭا يول قويۇپ كەلدىم. ئەمدى سەنمۇ ئازراق يول قويۇشنى ئۆگىنىۋالمىساڭ، مەن ھېرىپ قالىمەن جۇمۇ!
     گىپىڭچە سەن ئۇۋالچىلىققا قالغان ئوخشىمامسەن؟
       ئۇ بىردىن مېنى قۇچىقىغا تارتىپ قۇلىقىمغا شىۋىرلىدى.
     چاقچاق قىلدىم مېھرىبان. ماڭا تەگكىن، ھە مېنى رەت قىلما، بۈگۈن مېنى رەت قىلما...
    بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە ھېلى تېخى ياسىنغا قايتىپ كېتىشنى قانداق ئېيتىشنى ئويلىشىپ بولمايلا ئۇنىڭ بوش شىۋىرلاشلىرى قۇلىقىم تۈۋىدە يەڭگىل تەۋرىنىپ مېنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى.
     ياق، ئىلىشىپ قالدىڭمۇ؟
    ئۇنىڭ كوپتامنىڭ تۈگمىلىرىنى ئالدىراپ ئېچىۋاتقان قوللىرىنى قوللىرىم توسىۋېلىشقا قادىر بولالمىدى. «ياق، ئۇنداق ئويلىما، بولمايدۇ» دەپ يالۋۇرۇشلىرىم، ۋاقىراشلىرىم ئۇنىڭغا ھېچبىر تەسىر قىلالمىدى. ئاخىرى ئۇ ئىستىنىمنىڭ بەل تاسمىسى بىلەن ھەپىلىشىشكە باشلىغاندا كۆز ياشلىرىم يۈزۈمنى يۇيۇپ بولدى. مەن ئەمدى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپ يالۋۇرۇشقا چۈشتۈم.
     ياسىن، خاپا بولما، بۈگۈن بولمايدۇ، ئەتە بولامدۇ، ئەتە، بىز ئەتىلا نىكاھ ئوقۇتايلى، ئەتە...
    ئەمما قانداقتۇر ئىر ئىپتىدائى غالجىر تەقەززالىقتىن ئەقلىنى يوقاتقان ياسىن ئالدىرىغىنىدىن ماڭا قاراپ قويماي تېرىكتى.
     توي قىلىمىز دىغىمغۇ، ھىلىمۇ مەن سېنى بەك ئۇزاق ساقلام كەتتىم. ئەمدى بولسىمۇ...
    بىردىنلا بەل تاسمامنىڭ بوشاپ كىتىشىدىن ئەندىشلىرىم چىدىغۇسىز غەزەپكە ئايلاندى. باشقىچە ئامال تاپالماي ئۇنىڭدىن يېرىم بوشۇنۇپ چىقىپ ئۇنى تام تەرەپكە كۈچ بىلەن ئىتتىرىۋېتىپ ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىۋەتتىم. كارىۋات گەرچە ئېگىز بولمىسىمۇ يالىڭاچ دۈمبەم بىلەن كاسام سىمونت يەرگە قاتتىق ئۇرۇلدى. كلۆتىرىۋالغان بىشىم تاماق ئۇستىلىنىڭ پۇتىغا ئۇرۇلۇپ بىردەملىككە يەر - جاھاننى قاراڭغۇلۇق باستى.
    زادى نېمە ئىش بولۇپ كەتكىنىنى ئاڭقىرالماي قالغان ياسىن يىنىمغا ئېتىلىپ كېلىپ مېنى قۇچىقىغا ئالدى - دە كۆتۈرۈپ يەنە كارىۋاتقان قويدى. غەزەپ ھەم ئۈمىدسىزلىكتىن ئاچچىق ئىكى تامچە ياش كۆز قارچۇقلىرىمغا ئىسىلىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ تىنىقلىرى يەنىلا شۇنداق ئتىتىك.
     ھېچقىسى يوق، جىنىم، مەن ساڭا ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىمەن.
    ئۇنىڭ مېنى بۇ قەدەر نەزىرىگە ئىلماسلىقى بەدىنىمدىكى ئاغرىقلارنى ئۇنتۇلدۇرۇپ خورلۇق ۋە غەزەپلىرىمنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى. مەن ئۇنىڭغا قاتتىق تىكىلىپ پەس ئاۋازدا كەسكىن بۇيرۇق قىلدىم.
     مەندىن نېرى تۇر، ئۇقتۇڭمۇ، ماڭا تەككۈچى بولما، بولمىسا مەن مۇشۇ يەردە ئۆلۈپ بېرىمەن.
    باياتىن بېرى مېنى ناز قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغانمۇ قانداق، بۇ سۆزلىرىمدىن ھەيران قالغاندەك ياسىن كۆزلىرىنى يوغان ئاچقىنىچە ماڭا تىكىلىپ قالدى. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.
     مەن خالىمەيمەن، شۇڭا مەن ئۆزۈمنى يەرگە ئاتتىم. چۈشەندىڭمۇ؟
    ئۇنىڭ قوللىرى بىلەكلىرىمگە قاتتىق پىتىپ كېيىن بارا - بارا بوشاپ قالدى. ئاغرىقتىن چىشلىرىم كىرىشىپ كەتسىمۇ «ۋاي» دەپ  ئۈنۈمنى چىقارمىدىم. ئۇ مېنى ئاستا ئۆزىگە تارتىپ ماڭا نەسىھەت قىلدى.
     ئەمدى مېنى بۇنداق خاپا قىلما، بۇنداق بالىلىق ئەمدى بىزگە ياراشمايدۇ. بىزنىڭمۇ شىرىن ئەسلىمىلىرىمىز بولۇشى كېرەك.
     ياق، مەن ئۇنىڭدىن تىرەجەپ ئۆزۈمنى تارتىپ ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلەن تىكىلدىم، ھازىر ۋاقتى ئەمەس.
    ئۇنىڭ بىردىن سەۋرىسى تىشىپ يەلكەمدىن قاماللاپ تۇتۇپ مېنى ئۆزىدىن ئىتتىرىۋەتتى. كەينىدىنلا بىلىكىمنى ئامبۇردەك قىسىپ كۆزلىرىمگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ ھۈركىرىدى:
     ۋاي نېمە بولدۇڭ، نېمە، قويەۋا قىز بالا دېگەن سەندەك بولىدىغان بولسا...
    شۇ تاپتا  بىر تىگى يوق قاراڭغا ھاڭغا  مۇئەللەقتىن تىك موللاق چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك، سوغۇق ھەم قاراڭغۇلۇقتا قورقۇنچتىن ئاغزىمغا ئۇچۇقلا چىقىپ، تومۇرلىرىمدىكى قانلار توڭلاپ قالغاندەك بۇ سوغۇق ھەم قورقۇنچتىن مەڭگۈ ئېسىمگە كېلەلمەيدىغاندەك ئىدىم. قاتتىق ئۈمىدسىزلىك ھەم خورلۇقتىن غەزىپىم تىشىپ ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ كوپتامنى ئالدىراپ كىيدىم - دە، دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ سىرتتىكى قاراڭغۇلۇققا بىر مىنۇت تىكىلىپ ئۇنىڭغا پەس ئاۋازدا سۆزلىدىم.
     ياسىن، مەن ھەيران قىلىۋاتىمەن، ئەمدىلىكتە كۆز ياشلىرىم مېنى تاشلاپ قېچىپ، تىترەكلىرىمنى ماڭا ھەمراھ قىلىپ قويغان  ئىدى. مەن سۆزۈمنى داۋاملاشتۇردۇم.
    سەن زادى نېمىدىن قورقىسەن، ياسىن مېنى خۇددى ھاياتىم بويى ئىسىمدىن چىقمىغۇدەك ھاقارەت قىلمىغۇچە كۆڭلى ئەمىن تاپمايدىغاندەك ماڭا تولىمۇ يوچۇن بىر تەلەپپۇزدا سۆزلىدى، يالغۇز ياتاقتا نۇرغۇن يىل ياتتىڭ. ھەممە ئادەم خام سۈت ئەمگەن، يەنە كېلىپ مەن سېنى ئالىمەن دېگەنكەنمەن، بۇنچە ئەندىشە قىلىپ كەتمىسەڭمۇ سېنى خەقنىڭ ئالدىدا يەرگە قارىتىپ قويمايتتىم.
    مەن بۇرۇلۇپ ياسىنغا قارىدىم. ئىككىمىز تولىمۇ يات ھەم ئېغىر بىر كەيپىياتتا بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ قالدۇق. شۇ تاپتىكى ئۇنىڭ سوغۇق نەزەرلىرى «ياسىن مېنى ھەممىدىن بەك قەدىرلەيدۇ» دەپ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلغان ھېس - تۇيغۇلىرىمنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىغان. ئۇنىڭ مەن ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمۇ، مەن ھېچ تەييارلىقسىز ھالەتتىكى ياۋايى ھەرىكەتلىرىمۇ، «سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم» دېگەندىكى ھېسسىياتلىق ئاۋازلىرىمۇ مەندىن بارغانسېرى يىراقلىشىپ كېتىۋاتاتتى. ئەجىبا يۈكسەك دەرىجىدىكى ھەر قانداق بىرىكىشنىڭ قانداقتۇر زورلۇق كۈچى ياكى ئۆتۈنۈشلەر بىلەن ئەمەس بەلكى ئەڭ پاك، ئەڭ مۇقەددەس ئىستەكلەردە ئۆزلۈكتىن ھالقىغاندا ئاندىن مۇقەررەر ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرۈشۈم مۇمكىن. ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭغا بۇلارنى چۈشەندۈرگىدەك قىزغىنلىقىممۇ، ئۇنىڭ بۇلارنى ئاڭلىغۇدەك سەۋرىسىمۇ يوق. شۇنداقتىمۇ مەن ئالتە يىلدىن بېرى «ماڭا كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ بولالايدۇ» دەپ قاراپ كەلگەن ياسىنغا يەنىلا ئازراق چۈشەنچە بېرىشنى توغرا تاپتىم.
     سەن ماڭا قەرزدار ئەمەس. مەن ھەر ئىككىمىز بى ر- بىرىمىزگە بولغان خاتا چۈشەنچىلەردە قايمۇقۇپ يۈرۈپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە سېنىڭ بۇ پىداكار روھىڭدىن تەسىرلىنىشىمنىڭ سېنىڭ ماڭا ھاقارەت قىلغىنىڭدىن شاتلانغىنىمدىن ھېچ پەرقى بولمايدۇ. مېنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇ - ئىستەكلىرىم يوق، پەقەتلا پاكىزراق ياشاپ ئۆتسەك دەيدىغان ئويۇملا بار. مەن سېنىمۇ مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتا دەپ ئويلىغانكەنمەن.
    مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ پۈرۈلۈپ ماڭا زەھەرخەندىلىك بىلەن كۆزۈمنى تېشىپ چىققۇدەك قاتتىق تىكىلگەنلىكىنى، چىشلىرىنىڭ ئارىسىدىن تاۋۇشلارنى تەسلىكتە چىقىرىپ سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇم.
     گىپىڭچە بولغاندا، مەن سېنى مەينەت قىلىشقا ئۇرۇنۇپتىمەن - دە! ساڭا ئىيتاي، سەن ئۆزۈڭنى پاكلىقتا پەرىشتىگە چىقىرىۋال، ماڭا بەرىبىر. مەن سېنىڭ نادانلىقىڭغا ھەم ئۆزۈمنىڭ بىھۇدە يىللىرىمغا ئىچىنىمەن. ئىسىت، ھىلىمۇ مۇشۇنداق ھېسسىياتسىز گۆشلەرنى يەر شارى كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ.
    مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ بۇيرۇق قىلدىم.
     چىقىپ كەت!
     ھىم!...
        ھاڭدەك ئىچىلغان ئىشىكنى يىپىپ، ھوۋۇلداپ تۇرغان ياتاققا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ قايتىپ كىردىم. نېمىنىدۇر جاھىللىق بىلەن ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك ئەينەك ئالدىغا كېلىپ ئۆزۈمگە قاراپ كۈلۈمسىرەشكە ئۇرۇنۇپ كۆردۈم. ئەمما ئەينەكتىكى يۈزۈمنىڭ غەلىتە تارتىشقان مۇسكۇللىرى ھەم ئىپادىسىز كۆزلىرىمنىڭ ئەكسى مېنى بۇ مەنىسىز تىرىشچانلىقتىن نېرى قىلدى. بىردىنلا دېرىزىنىڭ قاراڭغۇ كۆزنەكلىرىدىن پەرىدەنىڭ «ئىھتىيات قىلىڭ جۇمۇ» دېگەندىكى ئىچى قارىلىق بىلە كۈكۈشلىرى زاھىر بولغاندەك، تۆت تامدىن ئۇششاق سۆز خوتۇنلارنىڭ كۇسۇرلاشلىرى كېلىۋاتقاندەك، مېھىر - سۆيگۈسى دەريا ئاتا - ئانامنىڭ يىشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇلغىيىۋاتقان غەم - ئەندىشلىرى بۈگۈن تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۆپىيىۋاتقاندەك بەختسىز تەسىراتلار مېنى باشقىدىن ھازىرقى مىسكىن ھالىتىمگە يۈزلەندۈرۈپ مېنىڭ مېنىڭ بۈگۈنكى قىلغان - ئەتكەنلىرىمنىڭ توغرا - خاتالىقى ھەققىدىكى ئۆتكۈنچى خىياللارغا دۇچار قىلدى.
    ئەينى ۋاقىتتىكى نۇزۇگۇمنىڭ دىيارىمىزنى سىلكىندۈرۈپ ئۆتكەن جاپا - مۇشەققەت ھەم ئۆلۈم ئالدىدىكى قەتئىي باش ئەگمەس روھىنى جەۋلان قىلدۇرۇشقا قۇدرىتى يەتكەن نەرسىنى ئۇنىڭ تومۇر - تومۇرلىرىغا سىڭىپ كەتكەن نومۇس تۇيغۇسىدىن ئىزدىسەك، مىنىڭچە خاتالاشقان بولمايمىز.
    ئەرەپلەرنىڭ بىباھا ئەسىرى «مىڭ بىر كېچە»دىكى ئەقىل - پاراسەتلىك خانىش شەھرىزادمۇ پاساھەتلىك تىللىرى بىلەن قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىق يىللىرى نومۇسلۇق ئاياللارنىڭ تاكى ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە ئۇسسۇزلۇق ھەم ئاچلىق ئازابىغا چىداپ ئاخىرى سۇ، ئاش بەدىلىگە ئۆزلىرىگە نومۇسسىز تەلەپلەرنى قويغۇچىلارنى تەسىرلەندۈرگەنلىكىدەك ھېكايىلەرنى بىرنەچچە رەت ھېكايەت قىلغان ئەمەسمۇ؟
    مۇسۇلمان يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئۆز ئىپپەت - نومۇسىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھاياتىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان پاك ھەم باتۇر قىزلارچۇ؟
    تاكى ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ ئەزىز تۇپرىقىمىزدا باتۇر بولمىغان ئەركەكلەرنى، نومۇسلۇق بولمىغان قىز - ئاياللارنى خەلقىمىزنىڭ نەزىرىگە سىغدۇرۇپ ئكتكەنلىكىنى ياكى ئۇلارنى مەدھىيلىگىنىنى ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانمەن. ئەگەر مەن  بەزى سەۋەپلەرنى دەپ بۈگۈنكى قىلغانلىرىم ئۈچۈن پۇشايمان قىلسام ياكى ئۆزۈمنى سەل ئاشۇرۇۋېتىپ قالدىم دەپ ئېتىراپ قىلسام بۇ ئەمەلىيەتتە ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق نومۇس ۋە ئىپتىخار تۇيغۇلىرىمدىن ۋاز كەچكىنىم بىلەن باراۋەر بولىدۇ. بۇ ھالدىكى مەن يەنە قايسى نەرسەم بىلەن ئۆرە تۇرالايمەن؟ ئۆزۈمنى ھەم باشقىلارنى يەنە قايسى يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ سۆيەلەيمەن؟
    ئەتە سەھەر تۇرۇش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى يۇمغىلى خېلى بولغان بولسىمۇ ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس. چۈنكى ياستۇقتا بىر مەخپىيەتلىك ياتىدۇ. ئۇ ماڭا قانداقمۇ ئارام بەرسۇن؟ ئەجىبا مەن ئۇچرىغان بۈگۈنكى كۆڭۈلسىزلىكلەر ئۈچۈن خۇدا راستىنلا پەرىشتىلەردىن ماڭا ئوتلۇق بىر يۈرەكنىڭ سېغىنىشلىرىنى دەل ۋاقتىدا يەتكۈزگەنمىدۇ ياكى...
    ياستۇق قىپىغا قولۇمنى تىقىپ لىپاپنى ئالدىم. قولۇمغا ئۇزۇن يوللارنى بىسىپ مېنى ئىزدەپ تاپقان خەتنى ئەمەس بەلكى يارىلانغان قانلىق يۈرۈكۈمنى ئېلىۋالغاندەك ئەنسىزلىكتە پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كەتتى. ئاللىقاچان رىتىمىنى يوقاتقان يۈرەك سوقۇشۇمدىن پىكىر - خىيالىممۇ چىچىلغان. ئەمدى خەتنى قويۇپ قويالمايتتىم. بەزگەكتەك قوللىرىم بىلەن لىپاپنى ئالدىراپ يىرتتىم - دە، خەتنى بىر تىنىقتىلا ئوقۇۋەتتىم. يەنە بىر رەت ئوقىماقچى بولۇپ كۆزلىرىمگە تۇتقان بولساممق، بۇ ئەگرى - بۈگرى سىزىقلارنى ئەمدى بىر - بىرىدىن پەرقلەندۈرەلمەي قالدىم. نەزىرىم سىرتقا يۆتكەلدى.
    سىرت سۈتتەك ئايدىڭ، شۇنداقتىمۇ كۈمۈشرەڭ ئاينىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىۋاتقانلىقىغا گۇمانىم ئاشتى. چۈنكى ئۇ ھەرقاچان پەرۋاسىز. شۇ تاپتىكى سىرت قىشنىڭ ئايدىڭ كېچىلىرىدىن ھېچبىر پەرقسىز، سۆڭەك - سۆڭەكلىرىمگىچە ھۇجۇم قىلىپ تىترەتكەن سوغۇق، ئادەمنى شۈركەندۈرگىدەك تىمتاسلىق، تىخىمۇ ئىنىقلىققا قاراپ مۇتلەقلىشىۋاتقان تەنھالىق. تەنھالىق ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىش ھەم كۆرەشلىرىنىڭ نىشانىسى ئەمەس. ئەمىسە ئادەملەرنىڭ نىشانى نېمە، مېنىڭچۇ؟
    خەتنى لىپاپقا سىلىۋېتىپ چىراغنى ئۆچۈردۈم. دېرىزىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بۆلەكچىلا غېرىپ بولۇپ قالغان جىمجىت مەنزىرىلەرگە تىكىلدىم. ئەمما كىمدۇر بىرى مېنى ھەر دائىم ئاق ھەم سالماق ئاۋازلىرى بىلەن شۇ غېرىپلىقىمنى تىلەپ ئۆتۈپ مېنى يورۇق بىر ساھىلغا باشلاپ كىتىدىغاندەك قىلاتتى...
    «...
    پىكىر ۋە تىرىشچانلىقلىرىم ئىزىدىن چىقتى. مەن سەھەرنىڭ ئويناق نۇرلىرىدىن سىزگە بولغان تىلەك ھەم سېغىنىشلىرىمنى ئەۋەتىشتىن باشقا ھەممىنى ئۇنۇتتۇم. ئۆز ئۆزۈمگە سوئال قويۇش بىر تۇرمۇش ئادىتىمگە ئايلاندى. مۇشۇ ئادىتىم بىلەن سىزگىمۇ تەييارلاپ قويغان بىر سوئالىم بار: «سىز مېنى نېمە ئۈچۈن شەپەق تىخى قىزارماستا ئويغاتمىدىڭىز؟» سىز چوقۇم مېنىڭ ئويغىنىدىغانلىقىمنى، قۇياش بىلەن تەڭ سىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ كېلىدىغانلىقىمنى بىلەتتىڭىز. مەن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي قۇياش بىلەن رىقابەتلىشىپ سىزگە قاراپ ئۇچتۇم. ئەمما سىز ئۆزىڭىزنىڭ نېمىلەرنىڭدۇ قورشاۋىدا قالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرگىنىڭىزدە روھلىرىمىز تەنلەردىن ئاجراپ بىپايان قۇملۇقتا ئوت بولۇپ يالقۇنجىدى. ئەمما تەنلەر بىزدىن يىراقتىكى مەھكۇملۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى...
    ئۇ ماڭا ناتونۇش. ئەمما ئۇنىڭ زېرەك قىياپىتى ھەم نازۇك ھەرىكەت قىلىش شەكلى دەسلەپتە خۇددى ئاجىز ئېلېكتر دولقۇنىدەك ماڭا ئانچىكىم ئۇرۇلغان. شۇنداقتىمۇ كېيىنچە ئۇ مەندە ئۇزۇندىن بېرى ئۇنتۇلغان  ئەجداتلىرىمنىڭ قويۇق ھەم قىزىق قانلىرىنى ئۆركەشلىتىشكە قادىر بولالىدى. مەن بۇ  مۇرەككەپ ھالىتىمنى تازا چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، يەنىلا قايمۇقۇپ قالمىدىم. چۈنكى مەن پەقەت سىزگىلا تۇتقۇن. ئەمما سىز خۇشخۇيلۇق بىلەن مېنى ئۇنىڭ يىنىغا قايتا - قايتا ئۇزاتقىنىڭىزدا مەن ناھايىتى ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدىم. سىز بۇلارنى ككرۈپ يەتتىڭىزمۇ؟
    بىلمىدىم، سىز شۇ تاپتا ماڭا بەخت تىلەپ كۆزلىرىڭىزنى يىراقلارغا تىككىنىڭىزدە قەلبىڭىزدە مەۋج ئۇرىۋاتقىنى پەقەت سۆيۈنىشلىرىمدۇ؟ ئەگەر سىز ئۇزۇن ۋاقىت بېكىنگەن سۈكۈتنىڭ ئېغىر پەردىلىرىنى قايرىپ ماڭا تەبەسسۇم قىلغىنىڭىزدا، شۇ تەبەسسۇم بىلەن تەڭ يەنە قانداق سالماق مەنىلەرنى ئاشكارىلاشنى خالايسىزكىن؟
    ياخشى تەربىيە ككرگەن بىر قىز نازۇك قوللىرىنى ئىشىنىپ مېنىڭ ئالقىنىمغا قويغىنىدا، مەن ئۇنىڭغا نېمىلەرنى دېيىشىم مۇمكىن؟ مەن يالغۇزسىراپ ھەم تەمتىرەپ قالدىم. ئاخىرى شۇ قىزنىڭ نازۇك بارماقلىرىنى سىقتىم. ئۇ قىزنىڭ بەزىدىكى مىسكىن ھالىتى ھەم نازۇكلىقى تاقابىل تۇرۇش ئاسانغا توختىمايدىغان بىر سىھىر. ئەمما ئۇنىڭ ناتونۇشلۇقى يەنىلا ئۆزگەرمىدى.
    ئاچامدىن ئاڭلىشىمچە مۇشۇ نەچچە كۈن ئىچىدە تويۇڭلار بولىدىكەن، ئەگەر سىز بۇ تاللىشىڭىزدىن رازى بولسىڭىز، مەنمۇ سىزنىڭ بۇ تاللىشىڭىزنى توغرا كۆرۈشكە ئۇرۇنۇپ باقىمەن.
    مېھرىبان، ئوقۇغۇچىلىرىڭىز قانداقراق؟ مەندىن سورىسىڭىز بۇ يىل مەن تۇتقان سىنىپتىكى بالىلار ئوبدان تىرىشىۋاتىدۇ، بىرنەچچىسىدىن مېنىڭ چوڭ ئۈمىدلىرىم بار.
    سىزنىڭچۇ، زادى مەن بىلەن پاراڭلاشقۇڭىز يوقمۇ؟
    مەڭگۈلۈك دىليار»
    ئۇ مەندىن قانداق مەنىلەردە ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەيدىغانلىقىمنى سوراپتۇ. ئۇ ماڭا كۈلۈمسىرىگەندىن بۇيان مەنمۇ ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا سۆيۈنۈش ھەم ئىپتىخار ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ كەلگەنىدىم. ئۇ بۇلارنى كۆرەلەمدىغاندۇ؟! «جىنىم ئۇكام» بۇ تاۋۇشلار ئۆپكەمدىن سىلىق ئۆتۈپ بوغۇزۇمغا كەلگەندە كەپلىشىپ تۇرۇپ قالدى. «ئەجىبا مەن كىمنى ئالدىماقچى» پەقەت بىلىمسىز ئادەملا ئالدامچىلىق بىلەن ھاياتىنى ئىسراپ قىلىدۇ. مەن بىلىمسىز بولغاچقىلا بىلەرمەنلىك قىلىپ دىليار بىلەن مىسلىسىز ساپ ھەم رەت قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قەدىمى تۈستىكى مۇھەببەت قىسسىسىنى تۈزۈپ ئۇنى دەخلى - تەرۇزغا ئۇچراتماسلىق ئۈچۈن ئۇنى رېئاللىقتا دەپنە قىلدىم. مەن ئۇنىڭ ئۈمىدىنى مەڭگۈلۈككە تۇتاشتۇرماقچى بولغان. ئەمما تەڭرىم بۇنى توغرا كۆرمەي ئۇنىڭ يىپيېڭى باشلىنىش ئالدىدىكى تڭىرقاشلىرىنى ماڭا يەتكۈزدى، ئۇ ئاخىر ئۇزاپ كەتتى. ئەمما ئۇ مېنىڭ ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن سۈپەت سۆزۈمنى توغرا كۆرۈپ ئۆزىمۇ بۇ سۈپەتنى ئىشلىتىپتۇ. «مەڭگۈلۈك دىليار» ياسىنمۇ سەھرا مىجەز قېرى قىزدىن ئالاقىسىنى ئۈزۈپ ئۆزىنى تولىمۇ بىمالال سېزىۋاتقاندۇ. ئۇ مېنىڭ ئالتە يىللىق تەنھالىقىمنى، مىسكىنلىكىمنى غۇۋالاشتۇرۇپ مېنى دوستانە، ئىللىق ھالەتكە يەتكۈزگەن. ئەمما مېنىڭ ئۇنىڭغا قالدۇرغىدەك نەرسەم بولمىدى. بىز ئاخىرىدا ھاقارەت ھەم غەزەپ ئىچىدە بىر - بىرىمىزنىڭ سايىسىدىن چىقىشىپ كەتتۇق. مەن بۇنداق بولۇشنى خالىمايتتىم، ئەمما بۇنى ئۆزگەرتىشكە ئىلاجىسىز قالدىم...
    بىردىنلا دۈمبەم ھەم چىكەمدىكى جاراھەتلەر ئىچىشىپ ئۆزلىرىنى مېنىڭ ئېسىمگە سىلىشتى. ئەمما ھېچقىسى يوق، چۈنكى سالامەتلىكىم ئەزەلدىن ياخشى.
    ئەتىكى يېڭى كۈن ئۈچۈن تۇرمۇشنىڭ يېڭى دولقۇنلىرىدا لاي - لاتقىلارغا تىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن مەلۇم مىقداردىكى كۈچ - قۇۋۋەتنى يەنىلا ئۆزۈمدە ساقلاپ قالغىنىم ياخشى. شۇڭا ئۇخلاش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى يۇمدۇم.

       چۈشۈمدىمۇ يەنىلا مەن ياخشى كۆرىدىغان كۈز پەسلى. مەن يوللارغا تۆكۈلگەن يوپۇرماق ھەم گۈل - گىياھ غازاڭلىرىدىن ھەسرەتلىنىپ قەدەملىرىمنى توختاتمىدىم. چۈنكى بارلىق پەسىللەر ئەسلىدىنلا بىر باشلىنىش. يەنە ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مول - ھوسۇل پەسلىدىن كېيىن يالىڭاچلانغان تەبىئەت باتۇرلۇق بىلەن كۈتىۋالىدىغان ئۈششۈك ھەم توڭ مەزگىلى يىتىپ كېلىدۇ. ۋاھاللەنكى، تەبىئەتنىڭ زارلانغىنى ياكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان سوغۇقنىڭ نەشتەردەك سانجىلىشلىرىدىن ھالىدىن كېتىپ ئەسلىگە كېلەلمەي قالغىنى تۈمەن يىللاردىن بېرى ھېچقاچان كۆرۈلمىگەن ھادىسە. شۇڭىمۇ مېنىڭ مەپتۇنلىقىم ھەم سېغىنىشلىرىم ھامان تېخىمۇ قويۇقلىشىشتىن ئۆزىنى توختىتىۋالالمايدۇ.
       مېنىڭ قەدەملىرىم توختىمىدى. شۇ ھەرىكەتنىڭ ئىچىدىكى مېنىڭ ئاستا - ئاستا ھېس - تۇيغۇلىرىم غۇۋالىشىپ ئۆزۈم ھەم ھەممىدىن بىردەملىككە ئازاد بولدۇم. تولىمۇ ئېغىر ئەمما ئاجايىپ راھەتلىك ئۇيقۇ مېنى باغرىغا پۈتۈنلەي ئالدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇغۇلغان كۈن