ئانامغا خەت

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-20 13:20:15

ئانامغا خەت ئەسسالام ! قەدىرلىك دادا، ئانا ، سىلەرگە چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن ، ئارىمىز شۇنچە يېقىن، بىر ئۆيدە تۇرۇپمۇ سىلەرگە خەت يېزىۋاتقانلىقىمنى كەچۈرۈڭلار ،ئەسلى بولسا دىمەكچى بو...



      ئانامغا خەت

         ئەسسالام ! قەدىرلىك دادا، ئانا ، سىلەرگە چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن ، ئارىمىز شۇنچە يېقىن، بىر ئۆيدە تۇرۇپمۇ سىلەرگە خەت يېزىۋاتقانلىقىمنى كەچۈرۈڭلار ،ئەسلى بولسا دىمەكچى بولغانلىرىمىنى ئۇدۇللۇق ئالدىڭلاردا دىسەم بولاتتى ، چۈنكى سىلەر مىنىڭ ، ئە ، ياق ،بىز ئۈچ پەرزەنىتنىڭ ئەڭ قەدىرلىك ھەم بىردىنبىر مىھرىبان كىىشللىرى ئەمەسمۇ ! بىراق....

         مەن ھەرقانچە جۈرئەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ دىمەكچى بولغانلىرىمنى خەتتە يازغىنىمدەك ئىنىق دىيەلمىگۈدەكمەن ،شۇڭا خەت ئارقىلىق قەلبىمنى (بەلكىم قەلبىمىزنى ) ئىپادىلىمەكچىمەن .

    بەلكىم ئاكام ، ئىنىملەرمۇ مەندەك ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ياكى ئۇنداق ئەمەستۇ ،نىمىلا بولمىسۇن مەن بىرقېتىم بولسىمۇ قەلبىمنى ئىپادىلىۋالاي !

      قەدىرلىك ئانا ،داادا ، سىلەر بىزنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ مىھرىبان ، ئەڭ يېقىن ئادىمىمىزدۇر سىلەر ،سىلەر قانداقلار بولماڭلار خۇددى سىلەر بىزنى  كۆزقارچۇقۇڭلاردەك ئاسراپ كۈيۈنگەندەك بىزمۇ سىلەرنى سۆيىمىز،سىلەرنىڭ كۈلكەڭلەردىن ،مىھرىڭلاردىن ئۇزۇق ئېلىپ ئۆزىمىزنى بەختلىك ھىس قىلىمىز،سىلەرنىڭ چاقچاقلىشىپ ،كۈلۈشۈپ ،كۆڭۈللۈك پاراڭلىشىپ ئولتۇرغۇنىڭلارنى كۆرگىنىمىزدە ئۆزىمىزنى تولىمۇ ئازادە ، تولىمۇ خوشال سىزىمىز .....

       قىسقىسى ؛ سىلەرنىڭ ئورتاق كۈلكەڭلاردىن سۆيىنىمىز ، سىلەرنىڭ بىر -بىرىڭلارغا تەسەللىي بىرىپ ، ئائىلىدىكى ئىشلارغا ئورتاق باش قاتۇرۇۋاتقىڭىلكلارنى كۆرگىنىمىزدە سىلەرنى خۇددىي كىتابلىرىمدىكى قەدىناس دىلكەش دوستلارغا ئوخشىتىپ قالىمەن ، ئائىلىنىڭ ھەقىقەتەن پەرزەنىتلەرنىڭ ئىللىق جەننىتى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىمەن .

           بۇنداق ۋاقىتلاردا كۆڭلىمىز تۇلىمۇ خاتىرجەم بولغاچقا ئۆگەنگەن دەرىسلەرمۇ شۇنداق ئىسىمىزدە تۇرىدۇ ،دوستلىرىمىز تېخىمۇ ئىللىق كۈرۈنۈپ ،ئىشلىرىمىز شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولىدۇ .

            بىراق دۇنيا ئاچچىق بىلەن تاتلىق ،كۈلكە بىلەن قايغۇ ،خۇشاللىق بىلەن خاپىلىق .......ئۆزئارا قۇش كىزەك قىلىپ يارىتىلغاچقىمىكىن ،بىزنىڭ خۇشاللىقىمىزمۇ قاغىشتەككۈر جىدەل - ماجرانىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدۇ .....بىز شۇ خۇشاللىقنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئۈنى - بۇنى قىلىپ باقىمىز يۇ بىراق ئانچە ئۈنۈمى بولمايدۇ ، بولۇپمۇ سىلەرنىڭ گەپ تالىشىپ ، كاجلىق ، جاھىللىق قىلىپ ، ئاغزىڭلارغا كەلگەنچە گەپلەر بىلەن تىل سېلىشىپ كەتكىنىڭلاردا، بىزنىمە قىلارىمىزنى بىلمەي ، ياسىلەرنى توسۇپ قالالماي ،ھەقىقەتەن بىچارە بولۇپ قالىمىز ، ...

         بەختمىزگە يارىشا بۇكۈنلەرمۇ ئاستا - ئاستا ئۆتۈپ كېتىدۇ ، ئاي- يىللار ئىچىدە بۇنداق ئىشلار تەكرارلىنىپ تۇرىدۇ ....

    شۇڭا گەرچە شۇنداق جىدەل - ماجرا ،تالاش-تارتىشلار بولۇپ تۇرسىمۇ ، بىزيەنە خۇشال كۈنلىرىمىزنىڭ ھامان يىتىپ كىلىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايمىز ....

      ئىسىمنى بىلسەم ،بىز بىر ئائىلە ئىكەنمىز ، دادا ،سىز ھەركۈنى ئەتىگەنلا خىزمەتكە ماڭاتتىڭىز ،ئانا ، سىز ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ ،بىزنى مەكتەپكە يولغا سالاتتىڭىز ، ياكى ئېتىزغا بېرىپ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىپ قويلارغا ئوت ئېلىپ ، چۈشلۈكى تاماق ئىتىپ ، ئۆزىڭىز ئازراقلا ئىچىپ ،بىزنى ئويلاپ تاماق ئېلىپ كىلەتتىڭىز ، گەرچە شەنبە - يەكشەنبىلەردە بىزمۇ ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرىدىغان بولساقمۇ ،بىراق كۆپ ھاللادا ئۆزىڭىز يالغۇز ئېتىز ئىشلىرىنى قىلاتتىڭىز ، ھاۋا شۇنچە ئىسسىق كۈنلەردىمۇ ئېتىزدىن چىقماي پاختا تىرەتتىڭىز،ياكى قوناقلارنى ئوغۇتلايتتىڭىز،بىزئازراقلائىسسىپ كېتىدىغان بولساق بىزنى ئېتىزدىن چىقىرىۋىتەتتىڭىز،گەرچە ئۆزىڭىز جاپاتارتىپ قېلىۋاتسىڭىزمۇ ، بىزنى پەقەت مەكتەپتىن ئېلىپ قالمايتتىڭىز،پەقەت يىتىشىپ بولالمىغاندا دادام رۇخسەت سوراپ ياردەملىشەتتى ،.....

        كىيىنچە ئاغرىقچان بولۇپ قالدىڭىز ، داۋالىنىپ خېلى ياخشىمۇ بولۇپ قالدىڭىز،يەنە ئېتىز ئىشلىرىنى ،ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا باشلىدىڭىز ،بىراق ئاچ - توق يۈرۈش ، ھېرىپ - چارچاش ، سىزنى يەنە ھالسىرىتىپ قويدى ، ئەلۋەتتە داداممۇ سىزگە كۆيۈنۈپ دوختۇرخانىلارغا كۆرسەتتى ، سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلدى، ئەلۋەتتە بۇ جەريانلارمۇ تىپ-تىنىچ ئۆتمىدى ، قانچە رەت ،سىلەرنىڭ زىدىيەتلىشىشىڭلاردىن ، بىر- بىرىڭلارنى "سەن" لىشىپ خۇددى دۈشمەنلىشىپ قالغان ئادەمدەك  تىللىشىپ كېتىشىڭلاردىن ، يۈشۈرۈن ئۆزەمنى تۇتۇۋالالمىغان ھالدا يىغلاپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن ، ئانا ! شۇتاپتا سىزدىن سورىغىم كېلىدۇ ؛ "سىز دادامغا ئۆچمۇ ؟....... "

     ھەي ، بۇنداق سوراپ نىمە قىلاي ،سىلەر بەزىدە بۇنداق بولۇپ قالغان بىلەن ، يەنە كۆپ ھاللاردا شۇنداق ئىناق ، قەدىناس دوستلاردىن ئەمەسمۇ ؟

      بىراق شۇنى سوراي  ؛  " تۇرمۇش دىگەن زادى مۇشۇنداقمۇ ؟ بىزلا ئەمەس ، باشقا ئائىلىلەرمۇ شۇنداق ئىگىز-پەس ، ئەگرى توقاي تۇرمۇش ئىچىدە ياشامدىغاندۇ ؟  "

        ئانا ، مانا مۇشۇنداق ، ئىگىز-پەس، ئاچچىق كۈلكىلەر ئىچىدىكى تۇرمۇشتا سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز بەزىدە ياخشىلىنىپ ، بەزىدە يامانلىشىپ تۇردى، ئىلگىرىكى توغۇت ئوپراتسىيسى ، كېيىنكى ئۆت ئوپراتسىيسى بىلەن ئۇدا ئىككى قېتىم ئوپراتسىيگە چۈشتىڭىز ،گەرچە كېيىن ياخشى بولۇپ كەتكەن بولسىڭىزمۇ ،بىراق بۇ سىزنىڭ روھى ۋە جىسمانىي ساغلاملىقىڭىزغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى ، بىز يەنە داۋاملىق مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ، دادام يەنە خىزمەتكە چىقىدىغان بولغاچقا ، گەرچە يەر تېرىمىغان بولساقمۇ ، بىراق سىز يەنىلا ئۆيدە  يالغۇز قالىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ،يالغۇز بولغاچقا بەزىدە تاماق يەپ - بەزىدە يىمەي ، يالغۇزلۇق ئىچىدە نۇرغۇن كۈنلەرنى ئۆتكۈزدىڭىز ، بۇنداق يالغۇزلۇق ھېچكىمگە خۇشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ،ئەلۋەتتە سىزگىمۇ شۇنداق ، بەزىدە دادام بىلەن ئاسانلا تەگىشىپ قېلىشىڭىز مۇشۇخىل ناچار كەيپىياتتىن بولسا كېرەك ، داداممۇ بىر كۈن خىزمەت قىلىپ ھېرىپ - چارچاپ كىرگىنىدە سىزنىڭ خاپا بولغىنىڭىز نى كۆرۈپ ، " ئورۇنسىز خاپا بولدىغۇ  " دەپ قارايدۇ - دە ئاسانلا تەگىشىپ قالىسىلەر .

       مۇشۇنداق يالغۇزلۇق ، ناچار كەيپىيات سىزنى يەنە ئاغرىقچان قىلىپ قويدى ، نەچچە رەت دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالاندىڭىز ، دورا - شەربەتلەرنى ئىچىپ باقتىڭىز ، داداممۇ  ھەرخىل ئامال- چارىلەرنى قىلىپ كۆردى ، گەرچە خېلى ئۆنۈمى بولغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇزۇن مۇددەت  داۋالىنىپ يۈرگەنلىكىڭىز مۇ  (ئەلۋەتتە ، بۇغۇ - ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ) ئاچچىقىڭىز يامان بولۇپ قالدى، خۇداغا شۈكرى ، ھەر ھالدا دادام ئېغىر بېسىق ، سەۋىرچان ئىكەن ، ئىشلار يەنە ياخشىلىنىپ ، يامانلىشىپ تۈردى.

         ئەلۋەتتە سىزنى چۈشىنىمەن ، بىز كىچىك چېغىمىز دا بىزنىڭ ياخشى ئوقۇشىمىز ، دادامنىڭ خىزمىتىنى خاتىرجەم ياخشى قىلىشى ئۈچۈن سىز كۆپ جاپالارنى چەكتىڭىز ، داداممۇ شۇنداق ، ئۆزى كىيمىسىمۇ - كېيمەيدۇ ، ئەمما بىزگە ھەر ھېيىت - بايرامدا دېگۈدەك چىرايلىق كېيىملەرنى ئېلىپ بىرىدۇ ، ئاغرىپ قالغىدەك بولساق دورا ئىزدەپ ، ئەكىلىپ بىرىدۇ ، بىرەر نەرسىنى ئېلىپ بىرىشنى ، ياكى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلساق ئۆزىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قېلىشىنى ئويلىماي قىلىپ بىرىدۇ ، ئانا ، سىزنىڭ راستىنلا ئاچچىقىڭىز يامان بولۇپ قالدى، بىراق بۇ ئۆزگەرىتكىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەسقۇ ؟ سىز مۇ ئامال بار ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىڭ ، بىزمۇ ئامال بار سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز نى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلمايلى  ، يەنە دادامنى چۈشىنىڭ ، دادام بىلەن خۇشال ئۆتكەن كۈنلەرنى ، ئىشلارنى ئەسلەپ تۇرۇڭ ،دادام سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋىلا يامان ئادەم ئەمەسقۇ ؟ مەن بۇنداق دەپ سىزنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن ، پەقەت كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەۋاتىمەن ، بىز بىر ئائىلىدىكى بەش جان ئادەم دەل شۇ دادامنىڭ ئەتتىگەن چىقىپ-كەچ كىرىپ ئىشلىگەن ئىش ھەققى بىلەن يەپ -ئىچىمىز،ئوقۇيمىز،كىيىمىز،داۋالىنىمز، يەنە تېخى ئۆيدىكى نۇرغۇن چىقىملارنى شۇنىڭ بىلەن تۈزلەيمىز ، ھېلىمۇ بىز ئۆينى خېلى ياخشى تۇتۇپ ئولتۇرىمىز، ئاكام تېخى ئەمدى ئىش ھەققى ئالىدىغان بولدى، ،بىراق ئۇنىڭمۇ ئۆزئالدىغا چىقىمى بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ بىراق ، بۇندىن كېيىن تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدۇ ، ئانا ، سىز بەزىدە كۆڭلىڭىزدىكى كېيىمنى ئالالمىغانلىقىڭىزدىن ، دادامدىن خاپا بولىسىز ، دادامنىڭ ئېلىپ بەرگۈسى يوقمىدۇ ؟ مىڭىنچە ئۇنداق ئەمەس ، بىزنىڭ ئائىلىمىز شۇ دادامنىڭ ئىش ھەققىگە قاراشلىق بولغاندىكىن ،بەزىدە پۇل قيىنچىلىقى بولۇپ قالىدۇ ئەمەسمۇ ؟ بىراق سىز بولارنى ياخشى بىلسىڭىز مۇ يەنىلا كاجلىق قىلىپ دادامدىن ئاغرىنىپ خاپا بولۇپ قالىسىز ، گەپ سىلىق بولسىغۇ ياخشى ، بىراق قۇپال بولسىچۇ ؟ يەنە شۇ جىدەل ماجرانىڭ سەۋەپچىسى بولۇپ قالىدۇ ،

        ئانا ، سىزمىنىڭ يەنە داۋاملىق ئوقۇشۇمنى ئارزۇ قىلىسىز، ئەلۋەتتە ، ئوقۇش ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ، ھەم ئەھمىيەتلىك ، بۇنى مەنمۇ ئارزۇ قىلىمەن ، بىراق كۆڭۈل خاتىرجەملىكى بولمىسا قانداقمۇ خۇشال- خاتىرجەم ئوقۇغىلى بولىدۇ دەيسىز ، ...

        مۇشۇ ئۈچ يىللىق ئوقۇش جەريانىدىمۇ مەن ھەرھەپتە ئۆيگە كەلگىنىمدە بەزىدە خۇشال مەكتەپكە قايتتىم ، بەزىدە بولسا كۆڭلۈم تولىمۇ يېرىم ، غەشلىك بىلەن قايتتىم ، بۇنداق ۋاقىتلاردا ھەمىشە ئۆينى ، سىلەرنىڭ خۇشال ئۆتۈشۈڭلارنى ئويلايمەن ، ئاخشىمىمۇ ياتار ۋاقتىمدا "خۇدا ، ئائىلىمىز گە خۇشاللىق ، خاتىرجەملىك ئاتا قىلغايسەن..." دەپ ئىلتىجا قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇخلايمەن .

        شۇڭا مەن داۋاملىق ئوقۇشقا  سەل ئىككىلىنىپ قېلىۋاتىمەن ، ئەگەر مەن يەنە ئوقۇسام ، سىزيەنە يالغۇز قالىسىز ، دادام ياكى ئاكام-ئۇكاملار بىلەن ئازارلىشىپ قالىسىز ، ، بۇنداقتا مەن قانداقمۇ خاتىرجەم ئوقۇيالايمەن .

    مەن شۇنى ئېنىق ھىس قىلىپ يەتتىمكى---- پەرزەنىت ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنىڭ  ئورتاق كۈلكىسىدىن ئارتۇق بەخت يوق ئىكەن ، بىر ئائىلە كىشىللىرى بىر - بىرىگە كۆيۈنسە ، بىر-بىرىنىڭ ھالىغا يەتسە ، بىربىرىنى چۈشەنسە ، ئورتاق كۆلۈپ ، ئورتاق قايغۇرسا بۇ نىمە دىگەن بەختلىك ئائىلە بولغان بولاتتى--- ھە !

        ئانا ، سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز كىلىپ قالسا  ؛ "مەن سەنلەر ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىم ، نەچچە يىغلىدىم ، سەنلەر ماڭا نىمە قىلىپ بەردىڭ ، سەنلەردىن ئۈمىد كۈتكىنىم بىكاركەن......" دەيسىز .

        توغرا ، سىز كۆپ جاپا چەكتىڭىز ، داداممۇ شۇنداق  كۆپ جاپالارنى چەكتى ، بىزنىڭ ئوقۇشىمىزنىڭ ياخشى بولۇشى ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ،ئۆزۈڭلار خەجلەيدىغان پۇلنىمۇ بىزگە خەجلەپ بەردىڭلار ، ئۆزۈڭلار ھېيىتلىق دەپ كىيمىسەڭلار مۇ ئەمما بىزنى چىرايلىق كېيىملەردىن نېرى قالدۇرمىدىڭلار ، مەن "يىمەي يىگۈزۈش ، كەيمەي كەيگۈزۈش "دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدىلەتتىن چۈشۈنىۋاتىمەن ، مانا ، ئىلگىرى كىچىك بولساق ، ئەمدى چوڭ بولدۇق ، ئىلگىرى چۈشەنمىگەن بولساق ھازىرلىدا سىلەرنىڭ بىزگە ئەجىرسىڭدۈرۈۋاتقىنىڭلارنى ، بىزئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقىنىڭلارنى ، ھەتتا شۇ سەۋەبتىن بىر-بىرىڭلار بىلەن تەگىشىپ قالىدىغىڭىلارنى چۈشۈنىۋاتىمىز . .......

        ئانا ، سىز ئاكامنى ئۇنداق يارامسىز ، بۇنداق يارامسىز ، كۆيۈمسىز دېمەڭ ، ئۆزگەرمەيدىغان نىمە با ر ؟ ئاكاممۇ چوقۇم سىز ئويلىغاندەك ،سىز ئۈمىد قىلغاندەك ئادەم بولالايدۇ ، سىز ئاكامغا بىر ئاز ۋاقىت بېرىڭ ، ھەم سەمىيمىيلىك بىلەن نەسىھەت قىلىپ كۆرۈڭ ...

         ئانا ، سىز بىزگە ئىشىنىڭ ، بىز ھەرگىزمۇ يارامسىزلاردىن ئەمەس ، خۇدا بۇيرۇسا ، بىز چوقۇم سىلەر رازى بولغۇدەك ، پەخىرلەنگۈدەك ئادەم بولىمىز ، ئەمما ھازىرلا سىز بىزدىن بۇنى تەلەپ قىلماڭ ، بىزگە يەنە بىرئاز ۋاقىت بېرىڭ .

        ئانا ،سىلەرنىڭ ھەرقېتىم تەگىشىپ قالغىنىڭلاردا،  بىزنىڭ قانداق بولۇپ كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلەمسىز ؟ .... مەن ئۆزەمنى ئېيتسام سىزنىڭ يىغلىغىنىڭزىنى ، دادامنىڭ ئۇھ سىنىپ تاماكا چېكىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگىىنمدە ، بوغۇزۇم ئېچىشىپ ، ئىچ - ئىچىمنى يىغا قاپسىۋالىدۇ ، ئاخىرى بولالماي ، باشقا ئۆيگە چىقىپ يىغلاپ سالىمەن ، خۇشال ئۆتكەن كۈنلەر بولسۇن ، ياكى باشقا كۈنلەر بولسۇن ھەر كۈنى ئەتتىگەن نامازدىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرگىنىمدە ،تىلىم يەنە شۇگەپكە ، يەنى ؛   " ئۇلۇغ ئاللا ،خۇشاللىق ، خاتىرجەملىك ئاتاقىلغايسەن ، ئائىلىمىز گە بەخت ئاتا قىلغايسەن ..... "  دىگەن گەپكە كېتىدۇ ، بەزىدە ئۈزەممۇ سەزمىگەن ھالدا دۇئادا ئۇزاق ئولتۇرۇپ كېتىمەن ، .....

    ئانا ، دادا ، بىز بىر ئائىلە كىشىللىرىغۇ ، نىمىشقا بىر - بىرىمىزنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىپ ، يول قويۇپ  ،كۆڭۈللۈك گەپلەرنى قىلىشىپ ئۆتمەيمىز ، بولدى ئەمدى، بىر- بىرىمىزنى بىچارە قىلىشمايلى ،بىر- بىرىمىز گە ئازار بىرىشمەيلى ،  "خۇشاللىق " بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك نىشانىمىز غۇ ؟ يەنە ، نىمەدەپ ئارىمىزدىن خۇشاللىقنى قوغلايمىز ؟!

    قەدىرلىك ئانا ، دادا ، سىلەر بەزىدە ئۇ - بۇ ئائىلىلەرنىڭ گېپىنى قىلىشىپ كېتىسىلەر ، ئەجىبا بىز مۇ شۇلاردەك خوشال ئۆتەلمەمدۇق ؟ ياق ،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ، بىز پەقەت بىر - بىرىمىزنىڭ مىجەزىنى چۈشىنىپ ،بىر - بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئۆتسەكلەر ، يەنىلا خۇشاللىققا تولغان بەختلىك ئائىلىنى يارىتالايمىز ، سىلەر ئىشىنەمسىلەر ؟ مەن بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەن. ( ئۇلۇغ ئاللا مەدەت بەرگەي !)

    (پەرزەنتىڭلارنىڭ ئاددىي يۈرەك سۆزلىرىنى ئوقۇغىنىڭلار غا كۆپتىن - كۆپ رەھمەت .)
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.