كۆل بويىدىكى چۈش(تۇرغۇن مىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-10 09:08:05

كۆل بويىدىكى چۈش(ھېكايە)تۇرغۇن مىجىت كۈن چۈشتىن قايرىلاي دەپ قالغانىدى. كۈچلۈك ئاپتاپ ئەتراپنى تونۇردەك قىزدۇراتتى. گۈلەپىزخان بېشى ئايلىنىپ ، كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى...

    كۆل بويىدىكى چۈش(ھېكايە)
    تۇرغۇن مىجىت


       كۈن چۈشتىن قايرىلاي دەپ قالغانىدى. كۈچلۈك ئاپتاپ ئەتراپنى تونۇردەك قىزدۇراتتى. گۈلەپىزخان بېشى ئايلىنىپ ، كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ سەھەردە قىلغان چالا-بۇلا ناشتىلىقى بىلەن تا ھازىرغىچە ئاچ قورساق ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنىڭ ئۇزۇن كۆڭلەك ئىچىدىكى بېجىرىم چىڭ بەدىنى ئاپتاپنىڭ تەسىرىدە خۇددى قاسقاندىكى ھور ناندەك كۆپۈشۈپ تەرلەپ كەتكەنىدى. بەدىنىدىن پۇرقىراپ ئۆرلەۋاتقان ھارارەت ئۇنىڭ تىنىقلىرىغا ئۇرۇلاتتى. ئۇ قولىدىكى بىر تۇتام ئوتنى كېۋەز ئېرىقى ئىچىگە تاشلىدى. ئورنىدىن سەل كۆتۈرۈلۈپ ئاندىن ئۇزۇن كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى يەلپۈتتى. ئېتەكتىن كۆتۈرۈلگەن ئارامبەخش شامال ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئاجايىپ بىر ھۇزۇر ئۇنى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە راھەتلەندۈرۈۋەتتى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا «ئۇھ» دەپ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋەتتى.
    ئۇ بىرھازا ئاشۇنداق يەلپۈنگەندىن كېيىن ، بەدىنىدىكى ھارارەتنىڭ تۆۋەنلەپ ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەك ھېس قىدى. ئەمما يۈرىكىنىڭ قېتىدىن ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ چىقىۋاتقان يېڭىچە بىر سەزگۈ ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاشقا باشلىدى.
    كۆز يەتكۈسىز چەكسىزلىككە سوزۇلغان كېۋەز ئېتىزلىرى يېشىل دولقۇن ئىچىدە يېنىك تەۋرىنەتتى. گۈلەپىزخان ئاچ قورساق ، ماغدۇرسىزلىق ئىلكىدە غۇۋالاشقان كۆزلىرى بىلەن يىراق-يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى. ئەمما كۆزلىرى بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسىنى ئىلغا قىلالمىدى. باشقىلار پۇلغا ئادەم سېلىپ كېۋەزلىرىنى ئاللىقاچان ئوتاپ بولغانىدى. شۇڭا بۇ مەيداندا گۈلەپىزخاندىن باشقا ئادەم قالمىغانىدى.
    گۈلەپىزخان ئورنىدىن تۇرغانىدى ، بېشى قېيىپ ، كۆزلىرىگە يەنە قاراڭغۇلۇق تىقىلغاندەك بولدى. بىراق ، ئۇ بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ، مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىگەن پېتى قىر تەرەپكە قاراپ مېڭىپ كەتتى. قىر  بېشىدا ئۇ چاپىنىغا ئوراپ قويۇپ قويغان بىرنەچچە ھورنان بار ئىدى. ئۇ ھورنانلارنى چاپىنى بىلەن قوشۇپ كۆتۈرۈپ ئالدى-دە ، ئۆزىدىن ئۈچ-تۆت يۈز مېتىر نېرىدىكى كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى.
    كۆل ئانچە چوڭ ئەمەس ئىدى. ئەمما ئەتراپتىكى بۈككىدە كۆكلىگەن سۆگەت تاللىرى ، غۇچچىدە ئېچىلغان مامكاپ گۈللىرى ، يالپۇز يەنە ئاللىقانداق ياۋا ئوت-چۆپلەر بىلەن بېزەلگەن گۈزەل قىرغاقلىرى قوشۇلۇپ ، تولىمۇ گۈزەل بولغان بىر تەبىئىي باغچىنى ھاسىل قىلغانىدى. كۆكۈش كۆل سۈيىدە كۆپكۆك ئاسمان ، ئاپئاق بۇلۇت ، يېشىل قىرغاق ، تال سۆگەت قاتارلىقلارنىڭ ئەكسى چىرايلىق جۇلالىنىپ ، ئادەمگە خۇددى كۆل ئاستىدا يەنە بىر گۈزەل ئالەم باردىكىدەك تۇيغۇ بېرەتتى.
    گۈلەپىزخان كۆل بويىغا كېلىپ ، كىچىكرەك بىر تۈپ سۆگەتكە يۆلىنىپ  ئولتۇردى. كۆل يۈزىدىن ئۆرلەۋاتقان ئارامبەخش سالقىن ھاۋا ئۇنىڭ ھاردۇقىنى كۆتۈرۈپ ، كۆڭلىنى ئېچىۋەتتى. ئۇ كۆلنىڭ سۈزۈك سۈيى بىلەن ئالدىراپ قول ۋە يۈزىنى يۇيدى. ئۇ نەچچە كۈندىن بېرى ھەر كۈنى كېۋەز ئوتاۋاتقاچقا ، قوللىرى ئوتنىڭ دېغىدا قارىداپ چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ ، بىردىنلا ئۆزىنى تولىمۇ قەدىرسىز ھېس قىلىپ قالدى. مۇرەككەپ بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان قەلبىنى يەنە داۋالغۇتىۋەتتى. ئەمما بۆرىدەك ھۇۋلاپ قىستاپ كېلىۋاتقان ئاچلىق ئازابى ئۇنى بىرنەرسە يېيىشكە ئۈندەيتتى. يەنە كېلىپ مەيىن شامالدا يېنىك دولقۇنلاپ تۇرغان كۆلنىڭ زۇمرەت سۈيى ئۇنىڭ ئىشتىھاسىنى توختاۋسىز غىدىقلايتتى.
    ئۇ چاپىنىنى ئېچىپ ئىچىدىكى ھورناننى ئالدى ۋە خۇددى بىرسى تارتىۋالىدىغاندەك ھېچنېمىگە قارىماستىن ، چوڭ-چوڭ چىشلەپ يېيىشكە باشلىدى. ئەمما ، بەك تېز يەۋەتكەچكە بىرنەچچە چىشلەم يەپلا ھورنان مەيدىسىدە تۇرۇپ قېلىپ ، ئارقا-ئارقىدىن ھېق تۇتۇپ كەتتى. ئۇ سۈزۈك سۇدىن بىرنەچچە ئوچۇم ئىچىپ ئاران ئوڭشالدى. ئاندىن يەنە يېيىشكە باشلىدى. ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ھورناندىن ئۈچنى يەۋەتتى ، گۈپۈلدىتىپ سۇ ئىچتى. ئارقىدىن بىرنەچچىنى كېكىرىپ قويدى. ئۇنىڭ قورسىقى تويغانىدى.
    ئەمدى ئۇنىڭ ئىشلىگۈسى كەلمەي قالدى. تارتقان جاپالىرىنى ئويلىدى. نەچچە كۈندىن بېرى ئاغزىغا تېتىغۇدەك تاماق يەپ باقمىغانلىقىنى ئويلىدى. ئويلىغانسېرى كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئىشتىن رايى يېنىپ كەتتى. «يالغۇز ماڭا ئەسقاتامتى...» دەپ ئويلىدى ئاخىرى ئۇ؛ «جېنىمنى قىيناپ بۇنچە ئىشلەپ نېمە كەپتۇ ، پاختا ساتقان پۇل يەنە شۇ تازنىڭ چۆنتىكىگە كىرىدۇ ، ماڭا شۇنچە ئىشلىگىنىمگە ئۇ يىلدىن-بۇ يىلغا بىرەر قۇر كىيىم ئېلىپ بەرسە بېرىدۇ ، بولمىسا يوق. قورسىقىمنىڭ ئاچ قالمىغىنىغا ، ئۇچامنىڭ يالىڭاچ قالمىغىنىغا شۈكرى دەپ ياشايدىغان گەپ. قانداق چاغدا چۈشۈپ قاپتىمكىن بۇ تازنىڭ قولىغا ، ئۆگەي ئاپامنىڭ دەردىنى تارتقىنىم ئاز كەلگەندەك ، ئەمدى ئەرگە تېگىۋىدىم بۇ تازنىڭ دەردى. ئاھ خۇدا ، قىز بالا دېگەن ئەجەبمۇ ئاجىز بولىدىكەن...»
    گۈلەپىزخان ئېرىنى ئويلاپ يەنە سەپرايى ئۆرلەشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئېرى زايىت ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىزلىكىگە باقماي تولىمۇ قوپال ، كاج ، تەرسا ئادەم ئىدى. گۈلەپىزخانغا تولىمۇ ناچار مۇئامىلە قىلاتتى. چۈنكى زايىتنىڭ ھەدىسى زورىخان گۈلەپىزخاننىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغاچقا ، ئىنىسى بىلەن بىرلىشىپ گۈلەپىزخاننى خورلايتتى. ئۇ ھەر كۈنى ئاياغ يامايدىغان چۇلاق ماشىنىسى ۋە باشقا سەرەمجانلىرىنى كونا ۋېلىسىپىتكە ئارتىپ ، ياماقچىلىق قىلىمەن دەپ يېزا بازىرىغا كىرىپ كېتەتتى. گۈلەپىزخاننى بولسا ئېتىز ئىشىغا ھەيدەيتتى ياكى باشقىلاردەك پۇلغا ئادەم سېلىپ بەرمەيتتى. گۈلەپىزخان ئەتىدىن-كەچكىچە ئېتىزدا ئۆزى يالغۇز ئىشلەيتتى. كەچتە ھېرىپ ھالى قالمىغاندا ، ئۆيىگە بېرىپ تاماق ئېتىشكىمۇ ماجالى يەتمەي قۇرۇق ناننى غاجاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالاتتى. زايىت بولسا بازاردىن ئاشخانىدا تاماق يەپ كېلەتتى. گۈلەپىزخانغا ھېچنېمە ئالغاچ كەلمەيتتى. ئۆزى توق بولغاچقا ، گۈلەپىزخاننىڭ ھالى بىلەن كارى يوق ئىدى. ئەمما ئېتىز ئىشىنىڭ جەريانىنى سوراپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. گۈلەپىزخانغا يېڭىدىن يېڭى ۋەزىپىلەرنى يۈكلەپ تۇراتتى.
    ئويلاۋېرىپ گۈلەپىزخاننىڭ ئىچى سىقىلىپ كەتتى. دەرد ئۇنىڭ يۈرەكلىرىنى غاجاپ جاننى قىينايتتى. ئۇ ئاخىر ھېچنېمىنى ئويلىماسلىق قارارىغا كەلدى. پۇتلىرىنى ئۇزۇن سۇنۇپ ئۆزىنى چىملىق ئۈستىگە تاشلىۋەتتى. چۈشلۈك ئۇيقۇسىدىن مەڭدەپ قېلىپ تۇرۇپلا سايراپ قالغان بىر-ئىككى قۇشقاچنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، كۆلنىڭ ئەتراپى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. سۆگەتنىڭ بوستان تاللىرى ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان كۆك ئاسماندا لەيلەپ يۈرگەن چوڭ-چوڭ ئاق بۇلۇتلار بەئەينى دېڭىزدىكى ئاق پاراخوتقا ئوخشايتتى. گۈپۈلدەپ كېلىۋاتقان يالپۇز پۇرىقى نېرۋىلارنى غىدىقلاپ ، ئۆزگىچە سەزگۈلەرنى قوزغايتتى. گۈلەپىزخان ھەممىنى ئۇنتۇپ راسا بىر ئۇخلىۋالماقچى بولدى. ئەمما كۆزلىرى ھېچ ئۇيقۇغا ئېلىشىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بۇ ياز كۈنىنىڭ كۈن ئەڭ ئۇزۇن چاغلىرى بولغاچقا ، ھاۋامۇ بەكلا ئىسسىپ كەتكەنىدى. كۆل بويىدىكى سالقىنلىق شالاڭلاپ ، بۇ يەردىكى ھاۋامۇ تىنجىق ھاۋاغا ئالمىشىۋاتاتتى. گۈلەپىزخان بەدەنلىرىنى يەنە تەر بېسىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ھەرقانچە قىلسىمۇ ئىچى پۇشۇپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئۇ ئاخىر ئورنىدىن تۇرۇپ پۇتىنى كۆل سۈيىگە چىلاپ باقتى. شۇ ھامان سوغۇق ئېقىم ئۇنىڭ بەدەنلىرىگە تاراپ ، ئۇنى يەنە بىر قېتىم ھۇزۇرلاندۇردى. ئۇ پۇتىنى سۇغا چىلىۋېلىپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك توختىماي چولتوكلىتىشقا باشلىدى. كۆل يۈزىدە سانسىزلىغان چەمبەر ھاسىل بولدى. ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنى سەبىيلىكىگە قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۆگەي ئانىسىنىڭ ھازازۇللىقى ، ئېرىنىڭ رەھىمسىز ، قوپاللىقى ، تۈگىمەس مۇشەققەت ، غورىگۈلچىلىك ، ئىشقىلىپ كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ھەممە ئىشلار بىردەم بولسىمۇ ئۇنىڭ ئېسىدىن كۈتۈرۈلۈپ ، بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى.
    ئۇنىڭ بىردىنلا سۇغا چۆمۈلگۈسى كېلىپ قالدى. بىراق چوپچوڭ بىر خوتۇن مۇشۇنداق كۈندۈزدە ئۆزى يالغۇز قىپيالىڭاچ سۇغا چۆمۈلۈپ يۈرسە سەت ئەمەسمۇ ، يەنە كېلىپ مۇشۇنداق يەردە-ھە؟ ئەمما ئۇنىڭ باشقا ئىشنى ئويلىغۇسى كەلمىدى. ھازىر ئۇنىڭ كەيپى چاغ ئىدى. كۆڭۈلنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ چىقىۋاتقان بىر خىل تۇيغۇ ، بىر خىل ۋەسۋەسە ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چۇلغىتىۋاتاتتى. كۆل ئەتراپى تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. بۇ يەر گۈزەل ، تىنچ ، شۇنداقلا ھاۋالىق بولۇپ ، بەئەينى كىچىك جەننەتنىڭ ئۆزى ئىدى. بۇ كىچىك جەننەت ھازىر ئۇنىڭغىلا خاس ماكان ئىدى. ئەتراپ چەكسىز كەتكەن كېۋەزلىك ، تۆپىدە كۆك ئاسمان ۋە قۇياش ، كۆل بويىدا بولسا ئۇ تەنھا تولغىنىپ  ياتماقتا. ھايات مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرگەن بولسا قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟ ئۇنىڭغا ھېچكىم ، ھېچنېمە دەخلى قىلمىغان بولسا ، ھەتتا ئېرى زايىت ، ئۆگەي ئانىسى زورىخان ، تاملىرى ئىسلاشقان ، تورۇسلىرى ساڭگىلىغان قاراڭغۇ كونا ئۆي قاتارلىقلاردىن ئۇ مەڭگۈ-مەڭگۈ قۇتۇلۇپ ، مۇشۇنداق يەردە جەننەت ھۇزۇرى بىلەن خاتىرجەم ياشىغان بولسا...
    ئۇ ئۆزىنىڭ شېرىن خىيالىدىن ھۇزۇرلىنىپ «پىسىڭڭىدە» كۈلۈپ قويدى.
    ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ھارارىتى بارغانسېرى ئېشىۋاتاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ نېرىسىغا بېرىپ ئەتراپىغا نەزەر سالغانىدى ، كۆزلىرىگە جىمىرلاپ تۇرغان بىر پارچە يېشىل دولقۇندىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمىدى. ئۇ كۆل بويىغا قايتىپ كېلىپ بېشىدىكى نېپىز گىرىپ ياغلىقىنى چىڭىتىپ چەگدى. ئاندىن ئۇزۇن كۆڭلىكىنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ بېشىدىن چىقاردى. باغرىداقسىز ئاپئاق كۆكسى خۇددى بىر جۈپ مۇز چوققىدەك دىڭگىيىپ تۇراتتى. ئۇ ئاخىرىدا تامبىلىنىمۇ سېلىۋېتىپ ئانىدىن تۇغما ھالغا كەلدى ۋە كۆل قىرىدىكى يالپۇزغا ئېسىلىپ تۇرۇپ ئاستا پەسكە سىيرىلدى. سوغۇق كۆل سۈيى شۇ ھامان ئۇنىڭ ھارارىتى ئېشىپ كېتىۋاتقان ۋۇجۇدىغا ئۇرۇلۇپ ، چەكسىز ھۇزۇر بەخش ئەتتى. سۇ ئۇنىڭ كۆكسىگىچە چىققانىدى. ئۇ ئاستا-ئاستا كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا باردى. سۇ سۈزۈك بولغاچقا ئۇنىڭ ئاپئاق بەدىنى سۇ ئىچىدە خۇددى قاشتېشىدەك جۇلالىنىپ كۆرۈنەتتى.
    ئۇ بىرنەچچە قېتىم سۇ ئىچىگە شۇڭغىدى. كىچىك چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش پاقىچىلاپ ئۈزدى ، غۇلاچلاپ ئۈزدى. ئىشقىلىپ قانداق قىلغۇسى كەلسە شۇنداق قىلدى. ئۇ ئۆزىنى راستتىنلا سەبىي چاغلىرىغا قايتىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. ئۇ ھازىر كۆل سۈيىگە ئەمەس ، بەخت دېڭىزىغا چۆمۈلمەكتە ئىدى. ئۇ ھەممە كۆڭۈلسىزلىكنى بىراقلا ئۇنتۇغانىدى.
    ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن سۇ ئۈزۈشكە بېرىلىپ كەتكەچكە ، قانچىلىك ۋاقىت سۇ ئۈزگەنلىكىنى قىياس قىلالمىدى ، پەقەت قىرغاقتىكى سۆگەت ئارقىسىدىن قانداقتۇر ناتونۇش بىر جۈپ كۆزنىڭ ئۆزىنى مارىلاۋاتقانلىقىنى سەزگەندىلا ، قورقۇنچ ئىچىدە تۇرۇپ قالدى. ئىككى ئالىقىنى بىلەن بىر جۈپ كۆكسىنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇۋالدى.
    ئۇ شۇ تۇرقىدا بايا كىيىمىنى سېلىپ قويغان يەرگە بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. چۈنكى ئۇ بىر جۈپ كۆز دەل ئۇنىڭ كىيىمى تاشلاپ قويۇلغان يەردىكى سۆگەتنىڭ ئارقىسىدا ئىدى. ئۇ كۆلنىڭ چىڭ ئوتتۇرىدا دىر-دىر تىترىگەن ھالدا تۇرۇپ قالدى.
    سۆگەتنىڭ ئارقىسىدىكى ئادەم ئاخىر ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئۇ قىرىق ياشلار ئەتراپىدىكى ، رەتلىك كىيىنگەن ، ناتونۇش بىر ئەر ئىدى. گۈلەپىزخان ئۇنىڭ بۇ يەرلىك ئەمەسلىكىنى جەزم قىلدى. ئۇ بۇ ئادەمنى ئىلگىرى زادىلا كۆرۈپ باقمىغانىدى.
    — نېرى كەتسىلە دەيمەن ، قانداق ئادەم سىلە؟
    ئەمما ، ناتونۇش ئەر پەرۋا قىلمىدى. كۆلنىڭ قىرغىقىغا يېقىنلاپ كەلدى.
    — سىلە ئادەممۇ ياكى ئاسماندىن چۈشۈپ سۇ ئۈزۈۋاتقان پەرىزاتمۇ؟
    گۈلەپىزخان ھودۇقۇش ، قورقۇنچ ئىچىدە ناتونۇش ئەرگە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇراتتى.
    — نېمە دەيدىغاندۇ ، ئادەم بولماي ئەمىسە.
    — مەن سىلىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكلىرىگە ئىشەنمەيۋاتىمەن ، سىلىنى مۇشۇ كۆلدە ياشايدىغان سۇ پەرىسىمىكىن دەپ قالدىم.
    — ئوغرى مۈشۈكتەك تىمىسقىلاپ يۈرمەي كەتسىلە دەيمەن ، نېرى كەتسىلە.
    ناتونۇش ئەر بىزەڭلىك بىلەن ھىجىيىپ تۇراتتى. ئەپتىدىن قارىغاندا ئاسانلىقچە كېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
    — كەتمەيدىغان بولسىلا ۋارقىرايمەن ، ئادەم چاقىرىمەن ، ماڭا يامان نىيەتتە بولدى دەيمەن.
    ناتونۇش ئەر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
    — قېنى چاقىرسىلا ، باشقىلارمۇ كېلىپ سىلىنىڭ بۇ چىرايلىق تۇرقىلىرىنى كۆرۈپ باقسۇن. بىراق ئەتراپتا ھېچ ئادەم باردەك ئەمەس.
    — بار ، مېنىڭ ئېرىم بار. ئۇ بايا ئاۋۇ تەرەپكە ھاجەتكە كەتكەن.
    — مۇنداق دېسىلە ، ئەمىسە ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىگە پېتىپ قېلىپ ھازىرغىچە چىقالمايۋاتقان بولسا كېرەك. خاتىرجەم بولسىلا ئۇ ھازىرچە كېلەلمەيدۇ.
    كۆلنىڭ سوغۇق سۈيى گۈلەپىزخاننىڭ ئۈگە-ئۈگىلىرىگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇيۇقسىز ناتونۇش بىر ئەر پەيدا بولۇپ قالغاچقا ، ئۇنى ئىچى-ئىچىدىن تىترەك بېسىپ كەتتى. بارا-بارا ئۇ جالاقلاپ تىترەشكە باشلىدى.
    ئەر كۆلنىڭ لېۋىگە كېلىپ قولىنى سۇغا چىلىدى.
    — كەلسىلە ، قوللىرىنى تارتىۋالاي ، ياكى مەنمۇ يانلىرىغا چۈشەيمۇ؟
    — چۈشمىسىلە ، نېرى كەتسىلە. يوللىرىغا كېتىپ قالسىلا ئاستا.
    گۈلەپىزخاننىڭ سۇدا تۇرۇۋەرگىدەك رەغدى قالمىغانىدى. ئىچ-ئىچىدىن مۇزلاپ ، پەيلىرى تارتىشىپ قېلىۋاتاتتى. ئەمما ناتونۇش بىر ئەرنىڭ ئالدىدا قىپيالىڭاچ ھالدا سۇدىن چىقىشقا ئۇنىڭ غۇرۇرى يول قويمايتتى.
    — نې... نې... نېمانداق... ئادەم... سىلە... نې... نې... نېرى... نېرى كەتسىلە... دەيمەن.
    ئۇنىڭ كالپۇكلىرى كۆكۈرۈپ گەپمۇ قىلالماي قالغانىدى. ناتونۇش ئەر بولسا يەنىلا بىزەڭلىك بىلەن قاراپ تۇراتتى. گۈلەپىزخان ئاخىرى يىغلاشقا باشلىدى:
    — ئۇ... ئۇنداق... قىلماي... نېرى كەتسىلە... كەتسىلە دەيمەن... مەن... مەن... خۇش بولۇپ قالاي... بۇ يەردىن... كە... كە... كەتسىلە...
    ناتونۇش ئەرمۇ گۈلەپىزخاننىڭ سوغۇق سۇدا تۇرۇۋېرىپ توڭلاپ تۈگۈلۈپ كەتكەنلىكىنى كۆردى ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرىدە چاقناپ تۇرغان شەھۋانىي  ئاچكۆزلۈك ئۇنى بۇ يەردىن كېتىشكە يول قويمايتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ چاقماق تېزلىكىدە يېشىنىپ ، كالتا ئىشتان بىلەن سۇغا سەكرىدى.
    گۈلەپىزخان بۇنداق بولۇشنى ئويلىمىغانىدى. ئۇ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى.
    — ھاي... ھاي... چۈشمىسىلە... نېرى... نېرى... كەتسىلە... كەتسىلە دەيمەن...
    گۈلەپىزخاننىڭ گېپى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ناتونۇش ئەر ئۇنىڭ يېنىغا ئۈزۈپ بېرىپ بولدى-دە ، گۈلەپىزخاننى چىڭ قۇچاقلاپ تۇتۇۋالدى. ئۇ ھەقىقەتەن بەك مۇزلاپ كەتكەنىدى. ئۇ ناتونۇش ئەرنىڭ قۇچىقىدا جانسىز تىپىرلايتتى ، ئاۋازىمۇ شىۋىرلىغاندەك چىقاتتى.
    — مېنى قويۇۋەت... قويۇۋەت... ئوغرى... بۇلاڭچى...
    — قورقماڭ ، مەن سىزنى يېمەيمەن. بەك مۇزلاپ كېتىپسىز ، بۇنداق تۇرسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز.
    ئەر ھەش-پەش دېگۈچە گۈلەپىزخاننى قىرغاققا ئېلىپ چىقىپ بولدى. گۈلەپىزخان يەنىلا جانسىز تىپىرلايتتى.
    — قويۇۋەت... قويۇۋەت مېنى... ۋۇي بۇلاڭچى...
    ئەمما ، ئەر ئۇنى قويۇۋەتمىدى ، ئەكسىچە گۈلەپىزخانغا مەھكەم چىرمىشىپ كەتكەنىدى. گۈلەپىزخان بەدەن ھارارىتىنىڭ يەنە ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. تومۇر-تومۇرلىرىدا ئىللىق بىر دولقۇن ئاستا-ئاستا يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. ھەممە نەرسە ئۆز ئەسلىگە قايتتى. ئەر گۈلەپىزخاننىڭ يېنىدا — چىملىق ئۈستىدە ئېغىر-ئېغىر نەپەس ئېلىپ ، پۇشۇلداپ ياتاتتى. ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
    ئاخىر ئەر ئىنجىقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى.
    — مەن سىزنى يەنە ئىزدەيمەن ، ھازىرچە مۇشۇنداقلا خوشلىشىدىغان بولدۇق.
    گۈلەپىزخان ئۈندىمىدى ، كۆزىنىمۇ ئاچمىدى.
    بىر كەمدە ئوت-چۆپلەرنىڭ شىلدىرلىغان ، سۆگەت تاللىرىنىڭ قايرىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا ئەتراپ يەنە ئاۋۋالقىدەكلا تىمتاسلىققا چۆمدى. گۈلەپىزخان ناتونۇش ئەرنىڭ كېتىپ قالغانلىقىنى پەملىدى. ئۇ قانداق پەيدا بولغان بولسا يەنە شۇنداق جىمجىت غايىب بولغانىدى. گۈلەپىزخان ھەتتا ئۇنىڭ كىملىكىنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا گويا بىر چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى.
    كۈن يانغا چۈشكەن بولسىمۇ ، ئەمما تەپتى تېخى يانمىغانىدى. جاننى قىسىدىغان ئاپتاپ ئەتراپنى يەنىلا تىنىمسىز قىزدۇرۇپ تۇراتتى.
    گۈلەپىزخان ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككىنچى قېتىم كۆلگە چۈشتى. كۆلنىڭ سۈيىدە بەدەنلىرىنى پاكىز يۇيدى. قىرغاققا چىققاندىن كېيىن كىيىملىرىنى ئالدىرىماي كىيىپ ، چىملىقنىڭ ئاپتاپ چۈشىدىغان يېرىگە بېرىپ ئولتۇردى. ئۇ ۋۇجۇدىدىكى ئۆچەي دەپ قالغان چوغقا ئوخشاش غۇۋا پىلدىرلاپ تۇرغان شېرىن بىر تۇيغۇ ئىلكىدە كۆزلىرىنى يۇمۇپ ياتتى. مۇشۇ تاپتا تاتلىق بىر ئۇيقۇ ئۇنى ئۆز باغرىغا تارتماقتا ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئۇيقۇغا كەتتى.
    ئۇ ئۇيقۇدىن ئۇيغانغاندا كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغانىدى. گۈلەپىزخان ئورنىدىن ئالدىراپ تۇردى. تەردىن يۈزلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ كۆل قىرغىقىغا بېرىپ سوغۇق كۆل سۈيى بىلەن يۈزلىرىنى يۇيدى. قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھېس قىلىپ ، قېپقالغان ئاخىرقى بىر ھورنان بىلەن چالا-بۇلا قورساق توقلىۋالغاندىن كېيىن ، كېۋەزلىككە قاراپ ماڭدى. كەچكى قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرى كېۋەز مايسىلىرى ئۈستىگە چېچىلىپ ، يېشىل يوپۇرماقلار مەڭزىدە سۇس جىلۋە بىلەن جىمىرلايتتى. گۈلەپىزخان ئەتىگەن يۇلغان ئوت-چۆپلەرنى يىغىپ خالتىغا تىقتى. ئوتلار ئاپتاپنىڭ تەپتىدە ئاللىقاچان سۇلۇشۇپ ، قۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئۇ ئوت تىقىلغان خالتىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتتى.
    گۈلەپىزخان ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. قورقۇنچقىمۇ ، خۇشاللىققىمۇ ئوخشايدىغان مۇرەككەپ بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ قەلبىگە ئىزتىراپ سالاتتى. ئۇ قەلبىنى كۆل سۈيىدەك يېنىك تەۋرىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. كۆل بويىدىكى ئىشلار يادىغا كەلسىلا ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باساتتى ، ئارقىدىنلا شېرىن بىر لەززەت سەزگۈلىرىنى غىدىقلايتتى.
    بۇ چاغدا زايىت تېخى ئۆيىگە قايتمىغانىدى. بۈگۈن گۈلەپىزخاننىڭ ھاردۇقى چىقىپ ، بۆلەكچىلا يەڭگىللەپ قالغانىدى. ئۇ ياخشىراق بىر غىزالىنىش ئۈچۈن لەغمەن ئېتىشكە تۇتۇش قىلدى.
    ئەتراپنى گۇگۇم پەردىسى قاپلىغان چاغدا تاماق تەييار بولدى. زايىتمۇ شۇ چاغدا قايتىپ كەلدى. گۈلەپىزخان زايىتنى كۆرۈپلا ھودۇقۇپ كەتتى. ئەمما زايىت مەست بولۇپ ، گۈلەپىزخاندىكى روھىي  ئۆزگىرىشلەرگە زەن سالغۇدەك ھالى يوق ئىدى. ھەتتا ۋېلىسىپىت ، ئاياغ يامايدىغان چۇلاق ماشىنا قاتارلىق نەرسىلەرمۇ كۆرۈنمەيتتى. قارىغاندا بۈگۈن ئىش قىلماي ھاراق ئىچكەندەك قىلاتتى.
    زايىت ئۆيىگە كىرىپلا گۈلەپىزخانغا ئېسىلدى.
    — ھە خوتۇن... ئىشلار... قانداقراق؟... بۈگۈن ئاكاڭ قارىغاي ياشىدى... مانا مۇشۇنداق ياشىدى. مەن... مەن يەنە ياشايمەن... مۇشۇ ئۆيۈمدە سەن بىلەن ياشايمەن... كېچىچە ياشايمەن.
    ئۇ ھەدەپ گۈلەپىزخاننىڭ كىيىملىرىنى تارتقۇچلايتتى. گۈلەپىزخان بىردىنلا ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا زايىتنى ئىتتىرىۋەتتى.
    — سەن... سەن... مېنى ئىتتىرىۋاتامسەن... مەن كىم؟... مەن سېنىڭ غوجىكاڭ... سېنىڭ ئېرىڭ... ۋۇ قانجۇق...
    — سىزنى ئىتتەرمىدىم ، نەدە ئىتتىرىپتىمەن. بەك چارچاپ كەتتىم قاراڭ. قورسىقىممۇ تېخى ئاچ.
    — نېمە كارىم. مەن... مەن دېگەن سېنىڭ غوجىكاڭ. قانداق قىلغۇم كەلسە ، شۇنداق قىلىمەن...
    — راست ، سىز مېنىڭ غوجىكام. مەن ئازراق تاماق يەۋالاي ، سىزمۇ يەڭ. قاراڭ ، بۇ ئاش بەك ئوخشاپتۇ.
    زايىت گۈلەپىزخاننى تۈزۈك تاماقمۇ يېگىلى قويمىدى. ئۇ بەئەينى قۇترىغان بۇقىغا ، غالجىرلاشقان كالىغا ئوخشايتتى. ئۇ ھەش-پەش دېگۈچە گۈلەپىزخاننى يالىڭاچلاپ ، داق يەرگىلا بېسىۋالدى. گۈلەپىزخان ئازابلىنىپ يىغلىدى ، ئەمما ئۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرەلمىدى.
    گۈلەپىزخان بۈگۈن زايىت بىلەن بىرگە بولغان ھاياتىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. زايىتنىڭ ھەرىكەتلىرى ھايۋانغىلا ئوخشايتتى. قىلچە ھېسسىيات دەيدىغان نەرسە يوق ئىدى. ئادەمنىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرى ئويغىنىدىغان مۇشۇ مىنۇتلاردا گۈلەپىزخان ئۆزىدە قىلچە لەززەت تۇيغۇسى بولمايۋاتقانلىقىنى تۇنۇپ يەتتى. قەلبىدە زايىتقا قارىتا ئازراقمۇ يېقىنچىلىق ھېسسىياتنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندى.
    زايىت بولسا مۇشۇ تاپتا ئۆز ئىشىنىڭ ھەلەكچىلىكىدە گاراڭ ئىدى. ساراڭلاردەك جۆيلەتتى ، كىملەرنىدۇر تىللاپ غۇدۇرايتتى. ئۇنىڭدا ئىنسانىي لەززەت دېگەن مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.
    گۈلەپىزخان ئۆزىنى غالجىر ئىتنىڭ ئالدىدا توپىغا مىلىنىپ ياتقان بىر پارچە خام گۆشكە ئوخشىتىپ بەكلا ئازابلاندى.
    ئۇ ، بۇ كېچىنى ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزدى.
    قۇياش ئۆزىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشاش سەبىي ، بىغۇبار ھۆسنىنى جەۋلان قىلىپ ، زېمىن يۈزىدە زاھىر بولغان چاغدا ئاخشامقى ئىشلار تۈنۈگۈنكى تارىخقا ئايلىنىدۇ. ھايات يېڭى بىر مۇقەددىمىنى باشلايدۇ.
    گۈلەپىزخان بۈگۈنمۇ ئىلگىرىكىدەكلا سەھەر ئورنىدىن تۇردى. يۇيۇنۇپ بەدىنىنى پاكلىغاندىن كېيىن ، ھويلا-ئارامنى پاكىز سۈپۈرۈپ ، يوللارغا سۇ سەپتى. چالا-پېتىر بولسىمۇ بىرنەچچە ھورنان پىشۇرۇۋالدى. ئوچاق نېنى ئاپتاپتا بەك تېز قېتىۋالغاچقا ، ئۇ يۇمشاق تۇرىدىكەن دەپ ھورنانغا تۇرۇۋالغانىدى. ئۇ ئەمدىلا ئېتىزغا ماڭاي دەپ تۇرۇۋېدى ، زايىت كۆزلىرىنى ئۇۋلىغان پېتى ئۆيدىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئىششىغان ، يۈزلىرىنىڭ گۆشلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلىغان بولۇپ ، بۆلەكچىلا ئىسكەتسىزلىشىپ كەتكەنىدى.
    — قوڭ ئورنى يەردىكى كېۋەزنى تېخىچە ئوتاپ بولالماي يۈرەمسەن ، لامزەللە،— دېدى زايىت ئايالىنى يەۋېتىدىغاندەك ئەلپازدا سەت ھومىيىپ.
    — ئاز قالدى.
    — كۈندە شۇنداق دەيسەن ، مېنى ئالداپ كۆل بويىدا ئۇخلاپ كۈننى كەچ قىلىۋاتامسەن-يا؟
    — ياق ، ھەرقانچە ئىشلىسەممۇ ئۆزۈم يالغۇز بولغاندىكىن...
    — ئەمىسە مەنمۇ ساقىلىمنى سۆرەپ ئېتىزغا چىقىپ ، خوتۇن خەقنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى قىلىپ يۈرسەم بولامتى؟ گېپىنى كۆرۈڭا ماۋۇ قانجۇقنىڭ ، بىر تېپىمەن ھېلى.
    گۈلەپىزخان دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە جىم تۇرۇۋالدى.
    — كۆزۈمدە داشمىيىپ تۇرماي بولە چاپسان.
    گۈلەپىزخان چالا پىشقان ھورناننى ئېلىپ ، چەكسىز ئازاب تۇيغۇسى ئىچىدە ئېتىزغا قاراپ راۋان بولدى.
    بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارمىدى. كېۋەز يوپۇرماقلىرىدىكى شەبنەم تامچىلىرى تېخى تولۇق قۇرۇپ بولالمىغانىدى. ئۇششاق تامچىلار خۇددى كىچىك سۈزۈك مارجاندەك سەھەر قۇياشنىڭ نۇرلىرىدا جىمىرلاپ تۇراتتى.
    ئۇ ئەتراپنى بىرەر قۇر ئايلىنىپ قويۇپ كۆل بويىغا كەلدى. سۆگەتكە قونۇۋالغان قۇشقاچلار ئەتىگەنلىك ناۋاسىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سايراشلىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. ئۇ تۈنۈگۈن ياتقان يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاستىدا قېلىپ چەيلەنگەن ياۋا ئوتلار تېخىچە ئۆرە بولالمىغان بولۇپ ، باشقا يەرلەردىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى. تۈنۈگۈنكى ئىشلار كۆز ئالدىغا كېلىۋىدى ، خىجىللىقتىن ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتتى. تۇرۇپلا يەنە ھەممە جاھاندىن كەچكۈسى ، ئۆزىنى كۆلگە تاشلاپ ئۆلۈۋېلىپ ، مۇشۇ كۆلگە مەڭگۈ ھەمراھ بولغۇسى كەلدى.
    ئۇنىڭ يەنە ۋارقىرىغۇسى ، كىملەرنىدۇر يېنىغا چاقىرغۇسى كەلدى. يۈرەكلىرى تىنىمسىز تىپىرلاپ كۆكرەك قەپىسىگە پاتماي قالدى. «ئاھ ، مەن نېمە بولدۇم؟ ئۆلۈمۈم يېقىنلاشتىمۇ ياكى كۆڭلۈمگە جىن كىرىۋالدىمۇ؟ ئەجەب غەلىتە بولۇپ قېلىۋاتىمىنا؟» ئۇ ئالىقانلىرى بىلەن كۆكسىنى چىڭ بېسىۋالدى ، بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە ، پۈتۈن بەدىنى قىزىپ تەرلەشكە باشلىدى. ئۇ ئاخىر بولالماي ئۆزىنى چىملىق ئۈستىگە تاشلاپ ئېغىناشقا باشلىدى. ئىشلەش ئۇنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايتتى. ھەر قېتىم زايىتنىڭ دەھشەتلىك چىرايى كۆز ئالدىغا كەلگىنىدە ، ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. خۇددى ئېتىز بېشىدا زايىت ئۇنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، ئېتىز بېشىغا بېرىشقا رايى تارتمايتتى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ بۈگۈن ھېچ ئىش قىلماي كۆل بويىدا كۈن كەچ قىلىپ ئۆيىگە قايتتى. گېلىدىنمۇ تۈزۈك بىرنەرسە ئۆتمىدى.
    ئۇ كېچىچە چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ يالىڭاچ ھالدا كۆل بويىدا تۇرغۇدەك ، ھېلىقى ئەر ئۇنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋاتقۇدەك. ئاجايىب بىر تۇيغۇ ، ئاجايىب بىر لەززەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى توختاۋسىز غىدىقلاۋاتقۇدەك. ئۇلار يەنە كۆلدە بىرگە سۇ ئۈزۈۋاتقۇدەك. ئۈزە-ئۈزە ئاخىر ئىككىسى بىر جۈپ ئاق قۇغا ئايلىنىپ ، كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقۇدەك...
    گۈلەپىزخان شېرىن چۈشىدىن ئويغانغاندا  ئۆزىنى يەنە تاملىرى ئىسلىشىپ ، تورۇسلىرى ساڭگىلاپ قالغان كونا ئۆيدە كۆرۈپ ، چەكسىز ئازاب ئىچىدە تولغاندى. زايىت بولسا ئۇنىڭ يېنىدا بۇرغىدەك خورەك تارتىپ خىرامان ئۇخلاۋاتاتتى. گۈلەپىزخاننىڭ شۇ ھامان بۇ ئۆيدىن چىقىپ كۆل بويىغا قېچىپ كەتكۈسى كەلدى. بۇ يەردە ئۆزىنى خۇددى قاراڭغۇ غارغا سولىنىپ قالغاندەك ھېس قىلدى.
    يەنە يېڭى بىر تاڭ باشلاندى. گۈلەپىزخان كۈندىكىدەك زايىتنىڭ تاپا-تەنىلىرى ، تىل-ئاھانەتلىرىدىن كېيىن ھور نانلىرىنى قولتۇقىغا قىسىپ ، ئېتىز بېشىغا قاراپ ماڭدى.
    كۆل بويى ئاۋۋالقىدەكلا قۇشقاچلارنىڭ نەغمە-ناۋالىرى بىلەن جانلىنىپ كەتكەنىدى. گۈلەپىزخان كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ يەنە شېرىن خىياللارغا غەرق بولغانىدى. ئەتراپتا بىرەر شەپە بولۇپ قالسىلا بىرسى كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ، ئۇنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتەتتى. ئەمما ، چەكسىزلىككە سوزۇلغان دالىدا بىرەر ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمەيتتى. ئاپتاپ ئەتراپنى تونۇردەك قىزدۇراتتى. ئىسسىقنىڭ دەستىگە چىدىغىلى بولمايتتى. ئۇ بەدەن ھارارىتىنىڭ بارغانچە ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتى. تولغان چىڭ بەدىنى بەئەينى قاسقانغا تىزىپ قويغان ھورناندەك كۆپۈشۈپ ، تەردىن چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاخىر چىداپ تۇرالماي كىيىملىرىنى سېلىپ تاشلاپ كۆلگە سەكرىدى. كۆلگە چۈشكەندىن كېيىن ، بىرسى ئۆزىنى مارىلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئەتراپىغا ئىنچىكىلىك بىلەن سەپسېلىپ چىقتى. بىراق جىمىرلاپ تۇرغان بىر پارچە يېشىل دولقۇندىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە لاسسىدە بولۇپ قالاتتى. ۋۇجۇدىدىكى سىرلىق بىر لەززەت ئۇنىڭ قەلبىگە ئىزتىراپ سالاتتى. ۋۇجۇدىدا ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان بىر ئوت باردەك ، دائىم يۇقىرى ھارارەت ھېس قىلاتتى.
    ئۇنىڭ يەنە كۆلگە چۆكۈپ ئۆلۈۋالغۇسى ، بۇ تەشۋىشلىك خىياللاردىن بىر يولىلا قۇتۇلغۇسى كېلەتتى. بىراق كۆل سۈيى ئۇ چۆكۈپ كەتكىدەك چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. چوڭقۇر بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ راستتىنلا ئۆلۈۋالغۇسى يوق ئىدى. پەقەت قەلبىدىكى ۋەسۋەسىلەرنى بېسىش ئۈچۈنلا شۇنداق يوقىلاڭ خىياللارنى قىلىپ قوياتتى.
    كۈنلەر شۇنداق تەقەززالىق ئىچىدە كۈتۈش ، ئازابلىنىش بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى ئۆيىدىن چىققان پېتى كۆل بويىغا كېلەتتى. چىملار ئۈستىدە يېتىپ تولغىناتتى ، نەچچە رەت سۇغا چۆمۈلەتتى. سۇغا چۆمۈلۈۋېرىپ خۇددى ئۆردەككە ئوخشاپ قالغانىدى. ئۇ سۇغا چۆمۈلگەنسېرى ئىچىدە گۈرۈلدەپ ئوت كۆيۈۋاتقاندەك قىزىپ چىدىيالماي كېتەتتى.
    كېۋەز مايسىلىرىنىڭ ئوتالمىغان تەرەپتىكىلىرىنى ئوتلار چىرماپ كەتكەنىدى. ئەمما بۇلار گۈلەپىزخاننىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. ئۇ ئۆز دەردى بىلەن ئاۋارە ئىدى. بىر ھەپتە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى.
    كۈن چۈشتىن قايرىلغانىدى. ئاپتاپ ئەتراپنى تونۇردەك قىزدۇراتتى. گۈلەپىزخان كۈچلۈك ھارارەت ئىچىدە شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇ بىرسىنىڭ ئاستا تىمىسقىلاپ ئۆزىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى قىلچە سەزمەيتتى. كۈچلۈك قوللار بارماق چوڭلۇقىدىكى سۆگەت تايىقى بىلەن ئۇنىڭ قىزىپ كەتكەن بەدەنلىرىگە ئۇرۇشقا باشلىغاندىلا ، ئاندىن ئۇ ئاچچىق ئاغرىق ئازابىغا چىدىماي چىرقىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
    — ۋۇي ھۇرۇن قانجۇق ، ئىش قىلماي بۇ يەردە چۈش كۆرۈۋېتىپسەن-دە. قاراپ باقە كېۋەزلەرگە ، ئوت دېگەن چىرماپلا كېتىپتۇ.
    زايىت ئۇرۇشتىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. كۆك تاياق ھەر قېتىم تەگكىنىدە گۈلەپىزخان ئاغرىققا چىدىماي چىرقىراپ كېتەتتى. بىردەمدە ئۇزۇن كۆڭلەكنىڭ ئېغىزمىنى تىتىلىپ ، قان تەپچىرەشكە باشلىدى. مۇبادا ئات-ئېشەك بولسىمۇ بۇ تاياققا چىدىمىغان بولاتتى. گۈلەپىزخان ئاخىر ئۇنىڭغا ياندى:
    — ۋۇي بېشىنى يەيدىغان تاز ، تۇرۇپ بەرسەم ئۇرۇۋېرەمسەن؟ مەن سېنىڭ قۇلۇڭمۇ ياكى ئېشىكىڭمۇ؟ خالىساڭ ئۇرىدىغان ، خالىساڭ ئىشلىتىپ خورلايدىغان. مەنمۇ بىر ئادەمغۇ.
    گۈلەپىزخان جان ئاچچىقىدا خۇددى مايمۇندەك ئۇنىڭ يۈزلىرىنى مورلىدى ، ياقىسىغا ئېسىلدى. ھەتتا كاچاتلىرىغا بىرنەچچىنى ئۇرۇۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈردى. ئەمما ئايال دېگەن بەرىبىر ئايال ، كۈچتۈڭگۈر بىر ئەرگە قانداقمۇ تەڭ تۇرالىسۇن. زايىت ئاخىر ئۇنى چېچىدىن قاماللاپ تۇتۇپ ئاستىغا بېسىۋالدى.
    — تېخى ماڭا يېنىۋاتىسىنا جالاپ. ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەيدىغان بولسام.
    — بولسا شۇنداق قىلە تاز ، خۇش بولۇپ قالاي. مەن ئۆلسەم سەنمۇ ئامان قالمايسەن. مەن بىر ئۆلسەم سەن مىڭ ئۆلىسەن.
    — زادى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن.
    — ئۆلتۈرۈۋەت دېدىمغۇ ، تېخى خۇش بولىمەن.
    ئۇلار پومداقلىشىپ يۈرۈپ تەڭلا كۆلگە چۈشۈپ كەتتى. كۆل سۈيى ئانچە چوڭقۇر ئەمەس ئىدى. زايىت كىچىكىدىن تارتىپ بېشىدىن نومۇس قىلىپ سۇغا چۈشەلمەيتتى ، شۇڭا سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيتتى. سۇغا چۈشكەندىن كېيىن زايىت قورقۇشقا باشلىدى. گۈلەپىزخان تېخىچە ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ تۇراتتى. زايىت بىر چۆكۈپ ، بىر لەيلەيتتى.
    — ياقامنى قويۇۋەت جالاپ ، بولمىسا ئىككىلىمىز ئۆلىمىز.
    — ئۆلۈمدىن قورقىدىكەنسەن-ھە؟
    — جان دېگەن ھەممە ئادەمگە تاتلىق.
    — شۇنداق تاتلىق جېنىڭغا مىڭ... تاز...
    زايىت كۆل قىرغىقىدىكى يالپۇزلارغا ئېسىلىپ تۇرۇپ مىڭ بىر بالادا ئاران قىرغاققا چىقىۋالدى.
    — خەپ جالاپ ، ئۆيگە بارغاندا تېخى كۆرىسەن. پۇت-قولۇڭنى چېقىۋەتمەيدىغان بولسام.
    — سەن... سەن تازغا... جېنىمنى... تىكىپ قويدۇم.
    گۈلەپىزخانمۇ مىڭ تەستە قىرغاققا ئۆمىلەپ چىقتى ، چىقىپلا ئايلىنىپ يېتىپ قالدى. تاياق ئۇنىڭ ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
    گۈلەپىزخان مۇشۇ تاياق زەربىسىدە بىر ئاي ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ ، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ بۆلەكچىلا قىياپەتكە كىرىپ قالغانىدى. زايىتمۇ گەپنى يوغان قىلغان بىلەن ئەمدى سەل قورقۇپ قالدى. گۈلەپىزخان ئېيتقاندەك ئالىمادىس ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا ، زايىتمۇ ئامان قالمايتتى. گۈلەپىزخاننىڭ ياتقان ۋاقتى ئۇزارغانسېرى ئۇنى ۋەھىمە بېسىشقا باشلىدى. گۈلەپىزخان ئۇنىڭ كۆزىگە كۈندىن-كۈنگە تۈگىشىپ  كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. زايىت ئاخىر بىر ئوغلاق تېپىپ ئۇنى تېرىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن گۈلەپىزخاندا ئازراق ياخشىلىنىش بولدى.
    گۈلەپىزخان ئۆيدە ياتقان بىلەن كۆڭلى يەنىلا كۆل بويىدا ئىدى. قىزىتمىسى ئۆرلەپ ئېسىنى يوقاتقاندىمۇ ئۆزىنى كۆلدە ، سۇ ئىچىدە ياتىمەن دەپ بىلەتتى. قۇلىقىغا قۇشقاچلارنىڭ تىنىمسىز جاۋىلداشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىر پارچە يېشىل دولقۇن ئۇنىڭ باش ئۈستىدە لەيلەپ تۇراتتى. ناتونۇش ئەر ئۇنىڭ بېشىدا قاراپ تۇرغاندەك بىلىنىپ ، پات-پات چۆچۈپ كۆزىنى ئېچىپ قاراپ قالاتتى. ئۆزىنى دائىم كۆل بويىدا يالىڭاچ تۇرغاندەك ھېس قىلاتتى.
    ئۇ سەل ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغاندا زايىت ئۆزىچە غۇدۇراپ قويدى:
    — كۆل... كۆل... كۆللا دەيدۇ ساراڭ. كۆل بويىدا يالغۇز ئۇخلاپ جىن چاپلاشتىمۇ نېمە؟
    «ئۆزۈڭ ساراڭ» دەيتتى گۈلەپىزخان ئىچىدە ، «سەن تاز نېمىنى بىلەتتىڭ ، ئەسلى شۇ كۈنى كۆلدىن قايتىپ چىقمىسام بوپتىكەن. كۆلدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام ، ياكى خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن بېلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسام قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟ سەن تازدىن ، بۇ ئىسلىق ئۆيۈڭدىنمۇ قۇتۇلاتتىم.»
    گۈلەپىزخاننىڭ كۆزلىرىگە ياش كېلەتتى ، قەلبى يىراقلارغا ئىنتىلەتتى. تاياق زەربىسىدىن جاراھەتلەنگەن ۋۇجۇدىدا سىرلىق بىر تۇيغۇنىڭ ئۈندۈرمىسى ئاستا-ئاستا قايتا بىخلىناتتى.
    يازمۇ تېزلا ئۆتۈپ كەتتى.
    گۈلەپىزخان ئېتىز بېشىغا بارغان چاغ ، ھەممە نەرسە سارغىيىپ ، سۈكۈتكە چۆمگەن دالا مۇڭ ئىچىدە يېيىلىپ ياتاتتى. كۆل قىرغىقىدىكى ئوت-چۆپلەرمۇ سارغىيىپ قورۇلۇشقا باشلىغان ، سارغىيىپ چۈشكەن سۆگەت يوپۇرمىقى بىلەن كۆل سۈيىنىڭ يۈزى كۆرۈنمەي قالغانىدى. ئەتراپ خۇددى گۈلەپىزخاننىڭ تۇرقىغا ئوخشاشلا مىسكىن بىر سىياققا كىرىپ قالغانىدى. بىراق ، گۈلەپىزخان بۇ يەرگە كېلىپلا كۆڭلى ئېچىلىپ كەتتى. كۆل بويى ئۇنىڭغا يەنىلا بۇرۇنقىدەك گۈزەل تۇيۇلاتتى. قۇشقاچلار توختىماي سايرىشىۋاتقاندەك ، ئالتۇنرەڭ مامىكاپلار ئۇنىڭغا كۆز قىسىشىۋاتقاندەك ، يالپۇزلارنىڭ كۈچلۈك ھىدى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى غىدىقلاپ ، ئاللىقانداق سەزگۈلەرنى ئويغىتىۋاتقاندەك...
    — گۈلەپىز ، ھوي گۈلەپىز!
    زايىتنىڭ قوپال چاقىرغان ئاۋازى ئۇنىڭ شېرىن تۇيغۇلىرىنى ئۈزۈپ قويدى.
    — يەنە شۇ كۆل بويىغا بېرىۋاپسەنغۇ ساراڭ ، جېنىڭ چاقىرىۋاتامدۇ؟
    گۈلەپىزخان ئۇنىڭغا سەت ئالىيىپ قويۇپ كېۋەزلىككە ماڭدى. قەلبىدىكى ھاياجىنى تېخى بېسىلمىغانىدى.
    ئۇ كېۋەز تېرىۋېتىپمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپلا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىغا قاراپ قالاتتى. خۇددى ھېلىقى ناتونۇش ئەر ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ مەڭدەپ قالاتتى. كېۋەزلىكنىڭ ھەممە يېرى غۇچچىدە ئېچىلغان پاختىلار بىلەن ئاپئاق تۈسكە كىرگەنىدى. ئەمما گۈلەپىزخاننىڭ كۆزىگە يىراقتا بىر يېشىل دولقۇن جىمىرلاپ تۇرغاندەك بىلىنەتتى.
    ئۇ يا چۈشكە ، يا رېئاللىققا ئوخشىمايدىغان بىر زىددىيەتلىك تۇيغۇ ئىچىدە گاراڭ ھالەتتە ياشايتتى.
    پاختىلار تەييار بولغاندا ئۇ زايىت بىلەن بىرگە پاختا زاۋۇتىغا باردى. پاختا ساتقىلى كەلگەنلەر بەك كۆپ ئىدى. دەرۋازىدىن زاۋۇت ھويلىسىغا كىرىش ئۈچۈنمۇ بىرنەچچە سائەت نۆۋەت ساقلاشقا توغرا كېلەتتى. كۈن ئولتۇراي دېگەندە ئاران ئۇلارغا نۆۋەت كەلدى. پاختىلار جىڭغا بېسىلىپ بولغاندىن كېيىن ، گۈلەپىزخان جىڭچىغا قارىدى. قارىدىيۇ ، خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك پۈتۈن ۋۇجۇدىغا تىترەك ئولىشىپ  كەتتى. جىڭچى دەل ھېلىقى ناتونۇش ئەرنىڭ ئۆزى ئىدى. جىڭچىمۇ گۈلەپىزخانغا قارىدى ، ھودۇقۇپ كەتتى. يۇقىرى بېسىملىق لامپۇچكا يورۇقىدا گۈلەپىزخان جىڭچىنىڭ يۈزلىرىنى دەسلەپتە قەغەزدەك ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى ، ئارقىدىنلا شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېنىق كۆردى. ئۆزىنىڭ بولسا قانداق ھالەتكە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىسىمۇ ، يۈزلىرىنىڭ ئوت كەتكەندەك كۆيۈشۈۋاتقانلىقىنى تۇيدى.
    ھەر ئىككىلىسى ئاخىر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالدى. پاختا جىڭلىتىدىغانلار نۆۋەت تالىشىپ بىر-بىرىنى قىستىشاتتى. زايىت جىڭلىنىپ بولغان پاختىلارنى تارتىپ چۈشۈرۈپ قول ھارۋىسىغا باستى. ئىككى خالتا ھارۋىغا پاتماي ئېشىپ قالدى.
    — سەن بۇ پاختىلارغا قاراپ تۇر ، مەن ماۋۇنى تاشلىۋېتىپ كېلەي.
    زايىت شۇنداق دەپلا ھارۋىنى ئىتتىرىپ كېتىپ قالدى. گۈلەپىزخان پات-پات جىڭچىغا قارايتتى ، جىڭچىمۇ ئۇنىڭغا قاراپ-قاراپ قوياتتى. گۈلەپىزخاننىڭ قۇلىقىغا قۇشقاچلارنىڭ جاۋىلداشلىرى ، يەنە ئاللىقانداق ئاۋازلار ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۆزىنى ئاستا-ئاستا كۆل سۈيىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلدى.
    ئۇلار پاختىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ بىكار بولغاندا خېلى كېچە بولۇپ قالغانىدى. كېچە بولغانغا قارىماي پاختا زاۋۇتى ئالدىدىكى قاتار ئاشخانىلار ، قاۋاقخانىلار بەكلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. پاختا زاۋۇتى ئالدىدىكى ئادەملەر بازاردەك قاينايتتى.
    ئۇلار بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەپ چىقىشتى. بۇ گۈلەپىزخاننىڭ زايىت بىلەن توي قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئېرى بىلەن ئاشپۇزۇلدا تاماق يېيىشى ئىدى. ئۇلار ئەمدى كەتمەكچى بولۇپ تۇراتتى ، قايسىبىر قاۋاقخانىدىن چىققان بىر مەست زايىتقا ئېسىلىۋالدى. بۇمۇ زايىتنىڭ بىر ئاغىنىسى ئىدى. ئۇ زايىتنى ھەدەپ قاۋاقخانىغا سۆرەيتتى.
    — بولدى كېتەيلىچۇ،— دېدى گۈلەپىزخان ئۇنىڭ يېنىدىكى پۇللاردىن ئەنسىرەپ.
    — ئاھاي ، نېمە دەيدۇ ما خوتۇن ، ئەر كىشىنىڭ ئىشىغىمۇ شۇنداق ئارىلىشامدىغان.
    مەست ئەر گۈلەپىزخاننى سىلكىۋەتتى.
    — بىراق...
    — بولدى ، كاپشىماي مەشەدە ئولتۇرۇپ تۇر.
    زايىت گۈلەپىزخانغا ۋارقىراپ قويۇپ قاۋاقخانىغا كىرىپ كەتتى.
    گۈلەپىزخان ئۆزىنى بەكلا يالغۇز ھېس قىلدى. كۆڭلى يېرىم بولۇپ كۆزىگە ياش كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەختسىزلىكىدىن ، تۇرمۇشىنىڭ مەنىسزلىكىدىن ئاھ ئۇردى. ئەتراپتا كىشىلەرنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى بېسىلمايتتى. ئۇ ئۆزىدىن باشقا ھەممە ئادەمنىڭ خۇشال ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇشال بولالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ خىيالىغا جىڭچى كېلىپ قالدى. «ئۇ مۇشۇ يەردە ئىشلەيدىكەن-دە» دەپ ئويلىدى ، «مەن تېخى ئۇنى بۇ دۇنيادا يوق ئادەم ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ، مەن سىزنى ئىزدەيمەن دېگىنى تېخى ، قىپقىزىل ئالدامچى».
    كۆل بويىدىكى ئىشلار يادىغا يېتىشى بىلەن ئۇنىڭ ۋۇجۇدى يەنە قىزىشقا باشلىدى. كۆڭلىنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىدىكى نازۇك تۇيغۇلار ئاستا-ئاستا باش كۆتۈردى.
    قاۋاقخانىدىن زايىتنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەۋاتقىنى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇ سىرتتا ئايالىنىڭ مۇڭغا پېتىپ يالغۇز ئولتۇرغانلىقىنى پۈتۈنلەي يادىدىن چىقىرىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭدا بىر ئەرگە خاس مەسئۇلىيەت دېگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.
    گۈلەپىزخاننى مۈگدەك بېسىشقا باشلىدى. زاۋۇت ئالدىدىكى ئادەملەرمۇ شالاڭلاپ قالغانىدى. بەزى ئاشخانا ، قاۋاقخانىلارمۇ چىراغلىرىنى ئۆچۈرۈپ يېتىشقانىدى. پەقەت بىرنەچچە قاۋاقخانىنىڭ خوجايىنىلا پاختىكارلارنىڭ پۇللىرىنى كۆپرەك سۇغۇرۇۋېلىش قەستىدە بىدار ئولتۇراتتى.
    گۈلەپىزخان بىرسىنىڭ ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى سېزىپ چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈردى. ئۇ زايىتنى چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدى. ئەمما يېنىدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان جىڭچىنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ كەتتى.
    — سىزگە قاراپ تۇرغىنىمغا خېلى بولدى.
    گۈلەپىزخان گەپ قىلماقچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدى ، بىراق كانىيىغا بىرنەرسە تۇرۇپ قالغاندەك گەپ قىلالمىدى.
    — سىزنى بۇرۇنلا ئىزدىمەكچى ئىدىم ، بىراق...
    گۈلەپىزخان ئۈندىمىدى.
    — يۈرۇڭ ، بۇ يەردىن كېتەيلى.
    — ياق ، مەن...
    ئەمما ، گۈلەپىزخان ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى. جىڭچى ئۇنى يېتىلەپ ماڭدى. پاختا قاچىلىغان خالتىلار شۇ يەردىلا قالدى.
    ئۇ جىڭچىنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋاتماقتا ، جىڭچى ئۇنىڭغا بىرنەرسىلەرنى دەپ شىۋىرلايدۇ ، ئەمما ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ. ئۇ كېتىۋاتىدۇ ، نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. پەقەت رېئاللىقتىن قۇتۇلۇشنىلا ئويلايدۇ. ئىسلاشقان قاراڭغۇ ئۆي ، ئالۋاستى چىراي زايىت قاتارلىقلار ئۇنىڭدىن ئاستا-ئاستا يىراقلاشماقتا. ئۇ ناتونۇش ئەرنىڭ ئارقىسىدىن ئۈن-تىنسىز ئاقماقتا.
    بۇ بىر جۈپ گەۋدە ئاخىر تۈن قوينىغا سىڭىپ كەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.