خىلۋەتتىكى ئۆي(تۇرسۇنگۈل تۇردى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-07 22:24:21

خىلۋەتتىكى ئۆي (ھېكايە) تۇرسۇنگۈل تۇردى ئوڭ كۆزىڭىز قايسى، سول كۆزىڭىز قايسى ئاخشام بېرىپ تاپالمىدىم ياتقان يېرىڭىز قايسى؟ تۇرۇپ - تۇرۇپلا ئۇنىڭ خىيالىغا ئاشۇ ناخشا كېلىۋالاتتى. ئۆزىنىڭ بۇ ناخ...

    خىلۋەتتىكى ئۆي (ھېكايە)
    تۇرسۇنگۈل تۇردى


       ئوڭ كۆزىڭىز قايسى،
       سول كۆزىڭىز قايسى
       ئاخشام بېرىپ تاپالمىدىم
       ياتقان يېرىڭىز قايسى؟


       تۇرۇپ - تۇرۇپلا ئۇنىڭ خىيالىغا ئاشۇ ناخشا كېلىۋالاتتى. ئۆزىنىڭ بۇ ناخشىنى شۇ كۈنى ئاخشىمىدىن بۇيان سېغىنىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى ياكى يېقىندىن بۇيان سېغىنىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئىشقىلىپ ئاشۇ ناخشا ئېسىگە كېلىشى بىلەنلا ئۇنىڭدا تاتلىق سېزىم پەيدا بولاتتى - دە، ئارقىسىدىنلا ھېلىقى سەت، بەتبەشىرە خوتۇن پىرقىراپ ئۇسسۇلغا چۈشەتتى. ئۇ ئاشۇ خوتۇننىڭ سەپكۈن باسقان يۈزى، تولۇمدەك ساڭگىلاپ تۇرىدىغان كۆكسى، بەدىنىنى كۆتۈرەلمىگەندەك ئېگىلىپ رەگەتكىگىلا ئوخشاپ قالغات پۇتلىرىغا قىزىقسىنىپ قارايتتى.
    ئايالىنىڭ دائىم غۇدۇڭشۇپ يۈرۈپ ئىشقا بۇيرۇشى بىلەن بىر كۈنلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇنىڭ تاتلىق خىياللىرىنى بۇزۇۋېتەتتى. شۇ چاغدىلا ئۇ ئۆزىدە ئەزەلدىن بۇنداق يات بىر خىيالنىڭ  پەيدا بولۇپ باقمىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئىنتايىن سادىق ئەر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتى - دە، ئىختىيارسىز ئايالى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىگىرمە نەچچە يىللىق ئائىلە تۇرمۇشىدىن سۆيۈنەتتى.
    ئۇنىڭ ئايالى چىرايلىق ھەم لاتاپەتلىك ئىدى. يەنە تېخى ئۇنىڭغا يولۋاستەك ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ئايالىنىڭ چىرايلىقلىقىدىن ئۆزىنى قالتىس ھېسابلايتتى. شۇڭا ئايالىنىڭ بۇيرۇقلىرى بەجانىدىل ئورۇندىلاتتى. قىسقىسى، ئۇ ئايالىغا سادىق بولۇپلا قالماي ئۇنىڭغا بويسۇناتتى. لېكىن قاچانكى ئاشۇ ئىش يۈز بەردى، ئۇ ئۆزىنى شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيىبلەپ كەلدى. سۆزلىرى ئەسلىدىكىدىنمۇ مۇلايىملىشىپ ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتى. ئاشۇ كۈندىكى ئىشلارنى قايتا سادىر قىلماسلىققا قەسەم قىلدى. لېكىن نېمىگىدۇر ئىچى سىقىلاتتى، ئۇيقۇسى قېچىپ بىر يەرلىرى ئاغرىغاندەك ھېس قىلاتتى. ئويلىماي دېگەنچە ئاشۇ كۈنى يۈز بەرگەن تېتىقسىز ئىشلار كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلايتتى.
    بۇ ئىشقا ئۇنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت كۆرۈشمىگەن ساۋاقدىشى سەۋەب بولدى. ئۇلار كوچىدا تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ قېلىپ ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. ئىككىسى ئاشپۇزۇلدا ئۆتكەن قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلەشكەچ ئانچە - مۇنچە ئىچىشىپمۇ قويدى. سۆز خەلقئارا تېمىدىن ھالقىپ ئاياللار - قىزلار، ئاخىرىدا ناخشا - مۇزىكىلاردا توختىدى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدا ئاڭلايدىغان دۇتار ئاۋازىنى ئاڭلىغۇسى كېلىپ قالدى. ئۇنىڭ ئاشۇ مۇزىكىلار ھەققىدە سۆزلەپ ئېغىر خۇرسىنىشلىرى ساۋاقدىشىنى خۇشال قىلىۋەتتى. چۈنكى ئۇنىڭ سازەندە ئۈلپەتلىرى بار ئىدى. ئۇلار ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ ساۋاقدىشىنىڭ ئۈلپەتلىرىنى ئىزلەپ ماڭدى.
    ئۇ ئادەتتە ھاراق ئىچمەيتتى. شۇ كۈندىكى نەچچە رومكا ھاراق ئۇنىڭغا ئۆز كۈچىنى خېلىلا كۆرسەتكەنىدى. ئۇلار تاغدىن - باغدىن سۆزلىشىپ شەھەردىن چىقىشتى. ئۇلار بىر خالتا كوچىدىكى ئىشىكى ئاجراپ كېتەيلا دەپ قالغان ھويلىنىڭ ئالدىدا توختاپ ئىشىك چەكتى. ھويلىدىن چىققان ئەر ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئۈلپىتى بولسا كېرەك، قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدى. ئۇلار ئەسكى - تۈسكى نەرسىلەر بىلەن تولغان ھويلىدىن ئۆتۈپ ساھىبخان باشلىغان ئۆيگە كىردى. ئۇ يەر - بۇ يەرلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى چۈشكەن، ئىسلىشىپ تامنىڭ رەڭگىمۇ پەرقلەندۈرگۈسىز بولۇپ كەتكەن ئىككى ئېغىزلىق ئۆينىڭ تاشقىرىسىدا تۆت - بەش ئەر ئۈستەلگە تۆكۈپ قويۇلغان گازىر - خاسىڭلارنى زاكۇسكا قىلىپ ئىچىشىۋاتاتتى. ئۇلار بۇ يېڭى ئۈلپەتلىرىنى كۆرۈپ خۇشال بولۇشتى. تېخى ساۋاقدىشىغا بىرنەچچە ئېغىز ھەزىل چاقچاقنىمۇ قىلىشقا ئۈلگۈردى. ئۇلار ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى. ساۋاقدىشى ئۇلارغا ئۇنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن تېخىمۇ جانلىنىپ كېتىشتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ نەزىرى ئۇلارغا چاي قۇيۇپ يۈرگەن ئايالغا چۈشۈپ قالدى. ئايال ئۇنىڭغا بىرقىسمىلا كۆرۈندى. «دۇنيادىكى ئەڭ سەت ئايال بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدى ئۇ ئايالنىڭ ئالا - بۇلىماچ قىلىۋالغان گىرىملىرى ھەم قىسقا قىلىپ كېسىۋالغان چېچىنىڭ كىرپىنىڭ تۈكىدەك دىردىيىپ تۇرۇشىغا قاراپ.
    ئۇ يېڭى ئۈلپەتلىرى بىلەن تېزلا ئۆزلىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى خېلى ماھىر سازەندىلەر بولسا كېرەك، ئۇنىڭ يۈرىكىنى  تىترىتىپ خەلق ناخشىلىرىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتتى. ئۇ ئۇسسۇلغا چۈشتى، ھېلىقى ئايالمۇ ئۇنىڭغا جور بولدى. ئايال سېمىز بولغىنى بىلەن ھەرىكىتى ناھايىتى چاققانىدى. ئۇ شۇ تەرىقىدە قانداقلارچە مەست بولۇپ قالغىنىنى تۇيمىدى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا مۇزىكا ئاۋازىلا ئاڭلىناتتى، ئۇسسۇل ئوينىغۇسىلا كېلەتتى.
    قاتتىق خورەك ئاۋازى ئۇنىڭ شېرىن ئۇيقۇسىنى بۇزدى. ئۇ «ئۆيگە قانداق كەلگەندىمەن» دەپ ئويلاپ چىراغنىڭ يىپىنى ئىزلەشكە باشلىدى. ئۇ تامنى سىيلاشتۇرۇپ يىپنى زادىلا تاپالمىدى - دە، ئارقىسىنى قىلىپ خورەكنى بولۇشىغا تارتىپ ئۇخلاۋاتقان «دوستى»نى نوقۇشلىدى.
     پەقەت ئۇخلاتمىدىڭ ئادەمنى، خورەكنى  بوشراق تارتساڭچۇ ئاداش!
     ۋىيەي، كىم سىزنىڭ ئادىشىڭىزكەن.
    ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى بىلەن تەڭ لىپ قىلىپ چىراغ ياندى. ئۇ ھەيرانلىقتىن كەينىگە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى.  ناتونۇش بىر ئايال چىراغنىڭ يىپىنى تۇتقىنىچە ئىچ كىيىملىرى بىلەن يانپاشلىنىپ ياتاتتى.  ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىۋېتىپ ئايالغا سەپسېلىپ قارىدى. ئۇ ئاخشام ئۆزى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغان ئۆي ئىگىسى ئىدى.
     نېمە چەكچىيىپ قارايسىز. خۇددى ئايال كىشىنىڭ بىر يەرلىرىنى كۆرۈپ باقمىغاندەك.
    ئۇ تەستە ئەسلىگە كەلدى.
     مەن... مەن بۇ يەردە...
     بىلمەس بولۇۋالماڭا تولا، ئاخشام سىز ئۇسسۇل ئوينايمەن دەپ پەقەت كەتكىلى ئۇنىمىدىڭىز، تېخى مېنىمۇ ئۇسسۇل ئوينايمىز دەپ خېلى ئاۋارە قىلدىڭىز، ئاندىن...
    ئۇنىڭ قۇلاقلىرى غۇڭۇلداپ، يۈزلىرى قىزاردى. دەرھال يەردىكى كىيىملىرى ئارىسىدىن ئىشتىنىنى كىيىشكە تۇتۇندى. ئايالمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭلا ئىچ كىيىمىنى كىيىپ كارىۋاتتىن چۈشتى.
     نېمە، شۇنچە بالدۇر كېتەمسىز؟
    ئۇ ئايالنىڭ سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى.  يۈرەكلىرى باشقىچىلا ئەنسىز سوقاتتى. ھېلىلا باشقىلار باستۇرۇپ كىرىپ ئۆزىنى رەسۋا قىلىۋېتىدىغاندەك، «قاراڭلار، ياۋاش دېسە مۈڭگۈزى ئىچىدىكەن ئەمەسمۇ» دەپ مازاق قىلىشىدىغاندەك بىلىنىپ دەرھال ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.
     مۇشۇنداقلا كېتەمسىز؟ چاي پۇلىغا چىقىشالمىغان ھالىڭىزغىمۇ ئەر كىشى دەپ يۈرىدىكەنسىزا ئۆزىڭىزنى.
    ئۇ دەرھال ئېسىگە كەلدى - دە، يانچۇقىدىن يۈز يۈەننى چىقىرىپ ئايالغا تۇتقۇزدى. ئۇ تاكى ئۆز ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگۈچە يۈز بەرگەن شۇ ئىشنى  تۇنجى قېتىم يات بىر ئايال بىلەن بىللە بولۇپ قېلىشتەك ئەخمىقانە ئىشنى ئويلاپ ئۆزىنى ئەيىبلىدى. «ئاشۇ بەتبەشىرە خوتۇننى كۆزۈم كۆرمىسۇن» دەپ ئۆزىگە ۋەدىمۇ بەردى.
    شۇنىڭدىن باشلاپ شۇ كۈندىكى ئىشلارنىڭ ئۇنى ئارامسىزلاندۇرغىنى ئازدەك ئۆزىدە نېمىگىدۇر تەقەززا بولۇشتەك بىر خىل غەيرىي ھېسسىياتنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. قۇلاق تۈۋىدە ئاشۇ ئۆيدىكى يۈرەكنى تىترەتكۈچى ناخشىلار جاراڭلايتتى. ئاشۇ ئۆينىڭ بىر يەرلىرى ئىسسىق بىلىنىپ كۆڭلى تارتاتتى.
    بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ ئۇيقۇسى قاچتى. ۋۇجۇدىدا ئاستا - ئاستا پەيدا بولۇۋاتقان ھاياجانلىرى، تەقەززالىق تۇيغۇلىرى ئۇنى قىينايتتى. ئۇ ئاستا ئايالىغا يېقىنلاشتى، ئارقىسىنى قىلىپ ياتقان ئايالىنىڭ دۈمبىسىنى ئاستا سىيلىدى.
     ئوھۇش، بالىلىرىڭىز ئېڭىكىڭىزگە تاقاشقاندىمۇ ئىزا تارتىشنى بىلمەيدىكەنسىز.
    ئايالى غۇدۇراپ كەتتى.
     ئۇلار ئايرىم ئۆيدە تۇرسا، ماقۇل دېسىڭىزچۇ؟
     مىجەزىم يوق. ئۇيقۇڭىزنى ئۇخلاڭ، بولدى.
    ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتىپ ئۆرۈلدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا يەنە ئاشۇ ئاخشام پەيدا بولدى. ھېلىقى خوتۇن ئۇنىڭ قۇچىقىدا. ياق، ئۇنىڭ ۋىجىككىنە گەۋدىسى قاۋۇل ئايالنىڭ قۇچىقىدا ئىدى.
    ئۇ ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ  زادىلا ئۇخلىيالمىدى. ئايالىنىڭ يېنىك پۇشۇلدىشى ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىپ بىرقىسمىلا قىلىپ قويدى.  ئورنىدىن تۇرۇپ ساپما كەشىنى كىيىپ ھويلىغا چىقتى. ساپ ھاۋادىن ئۇلۇغ نەپەس ئالدى. ئورۇندۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈشكە باشلىدى. خىيالىدا يەنىلا شۇ ئاخشام، ئاشۇ خوتۇن.
    «توۋا، ئەقلىنى لال قىلغۇدەك نى - نى چىرايلىق قىز - ئاياللارنىڭ خىيالىمغا كىرگىنىنى بىلمەيمەن. توي قىلغاندىن بۇيانقى ئۆمرۈمدە ھېچقاچان خوتۇنۇمدىن ئۆزگە يەنە بىر ئايالغا  كۆڭۈل بەرمەي كېلىپ، ئەمدىلىكتە ئاشۇ سەت خوتۇننىڭ ئەقلىمنى ئىگىلەپ كەتكىنى قىزىق.  توۋا، بولدىلا ئۇ ئىشلارنى ئويلىماي، بەرىبىر مەستلىكتە ئۆتكەن بىر كەچقۇ ئۇ. مەستلىك پەسلىك دېگەن شۇدە!»
    ئۇ ئاخىر  كاللىسىدىكى ئاشۇ ئىشلارنى چىقىرىۋەتمەكچى  بولدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇ ئىشلار ئۇنىڭ خىيالىدىن خېلى نېرى بولغاندەكمۇ قىلدى.
    ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. ئۇ ئىسسىقتىن زادىلا ئۇخلىيالمىدى.  ھويلىسىدىكى بىر كىشىلىك كارىۋاتتا سوزۇلۇپ يېتىپ بۇلۇتلارنى يېرىپ كېتىۋاتقان ئايغا قاراپ ئۇنى - بۇنى خىيال قىلدى.
    ئىزدەپ بارسام مەلەڭگە
    چىقمىدىڭغۇ، ئۆلدۈڭمۇ؟!
    ... ...
    كوچىدىن سوزۇپ ئېيتىلغان ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. «بىچارە بايقۇش، ۋىسال ئىزلەپ چىقىپ تاقەتسىزلىنىپسەن - دە!»
    ئۇ ئۆز خىيالىدىن كۈلۈمسىرەپ قويدى. ناخشا ئېيتقۇچى بىر يىگىت بولسا كېرەك، ئاۋازى جاراڭلىق ئىدى. ناخشىنىڭ قايتا - قايتا ئېيتىلىۋېرىشىدىن ئۇ يىگىتنىڭ قىزنىڭ چىقىشىغا تەقەززا بولۇۋاتقانلىقىنى  ھېس قىلدى. ئىختىيارسىز ئۇمۇ ياشلىقىنى ئويلاپ قالدى.
    ئۇمۇ ياش چاغلىرىدا خۇددى ئاشۇ يىگىتتەك مەھەللىدىكى قىزلارنىڭ بىرقانچىسىگە ئېغىز ئاچالماي كەتكۈزۈپ قويغان. بەزىدە دەشنام يەپمۇ قالغانىدى. ئۇ ناخشا ئېيتالمايتتى. لېكىن ناخشا ئاڭلاشقا ھېرىس ئىدى. ئۇسسۇلنى خېلى ياخشى ئويناپ قوياتتى. تەڭتۇشلىرىدىن بىرقانچەيلەن دائىم مەھەللىدىكى ئايۇپ داپچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ناخشا ئاڭلايتتى. ئۇنىڭ چىرايلىق قىزى ئۇسسۇلغا بەك ئۇستا ئىدى. ئۇ ئاشۇ قىزنى مارىلاپ كۈندە دېگۈدەك ناخشا ئاڭلاشنى باھانە قىلىپ ئۇلارنىڭكىگە باراتتى. ئايۇپ داپچىمۇ خۇشخۇي ئادەم ئىدى.  ئۇ قىزغا كۆيۈپ يۈرگەن كۈنلەردە ئايۇپ داپچى يەنە بىر سازەندە ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا قىزىنى ياتلىق قىلدى. بۇ ئىش ئۇنى تولىمۇ قىينىدى. كېيىن ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا شەھەردىكى توغقىنىنىڭ قىزىنى تونۇشتۇردى. قىز ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ چىرايلىق ئىدى. ئۇلار تاكى تويى بولغۇچە بىرەر ئېغىز پاراڭلىشىپمۇ باقمىدى. تويدىن كېيىن ئۇلار ياخشى ئۆتتى. لېكىن ئۇنىڭدا ئايۇپ داپچىنىڭ قىزىنى كۆرگەندىكىدەك يۈرەك سوقۇش، تەمتىرەش ۋە قىيالماسلىقتەك ھېسسىياتلار قايتا پەيدا بولمىدى. ئايالى ئوماققىنە ئوغۇلنى تۇغقاندا  چەكسىز شادلىققا چۆمدى. مانا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئايالىغا شەرتسىز بويسۇنۇپ قالدى. ئايالىنىڭ ئىشقا بۇيرۇشلىرىنى دەسلەپ ئېغىر ئالغان بولسا، كېيىن ئۇ بۇ خىل تۇرمۇشقا كۆنۈپ قالدى.
    يىگىتنىڭ ناخشىنى قايتا باشلىشى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى. «ياشلىق دېگەن شۇدە. بەلكىم مەشۇقىڭ ئانىسىنىڭ ئۇخلىشىنى كۈتۈپ تىتىلداۋاتقاندۇ...»
    يىگىتنىڭ ناخشىسى ئاخىرلاشتى. لېكىن ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دۇتارنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولدى. بارا - بارا ئاۋاز تېخىمۇ ئېنىق ئاڭلىنىشقا باشلىدى. دەل ھېلىقى ئۆيدىكى ناخشىلار  قايتا ئاڭلىنىۋاتاتتى. ئۇ ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. تۇرۇپلا  ئاشۇ ئۆينى سېغىنىپ قالدى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇيان - بۇيان مېڭىپ باقتى. قانداقتۇر بىر كۈچ ئاياغلىرىنى سىرتقا سۆرەيتتى. ئۇ ئاخىر چاپىنىنى يېپىنچاقلاپ سىرتقا چىقتى. ئىشىكى ئالدىدا يەنە ئۇيان - بۇيان ماڭدى.
     پوش، پوش! قانداق خەق بۇ؟
    كىمدۇر بىرىنىڭ ۋېلىسىپىت قوڭغۇرىقى بىلەن تەڭلا توۋلاپ ئۆزىدىن ئەگىپ ئۆتۈشى ئۇنىڭ قەدەملىرىنى توختاتتى. ئەمدىلا ئېسىگە كەلگەندەك ئۆزىنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا قوزۇقتەك تۇرغىنىدىن ھودۇقتى.
    «تونۇشلار بولۇپ قالسا نېمىدەپ كېتەر، مەنمۇ ساراڭدەك ئىشلارنى قىلىپ يۈرىمەنمۇ نېمە؟» ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلىگىنىچە كەينىگە ياندى، ياندىيۇ، كاللىسىدا لىپ قىلىپ ھېلىقى ئۆي ھەم نېپىز ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تۇرغان ئايال پەيدا بولۇپ يەنە  توختاپ قالدى. «بۇ كېچىدە خەقنىڭ مەن بىلەن نېمە كارى، خەق مېنىڭ ئارقامدىن مارىلاپ يۈرمىگەندىكىن بېرىپ باقايچۇ قېنى، لېكىن ئۇنىڭ يېنىدا باشقا كىشى بار بولۇپ قالسىچۇ، بۈگۈن بارماي تۇرايمىكىن يا».
    ئۇ يا ئالدىغا مېڭىشنى، يا كەينىگە يېنىشنى بىلمەي بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. ۋۇجۇدىدا ئاستا - ئاستا پەيدا بولۇۋاتقان بىر خىل شېرىن تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىپ ئارام بەرمەيتتى.
    كېلىسەن، كېلىسەن، يارىم كېلىسەن
    ئويناپلا كېلىسەن.
    ... ...
    يۈرەكنى ئوينىتىدىغان  شوخ ناخشا ئاۋازى، ئايالنىڭ بەدەنلىرىنى تولغاپ ئوينىغان ئۇسسۇلى،  يەنە تېخى ئۆزىگە مەنىلىك بېقىپ كۆز قىسىشلىرى. ئۇ ئەمدى قارار چىقىرىشقا ئامالسىز قالدى. ئۇنىڭ نەپەس ئېلىشى تېزلەشتى. ئۇ ئەمدى يۈرەكلىك ھالدا قەدەم ئالدى. لېكىن قاياققا مېڭىشنى، ئۇ ئۆيگە قانداق بېرىشنى ئېسىگە ئالالمىدى.
    «ئاپلا، ھېلىقى كۈنى مەستلىكتە گەپ بىلەن بولۇپ كېتىپ ئۇ ئۆيگە قانداق بارغىنىمنى ھەم قانداق قايتىپ كەلگىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن. ئۆيگە قايتىشىمدا كوچا ئېغىزىدا بىر چىراغ باردەك قىلغان. قايسى يول بىلەن ماڭىدىغان بولغىيتتى».
    ئۇ چوڭ كوچىغا چىقىپلا تەمتىرەپ قالدى. ئۇ ئاۋۋال چىراغلارنى نىشانلاپ ماڭدى. چوڭ تۈۋرۈكلەردە قاتار ئېسىلىپ تۇرغان چىراغلارنى كۆرۈپ مەڭدەپ قالدى. بىرىنچى چىراغ، ئىككىنچى چىراغ... ئۇ نۇرغۇن كوچا دوقمۇشلىرىدىكى چىراغلاردىن ئۆتتى. بەزى چىراغلار  ئۇدۇلىدىكى كوچا ئەمەستەك بىلىندى، بەزى چىراغلار ئۇدۇلىدا كوچا يوق ئىدى.
    مانا ئۇ ئاساسىي  كوچىدىن ئۆتتى. ئۈمىدسىزلىك بىلەن باشقا كوچىلارنىمۇ ئايلىنىپ چىقتى. ئۇنىڭغا خۇددى ئۆزى ئەمەس، كوچىلار ئايلىنىۋاتقاندەك، چىراغلار ۋىل - ۋىل قىلىپ ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرگەندەك بىلىنىشكە باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى كوچا ئېغىزىدىلا بىردەم ئولتۇرۇپ دەم ئالدى. ئۇ قايتىشنى ئويلىدى، لېكىن ئاشۇ ئۆينى تېپىش ئىستىكى ئۇنى قايتقىلى قويمايتتى.
    تۇيۇقسىز ئۇ ئۆزىدىن خېلى يىراقتىكى قاپقاراڭغۇ كوچىنىڭ بىر يەرلىرىدە چىراغ نۇرىنى كۆرگەندەك قىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ قەدىمىنى تېزلەتتى.
    «ئەستا، بۇ ئەمەسمۇ نېمە؟ بۇنداق كوچىدا ماڭغاندەك قىلمايتتىم». ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قەدىمىنى ئاستىلاتتى. ئۇنىڭ قۇلىقىغا ناخشا ئاۋازلىرى بوش ئاڭلاندى.  ئۇ يېقىنلاپ كېلىپ ھاردۇقى چىققاندەك بولدى. ئەنە دەل شۇ دوقمۇش. تېخى ئۇ قايتىشىدا ھودۇققىنىدىن پۇتلىشىپ كەتكەن دەرەخ كۆتىگىمۇ جايىدا. ئۇ يېنىك تىندى.
    سول كۆزىڭىز قايسى،
    ئوڭ كۆزىڭىز قايسى
    ئاخشام بېرىپ تاپالمىدىم
    ياتقان يېرىڭىز قايسى؟
       ئەمدى ئۇ ئۆزىنى ناخشىچىلار ئارىسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدى. بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ھاياجاندىن ئېغىر نەپەس ئالدى. «بەلكىم ئۇمۇ مېنى ساقلاۋاتقان بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلىدى ئۇ دوقمۇشتىن قايرىلىۋېتىپ.
    

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.