مەن ۋە شېئىر (تاھىر ھامۇت )

يوللىغۇچى : metu يوللىغان ۋاقىت : 2007-12-19 02:26:00

مەن ۋە شېئىر تاھىر ھامۇت ئەسلىدە مېنىڭ ھازىرچە ئۆز شېئىرلىرىم توغرىسىدا توختىلىش نىيىتىم يوق ئىدى. لېكىن يېقىندىن بۇيانقى ئەدەبىيات ۋە شېئىر ھەققىدىكىتالاش - تارتىشلار بىرمۇنچە ئادەمنىڭ ك...

         مەن ۋە شېئىر
    تاھىر ھامۇت

       ئەسلىدە مېنىڭ ھازىرچە ئۆز شېئىرلىرىم توغرىسىدا توختىلىش نىيىتىم يوق ئىدى. لېكىن يېقىندىن بۇيانقى ئەدەبىيات ۋە شېئىر ھەققىدىكى تالاش - تارتىشلار  بىرمۇنچە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلدى ، شۇنداقلا ، ئەدەبىيات دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا كۆتۈرۈپ چىقتى.
        مەن بۇ يازمىدا مەسىلە ھەل قىلماقچى ئەمەس ، ئەدەبىياتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىلىق توختالماقچىمۇ ئەمەس ، پەقەتلا ئۆز شېئىرلىرىم توغرىسىدىكى بەزى ھېكايىلەرنى ۋە كۆزقاراشلىرىمنى سۆزلىمەكچى. مەن نۇقتىلىق ھالدا " ياز _ بىر سۈيقەست " ، " ئىككى ئادەمنىڭ ئەپسانىسى " ، " قەشقەرگە قايتىش " ، " ئابدۇرېھىم " قاتارلىق تۆت پارچە شېئىرىم توغرىسىدا توختىلىمەن.
        نۇرغۇن ئادەم مېنىڭ " گەپكە " ياكى " نەسىرگە " ئوخشايدىغان يېزىش ئۇسلۇبىمدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىدۇ . مەن 1992-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەر چاغدا " ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئىنۋېرسىيە قۇرۇلمىسى توغرىسىدا " دېگەن تېمىنى ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېسىرتاتسىيىسى قىلىپ تاللىغان.
        " ئىنۋېرسىيە " دېگەن سۆز " ئاغدۇرۇش، ئالماشتۇرۇش " دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ ، بۇ يەردە بىزنىڭ شېئىرىي تىلىمىزدىكى سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇشنى كۆرسىتەتتى. مەسىلەن :" دەريا بويىغا باردىم = باردىم دەريا بويىغا " دېگەندەك . مېنىڭ بىلىشىمچە ، بۇ ماقالە ئۇيغۇر شېئىرىي تىلىنىڭ سىنتاكسىسىغا ئاتالغان تۇنجى ماقالە ئىدى. ئۇيغۇر تىلى يېپىشقاق تىل بولغاچقا ، سۆزلەرنى چەكلىك ھالدا ئالماشتۇرۇشقا بولاتتى، شۇنداقلا ، سۆزلەرنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە مەلۇم تەكىتلەش رولىنى ئوينايتى .
        بىراق ، مەن بۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا، مۇنداق ئەھۋاللارنى بايقىدىم : ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يەنى ئەرەپ - پارىس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىدە بىزگە ئۆزلەشكەن ئارۇز ۋەزنىدىن بۇرۇنقى شېئىر - قوشاقلاردا ياكى 9-،10- ئەسىرگە تەۋە بولغان تۇرپان تېكىستلىرىدىكى شېئىرلاردا بۇنداق سۆز ئالماشتۇرۇش ( ئىنۋېرسىيە ھادىسىسى ) بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدۇ، ئەمما ئارۇز ۋەزنى دەۋرىگە كەلگەندە ، بولۇپمۇ ناۋايى دەۋرىگە كەلگەندە بۇ خىل ھادىسە يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىنى بولىدۇكى ، ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بۇخىل ئەھۋال تۈركىي تىللاردا جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىدا ئەۋج ئېلىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شېئىرىي تىلدا چوقۇم سۆزلەرنى ئالماشتۇرىدىغان ياكى سۆزلەرنى ئالماشتۇرۇپ قويسىلا شېئىر بولىدۇ دەيدىغان خاھىش شەكىللەنگەن.

         80- يىللاردىن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە باش تېمىنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ شېئىرىي شەكىلمۇ بىرقەدەر ئەركىن ھالەتكە يۈزلەندى. ئەمدى ئۆزۈمنىڭ گېپىنى قىلسام ، مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان چاغلىرىمدا،بىر مەزگىل خەنزۇچە شېئىر يازدىم. " ئارىلىق " دېگەن شېئىرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەۋاتقىنىمدا ، ئەڭ ئاخىرىدىكى " مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالغۇم كېلىدۇ " دېگەن مىسرادا ئۇزاق ئويلاندىم . ئەگەر ئۇنى " ئۆلتۈرىۋالغۇم كېلەر ئۆزۈمنى " دەپ ئالاي دېسەم ، بۇ مىسرا ماڭا ناھايىتى كۈلكىلىك ۋە يەڭگىل تۇيۇلدى،چۈنكى " مەن ئۆزۇمنى ئۆلتۈرۈۋېلىشنى " ئويلاۋاتاتتىم! شۇنىڭدىن كېيىن ، مەن شېئىردا سۆزلەرنى تۈزلا ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم ، بۇنى ئۆز تۇيغۇلىرىمنى ئەركىن ئىپادىلەشكە ماس كېلىدۇ دەپ قارىدىم.

     1. " ياز _ بىر سۈيقەست " بۇ شېئىر 1994- يىلى يېزىلغان . بۇ چاغدا مەن مەركىزىي پارتىيە مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتىم  .تولۇق ئىككى يىل ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى تەتقىق قىلىپ ھېرىپ ھالىمدىن كەتكەنىدىم . ئۈچ ۋىلايەت ئىقىلابى مېنىڭ نەزەرىمدە بىر سۈيقەستكە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تارىخقا بولغان بىچارە ئىشتىياقى بىلەن باشلىنىپ ، قاتتىق ھارغىنلىق بىلەن ئاخىرلاشقان بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش مېنىڭ بۇ شېئىرنى يېزىشىمدا پەقەت ئازاپلىق مىسكىن كەيپىياتنى كۈچەيتىش رولىنىلا ئوينىغانىدى.
        شۇ چاغدا ، مەن بىلەن ۋەدىلەشكەن قىز بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە يېنىپ كەلدى. مەندىكى ئۇنىڭغا بولغان تەلپۈنۈش ئانا زېمىنىمغا بولغان تەلپۈنۈش بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. بۇ خىل ھالەت بۇ شېئىرنىڭ ئاساسىي كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرگەن . يەنە بىر تەرەپتىن ، بۇ شېئىردا مەن بالىلىق مەزگىلىمدىكى بەزى تەجرىبىلەرنى ۋە دادامغا بولغان پوزىتسىيەمنى يازغانىدىم . ئەقلىمنى بىلسەم دادام نەشە چېكەتتىكەندۇق. مەن دادام بىلەن قەشقەر شەھرىگە كىرىپ ھېيتگاھ مەسچىتى ئالدىغا باراتتۇق ، دادام ماڭا ۋەلسىپىتنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ ، نەشە ساتىدىغان تاماكىچىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ خۇمادىن چىقاتتى. نەشىسى تۈگەپ كەتسە دائىم ئانامنى ئۇراتتى. ئۇنىڭ ئانامغا بولغان مۇئامىلىسى مېنى غەزەپلەندۈسە، ئۇنىڭ نەشىگە بولغان ئىشتىياقى مېنى قىزىقتۇراتتى . لېكىن ، نېمىلا قىلمىسۇن ئۇ مېنىڭ دادام ئىدى، مەن چوقۇم ئۇنى سۆيۈشۈم شەرت ئىدى. كېيىن مەن بۇ تۇيغۇنى ئۆزۈمنىڭ مىللەتكە بولغان پوزىتسىيەمدە كۆردۈم.
         14 يېشىمدا چىشىم ئاغرىپ قالدى ، يېزا دوختۇرى داۋالاش ئۈچۈن پروكايىن ( مەست قىلىش ئوكۇلى ) ئۇردى. بەلكىم مىقدارى ئارتۇق بوپ كەتكەن بولسا كېرەك ، چىشىمنى داۋالاپ بولغاندىن كېيىن ، ناركوزنىڭ تەسىرى 3 كۈنگىچە كەتمىدى: مەن خۇددى يۇزى يوق ئادەمدەك ئاجايىپ بىر تۇيغۇدا غەلىتە كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم. بۇ تەجرىبە تا ھازىرغىچە چۈشۈمدىن چىقمايدۇ.
        ئەلۋەتتە ، بۇ شېئىردا يەنە باشقا نەرسىلەرمۇ بار. شۇ چاغلاردىن باشلاپلا ، مەن ھەر بىر پارچە شېئىرىمغا شۇ بىر مەزگىلدىكى بارلىق ئوي - خىياللىرىمنى ۋە ھېس تۇيغۇلىرىمنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك سىغدۇرۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنىدىم . ھەممە گەپنى پاك - پاكىزە دەپ بولۇپ ، ئاجايىپ يەڭگىللەپ قالاتتىم . گەرچە بۇ شېئىرغا شۇنچە جىق نەرسىلەر سىغدالغان بولسىمۇ ، لېكىن مېنىڭ نەزەرىمدە ناھايىتى يەڭگىل ۋە لېرىك چىقىپ قالدى. مۇھەببەت مىسكىنلىكى باشقا نەرسىلەرنى بېسىپ كەتكەنىدى.
       كېيىن بۇ شېئىرنىڭ خەنزۇچىسى سىچۈەن ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى چىقىرىدىغان " شېئىرىيەت دۇنياسى " دېگەن جۇرنالنىڭ 1994- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىندى.

    2) " ئىككى ئادەمنىڭ ئەپسانىسى " مېنىڭ ئىسمىم " تاھىر - زۆھرە " رىۋايىتىدىن كەلگەن . شۇڭا مەن دائىم ئۆزۈم بىلەن ئاشۇ ئاشىق - مەشۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق باغلىنىشنى ئىختىيارسىز تەسەۋۋۇر قىلاتتىم . مۇشۇ سەۋەپتىن ، مېنىڭ نەزىرىمدە " تاھىر - زۆھرە " قىسسىسى ناھايىتى گۈزەل ئىدى . مەن گەرچە بۇ رىۋايەتنى كۆپ ئاڭلىغان بولساممۇ ، " تاھىر - زۆھرە " داستانىنى تېخى ئوقۇپ باقمىغانىدىم .

         1994- يىلى مەن بۇ داستاننى تېپىپ ئوقۇپ ھەيران قالدىم : بۇ داستان ماڭا شۇقەدەر ناچار تۇيۇلدىكى ، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولدى . لېكىن " تاھىر - زۆھرە " رىۋايىتى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدا يەنىلا گۈزەل پېتى قېلىۋەردى ، مەن كېچىشنى خالىمىغانىدىم . شۇنداق غەلىتە ئەھۋالدا قالغان ئاشۇ كۈنلەردە مەن تارىخ ھەققىدىكى تۇيغۇ ۋە دىنلار توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ئىچىدە تۇرىۋاتاتتىم . شۇڭا بۇ شېئىر ھەر خىل ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ قىرلىق ئېتىقات بىلەن پەقەتلا ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئازاپلىق غايىۋى مۇھەببەت ئارىسىدا پەيدا بولدى.
        مەن 17 يېشىمدىن 25 ياشقىچە بېيجىڭدا 8 يىل تۇردۇم : " يات دۆلەت دەرياسىدا سەككىز يىل ئاقتىم " ، مەن بۇ نۇقتىدا ئۆزۈمنى تاھىرغا ئوخشاتتىم ، بىراق مەن ئۆز ئاشىقى ئۈچۈن ئۆلگەن تاھىرچىلىك بولالمايتىم . چۈنكى ، مىڭ يىل ئۆتكەن بولسىمۇ مەن تېخى ئۇنى كۆرۇپ باقمىغانىدىم! ئەڭ ئاخىردا مەن باخشىلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم . مەن شۇ چاغدا بەلكىم قەدىمقى كىشىلەرنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى ۋە قەدىمقى ئاشۇق - مەشۇقلارنى سېغىنغان بولسام كېرەك .

        3) " ئابدۇرېھىم " بۇ شېئىرنى مېنىڭ خېلى كۆپ دوستلىرىم بىلىدۇ ، بۇ قېتىم ماۋزۇسى ئۆزگەرتىلدى. بۇ شېئىر 1995- يىلى مەن بېيجىڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېزىلغان . ئەمەلىيەتتە ، بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپچى بولغان دېتال _ شۇ مەزگىللەردىكى " ئىسىم تۈزىتىش ھەركىتى " ئىدى .

        بىزگە مەلۇم ، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ، بىزدە ئادەم ئىسىملىرى ئاساسەن " قۇئان كەرىم " دىكى ئىسىملار بويىچە قويۇلۇپ كەلدى . بىراق ، بۇ ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتتى. مەسىلەن : ئۇرايىم = ئىبراھىم ، مەمەت = مۇھەممەد ، ئەمەت = ئەھمەد ، ئابلەت = ئابدۇلئەھەت دېگەندەك . بۇنداق ئەھۋال تاكى 90- يىللارنىڭ باشلىرىغىچە داۋاملاشتى ياكى داۋاملىشىۋاتىدۇ. شۇ مەزگىللەردە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆز ئىسىمىنى تۈزەتتى . بۇ ئەھۋال ماڭا تەسىر قىلدى. لېكىن ، مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى شۇكى ، مەن بۇ شېئىردا ئۆزۈمدىكى بەرباتلىق تۇيغۇسىنى ۋە كوللېكتىپ تەقدىرگە بولغان دىققەت - ئېتىبارنى ئوتتۇرىغا ئىتتەردىم . ئەخلاق بىلەن ئىستېتىكىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشتىم. خۇددى " ياز - بىر سۈيقەست " كە ئوخشاش ، بۇ شېئىردا يەنىلا بالىلىقتىكى بەزىبىر تەسىراتلارنى ۋە ئانامنى يازدىم. " ئۆچمەنلىك " ئۇقۇمى ناھايىتى مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى. بۇ شېئىردىكى " ئابدۇرېھىم " ئەمەلىيەتتە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمىدىنلا ئىبارەت ، ئۇنىڭ ئالاھىدە مەنىسى يوق.

        4) " قەشقەرگە قايتىش " بۇ شېئىر 1998- يىلى يېزىلغان. شۇ مەزگىللەردە مەن قەشقەردە ئىدىم . مەلۇم بىر كېلىشمەسلىك تۈپەيلىدىن ، جاپا - مۇشەققەتلىك كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتاتتىم .
    تام تاڭ سەھەر سوغ ھاۋا تەگدى يۈزۈمگە ،
    سۈبھىنىڭ ئاچچىقى كەلمەكتە پۇراپ .
    يۇلتۇزلار ئۈستۈمدە كىچىك ھەم ئېگىز،
    تۇرىمەن جۇۋىدا ئۆزۈمنى ئوراپ .
    قەشقەرنىڭ سوغۇقى يېڭىلىق ئەمەس،
    تەبىئەت قەلبىمدەك قارا، ناتونۇش.
    ئېگىز تام يۈزىگە خەت يېزىپ قويدۇم :
    مەندىكى ئەركىنلىك - ئەسلەش ، ئۇنۇتۇش .
    ئاخشامقى قايناقسۇ مۇزلىدى چوقۇم،
    قوۋزاقلار ئېھتىمال كەتتى يېرىلىپ .
    پۇتۇمدا لاتا كەش ، بېشىمدا تۇماق ،
    قارايمەن ئەتراپقا كەيپىم چېچىلىپ .
    دەرەخنىڭ ئۇچىدىن چىقار يەنە كۈن ،
    خىرە نۇر تېخى يوق شەرقتە - تاغدا .
    ئويغىنىش پۈشتىكى چېلىنار ئەمدى ،
    رىزۋانگۈل ئەسلىدىم سېنى شۇ چاغدا.
         ئەينى چاغدا چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بىر قىز ماڭا سەمىمىي خەيرىخاھلىقىنى ئىپادىلىگەنىدى، بۇ شېئىر ئاشۇ قىزغا ئاتالغان. تۇيۇقسىزلا مۇشۇنداق شېئىر يازىدىغان بوپ قالغان بىر ئادەم يەنە نېمىلەرنى يېزىشى مۇمكىن؟

       مەمتىمىن ئەلانىڭ گەپلىرى ئورۇنلۇق ، " قەشقەرگە قايتىش " دېگەن بۇ شېئىردا ناھايىتى كۈچلۈك ماكان ۋە تەۋەلىك تۈيغۇسى بار، مەن ئەڭ ئەيمىنىدىغان بىردىنبىر شەھەر - قەشقەرگە بولغان تەسىراتىم بار ، ئۆزۈمگە بولغان ئىچ ئاغرىتىشىم ۋە ئۇنتۇيالمىغان مۇھەببەت بار ، دوستلارغا بولغان ھۆرمەت - ئېھتىرام ۋە دوستلۇقنىڭ ئازابى بار، ئۈچ يىللىق ئېغىر كۈنلەرگە قارىتا خۇلاسە بار ، ئەڭ ئاخىردا ئۈمىد ۋە گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىش بار....... بىراق ، سىز شامالنى پوملاپ ئاسمانغا ئېتىپ ئاندىن ماڭا قاراپ قويدىڭىز خىيالىمىزدا تەڭگىدەك تۆشۈكتىن يامغۇر تامچىلار. مېنىڭ بۇ تۆت پارچە شېئىر توغرىسىدىكى بايانلرىم مۇشۇ يەردە تامام .

       بىر ئاپتور بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلالمايمەن. قانداقلا بولمىسۇن ، بۇ شېئىرلاردا مەن ئۆز خاسلىقىمغا سادىق بولدۇم ، بىر خىل ئىزچىللىقنى ساقلاپ ماڭدىم ، ئەڭ مۇھىمى " شەخسى ھېس - تۇيغۇلارنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش " تىن ئىبارەت باش تېما يۆنىلىشىمدە چىڭ تۇرۇشقا تىرىشتىم دەپ ئويلايمەن. ئاخىردا دەيدىغىنىم شۇكى : مېنىڭ ئەسەرلىرىم توغرىسىدىكى ھەرقانداق تالاش - تارتىش مەلۇم ئادەملەرنىڭ شەخسىيىتىگە ھۇجۇم قىلىشقا ياكى كۆڭۈل رەنجىتىدىغان گەپ - سۆزلەرگە ئايلىنىپ قالمىسا.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:06:39][admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 19:06:54]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.