ئاپتاپ قىزلىرى(ھىكايە)

يوللىغۇچى : nasmi يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-30 18:35:39

ئاپتاپ قىزلىرى-ئاپتاپ چىق ئاپتاپ چىق، بەش بالاڭنى باشلاپ چىق........- ئاپتاپ چىق ئاپتاپ چىق، بەش بالاڭنى باشلاپ چىق...-ئاپتاپ چىقمايدىغۇ؟دېدى پەزىلەت سوغۇقتىن كۆكۈرۈپ كەتكەن تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ.ـي...

     

    ئاپتاپ قىزلىرى

     

     

    -ئاپتاپ چىق ئاپتاپ چىق،

      بەش بالاڭنى باشلاپ چىق...

    .....

    - ئاپتاپ چىق ئاپتاپ چىق،

      بەش بالاڭنى باشلاپ چىق...

     

    -ئاپتاپ چىقمايدىغۇ؟دېدى پەزىلەت سوغۇقتىن كۆكۈرۈپ كەتكەن تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ.

    ـيەنە بىر توۋلاپ باقايلى،بۇنچە توڭلىغىنىمىزنى كۆرسە چۇقۇم چىقىدۇ.دېدى پەرىدە چىشلىرىنى كاسىلدىتىپ تۇرۇپ ـ بەك بولمىسا يەنە بىردەم سۇغا چۈمىلەمىز.

    ـ ئاپتاپ چىق ئاپتاپ چىق،

      بەش بالاڭنى باشلاپ چىق...

     قىزلارشۇ تەرىقىدە بىردەم دۈگدىيىپ تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ چاقىرغىننى ئاڭلىدىمۇ ياكى چىقىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغانمۇ قۇياش بۇلۇتلار ئارىسىدىن يۇرۇپ چىقىپ زىمىننى ئىللىتتى. قىزلار كۆينەكلىرىنىڭ ئىتەكلىرىنى قېقىشتۇرۇپ قۇرۇتۇش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان چاغدا قىزلارنىڭ ئانىسى گۈلچىمەن ئاچىنىڭ ئۇلارنى يىراقتىن سوزۇپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى. قىزلار بىردىنلا ئالاق-جالاق بولۇشۇپ بىر-بىرىنىڭ بىلەكلىرىنى تىرناقلىرىدا بوش تاتىلاپ، توپا سۈركەشتى.ھەرقانچە قىلسىمۇسۇ چۈمۈلگەنلىكى چېنىپ قىزلارنى خېلىلا غەمگە سالدى.

    ـ ئاچا قانداق قىلىمىز؟ ئانام.....پەزىلەت سۆزىنى تۈگەتمەيلا گۈلچىمەن ئاچىنىڭ يېقىنلا يەردىن ئۇلارنى يەنە بىر قېتىم چاقىرغان ئاۋازى كەلدى.قىزلار ئانىسى تەرەپكە قاراپلا

    ـ پەزىلەت سەن كىچىك ئۆستەڭ تەرەپكە قاچ،مەن زاكۇ تەرەپكە قاچاي ئانامنىڭ پەيلى يامان

    قولىدا شىۋىق تۇرىدۇ،كەچتە ئۆيدە كۆرىشەيلى. پەرىدە شۇنداق دىدىدە زاكۇ تەرەپكە قاراپ قېچىشقا باشلىدى. زاكۇغا ئاز قالغاندا كەينىگە قاراپ سىڭلىسى پەزىلەتنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ سىڭلىسىنى قۇتقۇزۇش ياكى ئانىسىنىڭ ئالىغا ئەل بولۇشنى بىلمەي جايىدا تۇرۇپ قالدى،گۈلچىمەن ئاچا پەرىدەگە قاراپ :

    • قاچە ھە قاچە....كەچتە ئۆيگە كىرگەندە كۆرىسەنغۇ قالغىننى.دىدى دە پەزىلەتنى يىتىلەپ ئۆي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. پەزىلەت پات-پات ئارقىسىغا(مىنى قۇتقۇزىۋال)دىگەن نەزەردە قارايتتى.پەرىدە ئامالسىز نىمە كۈن بولسا سىڭلىسى بىلەن تەڭ كۆرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن 50مىترچە ئارلىق قالدۇرۇپ ماڭدى.

      ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن پەزىلەت ئۇچاقنىڭ قېشىدا تامغا يۈلىنىپ گۇناھىنى تونۇغاندەك تىرناقلىرىنى تاتىلاپ يەرگە قاراپ تۇردى،پەرىدە بولسا گەپ سۆزسىزلا قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇشقا باشلىدى.

    گۈلچىمەن ئاچا تاراق-تۇرۇق،گاژ-گۇژ قىلىلا بىردەمدە تىتىلىپ تۇرىدىغان پوشكالنى سېلىپمۇ بولدى.ئاندىن پىلتىنى ئەشكەچ:

    -ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشسىلا خانلىرىم. دىدى قوپاللا.

      پەرىدە بىلەن پەزىلەت باشلىرنى ساڭگىلاتقىنىچە ئۆيگە كىرىپ كىتىشتى. ئارقىدىنلا گۈلچىمەن ئاچا چوڭ تەخسىدىكى پوشكالنى كۆتۈرۈپ كىرىپ پەرىدە تەييارلىغان داستىخانغا قويغاچ:

    -پوشكالدىن ئازدىگەندە ئىككىدىن يىيىشسىلە،سوغۇق مىجەزلىرى ئېشىپ كۆزلىرىنىڭ پاقىراپ چىقىپلا قاپتۇ ھەقاسىللىرىنىڭ.-ئۇنىڭغىچە قازانغا سېلىنغان ئاشتىن ئەنسىردىمۇ ياكى سۆزىلىگۈسى كەلمىدىمۇ ئالدىراپلا چىقىپ كەتتى. پەزىلەت ئاچىسى پەرىدەگە لەپپىدە قاراپ دومسىيىپ ئولتۇردى. پەرىدە پەزىلەتنىڭ قولىغا پوشكالدىن بىرنى ئەپ بېرىپ:ـ يىگىنە،ھېلى بىكا ئانام كىرىپ بىزنى پارتىلتىۋىتىدۇ.

      گۈلچىمەن ئاچا تاماقنى ئەكىرىپ ئىككى قىزىغا زورلاپ يىگۈزدى ۋە قازان-قۇمۇشنى جايىدا قويۇپلا ئىككى قىزىنى كۈرەش قىلىشنى باشلىۋەتتى.

    -تېخى ئەمدى 5-ئاي كىرسە نىمە سۇغا چۈشۈشكەن ئۇ؟ ياز كىلەركەلمەي ئۆستەڭگە قېچىشسەن، ئاغرىپ قېلىشساڭ مىنىڭ جېنىم ئاغرىمايدۇ ئۆزلىرىنىڭ جېنى ئاغرىيدۇ. چوڭى بولغىنىڭ ئۆزەڭنى باشقۇرالمىساڭ ما سىڭلىڭغا قانداق ئۈلگە بولىشسەن؟؟كىچىگىڭ تېخى قارىغۇلارچە ئەگىشىپ مېڭىشساڭ،مىنىڭ گىپىم ماقۇلاقتىن كىرىپ ماقۇلاقتىن چىقىپ كەتسە....ھە؟؟ئەمدى قانداق قىلشىمىز؟؟يەنە ئۆستەڭگە قېچىشامسەن ياكى داداڭلارغا دەمدىم؟؟؟

      ئىككى قىز يەر تېگىدىن ئانىسىغا مۆلدۈرلەپ قاراپ قويۇشتى.

    -ھەي، گەپ قىلىۋاتىمەن...ئاڭلىشىۋاتاملا يا؟؟

    ئىككى قىزتەڭلا بوش ئاۋازدا :

    -ئاڭلاۋاتىمىز.دىيىشتى

    -ئەمدى داداڭلارغا دىمىسەم بولماپتۇ. يەنە شۇنى دەپ قۇياي ئەمدى سۇغا چۈمۈلىدىغان بولساڭلار ئەزەلدىن تەگمىگەن قولۇم تىگىپ كىتىدۇ جۇما؟

    ئىككى قىز تەڭلا بېشىنى لىڭشىتتى.گۈلچىمەن ئاچا ئىككى قىزىنى تۆگە يېغىدا ياغلاپ ئاپتاپقا سېلىپ تەييارلاپ قويغان كۆرپە يوتقانلارغا ئوراپ ئۇخلىتىپ قويدى.

    پەرىدە بىلەن پەزىلەتنىڭ دادىسى تۇرغۇن ئۇستا ناھىيدىكى خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن سودىگەر بولۇپ تەقۋادار ھەم ئىلىمخۇمار ئىدى.گۈلچىمەن ئاچا ئائىلىدە قىزلىرىنىڭ ئۈگۈنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشتىن سىرت ئۆينىڭ ئالدىغىلا سېلىۋالغان چاققانغىنە بوتكىنى ئاچاتتى.بىر-بىرىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇ بىرجۈپ قىز ئۆزئارا بىر-بىرگە كۈيۈنۈپ بىر-بىرىگە ھىمايە بولۇپ ئىشچانھەم چىچەنلىكى بىلەن ئاتا-ئانىسنى سۈيۈندۈرۈپ كەلمەكتە ئىدى.ھەر شەنبە-يەكشەنبىدىكى مۇشۇ كىچىككىنە جىدەلنى دىمىسە بۇ ئائىلىدە ئورۇندۇقنىڭ قاتتىقراق قويۇلغىننىمۇ ئاڭلىغىلى بولمايتتى.شۇڭا بۇ ئائىلىگە ھەممە ھەۋەس بىلەن قارايتتى.ھەر يىلى يازنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى قىزلارنىڭ بايرىمى بولۇپ قىزلار مەھەللىدىكى چوڭ ئۆستەڭگە چىقىپ مەجنۇنتاللارغا ئېسلىپ ىلتىڭلاپ سۇ ئۈزۈشەتتى.سۇنىڭ چوڭقۇرلىقى بەزىدە بىرمىتىرغىمۇ يەتمىسە بەزىدە ئىككى مىتىردىن ئېشىپ كىتىپ تۇرغۇن ئۇستابىلەن گۈلچىمەن ھەدىنى خېلىلا ئەنسىرتىپ قوياتتى. گۈلچىمەن ئاچا بىرنەچچە قېتىم ئامالسىز دەرۋازىنى قۇلۇپلاپ قويسا بۇ ئىككى قىز ئارقا ھويلىدىكى پاكار تامدىن ئارتىلىپ قېچىپ بېرىپ ئۆستەڭدە ئوينىشاتتى،ۋە دائىملا گۈلچىمەن ئاچىنىڭ چۈشلۈك تاماققا چاقىرشىدىن تۇتۇلۇپ قالاتتى،گۈلچىمەنمۇ زىرىكمەي ئۇدۇل بېرىلا كىچىكىنى يىتىلەپ ماڭاتتى.چوڭى بولسا ئامالسىز ئۇلارغا ئەگىشەتتى. ئۆيگە كىرگەندىن كىيىن گۈلچىمەن ئاچا ئىرىنمەي پوشكال سېلىپ، تۆگە يېغىدا ياغلاپ يازلا بولسا كۈندە ئاپتاپقا سېلىنىپ تۇرىدىغان كۆرپىلەرگە ئۇخلىتاتتى.كەچتە تۇرغۇن ئۇستا يەكشەنبە بازاردىن قايتىپ كەلگەندە بىر ئائىلە كىشلىرى جەم بولۇپ بەخىتلىك ئائىلىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھىرمەن بولىشاتتى.

    كەچلىك تاماقتىن كېيىن گۈلچىمەن ئاچا تۇرغۇن ئۇستىغا قىزلارنىڭ يەنە سۇ چۈمۈلگەنلىكىنى دادلاپ ئېيتىپ بەردى. دادىسنىڭ چازا قۇرۇرپ ئولتۇرغان پۇتلىرىغا قوللىرىنى قويۇپ ئىڭكىنى تىرەپ ئولتۇرغان پەزىلەتنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ توختىماي قانال يۆتكەۋاتقان پەرىدەنىڭ ھەركىتى جايىدىلا قېتىپ قالدى.تۇرغۇن ئۇستا كەكە ساقاللىرىنى سىيلاپ قاپاقلىرىنى تۈرۈپ:

    -گەپ ئاڭلىمىساڭلا ئەمدى قانداق قىلىشىپ كىتەمىز؟؟-دادىسنىڭ چىرايىدىكى ئپىادىنى كۆرگەن قىزلار چوڭقۇرراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي بىر-بىرىگە قارىشى قويۇپ ئولتۇرۇشتى.تۇرغۇن ئۇستا پەزىلەتنىڭ ئىككى بۇغۇلغان قاپقارابۈدۈر چاچلىرىنى سىيلىغاچ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

    -بوپتۇ بۈدۈر پاقلانلىرىم ئامراق بولسا كىلەر ھەپتە ئۇستىلانى چاقىرتىپ كۆلچەك ياستىپ بىرەي،شۇنداق قىلسام ئۆستەڭگە قاچمايدىغانسىلە؟

    قىزلار خۇشاللىقتىن سەكرشىپ كەتتى،گۈلچىمەن ئاچا (يامان ئۆگىتى قويىسىز)دىگەن نەزەردە تۇرغۇن ئۇستىغا دومسىيىپ ئۈلگۈردى.ئەمما قىزلىرنىڭ خوشاللىقىنى كۆرۈپ ئۇشۇق گەپ قىلمىدى.پەزىلەت تۇمشۇقلىرنى ئۇچلاپ :

    -بوستانلىنىمۇ ئەكىلىپ بىرەمسىز؟- ساددىلىق بىلەن سورالغان سۇئالدىن ھەممە بىردەك كۈلۈشتى.

      ئەتىسى گۈلچىمەن ۋىلايەتكە ئانىسنى يوقلىغىلى كەتتى.كەچتە بىرجۈپ قىز مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپلا ئۆزلىرىچە ئانىسنى دوراپ پەشتامىنى تالىشىپ تارتىشىپ ئۆينى  خۇددى ئانىسىدەك تۈجۈپىلەپ كۆڭۈل قويۇپ تازلىدى. تۇرغۇن ئۇستىمۇ قىزلارغا ئانىسىنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرماي ئۆزى بىردىنبىر ئىتەلەيدىغان گاڭپەننى ئۇستىلىق بىلەن ئىتىپ بەردى.دۈشەنبە بىركۈن ئەنە شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. سەيشەنبە ئەتتىگەن تۇرغۇن ئۇستا بىرجۈپ قىزىنىڭ پىشانىللىرىگە سۈيۈپ مەكتەپكە يولغاسالدى،بىرجۈپ ئۆسكەن قىزلىرىغا قاراپ سۈيۈنۈپ ئۇلارنىڭ بەختى ئۈچۈن دۇئامۇ قىلدى.

      پەرىدە بىلەن پەزىلەت مەيلى مەكتەپتە بولسۇن مەيلى ئائىلىدە بولسۇن بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدىغان ھەمراھلار بولۇپ سىنىپتا بىر پارتىدا بىللە ئولتۇرۇپ كىلىۋاتقىنىغىمۇ بەش يىلدىن ئاشقانىدى.مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ ياخشى باھاسىغا ئىرىشىپ كىلىۋاتقان بۇ بىر جۈپ قىزنىڭ قىزىقىشلىرى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ پەرىدە ماتىماتكىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتى،پەزىلەت بولسا مەكتەپنىڭ كىچىك ئۇسۇلچىسى ئىدى.پەزىلەتنىڭ قاپقارا بۈدۈر چاچلىرى ئۇنى مەكتەپتە (كىچىك ھەيدى)دىگەن نامغا ئىرىشتۈرگەندى.پەرىدەنىڭ ماتىماتكىدىكى ئۆتكۈرلىكى ئوقۇتقۇچىسىنىڭمۇ قايىللىقىغا ئېرىشكەن بولۇپ مەكتەپتىكى ماتىماتكىدىن ئۆتكۈزۈلگەن زىھىن سىناش مۇسابىقىللىرىگە قاتنىشىپ خېلىلا ياخشى نەتىجىلەرگىمۇ ئېرىشكەنىدى.

      قىزلار چۈشتىن بۇرۇنلۇق دەرىسىنى ئاياقلاشتۇرۇپ بولۇپ ناھىيلىك رادىئو ئىستانسسىنىڭ چۈشلۈك ئاڭلىتىشىنى ئاڭلىغاچ تۇرغۇن ئۇستىنىىڭ ناھىيە مەركىزىدىكى دۇكىنىغا قايتىشتى. پەزىلەت يۈگرەپ بېرىپلا تۇرغۇن ئۇستىنىڭ بوينىغا گىرە سالدى ۋە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ تۇرۇپ:

    -داداي،قۇسقۇم ئاغرىۋاتىدۇ، چۈشتىن كىيىن مەكتەپكە بارمايسىزگە ياردەملىشەيچۇ؟

    تۇرغۇن ئۇستا قىزىنىڭ كۈيۈمچانلىق ئارلاشقان يالغان گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى، ۋەكەكە ساقاللىرىنى قىزىنىڭ يۈزلىرىگە سۈركەپ ئەركىلتىپ قىرقىرتىۋەتتى:

    -ھە جىنتەك،يالغان گەپ قىلسىڭىز مۇشۇنداق جازالايمەن،شۇڭا يۇۋاشلىقچە مەكتەپكە بېرىڭ ھە.

      چۈشلۈك دەم ئېلىش تۈگىگەندىن كېيىن قىزلار سىنىپلىرىغا كىرىشتى.چۈشتىن كېيىن بالىلار ئەڭ قورقىدىغان ئوقۇتقۇچى ئايگۈل خانىمنىڭ دەرسى بولۇپ، بۇ مۇئەللىم ئەزەلدىن بالىلارغا ئۆچمۇ ياكى باشقا ئۆزىلا بىلىدىغان سەۋەپ بامۇ،باھانە تېپىپلا بالىلارنى ئۇراتتى،ئۇلارغا ناھەق تەن جازاسى بىرەتتى.شۇڭا بالىلار خانىمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىسىمۇ يۈرەكلىرىنىڭ بىر يەرلىرى سىرقىرايىتتى،كۆڭۈلسىز بۇ دەرىستە ھەر سائەتلىگى بىر ياكى ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ تاياق يىيىشى ئوقۇغۇچىلارغا ناتۇنۇش ئەمەس ئىدى.

      ئايگۈل خانىم كىرىپلا تاپشۇرۇق يىغىشقا باشلىدى.پەزىلەت سومكىسنى شۇنچە ئاختۇرۇپمۇ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى تاپالمايۋاتاتتى،بىردە بېشىنى تاتىلاپ ئويلىناتتى،بىردە ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ يەنە سومكىسىنى ئاختۇراتتى،پۈتۈن ماتىريالنى پارىتىغا ئېلىپ قۇيۇپ ئاختۇرۇپمۇباقتى ئەپسۇس يەنىلا تاپالىمىدى،ئايگۈل خانىم پەزىلەتلەرنىڭ پارتىسى ئالدىغا كىلىپ پارتىنى سالماقلىق بىلەن تاك-تاك-تاك قىلىپ چەكتى،پەزىلەت ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ:

    -خانىم ئەتتىگەن تاپشۇرۇقۇمنى ئېنىقلا سومكامغا سا....-پەزىلەتنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ كەتتى،پەزىلەت كۆڭلىدە بۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش بولغاندىكىن خانىم مىنىڭ ئۆيگە چىقىپ تاپشۇرقۇمنى ئەپچىقىشىمغا ماقۇل دەيدىغۇ دىگەن ئىشەنچ بىلەن ئۆزىنى چۈشەندۈرگەندى. ئەمما ئىش ئويلىغىنىدەك بولمىدى.پەزىلەت جالاقلاپ تىترەپ كەتتى ۋە كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ خانىمغا ھېيىقماستىن تىكىلىپ قارىدى.خانىم يوغان ئېغىزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ:

    -ماڭا تولا يالغان باھانە كۆرسەتمە،مۇشتۇمدەك تۇرۇپ مىنى ئالدىغۇدەك بولدۇڭما؟-خانىم پەزىلەتنى يەنە بىر تەستەك ئۇردى،پەرىدە چىداپ تۇرالماي:

    -خانىم پەزىلەتنىڭ تاپشۇرقى سومكامغا كىرىپ قاپتىكەن،مانا.-دەپ خانىمغا دەپتەرنى سۇندى،خانىم دەپتەرنى ئېلىپ ۋاراقلاپلا دەپتەرنىڭ قاتتىق يىرى بىلەن پەرىدەنى نۇقۇشلاپ:

    -ھۇي...خېلى ياخشى بىرنىمىكىن دىسەم،كىچىككىنە تۇرۇپ دوپپامغا جىگدە سېلىۋاتامسەن تېخى؟ ئېنىق پەرىدە تۇرغۇن دەپ تۇرمامدۇ؟ئىككىڭنىڭ خورىكى ھەجەپ يوغىناپ كىتىپتىيا؟ چىقىشە دوسكىغا، مەن بىر كۆرەي قانچىلىك بىلىشىپ كىتىشتىڭ.

      خانىم قىزلارغاقىزلارغا ئۆزى تەس ھىساپلىغان بىر نەچچە مىسالنى ئېيتىپ بەردى،پەزىلەت مىسالنى ئىشلىيەلمەي تۇرۇپ قېلىشى ئايگۈل خانىم كىلىپلا پەزىلەتنىڭ قۇلاقلىرىنى سوزۇپ دوسكىغا دوسكىغا ئۈستۈشكە باشلىدى، پەرىدە بېرىپ خانىمنىڭ قولىنى تۇتىۋالسا ئۆرۈلۈپلا پەرىدەنى دەپتەر بىلەن نەچچىنى تەستەكلىۋەتتى،شۇ تەرىقىدە قىزلار نەچچە مىنوت ئايگۈل خانىمنىڭ پىپەن قىلىش ئوبىكتى بولدى،شۇنچە تاياق يىگەن قىزلارنىڭ كۆزىدىن بىر تىمىممۇ ياش ئاقمىغانىدى پەستىكى ساۋاقداشلىرىغا لەپپىدە بىرلا قارىغان پەرىدە پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى،نۇمۇس ئۇنى ئۆلۈمدىن بەتتەر ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

      قىزلار سالپىيىپ مەكتەپتىن قايتىشتى.كىچىكىدىن بىرسىنىڭ تاك قىلىپ چېكىشىگە ئۇچراپ باقمىغان قىزلارغا تاياق ھەقىقەتەن ئېغىر كەلگەنىدى.پەزىلەتنىڭ كىچىك مۇشتۇملىرى تۈگۈلگەن، ئىككى بوغۇلغان چاچلىرى چۇۋۇلغان، پىشانىسىدە قان ئۇيۇپ قالغان بولۇپ بىر چىكىتكە تىكىلىپ قادالغان ھالدا ئولتۇراتتى كۆزلىرىدە بولسا غەلىتىلا بىر ئۇچقۇن چاقناۋاتقانىدى. پەرىدەنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ يىغلىغاچ سىڭلىسىنىڭ پىشانىستىكى قاننى سۈرتۈۋاتاتتى. تۇرغۇن ئۇستا ئالدىراشلا كىرىپ ،قىزلىرىغا دىققەت قىلمايلا ئۇدۇل بېرىپ ئىشكاپنى ئاقتۇرۇپ دورا قۇتىسىدەك بىر نەرسىنى ئېلىپ:

    -پەرىدە تاھارەتكە سۇ تەييارلاپ بىرىڭ.-دەپلا ئالدىراش چىقىپكەتتى.

      پەرىدە لەپپىدە پەزىلەتكە قاراپ ئۇنىڭ قولىغا قول ياغلىقنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. پەزىلەت ئۆز-ئۆزىگە( خەپ ئىنتىقاممىمنى چۇقۇم ئالىمەن ۋۇ جادىگەر.....) دىگىنىچە ھېلى خانىمنى غايىۋىي تىللاپ ھېلى دادىسىدىن ئاغرىنىپ ئولتۇردى.

    پەرىدە پەزىلەتنى ئەنسىز چاقىرغاندىلا ئۇ ھوشىنى بىلىپ سىرىتقا يۈگۈردى،ئاۋاز تۇرغۇن ئۇستىنىڭ كۇتۇپخانىسدىن كېلىۋاتقان بولۇپ،ئۇ كۇتۇپخانىغا كىرىپلا ئىشىك بېشىدا ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى كۆڭلىدە بولسا ئاچىسى بىلەن دادىسىنىڭ قىلغان چاقچىقى سەل ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ ئويلاۋاتاتتى،تۇرغۇن ئۇستا كۇتۇپخانىنىڭ ئوتتۇرىدىلا دۈم ياتقان بولۇپ بادام دوپپىسى قايسى بىر بۇلۇڭدا بويۇن قىسىپ تۇراتتى، پەرىدە ھەدەپ كۈچەپ دادىسىنى يۈلىمەكتە ئىدى،دادىسنىڭ كۆكۈرگەن يۈزى،چىڭ يۇمۇلغان كۆزلىرىنى كۆرگەن پەزىلەتنىڭ يۈرىكى قارىتلا قىلدىدە سەل ھوشىنى تاپقاندەك بولدى:

    -جېنىم ئاچا دادامغا نىمە بولدى؟؟دوختۇر چاقىرايمۇ؟؟

    ـبىلمىدىم .ئەزەلدىن بۇنداق بوپ باقمىغان،كىرسەم مۇشۇنداق تۇرىدۇ.دىدى پەرىدە يىغلامسىراپ. شۇ چاغداتۇرغۇن ئۇستا كۆزلىرىنى قىيا ئاچتى،قىزلارنىڭ كۆڭلى بىر ئاز ئىزىغا چۈشكەندەك بولۇپ:

    -دادا بىر ئاز ياخشى بوپ قالغاندەك تۇرامسىز؟دىدى پەرىدە.پەزىلەت بولسا بىر ئىستاكان چاي ئېلىپ كىرگەندى.تۇرغۇن ئۇستا تورۇسقا بىر ھازا قاراپ بىردىنلا خارتىلداشقا باشلىدى ئاندىن ئەمدىلا تىلى چىققان كىچىك بالىدەك بىرنىمىلەرنى گۇڭراشقا باشلىدى ۋە تەسلىكتە تىللىرىنى چايناپ تۇرۇپ خېلى ئىنىقلا(لائىلاھە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدىن رەسۇلىللا)نى دىدىدە بىردەم پەرىدەگە بىردەم پەزىلەتكە قاراپ كۆزلىرىدىن بىر تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى ۋەكۆزلىرى بىر چىكىتكە قاراپ قېتىپ قالدى.پەرىدەنىڭ يۈرىكى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ سىڭلىسىغا ۋارقىرىدى:

    -تىز ئابدۇۋايىت داداملارنى چاقىرىپ كىر!!!!!

    قوشنىلار تۇرغۇن ئۇستىنى كۆتۈر-كۆتۈر ماشىنىغا سېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتتى. پەرىدە پەزىلەتنى ئۆيگە قاراشقا قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى دوختۇرخانىغا كەتتى.پەزىلەت تىزلا تاھارەت ئېلىپ جاينامازغا ئۆزىنى ئېتىپ ئاللاھتىن جان دادىسنىڭ سالامەتلىكىنى تىلىدى.....

      پەرىدە بولسا دادىسنىڭ سۇۋۇپ كەتكەن قوللىرىنى چىڭ سىقىمداپ ئۇنى ئىسىتماقچى بولاتتى.

      دوختۇرخانىغا كەلگەندە دوختۇرلار يۈگرەپ كىلىپ ماشىندىلا تۇرغۇن ئۇستىنى قۇتقۇزۇشقا باشلىدى ئەمما تىڭشىغۇچتا تىڭشاپلا باشىلىرىنى چايقاپ؛

    -جان ئۈزگىلى خېلى بوپتۇ،ئەپ كىتىڭلار.دىدى ۋە ماشىندىن چۈشۈپ كەتتى.پەرىدەگە بۇ بىر قاباھەتلىك چۈشتەك ئەتە يەنە تۇرغۇن ئۇستىنى بامدات نامىزىغا مەسچىتكە چىققاچ سىڭلىسى بىلەن ئۆزىنى مەكتەپكە مېڭىشقا تەييارلىنىڭلار دەپ ئويغىتىدىغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى.ماشىننىڭ ئىچىنى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان جىملىق باسقانىدى ھەممە ئېغىر ئۇھسىنماقتا ئىدى...

      ماشىنا ئەمدىلا قوزغىلىشىغا بىر دوختۇر ھاسىراپ كىلىپ ماشىنا ئەينىكىنى ئۇردۇ، پەرىدە ئۇ دوختۇرنىڭ دادىسنىڭ يېقىن بۇرادىرى ئىكەنلىكنى غوۋا ئىلغا قىلدى،ئۇ دوختۇر تاغاش دادىسنىمۇ قۇتقازمىدى نىمىدۇر(يۇشۇرۇن خاراكتىلىق يۈرەك سانجىقى)(كونىراپ قالغان،داۋالىنىشقا ۋاقىت چىقارغىلى ئۇنىمىغان) دىگەندەك بىرنىمىلەرنى دىدى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئۆيگە قايىتتى،پەرىدەنىڭ كىچىك ئالقانلىرىدىكى قول شۇنداق قىززىق بولۇپ پەرىدە بىردىنلا (دوختۇر!!دادامنىڭ قولى قىززىق تۇرىدۇ.دادامنىڭ قولى قىززىق تۇرىدۇ.) دەپلا ۋارقىراپ كەتتى،تۇيۇقسىزلا ئالقانلىردىكى قولنىڭ دوختۇرنىڭ قولى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىغاچ دادىسنىڭ قولىنى ئىستىش بىلەن مەشغۇل بولاتتى...

     ئۇلار ئۆيگە كەلگەندە پەزىلەت تېخچىلا جاينامازدا ئولتۇرۇپ يىغلاپ ئاللاھتىن تىلەۋاتاتتى،ئۇ ئاچىسنىڭ ئۆمسۈرۈن چىرايىغا قاراپ:

    -ياتاققا ئالدىما؟؟زادى قانداق بولدى؟؟؟ـ پەرىدەنىڭ ئاۋازىنى ئۆيگە ھازا ئېچىپ كىرىۋاتقان قوشنىلار بېسىپ كەتتى.

      گۈلچىمەن ئاچا قايتىپ كىلىپ بىر ھوشىدىن كەتكەنچە ھوشىغا كىلەلمەي قوشنىلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.پەرىدە بولسا ئارقا ھويلىدىكى قويلارغا قاراپ ئولتۇرۇپ بۇندىن بىر يىل بۇرۇن دادىسىغا چاي قاينىتىپ بىرىمەن دەپ دادىسنىڭ قولىنى كۆيدۈرۈپ قويغىنىنى ئەسلەپ چىڭقىلىپلا يىغلاپ كەتتى.ئۇنىڭ قۇلقىغا ھويلىدىكى قىيا چىيامۇ كىرمەيىتتى،بىر ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئانىسنىڭ سىڭلىسى كىلپلا ئۇنى يىتىلەپ ئېلىپ ماڭدى.

      پەزىلەت دادىسنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپ قويمىغىننى ئىسىگە ئېلىپ دادىسنى يۇيىۋاتقان ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدا مۇڭلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۆيگە كىرگەن چىققان ھەر بىر ئادەمگە يالۋۇرۇپ كىرىپ دادىسنى پۇتىنى تۇتۇپ قۇيۇپلا چىقىشىنى ئېيتىپ ئۆتۈنەتتى،ئاچىسنىڭ قولىدىن يىتىلەپ كەلگەن ھاممىسى پەزىلەتنىمۇ يىتىلەپ ئۇلارغا تاماق يىگۈزگىلى ئېلىپ كىرىپ كەتتى.

      قىزلار ئاخىرى دادىسنىڭ قېشىغا كىرىشتى.پەرىدە دادىسنىڭ قىزلىرىرىنى ئەركىلتىپ ياستۇق قىلىپ يالغان ئۇخلىۋالدىغاندا چىقىپ قالىدىغان ئاپئاق چىشلىرىغا قاراپ دادىسنىڭ تېزراق ئويغىنىشنى كۈتتى.

      پەزىلەت دادىسنىڭ ھايات ۋاقتىدا تۇتۇپ قويالمىغان پۇتلىرىنى جانسىز ئاجىز بارماقلىرى بىلەن كۈچەپ-كۈچەپ تۇتۇتاتتى.ئەمما رەھمەت دەيدىغان دادىسى ئۇىلىۋېلىپ زادىلا ئويغانمايۋاتاتتى.پەزىلەت كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپلا ماتىماتىكا كىتابىنى سەۋەپسىزلا يىرتىشقا باشلىدى...

      گۈلچىمەن ئاچىمۇ دوختۇرخانىدىن چىقتى.ئۆيگە پات-پات بىر توپ ئۇششاق بالىلار كىلىپ ئۇلارنى يوقلايدىغان بولدى بىر نەچچىسى پەزىلەت-پەرىدەلەر بىلەن يېقىن دوسلاردىنمۇ بوپ قالدى،كىيىن بىلىشتىكى بۇ بالىلار ناھىيلىك پاراۋانلىق مەكتىۋىدىن بولۇپ تۇرغۇن ئۇستا ھايات ۋاقتىدا بۇ بالىلارغا ياردەم قولىنى كۆپلەپ سۇنغانىدى.ئەپسۇس،شۇ ئۇنتۇلماس سەيشەنبە كۈندىن باشلاپ گۈلچىمەن ئاچا ھەر قانچە قىلىپمۇ پەزىلەتنى مەكتەپكە بارغۇزالمىدى.پەرىدە بولسا تېخىمۇ جىمغۇرلىشىپ جىمجىتلا ئۆگىنىدىغان ئەمما ماتىماتىكىنى كۆرسىلا چىرايلىرى تاتىرىپ بېشىم قايدى دەپلا كىتاپنى ئېتىۋىتىدىغان ياكى دەرىسكە قاتناشمايدىغان بولىۋالدى.بولۇپمۇ قىزلار ئەمدى سۇ چۈمۈلگىلىمۇ بارماسلا بولۇپ قالدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئاپتاپ قىزلىرى