ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﺴﻰ(ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-22 08:05:30

ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﺴﻰﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ نۆكچە مۇزلار ئىرىپ سۇلار يەر يۈزىگە يېلىندىن سۈت ئاققاندەك شىرىلداپ قويۇلدى .ئەگىز يىلاندەك تولغىنىپ ئاقتى .قارلىغاچلار تۇپراق ئاستىدىن ئۆمىلەپ چىققان قۇرت - ...

    ﺑﯘﻟﺒﯘﻟﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﮬﯩﻴﯩﺴﻰ
    ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ
     

        نۆكچە مۇزلار ئىرىپ سۇلار يەر يۈزىگە يېلىندىن سۈت ئاققاندەك شىرىلداپ قويۇلدى .
    ئەگىز يىلاندەك تولغىنىپ ئاقتى .
    قارلىغاچلار تۇپراق ئاستىدىن ئۆمىلەپ چىققان قۇرت - قۇمرۇسقىلارغا تاشلاندى .
    بالىلارنىڭ لەگلەكلىرى سەپ تارتىپ كىلىۋاتقان تۇرنىلارنىڭ ئالدىغا قارشى ئالغىلى چىققاندەك ئاسماندا جەۋلان قىلدى .
    زىمىن كېپەن رەڭ كىيىمىنى تاشلاپ يېشىل لىباسقا ئوراندى .
    گۈل - چىچەكلەر نازىنىندەك كۈلۈپ كۈزىنى ئاچتى .
    بۇلبۇل خەندان ئۇرۇپ سايرىدى .
    مەن :<<بۇلبۇل گۈلنى كۈيلەۋاتىدۇ .>> دىدىم .
    بۇلبۇل دىدى :<< يەق ، مەن ئويغانغان زىمىنغا مەدھىيە ئوقىۋاتىمەن >>.
    << بەرھەق ، -دىدى زېمىن ، - مەدھىيە ھامان ئويغانغانلارغا مەنسۇپ >>.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.