دوقمۇش(ھىكايە) -تۇرسۇنجان ھاشىمى

يوللىغۇچى : Anqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-16 14:50:48

دوقمۇش ( ھېكايە)تۇرسۇنجان ھاشىمى ئۇلار ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ خىلۋەت دوقمۇشتا تاسادىپىي دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلار چۆچۈپ كېتىشتى. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرى ئۇچقۇنداپ تۇرغان قارىچۇقل...

    دوقمۇش


    ( ھېكايە)


    تۇرسۇنجان ھاشىمى

    ئۇلار ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ خىلۋەت دوقمۇشتا تاسادىپىي دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئۇلار چۆچۈپ كېتىشتى. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇرلىرى ئۇچقۇنداپ تۇرغان قارىچۇقلىرىنى ئېغىر مىدىرلىتىپ، بىر-بىرىدىن تونۇش بەلگىلەرنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئەپسۇسكى، يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى قۇرۇتۇۋەتكەن قاقشال قامەتلەردىن ھەر ئىككىلىسى ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىدى. ئۇلار ھەيران بولۇشاتتى. مىيىقىدا كۈلۈشۈپ قويۇشاتتى. قانداقتۇر شۇ كۈلۈش بىلەن تەڭ بىر-بىرىدىن ئەيمىنىپ سەل كەينىگە داجىيتتى، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بۇ دوقمۇشتا توختاپ قېلىشقاندۇ؟ قاچانلاردىدۇر سېزىمىنى يوقاتقان ئاجىزانە يۈرەكلىرى نېمانچىلا تېپچەكلەيدىغاندۇ؟ مانا شۇلار سوئال شەكلىدە بۇ ئىككى ۋۇجۇدنى خىيال دۇنياسىغا باشلاۋاتاتتى.
    ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئوخشاش ئىدى. ھەر ئىككىلىسىنىڭ مۈرىلىرىگە ساناقسىز ياماق چۈشكەن، يېرىم تولدۇرۇلغان سەدىقە خالتىسى ئېسىلغان. بوۋاينىڭ قولىدا ھالقىلىرى ئۇپراپ كەتكەن ساپايە، موماينىڭ قولىدا تولا سۈركىلىشتىن پارقىراپ كەتكەن تەسۋى. ئۇلار مۇشۇ ئاددىي ۋاسىتىلىرى بىلەن نەچچە يىللاردىن بېرى ئاخىرقى ئۆمرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. ئۇلارغا بۇ كۆجۈم مەھەللىلەر، مېھرىبان ئىشىكلەر، شەپقەتلىك قوللار خۇددى سەدىقە خالتىسىدىكى (بايلىقلار)دەك تونۇش ۋە ئوپئوچۇق ئىدى. بىراق، ھەر ئىككىلىسى مۇشۇ سەرگەردانلىق ھاياتنى باشلىغاندىن بۇيان بۇنداق تاسادىپىيلىققا يولۇقمىغانىدى.
    ئۇلار ھېچنېمىنى ئەسلىيەلمىدى. ئەسلىيەلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئاھ! دۇنيادا ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدا ئەڭ لەززەتلىك خاتىرىلەرنى ئەسلىيەلمەسلىكتىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولامدۇ؟!
    بوۋاي مومايغا ئاخىرقى قېتىم قارىدى: قارىياغاچنىڭ قوۋزىقىدەك پۈرۈم-پۈرۈم قوۋۇز، ئۆڭكۈر ئىچىدە مۈگدىگەن قارىچۇق، توختىماي تىترەپ تۇرغان قول ۋە باشقىلار...
       موماي بوۋايغا ئاخىرقى قېتىم قارىدى: ئاپئاق ئاقارغان ساقال-بۇرۇتلار ئىچىدە كۆمۈلۈپ قالغان لەۋ، ياشاڭغۇراپ تۇرغان چاناق، ھاسىغا ئېسىلىپ قالغان بەدەن ۋە باشقىلار...
       «ئۇھ، خۇدا» بوۋاي ئاجىز، ھەسرەتلىك تىنىق بىلەن شور تامغا يۆلەنگىنىچە مۈكچەيدى. ھارغىنلىق، نادامەت، قېرىلىق ئۇنى ئۇيقۇغا ئۈندەيتتى. ئۇ مۈگدىدى، مومايمۇ ئوخشاشلا مۈگدىدى. بىراق، موماي بوۋايغا يۆلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتى. بىر-بىرىگە سەللە تېگىشىپ قالغانلىقى سېزىلسە ئۇلار چۆچۈپ ئويغىناتتى-دە، بىر-بىرىگە ئالىيىپ قاراپ قويۇشاتتى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇلار ئۇيقۇ دۇنياسىغا پۈتۈنلەي غەرق بولدى-دە، ئەس-سېزىمىنى يوقاتقان ھالدا بىر-بىرىگە تامامەن يۆلىنىپ قالدى.
       بوۋاي ۋە موماي تەڭلا چۈش كۆرۈۋاتاتتى: ئورمان، دەريا، ياشلىق...
       ئۇلار ئاشۇ مۇقەددەس دوقمۇشقا يەنە كېلىشتى. دوقمۇش−ئۇ ئاددىي بىر نەرسە، ھايات يوللىرىدا، تەبىئەت ئالىمىدە بۇنداق دوقمۇشلار كۆپ ئۇچرايتتى. كوچا دوقمۇشى، تۇرمۇش دوقمۇشى... لېكىن بۇ دوقمۇش باشقا دوقمۇشلارغا زادىلا ئوخشىمايتتى. بۇ دوقمۇش−ئۇلارنىڭ مۇھەببەت دوقمۇشى ئىدى.
    ئۇلار تۇنجى سۆيگۈ شارابىنى شۇ دوقمۇشتا ئىچىشكەن، قانچە-قانچە ئايدىڭ كېچىلەرنى مۇشۇ دوقمۇشتا ئۇزاتقان، تۈنەشكەن، چۈشەشكەن، سۆيۈشكەن...
    ئۇلار خىلۋەت بىر جايدىن ئورۇن ئالدى. كېچە سەلكىنى مۇھەببەتلىك يۈزلەرگە تىنماي سۆيەتتى. گۈللەر ئەڭ شېرىن سېھرىي تىللاردا شىۋىرلايتتى. ئۇلار پۈتۈنلەي گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. ئىككى ۋۇجۇدنىڭ ئەڭ نازۇك جايىدا−ئوتلۇق لەۋلەر ۋىسال قۇچقان ساھىلدا بىر تال قىزىل گۈل پورەكلەپ ئېچىلىۋاتاتتى. بۇ گۈل ئاجايىپ گۈزەل ۋە سېھىرلىك ئىدى. سۆيگۈ تەپتىدە خۇمارلاشقان كۆزلەردىن تېمىۋاتقان شادلىق تامچىلىرى گۈلنى سۇغىرىۋاتاتتى. گۈلدىن تاراۋاتقان دىلنى مەست قىلغۇچى ئاجايىپ خۇشبۇي پۇراق ئىككى ۋۇجۇدنى بىر-بىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەنىدى. كىرپىكلەر ئەمدىلا يۇمۇلۇشقا باشلىغاندا، نەدىندۇر كۆتۈرۈلگەن شاۋقۇن ساداسى ئۇلارنى ئەندىكتۈرۈۋەتتى.
       دەريا، ئاھ! دەريا... ئۇلار چۆچۈپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا−ئاشۇ دوقمۇشنىڭ يېنىدىلا بىر دەريا پەيدا بولغانىدى. بۇ دەريا تەبىئەتتىكى باشقا دەريالارغا ئوخشىمايتتى. بۇ دەريا تولىمۇ پاسكىنا، لاي-لاتقىلار بىلەن تولغان بولۇپ، ئىنتايىن دەھشەتلىك، ۋەھىملىك ئىدى. قانداقتۇر ئۇنىڭدىن كىشى چۈشىنىپ بولالمايدىغان سىرلىق سادا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
       مۇھەببەت دالاسىدا بەخت قۇچقان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ سۆيگۈ ھارارىتىدىن لەۋلىرى قۇرۇپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، چاڭقىغانىدى. ئۇلار تاتلىق بىر كۈلۈشتى-دە، تەڭلا دەرياغا ئېڭىشتى.
    ـ مەرۋايىت!
    ـ مەرۋايىت!
    بىر جۈپ چىرقىراق ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، ھودۇقۇشتى. ئۆزلىرىنىڭ بۇنداق ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىۋەتكەنلىكىنى ئۆزلىرىمۇ سەزمەي قېلىشتى. كۆزلەر چەكچەيدى، قوشۇمىلار تۈرۈلدى، چىرايلار سارغايدى...
    ئۇلار تەڭلا يۇلقۇندى-دە، مەرۋايىتنى سۈزۈۋېلىش ئۈچۈن دەرياغا ئۆزىنى ئاتتى.
    سۈكۈت ھۆكۈم سۈرەتتى. مۇقەددەس دوقمۇش غېرىبسىنىپ قالغانىدى. دەھشەتلىك قارا دولقۇن ئاللىقاچان بۇ ئىككى ۋۇجۇدنى ئىككى قۇتۇپقا ئېقىتىپ كەتكەنىدى. پەقەت، پەقەتلا ھېلىقى پورەكلەۋاتقان قىزىل گۈل قاپقارا بۇلغانغان سۇ يۈزىدە تەنھا لەيلەپ كېتىپ باراتتى.
    − نىساگۈل!
    − قادىرەم!
    بىرى، بوغۇق، چىرقىراپ ئاۋاز... يەنە بىرى، ئىنچىكە، ئۈزۈك-ئۈزۈك تىترەڭگۈ ئاۋاز...
    بوۋاي ۋە موماي چەكسىز ۋەھىمە ئىچىدە چۆچۈپ ئويغاندى. شەكسىزكى، ئۇلارنى قارا باسقانىدى. تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتكەن قاقشال تەنلەردىن ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان بەتبۇي پۇرقىراپ كەتتى.
       ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشقا، ئۆز چۈشلىرىگە بىر-بىرىدىن تەبىر سوراشقا، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشكە تەمشەلدى. بىراق، مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئاللىقاچان بۇ دوقمۇشتا يىلتىز تارتىپ كەتكەن بولۇپ، پۈتۈنلەي ھەرىكەتسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى.
    بوۋاينىڭ ساقاللىرى ياپيېشىل شۇڭغا ئايلىنىپ كەتكەن، باشلىرىغا قۇشلار ئۇۋا سالغان، موماينىڭ ئاجىز قوللىرى شاخلاپ كەتكەن بولۇپ، ھەر ئىككىسىنىڭ پۈتۈن  بەدىنى بىخ سۈرۈۋاتاتتى.
       ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مۇقەددەس مۈلكى بولغان سەدىقە خالتىسى سېسىپ ئوغۇتقا ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ يىلتىزىنى ئوزۇق بىلەن تەمىنلەۋاتاتتى. ئاللىقاچان ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ دوقمۇشتا بۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق دەرەخكە ئوخشىمايدىغان بىر تۈپ دەرەخ كۆكلەۋاتاتتى...
    بۇ بەلكىم ئىنسانىيەت دۇنياسىدىكى يېڭى بىر ئىجادىيەت بولۇشى مۇمكىن.


     

    [hotanboy تەستىقلىدى . 2010-5-21 20:59:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر تۇرسۇنجان ھاشىمى