ھەدىيە سۆزلەر دېڭىزىدىن يېڭى تامچىلار

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2011-11-23 10:05:20

ھەدىيە سۆلەر دېڭىزىدىن يېڭى تامچىلاردۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كەسىپ-خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش. ــــــ گوركىيمۇئەللىم،سىزنىڭ دەس مۇنبىرىدىكى ئۇلۇغ ئوبرازىڭىزنى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ يىقىلماس ئۈمىد مۇنارى.مە...



    ھەدىيە سۆلەر دېڭىزىدىن يېڭى تامچىلار

    دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كەسىپ-خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇش.

                     ــــــ گوركىي

    مۇئەللىم،سىزنىڭ دەس مۇنبىرىدىكى ئۇلۇغ ئوبرازىڭىزنى مەن ئۈچۈن مەڭگۈ يىقىلماس ئۈمىد مۇنارى.مەن سىزنىڭ مەڭگۈ ياش تۇرىشىڭىزنى،تەربىيلىگەن شاگىرتلىرىڭىزنىڭ خۇددى خۇشپۇراق تاغ گۈللىرىدەك ھەممە يەرنى قاپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

    سۈيۈملۈك مۇئەللىم،سىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىڭلار بولغانلىقى ئۈچۈن،ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق.سىلەر ئۇستازلار ھەقىقەتەن مەدەنىيەت تارقاتقۇچى،مەدەنىيەت بىناسىنى قوغدىغۇچى شۇنداقلا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى،ئۆزۈڭلەرگە خاس قۇتلۇق بايرىمىڭلار يىتىپ كەلگەن خۇشاللىق كۈنلەردە،مەن سىلەرنىڭ بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە كۆپرەك كۈلۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

      مۇئەللىم،قىزىل گۈل،چاۋاك ۋە تەبرىك سۆزلەر مىنىڭ سىزگە بولغان كۆڭلۈمنى ئىپادىلەيدۇ.مۇئەللىم،سىز بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتىڭىز،شۇڭا مەن سىزگە ھەركۈنى بايرام بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      مۇئەللىم،بۈگۈن سىزنىڭ ئىپتىخارلىق كۈنىڭىز،شاگىرتلىرىڭىز سىزنىڭ پەخرىڭىز،پاك ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقىمىز بولۇپ قالسۇن!

      مۇئەللىم،سىز بولمىغان بولسىڭىز ئىنژىنىر،مۇزىكانت،ئالىم...لار بولمىغان بولاتتى.سىلەر بولمىغان بولساڭلار ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتىمۇ بولمىغان بولاتتى.شۇڭا بىز سىزنىڭ كەسپىڭىزنى ئەڭ شەرەپلىك،ئەڭ مۇقەددەس كەسىپ دەيمىز ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرگەندە بىزمۇ سىزگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بۇلۇشنى خالايمىز.

      سۈيۈملۈك مۇئەللىم،سىز ئارتىس ئەمەس،ئەمما سىز بىزنىڭ بىلىمگە تەشنا كۆزىمىزنى خۇددى تالانتلىق ئارتىسلاردەك ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىپ كەلدىڭىز.سىز ناخشىچى ئەمەس،ئەمما سىز بىلىم بۇلاقلىرىنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئارقىلىق بىزگە يېقىملىق ناخشىلارنى ئېيتىپ بەردىڭىز.سىز ھەيكەلتاراچ ئەمەس،ئەمما سىز ياش ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدە يىقىلماس روھ بىناسىنى تىكلىدىڭىز.بىز سىزدەك ئۇستازنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كېتەلەيمىز.

      بىر يىل ئىچىدەباھار ئەڭ گۈزەل بۇلىدۇ،ھاياتلىقتا ياشلىق ئەڭ گۈزەل بۇلىدۇ،مۇئەللىم،سىز ھاياتىمىزغا باھاردىن ئۈمىد ئاتا قىلدىڭىز،شۇڭا بىز سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ئەڭ گۈزەل قەلىب ،دەپ قارايمىز.

      مۇئەللىم،ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يىتىپ كەلگەن خۇشاللىق كۈنلەردە،دېڭىز-ئوكيانلار سىز ئۈچۈن ئۆركەشلىمەكتە.يېشىل تاغلار سىزگە قاراپ كۈلمەكتە.ئۇچار قۇشلار سىزنىڭ شەنىڭىزگە ئاتاپ شوخ،لەرزان ناخشىلارنى ئېيتماقتا.سىزنىڭ جاپالىق ئەجىر-مىھنىتىڭىزگە مەدھىيە ئوقۇماقتا.

      مۇئەللىم،سىز بىزنى بىلىم يولىغا باشلاپ،بىزنى ھاياتلىق مەشئىلىنى ئېگىز كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىڭىز.بۇنىڭ ئۈچۈن بىزسىزگە مىڭ قەدەم يىراقلىقتىن مىڭ قېتىم تازىم قىلساقمۇ يەنىلا ئازلىق قىلىدۇ.

      سۈيۈملۈك مۇئەللىم،ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يىتىپ كەلگەن كۈنلەردە،قەلبىم خۇددى دولقۇنلۇق دەريادەك ئۆركەشلەپ،سىز ئۈچۈن سوقماقتا.سىز ئۈچۈن كۈلمەكتە،كۆڭلۈم سىزگە بەخت تىلىمەكتە.

      مۇئەللىم،مەن ئاق بورغا ئىختىيارسىز مەدھيە ئوقۇيمەن.چۈنكى ئاق بور ماڭا بىلىم ئۆگەتتى.مەندە ئادەملىك ئادەملىك خىسلەتنى يىتىلدۈرۈپ،مىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمگە يىتەكچىلىك قىلدى،ئەمما سۈيۈملۈك مۇئەللىم،سىز بولمىغان بولسىڭىز ئاق بوردا قانداقمۇ ھاياتلىق بولسۇن؟بورغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىم ئەمەلىيەتتە سىز ئۇستازىمغا مەدھىيە ئوقۇغانلىقىم.

       مۇئەللىم،سىلەر ئۇستازلار ۋەتەننىڭ سۇنماس تۈۋرۈكى بۇلۇپ،ئەۋلادلارنىڭ ئۈمىدىنى شەخسىيەتسىزلىك بىلەن ۋايسىماي كۈتۈرۈپ كىلىۋاتسىلەر،بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

    سۈيۈملۈك مۇئەللىم،سىز مىنىڭ قەلب ئېتىزىمغا بىلىم ئۇرۇقىنى چاچقاچقا،بۈگۈنكى كۈندە مەن پەن-تەتقىقات جەھەتتە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدىم.بۇ نەتىجىلەر ئالدى بىلەن سىزگە مەنسۇپ!

     سۇ تامچىلىرى گۈل ئۈستىگە چۈشكەندە قۇياش نۇرى بىلەن رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ.مۇئەللىم،سىزنىڭ ھەربىر ئېغىز ئىلھامبەخىش سۆزلىرىڭىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئەڭگۈشتەر بولۇپ ساقلىنىدۇ.

      مۇئەللىم،ئانىلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئۆزبەدىنىگە قۇبۇل قىلىپ،ئۇنى ئاڭ سۈتكە ئايلاندۇرۇپ،ئۆز پەرزەنتلىرىگە تەقدىم قىلغان بولسا،سىز ئىنسانلارنىڭ ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجىربىلىرىنى قىممەتلىك بىلىمگە ئايلاندۇرۇپ بىز ئوقۇغۇچىلارغا بەردىڭىز.بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزگە مەڭگۈ بەخت تىلەيمىز.

      مۇئەللىم،سىز بىز ياش ئەۋلادلارنى تەربىيلەش يولىدا گۈزەل ياشلىقىڭىزنى بىزگە تەقدىم قىلىپ،چوڭقۇر قورۇقلارنى ئۆزىڭىزگە قالدۇردىڭىز،روشەن كۆزلىرىڭىزنى بىزگە بېرىپ،خىرەلەشكەن ئاجىز كۆزلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە قالدۇردىڭىز.

    بۇنىڭ ئۈچۈن بىز سىزگە ھەرقانچە قىلساقمۇ ئازلىق قىلىدۇ.

      مۇئەللىم،سىز بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىر جەھەتتە ئالغا ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىپ كەلدىڭىز،بىزمۇ سىزنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەھەتتە زور مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز،چۈنكى سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭىز بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزنىڭ كاپالىتى.بىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىگەنلىكىمىز سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىڭىزنىڭ بەلگىسى.

    مۇئەللىم،ئالىملاردىن تارتىپ داھىيلارغىچە ھەممەيلەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز.سىزنىڭ ئورنىڭىزغا ھىچكىمنى دەسسەتكىلى بولمايدۇ.شۇڭا بىز سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى كۆپرەك ئاسىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مۇئەللىم،سىزنىڭ تەلىم تەربىيىڭىز بىلەن بىز خۇددى قانات چىقارغان قۇشلاردەك ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلماقتىمىز.مەيلى بىز قەيەرگە ئۇچۇپ بېرىشىمىزدىن قەتئىينەزەر سىزنىڭ تەلىم -تەربىيىڭىز مەڭگۈ بىزنىڭ قۇلىقىمىز تۈۋىدە جاراڭلايدۇ.

    مۇئەللىم،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن ئۆچۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۈمىد،غايە ئوتلىرىمنى قايتا تۇتاشتۇرۇپ،مىنى يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدىڭىز،قىسقىسى،ماڭا يېڭى ھاياتلىق بەردىڭىز،سىز بىلىم بۇلىقى ۋەتەننىڭ گۈللىرىنى سۇغاردىڭىز.قۇتلۇق بايرىمىڭىز يىتىپ كەلگەن كۈنلەردە مەن بايرىمىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە،سىزگە سالامەتلىك ۋە بەخت تىلىمەي تۇرالمايمەن!

    مۇئەللىم،سىز سۇ بولۇپ بىز كىچىك مايسا كۆچەتلەرنى سۇغاردىڭىز،سىز نۇر بولۇپ بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىمىزنى يۇرۇتتىڭىز،سىز ئوت بولۇپ بىزنىڭ مۇزلىغان قەلىب دۇنيارىمىزنى ئىللىتتىڭىز.

    مۇئەللىم،سىز بىر ئىشقا ئالدىراپ ئاسانلىقچە ۋەدە قىلمايسىز،ۋەدە قىلسىڭىز چوقۇم ئىشقا ئاشۇرمىغىچە كۆرەشتىن توختىمايسىز.مەن سىزدىن ئەڭ قىممەتلىك بولغان بايلىق-ۋەدىگە ۋاپا قىلىشتىن ئىبارەت سەمىمىي ساداقەتلىكنى ئۆگىنىۋالدىم.

    مۇئەللىم، بىلىم تارقاتقانلىق-ئۈمىد ئۇرۇقىنى چاچقانلىق،گۈزەللىك ئۇرۇقىنى چاچقانلىق،بەخىت ئۇرۇقىنى چاچقانلىق.شۇڭا مەن سىزنى ئۈمىد،بەخت ۋە گۈزەللىك ئۇرۇقىنى چاچقۇچى باغۋەنگە ئوخشىتىمەن.

    مۇئەللىم،سىزنىڭ دەرس مۇنبىرىدە بورغا ھەمرا بۇلۇپ ئۆتكۈزگەن 30يىلىڭىزنى بىر كۇبلىت مول ۋە چوڭقۇر مەنىلىك پەلسەپىۋى شېئىرغا ئوخشىتىش مۇمكىن.بۇ شېئىرغا سىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق ئۆچمەس روھىڭىز سىڭگەن.

    مۇئەللىم،سىز ئەزەلدىن ئۆزىڭىزنى كۆرسىتىشنى خالىمايسىز،شان-شەرەپ تاجىلىرىنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆزىڭىز ئۆستۈرۋاتقان كۆچەتلەرگە ئۆتىندىڭىز،مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئۆزىڭىز چاقناتقان ئۈمىد يۇلتۇزلىرىغا تەقدىم قىلدىڭىز.سىزنىڭ بۇ خىل شەخسىيەتسىز مەردانە روھىڭىز مەڭگۈ بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

    مۇئەللىم،سىزنىڭ خىزمەت ئورنىڭىز ئۆزگەرمىسىمۇ،لىكىن سىزنىڭ تەربىيلىگەن شاگىرتلىرىڭىزنىڭ ئىزلىرى-دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارالغان.چاچلىرىڭىز ئاقارسىمۇ،لىكىن ياشلىقىڭىز مەڭگۈ قېرىمايدۇ.

    مۇئەللىم،سىز خۇددى مېھرىبان ئانىلارغا ئوخشاش بىزنى قوينىڭىزدا ئۆستۈرۈپ،بىزگە ئۈمىد بەردىڭىز،بىزگە مەدەنىيەت ئۆگەتتىڭىز،نادانلىقنى قوغلاپ،بىزنى ئەقىل جەھەتتە ئويغاتتىڭىز.

    مۇئەللىم،سىز بۈگۈن بىلەن ئەتە ئوتتۇرسىغا ئالتۇن كۆۋرۈك سالغۇچى ئەزىمەت.سىزنىڭ بۇ كەسپىڭىز نىمەدېگەن ئالىيجاناپ كەسىپ ھە!

    مۇئەللىم،ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى يېقىملىق ئەسلىمە بۇلۇپ قالىدىكەن،مەن مەكتەپتە ئۆتكەن ھاياتىمنى ئەسلەيمەن،سىزنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن.

    مۇئەللىم،چاچلىرىم ئاقىرىپ،بەللىرىم مۈكچەيگەن تەقدىردىمۇ مەن چىن كۆڭلۈمدىن سىزنى يەنىلا مۇئەللىم،دەپ چاقىرىمەن.ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ۋە ئالىيجاناپ كەسىپ ئالدىدا مەن مەڭگۈ كىچىك ئوقۇغۇچى.

    مۇئەللىم،مەن خاتالىق ئۆتكۈزگەن چاغدا،سىزنىڭ مەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ،غەم يىگەن چاغدىكى روھى- ھالىتىڭىزنى،ئالغا باسقىنىمدا مەندىنمۇ بەكراق خۇش بولغان ئىللىق چىرايىڭىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كىتەلمەيمەن.

    مۇئەللىم،توپىلىق سەھرا يوللىرىدا سىزنىڭ ئىزىڭىز ۋە كۆلەڭگىڭىز بار،مەكتەپتە سىزنىڭ تەبەسسۇم كۈلكىڭىز بار.قىسقىسى،سىزگە كۆپ رەھمەت!

    مۇئەللىم،ئايرىلغىنىمىزغا گەرچە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ،لىكىن سىزنىڭ يېقىملىق،كىچىك پېئىل ئوبرازىڭىز خۇددى پارلاق نۇرغا ئوخشاش قەلبىمىزگە ئىزچىل نۇر چېچىپ كەلمەكتە.

    گۈزەللىكتە يايلاق گۈزەل،كەڭلىكتە ئاسمان كەڭ،چوڭقۇرلۇقتا دېڭىز چوڭقۇر،سۈيۈملۈك مۇئەللىم،سىزنىڭ كۆكسى قارنىڭىز خۇددى يايلاقتەك گۈزەل،ئاسماندەك كەڭ،دېڭىزدەك چوڭقۇر...

    مۇئەللىم، سىزگە بولغان سېغىنىش ھىسىياتىمنى گۈل سېۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ،بايرىمىڭىز مۇناسىۋىتى بىلەن سىزگە يوللىدىم،قۇبۇل قىلغايسىز.

    ئۇزۇن يىل بالىلار بىلەن ياشىغان ئادەمنىڭ قەلبى خۇددى بالىلارغا ئوخشاش تېتىك ۋە ياش تۇرىدۇ،مۇئەللىم سىز باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتقاچقا،سىزنىڭ قەلبىڭىزمۇ مەڭگۈ ئىللىق تۇرىدۇ.

    سۈيۈملۈك مۇئەللىم،ھەرقېتىم ھېرىپ چارچىغانلىرىمدا سىزنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرسەم،روھىم كۆتۈرۈلۈپ ھاردۇقۇم چىقىپ قالغاندەك يەڭگىل ۋە تېتىك بولۇپ قالىمەن.مۇۋەپپەقىيەت قازانغىنىمدا سىزنى ئەسلىسەم كۆڭلۈم ئەمىن تاپقاندەك بولىمەن،ئوڭۇشسىزلىقلارغا دۇچ كەلگەندە،سىزنى ئەسلىسەم يېڭىباشتىن كۈچ-قۇۋۋەت ۋە غەيرەت شىجائەتكە تولغاندەك بولىمەن.

    مۇئەللىم،ئەگەر ۋاقىتنى،ئادەمنىڭ يېشىنى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولدىغان بولسا،مەن يېڭىباشتىن سىزگە ئوقۇغۇچى بۇلۇپ،سىزنىڭ قايناق ھېسىياتقا تولغان چوڭقۇر مەنىلىك دەرىسلىرىڭىزنى ئوقۇشنى خالايمەن.

    سۈيۈملۈك مۇئەللىم،سىز بىلىم جەھەتتە ئەڭ شەخسىيەتسىز بۇلۇپ،بارلىق بىلىملىرىڭىزنى بىزگە خالىسانە تەقدىم قىلىشقا رازى بولدىڭىز.ئىلمىي مۇھاكىمە جەھەتتە سىز ئەڭ قورقماس باتۇر بۇلۇپ،ئوقۇغۇچى،شاگىرتلىرىڭىزنىڭ ئۆزىڭىزدىن ئېشىپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلدىڭىز.نام-مەنپەت جەھەتتە سىز ئەڭ تاماسىز بۇلۇپ،يىتىشتۈرگەن كۆچەتلىرىڭىزنىڭ ھەممە يەردە مول مېۋە بېرىشىنىلا كۈتتىڭىز،مەن سىزدەك ئۇستازىمنىڭ بولغانلىقىدىن مەڭگۈ پەخىرلىنىمەن!

    مۇئەللىم،سىزنىڭ جەڭ مەيدانىڭىز-دەرس مۇنبىرى،سىزنىڭ قورالىڭىز- قەلەم ۋە بور،سىزنىڭ كۈچ-قۇۋۋەت مەنبەيىڭىز-مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت،سىزنىڭ يازغان ئەسىرىڭىز-ئىختىساس ئىگىلىرى،سىزنىڭ غايىڭىز-ھەيۋەتلىك كىلەچەك بىناسىنى قۇرۇپ چىقىش.

    مۇئەللىم،سىز بىلەن ھەيكەلتاراچلارنىڭ بۇرچى ئورتاقلىققا ئىگە.ھەر ئىككىڭلار گۈزەل كىشلىك تۇرمۇش گۈلزارىنى يارىتىسىلەر،گەرچە ھەر ئىككىڭلارنىڭ ھۈنىرىڭلار بىر-بىرىڭلاردىن قېلىشمىسىمۇ،لىكىن بەدىئىي ئۇسلۇبىڭلار جەھەتتە چوڭ پەرقلىق تۇرىسىلەر،ھەيكەلتاراچلار گۈزەل شەكىل ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئالىيجاناپ قەلبىنى كۆرسىتىپ بەرسە،سىلەر ئۇستازلار ئىچكى گۈزەللىك روھى ئارقىلىق ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى يورۇتۇپ بېرەلەيسىلەر.شۇڭا سىزدەك قولى چىۋەر،قەلبى گۈزەل ئۇستازنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن.

    مۇئەللىم،سىزنىڭ ئەڭ ئالىي سەنئەتتىن ئۈستۈن تۇرسا تۇردىكى،ھەرگىز تۆۋەن تۇرمايدۇ.سىز يۈرەك قېنىڭىزنى سىياھ،ئەقىل-پاراسىتىڭىزنى قەلەم قىلىپ،قەھرىمان سەركەردىلەر روھىنى ياراتتىڭىز،سىزنىڭ بۇ تۆھپىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

    مۇئەللىم،سىزدە«شاگىرتلىرىم مەندىن ئېشىپ كەتسۇن»مەردانە،كەڭ قورساق روھ بار،بۇ روھ شەخسىيەتسىزلىكنىڭ سىموۋولى،ئالىيجانابلىقنىڭ گۋدىلىنىشى،سىزدە مانا مۇشۇنداق ئالىيجاناپ خىسلەت بولغاچقا،ئادەم بولۇش جەھەتتە سىز بىزنىڭ مەڭگۈ ئۈلگىمىز.

    مۇئەللىم،سىزنىڭ دەرس مۇنبىرىدە تىك تۇرغان ئوبرازىڭىز خۇددى جۇت-شىۋىرغاندا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارغايغا ئوخشايدۇ،گەرچە بور توزۇندىلىرى سىزنىڭ قۇندۇزدەك چاچلىرىڭىزنى قار كەبى ئاقارتىۋەتكەن بولسىمۇ،لىكىن ياشلىق باھارىڭىز بىز شاگىرتلار قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

    مۇئەللىم،سىزنىڭ بىر جۈپ خىسلەتلىك كۆزىڭىزنىڭ نۇرى قۇياشنىڭ نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك،بىز توڭلىغاندا سىز نۇر بولۇپ بىزنى بىۋاستە ئىللىتتىڭىز،بىز قورققاندا،سىز بىزگە ئۈمىد نۇرى بۇلۇپ،بىزگە قەتئىيلىك بېغىشلىدىڭىز،ئۈمىدسىزلەنگىنىمىزدە،سىز بىزگە نۇر بۇلۇپ،ئىشەنچ بەردىڭىز،دەرد-ئەلەم چەككىنىمىزدە،بىزگە مىھېى-شەپقەت ئېلىپ كەلدىڭىز،شۇڭا ھەر قېتىم سىزنى كۆرگىنىمىزدە سىزنىڭ خىسلەتلىك كۆزىڭىزگە ئالاھىدە تىكىلىپ كۆپرەك قارىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

    مۇئەللىم،بارلىق خوشاللىق ۋە بەخىتنىڭ سىزگە مەڭگۈ ھەمرا بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن كۈزدە مول-ھوسۇل قاچىلانغان ماشىنامنى ھەيدەپ كىلىپ،سىزنى ئەمەلىي نەتىجەم بىلەن يوقلايمەن!

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.