گۇناھ-15(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:23:54

گۇناھ(15)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد نىياز بۇ گەپلەرنى پەس ئاۋازدا دېگەن بولسىمۇ سەمەت مەخسۇم ئاڭلاپ قالدى، ھېچ بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن يوشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ھەم ئوغلىنىڭ كېيىنلىكىد...



    گۇناھ(15)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

    نىياز بۇ گەپلەرنى پەس ئاۋازدا دېگەن بولسىمۇ سەمەت مەخسۇم  ئاڭلاپ قالدى، ھېچ بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن يوشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ھەم ئوغلىنىڭ كېيىنلىكىدىن ئەنسىرەپ، خۇدادىن ئاسانلىق تىلىدى.

     

      بىر ھەپتىدىن كېيىن سەمەت مەخسۇم ئوغلى بىلەن بىللە يېزىلىق ساقچىخانىغا چاقىرتىلدى. ھىدايەت قارىدىن داۋۇت داموللامنىڭ گۇمانلىق ئىشلىرى توغرۇلۇق ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان ساقچىلار ئۇنىڭ تېخى كىچىكلىكىنى، ئانچە بەك سىياسىي كاللىسى يوقلۇقىنى بايقاپ ئۆيىگە قايتۇرىۋەتتى، سەمەت مەخسۇمنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇپ تەربىيىلىدى.

     

      ھىدايەت قارى ئاتىسىنىڭ ھالىدىن قايغۇرۇپ، بۇ ناھەق ئىشلاردىن كۆڭلى بۇزۇلۇپ ئۆيىگە كەلگۈچە ياش تۆكۈپ كەلدى؛ نىيازنىڭ شۇملۇقلىرىنى ئويلاۋېرىپ، ئاچچىق ئەلەمدىن چىشلىرى كىرىشىپ، مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ كەتتى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى، ئايىمخان ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئاتىسى قايتىپ كەلمىگەنسېرى ھىدايەت قارى كۈندىن كۈنگە تىت-تىت بولۇپ، نىيازغا بارغانسېرى ئۆچ بولۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نىياز ھىدايەت قارىنىڭ ساقچىخانىدىن يېنىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ بىر مۇنچە سېسىق گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك ئۇلغايتىۋەتتى.

     

      مەھەللىدە ھىدايەت قارىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان بىر ساۋاقدىشى بار ئىدى، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە مەجبۇرىي بېرىپ ئوقۇيتتى، ھىدايەت قارىنى بەك ھۆرمەتلەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تراكتور، تېلىۋېزور دېگەندەك ئوقەتلەر تەل ئىدى. ئۇ ھىدايەت قارىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ھەر كۈنى كەچتە ئۇنى ئۆيىگە چاقىراتتى، بىللە تاماق يەپ بىللە تېلېۋىزور كۆرەتتى، ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيىدە قوندۇرۇۋالاتتى. ھىدايەت قارى تېلىۋىزورغا قىزىقىپ قالدى. تېلېۋىزوردا ھەر كۈنى كەچتە بېرىلىدىغان «غەرپكە ساياھەت»تتىكى سۇن ۋۇكۇڭنىڭ سەپەر جەريانىدا قورقۇنچلۇق جىن-ئالۋاستىلارغا ئۇچراپ ئاخىر ئۇلارنى يەڭگەندىكى قىزىقارلىق، خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلىرى ھىدايەت قارىنى بەكلا جەلپ قىلىۋالدى؛ ھەر بىر قىسمىدا چىقىدىغان ھەر خىل جىن-ئالۋاستىلار ئۇنىڭ جىنلار ھەققىدىكى بۇرۇنقى تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغاتتى. جىن-ئالۋاستىلار ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ئىدى، سۇنۋۇكۇڭ ئۇلارنى بويسۇندۇرۇپ ماڭمىغان بولسا تاڭ سىڭ يولدا توسۇلۇپ قالاتتى، ھەتتا ئاشۇ ياۋۇز جىن-ئالۋاستىلارغا يەم بولۇپ كېتەتتى...

     

      كەچتە ئۇخلاش ئالدىد ا ھىدايەت قارى ساۋاقدىشى بىلەن سۇنۋۇكۇڭ ۋە جىنلار ھەققىدە ھەر خىل گەپلەرنى قىلىپ چىقاتتى.

     

      — ئاتاممۇ جىننى ئاشۇنداق قورقۇنچلۇق دېگەن، مەن زادى كۆرۈپ باقمىدىم...- دېدى ھىدايەت قارى بىر كۈنى كەچتە.

      — جىنلار سىزدەك ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمگە ئۇچرىمايدۇ -دېدى ساۋاقدىشى،- جىن دېگەن ئەسكى ئادەمگە چېقىلىمىش، نىياز توختىغا جىن ئۇچراپتىكەن، خەق شۇڭا”نىياز توختى، جىندىن قوقتى“ دەيدۇ.

     

      — قاچان؟ نەدە؟-دېدى ھىدايەت قارى ھەيران ھەم خۇشال بولۇپ.

     

      — ئۆتكەن يىلى يازدا، نىياز توختى بازاردىن مەست چىقىۋاتسا تاش يولنىڭ بويىدىكى ھېلىقى زاراتلىقتىن بىر ئوت كۆرۈنۈپتىمىش، ئۇ يەردىن قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ شاراق-شۇرۇق سوقۇلغان، ئادەمنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتىمىش. ئاندىن بىر ئۇزۇن چاپانلىق، قارا تۇماقلىق ئادەم يولدىن توغرىسىغا ئۆتۈپلا يوقاپ كېتىپتىمىش. نىياز توختى بۇنىڭدىن قاتتىق قورقۇپ ئىشتىنىغا سىيىۋېتىپتىمىش...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.