چىركاۋدىكى كەپتەر ۋە بۈركۈت

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-03 13:31:14

چىركاۋدىكى كەپتەر ۋە بۈركۈت مەن بارغانسېرى شۇنى بايقىدىمكى، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىيىتىنى ئۈزۈل-كىسىل ئۇنتۇپ كىتىشكە رازىكى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى قىلچە ئۇ...

    چىركاۋدىكى كەپتەر ۋە بۈركۈت

      مەن بارغانسېرى شۇنى بايقىدىمكى، نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئىيىتىنى ئۈزۈل-كىسىل ئۇنتۇپ كىتىشكە رازىكى، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى قىلچە ئۇنتىيالمايدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ قارىشى بويىچە ئۆزىنى «ياساش»قا ئادەتلىنىپ كەتكەن، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي تەبىئيىتىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ، ھەقىقىي تەبىئىيىتى ئەسلىگە كەلسە، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. شۇڭا، باشقىلار بىلەن بىرەر سائەت ئويناپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرەر يىل ئارلاشقاندىن كۆپ تۇنۇشقا ئىگە بولغىلى بولۇشى مۇمكىن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، زىراپە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەندە گاچا ئىكەن، ئۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلالمىغاچقا، كۈنلىرى ئازاب ئىچىدە ئۆتىدىكەن.

    -مەن سىنى بۇ ئازاپتىن قۇتۇلدۇرالايمەن،-دېدى بىر كۈنى خۇدا زىراپىگە،-سەن گەپ قىلالايدىغان بولىسەن، ھايۋان، ئۇچار قاناتلارنىڭ تىلىدىلا ئەمەس، ئىنسانلار تىلىدىمۇ سۆزلىيەلەيسەن!

    زىراپە بۇ گەپنى ئاڭلاپ، خۇشاللىقىدىن تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتى.

    -لېكىن،-دېدى خۇدا يەنە،-سەن ئالدى بىلەن مېنىڭ بىر شەرتىمگە ماقۇل بولۇشۇڭ كېرەك. سەن گەپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزۈڭ خالىغان گەپنى قىلىۋەرسەڭ بولمايدۇ، مەيلى كۆڭلۈڭدە خالا-خالىما، مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە گەپ قىلىسەن. ئەگەر بۇ تەلىپىمنى ماقۇل كۆرسەڭ، بېشىڭنى لىڭىشىتساڭ بولىدۇ!

    نەتىجىدە زىراپە بېشىنى چايقىدى، ئارقىسىغا بۇرۇلدى-دە، قاراپمۇ قويماي كېتىپ قالدى.

    زىراپە شۇ نەرسىنى چۈشەنگەن بولسا كېرەك: دۇنيادا ئەڭ ئازابلىق ئىش كۆڭۈلدىكى گەپنى دىيەلمەسلىك ئەمەس، بەلكى دېگەن گەپنىڭ كۆڭۈلدىكى گەپ بولماسلىقىدۇر.

    مەن زىراپىنىڭ تاللىشىغا قايىل بولدۇم. ئۇ شۇنى چوڭقۇر چۈشەنگەن، بۇ دۇنيادا ياشىغانىكەن، ئۆز كۆڭۈلدىكىنى بىمالال ئىپادىلىيەلەيدىغان، ئۆز روھىيىتىنى نامايان قىلالايدىغان بولۇش كېرەك. باشىقىلار نىمە دېسە شۇنى دەپ، سىزغان سىزىقىدىن چىقالمىسا بولمايدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا، ئازادە، مەنىلىك ياشىغىلى، ھاياتنى ھقىقىي قىممەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مىنىڭ قارىشىمچە، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، ئەسلىي تەبىئەتكە ئەمەل قىلىش ئىنسانلار ئۈچۈن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم نەرسە. لېكىن بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزدە سانسىزلىغان ئادەملەر ئەسلىي قىياپىتىنى يوقىتىپ، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنىمۇ پەرق ئېتەلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتىدۇ.

    گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ لېيپنىز ئېسىمگە كىلىپ قالدى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇ ئەينى چاغدا پادىشاھقا پەلسەپىدىن دەرس بەرگەنىكەن. لېيپنىز:«دۇنيادا بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان ئىككى يۇپۇرماق بولمايدۇ»دېگەندە، پادىشاھ بۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. ئۇ كېنىزەكلەرنى ئارقىدىكى باغقا چىقىپ، «پۈتۈنلەي ئوخشىشىدىغان ئىككى يۇپۇرماق» تېپىپ كېلىشكە بۇيرۇغان. چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، كېنىزەكلەر شۇنچە ئىزدەپمۇ، ئاخىردا قۇرۇق قول قايتىپ كىرگەن. شۇنداق، ئۇششاق يۇپۇرماقلارنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، ئۇلارنى ئىنىچكىلەپ كۈزىتىپ باقىدىغان بولساق، سانسىزلىغان تۈرلەرگە بۆلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز: ئوزۇن- قىسقىلىقى، كەڭ-تارلىقى، قېلىن-نىپىزلىكى، رەڭگىنىڭ قېنىق-سۇسلىقى، يۆلىنىشى...مانا بۇلارنىڭ ئۆزىنىمۇ نۇرغۇن خىللارغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەممە تەرەپتىن پۈتۈنلەي ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى يۇپۇرماقنى تېپىش، ئېنىقكى مۇمكىن ئەمەس ئىش. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ماھىيەتلىك پەرقى بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاقلىق يوق.

    لېكىن، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە بىر خىل قورقۇنچلۇق ھەم ساختا ئورتاقلىق يامراپ كېتىۋاتىدۇ، ھەربىر ئادەمنىڭ سۆز-ھەركىتى ۋە روھىي دۇنياسى  خۇددى بىر قېلىپتىن چىققان خىشتەك ئوخشاش. بىز بۇ خىل ئورتاقلىققا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمىز. لېكىن، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىي تەبىئىيىتىمىزگە مەڭگۈ ئەمەل قىلالمايۋاتىمىز. بىز ھەقىقىي ئۆزىمىزنى يوقتىپ قۇيۇۋاتىمىز. يەنە كېلىپ، بۇ خىل بۇيۇنتۇرۇق ئاستىدا ھەممە ئادەم ئوخشاش بىر شارائىتتا تۇرۇپ، ئوخشاش بىر ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. رۇسسو شۇنداق دىگەن:«تەبىئەت بىزنى يارىتىپ، ئاندىن قېلىپنى چېقىۋەتكەن.» بۇ گەپ ئاڭلىماققا غەلىتە تۇيۇلىدۇ، لېكىن ئۇ ھەربىر ئادەمگە ماس كېلىدۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، كۆپ سانلىق ئادەملەرگە قېلىپىدىن ئايرىلىپ قالغان ئۆزى يارىمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئاممىۋى قېلىپقا سېلىپ باشقىدىن يارىتىدۇ، نەتىجىدە، باشقىلارغا شۇنداق ئوخشىشىپ قالىدۇ.

    بۇ خۇددى ئادەمنىڭ سازلىقتىن ئۆتكىنىگە ئوخشايدۇ، سازلىقتا يول بولمىغاچقا، تەمتىلەپ يول ئىزدەپ ماڭىدۇ. ئىنتايىن خەتەرلىك بولسىمۇ، ئۇياققا ئاتلاپ، بۇياققا سەكرەپ، خېلى يەرگىچە يول تېپىپ ماڭىدۇ. لېكىن ئۇزۇنغا بارماي، ئېھتىياتسىزلىقتىن لاتقىغا دەسسىۋالىدۇ، لاتقا ئۇنى تارتىپ ئەكىرىپ كىتىدۇ. يەنە بىر ئادەم سازلىقتىن ئۆتمەكچى بولىدۇ، يەنە بىر ئادەم سازلىقتىن ئۆتمەكچى بولىدۇ، ئۇ ئالدىغا ماڭغان ئادەمنىڭ ئىزىنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلايدۇ: بۇ ئادەم سازلىقتىن ئۆتۈپتۇ، ئۇنىڭ ئىزىنى بويلاپ ماڭسام مەنمۇ چۇقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ باقىدۇ، قارىسا بىر ئوبدان كېتىۋاتقان، بارغانسېرى يۈرىكى توملاپ ئالدىغا خاتىرجەم ئىلگىرىلەۋېرىدۇ، بىر يەرگە بارغاندا لاتقىغا دەسسىۋېلىپ، ئۇمۇ چۆكۈپ كېتىدۇ. ئۈچىنچى ئادەم ئالدىغا ماڭغان ئىككى ئادەمنىڭ ئىزىنى كۆرۈپ، قىلچە ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا ئۇ ئىزلارنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ، ئۇنىڭ تەقدىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ ئۆزلۈكىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. ئاخىرقى بىر ئادەممۇ سازلىقتىن ئۆتمەكچى بولىدۇ، ئۇ ئالدىدا نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىزىنى كۆرۈپ شۇنداق ئويلايدۇ: بۇ چۇقۇم سازلىقنىڭ ئۇ بېشىغا تۇتىشىدىغان يول، مانا نۇرغۇن ئادەم مېڭىپتۇ، مەنمۇ مۇشۇ يولنى بويلاپ ماڭسام، سازلىقتىن چۇقۇم ئۆتۈپ كېتىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ قەدەملىرىنى چوڭ-چوڭ ئېلىپ مېڭىۋېرىدۇ، ئاخىرىدا ئۇنىمۇ لاتقا يۇتۇپ كىتىدۇ.

    دۇنيادىكى يوللار ئادەم قانچە كۆپ ماڭغانسېرى شۇنچە تۈز، شۇنچە راۋان بولىدىغان ئىش يوق، باشقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ مېڭىش ئەھمىيەتسىز بولۇپلا قالماي، بەزىدە ئۇ سېنى مەڭگۈ چىقالمايدىغان ھاڭغا ئېلىپ چۈشۈشى مۇمكىن.

    ئىنچىكىلەپ كۈزىتىپ باقسىڭىز مۇنداق بىر ئەھۋالنى بايقايسىز. كەپتەر كۆپ ھاللاردا مۇنداق چېركاۋنى ماكان تۇتۇشنى ياخشى كۆرىدۇ: ئۇ خىلۋەت يەرگە جايلاشقان، ئورماننىڭ ئىچكىرىسىدە غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئىبادەت كۈنى قوڭغۇراقنىڭ يېڭىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ؛ ياكى بازارنىڭ تىنچ يېرىگە جايلاشقان چېركاۋ، بىر خىل تىمتاسلىق قوينىدا ياتقان بولىدۇ، ھەتتا كىشىلەر يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندىمۇ، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دىققەت قىلمايدۇ. گويا ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقى پىنھان، ئەتراپىدىكى قايناق مەنزىرە ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن.

    لېكىن بۈركۈت ياقتۇرىدىغان چېركاۋ باشقىچە، چېركاۋنىڭ مۇنارلىرى كۆككە تاقاشقان بولۇشى، خۇددى ئايىغىدىكى دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتقاندەك ھەيۋەتلىك بولۇشى كېرەك؛ چېركاۋنىڭ قوڭغىرىقىمۇ خۇددى ئايىغى ئاستىدىكى زېمىننى تىترەتمەكچى بولغاندەك، جاراڭلىق، جانلىق بولۇشى كېرەك.

    چېركاۋنى تاللاش ئىشىدا كەپتەر بىلەن بۈركۈتنى سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆز خاراكتېرى روشەن نامايان قىلىنغان. بۇ ئۇلارنىڭ ئەسلىي تەبىئىيىتىنىڭ نەتىجىسى. بىر ئادەم ئۈچۈن ئېيىتقاندا، ئۇ بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئەسلىي تەبىئىيىتى بىلەن «تەقدىرداش» بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇ ئۆزلىكىنى يوقىتىپ، قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن، بەزىلەر گويا تۇغۇلۇشىدىنلا نامرات تۇرمۇشقا كۆنۈك بولىدۇ، بۇ دۇنيادا تىرىك جان يۈرسىلا ئۆزلىرىنى بەخىتلىك ھېسابلايدۇ، بۇ قۇللارچە خىيال؛

    قورساق تويغۇزۇشنى ھەممىدىن ئەلا، ھەقىقىي بەخت دەپ قاراش ھايۋاننىڭ خىيالى. قانداق كۈچنىڭ تەسىرىكىن، بەزىلەر ھەقىقىي ئادىمىيلىكىدىن ئايرىلىپ، بۇ دۇنيادا قارىغۇدەك ياشاۋاتىدۇ.

    ئىجتىمائىي قاراش ۋە ئەنئەنە سانسىزلىغان قۇللۇق شەكىلىنى پەيدا قىلدى، بىزنىڭ ئۇنڭغا چىدىشىمىزدىكى سەۋەب، ئۇ بىزنىڭ رىئال ئىنسانىي ئېڭىمىزنى بوغۇۋەتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئەگەر پۇتۇڭنى ئاياغ قىسىپ ماڭالمىساڭ، باشقىلار كۆتۈرۈۋالسا ياكى ماشىنىغا سېلىۋالسا قانداقكىن، بولمىسا ئالدىڭدىكى مەنزىلگە قاراپ ھەسرەت چېكىپ تۇرۇشتىن باشقا ئامالىڭ يوق.

    ئوخشاشلا، سېنىڭ تەبىئىيىتىڭ ۋە بەدىنىڭ مەلۇم نەرسىنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغاندا، روھىيىتىڭ مەڭگۈ ئازادلىققا ئېرىشەلمەيدۇ. ئىسكەنجىدىكى بەدەندە ئەركىن روھنى ساقلاپ قالىمەن دېيىش خام خىيالدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

            

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.