(چوغلۇق)ئەرلەر راستىنلا يېشىل يىمەكلىكمۇ؟

يوللىغۇچى : koklam يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-01 18:53:00

ئەرلەر راستىنلا يېشىل يىمەكلىكمۇ؟ تۇرمۇش مۇرەككەپلىك ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ. ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدا گاھ چۆكۈپ، گاھ لەيلەپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھارما...

    ئەرلەر راستىنلا يېشىل يىمەكلىكمۇ؟

     تۇرمۇش مۇرەككەپلىك ئىچىدە تەرەققى قىلىدۇ. ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدا گاھ چۆكۈپ، گاھ لەيلەپ ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ھارماي تالماي كۈرەش قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتىش يولىدىكى بارلىق قىيىنچلىق ۋە مۇشاقەتكە تولغان بۇ مۇساپنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئاياللارنى ئۆزىگە ھەمرا قىلىپ تاللايدىيۇ لىكىن بۇ مۇساپنى ئاخىلاشتۇرۇشىنى نىمە ئۈچۈن ئاياللارغىلا يۈكلەپ قۇيىدۇ؟ ئەجىبا جەمئىيتىمىزدىكى بەزى بىر قىسىم ئەرلەر بۇ مەسئولىيەتىنى ئادا قىلالىدىمۇ؟ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە بىر تونۇشۇم ماڭا مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بەردى. ئاياللار مۇنچىغا كىرىپ چىققاندىن كىيىن گىرىم قىلمىسا سىرتقا چىقالمايدۇ، ئەرلەرگە گىرىم قىلىش ھاجەتسىز شۇڭا ئەرلەرنى <يېشىل يىمەكلىك> دېيىشكە بولىدۇ دېدى. ئۇنداقتا شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەرلەرنى يېشىل يىمەكلىك دېيىشكە بولامدۇ؟ دىگەن سۇئال ئارقىلىق ھەرقايسىڭلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەيمەن. مۇنبەرىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن كۆز قاراشلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن. كونىلاردا <ئەرنىڭ سەتى بولماس، سۆگەتىنىڭ تۈزى> دەيدىغان گەپ بار. گۈزەللىك ھەممە ئادەم قىزىقىدىغان تېما. يولدا تازا چىرايلىق ياسانغان ئايال بىلەن كىيىملىرى ئادەتتىكىچە ياسانغان ئايال كېتىۋاتقان بولسا بۇلاردىن سىزنى بەكرەك جەلىپ قىلىدىغىنى چوقۇم مودا كىينگەن ئايال. بۇنى ئەيىپ كۆرگىنىم ئەمەس. گۈزەللىكە ھەممە ئادەم ئىنتىلىدۇ، كىم چىرايلىق بولۇشنى خالىمايدۇ دەيسىز. <يېشىل يىمەكلىك> كىشلەر ياقتۇرۇپ يەيدىغان، ئادەمگە نىسبەتەن ئەكىس تەسىرى بولمىغان ھەمدە ئادەملەرگە خاتىرىجەملىك ئاتا قىلىدىغان يىمەكلىك. تۇرمۇش ۋە ھايات شۇنداق گۈزەل. شۇ گۈزەللىك ئىچىدە ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ناتۇنۇش ئىككى ئىنسان بىر-بىرىگە كۆيۇشۇپ، مۇھەببەتلىشىپ، ئۆمۈرنىڭ ئاخىرغىچە بىللە ئۆتۈشكە نىيەت باغلايدىكەن. بىر ئائىلىدە ھېچقانداق ئورۇق- تۇققانچىلىقى بولمىغان ئىككى ئىنساننىڭ بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتەلىشى ئاسان ئەمەستە؟ ئۇلار ھاياتتا ئۇچۇرغان بارلىق قىينچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭىشى، كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا زىممىسىگە شۇنچە مۈشكۈل، جاپالىق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان ئەرلىرىمىز، ھەقىقەتەن ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلالىدىمۇ-يوق؟ تۇرمۇش سەھىنىسنىڭ بىر تەرىپىدە ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەقبۇريىتىنى ئادا قىلۋاتقان ئەر. تۇرمۇش سەھىنىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئائلىنىڭ بارلىق يۈكىنى ئۆزى ئارزۇ-ئارمانلاپ ئالغان مىھرىبان ئايالىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەپ قۇيۇپ، تۇرمۇشىنىڭ <پەيزىنى> سۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتقان ئەرلەر. ھايات ئۇزۇن بىر مۇساپە، مۇشۇ ئۇزۇن بىر مۇساپنى بېشىپ ئۆتۈش يالغۇز بىر ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتىقاندا ئاسان ئەمەس. مۇشۇ مۇساپنى بېسىپ ئۆتۈشتە سىزگە بىر ھەمراھ بولسا بۇ مۇساپىنى قانداق بېسىپ ئۆتكىنىڭىزنى بىلمەيلا قالىسىز. ئاياللىرىمىز ئەرلىرىدىن شۇنداق ئۈمۈتلەرنى كۈتىدۇ. يولدۇشۇم يامغۇر ياققاندا يامغۇردىن پاناھلىندىغان كۈنلۇك بولسا، بوران-چاپقۇندىن دالدىنىلدىغان تام بولسا، تۇمۇز ئىسىقتا ئىسىقىنىڭ تەپتىنى ماڭا يولاتمايدىغان ھاۋا تەڭشىگۈچ، قەھرىتان سوغوقتا قىشىنىڭ سوغوقىنى ھېس قىلدۇرمايدىغان ئوت بولسا دەپ ئويلايدۇ. لېكىن بەزى ئەرلىرىمىز ئاياللىرىغا نىمىنى ئاتا قىلدى؟ ئۇلار تۇرمۇش مۇساپىسىنىڭ شۇنچىلىك ئۇزۇنلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، بىز ئاياللارنى چىداملىق دەپ قاراپ، مۇساپىنىڭ داۋامنى بىزگە ئاخىرلاشتۇرۇش تاپشۇرۇقى بەردى. يامغۇر ياققاندا < سىلەر ئاياللار يامغۇر ياققاندا مېڭىشقا ئامراققۇ> دەپ كۈنلىكىنى ئۆزىگە سايىۋەن قىلدى. بوران-چاپقۇن كۇنلىرى < ئايالىم ئەجەپ كەلمايۋاتىدۇ، ئالدىغا بېرىپ باقاي >دىيىشنىڭ ئورنىغا <سىرىتقا چىقىش مۈمكىن ئەمەس، تېىىچە كەلمىگىنى> دەپ، قىڭغىيىپ يېتىپ ئائىلە ھۇزۇرىدىن بەھىرلەنگەن، قەھرىتان قىش كۈنلىرى ئىسىق ئۆيدە يېتىپ تۇرمۇشنىڭ راھىتىدىن ھوزۇرلانغان، تۇمۇز ئىسىق كۈنلىرى ئىسىقتا تەرلەپ ئولتۇرغىچە، دەريا بويىغا بېرىپ سۇغا چۈشۈپ سەگىدەپ كېلەي دەپ ماڭغان ۋاقتىلىرىدا، ئەرلىرىمىز ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمرا بولۇشقا بېلىنى مەھكەم باغلىغان ئاياللىرىنى ئەسكە ئېلىپ باققانمىدۇ؟؟؟............ ھازىرقى ئەرلىرىمىز كۆپ ۋاقتىنى ئەل-ئاغىنلىرىگە ئاجىرىتىپ ئكزىنىڭ مەردىلىكىنى،سېخىيلىقىنى نامايەن قىلسا قىلىدۇكى، ئاز ۋاقتىنى ئۆزىنىڭ ئىللىق ماكانىغا، مىھرىبان ئايالىغا، ئوماق پەرزەنىتىگە ئاجىرتىپ، ئۆزىنىڭ ئەرلىك مەسئوليىتىنى ئادا قىلغۇسى يوق. باشقىلارغا نەچچە يۇز يۈۋەنلەپ پۇل خاقلەشكە رازىكى ، ئاياللىرى بىلەن بالىلىرىغا ئازغىنە پۇل خەجلەشكە بېخىللىق قىلىدۇ. مەن بۇ دىگەنلىرىم بىلەن ئەرلەرنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن. بىراق دۇنيادىكى بارلىق ئەرلەرگە شۇنداق ئىلتىجا قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ بارلىق ئاياللار ياقتۇرىدىغان < يېشىل يىمەكلىك > بولۇشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. شۇ ۋاقىتتا بارلىق ئاياللار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان شۇ < يېشىل يىمەكلىك > دىن پەخىرلەنگەن بولاتتى.............. چۈنكى بىز سىلەر بولغاچىقلا ئۆزىمىزنى قۇدىرەتلىك كۈچكە ئىگە دەپ ھېس قىلىمىز. سىلەر بىزنىڭ مەنىۋى تۈۋرىكىمز، يۆلەنچۇكىمىز،مەدەتكارىمىز. بىز سىلەرنىڭ يېشىل يىمەكلىك بولۇشىنىڭلارنى پۇتۇن دۇنياغا مىھر-مۇھەببىتڭلار بىلەن ئىللىقلىق ئاتا قىلىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز. ئاياللار يالغۇز قالمىسۇن، تۇرمۇشنىڭ ئۇزۇن مۇساپىلىرىنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە باسسۇن، ھاياتىنىڭ ئاچچىق سىناقلىرىغا سىلەر بىلەن بىرلىكتە بەرداشلىق بەرسۇن. ئۆزنىڭ بارلىغىنى سىلەر ئۈچۈن قۇربان قىلالايدىغان بولسۇن!...........

     مەنبە: قەلىمىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.