ياش مۇزىكىسى

يوللىغۇچى : yax يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-19 15:34:00

ياش مۇزىكىسى تەڭرىنىڭ ئەڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى دېرىزەمنى چەكمەكتە. ئۇنىڭ نەپىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئەلەم تۇمانلىرى بىزنىڭ قاپقاراڭغۇ تەقدىر ئۆڭكۈرىمىزگە قاراپ سۈرۈلمەكتە. ئۇ قەلبىمىزگە زەررىچە ئىلل...

    ياش مۇزىكىسى

        تەڭرىنىڭ ئەڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى دېرىزەمنى چەكمەكتە. ئۇنىڭ نەپىسىدىن كۆتۈرۈلگەن ئەلەم تۇمانلىرى بىزنىڭ قاپقاراڭغۇ تەقدىر ئۆڭكۈرىمىزگە قاراپ سۈرۈلمەكتە. ئۇ قەلبىمىزگە زەررىچە ئىللىقلىق ئاتا قىلىش ئۈچۈن چاقماق ئىلاھى ئارقىلىق قەلب پەردىلىمىزنى تىترەتمەكتە. ئەمما ئەڭ مۇددىھىش قىشتىنمۇ سوغۇق، ئەڭ مۇستەھكەم پولاتتىنمۇ قاتتىق تەقدىر ئالقىنىدا توسۇلغان نىجادلىق يوللىرىمىزغا چېچىلغان چەكسىز غېرىپلىقنى قوغلىۋىتەلمەي نەملەنگەن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ مۇقەددەس سۈكۈتىگە پاتماقتا.
        كەلگىن دىلبىرىم، ياشلىرىمىز يىرتىق قەلبىمىزگىلا تامغىلى قانچە ۋاقىتلار بولدى، مەڭىزلىرىمىز ئاللىبۇرۇن قاغجىراپ ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇشقا تەقەززا. بىر جۈپ قەقنۇس بىز ئۈچۈن توغراق شاخلىرىنى دۆۋلىمەكتە. كەلگىن، بىز ئۇلارنىڭ ئەشۇ رەڭدار قاناتلىرى ئارىسىغا دالدىلىنايلى. تۇزلۇق ياشلاردا يۇيۇلغان، تەقدىر زىمىستانىدا ھارارىتىنى يوقاتقان يۇرەكلىرىمىزگە ئەشۇ مۇقەددەس يالقۇندىن ئىللىقلىق بىرەيلى. تۇغۇم،ئۆلۈم ۋە تىرىلىشنىڭ تەنھا ئاراللىرى ئارىسىدىكى ياش دېڭىزىغا پەقەت ئىككىمىزنىڭلا ئورنى ئويۇلغان كىچىك قولۋىقىمىزنى تاشلايلى...
        قەقنۇسلارنىڭ قىقاس چۇقانلىرى قەلبىمىزنى ئاداققى لەرزىگە باشلىسۇن! ئۇلار نىڭ كۈيلىرىگە قۇلاق سال، بىلسەڭ ئۇلار ھەرگىزمۇ جۇدالىقنىڭ ئاھۇ پەريادى ئەمەس ، ئۇلار يېڭى ھاياتنىڭ ئەڭ گۈزەل قەسىدىلىرىنى ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇلارىنڭ ناخشىلىرىغا ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىمىزگە تامچىشىدىن پۈتكەن كۈيلەرنى قېتىۋىتەيلى! تەبىئەتنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى دېرىزىلىرىمدىن ئويغىنىش كۈيلىرىنى ياسىماقتا، ئۇ بىزنىڭ ئەڭ سوغۇق ھەم قاپقاراڭغۇ تەقدىرنى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز بىلەن كۈتىۋىلىۋاتقانلىقىمىزغا ھەيران بولۇپ يىغلىماقتا، ئازاپقا مەڭگۈلۈك بەند قىلىۋىتىلگەن ناتىۋان يۈرىكىمىزنىڭ تۇزلۇق ياشلارغا شۇنچە خۇمارلىقىغا، ئۇنىڭ مەستلىگىنىڭ ئەبەدىيلىكلىكىگە چىدىماي مۇقەددەس ياشلىرى بىلەن دەرتلىرىنى قۇلاقلىرىمىزغا پىچىرلىماقتا.
       كەلگىن دىلبىرىم، ئۇنىڭ پاك ياشلىرى بىلەن قاغجىرىغان، چاڭ باسقان مەڭىزلىرىمىزنى نەملەيلى. ھېچكىمدىن چۈشىنىشكە ئىرىشەلمىگەن سىرلىرىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ تۇرۇپ ئىچىمىزنى پاكلايلى! سەن مېنىڭ ئۈنسىز پىچىرلاشلىرىمغا ھامان تۈگىمەس سۈكۈتلىرىڭ بىلەن جاۋاب بېرىسەن. قىزىلگۈللەرنىڭ سارغايغان ياپراقلىرى ياشلىرىمىزدىن ياشىرىشنى ئىستەيدۇ.
       كەلگىن، بىز ئەڭ ئاخىرقى رەت يۈرىكىمىزنى ئەشۇ سىماب ياشلاردىن ئازاد قىلىپ ھاياتلىقنىڭ ئاداققى ناخشىسى بولغان زەئپىران گۈللەرنىڭ قېشىغا بارايلى. ئۇلار قەقنۇسلارنىڭ يېشىدىن تىرىلىپ ئەشۇگۈزەل پەي ھەم ئاتەش نەپەسلەرنىڭ ئالقۇنىدىن ئىللىشنى كۈتمەكتە. تەڭرىنىڭ ياشلىرى دېرىزەمنى ئوينىماقتا. تەقدىرنىڭ ھوجرىسىدەك قاپقاراڭغۇ ھەم سوغۇق كۈلكىلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئەڭ مەينەت بۇلۇڭلارنى ئىزدەيدۇ.
        تەڭرى بىزدىن ئۆزىگە ئوخشاش دەرتمەن پاكلىقنى كۈتەمدىغاندۇ؟ ئۇنداقتا بىز نېمىشقا كۆزلىرىمىزنى ھاختا كۈلكىلەر بىلەن بىزەشكە شۇنچە خۇشتارمىز؟ نېمىشقا چاناقلىرىمىزنى يۈرەك زەردابلىرى ۋە قەقنۇس يالقۇنىدا پۇچۇلۇش ھاياجانلىرى بىلەن تولدۇرۇپ تەڭرى مۇزىكىسىغا جۈر بولمايمىز؟
       كەلگىن ئامرىقىم، ئازاپلىق تەقدىر بوراندا تىتىلغان يەلكەن كەبى غېرىپ يرىكىمىزگە يىرگىنىچلىك چاشقانلاردەك ھۇجۇم باشلىغۇچە تەڭرى مۇزىكىسى ۋە نەرھەمىتى قۇيۇلۇپ تۇرغان چەكسىز ئازاب دېڭىزىداـ تاۋلىنىش ئوچاقلىرىدا گۈزەل مەنزىلىمىزنى يارىتايلى! تەڭرى دېرىزەمنىڭ ئالدىدا بىر دەستە قىزىلگۈل يارىتىشنى نىيەت قىلغىنىدا كۆز ياشلارنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەرتىدۇ. ئۇ بەلكى ئەشۇ دېرىزە ئىچىدە يىرتىلغان بىر جۈپ يۈرەكنىڭ توپىسىنى مۇقەددەس ياشلىرى بىلەن نەملەپ ئۆز روھىدىن تامغان گۈل ئۇرۇقىنى بىخلاندۇرماقچىدۇ.
        يېنىمىزدىلا بىر جۈپ قەقنۇس مىڭ يىللىق توغراق شاخلىرىدىن تاغلار ياسىدى، كەلگىن ئامرىقىم، ئۇنڭغا زەھەرلىك يىلانلار ماكان سالغۇچە ياشلىرىمىزغا سۆيگۈ ۋە ھاياتلىق ئۇرۇقلىرىنى يوشۇرۇپ بېرىپ تەڭرى بىلەن بىرلىشەيلى! ئاپئاق بۇلۇت رەڭلىك ئىپارلارغا ئايلىىنپ پەرش غارلىرىدا مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەن بىھۇشلۇقنى ئويغۇتۇپ ئۇلارغا سۆيگۈ ۋە ياش توغرىسىدا پىچىرلايلى!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق