مۇھەببەت گۈلگە ئوخشايدۇ(ياسىنجان سادىق چوغلان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-18 19:08:53

مۇھەببەت گۈلگە ئوخشايدۇياسىنجان سادىق چوغلان ئادەملەر ئالدىراش مېڭىشىدۇ ،خۇدى ھاشار چۆمۈلىلىرىدەك چوڭ - كىچىك ئاپتۇمۇبىللار تىنىمسى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ . خۇددى ئەرزائىلنىڭ مۇدھىش سايىسىدەك ، ئى...

    مۇھەببەت گۈلگە ئوخشايدۇ
    ياسىنجان سادىق چوغلان


          ئادەملەر ئالدىراش مېڭىشىدۇ ،خۇدى ھاشار چۆمۈلىلىرىدەك چوڭ - كىچىك ئاپتۇمۇبىللار تىنىمسى ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ . خۇددى ئەرزائىلنىڭ مۇدھىش سايىسىدەك ، ئىگىزلىرى تەكەببۇر كىشىلەردەك غادايغان ، پاكارلىرى ھاجەتمەن كىشىلەردەك تۈگۈلگەن . سانجاق - سانجاق ئىمارەتلەر شەھەرنى بەئەينى ھەرە كۆنىكىگە ئوخشىتىپ قويغان ، غەمسىز ، شاد - خۇرام كىشىلەر ئۈچۈن بۇ بەلكىم ھەسەل ھەرىسىنىڭ كۆنىكىدۇر . ئەمما مۇھتاجلار ئۈچۈن ۋۇجۇدقا ھەسرەت - نادامەتلىك تۇيغۇلارنى ھاپاش ئەتكەنلەر ئۈچۈن يەنىلا ئۈششۈك ھەرىسىنىڭ كۆنىكى خالاس .

    تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ھاشار چۆمۈلىسىگە ، ھەسەل ھەرىسىگە ، ھەتتا ئۈششۈك ھەرىسىگە ئايلانمىغان كىم بار . مەنمۇ ھەم شۇلارنىڭ بىرى ، يۈرىكىمگە تاتلىق ئەسلىمە ، ھەسرەتلىك كەچمىش ، شېرىن ئارمانلار توختىماي ئېكەك سېلىۋاتىدۇ . ئازاب ھەرقانچە ئېغىر بولسىمۇ ياشاش كېرەك . ھاياتنى سۆيمىگەن ، كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلىمىغان ئىنسان ئەمەسقۇ ئاخىر ...

    قۇلاق تۈۋىمگە مۇشىت بىلەن ئۇرغانددەك ئاڭلىنىدىغان ماشىنا سىگىنالى باش - ئاخىرى يوق خىياللىرىمغا بەرھەم بەردى . ئىسىمنىى يېغىپ ئەتراپىمغا ئالاڭلاپ قارىدىم . ئاپپاق پىكاپتا رولنى مەھكەم تۇتۇپ ئولتۇرغان چىرايلىق جۇۋاننىڭ نەشتەردەك تىكىلگەن كۆزلىرى يۈرىكىمنىڭ قات - قېتىدىن تىتىپ ئۆتتى . خورلۇقتىنمۇ ياكى غۇرۇرۇمنىڭ ھاقارەتلىنىشىدىنمۇ ئاچچىق تولغاندىم . شوپۇر جۇۋاننىڭ كۆزلىرى چەقىقەتەن چىرايلىق ئىدى . خۇددى سېنىڭ كۆزۈڭدەكلا ، پەرقى ، ئۇنىڭ كۆزىدىن دەھشەت ياغاتتى . سېنىڭ كۆزۈڭدىن بولسا ، مېھىر - ئاتەش بالقىيىتتى . ھەرقانداق نەرسە چىرايلىق بولسىلا ھېساب ئەمەسكەن دېسە .

    - ماڭا قايلىسىلا ، يولدىن يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قويامدىم - يا ؟

    تېخىچىلا ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالغىنىمنى بىلدىم .

       كىممۇ ئۇنىڭ كۆزىنى سېنىڭ كۆزۈڭدەك چىرايلىق بولسۇن دەپتۇ . ئاز كەلگەندەك ئۇنىڭ لېۋىمۇ سېنىڭ لېۋىڭدەك چىرايلىق ئىدى . ئەمما بۇ چىرايلىق لەۋدىن زەھەر تامدى . << ماڭا قايلىسىلا ، يولدىن يېتىلەپ ئۆتكۈزۈپ قويامدىم - يا ؟ >> جاھاندا بۇنىڭدەك ئاڭلىماققا سىپايە ، ئەمما زەھەردەك گەپ بولامدۇ . ئۇنىڭدىن كۆرە توپتوغرا ھاقارەتلىگەن بولسا ، بۇنچىلىك جان - جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتمەستى . بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ ياخشى - يامان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇنداق سىپايە . ئۇنىڭ قېتىغا يۇشۇرۇنغان ھەسەل بىلەن زەھەرنى ئايرىماقمۇ تەس ، چىدىماي ئامالىڭ يوق .

       قەدەملىرىمنى تىز - تىز يۆتكەپ يولنىڭ چېتىگە چىقىۋالدىم . چىرايلىق جۇۋان ئاپپاق پىكاپنى قوزغغىغىنىچە كۆزدىن غايىپ بولدى .

    شەھەردە ئادەملەر شۇنچىلىك ئالدىراش ، ئاللىقاندەك مەخسەت - مۇددىئالارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ھېچكىمنىڭ ھېچكىم بىلەن كارى يوق . ھېچكىمنىڭ دەردى ھېچكىمنىڭ دەردىگە ، ھەسرىتى ھەسىرىتىگە ياماق بولالمايدۇ . يىغلىغىنىڭغا بۇلۇت ياش تۆكمەيدۇ . ئاھ ئۇرغىنىڭغا زېمىنغا ئوت كەتمەيدۇ ، غەزەپلەنگىنىڭگە كۆللەر مۈزلىمايدۇ ، كىملەردۇر ئالدىراش ھەسەل يېغىدۇ ، كىملەردۇر زەردى بىلەن نەشتەر ئۇرۇپ زەھەر چاچىدۇ . گاھى ھەسەل تېتىساڭ ، گاھى زەھەر تېتىيسەن ، ھارساڭمۇ ، ئاچساڭمۇ ، ھالىڭدىن كەتسەڭمۇ ئىككى پۇتۇڭنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشۇڭ كېرەك . ھەسرەت ئۈچۈنمۇ مېڭىش كېرەك . ھەسرەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ مېڭىش كېرەك ؛ مەلۇم مەنزىلگە يەتكەندە بەلكىم ھەسرەتنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ قالىسەن . شۇنداق . ھەسرەتمۇ خۇشاللىقمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس ، غالىبلىق بىلەن مەغلۇپلۇق مەڭگۈلۈك بولمىغىنىغا ئوخشاش .

     ھەئە ، ھېلىقى شوپۇر جۇۋان كەتتى ، ئاپپاق پىكاپنى ھەيدەپ غايىب بولدى . ئەمما كۆز ئالدىمغا سېنىڭ ھاۋارەڭ رومال ، ھاۋارەڭ كۆڭلەككە ئورالغان نازاكەتلىك قامىتىڭ كېلىۋالدى .

    سەن ھاۋارەڭ كىيىم كىيىشكە ئامراق ئىدىڭ ، بۇ رەڭ سېنى تېخىمۇ لاتاپەتلىك ، تېخىمۇ نازاكەتلىك كۆرسىتەتتى . ھاۋارەڭ رومال بىلەن ناۋاترەڭ جامالىڭ تېخىمۇ جۇلا تاپاتتى ، شۇڭىمۇ ھاۋا رەڭ كىيىم كىيگەن قىز - جۇۋانلار كۆزۈمگە باشقىچە سۆيۈملۈك كۆرۈنەتتى ، خۇددى ئالدىمدا سەن پەيدا بولۇپ قالغاندەك .

    يەنە ھاڭۋېقىپ قالدىم ، غەزەپلەندىم ، يۈرەك - باغرىمنى ئاچچىق بىر تۇيغۇ تىلغاپ ئۆتتى ...

    قىز يالاڭباشتاق ئىدى . خېنە قويۇۋالغان قىزغۇچ بۈدرە چاچلىرى ئاققۇدەك بويۇنلىرىنى يېپىپ يەلكىسدە  چېچىلىپ تۇراتتى . خۇددى كۆكلەم پەسلىدىكى مەجنۇنتال نوتىلىرىدەك ، زىلۋا قامىتىڭگە ھاۋا رەڭ كۆڭلىكى شۇنداق ياراشقان ئىدى . ئۇ سەن ئىدىڭ ، ياق ئۇ ساڭا ئوخشايىتتى . سەندەك تولىمۇ نازاكەتلىك ئىدى . لېكىن ئۇنىڭ ئالدىدىكى غادىيىپ تۇرغان تەكەببۇر يىگىت مەن ئەمەس ئىدىم .

    ھەئە ، يىگىت رەھىمسىزلىك بىلەن قىزغا قول شىلتىيىتتى . قارچىغا كۆزلىرىدىن بىر خىل كۆرەڭلىك بالىقىيىتتى . قىز ئەتىراپقا نۇمۇس ، ھايا ئارىلاش تەرىزىدە قاراپ قويۇپ يىگىتكە يېلىناتتى . سېنىڭكىدەك چىرايلىق كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ قالغاندى ، ھازىرلا يامغۇر بولۇپ تۆكۈلۈپ چۈشىدىغاندەك .

    سۆيگۈ سەۋەبىدىن قىزنى يىغلاتقان يىگىت ئەر ئەمەس ،
    سۆيگۈ سەۋەبىدىن قىزغا گىدەيگەن يىگىت ئەر ئەمەس .
    سۆيگۈ سەۋەبىدىن قىزغا يېنىلىشى كېرەك .
    سۆيگۈ سەۋەبىدىن قىز يىگىتنىڭ ئالدىدا مەغرۇر تۇرۇشى كېرەك .
    سۆيگۈ سەۋەبىدىنلا قىز لاتاپەتلىك ، نازاكەتلىك ، ھايالىق جەلىپكار ھەم ئۇلۇغ ...
    سۆيگۈ سەۋەبىدىن قىزنى يىغلاتقان يىگىت نامەرد يىگىت . پۇچەك يىگىت ، ياق ، يىگىتلىك ئۆلچىمىگە توشمايدىغان ئەركەك جىنىس ، خالاس .

    گۈل ! بىلىۋاتامسەن ؟ مۇشۇ مەنزىرە سەۋەبىدىن يۈرەك - باغىرىم پۇچىلاندى، خۇددى ئىككىمىز قوقوسقا كۆمۈلۈپ يېگەن ئاقبالداقتەك .
    ئالدىڭدا تىترەپ تۇرۇپ سۆيگىنىمنى ئىزھار قىلغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، گۈل .
    ساڭا سۆيگۈ تەلىپى قويۇپ تالاي قېتىملاپ يېلىنغىنىمنى پەخىرلىنىپ ئەسلەيمەن ، گۈل .

    ھارۋا رەڭ رومال ، ھاۋا رەڭ كۆڭلەك ئارىسىدىكى گۈزەل قامىتىڭنى بىر كۆرۈۋېۋىلىش ئۈچۈن كوچاڭنىڭ دوقمۇشىدا سائەتلەپ - سائەتلەپ كۈتكىنىمدىن پەخىرلىنىمەن ، گۈل . ئەنە ئاشۇ كۈتۈشلىرىمدە گاھى ياغقان يامغۇرلار ، گاھى ياغقان قارلار ، گاھى سوققان جۇت شاماللار ۋۇجۇدۇمغا ھېلىمۇ ھەم جەننەت ھوزۇرى بېغىشلايدۇ .

    مەن ئاشۇنداق ئاشىق بولغان دەپ جار سالغۇم كېلىدۇ جاھانا .
    مەن ئاشۇنداق بىر قىزغا ئاشىق بولغان دەپ جار سالغۇم كېلىدۇ جاھانغا .
    مېنى ئاشۇنداق بىر قىز كۆيدۈرگەن دەپ جار سالغۇم كېلىدۇ جاھانغا .
    مەن ئاشۇنداق بىر قىز بىلەن سۆيۈشكەن دەپ جار سالغۇم كېلىدۇ جاھانغا .

    نىھايەت ، بۈدرە چاچلىق ، ھاۋا رەڭ كۆڭلىك قىزنىڭ كۆزىدىن ياش تۆكۈلدى ، نازۇك قەددى جۇدۇن سوققان ياپراقتەك تىترىدى . سۇندۇرۋېتىلگەن تال چىۋىقتەك ئېگىلدى ، بېئىلاجلىق قىيالماسلىق ئىلكىدە ، قەدەملىرىنى ئېغىر - ئېغىر يۆتكەپ كېتىپ قالدى ، خۇددى چىرايلىق پۇتلىرىغا ئېغىر كۆتەك ئېسىپ قويغاندەك . قارچىغا كۆزلۈك ، كۆرەڭ يىگىت قايىدا ھېلىمۇ بىپەرۋا تۇراتتى .  تەڭداشسىز ئەركەكلىكىنى نامايىش قىلماقچى بولغاندەك لېۋىگە بىر تال تاماكا قىستۇردى ، ئوت تۇتاشتۇرۇپ ھوزۇرلىنىپ شورىدى ، ئاندىن يانفۇنىنى ئېلىپ ئالدرماي نۇمۇر باستى ، قۇلقىغا تۇتۇپ سۆزلەشتى ؛ ھاياجانلىنىپ ، ھىجىيىپ تۇرۇپ سۆزلەشتى . بۇ تۇرقى تولىمۇ يىرگىنچلىك ئىدى . ھەئە ، بۈدرە چاچلىق ، ھاۋارەڭ كۆڭلەكلىك قىزنىڭ كۆز ياشلىرى قىلچىلىك تەسىر قىلمىغاندەك ئىدى .

    ئەبلەخ يىگىت !
    ھاياسىز يىگىت !
    نامەرد يىگىت !
    ماز يىگىت !

    ئۇنى بېرىپلا ئەپلەپ قويسام بولاتتى . ئاشۇ تۇرقى بىلەن ئىككى پەشۋاغىمۇ يارىمايىتتى ، لېكىن ... ئۇنداق قىلالمىدىم . يىگىتلىك پەزىلەت ، يىگىتلىك مەسئۇلىيەتچانلىقنى بىلگەن ئىكەنمەن ، باشقىالارغا بىلدۈرشۈم ، ھېس قىلدۇرشۇم كېرەك ئىدىغۇ ، گۈل . شۇنداق بۇ ئۆزىنى يىگىت - ئەر ھېسابلايدىغانلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىدى . ئەمما ئۇنداق قىلالمىدىم . چۈنكى مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇ قارچىغا كۆزلۈك يىگىت بىلەن ئازارلىشىپ قالسام شەھەر تەرتىپىنى ساقلىغۇچىلار ئۇنى ئەمەس مېنى ئەيىپلەيىتتى . << كارىلىرى نېمە ؟ ئۇ قىز سىلىنىڭ سىڭىللىرىمىتى >> << ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقۇچە ئىشلرىنى قىلسىلا بولمامدۇ >> دېيىشەتتى . مىللىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ھەر ئىككىىلىسى مېنىڭ ئىنى - سىڭىللىرىم ئىدى . مۇشۇ شەھەر جامائىتىنىڭ پەرزەنتى ئىدى . بۇنى چۈشەندۈرسەم ، مېنى كاللسىنىڭ سۈيى بار دەپ مەسخىرە قىلاتتى . بەلىكم شەھەرنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپىنى بۇزدۇڭ دەپ جازاغا تارتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى .

    شۇ كۈنلەدە يىگىتلىرىمىزگە يىگىتلىك مەسئۇلىيەت ھەققدە سۆزلەش تولىمۇ زۈرۈر بولۇپ قېلىۋاتاتتى ، گۈل .

    ساڭا بەرگەن ۋەدەم، ئېسىڭدىمۇ ، گۈل . بىر ئۆمۈر چېكەمگە گۈل قىسىمەن دېگەن ئىدىم .
    بىر ئۆمۈر بۇلبۇلدەك قەھ - قەھ ئۇرۇپ كۈلدۈرىمەن دېگەن ئىدىم .
    بىر ئۆمۈر يۆلىنىدىغان تېغىڭ ، يايلايدىغان بېغىڭ بولىمەن دېگەن ئىدىم .
    بىر ئۆمۈر يامان كۆزلەردىن قوغدايدىغان پاسىبانىڭ بولىمەن دېگەن ئىدىم .
    سېنى نېمىشقا گۈل دەپ ئاتىغان بولغىيدىم . نېمىشقىمۇ ئۆمرى تورىمۇ قىسقا ئاشۇ گىياھقا ئوخشاتقان بولغىيدىم .
    ئاغزىمدىن سائەت چىقىپ كېتىشنى بىلگەن بولسام ، سېنى مەڭگۈلۈك تىك قىيالارغا ، ئۆزۈمنى ئاشۇ تىك قىيالارغا ماكان تۇتىدىغان بۈركۈتكە ئوخشاتماسمىدىم ؟

    سەن چۈشتەك ، تولىمۇ شېرىن چۈشتەك مەڭگۈلۈك غايىپ بولدۇڭ . گۈلدەك تۇزۇپ كەتتىڭ .
    سەن ھېلىقى مەرھۇم شائىرنىڭ مۇنۇ ئىككى مىسرا شېئىرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتىڭ :

    << پەلەكنىڭ چاقى تۈگمەنمۇ ،
    ئۇن تارتامدۇ ئادەمدە . >> *

    نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى مىسرا شېئىرنى شۈنچە ياخشى كۆرىدىغان بولغىيدىڭ ، گۈل ؟

    نېمە ئۈچۈن بۇنىڭ سەۋەبىنى سەندىن سورىمىغان بولغىيدىم ؟

    شۇنداق ، ھاياتتا تۇغۇم بار ئىكەن ، ئەلۋەتتە ئۆلۈممۇ بار . ئەمدى بىلسەم سەن ئۆلۈمگە ، ئۆلۈمنىڭ قىممتىگە ، ئۆلۈمنىڭ مەنىسىگە ئاشۇ مەرھۇم شائىرغا ئوخشاش سۇئال قويۇپ ياشىغان ئىكەنسەن .

    بىلىمەن ، ئاشۇ قىسقىغىنا ھاياتىڭدا ئەل - جامائەتنى ، جاھاننى تاڭ قالدۇرغۇدەك ئىشلارنى قىلالمىدىڭ . ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ھاياتىڭنى مەنىسىز ، ئۆلۈمۈڭنى قىممەتىسىز دېيىشكە ھېچكىمنىڭ ھەققى يوق . چۈنكى قىزلىق لاتاپەت ، شەرمىي -ھايا ، ساداقەت ، ۋاپا بىلەن ياشىدىڭ . ئاشۇ پەزىلەتلرىىڭ بىلەن مەندەك بىر يىگىتنىڭ يۈرىكىگە ئىشىق ئوتى تۇتاشتۇردۇڭ . ۋۇجۇدۇمنى گۈلخان قىلىپ ياندۇردۇڭ . بۇمۇ ھەرقانداق ئۇلۇغلۇقتىن قېلىشمايدۇ .

    ھەئە ، قىزلىق پەزىلىتىنى بىلىش ، قىزلىق نازاكىتى بىلەن ياشاشمۇ ئۇلۇغلۇقتۇر .

    بىلەمسەن گۈل ، مەن ئاپتۇمۇبىللارغا ، ئاپتۇمۇبىل رولىنى تۇتقان ھالدا غادىيىپ ئولتۇرغانلارغا ئۆچ بولۇپ كەتتىم . ئۇلار ھېلىمۇ ئاپتۇمۇبىل سىگنالىنى بولۇشىغا بېسىپ ، ماي تەپكىسىنى بولۇشىغا دەسسەپ ئەزرائلىدەك چېپىشىدۇ . سۆيۈملۈك گۈلۈمنى ئاشۇنداق سوقۇپ توزۇتۇۋەتكىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمەيدۇ .

    شۇڭا ئۇلارغا نەپرەتلىنىمەن .

    ئاپتۇمۇبىل سىگناللىرى قۇلىقىمغا ئەزرائىلنىڭ ئاۋازىدەك مۇدھىش ئاڭلىنىدىغانلىقىنى ئۇلار ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ .

    شۇڭا ئۇلارغا ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ .

    دوستلىرىم مەندىن << شۈنچە يىراقتىكى قەبرىستانلىققا نېمىشقا پىيادە چىقىسەن ؟ >> دەپ سورىشىدۇ .

    بەلكىم سەنمۇ شۇنداق ئويلىغانسەن .

    ئاڭلا گۈلۈم ، بۇ مېنىڭ قەسىمىم ، سېنى ئاشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان كۈنى قىلغان قەسىمىم ، جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن قەبرەڭگە مانا مۇشۇنداق پىيادە ئولتۇرۇپ چىقىمەن ، ھېلىقى مۇدھىش ئابتومۇبىللارغا ھەرگىز ئولتۇرمايمەن .

    كىشىلەر قەبرىستانلىقىنى قورقۇنچلۇق ، سۈرلۈك بولىدۇ ، دېيىشىدىكەن . ئەمما مەن ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس ، بولۇپمۇ سېنى دەپنە قىلغان كۈندىن باشلاپ .
    ھەرقېتىم قەبرەڭ بېشىغا چىققىنىمدا يۇيۇنىمەن ، چاچ ساقاللىرىمنى ياسىتىمەن ، پاكىز كىيملرىمنى كىيىمەن ، ئۈستىۋېشىمغا سەن ئامراق ئەتىرنى چاچىمەن ، خۇددى گۈل - گۈلىستانلىق باغى ئېرەمگە سەيلىگە چىققاندەك .
    گۈلۈمنىڭ روھى بۇ تۇرقۇمنى كۆرسە ، ھاياتىنى ھېلىمۇ ھەم ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن سۆيۈپ ياشاۋاتقانلىقىمنى بىلسۇن ، ئەمىن تاپسۇن دەيمەن .

    سېزىۋاتامسەن گۈلۈم ، سەن ماكان تۇتقان چىمەنلىككە ئاخىرى يېتىپ كەلدىم . نېمىشقىكىن قەبرەڭ جايلاشقان بۇ مازارلىققا يېقىنلاشسام قەلبىمدىكى ئازابلىق تۇيغۇلار بىردىنلا غايىپ بولۇپ كېتىدۇ . خاتىرجەم ، ئازدە بولۇپ قالىمەن ، چۈنكى بۇ يەردە سەن بار ، سۆيگەن ئاشقى بىلەن دىدارلىشىشتىن كىممۇ خۇشاللىق تاپمىسۇن ؟! قەبرەڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى ساڭا ئەڭ يېقىن تۇرغاندەك ھېس قىلىمەن ، خۇددى نازۇك قامىتىڭنى قۇچاقلىغاندەك ، ئەنبەر تنىقىڭنى ھىدلىغاندەك ، بۇلبۇلدەك يېقىمىلىق ئاۋازىڭنى ئاڭلىغاندەك مۇلايىم ، ھايالىق كۆزلىرىڭنى تاماشا قىلغاندەك .

    مانا سۆيۈملۈك قەبرەڭگە يېقىنلىشىۋاتىمەن گۈلۈم ، ئاشۇ بىر دۆۋە تۇپراق كۆزۈمگە سەن بولۇپ كۆرۈنۈاتىدۇ ؟
    ياق ! ياق ! بۇ مۇمكىمۇ ؟
    قەبرەڭنىڭ بېشىدا ئۆزۈڭ تۇرىسەنغۇ گۈلۈم ؟
    بېشىڭدا ھاۋارەڭ رومال ئۇچاڭدا ھاۋارەڭ كۆڭلەك ، يەنە تېخى قۇچىقىڭدا بىر بوۋاق ۋە بىر دەستە گۈل .
    ئاھ ، تەڭرىم ، بۇ راستىنلا سەن . ياق ، سەن ئەمەس ، ياق ، سەن ! سەن ئۆزۈڭ گۈلۈم !
    ئاياغلىرىم مىخلىنىپ بىر نەچچە دەقىقە تۇرۇپ قالدىم . ھاياجىنىمنى بېسىپ ، كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ ، تەمكىنلىك بىلەن نەزەر تاشلىدىم .
    راسىت كۆرۈپتىمەن ، گۈلۈمنىڭ قەبرە بېشىدا ھاۋارەڭ رومال ، ھاۋا رەڭ كۆڭلىك بىر گۈل تۇراتتى ، ئوڭ قۇچىقىدا بوۋاق ، سول قوچىقىدا بىر دەستە گۈل .

    ھەرقانداق ئازابلار ئالدىدا يىگىتلىك غۇرۇرۇمغا ئېلىپ يىغلىمىغان ئىدىم . شۇ تاپتا بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى توختىتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم . چۈنكى گۈلۈمنىڭ قەبرە بېشىدا تۇرغان گۈل باشقا  بىرسىى ئەمەس ، دەل مېنىڭ خوتۇنۇم - يارىلانغان يۈرىكىمگە بەرگىلىرىدىكى شەنبەملىرى بىلەن مەلھەم بولۇپ ، تۇرىۋاتقان سۆيۈملۈك گۈلۈم ئىدى .

    بىلىپ تۇرۇپتىمەن گۈلۈم ، بۇ گۈلنىڭ قەبرەڭ بېشىغا چىققىنىدىن روھىڭ قىلچىلىك قورۇنمىدى ، چۈنكى سەن سۆيگەن كىشىسىگە بەخت تىلەشنى بىلىدىغان ، سۆيگەن كىشىسىنىڭ بەختىدىن بەخت ھېس قىلىدىغان پەزىلەتلىك گۈل ئىدىڭ .

    راستىنى ئىيتسام شۇ دەقىقىدە بىر ئاز خىجىللىق ھېس قىلىۋاتىمەن گۈلۈم . چۈنكى ، شۇ چاغقىچە قەبرەڭ بېشىغا يالغۇز چىققان ئىدىم ، قەبرەڭنى ھەردائىم يوقلاۋاتقىنىمنى ئۇنڭدىن يۇشۇرۇپ كەلدىم ، سەۋەبى ئۇنىڭ ئاياللىق غۇرۇرنى ئايىغان ، ھۆرمەت قىلغان ئىدىم .

       مانا بۈگۈن قەبرەڭ بېشىغا ئۇمۇ چىقىپتۇ ، مەندىن يۇشۇرۇنچە چىقىتپتۇ تېخى .
       ئەمدى قەبرەڭنى يالغۇز يوقلىمايدىغان ئوخشايمەن .
       ساڭا ئوخشاش بۇ ۋاپادار گۈلۈم بىلەن ، يەنە تېخى ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى سۆيگمىزدىن شاخ ئايرىغان غۇنچە گۈلۈم - پەرزەنتىم بىلەن بىللە يوقلايدىغان ئوخشايمەن .
       گۈلۈمنىڭ قەبرىسى يېنىغا قانداق مېڭىپ كەلگىنىمنى بىلمەيمەن .
    گۈلۈمنىڭ قەبرە بېشىدا گۈلۈمنى ھەم ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى ئوماق غۇنچە گۈلۈمنى قوشۇپ باغرىمغا باستىم . گۈلۈمنىڭ كۆز يېشى كۆز ياشلىرىمغا قوشۇلۇپ ، گۈلۈمنىڭ قەبرىسىدىن ئۈنۈپ چىققان يۇمران كۆكاتلارغا تۆكۈلدى .

       ھەئە ، ئەمدى چۈشەندىم . سۆيگۈ - مۇھەببەت گۈلگە ئوخشايدۇ ، گەرچە گۈلنىڭ ئۆمرى قىسقا بولسىمۇ ، ساداقەت ، ۋاپا بېغىدا ئاينىغان گۈللەر مەڭگۈ توزۇماي ئېچىلىپ تۇرىدۇ .

    *__ بۇ مەرھۇم شائىر باتۇر روزىنىڭ مىسرالىرى

    2010- يىلى ئاپرېل ، يەكەن

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-21 1:11:09]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.