تاغام ھەققىدە ھىكايە(نۇر مۇھەممەت توختى)

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-26 11:08:23

تاغام ھەققىدە ھېكايە(راست ئىشلار خاتىرىسى) نۇرمۇھەممەت توختى 1 تاغامنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىغا ئائىت ھېكايىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. ئېيتىشلىرىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تولىمۇ گېلى يامان بالا بولغا...

    تاغام ھەققىدە ھېكايە
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)

    نۇرمۇھەممەت توختى

    1


        تاغامنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق چاغلىرىغا ئائىت ھېكايىلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. ئېيتىشلىرىچە، ئۇ كىچىك ۋاقتىدا تولىمۇ گېلى يامان بالا بولغانمىش، خۇددى رىۋايەتلەردىكى ئاج ئىبنى ئۇنۇقتەك يېسە-يېسە تويماس، ئىچسە-ئىچسە قانمايدىكەنمىش. ئەتىگەنلىك ناشتىدا، ئۇنىڭ ئانىسى - مومام - ئوغلى بىرىنچى قاچا ئۇماچنى ئىچىۋاتقاندا، يەنە بىر ئاياققا ئۇماچ ئۇسۇپ، سوۋۇتۇپ تەييارلاپ تۇرىدىكەن. ئىككىنچى قاچا ئۇماچنى ئىچىۋاتقاندا، ئۈچىنچى قاچا ئۇماچنى سوۋۇتۇپ تەييارلايدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاشۇ يالغۇز ئوغۇل تۆت-بەش ئاياق ئۇماچنى بىر ئولتۇرۇشىدا ئىچىپ تۈگىتىدىكەن. كۇمۇلەك، ئۈگرە، سىقماق، چۆپ ئەتكەندىمۇ شۇنداق قىلىدىكەن. ئەگەر مومام تونۇر قىزىتىپ نان يېقىشقا تۇتۇش قىلسا، ئوغلى يەنە تونۇر بېشىدىلا ئىسسىق زاغرىدىن تۆت-بەشنى «كۆرمىدىم دەپ» كوم سالىدىكەن. ئارقىدىنلا سوغۇق سۇنى غورتىلدىتىپ ئىچىپ، گارت-گارت كېكىرىپ، تونۇر بېشىدىن قوپۇپ كېتىدىكەن. قىش كۈنلىرى كۇلۇڭغا قىيما كۆمەچ كۆمسە پۈتۈن بىر كۆمەچنى يەپ بولىدىكەن. مومام بەكمۇ مېھرىبان بولغاچقا، يالغۇز ئوغلى نېمە يەيمەن دېسە شۇنى، قانچىلىك يەيمەن دېسە شۇنچىلىك تەييار قىلىپ تۇرىدىكەن.
    ئەمما، بوۋام ئوغلىنىڭ «داخۇر كالۋا»دەك تويماس ئىشتىھايىدىن خېلىلا خاپا ئىكەن.
       - ھوي، بولدى قىل ئەمدى، قارنىڭغا دۆي كىرىۋالدىمۇ سېنىڭ؟ - دەپ ۋارقىرايدىكەن. ئۇ ئوغلىنىڭ ئالتىنچى قاچا ئۇماچنى ئىچىۋاتقانلىقىنى  كۆرگەندە مومام بىلەنمۇ جېدەللىشىدىكەن، - ئازراق بەر دەيمەن ئۇنىڭغا، كۆپ يېگەن بالا دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ...

       بوۋام «ئېشىكىڭ يېگەك چىقسا خۇدانىڭ بەرگىنى شۇ، خوتۇنۇڭ يېگەك چىقسا خۇدانىڭ ئۇرغىنى شۇ» دېگەن تەمسىلنى بىلىدىكەن. ئەمما ئوغلى يېگەك چىقسا قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن. پەقەت دېۋەڭ بولۇپ قالارمىكىن دەپ ئەنسىرەيدىكەن. ئۇ ئوغلىنى كۆپ تاماق يېيىشتىن توسۇپ بېقىپتۇ، نەسىھەت قىپتۇ. «ئۆمەر مەدىكاراپنىڭ ھېكايىسى»نى سۆزلەپ، تەمسىللەر كەلتۈرۈپتۇ. ئەمما ئوغلىنىڭ ئىشتىھايىنى توسالماپتۇ. بالا يەنىلا بىر داستىخاندا بەش-ئالتە ئاياق ئۇماچ ئىچىپ، بىر ئولتۇرۇشتا تۆت-بەش زاغرىنى كوم سېلىپ يۈرۈۋېرىپتۇ. يىللار ئاستا-ئاستا ئۆتۈپتۇ. ئەي تارتىشى ياخشى بولسا تېرەك ئېگىز، ئوغۇت كۆپ بېرىلسە قوناق سوقتا ئۆسىدۇ ئەمەسمۇ، ئىنەكنىڭ يەم بوغۇزى تولۇق بولسا، مۇزايمۇ قورۇق بولۇپ قالمايدۇ.
        تاغام 12-13 ياشلارغا كىرگەندە، قۇرداشلىرىدىن ئېگىز، تەمبەل، بازغاندەك مىختا، پالتىدەك چىڭ ۋە ئۆتكۈر بالا بولۇپ يېتىشىپتۇ. ھېيت-ئايەم، نورۇز-باراۋەتلەردىكى چېلىشىشلاردا قۇرداشلىرى ئۇنىڭغا زادىلا تەڭ كېلەلمەيدىكەن. ئانام ئاشۇ ئىنىسى توغرىسىدا: «ئۇ كۆپ ئىشتىھالىق  بولغىنىغا يارىشا قولى بالدۇر ئىشقا تەگدى، دادامنىڭ پۇت-قولىنى سوۋۇتتى...» دەپ سۆزلەپ بېرىدىغان. تاغام 12-13 ياشلارغا كىرگەندە مال-ۋاران بېقىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، جاڭگالدىن ئوتۇن-تەمەچ، شاخ-شۇمبا ئېلىپ چىقالايدىغان بوپتۇ. ئېتىز ئىشىنىمۇ قولىغا ئاپتۇ. بوۋام بۇيرۇغان ئىشلارنى تولۇق ئورۇندايدىكەن. ئاتىسى بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلالىغان بالا ياخشى بالا بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەقىللىق بالا بولۇشى ناتايىن. بوۋام ئاشۇ ئاجايىپ ئىشتىھالىق  ئوغلىدىن يەنىلا ئەنسىرەيدىكەن. دېۋەڭ بولۇپ قالمىسىدى دەپ قورقىدىكەن. چۈنكى شۇ چاغلاردىمۇ تاغام ئېشەكنى ھەيدەپ جاڭگالغا ماڭسا، خۇرجۇننىڭ بىر پېيىغا لىق زاغرا، يەنە بىر پېيىغا لىق مېۋە-چېۋە قاچىلاپ ماڭىدىكەن ۋە پېشىن-نامازدىگەرگە يېقىن ئېشەككە ئوتۇننى ئارتىپ ئۆيگە يېنىپ چىقىپ بولغۇچە، ئاشۇ خۇرجۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولىدىكەن. تېخى يەنە «قورسىقىم  ئېچىپ ئاران چىقتىم» دەيدىكەن. ئۇنىڭ ئاشۇ دېۋىلەرنىڭكىدەك ئىشتىھايى  بوۋامنى يەنىلا ئەنسىرىتىپ تۇرىدىكەن...

       ئەمما، شۇ ئارىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار بوۋامنىڭ «كۆپ يېگەن بالا دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن پەلسەپىسىنى يوققا چىقىرىپتۇ. شۇ يىللاردا تاغام شاكىر ئاخۇنۇمنىڭكىگە بېرىپ-كېلىپ يۈرۈپ قۇرئان ساۋاتىنى چىقىرىپتۇ. ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى ئاچقان پەننىي  مەكتەپكە قاتراپ خەت-ساۋاتلىق بولۇپ قاپتۇ. بەش ۋاخ نامازنى بولسا زادىلا قىسىر قىلمايدىكەن. يەنە تېخى قىش كۈنلىرى «ئاقتاغلىق خوجىلار» كېلىپ سۆۋەت ئۆتكۈزگەندە، مەشھۇر سوپى، ھاپىزلاردىن  قول خوجىئەخمەتنىڭ ھۆكمەتلىرىنى ئۆگىنىپتۇ. تاغامنىڭ ئاۋازىمۇ ھاپىزلارنىڭ ئاۋازىدەك ياڭراق ۋە يېقىملىق ئىكەن. ئۇ يېڭى ئۆگەنگەن ھۆكمەتلىرىنى ئوقۇسا مومام تەسىرلەنگىنىدىن بارىكاللا ئېيتىپ كېتىدىكەن. «زېرەك بالام، ئەقىللىق قوزام» دەپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالىدىكەن. كېيىنچىرەك  تاغام يۇرتمۇ  يۇرت بازارمۇ بازار ئارىلاپ، راۋاب چېلىپ «ئابدۇراخمان پاشا» ھەققىدە داستان ئوقۇيدىغان شاھمۇھەممەتخانغا ھەۋەس قىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭدەك راۋابچى بولغۇسى كەپتۇ. ئۈجمە ياغىچىدىن راۋاب ياساپتۇ. جاڭگالغا ئوتۇن ئاچىققىلى بارغاندا ياسىغان تۇخۇناقنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدە ياسىغان تۇنجى نەرسىسى ئىكەن. راۋابقا خېلى ئەجىر سىڭدۈرۈپتۇ. نەچچە  كۈن ھەپىلىشىپ، راۋابنىڭ قورسىقىنى ئويۇپ، ئۆچكە  تېرىسى بىلەن كېرىپتۇ. ئەتلەس توقۇيدىغان قوشنىسىدىن مەشۇت سوراپ تار ئېشىپتۇ. ھەممە ئىش پۈتكەندە، ئۇ ئۆگزىگە قويۇلغان شوتىنىڭ تۆتىنچى  بالدىقىغا چىقىپ ئولتۇرۇپ ئۆزى ياسىغان راۋابنى تىرىڭشىتىپ چاپتۇ.
    «ئەلىشىر ھېكىمبەگ پىخسىق بېگىمتى،
    بىر تال قوناقتا ئون نان ياقاتتى،
    دەپ قەدىمىي  داستاندىن پارچە ئوقۇپتۇ. بوۋام بىلەن مومام ئوغلىنىڭ راۋاب چېلىشىغا ھەۋەس بىلەن قۇلاق ساپتۇ. تېخى بوۋام مومامغا مەنىلىك قاراپ كۆز قىسىپ قويۇپتۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئەقلىگە قول قويغىنى، ئۇنىڭ دېۋەڭ بولۇپ قالمىغانلىقىغا ئىشەنگىنى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ بوۋامنىڭ كۆڭلىدىن «كۆپ يېگەن بالا دېۋەڭ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن پىكىر ئاستا-ئاستا يوق بوپتۇ.

        تاغام ئېتىز ئىشلىرىنى قىلىشقا بەك ئامراق ئىكەن. يەرنى ئەينەكتەك سىلىقلاپ، تاناپتەك تۈز قىرلارنى سالىدىكەن. ھەر بىر تۈپ زىرائەتنىڭ تۈۋىگە كۈندە بىر قېتىم قارىغانچىلىك قىلىدىكەن. بوۋام «يەرنى باقساڭ يەرمۇ سېنى باقىدۇ، بىكاردىن-بىكار قارىغانغا زىرائەت ھوسۇل بەرمەيدۇ» دەپ نەسىھەت قىلىدىكەن. تاغام بۇ گەپلەرنى چۈشەنسە كېرەك، جاڭگالدىن، پادا ئېغىللىرىدىن قىغ يۆتكەپ، يۇلغۇن تۈۋىدىن چىمان كولاپ يەرنى ئوغۇتلايدىكەن. يەرنى خۇددى ئامراق كۈچۈكنى سىلاپ-سىپاپ ئەركىلەتكەندەك پەرۋىش قىلىدىكەن. بوۋاملارنىڭ يەرلىرى ئوبدان ھوسۇل بېرىشكە باشلاپتۇ. ئەمدى ئەتىيازدا سېرىق تالدا سارغىيىدىغان ئىشلار قالماپتۇ. يەر سېتىپ قورساق باقىدىغان ئىشلارمۇ توختاپتۇ. تېخى تاغام بۇرۇن ساتقان يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىپ زېمىنىنى كۆپەيتىش كويىدا ئىكەن. چارۋىلارنىمۇ كۆپەيتىشكە باشلاپتۇ. چارۋىنى كۆپەيتمىسە زېمىن سېتىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدىكەن...

        تاغامنى 16 ياشقا كىرگەن يىلى كىچىك بولسىمۇ ئادەت بويىچە ئۆيلەپ قويۇشۇپتۇ. تېخى كېلىن ئاران 13 ياش ئىكەن. 13 ياشلىق قىزنىڭ ئائىلىسىگە ئەلچى ئەۋەتىشىپتۇ. ئەلچىلەر خاتىپئاخۇنۇم، ئىمامئاخۇنۇم، مەزىنئاخۇنۇملاردىن تەشكىللىنىپتۇ. قۇدا بولغۇچىلار قىزىنى تېخى كىچىك دەپ ناز قىلغانمۇ نېمە، ئەلچىلەر قىزنى چاقىرىشنى تەلەپ قىپتۇ. 13 ياشلىق قىز ئەرلەردىن قېچىش كېرەكلىكىنى، ئۇلارغا كۆرۈنسە نامەھرەم بولىدىغانلىقىنى نەدىن بىلسۇن، ئۇ ئەلچىلەر ئالدىدا ھازىر بوپتۇ. مەزىنئاخۇنۇم تۇيدۇرماستىن بېشىدىكى سەللە تەلپىكىنى ئېلىپ قىزنى بىرنى ئۇرۇپتۇ. قىز مۈدۈرۈپ كېتىپتۇيۇ، لېكىن يىقىلماپتۇ. تەلپەك بىلەن ئۇرغاندا يىقىلمىغانىكەن، قىز چوڭ بولدى دېگەن گەپ. شۇنداق قىلىپ پۈتۈشۈپتۇ ۋە كۆپ ئۆتمەي توي بوپتۇ. تويدىن بۇرۇن تاغام كېلىننى، كېلىن تاغامنى كۆرۈپ باقمىغانىكەن. توي كۈنى كەچتە، ھۇجرىغا كىرگەندە يەڭگە بولغۇچى قىزنىڭ چۈمبىلىنى ئاچقاندا بىر-بىرىنى كۆرۈشۈپتۇ. غۇنچىبوي، ۋىجىك، كىچىككىنە كېلىن خۇددى قاسساپنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالغان ئوغلاقتەك لاغىلداپ تىترەپ تۇرىدىكەن. قاراقاتتەك كۆزلىرى سانىڭ شەپىسىنى ئالغان چۆجىنىڭ كۆزلىرىدەك قورقۇنچتىن مۆلدۈرلەيدىكەن. تاغامغا كېلىننىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايى ئاق ئالمىدەك سۈزۈك، ئانا سۈتى پۇراپ تۇرىدىغان لەۋلىرى قىزىل گۈل غۇنچىسىدەك رەڭدار، بوستان كىرپىكلىرى مەڭزىگە سايە تاشلاپ تۇرغاندەك كۆرۈنۈپتۇ ۋە ئۆزىگە بىر چىرايلىق خوتۇن ئېلىپ بېرىشكەنلىرىدىن مەمنۇن بوپتۇ. كېلىننىڭ كېيىكتەك ئۈركۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە تاغام قانداق سۈپەتتە كۆرۈنگىنى نامەلۇم. لېكىن تويدىن كېيىنكى ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولماپتۇ. ئەلچىلەردىن قاچمىغان 13 ياشلىق قىز ئېرىدىن قېچىشقا باشلاپتۇ. مۆكۈ-مۆكۈلەڭ باشلىنىپتۇ. قىز پۇرسەت تاپسىلا قېچىپ ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالىدىكەن. بىرەرسى قايتۇرۇپ كەلگىلى بارمىسا، ئۆزى يېنىپ كەلمەيدىكەن. قۇدا بولغۇچىلارمۇ ئۆزىنى سوراپ ئەكېلىپ قويمايدىكەن. مومام ھەر كۈنى قۇدىسىنىڭكىگە قاتراپ، قىزنى يېتىلەپ ئەكېلىپ ھېرىپ كېتىپتۇ. قىز ئەكېلىشكە تولا بېرىپ قوشنىلارمۇ ھېرىپ كېتىپتۇ. تېخى بەزى چاغدا قىز يېتىلەپ ئەكېلىۋاتقان يولدىنلا قېچىپ كېتىپ، قايتا بارغۇزىدىكەن. بۈگۈن ئەكەلسە ئەتىسى ئەتىگەندىلا قېچىپ كېتىدىكەن. قىزنىڭ قېچىپ كېتىشى، چوڭ ئانامنىڭ بېرىپ ئەكېلىشى ۋە يەنە قېچىپ كېتىشى بىر يىلدىن  ئوشۇق داۋاملىشىپتۇ. تاغامنىڭ ئىشىكنى تاقىۋېلىشى، ئۆيگە سولاپ قويۇشلار، پۈتۈن ئائىلىنىڭ كۆز-قۇلاق بولۇشىمۇ كار قىلماپتۇ. ئىشكەل سېلىپ، قوزۇق قېقىپ، زەنجىرلەپ قويۇشنىڭ ئورنى يوقكەن. كېلىن تەرەتكە چىققان بولۇپ، قاپاق كۆتۈرۈپ سۇغا چىققان بولۇپ ۋە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللىقانداق بىر  ئىشلارنى پۇرسەت قىلىپ قېچىپ كېتىۋېرىدىكەن. بارا-بارا مومام قۇدىلارنىڭ ئۆيىگە كېلىن سوراپ بېرىۋېرىشتىن زېرىكىپتۇ. بوۋام بولسا ئوغلىدىن - تاغامدىن ئاغرىنىدىكەن: «ھۇ، تالا قونجا، خوتۇنىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشنىمۇ بىلمەيدىغان كالۋا» دەپ غۇدۇراپ قويىدىكەن. مومام بولسا كېلىندىن كۆرە قۇدىسىدىن ئاغرىنىدىكەن. قۇدىلارنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ؟ قىزى قېچىپ بارسا، ئېرىڭنىڭ ئۆيىگە كەت دەپ ماڭدۇرۇۋەتسە بولمامدۇ؟ دەپ ئويلايدىكەن. ئاشۇنداق  ئاغرىنىشلار ئىچىدە زېرىكىپ، ئاخىر قىزنى ياندۇرۇپ ئەكېلىشكە بارمايدىغان بوپتۇ. لېكىن ئاجراشتۇرۇۋېتىشنىمۇ خىيال قىلماپتۇ. ئۇ چاغلاردا ئاجرىشىش دېگەن ئاڭ بولمىغۇر ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بوۋام-موماملار قىز  ئاستا-ئاستا چوڭ بولىدۇ، چوڭ بولغاندا تۇرۇپ قالىدۇ دەپ ئويلايدىكەن. كېلىن بەزىدە بىر قېچىپ كەتكەنچە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئون نەچچە كۈن تۇرۇپ قالىدىكەن. بۇنداق چاغلاردا تاغام يالغۇز يېتىپ زېرىكىدىكەن. ئەل-ئاغىنىلىرىنىڭ «خوتۇن ئالغان تۇرۇقلۇق يەنە يالغۇز ياتتىڭمۇ؟» دېگەن چاقچاقلىرىدىن تېرىكىدىكەن. ئەمما كېلىن ئاشۇنداق قاچقۇن تۇرسا، يالغۇز ياتماي  نېمە ئىلاج؟ مۆكۈ-مۆكۈلەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىپتۇ. بۇ ئارىدا تاغام 16 نى تۈگىتىپ 17 دىنمۇ ھالقىپتۇ. ئەمدى يالغۇز يېتىشلارغا چىدىماي قاپتۇ. مومامغا تەلمۈرۈپ قاراپ قويىدىكەن. قاراشلىرىدا «كېلىنىڭنى ئەكەلگىلى  يەنە بارساڭ بولاتتى» دېگەن مەنە چىقىپ  تۇرىدىكەن. ئەمما قۇدىسىدىن ئاغرىنىپ يۈرگەن مومام ئۇنىڭ تەلمۈرۈپ قاراشلىرىغا ئەمدى ئېرەنشىمەيدىغان بولۇۋاپتۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر كۈنى كەچتە، كۈن نامازشامغا  يېقىنلاپ قالغان مەزگىلدە  تاغام يوتقان-كۆرپىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ يولغا چىقىپتۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ تۇرقى يىراق بىر يەرگە ھاشارغا ماڭغانغا ئوخشايدىكەن. يولدا نامازشام ئۈچۈن مەسچىتكە  كېتىۋاتقان ئىمامئاخۇنۇم ئۇنى ئۇچرىتىپ «يا توغان ساقلايدىغان تومۇز ۋاقتى بولمىسا، يا بەگلەر ھاشارغا ھەيدىمىسە، قەيەرگە ماڭغاندۇ بۇ؟» دەپ ئويلاپتۇ. كۆڭلى نېمىنىدۇر تۇيغاندەك بولۇپ، سوراشتۇرۇپتۇ.
    - كەچ بولغاندا نەگە ماڭدىلا بالام؟
    - قېيناتاملارنىڭكىگە.
    - يوتقان-كۆرپە كۆتۈرۈۋاپلىغۇ؟
    - ئۇلار قىزىنى يامانلىتىۋېلىپ ئۆيدە يالغۇز قالدىم. يالغۇز ياتقۇچە  قېيناتاملارنىڭكىدە خوتۇنۇم بىلەن بىللە ياتاي...
    - ۋاي بۇ...
    ئىمامئاخۇنۇم نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى دەرھال چۈشىنىپتۇ. ئەسلىدىمۇ قۇدىلار ئارىسىدىكى غىژ-غىژاڭلاردىن ئازراق خەۋىرى بار ئىكەن. ئۇ جىددىيلىشىپتۇ.
    - بىردەم تەخىر قىلىپ تۇرسىلا بالام، مەن كىرىپ سۆزلىشىپ چىقاي.
    - ياق، ئۆزۈم كىرىپ شۇ يەردە ياتاي.
    - ئۇنداق دېمىسىلە بالام، سەت تۇرىدۇ، تەخىر قىلسىلا.
    ئىمامئاخۇنۇم ئاق دەپ، كۆك دەپ تاغامنى توختىتىۋاپتۇ. دېمىسىمۇ پۈتۈن يۇرتقا سۆز-چۆچەك بولغۇدەك سەت ئىش يۈز بېرىش ئالدىدا ئىكەن. تاغام ئىمامئاخۇنۇمغا يۈز كېلەلمەي قېيناتىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختاپتۇ. ئىمامئاخۇنۇم كىرىپ كېتىپتۇ.
    ئۆي ئىچىدە نېمە گەپلەر بولدى، بۇ نامەلۇم. ئەمما بىر چۆگۈن قاينار مەھەل ئۆتكەندە، ئىمامئاخۇنۇم كېلىننى باشلاپ چىقىپ، تاغامنىڭ كەينىگە سېلىپ قويۇپتۇ.
    - ئۆيۈڭلەرگە كېتىڭلار، ئەر-خوتۇن دېگەن ئۆز ھۇجرىسىدا ياتقۇلۇق...
    شۇنداق قىلىپ، تاغام خوتۇنىنى ئەگەشتۈرۈپ قايتىپ كەپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاچتى-كەلدى دېگەن گەپلەر بولماپتۇ. كېلىن چوڭ ئۆيگە بارسا تاغامغا قېينانا بولغۇچى شۇ كۈنىلا قىزىنى باشلاپ ئەكېلىپ قويىدىكەن. شۇ ۋەقەدىن بىر يىل ئۆتۈپ كېلىن بۇدرۇققىنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، 15 ياشلىق كىچىك ئانىغا ئايلىنىپتۇ. ئەمدى نەگە قاچقۇلۇق؟
       تاغامنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىگە ئائىت ھېكايىلەر ئەنە شۇ. بۇلارنى ئانام - تاغامنىڭ ھەدىسى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بېرىدىغان. ئانامنىڭ ھەدىسى- ھامماچاممۇ سۆزلەپ بېرىدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشۇ بىردىنبىر ئوغۇل  قېرىندىشىدىن بەكمۇ پەخىرلىنەتتى. ئۇنى ئۆزىگە تاغدەك يۆلەك ھېسابلىغاچقىمىكىن، ئۇنى تىلغا ئالسىلا كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالاتتى. ئېسەدەپ يىغلاپ كېتەتتى. ئاشۇ يىللاردا بەلكىم بوۋام-موماملارمۇ ئوغلىدىن پەخىرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۆزلىرىنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي ياندۇرىدىغان ئوغلىدىن تاغدەك ئۈمىدلەرنى كۈتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزلىرىدىن بۇرۇن كېتىشىنى ئۇلار ئويلىغانمۇ؟


    2

       مەن ئېسىمگە كەلگەن چاغلاردا، كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن تاغام تەلپەكچىلىك قىلىدىكەن. ئۇنىڭ بۇ ھۈنەرنى كىمدىن ئۆگەنگەنلىكى، شاگىرت كىرىپ ئۆگەندىمۇ ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىۋالدىمۇ، بۇلار تازا ئېنىق ئەمەس. ئانام، ھامماچاملارمۇ بىلمەيدىكەن. ئېيتىشلىرىچە: بوۋام جۇۋا تىكىشنى بىلىدىكەنمىش، بۇيرۇتمىلارغا ئاساسەن قولۇم-قوشنىلارغا جۇۋا تىكىپ بېرىدىكەنمىش. بەلكىم تاغام تەلپەكچىلىكنى  جۇۋىچى دادىسىدىن ئۆگىنىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. ھەر ئىككىسى ئوخشاشلا تېرىنى ماتېرىيال قىلىدىغان ھۈنەر ئەمەسمۇ. يۇڭلۇق تېرىلەرنى كېسىشنى، بىر-بىرىگە ئۇلاپ تىكىشنى ئۆگىنىۋالسا، ئوخشاشلا جۇۋا تىككەن ئادەم تەلپەكمۇ تىكەلەيدۇ ئەمەسمۇ، قېلىپ-ئەندىزە بولسىلا ئىش پۈتىدۇ. قىش كۈنلىرى تاغام كۇچانىڭ ئەلتېرە كۆرپىسىدىن كۆرپە تەلپەك، خوتەن قويىنىڭ ئاشلانغان تېرىسىدىن سالۋا تەلپەك تىكەتتى. مۇرا ئوچاقتا توغراق ئوتۇنلىرى ۋە بەقەم ئوتۇنلىرى كۆيۈپ تۇرغان ئىسسىق ئۆيدە تېرە پارچىلىرى، رەخت پارچىلىرى، قايچا-يىڭنە، دىرەپشە-جۇۋالدۇرۇزلار چېچىلىپ تۇراتتى. تاغام تىكىپ بولغان تەلپەكلەرنى ئامۇت ياغىچىدىن ئادەم بېشىغا ئوخشىتىپ  ياسالغان قېلىپلارغا كىيگۈزۈپ قويۇپ پەردازلاشقا كىرىشەتتى. ئاغزىغا توشقۇچە سۇ ئېلىپ تەلپەكلەرگە پۈركۈيتتى. ئۇ «پۈۋ» دېسە، ئاغزىدىن سۇ ئۈنچىلىرى شۇنچىلىك ئۇششاق ۋە شۇنداق تەكشى چېچىلىپ چىقاتتىكى، تەلپەكنىڭ ھەر بىر تۈكىگە مىڭلاپ ئۈنچە-مارجان ئۇچۇپ كېلىپ قونغاندەك بولاتتى. ئوتنىڭ يورۇقىدا ئۈنچە-مارجانلار يالتىراپ كېتەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاغام تۆت چىشلىق تۆمۈر ئارا، تارغاق بىلەن تەلپەكنىڭ تۈكلىرىنى تارايتتى. «ئارا» دەپ ئاتىلىدىغان ئاشۇ تۆمۈر ئەسۋاپ راستتىنلا خاماندا ئىشلىتىدىغان يوغان ئارىنىڭ  كىچىكلىتىلگەن كۆرۈنۈشىگە  ئوخشايتتى. تاغام ئاشۇ ئارا  بىلەن تەلپەكلەرنى شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ پەردازلايتتىكى، كۆرپە تەلپەكلەرنىڭ تۈكلىرى بۈدۈر-بۈدۈر، يۆگىمەچ-يۆگىمەچ گۈللەرنى ھاسىل قىلاتتى. سالۋا تەلپەكنىڭ تۈكلىرى بولسا تال-تال بولۇپ، مەجنۇنتالنىڭ شېخىدەك ھەر تەرەپكە چېچىلىپ چۈشەتتى. تاغامنىڭ ماڭىمۇ بىر دانە سالۋا  تەلپەك تىكىپ بەرگەنلىكى يادىمدا. ئۇنىڭ تۈكلىرى خۇددى ئەركەك شىرنىڭ يايلىسىدەك قۇلاق ۋە گەجگىلىرىمدىن بېسىپ تۇراتتى. قوناقلىرى چېپىۋېلىنغان ئېتىزلىقتا «ۋاللەي» ئوينىغىنىمىزدا، قۇلاقلىرىم زادىلا توڭلىمايتتى.
       تاغامنىڭ تەلپەكچىلىكنى تاشلىۋېتىشكە يېڭى ھۈنەر ئۆگەنگەنلىكى سەۋەب بولدى. بۇ ئاشۇ يىلى تاغام بوۋىسىدىن قالغان، سۇۋاقلىرى ئاجراپ، بالا ۋە ۋاسىلىرىنى قۇرت يەپ، تولىمۇ كونىراپ كەتكەن ئۆيلىرىنى يېڭىلاپ سالماقچى بولغاندىكى ئىش. ئۇ ئارقا جاڭگالدىن توغراق ياغاچلىرىنى كېسىپ، ئېشەك ۋە ئۆكۈزگە سۆرىتىپ ئاچىقىپ تەييارلىغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆيگە خەر ۋە بالا بولغۇدەكلىرىمۇ، تۈۋرۈك ۋە ئارىش بولغۇدەكلىرىمۇ، ۋاسا ۋە دەميان بولغۇدەكلىرىمۇ بار ئىدى. تاغام ئۇلارنى كونا ئۆينىڭ تېمىغا يۆلەپ، تىك قىلىپ تىزىپ قويغانىدى. ياغاچلار تەييار بولغاندىن كېيىن تاغام خارەت تەكلىپ قىلىپ ئۆي سېلىشقا تۇتۇش قىلدى. بۇ چاغلاردا ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى بوۋام ئەمەس، تاغام باشقۇرىدىغان بولۇپ كەتكەن، بوۋام بولسا ئۆز مويسىپىتلىكى بىلەن  يۇرت ئىچىدىكى توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك  قىلىپ، تاتلىق سۆزلىرى بىلەن جېدەل-ماجىرالارنى كېلىشتۈرۈپ، تالانىڭ ئىشى بىلەنلا بولۇپ كەتكەنىدى. تاغام بوۋامنى ھەزىل قىلىپ «سايلانمىغان بېگىم» دەپ ئاتايتتى. ئىش-ئەمگەكنىڭ ھەممىسى تاغامغىلا قالغانىدى. شۇنداق ئىكەن، باشقۇرۇشمۇ تاغامغا قالىدۇ-دە. جەمئىيەتتىكىگە ئوخشاش ئىشلىگۈچى باشقا، باشقۇرغۇچى ۋە راھەت كۆرگۈچى باشقا بولىدىغان تەرتىپ ئائىلىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ-دە. ئىشلىگەنىكەن، باشقۇرۇشمۇ كېرەك. ئۇنى دېمىسىمۇ بۇ چاغلاردا تاغامنىڭ ھېلىقى قاچقاق خوتۇنى تۆتىنچى بالىسىنى تۇغقان، تاغام سىم بۇرۇتلۇق، كەكە ساقاللىق چوڭ ئادەم بولۇپ قالغانىدى. يالغۇز ئوغۇلغا ئۆي ئايرىپ قويۇش يوق. ئۇ ئاخىرغىچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر ئائىلە بولۇپ ياشايدۇ. ئۇلاردىن كېيىنمۇ ئاشۇ ئۆينىڭ چىرىغىنى ياندۇرىدۇ. چوڭ ئادەم بولۇپ قالغانىكەن، ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ، باشقۇرۇشقىمۇ قاتنىشىشى يوللۇقتە.
       ئۇ زاماننىڭ خارەتلىرىمۇ ھازىرنىڭ پارچە ئىش قىلىدىغان بىناكارلىرىغا ئوخشايدىكەن. بىر يەردە ئىش تۇتۇپ قويۇپ يېرىم قىلمايلا ئىككىنچى بىر يەردە ئىش تۇتىدىكەن. ئىككى-ئۈچ يەردە ئىش تۇتۇپ قويۇپ «مانا پۈتىدۇ، ئەمدى پۈتىدۇ» دەپ يالغان ئېيتقاچ، ئاستا-ئاستا، بىر-بىرلەپ پۈتكۈزىدىكەن. تاغام تەكلىپ قىلغان خارەتلەرمۇ شۇنداق قىلدى. ئۆينىڭ قۇرۇلمىسىنى  تىكلەپ قويۇپ، بىرەر ئايچە يوق بولۇپ كەتتى. ئارىدا پەيدا بولۇپ، تاملارنىڭ ئارىش-بالداقلىرىنى بېكىتىپ قويۇپ، ئۆرۈمەيلا يەنە قارىسىنى كۆرسەتمىدى. ياز ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۆينىڭ ياغاچ قۇرۇلمىسىنى پۈتكۈزۈپ، لاي-كاكۇل چاپلاپ، سۇۋاقنى تۈگەتمىسە قىش كەلگۈچە قۇرۇماي قالاتتى. قۇرۇمىغان ھۆل ئۆيدە قىشنى ئۆتكۈزگىلى بولمايتتى. تاغام ئالدىراپ قالغانىدى. لېكىن «مەن ئالدىرارمەن ماڭغىلى، ئېشىكىم ئالدىرار ياتقىلى» دېگەندەك، خارەتلەر تۈگىمەس يالغانلىرى بىلەن قارىسىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى.

        تاغام شۇنىڭدىن جىلە بولدىمۇ ياكى ئاشۇ خارەتلەرنىڭ ھەپتە-ئون كۈن ئىشلىگەنلىرىگە قاراپ خارەتچىلىكنى ئۆگىنىپ بولدىمۇ، ئۆينى پۈتكۈزۈشكە ئۆزى قول سالدى. ئەل -ئاغىنىلىرىنى چىللاپ، ھەرە، كەكە، چوت، يانپۇچۇق، ئىسكىنە دېگەنلەرنى تېپىپ ئىشقا كىرىشتى. دەسلەپ خارەتلەردىن قالغان چالا ئىشلارغا قول سېلىپ، ئارىش، بالداق، دەميانلارنى تولۇقلاپ، تاملارنى ۋادەكلەپ كۆرۈپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن بالالارنى توغراپ، قارا تارتىپ، چوت بىلەن يۇنۇپ تۈزلەپ ئۆگزىگە ئالدى. ۋاسىلارنى تىزىپ بورا ياپتى. بورىنىڭ ئۈستىگە تىكەن-مىسىل يېيىتتى. ئۇ تىنىم تاپماي ئىشلەيتتى. ئىشقا تۇتۇش قىلغان چېغىدا دەم ئېلىشنىمۇ، تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۇنىڭ بالىلىقىدىن قالغان ئۆمەر مەدىكىراپتەك كۆپ تاماق يەيدىغان ئادىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. ئاشۇ ئىشلار تۈگىگەندە، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلار كېلىپ ئۆگزىنى يېپىشقا، كاكۇل لاي بىلەن ۋادەكلىك تاملارنى سۇۋاشقا ياردەملەشتى. ئىش شۇنداق تېز يۈرۈشتىكى، ھېلىقى يالغانچى خارەتلەر قايتا كەلگەندە، ئۇلارغا قىلغىلى ئىش قالمىغانىدى. ئۇلار چالا قىلغان ئىشىغا ھەق سوراشقىمۇ خىجىل بولدى. شۇنداقتىمۇ تاغام ئۇلارنى  يەنىلا رازى قىلدى. ئاشۇ يىلى ياز بىلەن كۈزدە تاغام «چوڭ ئۆي» ھېسابلىنىدىغان ساراي، مېھمانخانا، ئاشخانا، قازناقلارنى، ئۆزىگە «ھۇجرا بولمىش» ئۈچ ئېغىز ئۆينى سېلىپ پۈتكۈزدى. پەقەت ئىككى يۈرۈش ئۆينىڭ ئارىسىغا چىقىرىدىغان ئايۋانلا چالا قالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى بوۋام بۇ بىلەرمەن ئوغلىنى ئىستىھزا بىلەن «ئۇستام» دەپ ئاتايدىغان بولۇپ قالغانىدى. دېمىسىمۇ  ئۇ ئۇستا - خارەتكە ئايلانغانىدى. كېيىنكى يىلى ئايۋاننى پۈتكۈزدى. ئېشىپ قالغان ياغاچلىرىنى تىلىپ، ئاشخانا ئۆينىڭ پالتۇكى بىلەن تۇرۇسى ئارىسىغا، باش تاقاشمايدىغان قىلىپ شۇنداق چىرايلىق بىر ئاسما ساندۇق-ئىشكاپ چىقاردىكى، بارلىق ئاياق-قوشۇق، تەڭنە-كاساڭلار بىمالال پېتىپ كېتەتتى. مومام ۋە تاغامنىڭ ھېلىقى بىر چاغلاردا قېچىپ توختىمىغان، ئەمدى بولسا چەمگە چاپلاشقان مۇمدەك ئورنىشىپ قالغان خوتۇنى بۇ ئىشكاپتىن تولىمۇ مەمنۇن بولدى. چۈنكى ئۇلار قوشنىلىرىغا ئوخشاش قاچا-قۇچىلارنى سېۋەتكە سېلىپ ياكى قىزىلچىغا تىزىپ يۈرمەي، ئاشۇ ئىشكاپقىلا يىغىشتۇراتتى. قاچا-قۇچىلار پاكىز تۇراتتى. چاشقان  ۋە مۈشۈكنىڭ بۇلغىشىغا ئۇچرىمايتتى.

       شۇنداق قىلىپ تاغام خارەت بولۇپ قالدى. يۇرت ئىچىدە تەكلىپ قىلغانلارنىڭ ئۆيىنى سېلىپ يۈردى. يەنە تېخى ئۇلارغا كارىۋات، ساندۇق، چاچاپ، غارال دېگەندەك نەرسىلەرنىمۇ ئېتىپ بېرەتتى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى كەسپىي  ھۈنەرۋەن ھېسابلىغان ئەمەس. ئۇنداق ئىشلارنى پەقەت دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسالدى ۋاقىتلىرىدىلا قىلاتتى. يەرنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى. جېنىنى ئۇپرىتىپ  بار كۈچى بىلەن يەرگە ئىشلەيتتى. خارەتچىلىك قىلىپ تاپقان تەڭگىلىرىگە يەرمۇ  سېتىۋالدى. يەرلىرى خېلى كۆپىيىپ  قالدى.

    3

        يەر ئىسلاھاتى بولغاندا تاغام خارەتچىلىك ھۈنىرىنى ئىشلىتىپ، يەر ئىسلاھاتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن زومىگەر-پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىدىغان سەھنە ياسىدى. سايىت ھاجىمنىڭ كەڭرى خامىنىدا كارىۋات-چارچاپلارنى بىر يەرگە تىزىپ، چېتىپ، بەزى يەرلىرىگە شال مىخلاپ، يەردىن ئىككى گەز ئېگىزلىكتىكى ئاشۇ سەھنىنى پۈتكۈزگەندە، بىز كىچىكلەرگە راسا ئويۇن بولغانىدى. بىز سەھنە ئۈستىدە يۈگۈرۈشەتتۇق. سەھنە ئۈستىدىن قاڭقىپ كۆك توپىغا  سەكرىشەتتۇق. بىز ھەر قېتىم سەكرىگەندە، تاغام ياسىغان ئاشۇ سەھنە مىدىرلاپ-غىچىرلاپ كېتەتتى...
        كېيىنكى كۈنى ئاشۇ سەھنىگە بېشىغا ئېگىز قەغەز  كۇلا كىيدۈرۈلگەن سايىت ھاجىم، مۇھەممەت خاپانباش، ئابدۇغىنى بايۋەچچىلەر يالاپ  چىقىلدى. پومېشچىك-زومىگەر دېگەنلەر ئاشۇلار ئىكەن. ئۇلارنىڭ يېنىدا ئالا بالداق ساقچى كالتىكى تۇتۇۋالغانلار نازارەت قىلىپ تۇراتتى. پەستە كۆك توپىدا سانجاق-سانجاق ئولتۇرغان ئادەملەر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شەپكە كىيگەن كادىرلىرىغا ئەگىشىپ قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گۈر-گۈر ۋارقىرايتتى. بۇنى چوڭلار «زومىگەر-پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىش» دەپ ئاتايتتى. بىز كىچىكلەر ئاشۇ يەردە، ئالا كالتەك تۇتۇۋالغانلارنىڭ توسۇشلىرىغا قارىماي، كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ قوغلىشىپ ئوينايتتۇق. بىزنىڭ تاغام ياسىغان سەھنە ئەتراپىدىكى ئويۇنلىرىمىزمۇ، چوڭلارنىڭ «زومىگەر-پومېشچىكلارنى كۈرەش قىلىش»ىمۇ  خېلى ئۇزۇن كۈنلەرگىچە داۋاملاشتى. شۇ كۈنلەردە تاغامنىڭ «ئەجەب ئادىل زامان بولدى، مۇشتۇمزورلار ئەدىپىنى يېدى» دېگەنلىكى يادىمدا. كۈرەش مېۋىسى تەقسىم قىلىنغان كۈنى تاغام تامدەك يوغان، ئاتتەك ئېگىز، تولۇم قورساق، ئارا مۈڭگۈزلۈك بىر ئۆكۈزنى يېتىلەپ كەلدى. تاغاملارنىڭ ئائىلىسىگە تەگكىنى شۇ ئىكەن. تاغامنىڭ چىرايىدىن نە خۇشال بولغانلىقىنى، نە خاپا بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئانام ئاشۇ ئىشنى ئەسلەپ «ئۇنىڭغا يەر  تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن بولسا،  خۇشال بولاتتى. يەرنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرەتتى ئۇ» دېگەنلىكى يادىمدا. ئۆزىنىڭ باشقا كالا-ئۆكۈزلىرى بولغاچقىمۇ ياكى يەرنى ئەتىۋار كۆرگەچكىمۇ، تاغام راستتىنلا ھېلىقى «كۈرەش مېۋىسى» ئۆكۈزنى  ئازراق ئۈستەك بېرىپ، قادىر قاۋاننىڭ داشتىكى بىر پارچە شىۋاقلىقىغا تېگىشتى. تاغامنىڭ پىلانىچە، دۆڭئېرىقتىن سۇ  باشلاپ بەقەمدۆڭدىن لاي ئېقىتسا، ئاشۇ شىۋاقلىق ئېسىل يەرگە ئايلىنىدىكەن. كېيىنكى يىلى يازدا كەلكۈن كېلىپ سۇ راسا كەڭرىلەشكەن چاغدا، تاغام شىۋاقلىقنى يەر قىلىشقا كىرىشتى. داشنىڭ ئەتراپىغا ئېگىز قىر -تىرگەن سېلىپ دوغاپتەك قويۇق لاي سۇنى باشلىدى. بىز كىچىكلەرمۇ بوش قالمىدۇق. ئېقىۋاتقان سۇغا كىچىككىنە كەتمىنىمىز بىلەن بەقەمدۆڭنىڭ بوز توپىسىنى توختىماي تاشلايتتۇق. دۆڭنى تېگىدىن كولاپ سۇغا  يىقىتاتتۇق. چىيمان ئارىلاش بوز توپا سۇنى دوغاپ قىلىپ داشقا قاراپ ئاقاتتى...

         شۇنداق قىلىپ تاغام ئاشۇ 20 مو شىۋاقلىقنىمۇ ھوسۇلغا كىرگۈزدى. يەر-زېمىنى تېخىمۇ كۆپەيدى. ئۇ تىنىمسىز ئىشلەيتتى. ھاردىم-تالدىم دېمەيتتى. ئىشقا بىر كىرىشىپ كەتسە تاماق يېيىشنىمۇ، ئارام ئېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەتتى. ئۆزى ئىشلەپلا قالماي، ئائىلىدىكى ھەممە چوڭ-كىچىكنىمۇ ئۆزىگە لايىق ئىشقا تەشكىللەيتتى. تاغام دېھقانچىلىق ۋە قىش كۈنلىرىدىكى خارەتچىلىك بىلەن ئوبدانلا ئەتلىنىپ قالغانىدى. چۈنكى يەر دېگەن تەر تۆككەننى ئۈمىدسىز قالدۇرمايدۇ ئەمەسمۇ. يۇقىرىدىن دېھقانچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ئۇقتۇرۇش چۈشكەن، كوللېكتىپلىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى. كادىرلار قۇرۇلماقچى بولغان مۇئەسسەسەنىڭ نامىنى «كوپىراتسىيە» دەپ ئاتايتتى. ئۇقتۇرۇشنىڭ روھى بويىچە بارلىق دېھقانلار يەرلىرىنى، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىدىغان ئۇلاغلىرىنى، سايمانلىرىنى كوپىراتسىيىگە پاي قىلىپ قېتىشى، بىر كوپىراتسىيىدىكى ھەممە كىشى بىللە ئىشلىشى، چىققان ھوسۇلنى ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەينى چاغدا، بۇ گەپلەرنى بىزنىڭ كۆكقۇمدىكىلەر قانداق چۈشەندى؟ بۇ نامەلۇم، ئەمما تاغامنىڭ چۈشىنىشىچە، يەرنى كوپىراتسىيىگە قېتىش دېگەنلىك يەردىن ئايرىلىپ قېلىش دېگەن گەپ ئىكەن. يەردىن ئايرىلىپ قالغان يەرسىز دېھقاننىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭغا ئايان ئىكەن. يەتتە-سەككىز  يىلنىڭ ئالدىدىكى پومىشچىكلارغا ئىشلىگەن، پومېشچىكلارنىڭ يىرىنى ئىجارىگە ئالغانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۇ تېخى ئۇنتۇپ قالمىغانىكەن. تاغام «يەرسىز  دېھقاننىڭ ئەھۋالى شۇنداق بولىدۇ» دەپ ئويلايدىكەن. شۇڭا ئۇ «كوپىراتسىيىگە كىرمەيمەن، يەرلىرىمنىمۇ پاي قاتمايمەن» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. «غورا  غورىنى كۆرۈپ ئالا بوپتۇ» دېگەندەك، كەنتىمىزدىكىلەرمۇ تاغامغا ئەگىشىپ كوپىراتسىيىگە كىرىشنى رەت قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كوپىراتىسىيە قۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلىۋاتقان يىغىن-مەجلىسلەر تېخىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپتۇ. كۈندۈزنى كېچىگە، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئېچىلىدىغان يىغىنلاردا چوڭقۇر ئىدىيىۋى خىزمەتلەر ئىشلىنىدىكەن. شەپكە كىيىۋالغان كادىرلار كوپىراتسىيە قۇرۇلسا، ئېرىقلاردا سۈت-قايماق ئېقىپ، قازانلاردا گۆش -پولۇلار قايناپ تۇرىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدىكەن. لېنىن، ستالىنلارنىڭ ساقاللىق-بۇرۇتلۇق رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دۆلىتىدە سۈت-قايماق ئېقىۋاتقانلىقىنى مىسال كەلتۈرىدىكەن. شۇنداقتىمۇ مەھەللىمىزدىكى جاھىللار «كوپىراتسىيىگە كىرمەيمەن» دېگەن گېپىدە يەنىلا چىڭ تۇرۇۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ جاھىلى تاغام ئىكەن. چۈنكى ئۇ ساۋاتلىق بولغاچقا، ھۆججەتلەردىن ئۆزىگە پايدىلىق جايلارنى تۇتۇۋېلىپ، شەپكە كىيگەنلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىپ «يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىدە كوپىراتسىيىگە كىرىش-كىرمەسلىك ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆز ئىختىيارى دەپتىغۇ، نېمىشقا مەجبۇرلايسىلەر؟» دەپ تۇرۇۋالىدىكەن. كادىرلار بولسا «سەن كوپىراتسىيىگە كىرمىسەڭ، كوپىراتسىيىنى كىم بىلەن قۇرىمىز؟» دەيدىكەن. ئۇلار ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدىكەن. تاغاملار بولسا خۇددى قاچاندۇر بىر چاغدا  سېپىلىپ كەتكەن ئەسكى كۆۋرۈككە قايتا كەلگەن ئېشەكتەك كەينىگە داجىپ جاھىللىق قىلىدىكەن. قۇرۇلغۇسى كوپىراتسىيىدە زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ئىنىق  بىلمىسىمۇ،  ئۆزىنى يەردىن، ھەممە نېمىدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقاندەك سېزىدىكەن. شۇ ئارىدا قوشنا كەنتلەردە كوپىراتسىيىلەر قۇرۇلۇپ ناغرا-سۇنايلار ياڭراپتۇ. «دوڭغاقجىگدە» «غالىبىيەت»كە «كۆكمەت»، «قىزىل بايراق» قا، «قۇمباغ»، «گۈزەل ئىستىقبال»غا ئۆزگىرىپتۇ. «تۇساللا»لىق ئەخمەت غەجەكنىڭ ئىسمى گېزىتكە چىقىپتۇ. لېكىن بىزنىڭ كەنتتە تېخىچە كوپىراتسىيە قۇرۇلالماپتۇ. رايوندىن ئېشەككە مىنگەن رايون باشلىقلىرى ۋە كوپىراتسىيە قۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى كېلىپ خىزمەت ئىشلەپتۇ. ناھىيىدىن ئاتقا مىنگەن ھاكىم كېلىپ خىزمەت ئىشلەپ بېقىپتۇ. لېكىن جاھىللارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمەپتۇ. ئاخىر ۋىلايەتنىڭ باشلىقى كەپتۇ.

         ۋىلايەت باشلىقى كەلگەن كۈندىكى ئىشلار ئېنىق يادىمدا. شۇ چاغدا بىز ئۆگزىدە ئىدۇق. ئۆگزىگە سالغان ئۈششۈك غوزىدىن پاختىنى ئاجرىتىۋاتاتتۇق. دەرۋازا ئالدىدىكى توپىلىق  يولدىن يوغان بىر تۆمۈر مەخلۇق شۇنداق  چېپىپ ئۆتتىكى، ئۇچقان چاڭ-توزان سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغىچە كۆتۈرۈلدى. دەسلەپ دەرۋازدا ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ قەھرى بىلەن قاۋاپ كەتكەن تاغىل ئىتىمىز ئۇ مەخلۇقنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىدىن قورقۇپ قۇيرۇقىنى چاترىقىغا قىسقىنىچە غىڭشىپ سامانلىققا كىرىۋالدى. ھاڭ-تاڭلىقتا تۇرۇپلا قالدۇق. شۇ ئارىدا كىمدۇر بىرسىنىڭ «كوڭكا، كوڭكا كەلدى» دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەيران قالغان قوشنىلار ئاللىقانداق بىر قىزىقىش بىلەن سايىت ھاجىمنىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ «يېزىلىق ھۆكۈمەت» قىلىنغان قورۇسىغا قاراپ ئالدىراش كېتىشىۋاتاتتى. مەنمۇ بوۋام، موماملارنى تاشلاپ، ئۆگزىدىن سامانلىقنىڭ ئۆگزىسىگە، ئۇ يەردىن يولغا  سەكرىدىم-دە، يېزىلىق ھۆكۈمەت قورۇسىغا قاراپ چاپتىم. ئۇ يەردە كىشىلەر «كوڭكا، كوڭكا» دەپ تۆمۈر مەخلۇقنىڭ  ئەتراپىنى چۆرگىلەپ يۈرۈشەتتى. تۇتۇپ بېقىشقا، سىلاپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالمايتتى. بۇنچىۋالا ئېغىر تۆمۈرنىڭ قايسى كۈچ بىلەن ئورنىدىن قوزغىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئىشىكىنى باقىدىغان ئىلەك جۇل «كوڭكا»نىڭ ئالدىغا پىچان تاشلىدى، يېمىدى، يوغان كاساڭدا لىق سۇ ئاچىقىپ ئالدىغا قويدى، ئىچمىدى. كىشىلەر «كوڭكا بەك ھېرىپ كېتىپتۇ. ھېرىپ كەتكەن ھايۋاننى ئوت-سۇغا قويۇشتىن ئاۋۋال يېتىلەپ سوۋۇتۇش لازىم» دېيىشەتتى. لېكىن «كوڭكا»نىڭ نە يېتىلەيدىغان يۈگىنى، نە باشبېغى يوق ئىدى. كىشىلەر ھەيران بولۇشاتتى. شۇ ئارىدا تاغام پەيدا بولدى. ئۇمۇ «كوڭكا»نى كۆرۈشكە كەلگەنىدى. تاغام «كوڭكا دېگەن پىچان يېمەيدۇ، سۇمۇ ئىچمەيدۇ. يەر يېغى يەيدۇ...» دېدى. بۇ گەپلەرنى گېزىتتىن ئوقۇغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويدى. كىمدۇر بىرسى سايىت ھاجىم مەككە مۇكەررەمدىن قايتىپ كەلگەندە كوڭكا توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئەسكە ئالدى. سايىت ھاجىم ئاشۇ ياقلاردا كوڭكىغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلغانمىش...

       سەل چوڭ بولغاندا، شەھەرگە چىقىپ دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا بىلدىمكى، بىزنىڭ «كۆكقۇم»غا تۇنجى قېتىم بارغان ئاشۇ «كوڭكا» ئامېرىكىدا ئىشكەنگەن «دادوجى» دېيىلىدىغان يۈك ماشىنىسى ئىكەن. ئازادلىق ئارمىيە ئۇنى گومىنداڭدىن غەنىيمەت ئالغانىكەن. يۇرتىمىزغا تۇنجى قېتىم ماشىنا كەلگەن ئاشۇ ئىشنى ئەسلىسەملا، خېلى ئۇزۇن يىللاردىن كېيىنمۇ كۈلۈمسىرەپ يۈردۈم. بىلمىگەن، كۆرمىگەن ئادەم نېمە خىياللارنى قىلمايدۇ دەيسىز؟
    كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئاشۇ قېتىم يېزىمىزغا «كوڭكا»غا ئولتۇرۇپ ۋىلايەتنىڭ باشلىقى كەپتۇ. كەنتىمىزدىكىلەرنىڭ كوپىراتسىيىگە كىرىشىگە، يەر ۋە مال-ۋارانلىرىنى پاي قېتىشقا ئۇنىمىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولسا كېرەك. تاغام ۋە پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى يىغىپ يەنە يىغىن ئېچىپتۇ.  كوپىراتسىيىگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ. لېكىن تاغام غىڭ قىلماپتۇ. زۇۋان سۈرمەي جىم ئولتۇرۇۋاپتۇ.  ۋىلايەت باشلىقى دېھقانلارنى بىر-بىرلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ سوراپتۇ.
    - ئىسمىڭ نېمە؟
    - يۇسۇن كالتا، غوجام.
    - يەرنى ساڭا كىم بەرگەن؟
    - كومپارتىيە بەرگەن، غوجام.
    - پارتىيە ساڭا يەر بەرسۇنۇ، ئەمدى پارتىيە باشلىغان يولغا ماڭغىلى ئۇنىمامسەن؟ بۇ قانداق تۇزكورلۇق... يېرىڭنى كوپىراتسىيىگە پاي قاتامسەن-يوق؟
    - بېرىپ بولۇپ ئېلىۋالغان ساخاۋەتچىنى كۆرمەپتىكەنمەن، غوجام. ئېلىۋالسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئىختىيارى، ئەمما مەن كوپىراتسىيىنىڭ سىرتىدا قالاي...
    سوئال ئاشۇنداق داۋاملىشىپ نۆۋەت تاغامغا كەپتۇ.
    - ئىسمىڭ نېمە؟
    - ئابدۇللا خارەت،- جاۋاب بېرىپتۇ تاغام. بوۋاملارنىڭ ئەسلىدىكى «كاداڭ» لەقىمى ئۇنتۇلۇپ يەر ئىسلاھاتىدا «خارەت» دەپ بېكىتىلگەنىكەن. بۇ تاغامنىڭ ھۈنىرىگە ئاساسەن قويۇلغان لەقەم ئىكەن.
    - نەچچە مو يىرىڭ بار؟
    - 50 مودىن كۆپرەك. ئارقا جاڭگالدىكى پاسارلىقنى قوشساق...
    - 50 مو؟ تەركېبىڭ پومېشچىكمۇ سېنىڭ؟
    - ياق، تەركىبىم تۆۋەن ئوتتۇرا...
    - يەرنى ساڭا كىم بەرگەن؟
    تاغام ئالدىدا جاۋاب بەرگەنلەردەك جاۋاب بەرمەپتۇ، ئەكسىچە:
    - بىزنىڭ يەرلەرنى بىرەر كىم بەرگەن ئەمەس. ئاتا-بوۋامدىن قالغان ۋە تەڭگە تۆلەپ سېتىۋالغان يەر ئۇ،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    - سەن تەڭگە تۆلەپ سېتىۋالغان بولساڭ، بىز قان كېچىپ يۈرۈپ ئالغان يەر بۇ. گومىنداڭ بىلەن قانچە يىل ئۇرۇش قىلغانلىقىمىزنى، قانچىلىك قان تۆككەنلىكىمىزنى  بىلەمسەن؟
    تاغام ئۈندىمەپتۇ. ۋىلايەتتىن كەلگەن باشلىق يەنە بىر ھازا سۆزلەپ يەرلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقى ھۆكۈمەتتە ئىكەنلىكىنى  بايان قىپتۇ. بۇ گەپلەرنى تاغاملار قانچىلىك چۈشەندى؟  بۇلار نامەلۇم. ئەمما شۇ كېچە ھەممە ئادەمنىڭ ئىسمى، لەقىمى، يەر سانى، ئات-ئۆكۈز سانى، بوقۇسا-بۇيانلاق سانى تىزىملانغان جەدۋەلگە - جەدۋەلنىڭ «كوپىراتسىيىگە كىرگۈچىنىڭ ئىمزاسى» دېگەن يەرگە قول بېسىپتۇ. ھەممە كىشى بىر-بىرلەپ ئۆز ئىسمى ئۇدۇلىغا قول بېسىپتۇ. تاغاممۇ قول بېسىپتۇ. تۈن يېرىملاشقاندا كوپىراتسىيىگە كىرىش ئاياغلىشىپتۇ. كوپىراتسىيىنىڭ ئىسمىمۇ بېكىتىلىپتۇ. «بەخت يولى» كوپىراتسىيىسىنىڭ  قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، كەنتىمىزنىڭ «ئەگرىپار» دېگەن كونا نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپتۇ. ئاخىرىدا ۋىلايەتتىن كەلگەن ھېلىقى باشلىق  تاغاملارنى «بەخت يولى دېھقانچىلىق كوپىراتىپى»نىڭ ئەزاسى بولغانلىقى بىلەن تەبرىكلەپتۇ...
       ئاشۇ قىش ئۆتۈپ، كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا تاغام ئۆز يېرىگە ئەمەس، «بەخت يولى» كوپىراتسىيىسىنىڭ ئېتىزلىرىغا قوش سالدى. ئەمما ئۇنىڭغا ئېتىزلىقتا ئىشلەش ئانچە كۆپ نېسىپ بولمايتتى. كوپىراتسىيە تەشكىلىنىڭ ئىشخانىلىرىنى  سالىدىغان ئىش چىقتى. مۇدىرغا ئىشخانا، بوغالتىرغا، كاسسىرغا ۋە يەنە ئاللىكىملەرگە ئىشخانا سېلىش، مەجلىسخانا سېلىش، ئامبار سېلىش كېرەك ئىدى. كوپىراتسىيىگە پاي قىلىپ قېتىلغان، ئەمدى بىر يەرگە يىغىپ بېقىلىۋاتقان ئات-ئۆكۈزلەرگە ئېغىل-قوتان سېلىش كېرەك ئىدى. تاغام سايىت ھاجىمدىن مۇسادىرە قىلىنغان ئۆيلەرنى يىقىتىپ كىمنىڭ يېرىدە يوغان تېرەك بولسا كېسىپ تەشكىل بىناسىنى سالدى. بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. تاغام يەنە كوپىراتسىيىدە ئىشلىتىش ئۈچۈن يېڭى بوقۇسا-بۇيانلاقلارنى ياسىدى. ياغاچ چاقلىق ئېگىز «يار-يار» ھارۋىمۇ ياسىدى. ئۇ كوپىراتسىيىنىڭ خارەتچىلىكىدىن بوشىغان چاغلاردا كەتمىنىنى ئۆشنىسىگە ئېلىپ ئېتىزغا چىقاتتى. تاغام مەيلى ئېتىزدا ئىشلىسۇن، مەيلى كوپىراتسىيىنىڭ خارەتچىلىكىنى قىلسۇن، يەنىلا شەخسىي يېرىگە ئىشلىگەندەك بېرىلىپ ئىشلەيتتى. ئىشىدا گۈل كەلتۈرۈپ ئەستايىدىل قىلاتتى. ھاردىم-تالدىم دېمەيتتى. ئېغىر-يېنىك دەپ تاللىمايتتى. شۇڭا ئەترەتنىڭ بوغالتىرى ھەر كۈنى كەچتە ئۇنىڭغا تولۇق ئون نومۇر خاتىرىلەيتتى. ئون نومۇر بىر گۇڭ ھېسابلىناتتى. خاتىرىلەنگەن گۇڭ-نومۇر بويىچە كۈزلۈككە تەقسىمات بولىدۇ دېيىشەتتى.

       كوپىراتسىيىدە بىز كىچىكلەرمۇ بىكار قالمايتتۇق. مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا كوپىراتسىيىنىڭ ئىشىغا ياردەملىشەتتۇق. ئېتىزغا قىغ ئاچىقىدىغان ئىش بولسا تاغار يۈدەتتۇق. ئوغۇت سېسىتىش ئۈچۈن ئوت-چۆپ ئوراتتۇق. سومكىمىز بىلەن پۇلۇقىمىز يېنىمىزدىن ئايرىلمايتتى. پۇلىقىمىزغا تېزەك تېرەتتۇق ۋە كوپىراتسىيىگە ئۆتكۈزەتتۇق. ئۇنىڭمۇ جىڭ سانى خاتىرىلىنىپ قويۇلاتتى. خاتىرىلەنگەن جىڭ سانىغا ئاساسەن كۈزلۈككە تەقسىمات بولىدۇ دېيىشەتتى. ئورما ئورىيدىغان، قوناق چاپىدىغان ئالدىراش چاغلاردا بىز ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەپ بولۇپ، قىزىل بايراقنى لەپىلدىتىپ، جەڭگىۋار ناخشىلارنى ئوقۇپ كوپىراتسىيىگە ياردەمگە كېلەتتۇق. كوللېكتىپ ئىشلەش بەك كۆڭۈللۈك ئىدى. ناخشا ئېيتىپ، چاقچاقلىشىپ، بەسلىشىپ ئىشلەيتتۇق. ھارغىنلىق بىلىنمەيتتى، ئەمما نومۇر خاتىرىلەنمەيتتى. بۇ بىز مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ كوپىراتسىيىگە قىلغان ياردىمىمىز بولاتتى.
    كوپىراتسىيىگە ئىشلىگەننىڭ تۇنجى يىلى 8-ئايدا بۇغدايلار يۇمشىتىلىپ  خامان ئاياغلاشقاندا بىرىنچى قېتىم تەقسىمات بولدى. خامان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. تاغار-خالتىلىرىنى كۆتۈرگەن كوپىراتسىيە ئەزالىرى سانجاق-سانجاق تۇرۇپ كەتتى. بوغالتىر كىمنىڭدۇر ئىسمىنى، لەقىمىنى ئوقۇيتتى. ئىشلىگەن گۇڭ-نومۇرلىرىنى، ئۆتكۈزگەن ئوغۇتلىرىنى، تېگىشلىك بۇغداينىڭ جىڭ سانىنى ئېلان قىلاتتى. ھېلىقى كىشى تاغار-خالتىسىنى كۆتۈرۈپ، كىشىلەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ چەشنىڭ يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تارازىنىڭ يېنىغا يېقىنلىشاتتى... شۇ كۈنى تاغاملارنىڭ ئائىلىسىگە ئىككى يېرىم تاغار بۇغداي تەگدى. تاغارنىڭ ئاغزىنى ئېچىشقا مەنمۇ ياردەملەشتىم. تاغامنىڭ تاغار تۇتقان قوللىرى تىترەيتتى. قىزىل كوس چىرايى مۇرا قۇيۇندەك قارىداپ كەتكەن، ۋۇجۇدى ئۈششۈك تەگكەن تال نوتىسىدەك سولاشقان، كۆزلىرى يېغى تۈگەپ ئۆچۈش ئالدىدا  تۇرغان جىنچىراغدەك پىلىلدايتتى. تاغارغا تۆكۈلىۋاتقان ئالتۇن دانلارنى كۆرەلمەيۋاتقاندەك چىمچىقلايتتى. ھەممىسى ئىككى يېرىم تاغار، ھازىرقى زاماننىڭ كىچىك چىپتا تاغىرى ئەمەس، ئەينى چاغلاردا ئائىلىلەردە توقۇلىدىغان ئىزمىلىك يوغان بۆز تاغاردا `ئىككى يېرىم تاغار چىقتى...
    تاغامدىن كېيىن يۇسۇن كالتىگە نۆۋەت كەلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلەك جۇلغا نۆۋەت كەلدى. ئۇلار خۇشال ئىدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تاغىرىغا بۇغداي قاچىلىنىۋاتقاندا چاۋاك چېلىشتى. ئىش تۇرسۇن چالۋاشقا نۆۋەت كەلگەندە بۇزۇلدى. ئۇ ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان دارامەتنى ئالغىلى ئۇنىماي، تاۋان تاشلاپ كېتىپ قالدى. ئىمىن كۈشكەل بولسا «ماڭا بۇغداي لازىم ئەمەس، سەن قارا قۇلاققا ئۆلۈپ بەرسەمغۇ بولار...» دەپ ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ، قاتتىق يەرگە دوق-دوق ئۈستى. قارا قۇلاق دېگىنى كوپىراتسىيە مۇدىرى يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ لەقىمى ئىدى. شۇ كۈنى خاماندا كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى بىر-بىرىگە زادىلا ئوخشىمىدى...
    كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، تاغام ئىككى يېرىم تاغار بۇغداينى ھويلىغا ئەكېلىپ تاشلىغاندىن كېيىن ھېچكىمنىڭ چىرايىغا قارىماي، ئۇدۇل ھۇجرىسىغا كىرىپ كېتىپتۇ. ھۇجرىدىن چىقماي، ھېچنېمە يېگىلى ۋە ئىچكىلى ئۇنىماي ئىككى كۈن يېتىۋاپتۇ.
    - كۆپ نوپۇسلۇق، باردى-كەلدىسى تولا چوڭ ئائىلە ئۈچۈن ئىككى يېرىم تاغار بۇغداي ھۈننىگە سۈننە بولاتتىمۇ،- دەپ سۆزلەپ بەرگەنىدى  ئانام،- ھەممىمىزنى غەم باستى. دادام يەنە يۈسۈپ قارا قۇلاقنى ئىزدەپمۇ باردى. قارا قۇلاق نېمە دەپتۇ دېمەمسەن؟ «ھەسەن ئاكا، ئىشلەيدىغانلار چىشلەيدىغان زامان بۇ، سىز ئىشلىمىدىڭىز، سادەتخان ئايلاممۇ ئىشلىمىدى، يەڭگەممۇ ئېتىزغا چىقاي دېمىدى، بىر ئابدۇللاخۇن يالغۇز ئىشلىسە قانچىلىك دارامەت تېگەتتى سىلەرگە؟ ھېلىمۇ ئابدۇللاخۇن ھەر كۈنى تولۇق گۇڭ ئالغاچقا خېلى ئاش تەگدى» دەپتۇ. ئاق دەپ، كۆك دەپ دادامنى يولغا سېلىپ قويۇپتۇ. شۇنداق  قىلىپ چوڭ ئۆيدىكىلەر ئىككى يېرىم تاغار بۇغداي بىلەنلا قالدى...
    شۇ يىلى كۈزدە تاغاملارغا قوناقتىن قانچىلىك دارامەت تەگدى، تاغاملار يىلنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ بۇلار ئېنىق ئەمەس. بەلكىم تاغام قىشنىڭ بىكار كۈنلىرىدە ئۆي سالىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىنى سېلىپ بېرىپ، ئالغان ئىش ھەققىگە ئائىلىنى باققاندۇ ۋە  بەلكىم ئۇماچ، زاغرا، كۇمۇلەك بىلەنلا كۈنىنى ئۆتكۈزگەندۇ.

    4

       كېيىنكى يىلى ئەتىيازدا سۈر ھاڭگىغا  مىنگەن رەخىم پوۋاش مەھەللىمىزدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە» دەپ ۋارقىراپ ئۆتتى. كىشىلەر دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىشتى. رەخىم پوۋاش ئۇلارغا نېمىلەرنىدۇر دەيتتى ۋە ئارقىدىنلا يەنە «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە» دەپ ۋارقىراپ، سۈر ھاڭگىنى دېۋىتىپ مېڭىپ كېتەتتى. ئاشۇ ۋارقىرىغىنىچە «كۆكقۇم»نىڭ ھەممە كەنتلىرىنى ئارىلاپ چىقتى. نېمىشقىدۇر ئۇنى ھېچكىم توسمىدى، يۈسۈپ قارا قۇلاقمۇ، دائىم ئالا كالتەك كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ساقچى ئىلەك جۇلمۇ توسمىدى.
       ھەممە كىشى دەرۋازىلىرى ئالدىدا ئىدى. ئۆيلىرىگە كىرىپ كېتىشنى ئويلاپمۇ قويۇشمايتتى. ھاياجان بىلەن پىچىرلىشاتتى. تاغاممۇ بوۋام بىلەن پىچىرلىشىپ تۇراتتى. ئاشۇ گەپلەر ئارىسىدىن «خوتەندە كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشىپتۇ، كوپىراتسىيىنىڭ دەپتەر-ھېساباتلىرىنى كۆيدۈرۈپ، پايغا قاتقان نەرسىلەرنى بۆلۈشۈۋاپتۇ» دېگەن گەپلەرنى ئۇققىلى بولاتتى. تۇرسۇن چالۋاش، ئىمىن كۈشكەل، ياسىن كەس، قۇۋاننىياز چوتلار بوۋاملارنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلدى. تاغام بىلەن پىچىرلىشىپ نېمىلەرنىدۇر مەسلىھەتلىشىشكە كىرىشتى. ئۇلار خېلى ئۇزۇن مەسلىھەتلەشكەندىن كېيىن كوپىراتسىيە تەشكىلىگە قاراپ ماڭدى. بوۋام «ھاي، ھاي، تۇخۇمنى تاشقا ئۇرمايلى، ۋاي ئەخمەقلەر...» دەپ غۇدۇراپ قالدى. بىز كىچىكلەر قانداقتۇر بىر تاماشىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۇيۇپ ئۇلارغا ئەگەشتۇق. كوپىراتسىيە تەشكىلىنىڭ چوڭ قورۇسى چېچەكلىك بولۇپ كەتكەن، باشقىلار ئاللىقاچان يىغىلىپ بولغانىدى. يۈسۈپ قارا قۇلاق بىلەن ئىلەك جۇل ئامبارنىڭ ئىشىكىنى توسۇپ تۇراتتى. كىشىلەر «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىمىز، قاتقان پاينى قايتۇرۇۋالىمىز» دەپ ۋارقىرىشاتتى. ئارىلاپ-ئارىلاپ «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە» دەپ ۋارقىراپمۇ قويۇشاتتى. كوپىراتسىيە مۇدىرى يۈسۈپ قارا قۇلاق: «كوپىراتسىيە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقى بىلەن قۇرۇلغان، ھۆكۈمەتكە قارشى چىقىشقا ھەددىڭلارمۇ سىلەرنىڭ» دەپ دوق قىلاتتى. كىشىلەر جاۋابەن: «خوتەندە كوپىراتسىيىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. بىز نېمىشقا ئەمەلدىن قالدۇرمىغۇدەكمىز، كوپىراتسىيە بولغۇڭ كەلسە سەن ئۆزۈڭلا بولۇۋال» دەپ ۋارقىرىشاتتى. يەنە بەزىلەر «كوپىراتسىيە بولۇپ قانچىلىك دارامەت تەگدى بىزگە، مانا سېرىقتال ۋاقتىدا ئاچ قالدۇق. سەن گېلىمىزنى باقالايتتىڭمۇ» دەپ ۋارقىرايتتى. غەلۋە، دوق، تاپا-تەنە خېلى ئۇزۇن داۋاملاشتى. شۇ ئارىدا تاغام ھەقەمسايىلىرى بىلەن غەلۋە قىلىۋاتقانلاردىن ئايرىلىپ كوپىراتسىيە قورۇسىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار خۇددى جېدەل-ماجىراغا ئارىلىشىشنى خالىماي ئۆيلىرىگە كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. ئەمما بىر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتمەي ئۇلار يەنە قايتىپ كەلدى.
       ئۇزاق ۋاقىتلاردىن كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ئۇلار ئون-ئون بەشچە كىشى «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىش خېلى چوڭ ئىش. بۇنداق ئىشنى قىلىشتا يۇرت ئاتىسىدىن رازىلىق ئالماق كېرەك» دېيىشىپ، ھېزىم ئاتا دېگەن بوۋاينى ئىزدەپ بېرىشىپتۇ. ھېزىم ئاتا شۇ يىللاردا 102 ياشتىن ئاشقان، ئەقلى-ھوشى جايىدا بولسىمۇ، پۇت-قولىدا ماغدۇر قالمىغاچقا مەسچىتكە بارالماي، ئۆيدىلا ئىستىقامەت قىلىپ ئولتۇرىدىغان، پۈتۈن يۇرت  «ئاتا دېسە ئاتا» دەپ ھۆرمەتلەپ، يوقلاپ خەۋەر ئېلىپ تۇرىدىغان، چاچ-ساقاللىرىلا ئەمەس، قاش-كىرپىكلىرىمۇ ئاقارغان، خىزىردەك پاكىز قېرىغان ئادەم ئىكەن. ئۇلۇغۋار بېشى «بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى مۇشۇنچىلىك، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى ئاشۇنچىلىك» دېگەندەك توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇرىدىكەن. ئاشۇ ھېزىم ئاتا تاغاملارنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھازا جىمىپ كېتىپتۇ. ئۇزاق سۈكۈناتتىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ - «كومپارتىيە مۇشتۇمزور، زومىگەرلەرنىڭ ئەدىپىنى بەردى، يەرلەرنى قايتا تەقسىملەپ، يوقسۇللارنى زېمىنغا ئىگە قىلدى. يۇرتتا ئادالەتنى يولغا قويدى.  يامان يولغا باشلىماسلىقىدىن ئۈمىد چوڭ. ئۆزى قىلغان ئىشنىڭ توغرا بولماي قالغانلىقىنى سەزگەندە، ئۆزى تۈزىتەلەيدۇ. 15-20 يىلغا بارماي يەرلەرنى يەنە سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. شۇڭا سىلەرنىڭ ئاتىكاتىچىلىق، ئالدىراشلىق قىلىپ، كوپىراتسىيىنىڭ ئۆسمىگەن قۇيرۇقىنى يۇڭدىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق...» دەپ تاغاملارنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشىغا رازىلىق بەرمەپتۇ. يەنە تېخى سەۋر قىلىشنى، سەۋر قىلسا غورىدىن ھالۋا پىشىدىغانلىقىنى، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق ھەققىدە  نەسىھەت قىپتۇ. ھېزىم ئاتا ئاشۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۇنىڭ كۆپنى كۆرگەن بېشى توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇرۇپتۇ. تاغاملار ھېزىم ئاتىنىڭ يېنىدىن يېنىپ چىققاندىن كېيىن ھېزىم ئاتىنىڭ سۆزلىرىگە ئۆزلىرىچە تەبىر بېرىشىپتۇ. «ھېزىم ئاتا ئاشۇنداق دېگەن بولسىمۇ، بېشىنى ئىرغاڭلىتىپ رازىلىق بەردى» دەپ قارىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ كوپىراتسىيە قورۇسىغا يېنىپ كېلىشى شۇنىڭدىن ئىكەن...
       ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، كوپىراتسىيە قورۇسىدىكى غەلۋە-ماجىرا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر يۈسۈپ قارا قۇلاقنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ: «كوپىراتسىيىنى ئۆزۈڭ قۇرغان، يەنە ئۆز قولۇڭ بىلەن تارقىتىسەن» دەپ قىستايتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق بولسا ھۆكۈمەت نامىدىن دوق قىلاتتى. نېمىلەرنىدۇر دەپ رەت قىلاتتى. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان قىستاق تېخىمۇ چىڭىپ كېلەتتى. بېقىنلىرىغا ئانچە-مۇنچە مۇشت-تېپىكمۇ تەگدى. قارىغاندا ئۇرۇش-جېدەل بولىدىغاندەك، قارا قۇلاقلار جەمەتى بىلەن باشقا يۇرتداشلار ئۇرۇشۇپ قالىدىغاندەك قىلاتتى. ئۈچ-تۆت ئائىلىلىك قارا قۇلاقلار باشقا جەمەتلەرگە - كەسلەرگە، چالۋاشلارغا، چوتلارغا، تېكىلەرگە تەڭ كېلەلىسۇنمۇ؟ ئىلەك جۇل، يۈسۈپ كالتىلەر نەگە كەتتى؟ يۈسۈپ كالتىمۇ ئاشۇ يەردە «كوپىراتسىيىنى تارقىتىپ بەرسۇن» دەپ ۋارقىراپ يۈرەتتى. قارا قۇلاقنى قوغدايدىغان، ئۇنىڭغا ھەمدەم بولىدىغان ئادەم قالمىغانىدى. ئۇ ئاخىر باش ئەگدى. بۇ چاغدا كىشىلەر كوپىراتسىيىنىڭ ئىشخانىسىدىن ھېسابات  دەپتەرلەر قاچىلانغان ئىشكاپ، شىرەلەرنى ھويلىغا ئاچىقىپ بولغان بولۇپ، «ئاچقۇچ، ئاچقۇچ قېنى؟» دەپ ۋارقىرىشىپ يۈرەتتى. بوغالتىر  بالا نەگىدۇر قېچىپ كەتكەنىدى. قارا قۇلاق ئاچقۇچنىڭ بوغالتىردا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. ئۇ ئاچقۇچ بولمىسا، كىشىلەر ھېسابات دەپتەرنى ئالالماس دەپ ئويلايتتى. ئەمما ئالاماننىڭ كۈچى تاغام ئەتكەن ئاشۇ ئىشكاپ - شىرەلەرنى بىر دەمدىلا چېقىپ تاشلىدى. ھېساباتنى يۈسۈپ  قارا قۇلاققا تۇتقۇزدى. «ئوقۇ، كىم قانچىلىك يەرنى پايغا قوشتى؟ پايغا قوشقان كالا-ئۆكۈز قانچە؟ ئات-ئېشىكى قانچە؟ ئوقۇ»دەپ ۋارقىرىشاتتى. كىشىلەر قارا قۇلاقنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى، جاڭگالدا تىمىسقىلاپ يۈرىدىغان قارا قۇلاقتەك قارا تۈرك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقانىدى. ئۇنىڭ خەت ئوقۇيدىغان كۆزى، سۆز قىلىدىغان ئاغزى بولۇپ كەلگەن بوغالتىر بالا قېچىپ كەتكەن، ساۋاتسىز ئادەم قانداق ئوقۇسۇن؟ ئۇ ئۆزىنىڭ خەت ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالغاندا، كىشىلەر بىردىن تېڭىرقاپ قالدى. ئارقىدىنلا «خەت تونۇمايدىغان نېمەڭگە مۇدىر بولۇپ نېمە قىلاتتىڭ بايقۇش» دەپ ۋارقىرىغانلارمۇ بولدى. ئەمما تاپا-تەنە قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئىدى. خەت ئوقۇيالايدىغان ئادەم تېپىش كېرەك ئىدى. تاغام: «ئەكېلىڭلار دەپتەرنى، مەن ئوقۇيمەن» دەپ ئوتتۇرىغا چىقتى. كىشىلەر ئۇنىڭ خەت ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، ئۇھ دېيىشتى. كىشىلەر يۈسۈپ قارا قۇلاقنى شىرە ئۈستىگە چىقىرىپ، ئۇنى تاغام ئوقۇغان ھەر بىر ئات، لەقەم، پاي قوشقان نەرسە تىزىملىكىنى جاكارلاشقا بۇيرۇدى. تاغام ھېسابات دەپتىرىدىكى نەرسىلەرنى ئوقۇيتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق ئۈنلۈك ئاۋازدا جاكارلايتتى. دەسلەپ كوپىراتسىيىگە كىرگەن ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتىنىڭ پايغا قاتقان نەرسىلىرى جاكارلاندى. ئۇلار ئۆزلىرى پايغا قاتقان بىردىن ئېشەكنى كوپىراتسىيە ئېغىلىدىن يېتىلەپ چىقىشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىمنىڭدۇر نامى جاكارلاندى. ئۇ قىسماق مۈڭگۈزلۈك  ئۆكۈزنى يېتىلەپ چىقتى. سۈرئەت ئاستا بولۇۋاتاتتى.
        ئالامان تەخىر قىلالمىدى. جاكارلانمىسىمۇ ئات-ئۆكۈزلىرىنى يېتىلەپ چىقىشقا، بوقۇسا-بۇيانلاقلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇلاڭ-تالاڭ باشلاندى. ئەمما بۇ بۇلاڭ-تالاڭدا  ھەممە كىشى ئۆز نەرسىلىرىنىلا ئېلىۋاتاتتى. بالىلار، ئاياللار ئۆكۈز، ئات، ئېشەك يېتىلەپ، نەرسە-كېرەك كۆتۈرۈپ ئۆيلىرىگە بىر-ئىككى قېتىمدىن بېرىپ كەلدى. چوڭلار مىدىرلىمايتتى. ھەممە نېمە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ كوپىراتسىيىنىڭ ئېغىل-قوتانلىرى قۇرۇقدىلىپ بولغاندا، ئالامان يۈسۈپ قارا قۇلاققا «كوپىراتسىيىنىڭ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ بېرىسەن» دەپ تۇرۇۋالدى. كىشىلەر ھەش-پەش دېگۈچە كوپىراتسىيە ئىشخانىسىدىكى بارلىق گېزىت-كىتاب، ھۆججەت-دەپتەرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سەيناغا دۆۋىلىدى. چاچراپ كەتكەن نارەسىدىنىڭ قەبرىسىچىلىك بىر دۆۋە بولدى. ئالامان «كۆيدۈر، ئوت ياق» دەپ ۋارقىرىشاتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق «سەرەڭگە يوق» دەپ تۇرۇۋالدى. نەشىكەشلىكى بىلەن داڭقى چىققان، قىمار ئويناپ ھەتتا بىر قۇلىقىنىمۇ ئۇتتۇرۇۋەتكەن بەكرى چوناق ئۇنىڭ قولىغا سەرەڭگە تۇتقۇزدى. تاغام ھېلى ئۆزى ئوقۇغان كوپىراتسىيە ئەزالىرىنىڭ رويخېتى بار دەپتەرنى تېخىچە تۇتۇپ تۇراتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاق سەرەڭگىنى يېقىپ، ئاشۇ دەپتەرگە ئوت ياقتى. تاغام لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان دەپتەرنى گېزىت-كىتاب، ھۆججەت-دەپتەر دۆۋىسىگە تاشلىدى. دۆۋىگە ئوت تۇتاشتى. دەسلەپ كۆكۈش ئىس كۆتۈرۈلۈپ، كېيىن يالقۇن كۆتۈرۈلدى ۋە ئۆگزە بويى ئۆرلىدى. مەسۇم تۇمۇچۇق ئاشۇ يەردە قەغەز دېگەننىڭ پۈۋلەپ-يەلپۈمىسىمۇ كۆيىدىغانلىقىغا تېخى لاۋۇلداپ كۆيىدىغانلىقىغا قاراپ تۇردى. قولىغا ئۇزۇن بىر تاياقنى ئېلىپ قەغەز دۆۋىسىنى ئىلەشتۈردى. ئۇ ھەر قېتىم كوچىلىسا يالقۇن يەنىمۇ ئېگىز ئۆرلەيتتى...
       بۇ چاغدا ئەسەبىيلەشكەن ئالامان كوپىراتسىيىنىڭ ئۇرۇقلۇق ئامبىرىنى بۇلاشقا، ئىشخانىلارنىڭ ئىشىك-دېرىزىلىرىنى، بالا-ۋادەكلىرىنى قومۇرۇشقا، ئېغىللارنى چۇۋۇپ، قانچىلىك كۆتۈرەلىسە شۇنچىلىك كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشكە باشلىغان، كوپىراتسىيىنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلىشى قىپقىزىل بۇلاڭچىلىققا ئايلانغانىدى. ھەممىگە بىر سائەتمۇ ۋاقىت كەتمىدى. كوپىراتسىيىنىڭ تاغام تېخى ئالدىنقى يىلى سالغان قۇرۇسى بىر دەمدىلا خارابىيلىققا ئايلاندى. ئۇ يەردە چالما كېسەكتىن باشقا ھېچنەرسە قالمىدى.

       مانا بۇ ئاشۇ يىلى يۈز بەرگەن مەشھۇر «كوپىراتسىيە ۋەقەسى» ئىدى. ئۇزاق يىللار ئۆتكەندىن كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام، «كوپىراتسىيە ۋەقەسى» بىزنىڭ «كۆكقۇم»دىلا ئەمەس، پۈتۈن ناھىيىدە، ھەتتا قوشنا ناھىيىلەردىمۇ يۈز بېرىپتۇ. «كۆكقۇم»دىكى «غالىبىيەت»، «قىزىل بايراق»، «بەخت يولى» قاتارلىقلاردىلا ئەمەس، باشقا يەرلەردىكى كوپىراتسىيىلەرمۇ ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈش، بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراش قىسمىتىگە دۇچ كەپتۇ. «ۋەقە» دەسلەپ ئىگەرچى دېگەن يەردە قوزغىلىپتۇ. «ئىگەرچى» دېگەن نىياز ھېكىمبەگ ۋاقتىدا «ئات يايلىقى»دا ئات  باقتۇرۇپ، «ئىگەرچى» دە ئىگەرلەپ،  «تاقىچى»دا  تاقىلاپ، «ئاتچى»دا  ئات كۆندۈرگەن چاغدا، نىياز ھېكىمبەگنىڭ ئاتلىرىغا ئىگەر ياسىغان جاي ئىكەن. «تاش كىچىك»نىڭ يېنىغا جايلاشقان، يەرلىرى شورلۇق، ئۈنۈمسىز يېزا ئىكەن. كوپىراتسىيىدىن تەگكەن ئازغىنا دارامەت «ئىگەرچى»لىكلەرنىڭ قورسىقىنى باقالماپتۇ. ئىگەرچىلىكلەر ئاچ قېلىشلىرىنى كوپىراتسىيىدىن كۆرۈپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە راسا سېرىقتال ۋاقتىدا 2-رايوننىڭ بىر باشلىقى «ئىگەرچى»دىكى ئۈچ كوپىراتسىيىنىڭ ئەزالىرىنى بىر يەرگە يىغىۋېلىپ «ۋەتەنپەرۋەر ئاشلىقى» ساتىسىلەر دەپ قىستاپتۇ. يۇقىرىدىن شۇنداق ۋەزىپە چۈشكەنىكەن. دېھقانلار كوپىراتسىيىدىن بەرگەن ئاشلىقنىڭ دەپتەرگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى، ئېشىنچا ئاشلىق يوق ئىكەنلىكىنى، تېخى سېرىقتال ۋاقتىدا قازان ئاسالمايۋاتقانلىقىنى، ئەتىگىنىگە تاپسا كەچلىكىگە يوق كۈن ئېلىۋاتقانلىقىنى شىپى كەلتۈرسىمۇ، ھېلىقى رايون باشلىقى ئۇنىماپتۇ. قىستاشلىرىنى توختاتماپتۇ. كادىرلار نۆۋەتلىشىپ ۋەز ئېيتىدىكەن ۋە ھەر بىر كوپىراتسىيە ئەزاسىنى «قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاشلىقى ساتىسەن؟» دەپ سوئال-سوراققا ئالىدىكەن. كادىرلار نۆۋەتلىشىپ دەم ئالىدىكەن ۋە تاماق يېيىشىپ چىقىدىكەن. «بېگىمنىڭ قورسىقى توق، قۇلى بىلەن  ئىشى يوق» دېگەندەك، كۆك توپىدا  ئەتىيازنىڭ ئاپتىپىغا قاقلىنىپ ئولتۇرغان دېھقانلارنىڭ ئاچ-توقلۇقى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. دېھقانلارنىڭ قورسىقى ئېچىپ كوركىراپ كېتىپتۇ. ئەمما يىغىن تۈگىمەپتۇ. قىستاشلار پايانىغا يەتمەپتۇ، سوئال-سوراق داۋاملىشىدىكەن. 2-رايوننىڭ ھېلىقى باشلىقى  بىر دېھقاننى سوراققا ئاپتۇ:
    - ئۆيۈڭدە ئاشلىق بارمۇ-يوق؟
    - ئازراق بار، غوجام،- دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ھېلىقى دېھقان.
    - زادى قانچىلىك بار؟
    - كۈندە بىر ۋاخ قازان ئاسساق، 15 كۈن يەتكۈدەك ئاشلىق بار، غوجام...
    - ئاشۇ ئاشلىقىڭنى تولۇقى بىلەن دۆلەتكە ساتىسەن، ئۇقتۇڭمۇ؟
    - ئۇقتۇم، غوجام، ئەمما بالا-چاقىلىرىم نېمە يەيدىكىن...
    - بالا-چاقىلىرىڭ ئۈجمە يېسۇن،- دەپتۇ 2- رايوننىڭ ھېلىقى باشلىقى.
    ئۈجمە يېسۇن؟ تېخى ئۈجمە پىشمىغان تۇرسا، قارا ئۈجمە قىزىل قولتۇقمۇ بولمىغان، ئاق ئۈجمە  سۈزۈلمىگەن تۇرسا، قانداق يېگىلى بولىدۇ؟ ھېلىقى دېھقاننى غەم بېسىپتۇ. باشقا  دېھقانلارنىمۇ غەم بېسىپتۇ. ئەمما رايون باشلىقى يەنە بىر دېھقاننى سوراق قىلىشقا باشلاپتۇ.
    - ئۆيۈڭدە ئاشلىقىڭ بارمۇ-يوق؟
    دېھقان ئۈندىمەپتۇ.
    - ئاشلىقىڭنى دۆلەتكە سېتىپ بېرەمسەن-يوق؟
    يەنە ئۈندىمەپتۇ.
    - سەن پاڭمۇ يا گاچا؟- سوراپتۇ رايون باشلىقى.
    دېھقان ئاغزىنى ئۆمەللەشكە باشلاپتۇ. ئاغزىنى ئاچىدىكەن، لەۋلىرىنى مىدىرلىتىدىكەن، لېكىن زۇۋان چىقمايدىكەن. ئۇ كۈچەپ، قىزىرىپ-تاتىرىپ زۇۋان چىقىرىشقا ئۇرۇنىدىكەن، خېلى قىينىلىشتىن كېيىن زۇۋانى چىقىپتۇ. چىققاندىمۇ ۋارقىراپ چىقىپتۇ.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە!
    - نېمە دېدىڭ؟- سوراپتۇ رايون باشلىقى.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! ياشىسۇن كومپارتىيە!- دېھقان شوئار توۋلاشقا باشلاپتۇ.
    - مەن سەندىن ساتىدىغان ئاشلىقىڭ قانچىلىك دەپ سورىسام، نېمە دېگىنىڭ بۇ؟
    - ياشىسۇن كومپارتىيە!
    بۇ ئارىدا توپ ئىچىدە ئولتۇرغان كىمدۇر بىرسى ھېلىقى دېھقاننىڭ شوئارىنىڭ ئاخىرىغا كىچىككىنە قوشۇپ قويۇپتۇ.
    - يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    دېھقانلار ئارقىمۇ  ئارقا ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    دېھقانلارنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى ئۇلارنى يىغىۋالغان كونا خاماننى بىر ئاپتۇ. ئاستا-ئاستا رەتكىمۇ چۈشۈپتۇ. مىڭلىغان دېھقان كۆك توپىدا ئولتۇرۇپ، قوللىرىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىردەك ئاۋازدا شوئار توۋلايدىكەن.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    شوئار ساداسى «ئىگەرچى»نىڭ كۆك ئاسمىنىنى چاڭ كەلتۈرۈپتۇ. يورۇڭقاشنىڭ قىنىدا، كىچىككىنە بىر تارام قارا سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقئالغۇچلار ئۈركۈپ كۆككە كۆتۈرۈلۈپتۇ. رايون باشلىقى ۋە باشقا شەپكە كىيگەن كادىرلار ۋارقىراپمۇ، توپا چېچىپمۇ ئۇلارنىڭ شوئار توۋلىشىنى توختىتالماپتۇ.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
       دېھقانلار شوئار توۋلاشنى توختاتمايدىكەن، ئارىدا تۇرۇپ-تۇرۇپ «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلسۇن، كوپىراتسىيىنى تارقىتىپ بەرسۇن، پاي قوشقان نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ بەرسۇن» دەپ تەلەپمۇ قويىدىكەن.
    شۇ كۈنى ئىلچىدا بازار قىزىيدىغان كۈن بولغاچقا «جىيا»، «سۈي»، «ھاڭگىي» دېگەن يەرلەردىن بازارغا ماڭغانلار «ئىگەرچى»دىكى ۋەقەنى كۆرۈپتۇ. «ئىلچى»نىڭ بازىرىدا بىر دەمدىلا «ئىگەرچىدە كوپىراتسىيىنى تارقىتىۋېتىپتۇ. ئەمدى ھەممە ئادەم ئۆز يېرىگە ئۆزى ئىشلەيدىكەن» دېگەن گەپ تارقىلىپ كېتىپتۇ. بازاردىن رايون-رايونلارغا ھەتتا قوشنا ناھىيىلەرگە تارقىلىپتۇ. ھەممە يەردە دېھقانلار «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋاقىرىشىپ، كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا تۇتۇش قىپتۇ...
       بۇ خەۋەرنى بىزنىڭ «كۆكقۇم»غا ئاشۇ كۈنى ئىلچىنىڭ بازىرىغا بارغان رەخىم پوۋاش ئېلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ «كۆكقۇم»نىڭ توپىلىق  كوچىلىرىدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ ۋارقىراپ، سۈر ھاڭگىسىنى دېۋىتىپ ئۆتكەنلىكىدىكى سەۋەب شۇنىڭدىن ئىكەن. تاغاملارنىڭ كوپىراتسىيىنىڭ دەپتەر ھېسابلىرىغا ئوت قويۇپ، پاي قاتقان نەرسىلەرنى بۇلاپ-تالاپ ئېلىپ كېتىشى - ئەنە شۇ «ئىگەرچى»دە يۈز بەرگەن «ۋەقە»نىڭ داۋامى ئىكەن. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن ئانامنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە: تاغام كوپىراتسىيە بىكار قىلىنغان شۇ كۈنى ئۆيگە ئۆزىنىڭ پايغا قېتىلغان ئىككى ئۆكۈز، بىر ئات، ئۈچ ئېشىكىنىلا ئېلىپ كەپتۇ. باشقا ھېچنەرسە ئەكەلمەپتۇ. ئورۇقلۇقمۇ، بۇقۇسا-بۇيانلاقمۇ ئەكەلمەپتۇ. ئۇ كوپىراتسىيىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا راستتىنلا ئىشىنىدىكەن. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۆز يەرلىرىدىكى  پاسىل-تىرگەنلەرنى ئېگىزلىتىپ، چېگرا بەلگىلەپ چىقىپتۇ. يېڭىدىن بۇقۇسا-بۇيانلاق، ئارا-تاماق دېگەنلەرنى ياساپ، يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپتۇ. روھى كۆتۈرەڭگۈ ئىكەن. تېخى دىمىغىدا «ئەجەب ئوبدان زامان بولدى» دەپ ناخشا غىڭشىپمۇ قويىدىكەن. ئاھ، دېھقان ئۈچۈن يەردىن ئۆزگە يەنە نېمە كېرەك؟ ئۇنىڭ دۇنياسى شۇ. ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ، ئانىسىمۇ يەر، بايلىق - دۇنياسىمۇ، ئالتۇن-كۈمۈشىمۇ يەر. تىللا-يامبۇ تاپسا يەر ئالىدۇ، كالا-قويلىرى ئاۋۇسا يەرگە تېگىشىدۇ. كۈچ-قۇۋۋىتىنى، ئەقىل-زېھنىنى يەرگە بېغىشلايدۇ. ئۇنىڭ تۇغۇلۇپ، ئىڭەلەپ چۈشكەن يېرىمۇ شۇ. يەنە شۇ يەرگە كۆمۈلىدۇ. شان-شەرەپمۇ، شادلىق-خۇشاللىقىمۇ يەرگە باغلانغان. ئۇنىڭغا يەنە نېمە كېرەك؟

    5

        ئۈچ كۈن ئۆتتى، كۆكقۇمنىڭ تېرەك بوستانلىق مەھەللىلىرى ئېغىر سۈكۈنات ئىچىدە جىمىپ كەتتى. پەقەت خورازلارنىڭ چىللىشى، مەزىنئاخۇنۇمنىڭ ئەزان ئاۋازى، كالىلارنىڭ مۆرىشى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭرىشىلا بۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ داۋام  قىلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرەتتى. ئەترەت باشلىقىنىڭ تاڭ ئاتماستىنلا تاك-تاك ئۇرۇپ «سەھەرلىك دولقۇن»غا چىللايدىغان، ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ قاڭالتىر كانايدا ئىشقا ئالدىرىتىدىغان سادالىرى يوق بولغانىدى. ئۇ مەڭگۈگە يوق بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. يۈسۈپ قارا قۇلاقمۇ گويا ئۆچەككە كىرگەن قارا قۇلاقتەك كۆرۈنمەي قالدى. كىشىلەر ئۇنى يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپتۇ دېيىشەتتى. ئەمما كوپىراتسىيە بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچراپ ئۈچىنچى كۈنى كەچتە ئۇ بىر توپ شەپكە كىيگەن كادىرلارنى باشلاپ قايتىپ كەلدى.  شۇ كۈنى كېچە كۆكقۇملۇقلارنىڭ دەرۋازا-ئەگۈنلىرى داقىلدىتىپ قېقىلىپ ئەنسىزلىك بىلەن ئۆتتى. تاڭ ئاتقاندا ئاۋۋال تاك-تاك ئاۋازى، كېيىن ئۆگزىگە چىقىپ قاڭالتىر كانايدا ۋارقىرىغان يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ ھەممە كىشىنى كوپىراتسىيىنىڭ چوڭ خامىنىدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا چىللاۋاتاتتى. كېچىچە نېمىلەرنىدۇر تۇيغان ۋە ھېس قىلغان كىشىلەر ھودۇقۇش ئىچىدە خامانغا قاراپ مېڭىشتى. بىز كىچىكلەر تاماشا كۆرۈشكە ئالدىرايتتۇق. خامانغا ھەممىدىن بۇرۇن يېتىپ باردۇق. كۆردۇقكى، قوللىرى ئارقىسىغا قىلىنىپ چەمبەرچاس باغلانغان بىر توپ كىشىلەر خاماندا قاتار سەپ قىلىپ تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇلۇپ قويۇلۇپتۇ. تونۇدۇق، سايىت ھاجىم، سايىت ھاجىمنىڭ  ئوغلى مۇھەممەتخان، رەخىم پوۋاش، ئىمىن كۈشكەل، تۇرسۇن چالۋاش، ياسىن كەس، قۇۋاننىياز چوت، قاسىم پالۋان... ئاشۇلارنىڭ قاتارىدا تاغام ئابدۇللا خارەتمۇ بار ئىدى. سانىدۇق، ھەمىسى 17 ئادەم. ئويۇن-تاماشا نەدە؟ جىممىدە تۇرۇپ قالدۇق. قاينىغان قازانغا تۇز قۇيغاندەكلا توختاپ قالدۇق. چوڭلارمۇ يېتىپ كېلىشكەن، ئۇلارمۇ گويا ئېگىز ۋە مۇستەھكەم توغانغا دۇچ كەلگەن ئېقىن سۇدەك جىممىدە توختاپ قېلىشقانىدى. ئۇلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشەنگەن، ئەمما نېمە دېيىشىنى، نېمە قىلىشىنى بىلمەيتتى. باغلاقتا تۇرغان ئاتىلىرىغا، ئاكا-ئىنىلىرىگە، ئوغۇل-نەۋرىلىرىگە ئارا بولۇشقا جۈرئەت قىلىشالمايتتى. يۇسۇن كالتا، مەتتوختى دۈمچەك، روزىمەت غەلەپلەر  باغلاقتىكىلەرنىڭ ئارقىسىدا ئالا كالتەكلىرىنى تۇتۇشۇپ تۇرۇشاتتى. تېخى ئىلەك جۇل  مىلتىق كۆتۈرۈۋالغانىدى.

       سول تەرەپتە  نەدىندۇر تېپىپ كېلىنگەن شىرەگە قىزىل يوپۇق يېپىلغان، شىرە يېنىغا قادالغان ئېگىز خادا ئۇچىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. كىشىلەر - يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شىرەنىڭ ئۇدۇلىدا - كۆك توپىغا ئولتۇرغۇزۇلدى. شىرە بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئالتە-يەتتە قەدەم ئارىلىق قالدۇرۇلدى. كىشىلەر ئولتۇرغان يېرىدىن بويۇنلىرىنى غازدەك سوزۇشۇپ يىغىن سەھنىسىگە ئەمەس، سول تەرەپتە قالغان باغلاقتىكىلەرگە قارىشاتتى. نېمە ئىش يۈز بېرىشىنى، نېمە دېيىلىشىنى كۈتەتتى. يىغىن كۆپ ھايالشىمايلا باشلاندى. يۈسۈپ قارا قۇلاق «خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى» دەپ تونۇشتۇرغان بىر قارىمۇتۇق، ئوتتۇرا بوي، بېشىدا قىسقا چېچى بار كادىر ئۇزۇن سۆزلىدى. ئۇ بىر توپ ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلارنىڭ سايىت ھاجىم، مۇھەممەت خاپانباش قاتارلىق زومىگەر-پومېشچىكلارنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كوپىراتسىيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىقىنى، دەپتەر-ھېساباتلارنى كۆيدۈرگەنلىكىنى، بۇنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەتكە قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى، ئۆتكۈر سىنىپىي  كۈرەش ئىكەنلىكىنى، ئەكسىيەتچى ئۇنسۇرلار بىلەن كەمبەغەل دېھقانلار سىنىپى ئارىسىدىكى ھايات-ماماتلىق  ئېلىشىش ئىكەنلىكىنى سۆزلىدى.  پرولېتارىيات دىكتاتورىسىنىڭ بۇ بىر ئوچۇم سىنىپىي  دۈشمەنلەر ئۈستىدىن چوقۇم غالىب  كېلەلەيدىغانلىقىنى، ئۇلارغا قاتتىق دىكتاتورا يۈرگۈزۈشنىڭ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى...
       خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سايىت ھاجىمنىڭ ئىسمىنى ئوقۇدى. يۈسۈپ كالتا بىلەن روزىمەت غەلەپ چەمبەرچاس باغلانغان سايىت ھاجىمنى تارتىپ تۇرغۇزۇپ، دوڭغايتقىنىچە سەھنە ئالدىغا ئىتتىرىپ ئېلىپ كەلدى. باغلانغان قوللىرى ئارقىسىغا قايرىلغان بولغاچقا بېشى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىلىپ كەتكەنىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى جاھىل پومېشچىك، ئۆزگەرمەس سىنىپىي دۈشمەن سايىت پومنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا قۇترىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. سايىت ھاجىمنىڭ پۇتلىرى لاغىلداپ تىترەيتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن رەخىم پوۋاشنىڭ ئىسمى ئوقۇلدى. ئىككى ساقچى ئۇنىمۇ ئوخشاشلا دوڭغايتىپ، ئىتتىرىپ  سەھنىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە «كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا قۇترىتىش ۋە ئىغۋا توقۇش جىنايىتى»بىلەن  قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، دوڭغايتقىنىچە سايىت ھاجىمنىڭ قېشىغا ئاپىرىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تاغام ئابدۇللا خارەت، ئىمىن كۇشكەل، تۇرسۇن چاۋاش... باغلاپ خاماننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان 17 ئادەم بىر-بىرلەپ قولغا ئېلىندى. قولغا ئېلىش تەرتىپى ئوخشاش ئىدى. ئىسمى ئوقۇلاتتى. دوڭغايتىلغىنىچە ئىتتىرىپ  ئېلىپ كېلىنەتتى.

        جىنايىتى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، يەنە دوڭغايتىلغىنىچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سېپىگە ئاپىرىپ تۇرغۇزۇپ قويۇلاتتى. پەقەت جىنايىتىنىڭ نامى ئۇنچە ئوخشىشىپ كەتمەيتتى. تاغام ئوت قويغۇچى ئۇنسۇر بولۇپ قولغا ئېلىندى. ئۇنى دوڭغايتىپ سەھنە ئالدىغا ئېلىپ كەلگەندە، قىزىل كوسا چىرايى سەل سارغىيىپ قالغاندەك كۆرۈندى.
        شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كوپىراتسىيە ئەسلىگە كەلدى. كىشىلەر ئۆيلىرىگە ئەكەتكەن، ئالدىنقى يىلى كوپىراتسىيىگە پاي قىلىپ قاتقان نەرسىلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئەكېلىپ بېرىشتى. ھەرگىز كەم ئەكېلىشمىدى. ئەگەر كەم ئەكېلىشكەن بولسا تۇتۇلۇپ قالغان، ھېلىقى قولغا ئېلىنغانلار قاتارىغا قوشۇلۇپ قالغان بولاتتى. چۈنكى ھېلىقى كۈنى قېچىپ كەتكەن بوغالتىر بالا ئۇ نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىدىن بىر نۇسخا ساقلاپ قالغانىدى. بەزىلەر قاتتىق سۈرۈشتە قىلىندى. ئەمما ئۇلار ئىشنى قولغا ئېلىنغانلارغا دۆڭگەپلا قۇتۇلدى. دېمىسىمۇ دۆڭگەش ئۇلارنىڭ ئادىتى ئىدى. بالا ئوغۇل تۇغۇلسا ئۆزىدىن، قىز تۇغۇلسا خوتۇنىدىن كۆرۈشكە كۆنۈپ قالغان، سەۋەنلىك كۆرۈلسە ياكى ئىش ئوخشىماي قالسا باشقىلارغا دۆڭگەشكە تەييار تۇرۇشاتتى. بۇ قېتىممۇ شۇنداق بولدى. قولغا ئېلىنغان كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلار كۈندۈزى كوپىراتسىيىنىڭ ئېتىزىدا قاتتىق ئەمگەككە سېلىنىپ، كېچىسى كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىدا ئېچىلغان يىغىندا قاتتىق كۈرەش قىلىناتتى. كوپىراتسىيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان كۈنى تەڭ ھە-ھۇ دېيىشكەنلەر ئەمدى كۆك توپىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئوڭ قول مۇشتۇمىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «پىكىر، پىكىر» دەپ ۋارقىرايتتى ۋە قولغا ئېلىنغان ئۇنسۇرلارنى غەزەپ بىلەن پاش قىلاتتى. ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى، جىنايەتلىرىنى، بۇزغۇنچىلىقلىرىنى ئەيىبلىشەتتى.  كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلارنى كۈرەش قىلىش يىغىنلىرى كېچە-كېچىلەپ داۋام قىلاتتى. ئۇرۇش، مۇشت سېلىش، تېپىش، دۈشكەلەشلەرمۇ كۈرەش قىلىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، يەنى كېلىپ ئەۋجى ھېسابلىناتتى. بۇنىڭغا يول قويمىسا ئىنقىلابىي  ئاممىنىڭ غەزىپىنى باسقىلى بولمايتتى. كوپىراتسىيىنى بۇزغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قاچانلاردۇر بىر چاغلاردا ئۆزلىرىگە يوغانچىلىق قىلغانلىقلىرىدىن، بايلىق، مال-مۈلكىنى كۆز-كۆز قىلغانلىقلىرىدىن، قۇدا چۈشۈشكە ئۇنىمىغانلىقلىرىدىن ۋە ياكى بىرەر ئېغىز ئوشۇق گېپىدىن قالغان ئۆچىنى ئېلىشاتتى. بۇنداق ياخشى پۇرسەت يەنە كېلەمدۇ-كەلمەمدۇ؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك ئىدى. پۇرسەت كەلگەندە ئۇرۇپ-تېپىپ، ئۆچىنى، ئەنتىنى، ئىنتىقامىنى، قىساسىنى ئېلىۋېلىشى زۆرۈر ئىدى. «كۆكقۇم» يۇرت بولۇپ، مۇشۇ ئادەملەر تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ ئادەم بولۇپ، بۇنداق پۇرسەتنىڭ كېلىشى تېخى تۇنجى قېتىم ئىدى. بۇنداق پۇرسەتنىڭ يارىتىپ بېرىلىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى. شۇڭا پۇرسەتنى تۇتماي بولمايتتى. ئۇلار پاش قىلاتتى، ئەيىبلەيتتى، تىللايتتى، ئۇرۇپ-تېپەتتى.  ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئاللىقانداق بىر ئىچكى رازىمەنلىك-خۇشاللىق تېپىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ، يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشەتتى. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۆزلىرىنىڭمۇ كوپىراتسىيىنى بۇزۇشقا قاتناشقان ئىشلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈلۈشىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتى...

        ئۇزاق يىللاردىن كېيىن چوڭ بولغىنىمدا ئاڭلىسام، شۇ كۈنلەردە ناھىيىنىڭ ھەممە يېرىدە كوپىراتسىيە ئەنە شۇنداق ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ. كوپىراتسىيە ۋەقەسىنى تۇغدۇرغۇچىلار ئاشۇنداق قولغا ئېلىنىپتۇ.  ئېنىق ئېسىمدە، تاغاملارنى قولغا ئالغانلىقى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرمىگە ئېلىپ  كېتىلمىدى. ھەر كۈنى بوۋامغا ئەگىشىپ تاغامغا تاماق ئېلىپ بارغانلىقىمىزمۇ ئېسىمدە. بوۋامنى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلارنى كۈرەش قىلىش يىغىنىغا قاتناشتۇرمىغىنىغا ئوخشاش، تاماق ئېلىپ بارغاندىمۇ ئۇلار بىلەن كۆرۈشتۈرمەيتتى. بىز پەقەت ئۇلارنى يىراقتىن كۆرەلەيتتۇق. ئىلەك جۇل، يۈسۈپ كالتا قاتارلىق  ئالا كالتەك تۇتۇۋالغان ساقچىلار تاماقنى ئېلىپ، مالتىلاپ تەكشۈرۈپ ئېلىپ قالاتتى.
    تاغامنى راسا سېغىنىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، ماڭا ئۇنى كۆرۈش نېسىپ بولدى. بوۋام-موماملارمۇ ئوغلىنى كۆردى. پۈتۈن «كۆكقۇم»دىكى چوڭ-كىچىك، ئۇلۇغ-ئۇششاقنىڭ ھەممىسى تاغامنى كۆردى. ئاشۇ كۈندىكى ئىش ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا ئېنىق گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. تاغامنىڭ ئاۋازى قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. ئوچۇق قالغان كۆزلىرى يادىمغا كەلسە تېنىم شۈركىنىپ كېتىدۇ...

    6

        ۋەقە ھېلىم ئاتام قولغا ئېلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى يۈز بەردى. ئۇزاق يىللاردىن كېيىن باشقىلارنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، قولغا ئېلىنغانلاردىن كىمدۇر بىرسى  ھېلىم ئاتىدىن كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىشقا دۇئا سورىغانلىقىنى، ھېلىم ئاتىنىڭ  ئاپئاق بېشىنىڭ ئىرغاڭلىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ ساپتۇ. تاغام ئابدۇللا خارەتنىڭ ئاشۇ باش ئىرغاڭلىتىشقا  «قوشۇلدى» دەپ تەبىر بەرگەنلىكىنىمۇ پاش قىپتۇ. مانا شۇنىڭ بىلەن 102 ياشلىق ھېلىم ئاتىمۇ قولغا ئېلىندى. شۇ كۈندىكى ئىش ئېنىق ئېسىمدە. بىز ئوقۇغۇچىلار مۇئەللىمىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە قاتار-قاتار سەپ بولۇپ ، قىزىل بايراقنى لەپتىلدىتىپ، ئوچۇق سوت مەيدانىغا - كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىغا يېتىپ باردۇق. كوپىراتسىيە ئەزالىرى ئاللىقاچان كۆك توپىغا سانجاق-سانجاق ئولتۇرغۇزۇپ بولۇنغانىدى. بوۋام-موماملارمۇ، ئانام-ھامماچاملارمۇ، باشقا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۈرەش  يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرۇلمايدىغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنگەنىدى. خاماندا، ئۇزۇن خادىنىڭ ئۇچىدا قىزىل بايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. چاچ-ساقاللىرى ئۇچتەك ئاقارغان، ئۈشتە قىلىنغان ئاق خامدىن ئۈستۋاش كىيگەن، گەۋدىسى كاماندەك ئېگىلىپ قالغان ئورۇق ھېلىم ئاتا يالاپ ئېلىپ كېلىندى. ئۇنىڭ بېشى يەنىلا ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئىككى كادىرى ئۇنىڭ ئىككى يېقىدا ئىككى قولىنى ئارقىسىغا قايرىپ مەھكەم تۇتۇپ تۇراتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قولىدىكى قەغەزگە قاراپ ئۈنلۈك ۋارقىراپ ئوقۇدى.
    - ھېلىم پاۋان، ئەر، 102 ياش،  «كۆكقۇم» يېزىسىنىڭ «ئەگرىيار» كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق، جاھىل ئونسۇر ھېلىم پاۋان «ئەگرىيار»دا «بەخت يولى»كوپىراتسىيىسى قۇرۇلغان ئىككى يىلدىن بېرى كوپىراتسىيىگە كىرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ، كوللېكتىپ ئەمگەكلەرگە قاتناشماي، ئۆيىدە بىكار يېتىۋالغان، بۇنى ئاز دەپ، كوپىراتسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلارنى كوپىراتسىيىنى تارقىتىۋېتىشكە قۇتراتقان. جىنايىتى ئېغىر، تەسىرى يامان. مەن ھازىر «كۆكقۇم» يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىغا ئاساسەن، جاھىل ئۇنسۇر ھېلىم پاۋاننى قولغا ئالغانلىقىمنى جاكارلايمەن...
    ھېلىم ئاتىنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق ئىدى. ئاپئاق بېشى يەنىلا «توغرا، ھەئە، شۇنداق، شۇنداق قىلىش كېرەك» دەۋاتقاندەك توختىماي ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. قايسىدۇر بىر كادىر «كوپىراتىسىيىگە قارشى ئۇنسۇرلاردىن بىرنىمۇ توردىن چۈشۈرۈپ قويمايلى»دەپ شوئار توۋلىدى. ئەتراپ جىمجىت، ھېچكىم ئاۋاز قوشمىدى. كۆك توپىدا تىزلىنىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقان كوپىراتسىيە ئەزالىرى يەرگە قارىشىۋېلىشقانىدى. ئىشنىڭ ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى سەزگەن مۇئەللىمىمىز، بىز ئوقۇغۇچىلار سەپ بولۇپ تۇرغان يەرگە كېلىپ  بىزنى قوشۇلۇپ شوئار توۋلاشقا تەشكىللىدى. بىز شوئار توۋلاۋاتقان كىشىگە ئەگىشىپ شوئار توۋلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۇق ۋە ھېلىقى كادىر «كوپىراتسىيىگە قارشى جاھىل ئۇنسۇر ھېلىم پاۋاننىڭ ئىت كاللىسىنى يانچىپ تاشلايلى» دەپ توۋلىغاندا «سېسىتىپ تاشلايلى» دەپ جور بولدۇق. كىچىككىنە مۇشتۇملىرىمىزنى كۆككە سوزدۇق. لېكىن كوپىراتسىيە ئەزالىرى يەنىلا ئاۋاز قاتمىدى. ئۇلار گويا نېمىدىندۇر خىجىل بولغاندەك يەنىلا يەرگە قارىشىۋېلىشقانىدى. شۇنداقتىمۇ ھېلىم ئاتىنى قولغا ئېلىش يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئاياغلاشتى. قوللىرى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغان ھېلىم ئاتا خاماننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يەرگە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغانلار قاتارىغا ئاپىرىپ قوشۇۋېتىلدى. قولغا ئېلىش دېگەن مانا شۇ ئىدى.

       شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سېپىدە تۇرۇپ، يىراقتا قوللىرىنى ئارقىسىغا باغلاپ، بىز تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ تىزلاندۇرۇلۇپ قويۇلغانلارغا پات-پات قاراپ قويغانلىقىممۇ يادىمدا. قولى ئارقىسىغا قىلىپ باغلانغانلارنىڭ قايسىسى كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشكە ئۇرۇناتتىم. تاغامنىڭ تونۇش گەۋدىسىنى ئوڭايلا ئايرىۋالدىم. ئۇنىڭ كەتمەن تۇتۇشقا، كەكە، چوت، ھەرە، يانپۇچۇق، ئىسكىنە تۇتۇشقا ئادەتلەنگەن قوللىرى، بىلىكىدىن باشلاپ ئارغامچا يۆگىلىپ، چەمبەرچاس قىلىپ دولىسىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تارتىپ، مەھكەم باغلىۋېتىلگەنىدى. قولىنى مىدىرلىتالمايتتى. گەۋدىسى بولسا پات-پات مىدىرلايتتى. ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگۈم كېلەتتى. لېكىن بىز تەرەپكە ئارقىسى قىلىنىپ تىزلاندۇرۇلغان بولغاچقا كۆرەلمەيتتىم. يېنىغا بېرىشقا بولسا رۇخسەت قىلىنمايتتى.
    ئەتىسى ئەتىگەندە مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام، يىراقتىن كوپىراتسىيىنىڭ خامىنى بار تەرەپتىن بىر كىمنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاۋاز تۇرۇپ توختاپ، تۇرۇپ جاراڭلايتتى. «ئەگرىيار»نىڭ ھەممە يېرىگە ئاڭلىناتتى. ھويلىغا چىقىپ دىققەت بىلەن قۇلاق سالدىم. بوۋام-موماملارمۇ ھويلىغا ئالدىراش چىقىشتى.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    ۋارقىرىغان ئاۋازنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئاڭلىدۇق. «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتىسيە!...»دەپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئەمما ئەمدى بۇ رەخىم پوۋاشنىڭ ئاۋازى ئەمەس، تاغامنىڭ ئاۋازى ئىدى. بىز تونۇدۇق. مومام-بوۋاملارمۇ تونۇدى. ئۆز ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدىغان ئىش بولامدۇ؟ مومام «ۋاي بالام، ۋاي بالام» دېگىنىچە پالاقشىپ خامان تەرەپكە ماڭدى. بىز بىر ئائىلە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق. ھەر بىر قەدەمدە تاغامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئېنىق ئاڭلىناتتى.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
       ئاۋاز قانداقتۇر بىر ئېگىز يەردىن ئاڭلىناتتى. ئاۋازدىن ئۈركۈگەن قۇشقاچلار كۆكتە ئۇچۇشۇپ يۈرەتتى. خامانغا يېقىن بېرىپ كۆردۇقكى، تاغام چوڭ كۆل بويىدىكى ئېگىز سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا چىقىۋاپتۇ. شەپكە كىيگەن كادىرلار، ئالا كالتەك تۇتۇۋالغان ساقچىلار كۆل ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈشەتتى. ھەممىنىڭ بېشى ئاسمانغا بۇرالغان، ئۇلار «ھوي ئۇنسۇر، پەسكە چۈش! چۈش دەيمەن بۇياققا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئاچىمىقىغا مىنىۋالغان تاغام بولسا، «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ توختىماي توۋلايتتى. ئەمدى چاشقان قۇلىقى بولغان ياپراقلار ئارىسىدىن ئۇنىڭ يىرتىلغان كىيىملىرى، قارىداپ كەتكەن چىرايى، ئاۋارە تۇرقى چالا-پۇلا كۆرۈنەتتى. «ئەگرىيار»لىقلار، ھەتتا «كۆكقۇم»لۇقلارنىڭ ھەممىسى خاماننىڭ يېنىغا چوڭ كۆل بويىغا يىغىلىشتى. چوڭ-كىچىك ھەممىسى كەلگەنىدى. بوۋام -موماملار ئوغلىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ چىپپىدە توختاپ قېلىشتى. ئاشۇ يەردە كىشىلەرنىڭ دېيىشكەنلىرىدىن مەلۇم بولدىكى، ئەتىگەن ئىشقا ھەيدەش ئالدىدا ھەممە گۇناھكارلارنىڭ قوللىرىنى يېشىۋېتىپتۇ. تاغامنىڭ قولىنىمۇ يېشىپ قويۇپتۇ. ئادەتتە ئاخشىمى باغلاپ كۈرەشكە ئاچىقىدىكەن. كېچىسى باغلانغان پېتى تۇرىدىكەن. سەھەردە ئەمگەككە ماڭىدىغان چاغدا يېشىپ قويىدىكەن. ھېچ ئىش چىقمىغانىكەن. بۈگۈن قوللىرى يېشىلىشىگىلا تاغام نېمىشقىدۇر قېچىشقا باشلاپتۇ. دەسلەپ خاماننى چۆرگىلەپ قېچىپتۇ. توختا دېسە ئۇنىماپتۇ. ساقچىلار تۇتماقچى بولغانىكەن، بوي بەرمەپتۇ. ئاخىر چوڭ كۆل بويىغا ئۆتۈپ، كۆلنى چۆرگىلەپ يۈگۈرۈشكە باشلاپتۇ. ئاڭغىچە كادىرلار ۋە باشقا ساقچىلار يېتىپ كېلىپ مىلتىق، كالتەكلىرىنى تەڭلەپ ئۇنى تۇتماقچى بوپتۇ. تۆت تەرەپتىن قورشاپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن تاغام خۇددى مۈشۈكتەك چاققانلىق بىلەن چوڭ سەگۈ تېرەككە يامىشىپ ئۈستىگە چىقىۋاپتۇ. بارغانسېرى ئېگىزگە ئۆرلەپ، «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!»دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ... بولغان ئىش مانا شۇ ئىكەن.

         كىشىلەرنىڭ ھەممىسى خۇددى پادىشاھلىقنى بەخش ئەتكۈچى ھۇمايۇن قۇشنى كۈتۈۋاتقان شەھەر ئاھالىسىدەك ئاسمانغا، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قارىشاتتى. بويۇنلىرى تېلىپ كەتكەندە بولسا باشلىرىنى بىر نەپەس پەسكە چۈشۈرۈپ «بىچارە، ئېلىشىپ ئەقلىدىن ئېزىپ قالغان چېغى...» دىيىشەتتى. كادىرلار تېخىچە «ھوي ئۇنسۇر، پەسكە چۈش!» دەپ ۋارقىراپ يۈرۈشەتتى. تاغام بولسا «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ توختىماي توۋلايتتى. كىمدۇر بىرسى ئۇزۇن شوتىدىن بىرنى تېپىپ كېلىپ سەگۈ تېرەككە قويدى. شوتا تاغام چىقىۋالغان يەرنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمىدى. شۇنداقتىمۇ ئىلەك جۇل شوتا يەتكەن يەرگىچە شوتا بىلەن، ئۇنىڭ ئېگىزىگە يامىشىپ چىقىپ تاغامنى تۇتۇپ چۈشمەكچى بولدى. تاغامنى سەگۈنىڭ ئۈستىدىلا باغلاپ، خۇددى باراڭدىن پىلەكلىك كاۋىنى چۈشۈرگەندەك ساڭگىلىتىپ چۈشۈرمەكچى بولغانمۇ، ئۇ يەنە ئارغامچىمۇ ئېلىۋالدى. ئىلەك جۇلنىڭ شوتىنىڭ بالداقلىرىدىن ئېشىپ، ئۆزى تۇرغان يەرگە چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن تاغام سەگۈنىڭ بىلەكتەك توملۇقتىكى بىر نوتىسىنى ئوشتۇپ، ياپراق ۋە كىچىك شاخلىرىنى سىيرىۋېتىپ تەييار بولۇپ تۇردى. ئىلەك جۇل تاغامنىڭ قولىدىكى تاياق يەتكۈدەك يەرگىچە يامىشىپ چىقتى. سەگۈنىڭ پۇتىقىغا مىنىۋالغان تاغام «ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە» دەپ ۋارقىرىغىنىچە ھېلىقى تاياقنى چۆرۈپ، ئىلەك جۇلنىڭ دۈمبىسىگە راسا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى. ئىلەك جۇل ۋايجانلاپ توۋلاپ كەتتى. نەچچە كۈندىن بېرى قولغا ئېلىنغانلارنى توختىماي ئۇرۇپ-تېپىپ يۈرۈپمۇ تاياقنىڭ تەمىنى بىلەلمىگەن ئىلەك جۇل ئەمدى تاياقنىڭ تەمىنى تېتىدى. تاغام تاياق بىلەن ھەر قېتىم ئۇرغاندا ئۇ ۋايجانلاپ توۋلاپ كېتەتتى، لېكىن قولى بوشىمىدى. سەگۈ تېرەكنىڭ پۇتىقىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى. قولى بوشىغان بولسا ئىدى، يەرگە موللاقلاپ چۈشۈپ، سانجاق-سانجاق بولۇشۇپ، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قاراپ تۇرغان كىشىلەر ئويۇننىڭ چوڭىنى كۆرگەن بولاتتى. ھەر قېتىم تاياق تەگكەندە ئۇ ۋايجانلاپ توۋلاپ قوياتتى. چىدىمىغان ئىلەك جۇل سەگۈ تېرەكتىن يېنىپ چۈشتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كىرىشتى. ئۇزۇن ئۆتمەي يۈسۈپ قارا قۇلاق بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى يېنىمىزغا كېلىپ، بوۋامنى تارتىپ يانغا ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭغا نېمىلەرنىدۇر دېدى. بوۋام ئۇلارغا بېشىنى ئېرغىتىپ قويغاندىن كېيىن، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قاراپ ۋارقىرىدى.

    - ھاي ئابدۇللا، چۈش بۇياققا! نېمە قىلىق ئەمدى بۇ؟- تاغام ئاتىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ جىمىپ قالدى. بوۋام داۋام قىلدى،- ھەرقانداق ئىش يولى بىلەن، نېمە قاغىدەك تېرەككە قونۇۋېلىپ قاقىلدايسەن؟ چۈش پەسكە! قۇلىقىڭنى چىشلەپ ئۈزۈۋەتمەيدىغان بولسام...
    - دادا، دادا!- دەپ ۋارقىرىدى تاغام ۋە جىمىپ كەتتى. ھەممە كۆزلەر سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قادالغان، ئەتراپ شامالسىز كۈندىكى جاڭگالدەك جىمىپ كەتكەنىدى. ئاشۇ پەيتتە كۆپلەر «بۇ جاھىل ئۇنسۇر دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ پەسكە چۈشەر» دەپ ئويلاشقاندۇ. ئەمما تاغام سەگۈ تېرەكنىڭ پۇتىقىغا مىنگەن پېتى خۇددى كۆزى ئۇيقۇغا كەتكەن قارچۇغىدەك جىممىدە ئولتۇراتتى. بوۋام يەنە ۋارقىرىدى.
    - چۈش دەيمەن، ھۇ ياغاچ قۇلاق.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!- جاۋاب بەردى تاغام دادىسىغا.
    شۇنىڭدىن كېيىن بوۋام دوق قىلىپمۇ جىق سۆزلىدى. ھەر ئىشنىڭ يولى بارلىقىنى، ھەر-قانداق مۈشكۈل چىگىشنىڭمۇ ئۆز يولى بىلەن يېشىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ نەسىھەت قىلدى. تەقدىر-قىسمەتتىن، قازايى-قەدىردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما تاغام بوۋامغا نېمىلا دېسۇن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!» دەپ توۋلاپ جاۋاب بېرەتتى.
    كۈن ئاش ۋاقتىدىن ئېشىپ چۈشكە تىكلەنگەن، ئۇنىڭ ئالتۇن نۇرلىرى كۆككە - سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا تىكىلگەن مىڭلاپ جۈپ كۆزلەرگە تىك چۈشۈشكە، پېشانىلەرنى قىزدۇرۇشقا باشلىغانىدى. ئىش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى. رايوندىنمۇ ساقچىلار كەلدى. ئۇلار مۇزاكىرىلىشىشكە باشلىدى. بۇنداق كېتىۋەرسە بولمايتتى. مەسىلىنى تېزرەك ھەل قىلىش كېرەك ئىدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قولىغا  مىلتىقنى ئېلىپ تاغامغا ۋارقىرىدى.
    - ھوي، ئابدۇللا خارەت، گېپىمگە قۇلاق سال، بىز ساڭا جىق نەسىھەتلەر قىلدۇق. سەن ئاڭلىمىدىڭ. بىزنىڭ سەۋرىمىزنىڭ چېكى بار. ئەگەر سەن ئەمدى چۈشمەيدىغان بولساڭ، سېنى مىلتىق بىلەن ئېتىپ چۈشۈرىمەن...
    - سەن مېنى ئاتالمايدۇ دەپ ئويلىما، سېنىڭ جىنايىتىڭ سېنى ئېتىپ تاشلاشقا تامامەن توشىدۇ. چۈشەمسەن يوق؟
    - ياشىسۇن كومپارتىيە! يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    - پاڭ!...
       مىلتىقنىڭ دەھشەتلىك ئاۋازىدىن سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا تىكىلىپ تۇرغان مىڭلىغان كىشىلەر دىڭڭىدە چۆچۈپ كەتتى. «كۆكقۇم»نىڭ ئاسمىنى ياڭراپ كەتتى. پەغەزدىكى كەپتەرلەر كۆككە كۆتۈرۈلدى. خېلى ئۇزاقتىن كېيىن ئەگرىياردىن قايتقان ئەكس سادا گۈمبۈرلەپ ئاڭلاندى...

       مىلتىقنىڭ  ئاۋازى «كۆكقۇم»لۇقلارغا ناتونۇش ئەمەس ئىدى. تۆت-بەش يىل ئىلگىرى ئەكسىلئىنقىلابچىلار ۋە قانخور زومىگەرلەرنى باستۇرىدىغان چاغدا تۇنجى قېتىم ئاڭلاشقانىدى. مىلتىقنىڭ  سۈرلۈك ۋە تۇيۇقسىز ياڭرىغان  ئاۋازىدىن كېيىن، تاشتۆمۈر بەگ بىلەن ئەمەت بەگ گۈپپىدە يەرگە يىقىلغان ۋە قايتا ئورنىدىن تۇرالمىغانىدى. مانا ئەمدى مىلتىقنىڭ  ئاۋازى يەنە ياڭرىدى. تىنىقلار توختاپ كەتتى. سەزگۈلەر ھوشسىزلاندى. دەھشەتلىك سادادىن كېيىن دەھشەتلىك سۈكۈنات ھۆكۈم سۈردى. پەقەت كۆزلەرلا ھەرىكەتتە ئىدى. «كۆكقۇم»لۇقلارنىڭ مىڭلاپ جۈپ كۆزلىرى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن ئۇچۇپ چوڭ كۆلنىڭ قىرىغا چۈشتى. ئۇلار ئاشۇ قىرغاقتا ئىمىن پاۋاننىڭ قارا مىلتىقىدىن چىققان ئوق تەگكەن قارغىدەك پالاقلاپ چۈشكەن ئابدۇللا خارەتنى كۆرمەكچى ئىدى. يوق، ئابدۇللا خارەتنىڭ ئۆلۈكى يوق. قىرغاقتا پەقەت يېڭى بىخ چىقارغان قىياقلار ياشناپ تۇراتتى. بويۇنلار ئارقىغا قايرىلىپ، كۆزلەر يەنە سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا ئۇچۇپ چىقتى. ئابدۇللا خارەت سەگۈ تېرەكنىڭ ئاچىماقلىرى ئارىسىغا ئىلىنىپ قالغانمىدۇ؟ سۈكۈنات، سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىمۇ، يەردىمۇ، دىللاردىمۇ سۈكۈنات! مىلتىقنىڭ  ئاۋازىدىن كېيىنكى ئۈچ سېكۇنتلۇق  سۈكۈنات گويا ئالەم بىنا قىلىنغان زاماندىن تا قىيامەت قەييۇمغىچە سوزۇلغاندەك تۇيۇلاتتى. دىللار لال، سەزگۈلەر لال. تىنىقلار ئۆلگەن ئادەمنىڭ تىنىقلىرىدەك مەڭگۈگە توختاپ قالغاندەك بىلىنەتتى... ھەممىدىن بۇرۇن ھوشىغا كەلگىنى مومام بولدى. ئوغۇل مېھرى، ئوغۇل دەردى، ئوغۇل ئەنسىزلىكى ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرگەنىدى. «ۋاي بالام!» دەپ ۋارقىرىغان تۇنجى ئاۋاز سۈكۈناتنى بۇزدى. سۈكۈناتنىڭ سوغۇق، بەزدۈرگۈچى پەردىسى يىرتىلدى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغىچە، ئۇ يەردىنمۇ ئېشىپ كۆكلەرگىچە يىرتىلدى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن سادا قايتتى:
    - ئانا! ئانا!...
    - بالام، جانجىگەر بالام، ئامانمۇ سەن بالام!
    مومام ئىككى قولىنى كۆككە سوزدى. كۆزلىرى كۆككە تىكىلگەن، توختىماي «بالام، جانجىگەر بالام!» دەپ ۋارقىرايتتى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن «ئانا! ئانا!» دېگەن سادا قايتاتتى. سەگۈ تېرەك بىلەن يەرنىڭ ئارىلىقى چەكسىز يىراق ئىدى.  ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئوتلۇق تەپتى ئاشۇ چەكسىز مۇساپىنى بېسىپ بولالماي پەرياد چېكەتتى، ئاھ ئۇراتتى، نالە قىلاتتى...
    - ئامانمۇ سەن بالام؟
    - ئامانمۇ سەن ئانا!؟
       «كۆكقۇم»لۇقلارمۇ ھوشىغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ كۆز نۇرلىرى دەم سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن يەرگە - ئانا چېھرىگە، دەم يەردىن سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا - ئوغۇل چېھرىگە ئۇچۇپ يۈرەتتى. نېمىنىدۇر سېزىشەتتى ۋە ھېس قىلىشاتتى،  مىلتىق كۆتۈرۈۋالغان ئادەم مومامغا يېقىنلاپ كەلدى.
    - نېمىگە ۋارقىرايسەن كەمپىر، مەن ئوغلۇڭنى ئاتمىدىم، پەقەت ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقاردىم.
    - ھۇ قارا يۈز شۇمپەن، ئوغلۇمنى ئاتماقچىمىدىڭ تېخى،- ئانىنىڭ قوللىرى، بارماقلىرى، تىرناقلىرى بىردىن ئۇزىراپ مىلتىق تۇتقان ئادەمنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى،- قارا يۈز شۇمپەن، سېنىڭ ئاناڭ يوقمۇ، بالاڭ يوقمۇ؟

       كىملەردۇر ھەرىكەتكە كېلىپ ئانىنىڭ تۆمۈردەك چىڭ، چاڭگاكتەك كۈچلۈك قوللىرىنى ئۇنىڭ ياقىسىدىن مىڭ تەسلىكتە ئاجراتتى. ئۇنىڭ بويۇنلىرىدا ئانىنىڭ تىرناق ئىزلىرى قالدى. بۇ چاغدا سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە» دېگەن سادا ياڭراشقا باشلىغانىدى. مىلتىقلىق ئادەم ھەل قىلىدىغان ئىشنىڭ باشقا ئىكەنلىكىنى، موماي بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىمۇ، بوينىدىكى تىرناق ئىزلىرىنى سىلىغىنىچە كۆزلىرىنى ئالايتىپ يىراقلاپ كەتتى. كۆزلىرى يەنىلا سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدا ئىدى. ئەمدى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن قوشاق، مەشھۇر سىيىت نوچى ھەققىدىكى ھېلىقى قوشاق ياڭراشقا باشلىغانىدى. بۇ قوشاقنى شاھمۇھەممەتخان راۋاب تەڭكەش قىلىپ ئېيتاتتى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدا ئولتۇرغۇچى شاھمۇھەممەتخانغا ھەۋەس قىلىپ يۈرگەن ئۇزاق يىللاردا ئۆگىنىۋالغانىدى.
    مېنى ئاتساڭ ئۇستاڭ ئات،
    نا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە.
    سول كۆكسۈمنى چەللەپ ئات،
    جا ئۇستاڭ يېقىن كەلمە.
    سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالغۇچىمۇ ۋە بويۇنلىرى قاڭتۇرۇلغان ئاتتەك كەينىگە ئېگىلگەن سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىگە قاراپ تۇرغان «كۆكقۇم»لۇقلارمۇ «ئابدۇللا خارەت ئېتىلدى، ئەمما ئوق تەگمەي قالدى» دېگەن تونۇشتا ئىدى. ئوق ئاتقۇچى ۋارقىرىدى:
    - ھوي ئابدۇللا خارەت، ئوق ئاۋازىنى ئاڭلىدىڭمۇ؟ بۇ ساڭا بېرىلگەن ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش. ئەگەر چۈشمەيدىغان بولساڭ راستتىنلا قارىغا ئېلىپ ئاتىمىز.

        سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىدىن شوئار ۋە ھېلىقى قوشاق ياڭرىدى. تەھدىت كارغا كەلمىگەنىدى. يەنە مۇزاكىرىلەر باشلاندى. سەگۈ تېرەكنىڭ ئۈستىگە قونۇۋالغۇچىنى چۈشۈرۈش ۋە شوئار توۋلاۋاتقان زۇۋانىنى ئېتىش لازىم ئىدى. ئۇنى پەسكە چۈشۈرگىلى بولسىلا زۇۋانىنى ئېتىش تەس ئەمەس ئىدى. ئەمما پەسكە چۈشۈرگىلى بولمايۋاتاتتى. مۇزاكىرە خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلدى. كۈن غەربكە پەسلەپ كۆلەڭگىلەر شەرققە ئۇزىراۋاتاتتى. كەچ كىرىۋاتاتتى. ئالدىرىمىسا بولمايتتى. ئالدىراش ئىشمۇ باشلاندى. ئەمدى ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتا قوللىرىغا پالتا ئېلىپ سەگۈ تېرەكنى كېسىشكە باشلىدى. پالتىلار ھەر قېتىم ئۇرۇلغاندا، باھار ئاپتىپىدا ئېرىپ، يۇمشاپ كەتكەن دەرەخ غولىغا قۇلاقلىرىغىچە پېتىپ كېتەتتى. ئىككىنچى قېتىم يانتۇ ئۇرۇلغاندا، ئالىقاندەك تارشىلار ئۇچۇپ چىقاتتى. سەگۈنى كۆل تەرەپتىن كەسكىلى بولمايتتى. ئۇلار قالغان ئۈچ تەرەپتىن ئايلاندۇرۇپ كېسىۋاتاتتى. ناتونۇش بىرسى ئۇلارنىڭ پالتا ئۇرۇشىغا قوماندانلىق قىلاتتى. «بۇياققا، بۇياققىراق سال پالتىنى، مۇشۇ يەر كېسىلگەندىلا سەگۈ ئاندىن كۆلگە يىقىلىدۇ، شۇڭا مۇشۇ تەرەپنى كېسىش كېرەك» دەيتتى ئۇ پالتىچىلارغا. ئۇلار دەرەخنى چوڭ كۆلگە يىقىتماقچىدەك قىلاتتى. دەرەخ كېسىشكە قوماندانلىق قىلغۇچىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاشۇ مەنە چىقىپ تۇراتتى. كۆلدە سۇ بار ئىدى. يېقىنقى تۇمۇدا  كەنتىمىزدىكى ئاقساقاللارنىڭ كۆل بېشىغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ سۇ باشلانغانلىقى يادىمدا ئىدى. كۆڭلۈم بىرئاز ئارامىغا چۈشتى. دەرەخ سۇغا يىقىلسا، تاغاممۇ سۇغا چۈشىدۇ. ئۇنچىلىك ئېگىزدىن سۇغا يىقىلغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ. سۇغا چۆمۈلگىلى چىققاندا ئېگىز ياردىن «نازىيگۇم»غا سەكرىسەك ھېچنېمە بولمايمىزغۇ، تاغاممۇ ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ ئويلايتتىم مەن...
    - ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
       سەگۈنىڭ ئۇچىغا قونۇۋالغۇچى ئۆزى ئولتۇرغان پەغەزنىڭ تېگىدىن كېسىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ياكى بىلسىمۇ پەرۋايىغا ئالمىدىمۇ، پات-پات ئۆز شوئارىنى توۋلاپ قوياتتى. توختىماي پالتا ئۇرۇۋاتقان ئىلەك جۇل بىلەن يۇسۇن كالتا  ھېرىپ كەتكەن، ھاسىراپ-ھۆمۈدەيتتى. پالتىچىلار ئالماشتى. ئەمدى پالتىلار تېخىمۇ زەرب بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى. سەگۈ تېرەكنىڭ غولىدىن تەڭنىنىڭ ئاغزىچىلىك يەر ئويۇلۇپ بولدى. يەنە ئازراق كېسىلسىلا دەرەخ قىڭغىيىشقا باشلايتتى.
       مومام ۋارقىراپ پەرياد كۆتۈرۈشكە باشلىغانىدى: «ۋاي بالام، ۋاي بالام، بالامنى دەرەخ بېسىۋالىدىغان بولدى. خالايىق، بالامنى  قۇتقۇزۇڭلار. ئادەم بارمۇ، بالامنى قۇتقۇزۇڭلار...» مومام ۋارقىرايتتى. دەرەخ يېنىغا بارماقچى بولۇپ يۇلقۇناتتى. ئەمما ئۇنى مەھكەم تۇتۇۋالغان «كۆكقۇم»لۇقلار نە ئۇنىڭ مۇراجىئىتىگە، نە يۇلقۇنۇشلىرىغا پەرۋا قىلمايتتى. بوۋاممۇ جىددىيلىشىپ قالدى. ئۇ دەرەخكە پالتا ئۇرۇۋاتقانلارنى توختاتتى. «دەرەخ بىلەن يىقىلسا، ساق قالارمۇ ئۇ، توختاڭلار»، پالتىلار توختىدى. بوۋام سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىغا قاراپ مۇراجىئەت قىلدى. ئەمدى ئۇنىڭ سۆزلىرى ياغدەك يۇمشاپ كەتكەنىدى.
    - ئابدۇللاخۇن بالام، گېپىمنى ئاڭلاڭ، پەسكە چۈشۈڭ. ئۆزىڭىزنى ئايىمىسىڭىزمۇ، ئانىڭىز بىلەن مېنى ئاياڭ بالام، پەسكە چۈشۈڭ...
    سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچى جىمىپ قالدى. سەل سۈكۈناتتىن كېيىن بوۋام يەنە مۇراجىئەت قىلدى.
    - ئابدۇللاخۇن، ئانىڭىزغا، ماڭا، بالىلىرىڭىزغا قاراڭ بالام، بالىلىرىڭىز چۆچۈرىدەك كىچىك، بالىلىرىڭىزنى ئاياڭ، پەسكە چۈشۈڭ بالام...
    - ئانا، دادا!...- دەپ جاۋاب قايتتى سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن،- مەندىن رازى بولۇڭلار، بالىلىرىمنى خۇداغا، ئاندىن قالسا سىلەرگە تاپشۇردۇم،- تاغامنىڭ ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك، تىترىگەندەك ئاڭلىناتتى. ئۇ يۇمشاپ قالغاندەك، يەنە ئازراق نەسىھەت قىلىنسا ئىش ھەل بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مومام، ھاممام، ئانام، تاغامنىڭ خوتۇنى، تۇغقانلار ھۈ تارتىشىپ يىغلىشاتتى. ئاشۇ يىغىدا «پەسكە چۈشۈڭ، پەسكە چۈشۈڭ، بىزنى ئاياڭ، بالىلىرىڭىزنى ئاياڭ» دېگەن مەنە بار ئىدى. ئاياللارنىڭ يىغىسى ئېچىنىشلىق، تەسىرلىك ئىدى. مەن «تاغام تەسىرلىنىپ پەسكە چۈشىدىغان بولدى» دەپ ئويلىدىم. ئەمما سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچىدىن قايتا ياڭرىغان شوئار مېنىڭ ئۈمىدلىرىمنى يوق قىلدى.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    سادا قاتتىق، كۈچلۈك، بۇرۇنقىدىنمۇ بەكرەك ياڭراق ئىدى. «كۆكقۇم»نىڭ ئاسمىنى يەنە لەرزىگە كەلدى. ئەگرىياردىن ۋاڭىلدىغان سادا قايتاتتى. ئىلگىرى توختاپ-توختاپ توۋلىغان تاغام ئەمدى ئۈزمەي ۋارقىراشقا باشلىغانىدى.
    - ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە!
    - جاھىل ئۇنسۇر دېگەن مانا مۇشۇنداق، ئۇنىڭغا نەسىھەت كار قىلمايدۇ،- دېدى مۇئەللىمىمىز سۆز قېتىپ. ھەممە كىشى ئۇنىڭ ئەيۋەشكە كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. يۈسۈپ قارا قۇلاق پالتىچىلارغا ئىشارەت قىلدى. پالتىلار يەنە زەرب بىلەن ئۇرۇلۇشقا باشلىدى...

       سەگۈ تېرەكنىڭ ئۇچى قىڭغىيىشقا باشلىدى. تاغامنىڭ «ياشىسۇن كومپارتىيە...» دېگەن ئاخىرقى ئاۋازى بىلەن يۈسۈپ قارا قۇلاقنىڭ «قاچ» دېگەن ئاۋازى ئارىلىشىپ كەتتى. كىشىلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشتى. ئاشۇ كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە  بولغان پەيتتە قاراسلىغان، گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن سەگۈ تېرەك ئۆرۈلدى. تېرەك كۆلگە ئەمەس، بەلكى قىرغاقنى بويلاپ ئۆرۈلگەنىدى. ئۇ كۆل يېنىدىكى باشقا تېرەكلەرنىڭ پۇتاقلىرىنى قايرىپ، ئوشتۇپ، دوڭغاق سۆگەتنىڭ غولىغا قاتتىق ئۇرۇلدى ۋە قارسىلداپ سۇندى. سۇنغان يەردىن سۆگەتكە ئىلىنىپ قالدى...
       ئاشۇ مىنۇتتا ھەممىنى ئۇنتۇپ، كۆلگە تىكىلىپ قاراپ قالغىنىم ئېسىمدە. كۆل سۈيى داۋالغۇپ كەتكەنىدى. دەرەخ يىقىلغاندا ئۆرە-تۆپە  بولغىنىدىن كۆلگە چۈشۈپ كەتكەن ئادەملەر، خۇددى سۇغا چۈشۈپ كەتكەن توخۇدەك پالاقشىپ يۈرەتتى. تەتۈر سۆگەتنىڭ نوتىلىرىغا، قىرغاققا ئېسىلىشقا ئۇرۇناتتى. «قۇتقۇزۇڭلار، قۇتقۇزۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. پالاقشىپ يۈرگەن، ۋارقىرىغانلارنىڭ قايسىسى تاغامدۇ؟ تاغام سۇغا چۆكۈپ كەتكەنمىدۇ  يا؟ كۆزۈم كۆلدە، خىيالىم تاغامدا ئىدى. مومامنىڭ ئېچىنىشلىق يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ قىرغاقنى بويلاپ پالاقشىپ يۈگۈرۈپ كېتىۋاتاتتى. «ۋاي بالام، ۋاي بالام، ۋاي بالام» دەپ يىغلايتتى. ئەگەشتىم، كىشىلەر ھەممىسى ئاشۇ ياققا يوپۇرۇشقانىدى. تاغام سەگۈ تېرەك يىقىلغان يۆنىلىشتە، قىرغاققا خېلى يىراق يەردىكى ئېتىزغا چۈشكەنىدى. بۇ تاغامنىڭ ئۆز يېرى، ئۈچ يىل بۇرۇن ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالغان يېرى ئىدى. تاغام ئۆز يېرىگە چۈشۈپتۇ، چۈشەندىم. سەگۈ تېرەك يىقىلىپ دوڭغاق سۆگەتكە ئۇرۇلغاندا، تاغام ئۆزى قۇچاقلاپ تۇتۇۋالغان سەگۈنىڭ غولىدىن ئاجراپ كېتىپتۇ. ساداقتىن چىققان يا ئوقىدەك ئۇچۇپ كېتىپتۇ. يىراققا چۈشكىنى شۇ سەۋەبتىن ئىكەن. گۈررىدە ئولاشقان كىشىلەرنىڭ پۇتلىرى، چاتراقلىرى ئارىسىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ ئالدىغا چىقتىم. تاغامنىڭ گەۋدىسى يەرگە دۈم چۈشۈپتۇ. يۈزى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ بولۇپ قاپتۇ. ئوڭ كۆزى جامدەك ئوچۇق، ئاغزىدىن قىپقىزىل قان بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتاتتى. قوللىرى تۇپراقنى مەھكەم چاڭگاللىغانىدى...

    7


       ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ، سەگۈ تېرەك بىلەن بىللە يىقىلغان تاغام ئۇنتۇلغان، ئۇنىڭ دەرد-ھەسرىتى كۆڭۈللەردىن تامامەن كۆتۈرۈلۈپ بولغان چاغلاردا، كوپىراتسىيە - كوممۇنا تارقىتىۋېتىلىپ يەرلەر دېھقانلارغا قايتا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ئانام ئاشۇ قولى گۈل، ئەمما جاھىل ئىنىسىنى ھەسرەت بىلەن ئەسكە ئالدى.
    - ھەي ئىسىت، ھەي ئىسىت، ئىنىم ھايات بولغان بولسا، ئۆز يەرلىرىنىڭ ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرگەن بولسا، نەقەدەر خۇشال بولۇپ كەتكەن بولاتتى-ھە، ئىسىت، ئىسىت، ئۆز يېرىگە ئىگە بولۇش، ئۆز يېرىگە ئىشلەش ئۇنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلمىگەنىكەن، ئىسىت...
       ئانامنىڭ ھەسرەت-نادامىتى ئاشۇ ئۇزاق يىللاردا بولۇپ ئۆتكەن كېيىنكى ئىشلارنى ئېسىمگە سالدى. تاغام سەگۈ تېرەك بىلەن بىللە يىقىلغاندا، مومام ئۇنى كۆرۈپلا ھوشىدىن كەتتى. ھاممام، ئانام، تاغامنىڭ ئايالى ۋە باشقا تۇغقانلارنىڭ يىغىسى جاھاننى بىر ئالدى. بوۋام ئوغلىنى يۆلەپ قۇچىقىغا ئالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى «كۆكقۇم»لۇقلار گويا تاغامنىڭ ئۆلۈشىنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك بىر مەيدان چېلىش مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تارقىغان تاماشىبىنلارغا  ئوخشاش پۇررىدە تارقاپ كېتىشتى. «جاھىل ئۇنسۇر ئۆلۈپ، قانۇنىي  جازادىن قۇتۇلۇپ قالدى-دە، ھەي...» دەپ  ئۆكۈندى  مىلتىق تۇتۇۋالغان كىشى. تۇغقانلارنىڭ يىغا-زارى ئىچىدە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىلىرىمۇ ئاياغلاشقان بولسا كېرەك، ئۇلار كۆمۈۋېتىش ئۈچۈن جەسەتنى تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى قارارنى ئۇقتۇردى.
       تاغام دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن، بىزنىڭ چوڭ كۆل بويىدىكى كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىغا بېرىپ كېلىدىغان ئىشىمىز توختىدى. ئەمدى ئۇ يەرگە تاماق ئاپارمىساقمۇ بولاتتى. ئۇ يەردە نېمە ئىشلار بولدى، كۈندۈزى قەيەردە ئەمگەككە سېلىنىپ كېچىسى قانداق كۈرەش قىلىندى، بۇلارنىڭ بىز بىلەن، بىزنىڭ ئائىلە بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ئىدى. قوشنا ئاياللارنىڭ ئەتىگەندە كىرىپ كېچە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىشلىرىمۇ توختىغانىدى. پەقەت مەن مەكتەپكە بېرىپ كېلىشىمدە، يىراقتا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ياكى قوللىرى باغلانغان ھالەتتە ئاپتاپقا تىزلاندۇرۇپ قويۇلغان سايىت ھاجى پومنى، رەخىم پوۋاشنى، ئىمىن كۈشكەلنى، تۇرسۇن چالۋاشنى خىرە-شىرە كۆرەتتىم. ھېلىم ئاتىنىمۇ كۆرەتتىم. بوۋاينىڭ ئەمگەك قىلغۇدەك ماغدۇرى بولمىغاچقا، ئۇ كۆپ چاغلاردا ئاپتاپلىقتا يۈكۈندۈرۈلۈپ قويۇلاتتى. قولى باغلانغان بولاتتى. شۇنداقتىمۇ يېنىدىن ساقچى ئايرىلمايتتى...

       تاغامنىڭ «قىرىقى» ئۆتكەن، ئۆيدىكى يىغا-زارىلەر توختىغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم تاغام سالغان چوڭ ئايۋان يەنە يىغا-زارىغا تولۇپتۇ. يىراق-يېقىن، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ بىر-بىرىگە ئېسىلىشىپ يىغلىشىۋېتىپتۇ. ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. «يەنە نېمە ئىش يۈز بەرگەندۇ؟» قەلبىمدە ئەنە شۇ سوئاللار  ھۆكۈم سۈرەتتى. يىغا-زار ئىچىدىن ئانامنىڭ ئاۋازىنى تونۇدۇم. ئۇ قوشاق قېتىپ يىغلاۋاتاتتى. «جانجىگىرىم، قېرىندىشىم، يۈرەك-پارەم قېرىندىشىم، ھايات بولغان بولساڭ قويۇۋېتىلەركەنسەن قېرىندىشىم، كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەركەنسەن قېرىندىشىم. بۇرۇن كەتكەن قېرىندىشىم» ئانامنىڭ قوشاقلىرىدىن نېمىنىدۇر ھېس قىلغاندەك بولدۇم. يىراقراق بىر تۇغقىنىمىزنىڭ مەن دېمەتلىك ئوغلى مېنىڭ ھاڭۋېقىپ تۇرغانلىقىمدىن نېمىنىدۇر سەزگەن بولسا كېرەك، ماڭا يېقىنلىشىپ: «ئۇقتۇڭمۇ، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋېتىپتۇ، ئابلاكام ھايات بولغان بولسا ئۇنىمۇ قويۇۋېتەركەن» دېدى. مەن شۇئان مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئۇنسۇرلارنىمۇ، ئاپتاپقا يۈكۈندۈرۈپ قويۇلغان ھېلىم ئاتىنىمۇ كۆرمىگەنلىكىمنى ئېسىمگە ئالدىم. «راستمۇ؟ راست قويۇۋېتىلگەنمىدۇ؟» ئارقامغا بۇرۇلۇپلا كوپىراتسىيىنىڭ خامىنىغا قاراپ چاپتىم. ئۇ يەردە ھېچكىم يوق ئىدى. قولغا ئېلىنغانلارمۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرلىرىمۇ، ئىلەك جۇل، يۇسۇن كالتا قاتارلىق ساقچىلارمۇ كۆرۈنمەيتتى. پەقەت ئۇزۇن خادا ئۇچىدىكى قىزىل بايراقلا لەپىلدەپ تۇراتتى. چوڭ كۆل تەرەپكە ئۆتتۈم. سەگۈ تېرەك يىقىلغان يېرىدە دوڭغاق سۆگەتنىڭ پۇتاقلىرىغا مىنىپ قالغان ھالەتتە تۇراتتى. تاغام يىقىلغان ئاختامىلىقتا قانغا بويالغان تۇپراق جىگدە رەڭدە قارىيىپ ياتاتتى. تاغام كۆز ئالدىمغا كەلدى. كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولدى...
       ئۇزاق يىللاردىن كېيىن چوڭ بولغىنىمدا ئاڭلىسام، خوتەندە كوپىراتسىيە ۋەقەسى بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىن  خوتەنگە خىزمەت گۇرۇپپىسى كەپتۇ.  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ ئېنماۋ خىزمەت گۇرۇپپىسىنى ئۆزى باشلاپ كەپتۇ. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ئىكەن. ئۇلار شەھەردىكى ئېسىل مېھمانخانىلاردا يېتىش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى رەت قىلىپ، ئۇدۇل كوپىراتسىيە ۋەقەسى باشلانغان ئىگەرچى كەنتىگە كېلىپ چۈشۈپتۇ. سېكرىتار ۋاڭ ئېنماۋ ئىگەرچىدە تۇرۇپ، ئۆيمۇ  ئۆي زىيارەت قىلىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپتۇ. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف يېزىمۇ يېزا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەپتۇ. ئۇنىڭغا ھاكىم ھەمراھ بولۇپ ماڭىدىكەن. ئۇ بۇزۇق ئۇنسۇرلارنىڭ كوپىراتسىيىنى بىكار قىلىش توپىلىڭىنى قانداق تىنچىتقانلىقىنى، نەچچە بۇزۇق ئۇنسۇرنى قولغا ئېلىپ، نەچچە بۇزۇق ئۇنسۇرنى كۈرەش قىلغانلىقىنى، قايسى يېزىدا قانچە بۇزۇق ئۇنسۇر قامالغانلىقىنى ئىپتىخار بىلەن دوكلات قىلىدىكەن. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف 3-رايون دېيىلىدىغان تۇساللىنى تەكشۈرۈپتۇ. 4-رايون ئاتىلىدىغان بۇزاقنى تەكشۈرۈپتۇ، ھەممە يەردە قوللىرى ئارقىسىغا باغلىنىپ كۈرەش قىلىنىۋاتقانلارنى، قوللىرى ئارقىسىغا باغلىنىپ ئاپتاپقا سېلپ قويۇلغانلارنى كۆرۈپتۇ. ھاكىمنىڭ زوق-شوخ بىلەن قىلغان دوكلاتلىرىنى، رايون باشلىقىنىڭ ئىپتىخار ۋە غەلىبە تەنتەنىسى ئارىلاشقان دوكلاتلىرىنى ئاڭلاپتۇ...
       ئۇلار تاكى 7-رايون لايقىنى، 5-رايون باغچىنى، 6-رايون خانئېرىقنى ئايلىنىپ، تەكشۈرۈپ ئىگەرچىگە قايتىپ كەلگۈچە مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوف بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماپتۇ...

       سېكرىتار ۋاڭ ئېنماۋ ئىگەرچىدىكى ھەر بىر ئائىلىنى، ئىگەرچى تەۋە بولغان 2-رايوندىكى بارلىق يېزا-كەنتلەرنى تەكشۈرۈپ چىقىپتۇ. ھەر بىر ئائىلىدىكى بوش تاغار-خالتىنى، كۆك توپىغا سېلىنغان يىرتىق بورا ۋە كۈيە يەپ كەتكەن كونا كىگىزلەرنى كۆرۈپتۇ. ئۇلارنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى ئاڭلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ۋەقە چىققان كۈنى توۋلىغان «ياشىسۇن كومپارتىيە، يوقالسۇن كوپىراتسىيە» دېگەن شوئارىدىن پارتىيىگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، كوپىراتسىيىنىڭ باشقۇرۇلۇشىغا بولغان نارازىلىقىنى ھېس قىلىپتۇ. تەكشۈرۈشنىڭ تۆتىنچى كۈنى ۋاڭ ئېنماۋ يەنە ئۆيمۇ  ئۆي بېرىپ ھەر بىر ئائىلىدىن كەچۈرۈم سوراپتۇ. بەشىنچى كۈنى ۋىلايەت بويىچە كادىرلار يىغىنى ئېچىپ ئۇزۇن نۇتۇق سۆزلەپتۇ. مۇھەممەدئىمىن ئىمىنوفمۇ سۆزلەپتۇ. ئاشۇ نۇتۇقتىن كېيىن ھەرقايسى يېزا-كەنتلەردە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قوللىرى باغلانغان ئارقانلار يېشىلىشكە باشلاپتۇ. ئۆيلىرىگە قويۇۋېتىلىپتۇ. قويۇۋېتىلگەنلەر قاتتىق باغلىنىشتىن سىرقىراپ كەتكەن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ «ياشىسۇن كومپارتىيە!» دەپ ۋارقىرىشىپ كېتىپتۇ. كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئاپتۇ.

       ئەمما  تاغام ئۈچۈن، بىزنىڭ ئائىلىمىز ئۈچۈن ئەمدى بۇلارنىڭ ئەھمىيىتى يوق ئىدى. تاغامنى ھېچكىم تىرىلدۈرۈپ بېرەلمەيتتى. بولغۇلۇق بولغان، «تىرىك بولغان بولسا...» دېگەن ئاشۇ خىيال پەقەت نادامەتلا كەلتۈرەتتى. مەن مەكتەپتىن كەلگەندە چوڭ ئايۋاننىڭ قايتا يىغا-زارغا تولغانلىقى ئاشۇ نادامەتنىڭ مەھسۇلى ئىدى، خالاس. بوۋىلار «پۇشايماننى ئالغىلى قاچا تېپىلماس» دېگەن ئەمەسمۇ. تاغامنىڭ جاھىللىقى، يەر-زېمىنغا قانماسلىقى ئاشۇ پۇشايمان-نادامەتنى كەلتۈرگەنىدى. بۇنى سەگۈ تېرەكنى كەسكەنلەردىن، ئۇنى يىقىتقانلاردىن كۆرۈشكە  بولمايتتى. 1978-يىلىغا كەلگەندە، خۇددى ئاشۇ يىلى ھېلىم ئاتا ئېيتقاندەك كوپىراتسىيە تارقىتىۋېتىلدى. پارتىيە تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ  سولچىل خاتالىقىنى دانالىق بىلەن تۈزەتتى. يەرلەر يەنە قايتا تەقسىم قىلىپ بېرىلدى. ھەممە كىشى ئۆز يېرىگە تەر تۆكۈپ ئۆز رىزقىنى تېپىپ يېيەلەيدىغان بولدى. ئانامنىڭ ھەسرەت-نادامەت چەككىنى ئارتۇقچە. يەرلەرنىڭ قايتا تەقسىم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بولسا، تاغامنىڭ روھى ئەلۋەتتە خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.