يامغۇرلۇق گۇگۇم(روزى توختى داۋۇت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-04 15:30:36

يامغۇرلۇق گۇگۇم (ھېكايە) روزىتوختى داۋۇت گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى. ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گ...

    يامغۇرلۇق گۇگۇم

    (ھېكايە)

    روزىتوختى داۋۇت

     

       گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى، سىرتتىن شىرىلداپ ياغقان يامغۇرنىڭ ئاۋازى گاھ كۈچىيىپ، گاھ پەسىيىپ تۇراتتى.
       ئۇ ھەشەمەتلىك بېزەلگەن ئايۋاننىڭ قىبلە تەرىپىدىكى گىلەم سېلىنغان سۇپا ئۈستىدە ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئاستىغا ئۈچ قات تاۋار كۆرپە سېلىنغىنىغا قارىماي ئۇنىڭ ئەت - يېنى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك زىڭىلداپ ئاغرىپ ئۇنىڭغا بىر دەممۇ ئارام بەرمەيتتى. ئۇ ئىڭرايتتى، تولغىناتتى، توختىماي ئىنجىقلايتتى. ئۇنىڭ  ئېڭەك گۆشلىرى  ئىچىگە تارتىشىپ زاڭاق سۆڭىكىلا چىقىپ قالغان، ساقال - بۇرۇتلىرى ئۆسۈپ چاڭگىلىشىپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ يېغى تۈگىگەن قارا چىراغدەك  پىلدىرلاپلا قالغان، پەقەت كۆز ئالمىسىنىڭ پىلدىرلاپ ئۇيان - بۇيان ئۆتۈپ تۇرۇشى ۋە ئاچچىق تولغىنىپ  ئىڭراشلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بەئەينى بىر مۇردىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.

       ئۇنى كۆز ئالدىدىن  كەتمەيۋاتقان ھېلىقى ئىشلار ھالسىرىتىۋەتكەنىدى. گويا يەر تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك قانداقتۇر بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا بىر دەممۇ ئارام بەرمەيتتى. قەلبىنى ئېيتىپ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان بىر غەشلىك ئېچىشتۇراتتى. ھەر قېتىم بۇ ئاۋاز ئاڭلانغىنىدا قانداقتۇر بىرنەرسە ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق تىققاندەك سانجىلىپ، بەدەنلىرىنىڭ ئۈگە - ئۈگىلىرى قاتتىق ئاغرىپ يىلاندەك تولغىنىپ  كېتەتتى.
    گۆر... گۆر... ۋۇ... ۋۇ... ۋۇ...
    بۇ نېمە ئاۋازكىنە؟
    ماشىنا ئاۋازى، توغرا، ماشىنا ئاۋازى، ھېلىقى ماشىنىنىڭ ئاۋازى...
    دەل شۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا قىرىق كۈندىن بېرى بىردەممۇ ئارام بەرمەي كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق ياتقىنىغا توپتوغرا قىرىق كۈن بولغانىدى.
    ئاھ، قىرىق كۈن! جان قاقشاتقۇچ قىرىق كۈن! سەن نېمانچە ئۇزۇن، نېمانچە ئازابلىق - ھە؟! ئاللا ئىگەم ھېچ بەندىسىگە مۇنداق كۈننى كۆرسەتمىسۇن!...
    ئۇنىڭغا بۇ قىرىق كۈن قىرىق يىلدەك بىلىنىپ كەتتى. ئەنە شۇ قىرىق كۈن ئىچىدە ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدىكى كىشىگە تىنغىلى بولمايدىغان  قانداقتۇر بىر سىر كەلكۈن سۈيىدەك تېنىمسىز داۋالغۇپ ئۇنىڭ قەلبىدىكى يارا ئېغىزىنى قانىتىپ، ئۇنى مىڭ ئۆلتۈرۈپ، مىڭ تىرىلدۈرۈپ، تېگى كۆرۈنمەس خىيال دولقۇنلىرىدا پىرقىرىتىپ جەھەننەمگە تاشلىدى.
    ئۇ ئەمدىلا قىرىق ياشقا كىرگەنىدى. ئۇ ئەقلىگە كەلگەندىن بېرى پۇل ئۈچۈنلا شاپاشلىدى. يىگىرمە نەچچە يىللىق ئۆمرى پۇلنى دەپ ئۆتتى. پۇلنى دېمىگەن بولسا ھېلىقى ئىشنىمۇ قىلمىغان، بۇنداق ئازابنىمۇ تارتمىغان بولاتتىمىكىن؟!
    ئاھ پۇل!... كىشىلەرنى راھەتكىمۇ، ئازابقىمۇ گىرىپتار قىلىدىغان پۇل!
    سېنىڭ مېھرىڭ نېمانچە ئىسسىق - ھە؟!...
    ئۇ ھەممە خاپىلىقىنى پۇل تەمەسىدىن، پۇلنى دەپ قىلغان ھېلىقى ئىشىدىن كۆرەتتى. ئاشۇ نىجىس پۇلنى دېمىگەن بولسا ئۇ بۇنداق كۈنگە قالماسمىدىكىن؟!...
    ئاھ خۇدا، نېمىشقىمۇ شۇنداق قىلغان بولغىيدىم؟!...

       ئۇ ئويلىناتتى، ھە دېسىلا ھېلىقى ئاۋاز، ئارقىدىنلا ھېلىقى ئىشلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ ئۇنىڭغا بىردەممۇ ئارام بەرمەيتتى. شۇ كۈنى ئۇ ئاشخانىسىغا لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىش ئۈچۈن بىر كىچىك ماشىنىدا شەھەرگە كېتىۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا شوپۇر، كەينىدىكى ئۈچ كىشىلىك ئورۇندا  ئۇ ھەم ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىنىڭ ئايال خوجايىنى ئولتۇراتتى. ئىككى تال ئۇزۇن چېچى تېقىمىغا چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆزلىرى چوڭ، ياشلىق گۈلى ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشلىغان بۇ ئايالنىڭ ئېرى بىر يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىپ بىرى توققۇز ياشلىق، يەنە بىرى ئالتە ياشلىق ئىككى قىزى بىلەنلا قالغانىدى. ئۇ ئىككى بالىسىنى ئەنە شۇ كىچىككىنە ئاشخانىغا تايىنىپ بېقىپ كېلىۋاتاتتى. بىرنەچچىلا ئاشخانا، تىجارەت دۇكانلىرى بار بۇ كىچىككىنە سودا بازىرىدا ئۇنىڭ ئاشخانىسى  بىلەن بۇ ئايالنىڭ ئاشخانىسى بىر يەردە،  يەنە كېلىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل قارىشىپ تۇراتتى. ھەر قېتىم كىشىلەرنىڭ ئۇ ئايالنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە، ئۇنىڭ ئىچى ھەرە چاققاندەك تىتىلداپ، كىمدۇر بىرسى يۈرىكىنى سۇغۇرۇۋالغاندەك تۇرالماي قالاتتى.
    «مۇشۇ پاسكىنىنىڭ ئاشخانىسى بولمىغان بولسا ئاشۇ كىشىلەر مېنىڭ ئاشخانامغا كىرمەسمىدى، ئۇنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈۋاتقان پۇل مېنىڭ غەللەمگە چۈشمەسمىدى؟! مېنىڭ رىزقىمنى تارتىۋالغان بۇ پاسكىنىنى كۆزدىن يوقىتىش  كېرەك!...»
    ئۇ ئەنە شۇنداق ئويلايتتى. ۋۇجۇدىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە كىشىگە تىنغىلى بولمايدىغان قانداقتۇر بىر سىر دېڭىز دولقۇنلىرىدەك تېنىمسىز داۋالغۇيتتى. ئۇ كۆپ قېتىم كېچىسى ئوغرىلىقچە بېرىپ ئۇ ئايالنىڭ ئوچاقلىرىنى بۇزۇۋەتتى. لېكىن بۇ ئايال ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئوچاقلىرىنى ياسىتىۋېلىپ سودىسىنى يەنە قىلىۋېرەتتى. ئۇ بۇنىڭغا چىدىماي بىرقانچە قېتىم ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە ئايەت ئوقۇلغان توپىلارنى چېچىپ باقتى، ئۇ: «ئايەت ئوقۇغان توپىنى ئۆينىڭ ئۆگزىسىگە چاچسا شۇ ئۆيگە ئادەم كىرمەس بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئاڭلىغانىدى. ئاخۇنۇملارنى چاقىرىپ دۇئا ئوقۇتتى. ئاخشاملىرى بېرىپ ئوچاقلىرىغا توپا - تاش، ئاشخانىسىنىڭ ئالدىغا كۈل - ئەخلەتلەرنى دۆۋىلەپ قويدى. كېچىلىرى بېرىپ تەرەت قىلىپ قويدى. لېكىن ھېچبىر چارە كار قىلمىدى. ئاقىۋەت بۇ ئايالنى ئۆلتۈرۈۋېتىش خىيالىغا كەلدى. لېكىن پۇرسىتىنى تاپالماي مۇشۇ يەرگە كەلگەنىدى. مانا بۈگۈن ئىككىسى يانمۇ  يان ئولتۇرۇپ شەھەرگە كېتىۋاتاتتى. قارىغاندا پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى.

    ئۇنى يوقىتىشنىڭ بۇنىڭدىنمۇ ئوبدان پۇرسىتى بولامدۇ؟ «خۇدا بۇيرۇدى» دېگەن شۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇنى يوقىتىش كېرەك! لېكىن قانداق قىلىپ يوقاتقىلى بولار؟ ئۇ ئويلىنىپ قالدى. «ماشىنىدىن ئىتتىرىۋەتسەمچۇ؟...» ئۇ بىردىن ئەقلىنى تاپقاندەك بولۇپ ئوڭ قولىنىڭ مۇشتىنى سول قول ئالىقىنىغا ئۇرۇۋەتتى. «توغرا، بۈگۈنكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك! ئۇنى كۆزدىن يوقىتىش كېرەك! ئىتتىرىۋېتىش كېرەك!» ئۇ ۋاقىرىۋەتكىلى قىل قالدى. ئۇنىڭ ئەس - يادىنى ئەنە شۇ خىيال ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئىچىدە قانداقتۇر بىر زەھەرلىك يىلان ھەدەپ قۇتراۋاتاتتى. بىردىن ئۇنىڭ ئېسىگە قاچاندۇر بىر ۋاقىتلاردا  ئاشخانىدا چاي ئىچىشىپ ئولتۇرۇپ، كىمدۇر بىرسى سۆزلەپ بەرگەن بىر ۋەقە كېلىپ قالدى.
     بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى، دېگەنىدى ھېلىقى كىشى، ماشىنا يولدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقاندا توساتتىن ماشىنىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كېتىپ ئىككى ئادەم ماشىنىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئۆلۈپ كېتىپتۇ...»
    «ھەببەللى، چارە دېگەن شۇ ئەمەسمۇ» دەپ  ئويلىدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە شىۋىرلاپ. بۇمۇ بىر قاتناش ھادىسىسى...

        ئۇ بۇرۇلۇپ يېنىدىكى ئايالغا قارىدى. ئۇ ئايال كەپىنكە ئىشىكى تەرەپكە سىڭاريان بولغان ھالدا  كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ بەخىرامان ئولتۇراتتى. ماشىنا بولسا ساي يولىدا غۇيۇلداپ كېتىپ باراتتى. ئەتراپ غىڭ ساي بولۇپ، يېقىن ئەتراپتا ئىنس - جىن  كۆرۈنمەيتتى. قارىغاندا ياخشى پۇرسەت كەلگەندەك قىلاتتى. ئۇ ئالدىراپ قول سالماقچى بولدى. لېكىن شۇئان يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك دۈپۈلدەپ پۇت - قوللىرى تىترەپ كەتتى. ئۇ ئىككىلىنىپ شوپۇرغا قارىدى. شوپۇر ئالدىدىكى يولدىن كۆزىنى ئۈزمەي پۈتۈن دىققىتى بىلەن رولنى باشقۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. ھېلىقى ئايال بولسا بەخىرامان ئولتۇرماقتا ئىدى. «ئىتتىرىۋېتىش كېرەك، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش كېرەك!...»
        ئۇنىڭ ئىچىدىكى زەھەرلىك يىلان ھەدەپ قۇتراۋاتاتتى. ئۇ ئاستا كابىنكا ئىشىكىگە قول ئۇزاتتى. ئۇزاتتىيۇ، لېكىن شۇ ھامان قولىنى تارتىۋالدى. «كېيىن بۇ ئىش ئاشكارىلىنىپ قالسىچۇ؟ كابىنكا ئىشىكى نېمە بولۇپ ئېچىلىپ كەتتى، دەپ سوراشسىچۇ؟... گۇناھ بولماسمۇ؟!...»
    « ساڭا تەئەللۇق نەرسىنى ئۇ تارتىۋېلىۋاتىدۇ، سەن ئەركەك ئەمەسمۇ؟ نېمىشقا ئىككىلىنىسەن؟ پۇرسەتنى چىڭ تۇت!» زەھەرلىك يىلان يەنە كۇشۇلدىدى، شۇئان ئۇنىڭ كۆز ئالدىنى قاراڭغۇلۇق بېسىپ قىزىل، كۆك، سۆسۈن رەڭلىك پۇللار ئۇنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدىن ئۆتۈپ ھېلىقى ئايالنىڭ ئاشخانىسىغا ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇ ئايال بولسا ئۇنىڭغا كۆز قىرىدا مەنسىتمىگەندەك قاراپ قويۇپ كىشىلەرنى ئۆز ئاشخانىسىغا باشلاپ  كېتىۋاتقاندەك، توپ - توپ كىشىلەر توپا - چاڭلارنى ئۆرلىتىپ ئۇنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئايالنىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ كېتىۋاتقاندەك، ئۇ بولسا كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا، توپا  - تۇمان ئارىسىدا قېلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بىردىن قېنى قىزىپ كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلدى. پۈتۈن تېنى ۋاژىلداپ  كۆيگەندەك ئاچچىق بىر ئېقىم چوققىسىدىن كىرىپ تاپىنىدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. يېنىدا ئولتۇرغان  ئايال ئۇنىڭ يۈرىكىنى سوغۇرۇۋېلىۋاتقاندەك بىلىندى - دە، قولى ئىختىيارسىز كابىنكا ئىشىكىگە سوزۇلدى...

        - ۋايجان!... ۋاييەي!...
       شوپۇر نېمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي كەينىگە قارىدى - دە، ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ماشىنىنى «غاچچىدە» تورمۇزلىدى. ماشىنا قاتتىق چاپچىپ، ئۆرۈلۈپ چۈشتى...
        قاتناش تارماقلىرى بۇ ئىشتىن «بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى» دەپ يەكۈن چىقىرىشتى. مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسى شوپۇرغا ئارتىلدى. ھېلىقى ئايال ماشىنىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ نەپىسى توختىغانىدى. بەختىگە يارىشا شوپۇر بىلەن ئۇ ئامان قالغان، پەقەت ماشىنا ئۆرۈلگەندە سوقۇلۇپ بېشى، يۈزى ھەم قول - بىلەكلىرى ئازراق زەخىملەنگەنىدى.
    كىشىلەرمۇ بۇنى «بىر قېتىملىق قاتناش ھادىسىسى»  دەپلا چۈشىنىشتى. ھادىسىنىڭ  جەريانىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق گۇناھ ئارتىلمىدى. لېكىن شۇ ئىشتىن كېيىن نېمىدۇر بىرنەرسە ئۇنىڭ ئىچىنى تاتىلىغاندەك، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قوچۇۋاتقاندەك ئۇنىڭغا ئارام بەرمەي كۆڭلىنى بىر خىل غەشلىك، دەككە - دۈككىچىلىك قاپلىۋالغانىدى. ھە دېگەندىلا ھېلىقى ئىش ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ  يۈرىكىنى مۇجۇپ، ئۇنى ساراسىمىگە سالاتتى.  ئۇ قانداقتۇر بىرنېمىدىن قورققاندەك نە ئۇيقۇسى، نە غىزا يېگۈسى كەلمەي پەرىشانلىق ئىلكىدە ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدى. بىراق جىمىكى بالا - قازانىڭ ھەننىۋاسى ئۆگۈنى تېرىلدى. كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن كېلىشىپ ھېلىقى ئايالنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈپ، مېيىتىنى قەبرىستانلىققا ئېلىپ مېڭىشتى. ئۇمۇ جامائەتنىڭ كەينىدىن ماڭدى. ھاۋا تۇتۇق ئىدى، پۈتۈن ئەتراپنى داد - پەريادلار، يىغا - زار قاپلىغان بولۇپ، كىشىلەر ئېغىر قايغۇ ئىلكىدە كېتىشىۋاتاتتى. ھېلىقى ئايالنىڭ ئىككى بالىسى دەريا - دەريا ياش تۆككىنىچە، جىنازىغا ئېسىلىپ زار - زار يىغلايتتى، جىنازا  كۆتۈرۈپ ماڭغانلارنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىۋالاتتى، پۇتلىرىنى قۇچاقلىۋالاتتى، «ئانامنى نەگە ئاپىرىسىلەر؟ ئۇنى ئېلىپ كەتمەڭلار!» دەپ يېلىناتتى، يالۋۇراتتى. ئۇلارنىڭ نالە - پەريادىغا  چىداپ بولمايتتى. پۈتۈن ئەتراپنى ئېچىنىشلىق يىغا - مۇڭ قاپلىغان بولۇپ، نامازغا كەلگەنلەرنىڭ  ھەممىسى ئىككى بالىنىڭ نالىسىغا چىدىماي يىغلاشماقتا ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا تۇيۇقسىز قۇيۇندەك بىر ساراسىمە ئولىشىپ يۈرىكى ئاغقاندەك، ئوتتا پۇچۇلانغاندەك بولدى. شۇئان ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ تۇيۇقسىز يىقىلىپ چۈشتى...
    ئۇ نېمىشقىمۇ بۇ يەرگە كەلگەن بولغىيدى؟ باشتا كەلمىگەن بولسا بوپتىكەن. كېلىپ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرمىگەن بولسا بۇنداق بولماسمىدىكىن؟!...

    ئۇ ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۆرە بولالمىدى. كۆرسەتمىگەن دوختۇر - تېۋىپلىرى، ئىشلەتمىگەن دورا - ئوكۇللىرى قالمىدى، ئوقۇتۇپ باقتى، ئىسرىقلىدى، لېكىن ھېچقايسىسى كار قىلمىدى، ئەكسىچە كېسىلى كۈندىن - كۈنگە ئېغىرلىشىپ، زەھەردەك ئاچچىق تۇيغۇلار ئۇنىڭ قەلبىنى تىلىپ بارغانسېرى ھالسىرىتىۋەتتى. ئۇ جىمىكى بالا - قازانى ھېلىقى ئىشتىن كۆرەتتى. شۇنىڭغا باغلاپ  ئىچ - ئىچىدىن ئۆرتىنەتتى! «نېمىشقىمۇ شۇنداق قىلغان بولغىيدىم» دەپ پۇشايمان قىلاتتى. ئۇنىڭ ئورنىدىن تۇرغۇسى، جامائەت ئالدىدا قىلغان - ئەتكەنلىرىنى ئاشكارىلاپ، ئۆز - ئۆزىنى  كاچاتلىغۇسى، «ئادەم بالىسى بولساڭلار بۇنداق ئىشنى ھەرگىز قىلماڭلار!...» دېگۈسى، ھېلىقى ئىككى بالىدىن كەچۈرۈم سوراپ يىگىرمە نەچچە يىلدىن بۇيان تاپقان پۇل - دۇنيالىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا بېرىپ ئۆزىنى كەچۈرۈشىنى تىلىگۈسى كېلەتتى. لېكىن ئورنىدىن تۇرالمايتتى. شۇلارنى ھەربىر ئويلىغىنىدا ئۇنىڭ قەلبىنى ئاچچىق ئەلەم، ھەسرەت، پۇشايمان تىغى تىلاتتى. قۇلاق تۈۋىدە نېمىدۇر بىرنەرسە توختىماي غۇڭۇلدايتتى، غۇڭۇلداش كۈچەيگەنسېرى ئۇنىڭ تېنىدىكى ئاغرىق كۈچىيىپ مېڭىسىنى بىر كىم پىچاق تىقىپ قوچۇۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئىڭراپ كېتەتتى، كۈن بويى «گۈر... گۈر... ۋۇ... ۋۇ...» قىلغان ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقى تۈۋىدىن كەتمەيتتى، ھەر قېتىم بۇ ئاۋاز ئاڭلانغاندا ئۇ يىلاندەك تولغىنىپ  كېتەتتى. ئۇ بۇ ئاۋازغا ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. لېكىن بۇ ئاۋاز توختىماي غۇڭۇلدايتتى.
     گۈر... گۈر... گۈر... ۋۇ... ۋۇ... ۋۇ...
     ھېلىقى ئاۋاز  بارغانسىېرى كۈچىيىۋاتاتتى. بىردىن ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ پۈتۈن ئەتراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندەك تۇيۇلدى. ئاشۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئىككىيلەن ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى.
     ئەزرائىل، دەپ قىياس قىلدى ئۇ، جېنىمنى ئالغىلى كەلگەن چېغى!...
    ئۇ قورقۇپ قاچماقچى بولدى. لېكىن پۇت - قوللىرى مىدىرلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىردىن ھېلىقى ئىككىيلەن ئىككى كىچىك بالىغا ئايلىنىپ قالدى. ئىككى كىچىك بالا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ مۇشتۇمى تۈگۈلگەن، كۆزلىرىدىن ئوت چاچراپ تۇراتتى. ئۇ قاچماقچى بولدى. لېكىن مىدىرلىيالمىدى. شۇئان ھېلىقى ئىككى بالا يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئۇنىڭغا چاڭگال سالدى:
     سەن ئانامنى ... ئانامنى قايتۇرۇپ بەر، ئانامنى قايتۇرۇپ بەر، ۋۇ نومۇسسىز ئەبلەخ!
     ئاھ، ۋايجان!...
    ئۇ قاتتىق ئىڭرىۋەتتى، شۇئان دېمى كېسىلىپ يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇيۇلۇپ ئاچچىق بىر ئاغرىق پۈتۈن تېنىگە يامرىدى.
     دادىسى، نېمە بولدىلا؟!
     دادا، نېمە بولدىڭىز؟!
    ئۇنىڭ خوتۇن - بالىلىرى ئەتراپىغا ئولىشىپ  يىغلىشىپ كەتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ يىغلاشقىنى ئۇنىڭغا ئاڭلانمايتتى. گۇگۇم بېسىپ كېلىۋاتاتتى. شىرقىراپ ياغقان يامغۇر كۈچىيىۋاتقاندەك قىلاتتى.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-9-4 18:22:55]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.