لەيلىنىڭ خاتىرىسى8 (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-22 10:34:00

لەيلىنىڭ خاتىرىسى سەھەر.... پەقەت ئالدىغىلا تىكىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان كۆزلىرىم ياشقا تولدى! ئۆزىگە تەئەللۇق بارلىق تەلۋىلىك،قاراملىق ھەم سەۋدالىقنى سىغدۇرالايدىغان،سىزەلەيدىغان،سۆيەلەيدىغان يۈر...

           لەيلىنىڭ خاتىرىسى سەھەر.... پەقەت ئالدىغىلا تىكىلىش ئۈچۈن ئېچىلغان كۆزلىرىم ياشقا تولدى! ئۆزىگە تەئەللۇق بارلىق تەلۋىلىك،قاراملىق ھەم سەۋدالىقنى سىغدۇرالايدىغان،سىزەلەيدىغان،سۆيەلەيدىغان يۈرىكىم تىپىرلاشقا باشلىدى...مەن بۇلبۇلنىڭ سايرىشىغا قانمايدىغان گۈلدەك،يامغۇرغا باغرىنى ئېچىپ تۇرغان كۆلدەك،ئېتىڭنىڭ كىشنەشلىرىدىن لەرزىگە كەلگەن يەردەك سىلكىندىم . چىكەمدىن ساقىپ چۈشكەن تەر كۆز ياشلىرىمغا قوشۇلۇپ لېۋىمگە كىلىپ توختىدى.مەن بۇ قېتىم كۆز ياش بىلەن تەر نىڭ قانچىلىك ھالاللىقىنى تېخىمۇ تولۇق ھىس قىلغاندەك بولدۇم .چۈنكى،كىچىك چاغلىرىمدا ئانام نان ياقىدىغان تونۇرنىڭ توپىسىنى بىلىندۈرمەي يالاپ باققىنىم،تۇزلۇق قاپاقتىكى تۇزنى سۈزۈكلىكىدىن سۇمىكىن دەپ ئىچىپ سالغىنىم ھىلىمۇ يادىمدا.... كۆز ئالدىمدا كۆكۈش تۇمان!!! جۇدالىق زەخمىتىگە،ھىجران پىراقىغا،ۋىسال دەھشىتىگە ئوخشايدىغان كۆكۈش ....تۇمان!!! بوراندەك چاچلىرىمنى مېنى كۈتىۋاتقان يوللىرىڭغا سايە قىلغۇم،سېغىنىشلىرىمنى...پەريادىڭنى ئاڭلاپ كۆنگەن كېچە ئاسمىنىغا يۇلتۇز قىلغۇم كەلدى... قىيا تاش ئارىسىدىن سىرغىۋاتقان جېنىمنىڭ،سېنىڭ ئاۋازىڭنى،جۇنۇنلىقىڭنى ئۆزىگە قان بىلىۋاتقىنىنى تېخىغىچە بىلمەيۋاتامسەن ئەزىزىم ؟؟؟ مەن تۇمارىسنىڭ قولىدىكى قىلىچنى،نوزۇگۇم يۈرگەن قومۇشلۇقلارنى،ئاماننىسا چالغان ساتارنىڭ كۆيۈك تارىلىرىنى خىيال قىلغاچ دەرىزەمنى ئاچتىم،پەر دەمنى قايرىدىم!!!!! ـ ئەي،ئاللاھ !مەجنۇننىڭ دادى،لەيلىنىڭ زارى بىلەن كۆمۈلگەن بىپايان يولدا نامەرتلەرنىڭ قولىغا تاش بەرگىن،ئشىق ئەھلىنىڭ كۆزلىرىگە ياش بەرگىن...قارا پەلەك قارايتقان قاراقلىرىمنى مەجنۇنىمغا تۇمار قىل....ئۇنىڭ ئاھلىرىنى ماڭا ئاڭلاتقان ئۇلۇغلىقىڭ بىلەن، مېنىڭ نالەمنىمۇ ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا يەتكۈزگىن،قاۋۇل قوللىرى بىلەن ئىشىكىمنى چەككۈزگىن......داۋامى بار...
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق