لەيلىنىڭ خاتىرىسى12(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-22 10:43:00

لەيلىنىڭ خاتىرىسى سەھەر . ئىسمىم ئويۇلغان ھېلىقى تاشنى توغراق يوپۇرمىقىغا ئاۋايلاپ ئوراپ بوينۇمغا تۇمار قىلىۋالدىم . ئىچىمدىكى زەرداپلىرىمنى،سېغىنىشلىرىمنى سېنى تونۇيدىغان يوللارغا بەردىم .كې...

    لەيلىنىڭ خاتىرىسى

    سەھەر . ئىسمىم ئويۇلغان ھېلىقى تاشنى توغراق يوپۇرمىقىغا ئاۋايلاپ ئوراپ بوينۇمغا تۇمار قىلىۋالدىم . ئىچىمدىكى زەرداپلىرىمنى،سېغىنىشلىرىمنى سېنى تونۇيدىغان يوللارغا بەردىم .كېتىۋاتىمەن، چاچلىرىم چۇۋۇق، پۇتلۇرۇم يالاڭئاياق پېتى كىتىۋاتىمەن...بېشىمدىكى ھالرەڭ ياغلىق مەيىن شامالدا يەلپۈنىۋاتىدۇ .
    ۋۇجۇدۇم شۇنچىلىك بىتاقەت،شۇنچىلىك ئەزىز!
    يوللۇرۇم شۇنچىلىك تار، شۇنچىلىك لەزىز...

     تار بىلەن ئەزىم بولغان دەريانى كۆر ،
    ئاھ نېچۈن كۈي باغلىدىڭ جانىمغا سەن .
    پۈتمىشىم شۇ بولسىمۇ چىن پۈتمىدىم ،
    باغرىڭنى ئۆزۈمگىلا بىلدىم ۋەتەن .

    تۇترۇق ئەتسەم سەۋىرنىڭ گۈلخانىغا ،
    كۈل ئارىسىدىن دان ئايرىدىڭ قۇش بولۇپ .
    نالىشىم ئۇچتى قايان ھىچ بىلمىدىم ،
    ئۇھ دىسەم قالدى كۆزۈمگە ياش تولۇپ...

      دەرتمەنلەرنىڭ داۋاسى، ئاشىق كۆڭۈللەرنىڭ ھاۋاسى بولغان پايانسىز چۆلدە قۇرىغان لەۋلىرىمنى قىززىغان تۇپراققا يېقىپ تۇرۇپ نالە قىلدىم :
    ـ ئى مەجنۇنۇم ،سېنىڭ سەرسانلىقىڭغا سەۋدا،سەۋدالىقىڭغا ھەقدار ئىكەنلىكىمنى ،ئىشىق دۈشمەنلىرىگە تىكەنلىكىڭنى بىلىمەن .بىلىمەن،بىلىپ تۇرۇپ كۆيىمەن .كۆيىمەن،كۆيۈپ تۇرۇپ مەشۇقلىقنىڭ ھالاۋىتىنى سۈرىمەن... قەسىدىلىرىڭگە كۆنۈپ قالغان يۈرىكىم پۇچۇلىنىۋاتىدۇ ! سەن كەزگەن چۆللەرنى كۆرىمەن،ئىزلىرىڭغا قېنىپ-قېنىپ سۆيىمەن دەپ ئۆيدىن چىققىنىمغىمۇ توققۇز كۈن بوپتۇ ...سېنىڭ پەريادلىرىڭنى ،بەرداشلىقڭنى تەبئەت ئۆز ئۇلۇغلىقى بىلەن سۆزلەپ بەردى .كۆزلىرىمدىن تۆكۈلگەن ياشلارنى توغراق يىلتىزلىرى كۆيۈك تۇپراقتىن مىھرى بىلەن تىرىۋالدى .
        ـ لەيلى ،ئەمدى قايتقىن ...ھويلاڭدىكى سەن بىلەن مۇڭدىشىدىغان ياۋا گۈللەر قۇرۇپ قالمىسۇن. مەجنۇنۇڭ ئشىكىڭ ئالدىدا ھەسرەت چىكىپ تۇرۇپ قالمىسۇن ...كۆكلەم قارلىغىچىدەك ئۇچۇپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەڭ يە لكىللىرىگە قونۇپ سېغىنىشلىرىڭنى قۇلىقىغا شىۋىرلاپ بەر...تىز بول لەيلى، تىز بول...يەنە كەچ بولاي دېدى....
    .داۋامى بار...

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 13:53:01]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق