مۇستاپا كامالنىڭ ياشلىق يىللىرى

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-14 16:18:58

ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشتىن ئىلگىرى مۇستاپا كامالنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن سەۋەبلەرنى، تۇغما ئىقتىدارى، بالىلىق مەزگىلىدىكى مۇھىتنى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەلانى...

     


     

      

    ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويۇشتىن ئىلگىرى مۇستاپا كامالنىڭ خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرگەن سەۋەبلەرنى، تۇغما ئىقتىدارى، بالىلىق مەزگىلىدىكى مۇھىتنى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سەلانىك، بولۇپمۇ شۇ دەۋردىكى رۇمئەلىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگىنىدە تەڭ ياشتىكى بالىلار خىيالىغا كەلتۈرەلمەيدىغان بىر ئشنى قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى بېرىشنى خالىمايدىغان «پاتىمە موللا كادىن مەھەللە مەكتىپى» دە دەرس بويىچە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇشقا قارشى چىقىدۇ ۋە مۇئەللىمىنىڭ «ئولتۇر» دېگىنىگە قارىماي ئۆرە تۇرۇپ قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. كېيىنچە باشقا ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلىدۇ. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بالىلىق كۈنلىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، كوچىلاردا بالىلارنىڭ ئويناشلىرىغا قېتىلىشتىن كۆپىرەك، ئۇلارنىڭ ئويۇنلىرىنى كۆرەتتى. بۇلارغا يەنە، شۇ دەۋردىكى زامانىۋىي قاتناش ۋاستىسى بولغان پويىز قاتنىشى باشلانغان ۋە ھەر خىل مىللەتلەر بىرلىكتە ياشايدىغان سەلانىكنىڭ باشقا شەھەرلەرگە ئوخشىمايدىغان قۇرۇلمىسىنى ئىلاۋە قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ دەۋردىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كىيىم – كېچەك شەكلى مۇستاپا كامالنى چوڭقۇر ئويغا سالغان بىر نۇقتا بولۇپ، ئۇ بالىلىق چېغىدىلا كىيىنىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەربىي مەكتەپتىكى فورمىلارنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ.
    ياشلىقىغا قەدەم قويۇش ئالدىدىكى مەزگىللەردە، ھەربىي مەكتەپ بالقان شەھەرلىرىگە ئوخشاش پات ئارىدا باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئۇرۇش ئۇچقۇنلىرىنىڭ كۆلەڭگىسىدە قالغان ئىدى.1897 –يىلى ئىسيانغا قارشى باشلانغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن پۈتۈن شەھەردە سەپەرپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كوچىلار قورال – ياراغ ئاۋازى ۋە ئۇرۇشقا ماڭغان ئەسكەرلەرنىڭ ئاياغ تېۋىشى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ. مۇستاپا كامال بىر ساۋاقدىشى بىلەن مەكتەپتىن قېچىپ ئەسكەرلىككە تىزىملىتىش قارارىغا كېلىدۇ. ئەمما بۇنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ ۋە مەكتەپكە قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇنىڭ ناتىقلىقى ھەربىي مەكتەپتە تەسىر قوزغايدۇ.
    شۇ يىللاردا مۇستاپا كامالنىڭ ئۆمەر ناجى ئىسىملىك شېئىر يازىدىغان بىر دوستى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا قىزىقىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ۋە شېئىر يېزىش ھەۋىسىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە قوزغالغان. ئەمما بۇ ھەۋەس ناھايىتى قىسقا داۋاملاشقان. سىياسەتكە بولغان قىزىقىشىنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەلى فەتھى ئىسىملىك دوستىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەلى فەتھى بىلەن دوست بولۇشى مۇستاپا كامالنىڭ فىرانسۇز تىلى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە شۇنىڭدەك روسسو، مونتىسكىيو قاتارلىق مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ھەربىي مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقلىرىغا چىققاندا بولسا، مەملىكەتنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ئۇنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ يىللاردا مۇستاپا كامالنى قايغۇغا سالغان مۇھىم ۋەقە ئانىسىنىڭ راگىپ ئەپەندى بىلەن توي قىلىشى ئىدى. ئانىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ خالىمىغان بۇ توي ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ.
    ئەتراپىدىكى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان بۇ ياش ئوقۇغۇچى دەرسلەردىمۇ ئەلاچى بولۇپ، تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويمىغان. 1881 – يىلى تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە بولغان 18 يىللىق ۋاقىت، ئۇنىڭ كېلەچىكىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، كېلەچەكتىكى ھاياتىنىڭ پۈتۈن قىسمىغا تەسىر كۆرسەتكىدەك شەرتلەرنى ھازىرلىغان، دېيەلەيمىز. مۇستاپا كامال سەلانىك ھەربىي مەكتىپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، 1899 – يىلى 13 – مارت ئىستانبۇل پىيادىلەر ھەربىي مەكتىپىگە كىرىدۇ. مۇستاپا كامال شۇنىڭدىن تارتىپ، ئۆتمۈشتىكى شانلىق ئوسمان ئىمپېرىيەسى يىللىرىنىڭ ھارغىنلىقى يەتكەن ۋە قوينىدا شەھەرنى ئىككىگە ئايرىغان گالاتا كۆۋرۈكى، توپكاپى، ساراي بۇرنۇ، قىز كۇلەسى، ئۈسكۈدار قاتارلىق تارىخىي ماكانلارنى ساقلىغان ئىستانبۇلدا ھايات كەچۈرۈشكە باشلايدۇ. ئۇ، ئىستانبۇل ھەربىي مەكتىپىدە ئۇنىڭدىن بىر قارار تۆۋەن يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئەلى فۇئاد بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ.
    ئەلى فۇئاد، ئىسمائىل پازىل پاشانىڭ ئوغلى ئىدى. ئىسمائىل پاشا، دادىلىق مېھرىگە تەشنا مۇستاپا كامالغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ھەپتە ئاخىرلىرى ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە ۋاقىت ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ. ئائىلىسىدىن ۋە يۇرتىدىن ئايرىلغان مۇستاپا كامال، تەتىللىرىنى ئىسمائىل پاشانىڭ كۇزگۇنچۇقتىكى ئۆيىدە دوستى ئەلى فۇئاد بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
    ئۇنىڭ 1902– يىلدىن ئېتىبارەن ھەربىي مەكتەپتە ئوفېتسىرلار سىنىپىدا ئوقۇش جەريانىدىكى كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلىرى، ئىگە بولغان كۆز – قاراش ۋە سىياسىي مۇھىت، شاھىت بولغان ھادىسىلەرنى قىسقا بولسىمۇ كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. گەرچە بۇ ۋاقىت ئۇزۇن بولمىسىمۇ، ئۇنى تارىختىكى ئورنىغا قاراپ ھەيدەكچىلىك قىلغان ۋاقىتنىڭ مۇھىم قىسمى دېيىشكە بولىدۇ. ناھايىتى قىسقا بىلىنىدىغان ۋە كېلەچەكنىڭ ئاساسىي يوشۇرۇنغان بۇ ۋاقىت، ئۇنىڭ ۋە مىللىتىنىڭ تەقدىرىدە يېڭى، زامانىۋىي دۆلەتنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى بەلگىلەيدۇ.

    مەنبە:كەڭ ساي تورى

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مۇستاپا كامال