ئاپتوبۇستىكى پاراڭ 2

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-17 11:25:52

ئاپتوبۇستىكى پاراڭ 2(گۈليارە تۇرسۇن)كىچىكىمدىنلا يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىم.دېرىزە ئالدىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، يامغۇردىن ھۇزۇرلىنىشنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىمەن!شىر - شىر يامغۇر ئاۋازى يۈرۈكۈمدە غەلىتى...



     

    ئاپتوبۇستىكى پاراڭ 2

    (گۈليارە تۇرسۇن)

    كىچىكىمدىنلا يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىم.

    دېرىزە ئالدىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، يامغۇردىن ھۇزۇرلىنىشنى ھېلىھەم ياخشى كۆرىمەن!

    شىر - شىر يامغۇر ئاۋازى يۈرۈكۈمدە غەلىتىلا بىر ئازابلىق  ھېس - تۇيغۇلارنى قوزغايدۇ دېسە!

    يامغۇر ئۇ بۇلۇتنىڭ كۆز يېشى ، ئۇ تولىمۇ سېھىرلىك! توۋا! يامغۇر ياغسىلاشۇ يامغۇرغا ئەگىشىپ يامغۇرنىڭ كەيپىياتىغا كىرىپ قالىمەن.

    شۇڭلاشقىمىكىن، يامغۇر ياغسا سىرتلاردا ئادەم ئاز كوچىلاردا سىم - سىم  يامغۇرنىڭ ئۇدارىغا دەسسەپ، باغچىلارنى ئايلىنىشنى ياخشى كۆرىمەن.

    يامغۇرنىڭ ئۇدارى بارلىكى يەردە ئازابلىق ئەسلىمە ھېكايەتلەر بولىدىغاندەكلا بىلىنىدۇ. ھەربىر يامغۇرلۇق ھېكايەتلەرنى يۈرۈگۈمدىن چىقىرىپ ئەسلىگەچ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارايمەن.

    يامغۇر جاھاننى يۇيىدۇ، ئەمما يۈرۈگۈمدىكى ئازابلارغا ئەسلا سۇ يۇقمايدۇ. پاكىزلانغان ھاۋادىن ئىچىمگە سۈمۈرۈپ نەپەس ئېلىپ كەلگەن يول بىلەن قايتىمەن.

    يامغۇرلۇق كېچىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىمەن، ئۆز جاراھەتلىرىمنى تاتىلاپ قانىتىدىغان بۇنداق كېچىلەر مېنىڭ سىردىشىم.

    تورغا چىقىپ قاغجىرىغان ئادەمدەك ئەسلىمە كۆرىمەن. ھەربىر ئازابلىق سۆزلەرنىڭ ئارقىدىكى ھېسسىياتنى ئۆز تۇيغۇم بىلەن ھېس قىلىشقا تىرىشىمەن، قەلبىمنىڭ ماڭائوخشاش ئازابلىق تۇيغۇنىڭ يەنە بىرسى بىلەن ئۇچرىشىپ چىقارغاندىكى تىترىشىدىن ھوزۇرلىنىمەن.

     توغرا، تەنھالىق سەل چۈشكۈن!

    ئەمما قەلبىم شۇنچە ئەركىن! دۇنيا ساختىلىقىدىن ئايرىلىپ چىن ھەقىقەتكە قاراپ يول ئالالايدۇ.

    يامغۇر ئىنسان قەلبىدىكى زەئىبلىكنى، جاھاندىكى مەينەتچىلىكنى يۇيالايدۇ.

     نەچچە كۈن بۇرۇنقى يامغۇردا كۈنلۈكۈمنى ئېلىپ، يامغۇرلۇق-شاماللىق چاپىنىمنى چىڭ كىيىپ، ئۆزۈمچىلا سىرتقا چىقتىم. كەچتە ساۋاقداشلار يىغىلىشى بارئىدى، بىرنەچچەقىز ساۋاقداشلىرىم بازار چۆگىلەپ ئاندىن بارايلى دەپ ئۇچۇر قىپتۇ. يامغۇر ياغقانداپەقەتلا ئادەم خالىماس بولۇپ قالىمەن، يانفونىمنى ئېتىۋەتتىم-دە، ئاپتۇبۇس بېكىتىدىكى ئادەم ئازراق ئاپتوبۇستىن بىرىگە چىقتىم.

    كۈنلۈكۈمنى يىغىپ، ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا ئېسىپ قويۇپ، توكۇرلاپ چۈشىۋاتقان يامغۇرغا قارىدىم.

    قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ! ئاپتوبۇس قىستاڭچىلىق بولدى، يېنىمدا تۇيۇقسىزلابىر جۈپ خەنزۇ ئوغۇل - قىز پەيدا بولۇپ قالدى، سومكامدىن ‹ م پ 4 نى ئېلىپ قۇلاققا سالدىم،كونا پەدە، مۇزىكا يوق.

    - مۇزلىدىڭمۇ؟ -دېدى ئوغۇل بالا بىردەمدىن كېيىن.

    - ھەئە، مۇزلاپ ئۆلەي دېدىم.

    مەنغۇ خەنزۇ يولداشلارنى مۇزلاپ كەتمەيدۇ،دەپ ئويلايمەن، بەك نېپىز كىيىنىدىغۇ قىشلاردىمۇ، شۇڭا قۇلاقنى دىڭ قىلدىم.

    - ھېلى ساماۋەر شورپىسى ئىچەيلى. ئىسسىپ قالىسەن. ھە راست، ئوقۇتقۇچۇڭ نېمەدېدى؟- دېدى ئوغۇل.

    ھىم... ئوقۇغۇچىلاركەندە!

    - شۇ،  نېمە دەيتتى ئۇ مۇئەللىم، تولۇقلىما ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەڭ، چۈشۈپ ئوقۇيسەن دەيدۇ. چۈشسەم چۈشەرمەن دېدىم!- دېدى قىز ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا.

    - قورقىتىۋاتىدۇ سېنى، كىم قورقىدۇ ھازىر ئۇنداق گەپلەردىن، پۇلنى تۆلەپ سەن ئوقۇساڭ، نېمىگە يوغان سۆزلەيدۇ ئۇ مۇئەللىمىڭ!- دېدى ئوغۇل بالىمۇ يەل بېرىپ.

    - نومۇس قىلماي تىلغا ئېلىۋاتامسەن، ئوقۇش پۇلىنىڭ گېپىنى! ئۇ پۇلغا شوپۇرلۇقنى ئوقۇپمۇ بولدۇڭ! داداڭ يا ماشىنا ئېلىپ بەرمىدى!- دېدى قىز.

    - دېدىمغۇ مەن، دادام مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرى ئېلىپ بېرىدۇ. كىرا تارتساملا ئۇنداق پۇلدىن نەچچىنى تېپىپ، قايتۇرىۋېتىمەن! قانچىلىك پۇلتى ئۇ!- دەپ غودۇرىدى ئوغۇل.

    توۋا! نېمە جاھان بۇ؟! قانداقراق شۇملاردۇ بۇ، چىرايىنى ئېنىق بىر كۆرەي دەپ بېشىمنى بۇرىدىم.

    - چۈشەيلى!- دەپلا كەينىگە بۇرۇلدى مېنىڭ ھەيران بولۇپ قارىغىنىمدىن.

    ئالىي مەكتەپتە بەكمۇ ساددىلىق بىلەن ئوقۇپتىكەنمەن، گەرچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىمدا ئېگىز-پەسلىك  بولغان بولسىمۇ ھەممىسى ھاياتىمدىكى يارقىن نۇقتىلار ئىدى. ئەمماماۋۇ بالىلار...توۋا!!!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران يامغۇر _