مىنىڭ ھىكايەم

يوللىغۇچى : hotanboy يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-10 19:39:26

--ھە،بالام،كەلدىڭىزمۇ؟-دىدى دادام ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا تىلىۋىزوردىن كۆزىنى ئۈزەلمەستىن،-تىز كىرىپ تاپشۇرۇقىڭىزنى ئىشلەڭ. --ھە،دىدىم مەن، خوشياقماستىن ئېغىر قەدەملىرىمنى ھوجرام تەرەپكە يۆتكىگەچ...



     --ھە،بالام،كەلدىڭىزمۇ؟-دىدى دادام ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا تىلىۋىزوردىن كۆزىنى ئۈزەلمەستىن،-تىز كىرىپ تاپشۇرۇقىڭىزنى ئىشلەڭ.

      --ھە،دىدىم مەن، خوشياقماستىن ئېغىر قەدەملىرىمنى ھوجرام تەرەپكە يۆتكىگەچ.كىرىپلا ئۈزۈمنى كارۋاتقا تاشلاپ خىيالغا كەتتىم.بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك پائالىيتىم كىنو لىنتىسى بۇلۇپ كۆزئالدىمد- ن ئۆتمەكتە ئىدى.

       بۈگۈنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرىس ئادەمنى تۇلىمۇ بىزار قىلىدىغان ھەم قورقۇنچلۇق تۇيىلىدىغان ماتىماتىكا دەرىسى ئىدى .غورا قاپاق،ھەربىر قاراشلىرى ئادەمگە ئۈچبۇلۇڭنىڭ ئۇچچىدەك چۇقىلىدىغان،قارامتۇل،بەستىلىك كەلگەن ماتىماتىكائۇقۇتقۇچىمىز يەنە ئاۋالقىدەك ھەيۋىسى بىلەن كىرىپ كەلدى.سىتاستىكا دەمدۇ،تانكا دەمدۇ،ئەيتاۋۇر ئادەمنىڭ ئېغىزىمۇ قاملاشمايدىغان بىر نىمىلەرنى سۆزلەپلاكەتتى.گەرچە ھېچنىمىنى چۈشەنمىسەممۇ بىرىلىپ دەرىس ئاڭلاۋاتقان قىياپەتتە قوڭغۇراقنىڭ تىزراق چېلىنىشىنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتتۈم.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچىنچى سائەتلىك دەرىس مەن بىردىنبىر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە دەرىسى ئىدى ،قوڭغۇراقنىڭ خۇشناز ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەن تەڭ مۇئەللىمىنىڭ چىقىۋېلىشىنى كۈتمەيلا، ۋاسكىتبول مەيدانىغا يۈگۈردۈم.تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىمىز بەكمۇ خۇشچاقچاق ،يۇمۇرىستىك،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ئادەم.بىر سائەت قوشنا سىنىپتىكى ساۋاقداشلار بىلەن ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ئوينىدۇق،شۇنداق كەسكىن ھەم كۆڭۈللۈك بولدى.ئەپسۇس ،ھېچقانچە ۋاقىت ئۆتمەستىن قوڭغۇراقنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك سەت ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى...

     ئەمدىكىسى فىزىكا دەرىسى ،بۇ دەرىسكە ئۆچلۈكۈمنى دىمەيلا قۇياي،بىرەسى ئىككى سائەت فىزىكا دەرىسى ئاڭلامسەن ياكى ئىككى سائەت تۈرمىدە ياتامسەن دىسە ،مەن چۇقۇم كىينكىسىنى تاللايمەن. يۈزىنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك چوڭلۇقتىكى كۆزئەينىكىنى ھىساپقا ئالمىغاندا قىياپىتى باياتتىنقى سۆرۈن تەلەت ماتىماتىكا ئۇقۇتقۇچىمىزدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان،ئەمما،ئۇقۇغۇچىلارنى تەنقىدلىگەندە ئاچچىق تەنىللىرى ئادەمنىڭ بۇ قوۋۇرغىسىدىن كىرىپ ئۇ قوۋۇرغىسىدىن چىقىپ كىتىدىغان،خۇددى مۇزدوزنىڭ دىرەپشىسىدەك ئۇچلۇق گەپ قىلىدىغان بۇ فىزىكا ئۇقۇتقۇچىمىز كۆتۈرەلمىسەڭ،  ساڭگىلتىۋال دىگەندەك،سىنىپقا كىرە –كىرمەستىن ئېغىزچە سىناقنى مەن تەتۈر پىشانىدىن باشلىۋەتكىنىنى قارا،يوقلام نۇمۇرۇم ئىككى قېتىم چاقىرلىپ پارتىدىشىمنىڭ قاتتىق نوقىشى بىلەن چۆچىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم.

      --ھە،39-نۇمۇر سەنمۇ؟--دىدى مۇئەللىم،يوقلام دەپتىرىنى ئۈستەلگە قۇيىۋېتىپ،--ئەجەپ تەس تۇرىمىزغۇ؟تەنتەربىيە دەرىسى ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟كۆپ تەرلەپ كاسسسىمىز ئورۇندۇققا چاپلىشىپ قالدىمۇ –يا؟ ئەتراپىمدىن پىخىلداپ كۈلۈشكەن ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلىدى.شۇنچىلىك بەك خىجىل بۇلۇپ كەتتىم.

      --ھە،قېنى ماۋۇ مەسىلىنىڭ –دىدى مۇئەللىم قۇلىدىكى كىتاپنى ماڭا ئۇزاتقاچ،--توك يول سىخىمىسىنى سىزىپ چىق.

    بوينۇمدىن بىرى سۆرىگەندەك ئاستاغىنا دوسكا ئالدىغا چىقتىم.كاللام قۇپقۇرۇق،تەنتەربىيە دەرىسىدىغۇ ۋالىبول مەيدانىنىڭ سىخىمىسى ،ۋاسكىتبول مەيدانىنىڭ سىخىمىسى دەپ ئاڭلىغان،ئەمدى توك يول سىخمىسى دىگىنى نىمىسىدۇ؟... كەينىمدىن ھېچبىر<< سىمسىز ئۇچۇرلار>>لارمۇ كىلىدىغاندەك ئەمەس،قانداق قىلاي؟ھېچنىمە يازماي تۇرغاندىن كۆرە كاللامغا كەلگەن بىر نىمىلەرنى يېزىپ قويمامدىم، شۇ ئوي بىلەن قۇلۇمغا بورنى ئالدىم-دە،ئۈزۈممۇ نىمىلىكىنى ئېيتىپ بىرەلمەيدىغان ،ئىشقىلىپ،تۆت چاسا بىرنىمىلەرنى سىزىپ قۇيۇپ تىترىگىنىمچە، مۇئەللىمنىڭ قانداق  سېسىق گىپىنى ئاڭلارمەن ،ئۇنىڭ ئاچچىق كىنايە –تەنىللىرى يەنە قاچانغىچە ماڭا لەقەم بۇلۇپ قالار؟دىگەنلەرنى ئويلاپ،بېشىمنىمۇ كۆتۈرمەستىن قاراپ تۇردۇم.

      --ھە،ۋاسكىتبول چولپىنى ،--دىدى مۇئەللىم  تەنىسىنى باشلاپ،--سىزىپ بولدۇقمۇ؟ نىمە بۇ؟ئۆيۈڭدىكى ئۆمۈچۈك تۇقۇغان تورنى سىزىپ كۆرسىتىپ بەر دىمىگەنغۇ ساڭا، بۇ يەردە دەرىس ئاڭلايمەن ،دەپ جېنىڭنى قىينىغىچە ئۆيۈڭدىكى ئۆمۈچۈككە ياردەملىشىپ تور تۇقۇشۇپ بەرسەڭ بولماسمىدى!

    <<بولسىغۇ بەكمۇ شۇنداق قىلغۇم بارئىدى>> دەۋەتكىلى تاسلا قالدىم.

       --قارا سىزغانلىرىڭغا،ھەممىسى قىسقا تۇتىشىپ قالغان توك يۇلى بۇلۇپ قاپتۇ.—دىدى مۇئەللىم سىزغانلىرىمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ،--ئولتۇرە ماڭ،ھازىر ساڭا ئارتۇق گەپ قىلغۇم يوق،--دىدى ئۇرنۇمغا بېرىشىمغا بۇيرۇق قىلىپ تەنە تەلەپپۇزدا.

     <<-خۇداغا شۈكۈر>>دىدىم مەن ئىچىمدە،ئوۋچىنىڭ قۇلىدىن ئامان قالغان قۇشتەك يىنىك نەپەس ئېلىپ.<<-سىملىرى قىسقا تۇتىشىپ قاپتىمىش،ئۆزىنىڭ كاللىسىنىڭ سىملىرى تۇتىشىپ قاپتۇ.سەن مۇئەللىملەر ئۇقۇغۇچىنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى، نىمىنى ئەڭ ياقتۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىشەمتىڭ.سەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇقۇغۇچى بەئەينى ماشىنا ،قانچىلىك نەرسە تىقسا بۇلۇۋېرىدىغان بىر كۈپقۇ؟>>دەۋەتتىم پەسغىنە غوتۇلداپ.

    قورساق ناغرا چېلىپ،ئۈچىيىمىز تارتىشىپ ئۆيدىكى تاماقلار كۆزئالدىمىزدىن ئۇچۇشۇۋاتقاندا قوڭغۇراقنىڭ شاد ئاۋازى يەنە ياڭرىدى...

    ھەي،مانا ئۇياقتىن تاماق يەپ ،بۇياقتىن ئېغىزىمنى سۈرتۈپ بولغىچە،بىردەمدىلا ئىككى سائەتلىك چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمۇ تۇشۇپ قاپتۇ.يەنە ھاپىلا-شاپىلا مەكتەپكە يۈگۈردۈم.چۈشتىن كىيىنكى ئىككى سائەتلىك دەرىسقۇتىل- ئەدەبىيات .بۇنىڭدا ھېچبىر قورقۇش يوق،مۇئەللىمىمىز بىر زىلۋا بوي،ئاۋازى تۇلىمۇ مۇڭلۇق،ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىگەن چاغلاردىمۇ بەش مىنۇت ئاۋازىنى ئاڭلىسا خۇددى ئەللەي ناخشىسىدا  تاتلىق  ئۇخلاۋاتقان بوۋاقتەك بىردەمدىلا شىرىن ئۇيقىغا كىتىدۇ.مانا،دىگەندەك مۇئەللىم قاچان دەرىسكە كىردىكىن ئۇنىمۇ سەزمەي پارتىدىشىم ئىكككىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىشىپ  ئۇخلاپ كىتىپتىمىز،بىرۋاقىتتا مۆرەمگەقاسسىدە  تەككەن شاپىلاقنىڭ تەسىرىدە چۆچۈپ كۆزۈمنى ئاچتىم .كەينىمدىكى ئۇرۇندا ئولتۇرىدىغان ئەختەم –تىز تۇرە ئاداش  ،دەرىستىن چۈشۈڭلار دەۋاتىدۇ.

    --ھە،...ھە،ئورنۇمدىن تۇردۇم،تۇردۇميۇ،بىر كۈنلۈك دەرىسنىڭ تۈەىگەنلىكىنى ئويلاپ خۇددى ئېغىر يۈكتىن ۋاقتىنچە بولسىمۇ قۇتۇلغاندەك ،كۆڭلۈمدە باشقىچە بىر شاتلىق پەيدا بولدى.كىتاپ-دەپتەرلىرىمنى ئالدىراپ يىغىشتۇردۇم-دە،ئۆيگە قاراپ ئۇچتۇم.

      مانا،ئەمدى ھەممە دەرىسلەرنىڭ تاپشۇرىقى مىنى ئىشلە،مىنى ئىشلە،دەپ ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرۇپتۇ،بۇ ئۆچىرەتنىڭ سېپى شۇنچە ئۇزىراپ كەتتى.لىكىن،مەن تېخىچىلا مۇشۇنداق خىيال ئىكرانىمدا <<كىنو>>كۆرۈپ بىخارامان يېتىپتىمەن.نىمە ئۈچۈن دەمسىز؟ بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنى يەنىلا ئاشۇ <<تەلەپچان،كۆيۈمچان>>داددامدىن سوراي:دادا،مەن نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ناچار ئۇقۇغۇچىلاردىن بۇلۇپ قالدىم؟ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ تەنتەربىيە دەرىسلىرىدە ۋە مۇسابىقىللىرىدە نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەرەە ئېرىشىپ ھەتتا ناھىيە،ۋىلايەت دەرىجىلىك شەرەپلەرگە ئېرىشكەن  ،چولپان ئاتالغان ئۇقۇغۇچى ئىدىمغۇ؟ ئۆلكىلىك تەنتەربىيە كوممىتىتىدىكىلەر نەچچە يۈز بالىنىڭ ئىچىدىن مىنى تاللاپ، مەخسۇس تەربىيلەش مەخسىتىنى ئېيتقاندا ،سەن:<<--يۈگۈرۈپ يۈرۈپ جان باققىلى بۇلاتتىمۇ؟نىمە ئۇ تەنتەربىيە دىگەن ...>>دەپ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنى رەھىمسىزلەرچە يىرتىۋەتتىڭ،بۇ زادى نىمە ئۈچۈن؟بۈگۈنكىدەك ئاقىۋەت ئۈچۈنمىدى؟بىلەمسەن دادا،سەن يىرتىۋەتكەن ئاشۇ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشىنىڭ پارچە-پارچە قەغەزلىرى ئەمەلىيەتتە مىنىڭ پەرۋاز قىلىشقا تەلپۈنۈۋاتقان قانىتىمنىڭ ئالتۇن پەيلىرى ئەمەسمىدى؟سەن ئۇنى رەھىمسىزلەرچە پايخان قىلىپ ئەركىنلىكىمنى دەرىسلىك كىتاپتىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنمەس قەپەسنىڭ ئىچىگە سۇلاپ قويدۇڭغۇ؟...

      جېنىم دادا،بىلىمەن سەن ئوغلۇڭغا كۆيۈنىسەن،ئەركىن پەرۋاز قىلىمەن دەپ،چوققۇلارغا ئۈسۈۋېلىشىمدىن،ئاللىقانداق <<ئوۋچىلار>>نىڭ زەھەرخەندە قۇلىغا چۈشۈپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيدىغانسەن.بىراق دادا،مۇشۇنىڭ ئۈچۈنلا مىنىڭ قىزىقىشمىنى توسساڭ بۇلامدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن مىنى مەڭگۈ قوغداپ بۇلالمايسەن-دە؟!

      شۇ تاپتا،مەن تاشقىرىقى ئۆيدە بىرىلىپ تىلىۋېزور كۆرۈۋاتقان دادامغا شۇنداق دىگۈم كىلىدۇ:---دادا،ئەمدى بولسىمۇ،ئەركىنلىك قانىتىمنى يۇلمىسىڭىز!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مىنىڭ ھىكايەم