يېتىمنىڭ ئېگىسى ئاللاھ(يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-06 09:22:09

يېتىمنىڭ ئېگىسى ئاللاھ(ھېكايە)يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي«ئەگەر بىر قىز بولسا رەسىدە،پەتىۋاسى باردۇر ھەدىستە...»قىز بۇ مىسرالارنى نەدە ئۇچراتقىنىنى ئەسلىيەلمىدى. نېمىشقىدۇر بۇ مىسرالار ئۇنىڭ...

     



    يېتىمنىڭ ئېگىسى ئاللاھ(ھېكايە)
    يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي

     


     
    «ئەگەر بىر قىز بولسا رەسىدە،
    پەتىۋاسى باردۇر ھەدىستە...»
     
    قىز بۇ مىسرالارنى نەدە ئۇچراتقىنىنى ئەسلىيەلمىدى. نېمىشقىدۇر بۇ مىسرالار ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىۋالغانىدى. ئون ئالتە-ئون يەتتە ياش ۋاقىتلىرىدا قوشاق شەكىلدە مىسرالارنى يازغىنى، ئەتىرگۈلنى قۇلىقىغا قىسىۋالغىنى ئېسىدە. توسقۇنسىز بىر مۇزىكا ئۇنىڭ ھاياتىغا بۆسۈپ كىرگەنىدى. بۇ خىل تۇيغۇلارغا ھاياتتىكى ھېچ نەرسە، ئەڭ رەزىل كۆرۈنۈشلەرمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى. بۇ دەل كۆكنىڭ قەرىدە كۆكنى يېرىپ ئۇچۇۋاتقان راكېتا ياشلىق ئىدى...ئۇ بالىسىنى پەپىلەپ قويدى، بالىسىنىڭ قونچاقتەك كۆزلىرى مىت قىلماي ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى، ھەرقانداق بوۋاق قەغىشلىك قىلىدۇ، لېكىن بۇ بوۋاقنىڭ كۈلۈمسېرەپ تۇرغىنى تۇرغان ئىدى. بىر قېتىممۇ يىغلاپ باقمايتتى... قىز ئۈچ كوچا دوقمۇشىدا ئوڭغا بۇرۇلۇشنى يا ئۇدۇلغا مېڭىشنى بىلەلمىدى. ئۇدۇلدا چوڭ مازارلىق بار ئىدى. ئۇ يەر بىر قەدەر جىمجىت ئىدى... شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئاكىسىغا:« ئاكا، مەن سەندە ئوقۇيمەن، ساڭا ئوخشاش بىلىملىك بولىمەن!» دېگەنىدى. ئاكىسىغا كۈندۈلۈك خاتىرىلىرىنى، شېئىرلىرىنى كۆرسەتكەنىدى...قىز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭدى، مازارنىڭ توپىسى ئۇنىڭ ھوشۇقىغىچە كەلدى، بالىسىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. بوۋاقلار شۇنداق غەمسىز بولامدىكىن؟...ئۇ يەنە غەلىتە خىياللارغا پاتتى. ئاچىسى دائىم: «ئانام ھايات   ۋاقىتتا دادامغا، نېمە كۆرسەڭ مۇشۇ قىزىڭدىن كۆرىسەن دېگەن» دەپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قوياتتى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئەسلىسىلا ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بۇ دۇنيادا خۇشھال بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ھاياتتا نېمىگە ئېرىشكىنىنى بىلەلمىدى. ئۇ تۇغۇلۇپلا يوقىتىپ كېلىۋاتاتتى؛ قەرزگە بوغۇلۇپ كېلىۋاتاتتى... قەۋرىلەر دۈمچەك-دۈمچەك كۆرۈندى... ئۇ يەكشەنبە كۈنىنىڭ كېلىشىدىن ئەنسېرەيتتى. يېزىلاردا يەكشەنبىدە قىز قېينىئانىسىنىڭكىدىن چوڭ ئۆيىگە كېلىدىغان ئادەت بار. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى قەستەنمۇ ياكى مەلۇم ئىش بىلەنمۇ ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ كېتىپ قالاتتى. ئۇ گەپكە قېلىشتىن قورقۇپ، ئىشىكنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ كېلەتتى. يوغان قۇلۇپ سېلىنغان ئىشىك ئالدىدا ئۇزاقتىن-ئۇزاق بالىسىنى كۆتۈرۈپ ساقلايتتى... ئۇ ئاكىسىنى سېغىندى. ئاكىسىلا ئۇنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ توي ئىشىدا ئاكىسى: «قوشۇلمايمەن، قوشۇلمايمەن!» دېگەنىدى...ئۇ بالىسىنى مەھكەم باغرىغا باستى... «ئاھ، بالام!...»


    ئۇنىڭ ئەمدىلا ئون سەككىزگە كىرگەن ۋاقتى. تۇرمۇشنىڭ، ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيتتى، تۇيۇقسىز ئاچىسى ئۇنىڭ تويىنى قىلىدىغانلىقىنى   دېدى، ئاچىسىنىڭ كۆز قارىشىچە، مۇشۇ ئۆيدىن-ئۆگەي ئاپىسىنىڭ يېنىدىن بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇر كەتسە ھاياتتىكى ئەڭ زور بەخت شۇ ئىمىش... ئۇ بەكلا تېڭىرقىدى، بۇنداق بولۇشىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى، ئاكسىغا تېلېفۇن قىلغۇسى كەلدى. لېكىن قېرىشقاندەك ئاكىسىنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانماي كەتتى. ئۇنىڭ بوغۇلۇپ يىغلىغۇسى كەلدى. چۈنكى، ئۇنى ياتلىق قىلماقچى بولغان يېگىت ئۇنىڭدىن توپتوغرا ئون ياش چوڭ ئىدى...قىز بالىسىغا قاراپ يەنە تارام-تارام يىغلىدى، ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويغۇسى كەلدى... ئۇ دوستلىرىدىن ئۇ بالىنىڭ نەشە چېكىدىغانلىقىنى، ئويۇن-تاماشىلاردىن نېرى بولالمايدىغانلىقىنى   ئاڭلاپ قالغانىدى، ئۇ بۇلارنى دەپ چوڭلارنى ھەرقانچە قىلىپ قايىل قىلالمىغانىدى، ئاكىسىغا تېلېفۇن ئۇلانغان بولسا كۆڭلىنى بىر بوشۇتۇۋالغان بولاتتى. لېكىن قاغىش تەگكۈر تېلېفۇن ئۇلانمايۋاتاتتى...     


         قىز   ئاددىيلا تويىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىغۇسى كەلمىدى. ئانىسىنىڭ قەۋرىسىنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالدى، بوۋاق بالىسىغا قارىدى، ئۇ يەنىلا شۇنداق كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ تۇراتتى. ئاھ، بوۋاق بالىلار، سىلەر نەقەدەر غوبارسىز-ھە! ئانىسىنىڭ قوينىدا، بوۋاقلىق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسىمۇ بولۇدىكەن كىشى! شۇنداق بولسا جەننەتكە كىرەلەرمىزمۇ؟

    ...ئۇنىڭ قورسىقى خېلىلا ئېغىرلاپ قالغانىدى، بەلكىم تۇغۇشىغا بىر ھەپتە قالغانىدى، ئۇ يەڭگىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چوڭ ئۆيگە بېرىپ كېلەي دەپ كەلگەنىدى، يەڭگىسى بىلەن سالاملىشا-سالاملاشمايلا:

    -ھېلىتىن تۇغۇمەن دەپ كېلىۋالدىڭما؟ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلسەڭمۇ بولاتتى، نېمانچە ئالدىراپ كېتىدىغانسەن! –دېدى ئۆگەي ئاپىسى زېمىستاندىكى سوغۇق مۇزدەك. شۇندىمۇ ئۇ كۆڭلىنى ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشتى. يەڭگىسى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلارنى قىلىشتى.

    ئەتىسى ئۇنىڭ تولغىقى تۇيۇقسىز تۇتتى، خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، چاقماق چاققاندەك، بوران گۈلدۈرلىگەندەك. «ۋايجان، ۋاي ئاللاھ!» ئۇنىڭ كاللىسىدا باشقىلارنىڭ «تۇنجى تۇغۇتتا  يا بالا چىقىدۇ، يا جان چىقىدۇ» دېگەن گېپى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاھۇ-زارى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋاتاتتى. ئېغىر ئاياق يەڭگىسى تىپىرلاپ كەتتى:

    -قانداق قىلىمىز، ئۇ بولالمايۋاتىدۇ...! دادام ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويسا بولارمىكىن؟

    -دادىڭىز قانداق نومۇس قىلماي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويىدۇ؟ دوختۇرخانىغا تاكسى چاقىرىپ ئاپىرىڭلار...!- بۇ خوتۇن كالپۇكلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ شۇنداق دېدى-دە، ئۇزۇن لېچەكلىرىنى ئاۋايلاپ سېلىپ، جايناماز ئۈستىدە دۇرۇد ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ناماز بامداتتىن كېيىنكى ئىككىنچى نامىزى- چاشگاھ نامىزى ئىدى...

    كېلىنچەك ئامالسىز تاكسىغا تېلېفۇن قىلدى، ئۇنىڭغىچىلىك قىزنىڭ تولغاق زارى ئۇنى بەكلا تەمتىرىتىۋەتتى، «مەنمۇ شۇنداق بولارمەنمۇ؟»دېدى ئۇ كۆڭلىدە. «ۋايجان!... ۋاي، ئاللاھ!» قىز بولسا  ئازابنىڭ دەستىدە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئۇلىيالمايۋاتاتتى. بەلكىم ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاكىسىنى ئەسلىگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا كىمنى ئەسلەيدۇ، نېمىنى ئەسلەيدۇ؟ بەلكىم خۇدانى، ئۆلۈمنى ئويلىغاندۇ؟ بىر نەچچە دەقىقە بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى، بىر ئەسىردەك بىلىنگەن ۋاقىتتا تاكسى يېتىپ كەلدى، ئاۋايلاپ قىزنى تاكسىغا چىقاردى-دە، دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى. لېكىن قىزنىڭ ئاھۇ-زارىغا قارىغاندا ئۇنى دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈش قىيىن ئىدى، ئامالسىز ئۇنى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىردى، ئاچىسى تېخى يېقىندىلا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققان، پۇتى ئەمدى سەل ياخشىلىنىپ قولتۇق تاياق بىلەن ماڭالايدىغان بولغانىدى. ئۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى، سىڭلىسىنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدى، ئاندىن ئىككى يېڭىنى تۈرۈپ خۇداغا ئىلتىجا قىلدى:

    -ئى ئاللاھ! ئى يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! يېتىمگە ئۆزۈڭ ئىگىسەن!...

    ...

     

    قىز ئانىسىنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا ئۇزۇن تۇردى، ئاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى؛ بالىسى بولغاچقا دۇئاغا قول كۆتۈرەلمەيتتى، پەقەت ئىشارە قىلدى، دۇئادىن كېيىن ئوماققىنە بالىسىغا قارىدى، كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئالدى، بالىسىغا قاراپ تۇرۇپ شۇنداق پىچىرلايتتى: «يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ!!!» بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئانىسىنىڭ كۆز يېشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى، دادىسىنىڭمۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغانىلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ تۇغۇلۇپ ئۇزاق بولماي يېتىم بولغانلىقىنى بىلمەيتتى.

    ئەمدى بىز بۇ ھېكايىنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويۇپ بۇ شېئىرنى ئوقۇيلى:

     

     

    ئەگەر بىر قىز بولسا رەسىدە،
    ئەسىر بىلەن ناماز شام ئارىسىدا
    پەتىۋاسى باردۇر ھەدىستە،
    ئەسىر ۋاجىپ
    يا ۋاجىپ ئەمەس.
    ئەسىر بىلەن ناماز شام ئارىسىدا
    بىر غۇنچىنى پۈۋلىدى ئاللاھ.
    ئەسىر بىلەن ناماز شام  ئارىسىدا
    نېمە قىلسا قىلغاي قىز بالا.
    چۈنكى بولدى بىر قىز چىرايلىق،
    ئاسمان بېغى چېچەكلەيدۇ لىق.
     
    2008-يىل، 19-ماي، ئۈرۈمچى.
    ( مىسرالار ئادىل تۇنىيازنىڭ )
     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.