زاكىرنامە

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-26 22:42:31

زاكىرنامەزاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقىزىكرىڭ بىلەن قىيامەت ھەسرىتىدىن ئامان قالغۇچى-زاكىر بولۇش شەرىپىنىڭ ئىسىمىمدىكى ئىشارىسىنى تونۇپ، زاكىرلارغا سۇنغان ئەڭ ئەبزەل نېئمەت- ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ ...

     

     

    زاكىرنامە

     

    زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

     

    زىكرىڭ بىلەن قىيامەت ھەسرىتىدىن ئامان قالغۇچى-زاكىر بولۇش شەرىپىنىڭ ئىسىمىمدىكى ئىشارىسىنى تونۇپ، زاكىرلارغا سۇنغان ئەڭ ئەبزەل نېئمەت- ئەڭ ئاسان ۋە ئەڭ كاتتا ئىبادەت - زىكرىڭگە مەشغۇل بولدۇم، يا رەب!
    سېنىڭ زىكرىڭ  سائادەت تەختىدە شاد تۇرۇشۇمغا رىغبەت بولدى، شەيتاننى چاپتىم قىلىچ قىلىپ زىكرىڭنى، يا رەب!
    رازىلىقىڭ ھاسىل بولغاچ زىكرىدىن، زىكرىڭ بىلەن دىلىمدىكى غەم قۇرۇپ، خۇشاللىق تىنىمگە كۈچ، چېھرىمگە نۇر بەردى، يا رەب!
    سېنىڭ ھەيۋىتىڭدىن قورقۇش مېنى سەن ماڭا ھەمرا قىلغان دىنىمغا يېتىشتۈردى. شۇنىڭدەك، ئۇ دىنىم مېنى سەندىن تېخىمۇ قورقۇشقا، رەھمىتىڭدىن تېخىمۇ زور ئۈمۈدۋار بولۇشقا ئىلھام قىلدى، يا رەب!
    ئالدىمغا چېچىلغان رىزقىمنى زىكرىڭنىڭ ھالاۋىتى دەپ بىلدىم، زىكرىڭ بىلەن مۇھەببىتىڭ تىلىمغا تەم، دىلىمغا پەيزى پۇتۇھات (ئىلاھىي ئىلھام) بولۇپ قۇيۇلدى، يا رەب!
    زىكرىلەر ئەۋجىدە ساڭا يىقىن تۇرغان سىمايىمنى كۆردۈم. سېنىڭ زىكرىڭلا ئېزىققان كۆزلىرىم بىلەن تىنىگەن كۆڭلۈمنى ساڭا قايتۇرۇپ، ساڭا يۈزلىنىشىمگە ئىمكان بەردى، يا رەب!
    ئۆز ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش مەقامىغا يەتكۈزگەن زىكرىڭ بىلەن  مەن ئۈچۈن ئېچىلغان ئىھسان ئىشىكىكە قاراپ قەدەم ئالدىم، يا رەب! 
    زىكرىڭ بىلەن ئۆز قاراڭغۇلىقىدا تۇنجۇققان قەلبىم قايتا تىرىلدى؛ سېنىڭ زىكرىڭلا دىل ئۆيۈمنى نۇرلاندۇرۇپ، روھىمغا قۇۋۋەت قوشتى، سېنىڭ زىكرىڭلا مېنى زاكىرلىق سۈپىتىگە نائىل قىلىپ مەئرىفەت ئىشىكىنى ماڭا ئوچۇق قىلدى، يا رەب!
    سېنىڭ زىكرىڭلا گۇناھ- مەئسىيەتلەردىن چىكەمگە بېسىلغان خاتالىق مۆھۇرىنى ئۆچۈرۈپ، ياخشىلىق تاجىنى ماڭا خاس قىلدى. غاپىللىقتىن كۆزۈمگە تارتىلغان پەردىلەرنى يىرتىپ ئارىمىزدىكى ياتلىشىش ۋە يېتىرقاش پاسىلىنى يوق قىلدى،  يا رەب!
    سېنىڭ زىكرىڭ بىلەنلا، كۆڭلۈم خاتىرجەملىك پەسلىگە كىرىپ، پەرىشتىلەر سۆھبىتىدە ھازىر بولدى، يا رەب!
    سېنىڭ زىكرىڭدە جەننەت ماڭا ھېدىنى چاچتى. يەلكەمدىكى دۇنيا غەملىرى زىكرىڭ بىلەن كۆتۈرۈلدى. نۇرسىز سۆرىلىپ كەلگەن « زىيالى»لىقنى قەھرىم  بىلەن يەنجىپ تاشلىدىم، يا رەب!
    سېنىڭ زىكرىڭ بىلەن يورۇغان دۇنيارىمنى كۆرگىنىمدە، قەبرەمنى يۇرۇتقۇچى نۇردىن ئۈمۈدلەندىم  ۋە مېنى قورشاپ تۇرغان غەپلەت ئۇيقۇسىغا جەڭ ئاچتىم، يا رەب!
    سېنىڭ زىكرىڭدىن زاكىرلىقىم ساھىب بولغان شاكىرلىق سۈپەتكە ھەم نائىل بولدۇم. تاشتەك قاتقان يۈرىكىم ھەم زىكرىڭدە يۇمشاپ، ئېزىلدى، يا رەب!
    ھەر بىر زىكرىمدىن ئىلھاملىنىپ، جەننەتكە مەن ئۈچۈن ئۆي بىنا قىلىۋاتقان پەرىشتىلەر كۆڭلۈمدىن كەچكىنىدە، زىكرى ئېيتقان ھالدا تۇرغىنىمدا، ئۇلارنىڭ سەندىن مەن ئۈچۈن مەغفىرەت تەلەپ قىلىۋاتقىنىنىمۇ كۆرىمەن، يا رەب!
    تاغلارنىڭ ماڭا قاراپ تەبەسسۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە كۆكنىڭ خۇش خەۋەر بىلەن ماڭا بېقىپ تۇرغانلىقى ئىسىمدىن كەچكىنىدە، مېنى مۇناپىقلىقتىن ساقلىغۇچى زىكرىڭنىڭ ھايات لەززىتىدىنمۇ ئارتۇق لەززىتىنى تېتىيمەن، يا رەب!
    تۇرغان، ئولتۇرغان، ياتقان يەرلىرىمنى قىيامەت كۈنىدىكى گۇۋاھچىلىق ئۈچۈن زىكرىڭ بىلەن باغلايمەن، يا رەب!
    غەپلەتتىكى دىلنىڭ شىپاھى- زىكرىڭلا، سەن نېمە دېگەن ياخشى ئىگە، ياخشى ياردەمچى، يا رەب!!!

    2011-يىل  ئاپرېل

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.