يەتتە قىزلىرىم ( ھېكايە) ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

يوللىغۇچى : turkiyqan يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-06 09:17:24

يەتتە قىزلىرىم( ھېكايە ) ئابباس مۇنىياز تۈركىقان(1) جەڭنامىلەر كامىلى بولغان مەدداھ بوۋىلار نىمىشقىدۇر، يېقىندىن بېرى كوچىلاردا ئۆزىنى كۆرسەتمەس بولۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارغا بولغان سېغى...



     

    يەتتە قىزلىرىم

     ( ھېكايە )

        ئابباس مۇنىياز تۈركىقان

                        (1)

             جەڭنامىلەر كامىلى بولغان مەدداھ بوۋىلار نىمىشقىدۇر، يېقىندىن بېرى كوچىلاردا ئۆزىنى كۆرسەتمەس بولۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارغا بولغان سېغىنىش ئوتىمىزنى ئەتىراپىمىزدىكى تارىخچى تاغىلارنىڭ قىسسىلىرى بىلەن بېسىپ كېلىۋاتاتتۇق. ھە- ئە، ئۇلار ماڭغان يولدا ئەمدى تارىخچى تاغىلار كېتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ بەزىسى كۆزەينەك تاقايتتى. كۆپىنچىسىنىڭ چاچلىرى كۈمۈشتەك ئاپئاق ئىدى. ئۇلار ھەممە كوچىلاردا بولغىنى ئۈچۈن، بىز ئاڭلايدىغان ھېكايىلەرمۇ بەك كۆپ ئىدى. ئېيتقانسېرى شاخلاپ ۋە چوڭقۇرلاپ بارىدىغان بۇ ھېكايىلەر ئېغىزدىن- ئېغىزغا، قۇلاقتىن- قۇلاقلارغا، يىراقتىن- يىراقلارغا تارايتتى...

       __ مانجۇلارنىڭ چەنلۇڭ خانى دەۋرىدە، شەھرى ئۈچتۇرپاندا « يەتتە قىزلىرىم» دەپ ئاتالغان قەھرىمان ھەدىلىرىىڭلار ئۆتكەن. يەر- جاھاننى زىل- زىلىگە كەلتۈرگەن ئۈچتۇرپان قوزغۇلىىڭىنى دەل مۇشۇ ھەدەڭلار باش بولۇپ ئېلىپ بارغان بالىلىرىم...__ دەپ ھېكايىلىرىنى باشلايتتى تارىخچى تاغىلار،خۇددى دىيىشىۋالغاندەكلا تۇنجى ھېكايىسىنى «يەتتە قىزلىرىم» دىن باشلاپ. ئۇلارنىڭ بۇ ھېكايىسى بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا، يىراق ئۆتمۈش زاماندا، كۈن ئولتۇرار تاماندا، پالانى ئاتلىق ماكاندا ئاجايىپ بىر باتۇر ئۆتكەنىكەن.... دەپ باشلىنىدىغان قىسسەلەردىن كەسكىن پەرق قىلاتتى. بولۇپمۇ، بۇ ھېكايىلەرنىڭ قىلغانىكەن ، بولغانىكەن، ئۆتكەنىكەن ... دېگەندەك چۆچەك ئېيتىش ئۇسلۇبىدىكى جۈملىلەر بىلەن ئەمەس، قىلغان، بولغان، ئۆتكەن... دېگەندەك چىنلىق تۈسى قويۇق بولغان، ئادەمنى خۇددى كۆرۈپ تۇرغاندەكلا ئىشەندۈرۈدىغان جۈملىلەر بىلەن باشلىنىشى بىزنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالاتتى. بىز گويا جەڭگە قاتناشقان قەھرىمانلارنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن تەسىرلىك جەڭ سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلايتتۇق. مۇشۇنداق چاغدا، ئويۇن دېسە بەشكۈنلۈك يەرگە چېپىپ بارىدىغان بالىلارمۇ ھەممە كەپسىزلىكلىرىنى تاشلاپ، تارىخچى تاغىلارنىڭ ئەتىراپىغا ھەسەل ھەرىسى گۈلگە ئولاشقاندەك ئولۇشىۋېلىشاتتى. تارىخچى تاغىلار بولسا تېخىمۇ روھلۇنۇپ كېتەتتى، __بۇ يەتتە قىزلارنىڭ باشچىسى مايسىخان ئىدى. ئۇ، ئۇچتۇرپاننى سورايدىغان ئېلى بەگ ئاتلىق بىر تۆرەمنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولۇپ، ئەقىل- پاراسەت ۋە ھۆسنى- جامالدا  تەڭداشسىز ئىدى. قىلىچۋازلىق، مەرگەنلىكتە ھېچبىر كىشى ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيتتى. ناخشا- ئۇسۇل، شېئىرىيەت بابىدىمۇ تەڭتۇشلىرىغا يول بەرمەس ئىدى. زوھرا، دىلبەر،غۇنچەم، گۈلئايىم،ئەختەرنىسا،  قەمبەرنىسا.... قاتارلىق ئالتە نەپەر قىز ئۇنىڭ ھەمساۋاقلىرى ۋە مەخسۇس نەۋكىرى ئىدى. ئۇلارمۇ ھۆسىن، پەزىلەت، پاراسەت ۋە ماھارەتتە يېتىلگەن قىزلار ئىدى. مايسىخانغا ھەمراھ بولۇپ، خۇددى ئەرلەردەك، ئات مىنەتتى. ئوۋ قىلاتتى. چەۋەندازلىقتىمۇ ھەممىنى تاڭ قالدۇرۇدىغان ماھارەت ئىگىلىرى ئىدى.... ئايلار ئۆتۈپ- يىللار ئۆتۈپ، ئېلى بەگ قازا قىلدى.  شۇنىڭدىن كېيىنلا، ئۇچتۇرپاندا ھەق- ئادالەت قۇياشىمۇ پاتتى. ئىنساپ- دىيانەتلەر كۆتۈرۈلۈپ، زۇلۇم- سىتەم چېكىگە يەتتى. ... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كونىلار « جىگدە يېغىلىقى » دەپ ئاتايدىغان بىر قوزغۇلاڭ بولدى. بۇ قوزغۇلاڭغا بىز گېپىنى قىلغان مايسىخاننىڭ چوڭ ئاكىسى رەخمىتۇللا، ئۇ جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، كىچىك ئاكىسى ئەسمىتۇللا باشچىلىق قىلدى. مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن بولغان بۇ ئۇرۇش شۇنچىلىك قاتتىق بولدىكى، بىر ئايغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇشتا ئەرلەرنىڭ تەڭدىن تولىسى قىرىلىپ تۈگۈدى. ئۇچتۇرپان شەھرى دۈۋە- دۈۋە جەسەتكە تولۇپ كەتتى. مانجۇلاردىنمۇ سان- ساناقسىز چېرىك ئۆلدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇچتۇرپان خەلقى شەھەرنى مانجۇ چىرىكلىرىگە  بەرمىدى. چوڭلار ئۆلسە، ياشلار؛ ياشلار ئۆلسە، گۆدەكلەر قولىغا قورال ئېلىپ، ئەزىز شەھرىنى جان تىكىپ قوغدىدى. ئۇچتۇرپان تارىخىدا، ياق، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەركىنلىك  ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇنداق مەردانە ئېلىشىش كام  كۆرۈلىدۇ. بەك كام كۆرۈلىدۇ! لېكىن، لېكىن... بالىلىرىم، شۇ ئارىدا ئۆز ئىچىمىزدىن خائىن چىقتى. ئاڭلاۋاتامسىلەر، ئارىمىزدىن مۇناپىق چىقتى بالىلىرىم! ئەسمىتۇللا بەگكە ئىتتەك سۇۋۇلىنىپ يۈرۈدىغان  شېرىپ، ساۋۇت دېگەن ئىككى مەلئۇن، سېپىل ئىچىدە تۇرۇپ شەھەرنى قوغداۋاتقان قېرىنداشلىرىنى، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرىنى  مانجۇ چېرىكلىرىگە سېتىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن شەھەر قولدىن كەتتى. بىر ئايدىن بۇيان سېپىل يېنىغا يېقىن يۇلىيالمىغان چېرىكلەر بىردەمدىلا شەھەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئۆلتۈرگەنلەرنى ئۆلتۈرۈپ، تېرىك قالغان ئونمىڭلىغان ئەركەكنىڭ قوللىرىنى باغلاپ، ئاتلارغا سۆرۈتۈپ، قامچا، كالتەكلەر بىلەن ئۇرۇپ، ئىلى تەرەپكە ئېلىپ ماڭدى. شۇنىڭدىن كېيىن، چېرىكلەر ئەر زاتى قالمىغان شەھەرنى خالىغانچە ئاياق- ئاستى قىلىشقا باشلىدى. دەل مۇشۇ چاغدا، جەڭ مەيدانىدىن ئاسراپ ئېلىپ چىققان قېرى- چورىلار، ئايال ۋە بالىلارنى قوغداپ، يىراق تاغ ئۆڭكۈرلىرىدە مۈكۈنۈپ ياتقان مايسىخان باشلىق يەتتە قىز ئەرەنچە ياسىنىپ جەڭگە كىردى. بۇلارنىڭ جەڭدىكى باتۇرلىقى، ۋاي بۇلارنىڭ قەيسەرلىكى!.....

         ھېكايە ئېيتىلىپ مۇشۇ يەرلەرگە كەلگەندە، مايسىخان باشلىق يەتتە پالۋان قىزنىڭ نۇرانە ئوبرازى كۆز ئالدىمىزدا قايتىدىن نامايان بولاتتى. بىز ئۇلارغا ئەگىشىپ، قانلىق جەڭ مەيدانلىرىغىچە كېتىپ قالاتتۇق....  

                                                                   (2)

           ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى. ھارارەتلىك قۇياش بىر خىلدا ئېسىلىپ تۇراتتى. يەر- جاھان گويا غايەت زور ئوت پۈركۈگۈچى جىسىمنىڭ تاپىنى ئاستىدا قالغاندەك يېلىنجاپ كۆيەتتى.   ھەممىلا ياق لاۋۇلدايتتى. يالىلدايتتى. ئاتەش زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى جىمى مەخلۇقات ئوت  تەپتىدىن ۋىژىلداپ ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ئىدى. كۆيۈكلەر ئېچىشاتتى، چىداپ بولماس ئاچچىق يۇتقاندەك، ئوت تىرنىدا نىقتاپ تىلغاندەك!...

       ئەتىراپ دېمىق ئىدى. نەپەس بۇغۇلاتتى. يۈرەكلەر قىسىلاتتى. قېلىن سېپىللار بىلەن قورشالغان قەدىمىي ئۇچتۇرپان شەھىرى جەسەتلەر خارابىسىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. شەھەرنىڭ ئۇ يەر- بۇ يەرلىرىدىن قۇيۇق ئىس كۆتۈرۈلەتتى. چىرىگەن جەسەتلەرنىڭ بەدبۇي پۇراقلىرى قېلىن سېپىل تېمىدىن ھالقىپ، يىراق- يىراقلارغىچە تارالغانىدى. توپ- توپ قاغا- قوزغۇنلار گويا پاراغەت مەرىكىسى بولغاندەك شەھەر ئاسمىنىدا تېنىمسىز ئەگىپ يۈرۈشەتتى....

          تاغ ئۈڭكۈرلىرىدە ئەنسىزلىك بىلەن مۈكۈنۈپ يۈرۈۋاتقان بوۋاي- مومايلارنىڭ  يۈرۈكى ھامان ئېغىپلا تۇراتتى. ياش قىز، جۇۋانلارمۇ خاتىرىجەم ئەمەسىدى. ئۇلار شەھەرنىڭ قولدىن كېتىشىدىن، ئوغۇللىرىنىڭ، ئەرلىرىنىڭ، يىگىتلىرىنىڭ بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىشاتتى. ھەممىنى خاتىرىجەمسىزلەندۈرگەن مۇشۇ كۈنلەر تېزراق ئۆتۈپ كەتسە؛ ئەرلەرنىڭ نۆسرەت خەۋىرىنى پاتراق ئاڭلىساق دەيتتى. لېكىن، كۈنلەر سوزۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. بۇنى ئاز دەپ، قانداقتۇر بىر نامەلۇم كېسەل سەۋەبىدىن  قېرى- چورىلار ۋە بالىلارنىڭ بىر قىسمى ئۆلۈپ كېتىۋاتاتتى. ئاچلىق ۋە تەشنالىق ئۇلارنى قىيناۋاتقان يەنە بىر تەھدىت ئىدى. تويغۇدەك يەيمەن، قانغۇدەك ئىچىمەن دەپ، سىرتقا چىقىپ كېتىشكە تېخىمۇ بولمايتتى. ئۆڭكۈر- ئۆڭكۈرلەردىن بالىلارنىڭ يىغىسى ئاڭلىناتتى. قېرىلار نالە قىلاتتى. ... مايسىخاننىڭمۇ بېشى قېتىپ كەتتى. ئۆڭكۈردىكىلەرنى باشلاپ باشقا ياقلارغا كېتەي، دەپ ئويلايتى- يۇ، يەنە سېپىل ئىچىدە جەڭ قىلىۋاتقان ئەرلەرگە تارتىشىپ كۆڭلى ئۇنىمايتتى. باشقىلارمۇ قىيماسلىقى مۈمكىنىدى. ئەسمىتۇللا بەگ: بىزدىن خەۋەر بولمىسا، يىراقلارغا كېتىڭلار، يەنە بىزگە بۇلۇشىمىز دەپ شەھەرگە كىرىپ يۈرمەڭلار دېگەن بولسىمۇ، ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق ۋە ھارغىنلىقلارغا چىداپ جەڭ قىلىۋاتقان ئەرلەرنى تاشلاپ كېتىشكە ھېچكىشى چىدىمايتتى. پەقەت چىدىمايتتى!...

        خۇدا، بىزگە ئوڭ كۆزۈڭدە قارىغايسەن. ئەرلەرگە نۆسرەت ئاتا قىلغايسەن !....

           سان- ساناقسىز ئاياللار، قېرى- چۆرىلەر قاتارىدا مايسىخانمۇ شۇنداق تىلىدى ئىچىدە. لېكىن، ئۇنىڭ كۆزلىرى ھامان شەھەر تەرەپتە ئىدى. ئەتىگەندە ماڭدۇرغان خەۋەرچى قىزنىڭ تېزراق كېلىشىنى كۈتەتتى. ...

        ئۇزۇن ۋاقىت، مىڭ  يىلدەك ئۇزۇن بىلىنگەن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. يۈرەكلەر چاك- چاك بولۇپ، كۆزلەر تېشىلەي دېگەندە، خەۋەرچى قىزنىڭ قارىسى كۆرۈندى. قېرى- ياش ھەممۆيلەن ئۆڭكۈردىن يۈگرەپ چىقىشتى.

       __ مايسىخان ئاچا!... مايسىخان.... __ ئاتنى بوراندەك چاپتۇرۇپ كەلگەن قىز، مايسىخاننىڭ ئالدىغا كېلىپلا، پالاققىدە يىقىلدى.

         مەلۇم بولدىكى، شەھەردە بىرەرمۇ تېرىك ئەر قالماپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ھايات قالغانلىرى سۈرگۈنگە ئېلىپ كېتىلىپتۇ. سېپىل ئىچىدە ئەرلەرنىڭ جەسەتلىرى دۈۋۈلىنىپ كېتىپتۇ. مانجۇ چېرىكلىرى كۆرگەنلا نەرسىنى بۇلاپ، ئۇچرىغانلا يەرگە ئوت قويۇپ، جەسەتلەرنى ئۇرۇپ- تېپىپ يۈرگىدەك... 

     ئۇزاققا سوزۇلغان يىغا  - زارە، دۇئا- تىلاۋەتتىن  كېيىن، بىر موماي ئېغىز ئاچتى:

    __ شۇ باتۇر شېھىتلىرىمىزنىڭ جەسەتلىرى بولسىمۇ خارلىقتا قالمىسۇن. مومايلار يىغىلىپ بېرىپ كۈمۈۋېتىپ كېلەيلى. سىلى  قېرى- چورى، قىز- جۇۋانلارنى باشلاپ، باشقا ياقلارغا كەتسىلە، مايسە گۈلۈم!...

    __ ياق، بىز بارايلى، __دېدى بىر بوۋاي دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، __جەسەتلەرنى كۆمۈۋېتىش بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ. شەھەر بىزنىڭ. تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرنى تاشلاپ  كەتكۈلۈك ئەمەس. ئەسمىتۇللا بەگنىڭ گېپىنى ئىلىك ئېلىپ، ئالتۇندەك يىگىتلىرىمىزنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدىن يېنىپ چىقىۋىدۇق. ئەمدى ئۇرۇشىمىز. قېرىپ قالغان بولساقمۇ بىز يەنىلا ئەر.  يىگىتلىك قورامىغا توشمىغان ئوغۇللىرىمىزمۇ چوڭلارغا بولۇشىمىز دەپ، ئۇرۇشتا شېھىت بولۇپ كەتتىغۇ. شۇ بىچارە بالىلارمۇ قورقمىدىغۇ، مايسىخان بالام!؟... يامىنى كەلسە، ھامان بىر ئۆلۈم!...

    __ بىز بارايلى، __دېدى يىغلاپ، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بىر قىز، ئاۋايلاپ ساقلاپ يۈرگەن  قېلىچىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، __ ئەرلەر قىرىلىپ، سۈرگۈن بولۇپ تۈگىدى. سەككىز- ئون ياشلىق بالىلارمۇ قالمىدى. ئەمدى ئۇرۇشۇش نۆۋىتى بىزقىزلارغا  كەلدى. يەنە نىمىدىن قورقۇمىز. نىمىگە تارتىشىمىز. ئەرلەر ئۈچۈن قىساس ئالايلى. ئۆلۈم دېگەن شۇنچىلىك بولۇدىغان ئىش ئىكەنغۇ!...

    __ بىز بارايلى!

    __ بىزمۇ بارايلى! 

            كىشىلەر تۇشمۇ- تۇشتىن چوقان سېلىشتى.  قان- ياشقا تولغان كۆزلەردىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرى چاقنىدى. مۇشتلار مەھكەم تۈگۈلدى.  ئىمانغا ئوخشاپ كېتىدىغان   بىر خىل بۈيۈك ۋە ئورتاق قىساس ئوتى ھەممە يۈرەكلەرنى تەكشى ئۆرتەپ ئۆتتى.             

            __رەھمەت، قېرىنداشلىرىم!... ھەممىڭلارغا رەھمەت!... __ دېدى، باياتىن بېرى ئۈن سېلىپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇپ تۇرغان مايسىخان، ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويۇپ تۇرۇپ، جامائەتكە ئېگىلىپ تەزىم قىلىپ، __ بېشىمىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەن بولسىمۇ، مەن يەنىلا  خوش بولدۇم. سىلەردىن خوش بولدۇم، قېرىنداشلىرىم!... ئۆلۈمدىن قورقمىغان خەلق ھېچنىمىدىن قورقمايدۇ. ھېچنىمىدىن قورقمىغانلارنى ھېچكىم يوقۇتالمايدۇ. بىزنىڭ بۇ زېمىندا، بۇ زېمىندا كۆز ئاچىدىغان ئەۋلاتلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشاپ قېلىشىمىزغا كۆزۈم يەتتى. ئەل رازى_ خۇدا رازى. ھەق بىز تەرەپتە، خۇدا بىز تەرەپتە! __ ئۇ، پورۇقشۇپ قايناۋاتقان قازانغىلا ئوخشاپ قالغان كىشىلەرگە بىر ھازا كۆڭۈل سۆزى قىلغاندىن كېيىن، ئۆز مەقسىتىنى بايان قىلدى، __ لېكىن... لېكىن، قېرىنداشلىرىم، بىز جىگەرلىك بولغان بىلەن، ياۋ قوراللىق. يەنە كېلىپ، قوراللىرى ناھايىتى خىل. مۇشۇنى بىلىپ تۇرۇپ، قېرى- چۆرىلەرنى ئۈلۈمگە تۇتۇپ بەرگەننىڭ بىزگە ھېچ پايدىسى يوق. ھېلىمۇ ئەرلەرگە بولۇشۇپ ئۇرۇش قىلىپ، ئېغىزلىرىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى تېمىپ تۇرغان بىرمۇنچە قىز- ئوغۇللىرىمىز شېھىت بولۇپ كەتتى. ئەسمىتۇللا ئاكام دېگەندەك،  بۇ يەردە تۇرغان بوۋاي- مومايلار بىزگە يەنە لازىم. قىز- جۇۋانلار كېيىنكى بالىلارغا لازىم. ھەممىمىز قىرىلىپ تۈگىسەك، بۇنىڭدىن كېيىنكى  قەھرىمان ئەرلىرىمىزنى كىم تۇغۇدۇ. بىزنى كىم ياد ئېتىدۇ؟!.... شۇڭا، ئۆزىمىزنى زورلاپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەيلى. ئالدى بىلەن، بىر ئاماللارنى قىلىپ سۈرگۈنگە كېتىۋاتقان ئەركەكلەرنى قۇتۇلدۇرايلى. بۇنىڭغىمۇ ھەممىمىزنىڭ بېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. شەھەرگە بىز يەتتىمىزلا  كىرەيلى. پەملەپ تۇرۇپ، مانجۇلارنىڭ مۇھىم ئادىمىدىن بىرقانچىسىنى  تۇتقۇن قىلىمىز.  بىزنىڭ ئادىمىمىزنى قويۇپ بەرسەڭ، بۇلارنى قويۇپ بېرىمىز دەيمىز. قالغان ئىشلارنىڭ قانداق بولۇشىنى خۇداغا تاپشۇردۇق. ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلارمىز.... ھېلىغىچە گېپىمنى ئاڭلاپ كەلدىڭلار. بۈگۈن ئاخىرقى قېتىم بىر ئاڭلاپ قويۇڭلار، قېرىنداشلىرىم. ئۈزۈڭلارنى باسالماي قېلىۋاتقان بولساڭلارمۇ، غەزىپىڭلار تېشىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بۆگۈن گېپىمنى  بىر ئاڭلاپ قويۇڭلار. سىلىدىن ئۆتۈنەي، ماڭا يول بېرىڭلار، قېرىنداشلىرىم!....

         مايسىخاننىڭ ياڭراق ئاۋازدا قىلغان تەسىرلىك سۆزلىرى ھەممىنى قايىل قىلدى. ئاخىرقى ھېساپتا، شەھەرگە مايسىخان ۋە ئۇنىڭ ئالتە نەپەر نەۋكىرى_ زوھرا، غۇنچەم، دىلبەر، گۈلئايىم، ئەختەرنىسا، قەمبەرنىسالار... كىرىدىغان بولدى. باشقىلار بولسا، رەمتىل بوۋاي ۋە زورىخان ئانىنىڭ باشچىلىقىدا خەۋەر كۈتۈپ تۇرۇدىغان، ئۈچ كۈنگىچە ئۇچۇر بولمىسا، باشقا يۇرتلارغا كېتىپ تۇرۇدىغان بولۇپ كېلىشتى.

      ئەرەنچە ياسانغان يەتتە قىز ئوقيا، قېلىچ بىلەن قوراللىنىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئاتلىرىغا مىنىشتى. پۈتۈن جامائەت دۇئاغا قول كۆتۈردى.

         __ دادامنى ئۆلتۈيگەن دۈشمەنگە كۈچىڭىز يېتەمۇ، مايشىگۈل ئاچا؟ __دەپ، مېڭىش ئالدىدا تۇرغان  مايسىگۈلنىڭ ئالدىغا تۇيۇقسىزلا يۈگۈردى، بەش- ئالتە ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا.

    __مېنىڭ كۈچۈم يەتمىسە، سەن بېرىپ ئۇرۇشىسەن. سېنىڭمۇ كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇكاڭ ئۇرۇشىدۇ __ دېدى مايسىگۈل، ئاتايىتەن ئاتتىن چۈشۈپ، ھېلىقى بالىنىڭ پىشانىسىگە سۈيۈپ قويۇپ، __ لېكىن، خاتىرىجەم بول، يىگىت.  بىز بېرىپلا ئۆزۈمىمزنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرمەيمىز. بىزنىڭ ئوينايدىغىنىمىز مۆكۈ- مۆكۈلەڭ ئويۇنى!...

        ئاتلار چېپىپ كەتتى. قەلبى سۈيۈنۈشكە تولغان كىشىلەر توپا توزۇتۇپ كېتىۋاتقان چەۋەندازلارنىڭ ئارقىسىدىن ياشلىق كۆزلىرىنى ئۈزمەي قاراپ قېلىشتى...

                                                                 

                                                                 (3)

             __ يامان بولدى، گېنىرال ئالىيلىرى....بەك  يامان بولدى!

    بامدات ۋاقتى ئىدى. كۈچەپ شورىغان ئەپيۇننىڭ خاسىيىتى  بىلەن كۆزى ئەمدىلا ئۇيقۇغا ئىلىنغان ئاگۇي يەنە ئۇيغۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. ئۇيقۇ شىرىن بولسىمۇ، بۇنداق ئەنسىزلىكتە ئۇيغانماي بولمايتتى. كۆز ئالدىدىكى شان- شەرەپ تاجى   ئۇيقۇدىنمۇ شېرىن ئىدى. ئۇنى ئاستانىدىن تولىمۇ يىراق بولغان بۇ تېنچسىز جايغا سۆرەپ كەلگىنىمۇ دەل مۇشۇ شىرىن شەرەپ تاماسى ئىدى. بۇ يەرنى چاقماق تېزلىكىدە تىنجىتسا، چەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا قوشلاپ مەرتىۋە ۋە شان- شەرەپلەر ئىنئام قىلسا، ئۇنىڭ مۇبارەك نامى چىڭ ئېلىنىڭ ھەممىلا يېرىگە تارالسا!....

           ئەمما، بۇ شېرىن خىيالىمۇ خۇددى ئۇيقۇسىدەكلا ھېمىشە يېرىم يولدا ئۈزۈلۈپ قېلىۋاتاتتى. راستىنى دېگەندە، ئۇچتۇرپان ئاتالغان بۇ غەلىتە يۇرتقا قەدەم باسقاندىن بېرى بىرەر قېتىممۇ قانغۇدەك ئۇخلاپ باقمىغانىدى ئۇ. چىلىم تارتىپ، زورىغا ئۇخلىغان ھالەتتىمۇ ئەھۋال يەنىلا بۈگۈنكىدەك بولاتتى. كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ،  خىيال سۈرۈپ ياتقان تەقدىردىمۇ، خىيالىنىڭ ئايىقىنى چۈشۈرۈشكە يەنىلاپۇرسەت يوق ئىدى!....

        __ ھە،  نىمە ئىش بولدى؟..... نىمە يامان بولدى؟....__ ئۇيقۇسىزلىق ۋە مەستلىكتىن گاراڭلاشقان بېشى زىڭىلداپ ئاغرىپ تۇرۇۋاتسىمۇ، مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە كۆرپىدىن دەرھال ئۈرە بولۇپ ئولتۇردى ئۇ. شۇئان، غاز قانىتىدىن ياسالغان غايەت زور يەلپۈگۈچنى كۆتۈرۈشكەن ئىككى قىز ئۇنىڭ ئىككى تەرىپىدىن يەلپۈشكە باشلىدى. ئەتىراپتىكىلەر، يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان خاس  چاپارمەنگە ئەنسىزلىك بىلەن قاراشتى، __ ھە، تىلىڭنى چاينىماي، نىمە بولسا شۇنى تېز ئېيت! __دېدى ئاگۇي، ئىششىغان كۆزلىرىنى مىڭ تەسلىكتە ئېچىپ. دېمىسىمۇ، ئېغىرراق ئىككىنى تىنىپ بولغۇچە، « يامان بولدى» بىلەن باشلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنسىز خەۋەرلەر  ئۇنىڭ ھېچ ئارامىنى قويمىغانىدى.  

    __  يامان بولدى.... ھېلىقى يەتتە ئوغرى ئېلى  بەگنىڭ ئوردىسىغا تۇيۇقسىز ھوجۇم قىلىپ، كاتىخەي جاناپلىرى تۇرغۇزغان  قاراۋۇللارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى  قىرىۋېتىپتۇ....

    __ ئەي ...يا!... __ چاپارمەننىڭ گېپى تۈگەپ بولغىچىلا كۆڭۈلسىز توۋلىۋەتتى ئۇ، __ نىمە دېگەن ئەسكى خەق. نىمە دېگەن يامان ئوغرىلار!...

    __ يەنە بار. تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئېلى بەگنىڭ ئوردىسىنى ئىگىلەپ ياتقان كاتىخەي جاناپلىرىنى  ئەسىر ئالماقچىكەن ئۇلار. سۈرگۈنگە ئېلىپ كېتىۋاتقانلارنى قويۇپ بەرمىسە، كاتىخەينى  تۇتۇپ، ئۆلتۈرىۋېتىمىز، بەگلەرنىڭ بىرسىمۇ ساق قالمايدۇ دېگۈدەك، گېنىرال ئالىيلىرى!...

    __ ھە، ئۆلتۈرىمىز؟!...يەتتە ئوغرى!؟...

        ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك، ئەمما ۋارقىراپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى ئاگۇي. شۇئان ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. گاراڭ بېشى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، مەستلىك پاتقىقىغا قايتىدىن مىلەنگەندەك بولدى.

        « يەنە شۇ يەتتە ئوغرى!... يەتتە ئوغرى!!... » ئۆزىنى ھېچ ئارامىدا قويمىغان بۇ يەتتە ئوغرىلارنى ئېزىقىغا ئېلىپ چايناۋاتقاندەك بىر خىل ھالەتتە چىشلىرىنى غۇچۇرلاتتى ئۇ. مۇشۇنداق چاغدا، سەركەردە، لەشكەرلەرنىڭ دىلىغا ۋەھىمە سالغان بۇ يەتتە ئوغرى يەتتە ئەمەس، يەتتە تۈمەندەك؛ ئادەم ئەمەس، ئەزرائىلدەك بىلىنىپ كېتەتتى.   بىر تۇرۇپ، بارى-يوقى يەتتىلا ئادەمنىڭ شۇنچە كۆپ ئىشلارنى تېرىۋەتكىنىگە ئىشەنگۈسىمۇ كەلمەي قالاتتى. لېكىن،  پاكىت ئىشەنمەسلىككە يول قويمايتتى. ئىككى كۈندىن بېرى« يامان بولدى»دېگەن سۆز بىلەن قوشۇلۇپ كېلىۋاتقان  دوكلاتلار ئۇنىڭ يۈرۈكىگە خەنجەر بولۇپ قادىلىپ تۇراتتى:  

    __ يامان بولدى، يەتتە ئوغرىغا جازا يۈرۈشىگە بارغان ناشىتۇڭ جاناپلىرى تۆت لەشكەر بىلەنلا قايتىپ كەلدى. باشقا يۈز نەچچە لەشكەر قىرىلىپ تۈگەپتۇ!....

    __ يامان بولدى، سۈرگۈندىكى ئوغرىلارنى ئېلىپ كېتىۋاتقان قوشۇننىڭ ئارقا سەپ قىسمى ھۇجۇمغا ئۇچراپتۇ. تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان ئاتلىق يەتتە ئوغرى بىر مۇنچە لەشكەرنى قىرىپ تاشلاپ، ئوزۇق- ئاۋقاتلارغا ئوت قويۇۋېتىپتۇ!...

    __ يامان بولدى، بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن شىرىپ بەگ بىلەن ساۋۇت بەگ كېچىدىن نامەلۇم ئوغرىلار تەرىپىدىن دارغا ئېسىلىپتۇ!....

    __ يامان بولدى، كوچا چارلاپ يۈرگەن تۆت لەشكەر ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈپتۇ!...

    __ يامان بولدى، ئاق توقايدىكى ھەربىي ئىسكىلاتقا ئوت قۇيۇلۇپتۇ!...

    __يامان بولدى!...

    __يامان بولدى!...

     مانا بۇلارغا ئىشەنمەي مۈمكىن ئەمەسىدى. يەنە كېلىپ، بۇنداق دوكلاتلار بارغانسېرى كۆپۈيۈپ كېتىۋاتاتتى.

      « كاتىخەينىڭ ئاخشامقى زىياپىتىنى رەت قىلىپ توغرا قىپتىكەنمەن، __ دەپ ئويلىدى ئاگۇي، ئىچ- ئىچىدىن تىترەك باسقان ھالدا، __ ئەگەر ئۇنىڭ يېڭىدىن قولغا چۈشۈرگەن  قوراسىدا  كەيىپ سۈرۈمەن دەپ تۇرغان بولسام، مەنمۇ ئامان قالماس ئىكەنمەن.ئەقلىمگە بارىكاللا. مېنى يۆلىگەن ئەجداتلىرىمنىڭ روھىغا رەھمەت!...   __ سەلدىن كېيىن يەنە ئويلىدى ئۇ، __ لېكىن، لېكىن... شۇ يەتتە ئوغرىنىڭ ئىشىنى قانداق قىلارمىز؟ زور ھەيۋە بىلەن كەلگەن مىڭرۈي، ناشىتۇڭلارمۇ كارغا كەلمىدى….  بىرىنى كۆزدىن يۇقۇتۇپ بولغۇچە،  يۈزى پەيدا بولغان.... باشقا ئۆلكىلەردە  بۇنىڭدەك ئادەملەرنى زادىلا كۆرمەپتىكەنمەن. بۇ خەقنى تىنجىتقىلى بولغان تەغدىردىمۇ، تىز پۈكتۈرگىلى بولمىغۇدەك. ھەجەپمۇ يامان خەق ئىكەنا بۇ... تېخى يېقىندىلا __ ئەسمىتۇللا باشلىق توپىلاڭچىلار سۈرگۈنگە ھەيدىلىشنىڭ ئالدىدىلا سۇچىڭ  بىلەن ئابدۇللا بەگنى ئۆلتۈرۈشكەنىدى، مانا بۆگۈن كاتىخەينى  ئەسىر ئالسا، ئەتە ناشىتۇڭنى  تۇتۇۋالسا، ئۆگۈنلۈككە مىڭرۈينى، ئۇنىڭدىن كېيىن....»

        ئۇ، ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. مەيلى قايسى تەرەپتىنلا ئويلىسۇن، بۇ يەتتە ئوغرى ئۇنىڭغا تەڭلىنىپ تۇرغان شەمشەر، ياق، زەھەرلىك ئوق ئىدى. مەخسۇس قوشۇن تارتىپ كېلىشكەن مىڭرۈي بىلەن ناشىتۇڭمۇ بۇنىڭغا ھچ ئامال قىلالمايۋاتاتتى. نىمە قىلماق لازىم؟ ئۇچتۇرپاندا پەقەت يەتتە ئىسيانچى ئوغرى قالدى دەپ بېرىپ، خان ئالدىدا رەسۋا بولسۇنمۇ. ياكى بۇلارنى يوق قىلىمەن دەپ، ئۆزىنى قۇربانلىققا تۇتۇپ بەرسۇنمۇ؟ سۈرگۈندىكىلەرنى قويۇپ بېرىپلا، يەتتە ئوغرىنىڭ ۋەھىمىسىدىن بىراقلا قۇتۇلسۇۇنمۇ يا؟ ياق،  بۇنداق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايتتى. ئۇلارنى قويۇۋېتىش ساناقسىز بۆرىنى ئالدىغا باشلاپ كەلگەنلىك ئىدى....ئۇ، ئۆزىنى قىسمەت دەرياسىنىڭ قاق ئوتتۇرۇسىدا تۇرغاندەك ھېس قىلاتتى. دەريانىڭ بىر قېشىدا خان، يەنە بىر قېشىدا يەتتە ئوغرى تۇراتتى. شەرەپ قۇچۇپ، خان ئالدىغا بېرىش مىسلىسىز شۆھرەت ئىدى- يۇ، بۇ شۆھرەت جان تەسەددۇق قىلىشنى بەدەل قىلىشى مۈمكىن ئىدى. ئاخىرقى يەتتە ئوغرىنى يوق قىلىشمۇ  بۈيۈك خاننىڭ مۇبارەك دىدارىغا شەرەپ بىلەن ئۇلاشتۇرۇدىغان يول ئىدى-يۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن قىلىنغان تەۋەككۇلنىڭ ئاقىۋىتىگە ھېچكىشى بىرنىمە دېيەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھە دېگەندىلا ئۇنى قارا بېسىپ تۇرۇۋاتاتتى. بۇ، ئۇنىڭغا بېرىلگەن بىشارەتتۇر، ۋە بەلكى ئەجداتلار روھىنىڭ ئۇنى چۈش ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرغىنىدۇر...  

        چۈش ھەققىدە ئويلىسىلا،  ئۇنى ئەسەبىي تىترەك بېسىپ كېتەتتى. گەرچە ئۇ ، ئىشرەت، زىياپەتلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، خاس خانىدا قاتتىق مۇھاپىزەت بىلەن تۇرۇۋاتسىمۇ، تاڭ ئاتقۇچە قارا بېسىپ، تۈزۈكرەك ئۇخلىيالمايتتى. كۆزلىرىدىن قىساس ئوتى يېنىپ تۇرغان يەتتە ئوغرى( ئۇ، بۇلارنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ) ئورغاق، پالتا، پىچاق كۆتۈرگەن سان- ساناقسىز كىشىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ، ئۇ ياتقان ئۆيگە باستۇرۇپ كىرەتتى. بەزىدە ئۇنى ئاتقا سۆرۈتەتتى. يەنە بەزى كەچلىرى ئەسمىتۇللا باشچىلىقىدىكى سۈرگۈنگە ھەيدەلگەن كىشىلەر قايتىپ كېلىپ،  ئۇنى دارغا ئاساتتى، ئۈلۈكىنى سازايى قىلاتتى... مۇشۇنداق چاغلاردا ئۇ، چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ كېتەتتى. قاتتىق ۋارقىراپ قوپقان چاغلىرىمۇ بارىدى.  «ئاستانىگە ساق- سالامەت قايتالمايدىغان ئوخشايمەن، __ دەپ ئويلايتتى ئۇ، غال- غال تىترەپ تۇرۇپ، __ يۈننەن، گۇيجۇدەك خەتىرى تولا يەردىن سالامەت كېلىپ، مۇشۇ چەت جايدا ئۈلۈكىم قالىدىغان ئوخشايدۇ... خان ئالىيلىرىنىڭ ماڭا ئىشەنگىنىگە ھەشقاللا، دېمەي، باشقىچە بىر باھانا كۆرسەتسەم  بولماسمىدى. بۇ ۋەزىپىنى خوشاللىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغان سەركەردىلەر كۆپ ئىدىغۇ؟...» لېكىن  بىردەملىك ۋەھىمىدىن كېيىن، ئۇنى يەنە ۋەسۋەسە باساتتى. شۆھرەت ۋەسۋەسىسى، مەنسەپ ۋەسۋەسىسى، بايلىق ۋەسۋەسىسى!....

       __ چىقىپ كەت! __ دېدى ئۇ، ھېلىغىچە تىزلىنىپ تۇرغان چاپارمەنگە،ئارقىدىن ھەممۆيلەنگە ۋارقىرىدى،__ سەنلەرمۇ چىقىپ كېتىش. ھەممىڭ يوقۇلىش!

        شان- شەرەپ كۆلەڭگۈسىدە چىقىرىلغان ئەقلىي خۇلاسە ئۇنى تېخىمۇ تىرىككەك قىلىۋەتكەنىدى. « بۈيۈك چىڭ ئېلىنىڭ ئەمەلدارلىرى مۇشۇنداق نانقېپى بولسا قانداق بولغىنى؟! __ دەپ قاينايتتى ئۇ، __ بىر شەھەرنىڭ  ئەمەلدارى  بولسۇنۇ، ئۆز قوراسىنى   قوغدىيالمىسۇن.  شۇنچە لەشكىرى  بىلەن يەتتە ياۋايىغا كۈچى يەتمىدى  دېسە نىمە دېگەن سەتچىلىك!؟... ھارامتاماق. يارىماس ئېشەك!....» ئۇ، بارغانسېرى ئۆزىنى باسالمايۋاتاتتى. ئۇنىڭچە بولسا، يارىماس كاتىخەي دېگەننى ئاشۇ ئوغرىلارغا تاشلاپ بېرىپ، قىيما- چىيما قىلدۇرۋەتكۈسى بارىدى. بىراق، خاننىڭ غەزىپىدىن قورقاتتى. غەلىتە مىجەز بۇ خاننىڭ چەت  جايلاردىكى ئەمەلدارلارغا   باشقىچە قارايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى.

       ئۇ، نىمە قىلىش مەسىلىسىدە بىر قارارغا كېلەلمەي بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى. ئېلى بەگ ئوردىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن يەتتە ئوغرىنى  قورشاپ، كاتىخەينى قۇتقۇزايلى  دەپ ئويلايتتى- يۇ، يەنە ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. كاتىخەينىڭ  ئىشىنى بىلمىگەنگە سالماقچىمۇ بولاتتى-يۇ، خاننىڭ خەۋەر تېپىپ قېلىشىدىن قورقاتتى. ئۇنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغان مۇشۇ پەيتتە، يەنە بىر چاپارمەن خەۋەر ئېلىپ كىردى.

      __ سەركەردە ئالىيلىرىغا مەلۇم بولغاي! كاتىخەي جاناپلىرى ئشىك تۈۋىدە ئىجازەتلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇدۇ. ئۇ ئېغىر يارىلىنىپتۇ. بىر قولۇقى كېسىۋېتىلىپتۇ.  ھېلىقى يەتتە ئوغرى: سۈرگۈندىكىلەر بۆگۈنلا قويۇپ بېرىلمىسە، بېيجىندىن كەلگەن سەركەردىنىڭ  ئاقىۋىتىمۇ مۇشۇنداق بولۇدۇ. سەركەردە، بەگلەرنىڭ بىرىمۇ ساق قالمايدۇ،  دېگۈدەك. ئۇ يەتتە ئوغرى ئەرەنچە ياسىنىۋالغان ئاياللارمىش!...

    __ نىمە؟ ئايال؟!...

    __ ھە- ئە، ھەممىسى ئاياللار ئىكەن، جاناپلىرى.  

    __ سىڭكۇ!... __ ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ كەتتى ئاگۇي، __  بىز شۇ كەمگىچە ئاشۇ ئاجىز يەتتە ئايالنىڭ پاراككەندىچىلىكىگە چىداپ كەلگەندىمىزمۇ؟ ھەي!.... __ غەزەپ بىلەن يەرنى تېپىشكە باشلىدى ئۇ، __ شەرمەندىچىلىك. چىداپ تۇرغۇسىز شەرمەندىچىلىك!....__ ئۇ، بىردىنلا خەۋەرچىگە ۋارقىرىدى، __ كاتىخەي  كىرسۇن!... سەركەردە، بەگلەرنىڭ ھەممىسى كىرسۇن!!...

         سەركەردىدىن تارالغان سۈرلۈك كەيپىيات ھەممىنىڭ چىرايىغا يۇقتى. ئوردىغا ئوخشاپ قالغان بۇ كىچىككىنە  ئويدە  يەنە بىر جىددى پىلان تۈزۈلىدىغاندەك قىلاتتى...

    (4)

              كۈن چىقتى. « توققۇز بۇلاق» قا  جايلاشقان مەشھۇر ئېلى بەگ ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، كېچىنى جەڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن  مايسىگۈل مانا ئەمدى ھالىدىن كېتىۋاتاتتى. باشقا قىزلارمۇ چىداپ تۇرغۇسىز ھارغىنلىق سېزىشەتتى. راستىنى دېگەندە، جەڭنىڭ بۇ قەدەر ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئۇلار زادىلا ئويلىمىغانىدى. ئۆزەم چوڭ بولغان بۇ ئوردىنى بىردەمدىلا ئېلىپ بولۇمىز، دەپ ئويلايتتى مايسىگۈل. ئوردىنىڭ ھەممىلا يېرى تونۇش بولغاندىكىن، مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقىچە تۇتۇۋالىمىز، دەپ ئىشىنەتتى قىزلار. لېكىن ئەھۋال ئۇلار ئويلىغاندەك ئاددىي بولۇپ چىقمىدى. شۇنچە كۆپ چىرىكنى بىر- بىرلەپ جەھەننەمگە ئۇزاتقان بولسىمۇ، يەنە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقى ئۈزۈلمىدى. بىرنى يوقاتسا، ئونى؛ ئوننى يوقاتسا، يۈزى يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. ھەيران قالارلىقى، ئۇلار ھېچ ئويلىمىغان يەردىن چىقىپ ھوجۇم قىلاتتى. تاغ ئۆڭكۈرىدىن چىقاتتى، ئوردا ئامبىرىدىن چىقاتتى؛ باغ شورىسىدىن كېرەتتى، سېپىل ئۈستىدىن كېلەتتى. يەنە كېلىپ، بارغانسېرى كۆپ، بارغانچە ئەسەبىي!...  

          ئوردىنىڭ ئىچى- تېشى، ئەتىراپى جەسەتلەر بىلەن تولوپ كەتكەنىدى. ھەربىي فورما كىيىشكەن چىرىكلەر تەرەپ- تەرەپتە ساينىڭ تېشىدەك ياتاتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى تىنىقتىن قالغان. ئايرىملىرى ئاجىز ۋايجانلايتتى.  قىزلارنىڭ بۇلارغا قارىغۇدەكمۇ  چۇلىسى يوق. ئۇلار ، ئويلىمىغان ياقلاردىن يۇپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان چىرىكلەرگە قېلىچ ئۇراتتى، ئوقيا ئاتاتتى... شۇنداقتىمۇ، چىرىكلەر تۈگەيدىغاندەك ئەمەسىدى. قېلىچ ئۇرۇشۇش، چېپىشىش، تىركىشىش!...

       نەيزە، قېلىچلارنىڭ جان ئالغۇچ ئاۋازلىرى بىلەن تولغان بىر كېچە ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، ئاجايىپ ماھارەت ۋە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلغان قىزلارمۇ ھالسىزلاندى. بىراق، ئەمدى توختىۋېلىشقا بولمايتتى. كۆزلەر يۇمۇلۇپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئۇيقۇسىراپ  كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئاچلىق ۋە تەشنالىققا ھارغىنىلىق قوشۇلۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ!.....

        ئۇلار بىر تەرەپتىن، تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىۋاتقان چېرىكلەر بىلەن ئېلىشقاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئوردىنىڭ بارلىق ئۆي- خانىلىرى، بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىنى ئالا قويماي ئاختۇرۇۋاتاتتى. شۇنداقتىمۇ، ئاگۇي، مىڭرۈي، كاتىخەي دېگەنلەرنى ھېچ تاپالمايۋاتاتتى. ئۇ دەيۈزلەر تۇيدۇرماي قېچىپ كەتكەنمىدۇ. ياكى ئاللىقاچان قېلىچ ئاستىدىن ئۆتۈپ بولغانمىدۇ؟ ئۇلارنىڭ چېرىكلەرچە سالاھىيەت بىلەن قېلىچ كۆتۈرۈپ جەڭگە چىقىدىغانلىقىغا قىزلار زادىلا ئىشەنمەيتتى. جەڭگە چىقمىغانىكەن، دېمەك ئۇلار ھايات. ئۇنداقتا، ئۇلار زادى نەدە؟ مۆكىۋالدى دېيىلسە، زادى نەگە مۆكتى؟...

       ئوڭ قولىدا قېلىچىنى مەھكەم تۇتۇپ، سول قۇلى بىلەن ئوردا تاملىرىنى سىيپاشتۇرۇپ، ئەتىراپنى ھۇشيارلىق بىلەن قىدىرىپ كېتىۋاتقان مايسىگۈل بىردىنلا، ئاخشامقى ئەسىر چېرىكنىڭ ئىقرارىنى ئەسكە ئېلىپ قالدى. چېرىك: بۆگۈن كەچتە، كاتىخەي ئاگۈي بىلەن مىڭرۈي، ناشىتۇڭلارغا ئوردىدا زىياپەت بېرىدۇ، دېگەنىدى. شۇ نېجىس جېنى ھەلقۇمىغا كەلگەندىمۇ يالغان ئېيتقانمىدۇ؟ بۇلارنى ئوردىغا ھۇجۇم قىلدۇرۇپ، قىلتاققا ئىلىندۇرماقچى بولغانمىدۇ؟ ياكى بۇ قانخورلار ئوردىدا راستىنلا بار بولۇپ، بۇلارنىڭ شەپىسىنى ئاڭلاپ قېچىپ كەتكەنمىدۇ؟... تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلاشقا پۇرسەت يوق ئىدى. قېدىرىش، توختىماي قېدىرىش، ھۇشيارلىق بىلەن قېدىرىش... ئۇلار پەقەت شۇنىلا ئويلايتتى. شۇنىڭغىلا ئالدىرايتتى.

       ئۇيقۇ ۋە تەشنالىقتا بەكلا ھالسىزلىىنىپ كەتكەن مايسىگۈل، ئۆزىگە تونۇش ئايۋاننىڭ ھەشەمەتلىك تۈۋرۈكىگە ئېسىلىپ بىردەم تۇرۇپ قالدى. دەل شۇ چاغدا، شاھانە ئىشكاپ كەينىدىن قېرى بىر چېرىك قېلىچ كۆتۈرۈپ ئاستا چىقىپ كەلدى. ئۇ، مايسىگۈلنىڭ نەق بوينىنى چەنلەپ كەلمەكتە ئىدى. بۇنى مايسىگۈل زادىلا سەزمىدى. ئەمما، بىر چەتتە مايسىگۈلنى مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرغان زوھرا ھەممىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇراتتى. ئۇ، ئەھۋالنىڭ جىددىيلىكىنى بىلىپ، چاقماق تېزلىكىدە ئوقياسىنى توغرىلىدى ۋە قېرى چىرىك قېلىچىنى كۆتۈرۈپ بولغۇچە، ئۇنى ئوقىغا يەم قىلىۋەتتى. چىرىك ئا-ئا-ئا!... دەپ ۋارقىرىغىنىچە، مايسىگۈلنىڭ ئارقىسىغىلا يىقىلدى. چۈچۈپ كەينىگە ئۆرۈلگەن مايسىگۈل ئاۋۋال چېرىكنى، ئاندىن يىراقتىن ئۆزىگە قاراپ تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان زوھرانى كۆردى. ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم ئۆلۈم ئېغىزىدىن قۇتقۇزغان بۇ چېچەن قىزنىڭ كۆزلىرى پۈرۈلۈپ، كالپۇكلىرى  گەز باغلاپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا سەگەك ۋە جۇشقۇن كۆرۈنەتتى. مايسىگۈل ئۇنىڭغا قاراپ سۈيۈنۈش بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويدى. شۇئان، ئۆزىگىمۇ قايتىدىن جان كىرگەندەك بولدى. ئاچلىق، تەشنالىق... دېگەنلەرنى بىراقلا ئەستىن چىقاردى.

         چىرىكلەر يەنە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى....

        توختىماي قېلىچ ئۇرۇۋاتقان مايسىگۈل، كېچىدىكى يەنە بىر چىرىكنىڭ ئىقرارىنى خىرە- شىرە ئەسكە ئالدى.

    __ مەن كاتىخەي ئەمەس... كاتىخەينى مەن تونۇيدۇ. ئۇ، قاچتى....__ دېگەنىدى، زەردار سۈپەت بىر چىرىك، بوينىغا تەڭلەنگەن قېلىچتىن غال- غال تىترەپ.

    __ ئاگۇيچۇ، ئاگۇي نەدە؟! __ چىرىكنىڭ ئۇزۇن چېچىنى مەھكەم قاماللىغان مايسىگۈل، قېلىچنى ئۇنىڭ كېكىردىكىگە تەڭلەپ تۇرۇپ، زەردە بىلەن ۋارقىرىدى.

    __ ئاگۇي بۇ يەرگە كەلمىگەن... ئۇنىڭ ھازىر نەدىلىكىنى مەن  بىلمەيدۇ...

    __ سەن نىمە ئادەم؟!

    __ مەن كاتىخەينىڭ پۈتۈكچىسى...خەت يازىدۇ، بۇيرۇق يازىدۇ... __ تىترەپ تۇرغان قولى بىلەن خەت يازغان ھەرىكەتنى كۆرسەتتى ئۇ.

    __ ئۇنداقتا، سېنى كاتىخەي، مىڭرۈي، ئاگۇيلارغا خەۋەرچى  قىلىپ ئەۋەتىمەن. ئۇلار سۈرگۈندىكىلەرنى بۆگۈندىن قالدۇرماي قويۇۋەتسۇن. بولمىسا، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ساق قالمايدۇ. نوچى بولسا، بۇلۇڭغا مۆكۈنۈۋالماي، ئۇرۇش مەيدانىغا ئۆزى چىقسۇن. ئۆزىنى ئەر ساناپ يۈرگەن شۇ قانخورلار بىز قىزلار بىلەن يەكمۇ يەك ئۇرۇشۇپ باقسۇن!...

    __ مەن دەيدۇ... دەيدۇ!... __ تىترەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى چىرىك، __ سۈرگۈندىكىلەرنى قويۇۋەتسۇن، قىزلار بىلەن ئۆزى چىقىپ ئۇرۇشسۇن دەيدۇ!... مەن مىڭرۈينىمۇ،  ئاگۈينىمۇ تونۇيدۇ. مەن ئۇنىڭغا ھەممىنى دەيدۇ. چوقۇم دەيدۇ!...

        ئىبرەت ۋە بىشارەت بولسۇن ئۇچۇن، بىرمۇنچە جەڭ بىلەن قولغا چۈشكەن بۇ يارىدار چىرىكنىڭ بىر قولۇقىنى كېسىپ تاشلاپ، بىرمۇنچە دوق- ھەيۋىلەر بىلەن يولغا سالغانىدى. مانا ئەمدى شۇ چىرىك كاتىخەينىڭ دەل ئۆزىدەك بىلىنىۋاتاتتى. كېچىدە ئۇنى تونۇماي قاچۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى. مايسىخان بۇنىڭ ئۈچۈن سەل ئەپسۇسلانغاندەك قىلدى- يۇ، يەنە دەرھاللا بوپتۇغا چىقىرىۋەتتى. چۈنكى، قولۇقى كېسىلگەن شۇ كاتىخەي ھېچبولمىسا ئاگۇيغا خەۋەر ئېلىپ باراتتى.....

           مايسىگۈلنىڭ پەرىزىنىڭ توغرىلىقى ئىسپاتلاندى. تولوق قوراللانغان چىرىكلەر ئۇۋۇسى چۇۋۇلغان ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ  كەلمەكتە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىز ھالدا ئېتىلىپ كېلىشلىرى ۋە تۇرقىدىكى مۇغەمبەرلىكىدىن سىرتتىن يۆتكەپ كېلىنگەن چېرىكلەر ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.

        ھەش- پەش دېگۈچە سېپىل سىرتى، ئوردا ئەتىراپى مانجۇ چېرىكلىرى بىلەن قاتمۇ قات قورشالدى. پەقەت توققۇز بۇلاق ئوردا بېغىنىڭ يان تەرىپىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن مۆلجەر تاغلا ئادەمسىز، پەرۋاسىز ھالدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

          قىزلار چۈشەندىكى، ئەمدى ئۇلارغا جان تىكىپ ئېلىشماقتىن باشقا يول قالمىغانىدى. تىرىك قولغا چۈشۈشكە ئەسلا بولمايتتى. بەتبەشرە دۈشمەننىڭ ئۆزلىرىنى ئاياغ- ئاستى قىلىشلىرىغا يول قۇيۇشقا زادىلا بولمايتتى! گۈلھەسەلخاننىڭ كۈنىگە قېلىشقا تېخىمۇ بولمايتتتى!! بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىشىش، جېنى تېنىدىن جۇدا بولغىچە توختىماي ئېلىشىش كېرەك ئىدى!....

         قانلىق جەڭ ئۈن- تۈنسىزلا باشلىنىپ كەتتى. تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ تېنىم تاپماي ئېلىشىۋاتقان قىزلار، مانا ئەمدى تېخىمۇ كۆپ ۋە كۈچلۈك دۈشمەنگە دۈچ كەلگەنىدى.

         دۈشمەنلەر چەمبەر شەكلىدە قورشاپ، دائىرىنى بارغانسېرى تارايتىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ئاللىنىمىلەرنى دېيىشىپ، بېزەڭلەرچە كۈلۈشەتتى. كۆرەڭلىك بىلەن قېلىچ ئۇراتتى. يەتتە قىزنىڭ قايسىدۇر بىرىنى ئەڭ  دەسلەپ قولغا چۈشۈرۈشنى بىر- بىرىدىن قىزغىنىشىۋاتقاندەك، بەس- بەستە،  ئەسەبىيلىك بىلەن ئۆزىنى ئۇلارغا ئاتاتتى....

          ئېلىشىش، چېپىشىش.... داۋام قىلاتتى. تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېلىچ ئۇرۇپ كەلگەن سان- ساناقسىز چېرىك بىر- بىرلەپ يەر چىشلىدى. ئارقىدىن ئېتىلىپ كېلىۋاتقانلارمۇ قىساس شەمشەرلىرىدىن  قېچىپ قۇتۇلالمايۋاتاتتى. بۇنداق كېتىۋەرسە، يۆتكەپ كېلىنگەن چېرىكلەرمۇ خۇددى يەرلىك چېرىكلەردەك ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى مۈمكىن ئىدى.

          شۇ ئارىدا، مىڭرۈي يېنىدا تۇرغان ناشىتۇڭغا غەزەپلىك كالدىرلىدى. شۇئان، ناشىتۇڭمۇ قېلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ھۇجۇم سېپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.  سەركەردىسىنىڭ پەيلىدىن چۆچىگەن چېرىكلەر ئۆلەر- تىرىلىشىگە قارىماي ئالغا ئىنتىلدى...

           ھەرياندىن قاپساپ كەلگەن قانلىق قېلىچلارنى چاققانلىق بىلەن توسۇپ، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن دۈشمەننى ئاۋۋال يەر چىشلىتىۋاتقان مايسىگۈل، ھەمراھلىرىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى. ئۇلار، تولۇق بىر كېچە ئارام ئالماي جەڭ قىلغان پىداكار قىزلار خۇددى ھازىرلا جەڭ مەيدانىغا كىرگەن باھادىرلاردەك كۈچ بىلەن قېلىچ ئۇراتتى. چىۋەرلىك بىلەن سانجىيتتى. ئەجەللىك جايغا چاپاتتى. ..  « ياشاپ كەت، سىڭلىم زوھرا! ياشاپ كەت، ئەختەرنىسا!... ھەممىڭلار ياشاپ كېتىڭلار. ھەممىڭلارغا بارىكاللا!...»مايسىگۈل شۇلارنى ئويلاۋېتىپ، ئىككى ياندا ئۆزىنى( مايسىگۈلنى) مۇھاپىزەت قىلغاچ قېلىچۋازلىق قىلىۋاتقان قىزلارغا توۋلىدى:

    __ جانغا بەكمۇ ئەسقاتتىڭلار... سىلەرنى قىيناپ قويدۇم. مەندىن رازى بولۇڭلار! ھەممىڭلار رازى بولۇپ كېتىڭلار، قىزلار!!

    __ سىلىمۇ بىزدىن رازى بولۇپ كەتسىلە، مايسەم خېنىم!

        قېلىچ ئۇرۇۋېتىپ ، بىر ئېغىزدىن توۋلاشتى قىزلار. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا سۈرگۈنگە ھايدالغان قېرىنداشلىرى كەلدى. يېقىندىلا شېھىت بولغان ئاتا، ئاكىلىرى؛ يار ۋە ئىنىلىرى كەلدى. تېخى بالاغەت بولماي تۇرۇپلا جەڭگە كىرىپ، گۈدەك بېشى خام سويمىدەك ئۈزۈپ تاشلانغان ساناقسىز مەسۇم بالىلار ھەم كەلدى. ئۇلار ئۈلۈپ كەتسىمۇ ئارقىغا زادىلا يانمىغانىدى. قارنى قېلىچ بىلەن يېرىۋېتىلگەن بىر ئەر  دۈشمەننىڭ ئۈزۈۋېلىنغان قولۇقىنى تۇتقان پېتى جان ئۈزگەنىدى. قىزلار يەنە كۆرگەن ئىدىكى، قورسۇقىغا قېلىچ سانجىلغان بىر بوۋاي ياش بىر چېرىكنىڭ گۈرەن تومۇرىنى چىشلەپ ئۈزگەن ھالدا شېھىت بولغان. 12- 13 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا، دادىسىنى ئاستىغا بېسىۋالغان چېرىكنىڭ كۆزىنى تاش بىلەن ئۇرۇپ قۇيۇۋاتقان، ئۇنىڭ كاللىسى باشقا بىر چېرىك تەرىپىدىن كېسىپ تاشلانغانىدى.... ساناقسىز، سان- ساناقسىز مىساللاردىن يەنە قايسىبىرىنى سانىغۇلۇق، قايسىبىرىنى ئەسلەپ بولغۇلۇق ! شۇلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ نېجىسلار يوق قىلغان ئەمەسمىدى؟ ئۇچتۇرپان كوچىسىنى جەسەت ئازگىلىغا ،  قان دەرياسىغا ئايلاندۇرغانلار يەنە مۇشۇ قانخورلار ئەمەسمىدى؟! ... مايسىگۈلنىڭ ئېسىگە بىردىنلا ئاكىسى ئەسمىتۇللا بەگ باشلىق قوزغۇلاڭچىلار توۋلىغان ياڭراق بىر شوئار كەلدى. ئۇ، ئويلۇنۇپ تۇرمايلا خۇددى ئەرلەردەك جاراڭلىق ئاۋازدا  ۋارقىرىدى:

    __ ئاخىرغىچە ئېلىشايلى قىزلار. ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى! ...   

     __ ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى!!...

            ئوردا سەيناسىىنى ھە- ھۇ!... ئەييا!... دېگەن ئاۋازلار بىر ئالغانىدى. ھەممىلا ياقتىن قېلىچنىڭ بىر- بىرىگە ئۇرۇلغان، جاراڭشىغان ئاۋازلىرى كېلەتتى. بىر- بىرىگە زەرپ بىلەن تەگكەن قېلىچلار بىسىدىن كۈكۈش ئوتلار چاقنايتتى. ...

         ___ يامان بولدى! يامان بولدى!... خان ئامبىلى ناشىتۇڭ جاناپلىرىنى ئاۋۇ پىستەك چەنتۇ چېپىۋەتتى!

      بىر چېرىكنىڭ بۇغۇزلانغان چوشقىدەك چىرقىرىغىنىنى ئاڭلىغان مايسىگۈل دەرھال يانغا قارىدى. قارىدى- يۇ، ۋارقىراپ تاشلىغىلى تاسلا قالدى. يېشى ۋە جۇغى ھەممىدىن كىچىك غۇنچەم، قانخور ناشىتۇڭنىڭ بېشىنى قاق مۈرۈسىدىنلا چېپىپ تاشلىغانىدى!

          مايسىگۈل پۇخادىن چىققاندەك بولدى. ئۇ، بىر تەبەسسۇم بىلەن غۇنچەمنى مۇبارەكلەپ قويماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا قارىدى. ئەپسۇسكى، ھەممە پېشكەللىك دەل مۇشۇنىڭدىن باشلاندى. ئۇنىڭ دىققىتىنى يانغا سەل بۇرىغان پۇرسەتتىن پايدىلىىنىپ، ئالدىدىكى چېرىك ئۇنىڭ سول بېلىكىنى تۈۋىدىنلا چېپىپ تاشلىدى! تۇيۇقسىز كەلگەن زەربىدىن مايسىگۈل يەرگە يىقىلدى ۋە دەرھاللا قوپۇۋالدى. بىراق، ئۇ يەنە يىقىلىپ چۈشۈدىغاندەكلا قىلاتتى. ئەس- ھۇشى، كۈچ- قۇۋۋىتى كېسىلگەن قولى تەرەپكە ئېغىپ ۋە ئېقىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنەتتى. شۇنداقتىمۇ تىرىك قولغا چۈشۈشكە بولمايتتى. تاكى بوينى كېسىلگىچە ئېلىشىش، شۇنىڭغىچە بەرداشلىق بېرىش كېرەك ئىدى!...

        ___ مايسىگۈل ئاچام بولالمىدى.... مايسىگۈل ئاچا!...

       قىزلار بىر تەرەپتىن ئېلىشقاچ، بىر تەرەپتىن مايسىگۈلنى ئارىغا ئالدى. ئەمدى ئۇنى يۆلۈۋالمىسا تۇرالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنىدى.

      __ تاغقا چىقىپ كېتەيلى، __ دېدى مايسىگۈل، ئاران- ئاران تىنىپ. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى قانغا بويۇلۇپ كەتكەنىدى.

        ___ قوغلاڭلار! __ دەپ ۋارقىرىدى، يىراقتا قاراپ تۇرغان مىڭرۈي دەرغەزەپ بىلەن، __ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى قايسى قىزنى كىم تۇتۇۋالسا، قىز شۇنىڭ. سەركەردە ئاگۈي جاناپلىرىنىڭ نامى بىلەن ۋەدە بېرىمەنكى، تىرىك تۇتۇۋالغۇچىلارغا ، تۇتۇلغان قىزنى سوۋغا قىلىمەن! ئالغا!!...

        قىزلارنىڭ ئىككىسى مايسىگۈلنى يۆلەپ، قالغانلىرى ئۇلارنى قوغداپ مىڭ تەستە تاغقا چىقىۋالدى. ئۇلارنىڭ كەينىدىن چېرىكلەرمۇ يامىشىپ چىقىشقا باشلىدى.

    __ چېپىڭلار! __ دېدى مايسىگۈل، قايتا جانلىنىپ قالغاندەك بولۇپ، __ بىزنى تېرىك تۇتۇۋالمىسۇن. گۈلھەسەلخاننىڭ كۈنى بىزگە ئىبرەت بولسۇن. ماڭا قاراپ تۇرماڭلار. بىر قوشۇق قېنىمىز قالغۇچە ئېلىشايلى!

       قىزلار، ئۇدۇل يامىشىپ چققان چېرىكلەرنى ئۇدۇل چېپىشقا باشلىدى. ئۈزۈلگەن باشلار  پەسكە خام تاۋۇزدەك دومىلاپ چۈشكىلى تۇردى. يامىشىپ چىقىدىغان يەر تار بولۇپ، دۈشمەنگە ئەپسىز، قىزلارنىڭ قوغدۇنۇشىغا ناھايىتى ئەپلىك ئىدى. ھايالدىمايلا، تاغ باغرى جەسەتلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. بۇلارنى كۆرۈپ تۇرغان مىڭرۈي تۇرالمايلا قالدى. ئۇ، ئاچچىقىنى بېسىۋېلىپ تۇرۇپ، تاغ باغرىغا مېڭىپ كەلدى ۋە ئۈستىدىكى قىزلارغا قاراپ :

    __ ھەي ياتۇلار! مەندە سىلەر تونۇيدۇ. مەن ئىلى جاڭجۈنى مىڭرۈي بولۇدۇ. مەندە يۈرەك چوڭ- چوڭ يۇمشاق. تەسلىم بولساڭلار ، مەن سىلەرنى ئۆلتۈرمەيدۇ. سىلەرنى ئەتىۋارلاپ، خان ئالىيلىرىغا، ئاگۈي جاناپلىرىغا سوۋغا قىلىپ بېرىدۇ. ئەگەر جاھىللىق قىلساڭلار، مۇشۇ چېرىكلىرىمگە خوتۇن قىلىپ بېرىدۇ!... مەن بىلىدۇ، سىلەر دۆت ئەمەس، مەندە گەپ ئاڭلايدۇ... ياتۇلار! ھەي، ياتۇ!!... __ دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى. بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىزلارنىڭ چىشلىرى كاراسلاپ كەتتى. ئىككۆيلەننىڭ يۈلىشى بىلەن ئارانلا تۇرۇۋاتقان مايسىگۈل كۈچۈنۈپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى:     

    __ ئۆز رازىلىقى بىلەن سوۋغات بولۇدىغان قىزلار بىزدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. خانىڭغا ئاچاڭنى ئاپىرىپ بەر! ئاگۇي دېگەن جاللاتقا پىت كۆز سىڭلىڭنى ئاپىرىپ بەر!!

         قىزلار ئەگىشىپ توۋلىدى:

    __ ئاچاڭنى سوۋغا قىل! سىڭلىڭنى سوۋغا قىل!!...

         يامىشىش، چېپىشلار يەنە ئۇزاقتىن- ئۇزاق داۋام قىلدى. گەرچە دۈشمەن تاكتېكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ھەرياقلاردىن يامىشىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەزىسى قېلىچ بىلەن ، بەزىسى دومۇلۇتۇلغان تاشلار بىلەن يوق قىلىندى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار تەن بەرمەيتتى. بىرى يىقىلسا ئونى، ئۇنىنىڭ كاللىسى كېسىلسە يۈزى يامىشىپ چىىقىۋاتاتتى....

        كۈن يانغا قايرىلدى. لېكىن ھېلىغىچە بىرەرمۇ چېرىك تاغ ئۈستىگە تىرىك چىقالمايۋاتاتتى. گازىر كۆزلىرىنى مەھكەم يۇمۇپ، بىر ھازا ئويلانغان مىڭرۈي بىردىنلا ئامال تاپقاندەك بولدى ۋە چېرىكلىرىنى قايتىشقا بۇيرۇپ، تەق بولۇپ تۇرغان زەمبىرەكچىلەرگە ئەسەبىيلەرچە  ۋارقىرىدى:

    __ دا!... دا!!...

      ھەرياقتىن ۋە توختىماي ئېتىلغان زەمبىرەك ئاۋازىدىن يەر- جاھان زىل- زىلىگە كەلدى. مۆلجەر تاغدىن تاش بورانلار  كۆتۈرۈلدى. ئاسمان- پەلەك ئۆرلەپ چۈشۈۋاتقان غايەت زور تاشلار قېتىدىن قىزلارنىڭ ئاداققىي ئاۋازى ياڭرىدى:

    __ ئەلۋىدا! ئەلۋىدا!!....

                                                                     (5)   

          بىر كېچە- كۈندۈز داۋاملاشقان گۈمبۈرلەشتىن يىراق- يېقىندىكى كىشىلەرنىڭ يۈرەكلىرى ئاغدى. كۆڭلى ھەممىنى تۇيۇغان سەزگۈر ئانىلار بولسا ئۆزلىرىنى زادىلا باسالمىدى:

    __ ۋاي بالىلىرىم، ئون گۈلىدىن بىرى ئېچىلمىغان بالىلىرىم! قىساس ئالىمىز دەپ شېھىت بولغان بالىلىرىم!

    __ ئەرسىز قالغان شەھەردە ئەر بوپ يۈرگەن قىزلىرىم! قېرى جېنىمىزنى قالدۇرۇپ، ئۆزى كەتكەن گۈللىرىم!.....

    __ بۆرە- قاۋان قوينىدىن پاكىز  كەتكەن بالىلىرىم!...بېشىڭغا ئوق تەگكەندە ئاپام نەدىدۇ دېگەنسەنمۇ قىزلىرىم! تاشنىڭ ئاستىدا قالغاندا دادام نەدە دېگەنسەنمۇ قىزلىرىم!.... ۋاي چىرايلىق مايسىگۈلۈم، ئوماق زوھرا قىزىم، كۈلگۈنچەك ئەختەر بالام!... شېھىت قىزلىرىم، باتۇر قىزلىرىم!... ۋاي مېنىڭ يەتتە قىزلىرىم!!....

                                              *   *   *   *   *   *   *   *   *  

        ھېكايە ئېيتىلىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ھەممىمىز ئىختىيارسىز ھالدا مىشىلداپ يىغلايتتۇق. تارىخچى تاغىلارنىڭ قىزارغان كۆزلىرىمۇ ئوخشاشلا پارقىراپ كېتەتتى. شۇئان، تومۇرلىرىمىز كۆپۈشىپ، قانلىرىمىز قاينايتتى. قولۇمىزدىكى قېلىچنى__ بويۇمىزدىن ئوزۇن ئاشۇ كۆك تايىقىمىزنى ئاجايىپ بىر كۈچ بىلەن مەھكەم قاماللايتتۇق. كۆزىمىزدىن غەزەپلىك ئۇچقۇنلار ياناتتى. خۇددى ھەممىمىز دېيىشىۋالغاندەكلا، مۆلجەرتاغنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسىغا__ دىلىمىزغا ئورنۇشۇپ كەتكەن مۇقەددەس ئېگىزلىككە ھۆرمەت بىلەن قارىشاتتۇق. دەل شۇ چاغدا، ئاشۇ يوقالماس ئېگىزلىكتىن يەتتە قىزلىرىمنىڭ جاراڭلىق ساداسى ئاڭلانغاندەك بولاتتى:

    __ ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى!....

                                                       

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.