توققۇزىنچى رىۋايەت-توققۇز كوكۇلىلىق قىز(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 00:56:54

توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)چىمەنگۈل ئاۋۇتئىككىنچى باب توققۇز كوكۇلىلىق قىز ئەلقىسسە،ئوغول توققۇز تاملىق غار ئىچىدە ئۇخلاپ قالدى.ئوغۇلنىڭ توققۇز قەدىمىدىن توققۇز پارچە بولغان تاش ئۇنىڭغا ياست...



    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل  ئاۋۇت
    ئىككىنچى باب توققۇز كوكۇلىلىق قىز

     


        ئەلقىسسە،ئوغول توققۇز تاملىق غار ئىچىدە ئۇخلاپ قالدى.ئوغۇلنىڭ توققۇز قەدىمىدىن توققۇز پارچە بولغان تاش ئۇنىڭغا ياستۇق بولدى.ئۇ ئانىسىنىڭ ئېتەكلىرىگە ئوخشاتقان تاش يوتقاندا ئېغىناپ-ئېغىناپ ئۇخلاۋاتقاندا،مۇقەددەس ئانا ھىدىدىن ئۇچۇپ كەلگەن توققۇز پەرىشتە ئۇنىڭ بېشىدا ئولتۇراتتى.ئۇ خىرامان ئۇيقۇدا ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە،توققۇز پەردىلىك بىر ھوجىرىغا يەتتى......

     

    مۇھەببەت قوياشىدىن تاڭدەك يورىغان،
    ۋىسال دەملىرىدىن جان بوپ تامچىغان،
    ھەۋۋانىڭ جىسمىغا نۇردەك ساقىغان،
    پەرزەنىت يىغىسىنىڭ بۇلاقى سەن-سەن،
    ئادەم تۇلپارىنىڭ تۇياقى سەن-سەن...

     

       تاغلارنىڭ گۈلدۇرلىشى،زىمىننىڭ تەۋرىنىشى،پەلەكنىڭ پەريادىدىن ئوغۇلنىڭ ۋۇجۇدى توققۇز قېتىم تولغاندى.ئۇ قىرقىراپ يىغلىدى.شەيتاننىڭ پىتنىسىدىن ئەمەس،جېنىدىن يەنە بىر جاننى ئاپىرىدە قىلىش تاجىنى بېشىغا تاقىغان ئانىنىڭ مېھىرلىك ئۇھ تارتىشىدىن ئۇنىڭ تۇنجى سەزگۈسى لەرزىگە كەلدى......

     

        توققۇز پەرىشتە بىر تامچە سۈتكە ئايلىنىپ ئوغولنىڭ لىۋىگە تامچىدى.بۇلبۇلنىڭ سەھەردىكى قېنى بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. مىڭلىغان رىۋايەت جېنىغا قوشۇلدى.ئانا ئىككى قولى بىلەن مەيدىسىنى يېرىپ،قان تامچىپ تۇرغان ،پەلەك رىيازەتلىرىدىن ئۇيۇل بولغان بىر پارچە تاشنى ئېلىپ ئوغولنىڭ بوينىغا ئاستى:

     

    -ئەلمىساقتا ،ئادەمگە ھەۋۋا جۈپ بولغان جەننەت باغلىرىدا شەيتانمۇ بار ئىدى.قابىل بىلەن ھابىل قۇچاقلىشىۋاتقاندا ،بىر قاغا دەرەختە ئولتۇراتتى. توققۇز ئېقىن بىر دېڭىز بولۇپ ئۆركەشلەۋاتقاندا بىر نامەرتنىڭ ئوقى  پەلەك گەردىشىدە  ئەگىپ يۈرەتتى،شۇڭا سەن تۇمارىڭنى ئېسىشنى ئۇنۇتما،بالام!.......

     

    قىپيالىڭاچ پېتى يۈگۈرگەن ئوغۇلنى تۇتۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئانا،يۈلتۇزدەك ئۇچۇپ كۆككە قادالدى.ئۇ كۆز ياشلىرىنى زىيا قىلىپ بالىنىڭ تىنىگە سەپتى.


     

    سۇلاردەك يالىڭاچ،زىمىندەك يالغۇز،
    تۇمارغا ئېسىلىپ كۈلەر بىر بالا.
    تىكەننى يۇلىدۇ كىرپىكى بىلەن،
    زۆھرە يۇلتۇزىغا ئايلانغان ئانا.

     

    بوۋاينىڭ ساقىلى،موماينىڭ چېچى،
    ئانىنىڭ ئالقىنىدەك بەرمەكتە دۇئا.
    ئۇياتچان يوللاردا قىزارغان چېچەك،
    يۆگىشەر ئوغولنىڭ پاچاقلىرىغا.

     

    توققۇز قىز ئىچىدە بىر ياۋا گۈل بار،
    ئۇيات دەپ ئىتەكلەر ئىچىدە قالغان.
    دەريا بويلىرىدىن ئۈزۈپ پىچاننى،
    بېشىغا توققۇز تال كوكۇلا سالغان.

     

    بالا ئورمانلىقتا قۇشلار بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا،مەجنۇنتال بوينىدا بىر تومۇچۇق توققۇز تال كوكۇلىسىنى ئوينىغىنىچە كۈلىۋاتاتتى.
    قۇشلار قوغلاشتىن ھېرىپ،سوزۇلۇپ ياتقاندا ئۇ ناخشىسىنى باشلىدى:

     

    قوغلاپ قويساڭ ئۇ بالا،
    يانلىرىڭغا كېلەمتى؟...
    يۈرەكتاشنى-تۇمارنى،
    سورىغانغىلا بېرەمتى؟!...

     

    بىلىقلارنىڭ دوستى ئۇ،
    چۈنكى سۇدەك يالىڭاچ.
    يار بولۇشقا مۇناسىپ،
    پەقەت مەندەك قاراقاش...

     

    غار ئىچىدە قۇياش ئۇ،
    ئاسماندىكى قوياشتەك.
    ئەمدى چىقسا
      ئاڭلاڭلار،
    مەن قاچارمەن كېيىكتەك.......

     

       قۇشلار نالە-زار قىلىشتى. تومۇچۇق غار ئېغىزىدىكى تاش ئۈستىگە چىقىپ بىر سىلكىنىپلا يالاڭئاياق،بەڭباش توققۇز كوكۇلىلىق قىزغا ئايلاندى. ،سۇلار،قۇملار،شاماللار،بىلىقلارغا ئەگىشىپ قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى................

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.