ئاچارچىلىق

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-07 00:01:53

ئاچارچىلىق بابانى باتتاچاريا (ھىندىنستان) ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، لاھۇرنىڭ ئىنىسى كۇنار ھەبىي سەپكە قاتنىشىپ كېتىپ قالىدۇ. لاھۇرمۇ...

    ئاچارچىلىق
      بابانى باتتاچاريا (ھىندىنستان)

       ئەنگىلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ئۇرۇنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، لاھۇرنىڭ ئىنىسى كۇنار ھەبىي سەپكە قاتنىشىپ كېتىپ قالىدۇ. لاھۇرمۇ كېتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىر قارارغا كېلەلمەي قېپقالىدۇ.
       سودا ـ سېتىق بازارلىرىدا ئۇرۇش ھەققىدىكى غۇلغۇلىلار داۋاملشىۋېرىدۇ. پولات ، تۆمۈر، كۆمۈر، كاۋچۇك سېتىۋالىدىغانلارنىڭ ۋاڭ ـ چۇڭى ئۈزۈلمەيدۇ. لاھۇرنىڭ دادىسى سامارۇيدېلا پاي چېكى سېتىۋېلىشنىڭ كويىدا قالىدۇ. بۇ كۈنى سامارۇيدېلا كوچىدىكى بىر قەلەندەرنىڭ پۇل تىلىمەي گۈرۈچ تىلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شۇئان « بىنگال گۈرۈچى چەكلىك شىركىتى» قۇرماقچى بولىدۇ.
       سامارۇيدېلا ئوقەت قىلىشتا، كاتتىلارنىڭ سايىسىدە ئوقەت قىلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ، دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوغلى لاھۇرنى ئۆلكە ۋالىيىسىنى يوقلاپ بېرىشقا بۇيرۇيدۇ، لېكىن لاھۇر دادىسىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى لاھۇر پۈتۈن ئېتىقادى بىلەن پەن تەتقىقاتقا بېرىلگەنىدى. بىر كۈنى لاھۇر نامايىشچىلارنىڭ ئەنگىلىيە «ھىندىستاندىن چىقىپ كەتسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلاۋاتقانلىقىنى، ياۋروپاەمەلدارلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى ئۇرۇپ ـ چەيلەۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ قاتتىق غەزەپلىنىپ نامايىشچىلارنىڭ بايرىقىنى ئۆكتۈرۈپ ماڭماقچى بولىدۇ. نەتىجىدە قولغا ئېلىنىدۇ. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىسى بولغان « ئۆلتۈرگۈچ نۇر»نى ئۇرۇشتا ئىشلەتمەكچى بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى تېزلا قويۇۋېتىدۇ. لاھۇرمۇ مۇشۇ ئىشنى نىقاب قىلىپ، مىللىي ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
       لاھۇرنىڭ چوڭ دادىسى دېۋېس ئۈچ قېتىم تۈرمىگە كىرىپ، يەتتە يىل تۈرمىدە ياتقانىدى. ئۇ يېزىدا تۇرۇپ، دېھقانلارنى تىنچلىق ۋاستىسى بىلەن مىللىي ئازادلىق ھەركىتى ئېلىپ بېرىشقا ئۇيۇشتۇرىدۇ. لاھۇر يېزىغا بېرىپ چوڭ دادىسىنى ئىزدەيدۇ ھەمدە چوڭ دادىسى بېقىۋالغان قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىلەن تونۇشىدۇ. چوڭ دادىسىنىڭ قىز نەۋرىسى كاجۇرى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. كاجۇرىنىڭ دادىسى، ئاكىسى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئانىسى ، ئىنىسى ۋە ئۆزىلا قالغانىدى. ئۇ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن جىسور ئىسىملىك بىر ئىشچى بىلەن توي قىلىدۇ. كېيىن جاجۇرى ئېغىر ئاياق بولۇپ، تۇرمۇشتا ئىنتايىن قىينىلىدۇ. جىسور جان بېقىش ئۈچۈن سىرتتا ئىشلەيدۇ. بىر كۈنى ئۇ تۆمۈريول بويىغا كەلگەندە، باش ۋالىينىڭ مۇھاپىزەتىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرىلىدۇ.
       ھەبىيلەر كۆپلەپ ئاشلىق سېتىۋالىدۇ. « بىنگال گۈرۈچ چەكلىك شىركىتى» بىلەن پۈرسەتپەرەس سودىگەرلەر ئاشلىقنى بولۇشىغا بېسىۋالىدۇ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خىيانەت قىلىپ چېرىكلىشىدۇ، دېھقانلار نامراتلىشىدۇ، جاكارتاغا قاتنايدىغان تاشيولدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. كاجۇرىنىڭ ئۆيىدە ئاشلىق ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئۇلار يەيدىغانغا يېقىن ئەتراپتىن دەرەخ قوۋزىقى، ئوت ـ چۆپ يىلتىزىنىمۇ تاپالمايدۇ، بىر ئائىلىدىكىلەر يۈرتىدىن ئايرىلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئاق كۆڭۈل لاھۇر كاجۇرىنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە ئىككى قېتىم پۇل ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىر قېتىمدىكىسى پوچتاليوننىڭ چۆنتىكىگە كىرىپ كېتىدۇ، يەنە بىر قېتىملىقى قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاچلىقتىن مېڭىشقا مادارى قالمايدۇ، يىقىلىپ قالسىلا ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ھالەتكە يېتىدۇ. كاجۇرى بىر ئەسكەر تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنىپ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ. بوۋاق بۆرىلەرگە يەم بولىدۇ. ھېلىقى ئەسكەر ۋىجدان ئازابىغا ئۇچراپ، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى جاكارتا دوختۇرخانىسىغا يەتكۈزۈپ قويىدۇ. كاجۇرىنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىسىمۇ ئاپتوموبىل بىلەن شەھەرگە كېلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغىنىدەك جاكارتادىكى كىشىلەرنىڭ ھەممسى پۇللۇق، سېخىي ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن مېۋە شۆپۈكلىرى ۋە ئاشقان ـ تاشقان سەيلەرنى تېرىشتۈرۈپ يېيىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كاجۇرى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئانىسىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى، ئىنىسىنىڭ ئورۇقلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىپپەت ـ نۇمۇسىنى سېتىپ ئۇلارنى باقماقچى بولىدۇ. ئانىسى قىزىنىڭ چىقىپ كەكتەن، ئوغلى ئۇخلاپ قالغان پەيىتتە ئۆزىنى گانگى دەرياسىغا تاشلاپ ئۆلۈۋالىدۇ.
       لاھۇر كوچىدا بەزى ئانىلارنىڭ تىلەپ ئالغان يېمەكلىكەرنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يېۋاتقانلىقىنى، بالىلىرىنىڭ يېنىدا تەلمۈرۈپ تۇرغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئاچلىقتىن بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئورۇقلاپ قاقشال بولۇپ قالغان كىشىشىلەرنىڭ ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن تېرىۋالغان تاماق قالدۇقلىرىنى تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. لاھۇر بىنگال خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىنسانىي پەزىلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىغا گۇمانلىنىدۇ. بىراق، ئۇ بىر يېزا قىزىنىڭ ئۆز ئىپپەت ـ نۇمۇسىنى سېتىپ تاپقان پۈتۈن پۇلىغا بولكا سېتىۋېلىپ، دېھقانلارغا بۆلۈپ بەرگەنلىكىنى؛ بىر بوۋاينىڭ تاماق بېلىتىگە ئېرىشىپ، ئىككى ھەپتە تاماق يېمەيلا بۇ بېلەتلەرنى قايتۇرۇۋەتمەكچى بولغانلىقىنى كۆرىدۇ. بىر نەرسە يېمەيمۇ بىر مەزگىل ياشايمەن، مېنىڭ بۇ بىر كىشىلىك ئۈمىچىمنى مەندىنمۇ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىمەن، دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ. لاھۇر ئۇلارغا بارىكاللا ئېيتىدۇ، ئۇلارنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئۈمىد سىمۋولى دەپ قارايدۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر بابانى باتتاچاريا