ئانا

يوللىغۇچى : Abral يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-27 05:53:00

ئانا ئانا،ئۇ تولىمۇ ئاددى ئىنسان،ئەمما ئۇ شۇنچىلىك ئۇلۇغدۇر،چۇنكى ئۇنىڭ مېھرى چەكسىز،ئۇنىڭ باغرى ئالەمچە! ئانا،ئۇنىڭدا ئاجايىپ پىداكارلىق ، ئاجايىپ جاسارەت ، ئاجايىپ كۇچ -غەيرەت بار! ئۇ پەرزە...

    ئانا

    ئانا،ئۇ تولىمۇ ئاددى ئىنسان،ئەمما ئۇ شۇنچىلىك ئۇلۇغدۇر،چۇنكى ئۇنىڭ مېھرى چەكسىز،ئۇنىڭ باغرى ئالەمچە!
    ئانا،ئۇنىڭدا ئاجايىپ پىداكارلىق ، ئاجايىپ جاسارەت ، ئاجايىپ كۇچ -غەيرەت بار!
    ئۇ پەرزەنتىنى قوغداش ئۇچۇن ھەرقانداق بەدەل تولەشكە ھەر ۋاقىت تەييار!
    ھەلىمۇ ئېسىمدە ، بالىلىق چاغلىرىم ئىدى .  يىراق سەھرادىكى تۇققىنىمىزنىڭ ئويۇگە مېھمانغا باردۇق . شۇ كۈنى تاۋۇزلۇقتا بىر كىرپە بالىسىنى تۇتىۋالدۇق ، بىر نەۋرە ئاكام ئۇنى تور خالتىغا سېلىپ ئىشىك ئالدىدىكى دەرەخكە ئېسىپ قويدى ، نىمىش ئۇنداق قىلىدىغىنىنى سورىسام ئۇ :"كىرپە بەك يامان  ، ئۇ يەرنى تېشىپ قېچىپ كېتىدۇ،خالتىغا سېلىپ قويساق قاچالمايدۇ . "دىدى ، مېنىڭ تۈگۈلىۋالغان بۇ كىرپە بالىسىغا قاراپ ئىچىم ئاغرىدىدە ،  "قويۇۋېتەيلى ، ئۇ تېخى كىچىك ئىكەن ،"دىدىم ، "راست دەيسەن كىچىك بولغاچقا خالتىغا سېلىپ ئېسىپ قويدۇم ، كەچتە ئانىسى كېلىدۇ  ، ئۇنى تۇتىۋالساق تونۇرغا كومۇپ يەيمىز، بەك مېزىلىك !"  نەۋرە ئاكام گويا كىرپە گوشىنى يەۋاتقاندەك بىر خىل ئىپادىدە ماڭا قارىدى ، ئەمما مېنىڭ شۇ تاپتا بۇ كىرپە بالىسىنى قاچۇرۇۋەتىشتىن باشقىنى ئويلىمىغانلىقىمنى ئۇ بىلمەيتى.
    شۇ كۈنى بىر چۇشتىن كېيىن كىرپە بالىسىغا قاراپ ئولتۇرغىنىم ئېسىمدە ،ئەمما نەۋرە ئاكامدىن قورقۇپ ئۇنى قاچۇرۇۋەتەلمىگەن ئىدىم .
    مانا قاراڭغۇ چۈشتى ، نەۋرە ئاكام مېنى ئاستا نوقىدى ، "يۈرە كىرپىنىڭ ئانىسىنى تۇتۇپ كېلىمىز" .  "ئانىسىنى تۇتىۋالساڭ ، بالىسىنى قويۇپ بەرەمسەن؟"نەۋرە ئاكام ئېرەنسىزلىك بىلەن جاۋاپ بەردى " ياق ، ئىككىسىنى بىللە تونۇرغا كومۇپ يەيمىز!" كۆزلىرىمدىن مۆللىدە  ياش تامچىدى ، " ياق ، بولدى قىلغىن ،كىرپىنى قويۇۋەتەيلى ! " نەۋرە ئاكام ھەيرانلىق بىلەن ماڭا قارىدى"جىڭ شەلىكتە سەن ! " 
    گويا بىرسى بوينىمدىن باغلاپ سۆرىگەندەك نەۋرە ئاكامنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدىم. ھېلىقى كىرپە بالىسى تېخىچە ئېسىغلىق تۇراتتى ، ئەمما ئۇ ئەندى بېشىنى چىقىرىۋالغان بولۇپ غەلىتە ئاۋازدا چىقىراۋاتاتتى  ، " نەۋرە ئاكام مېنى جىمىلىدى، "شۇك ،  ئۇ ئانىسىنى چاقىرىۋېتىپتۇ ، ئانىسىمۇ چوقۇم يېقىنلا جايدا ." نەۋرە ئاكام ئىككىمىز پاقا يوپۇرماقلىرى ئارقىسىدا يوشۇرۇنۇپ جىممىدە ئولتۇراتتۇق.
    توۋا راستلا مۆجىزە يۇز بەردى ، يوغان بىر كىرپە دەرەخ يېنىدا تۇراتتى ، نەۋرە ئاكام دەرەختىكى كىرپە بالىسىنى ئاستا پەسكە چۈشۈردى ، ئۇ بىر ئۇچى خالتىغا باغلانغان ئاغامچىنى بوشۇتۇۋاتاتتى ، مانا كىرپە بالىسى سولانغان تور خالتا يەرگە چۈشتى ، كىرپە بالىسى خالتا ئىچىدە تىپىرلايتى ، ئانىسى تۇمشۇقلىرى بىلەن
    خالتا ئىچىدىكى بالىسىنى ھىدلاۋاتاتتى ، بۇ چاغدا نەۋرە ئاكام قىسماق يىپىنى تۇتقان يەنە بىر قولىنى سىلكىدى داراڭشىغان ئاۋاز بىلەن داس كومتۇرۇلۇپ،كىرپە داس ئاستىدا قالدى .
    شۇ تاپ يۇرۇگۇم قاتتىق سېلىپ كەتتى ، نەۋرە ئاكام بېرىپ داسنى كۆتەردى ، داس ئاستىدىكى يوغان كىرپە بالىسىنى ھىدلىغىنىچە جىممىدە تۇراتتى ، ئۇ تۈگۇلىۋالمىغان بەلكى تۇمشۇغىنى تور خالتىغا پاتۇرغىنىچە تۇراتتى!
    "كۆردۇڭمۇ ، ئادەتتە كىرپىلەر تىكىنىنى سىرقا ئۆرۈپ توپتەك تۇگۇلىۋالاتتى، لېكىن بۇ كىرپە بالىسىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ھەممىنى ئۇنتۇپتۇ." "بىلدىم...."ئەمما گەپىمنى داۋاملاشتۇرالمىدىم بۇرنۇم ئېچىشىپ ، ئاۋازىم بوغۇلۇپ كېتىۋاتاتتى...
    نەۋرە ئاكام ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ، ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇمدە تور خالتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ ئانا-بالا كىرپىنى قويۇۋەتتىم.
    نەۋرە ئاكامنىڭ قاتتىق ئاچچىغى كېلىدىغىنىنى بىلەتتىم ، ئەمما شۇ كېچىسى خاتىرجەم ئۇخلىدىم .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق