سۆيگۈ قەبرىسى(تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-30 22:40:19

سۆيگۈ قەبرىسى(پوۋېست)تۇرسۇنبەگ ئىبراھىممۇقەددىمە− كەل دوستۇم ، كەل! شۇ تاپتا سېنى كېلىپ قالىدۇ دەپ يولۇڭغا قاراپ تۇرغانىدىم.− ساقلىتىپ قويدۇم ، كەچۈرگىن.− ھېچقىسى يوق ، تەتىل قىلىپ كەلگىنىڭگە...

    سۆيگۈ قەبرىسى(پوۋېست)
    تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم



    مۇقەددىمە

    − كەل دوستۇم ، كەل! شۇ تاپتا سېنى كېلىپ قالىدۇ دەپ يولۇڭغا قاراپ تۇرغانىدىم.
    − ساقلىتىپ قويدۇم ، كەچۈرگىن.
    − ھېچقىسى يوق ، تەتىل قىلىپ كەلگىنىڭگە تېخى ئۈچ كۈن بولدى ئەمەسمۇ . سېغىنىپ كەتكەن بالىلىرىڭنىڭ سېنى سىرتقا چىقارماسلىق كويىدا بولۇشىنى بىلىمەن...
    − شۇنىڭ ئۈچۈن يازغۇچى-دە سەن . ئەگەر مەندىمۇ شۇنداق تەسەۋۋۇر قابىلىيىتى بولىدىغان بولسا ، ساڭا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانلىرىمنى ئۆزۈملا يېزىۋەتكەن بولاتتىم.
    − راستىنى ئېيتقاندا ، سەندە ئۇ قابىلىيەت يوقمۇ ئەمەس . مانا ، »بىزنىڭ نەسەبلىرىمىز« دېگەن مۇشۇ كىتابىڭلا بۇنىڭغا ياخشى ئىسپات بولۇپ تۇرۇپتۇ . ئەسلىدە سەن ماڭا سۆزلەپ بېرىپ ، مەن ۋاسىتىچى بولۇپ يازغاندىن كۆرە ، ئۆزۈڭ بىۋاسىتىلا يازساڭ ئەسەر تېخىمۇ جانلىق ، ھېسسىياتلىق چىققان بولاتتى.
    − ياق ، يەنىلا سېنىڭ يازغىنىڭ تۈزۈك . مېنىڭ قەلىمىم قوپال . ئۇ پەقەت كۆمۈلگەن ۋە كۆمۈلۈۋاتقان تارىخىي ئىزلىرىمىزنى ئېچىشقىلا باپ . ھالبۇكى ، مېنىڭ سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانلىرىم دەل ھازىر يۈز بېرىۋاتقان رېئاللىق . تۈنۈگۈننىڭ بۈگۈن ئۈچۈن تارىخ بولۇپ قالىدىغىنىغا ئوخشاش ، بۈگۈنكى ئاشۇ رېئاللىقنىڭمۇ ئەتە ئۈچۈن بىر تارىخ بولۇپ قالىدىغانلىقى ئېنىق . ئەمما ئەتىنىڭ تارىخىنى بۈگۈن يېزىش مۇمكىن ئەمەس...
    − كەچۈر ، گېپىڭنى بۆلۈۋەتتىم . ئەسەردە ئورۇن ئېلىشقا تېگىشلىك يۈكسەك پىكىرلىك ئەدەبىي سۆزلەر بولۇۋاتىدۇ . ئۈنئالغۇنى ئېچىپ قوياي...
    − ئەگەر راستتىنلا مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئەسەرگە كىرگۈزۈش زۆرۈر دەپ قارىساڭ ، ئۇ ھالدا پەقەت »سۆيگۈ قەبرىسى« دېگەن بىر ئېغىز سۆزنىلا كىرگۈزۈپ قويغىن . چۈنكى مېنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرىدىغانلىرىم − مەن بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارغان ئاشۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ، بىر يىلدىن بۇيان قاغجىرىغان ، ئەمما پاك ۋە مەسۈم يۈرەكلەرگە يۈكسەك ئارزۇ-ئۈمىد بىلەن تۆرىلىپ بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقان ، بىراق ئورۇنسىز تارتىنىش ، جۈرئەتسىزلىك ۋە ئادەت كۈچلىرىنىڭ گال قىڭراقلىرىدا ۋاقىتسىز بوغۇزلىنىپ ، مۇراد-مەقسەتلىرىنىڭ مىڭدىن بىرىگە يەتمەيلا يەنە ئاشۇ پاك ، مەسۈم يۈرەكلەرگە دەپنە قىلىۋېتىلگەن گۇناھسىز بىچارە سۆيگۈ ھەققىدىلا بولىدۇ.
    − چۈشەندىم ، دېگىنىڭدەك قىلىمەن.

    1

    − ئادەتتە كۆپىنچە ئەدەبىي ئەسەرلەر ، ۋەقەلىك يۈز بېرىدىغان مۇھىتنى كىتابخانلارغا سۈرەتلەپ بېرىشتىن باشلىنىدىغۇ دەيمەن . مەنمۇ ئاۋۋال ئىنستىتۇتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مۇھىتىنى بىر قۇر سۆزلەپ بېرەي: ناۋادا ئاشۇ ئىنستىتۇتقا بېرىپ قالساڭ ، خەنزۇچە ، موڭغۇلچە ، زاڭزۇچە ، چاۋشيەنچە ۋە ئەڭ ئاستىغا ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان ۋىۋىسكا ئېسىلغان تۆمۈر دەرۋازىدىن كىرىشىڭ بىلەنلا ، ئىككى تەرىپى ياپيېشىل ئارچىلار بىلەن زىننەتلەنگەن تۈپتۈز ئاسفالت يول ۋە يولدا كېلىۋاتقان-كېتىۋاتقان توپ-توپ ئوغۇل-قىزلار كۆزۈڭگە تاشلىنىدۇ . يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى پاكار زىننەت دەرەخلىرى ئارقىسىدا ، پەلەمپەيگە ئوخشاش بىردىن يەنە بىرى ئېگىز بولغان قات-قات بىنالار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . سول تەرەپتە بولسا قارىغاي ، ئارچا ۋە يەنە بۇ يەرلەردە بولمىغان ھەر خىل دەرەخلەر؛ دەرەخلەر ئارىلىقىدا ئۈستى تۈرلۈك نەقىشلەر بىلەن زىننەتلىنىپ ، تۈۋرۈكلىرى قىزىل سىرلانغان راۋاقلار ئارىلاپ-ئارىلاپ كۆزگە چېلىقىپ قالىدۇ . راۋاق ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ خاتىرجەم كىتاب كۆرۈۋاتقان قىزلارغا قاراپ مەستلىكىڭ كېلىدۇ . ئاسفالت يولنىڭ قايرىلىدىغان دوقمۇشىغا چوڭ كىنوخانىدەك ، كىچىكلىرىمۇ ئۈچ-تۆت يۈز كىشىلىك چىقىدىغان بەش ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ ئاشخانا ئالدىدىن بارغانچە ئېگىزلەپ ئەگىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ  بارىدىغان يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە كونىراپ كەتكەن ئوقۇتۇش بىنالىرى بىرقىسما چوقچىيىپ  تۇرىدۇ . يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ماڭساڭ ئاسفالت يولنىڭ ئاخىرى 06 پەلەمپەيلىك تىك پەشتاققا تاقىلىپ تۈگەيدۇ . كۈنىگە ئۈچ ۋاق تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشۇ پەشتاقتىن ئالتە قېتىم چىقىپ-چۈشۈشكە توغرا كېلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن ، بالىلار ئۇنى ساناپ چىقىشقان . پەشتاقتىن چىقساڭ بىر-بىرىگە يانداشتۇرۇپ سېلىنغان ئۈچ يۈرۈش ياتاق بىناسى؛ بۇ بىنالار قىزلار بىناسى ، ئوتتۇرا بىنا ۋە شەرقىي  بىنا دەپ ئايرىلىدۇ . قىزلار بىناسىغا ئوغۇللارنىڭ كىرىشى قاتتىق كونترول قىلىنىپ ، كىنىشكىنى زاكالەت قويۇپ كىرىش تۈزۈمى ئورنىتىلغان . بىراق ھەرقانداق بىر كىنىشكىنىڭ مۇقاۋىسى بولسىلا بولىدۇكى ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ ئىچىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ يۈرمەيدۇ . ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار نىسبىتىدە قىزلار كۆرۈنەرلىك ئاز بولغىنى ئۈچۈن ، قىزلار ياتاق بىناسى قەۋەت ۋە كارىدورلار بويىچە توسۇلۇپ ، پۈتۈن بىنانىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئوغۇللار ئورۇنلاشتۇرۇلغان . مەيلى قىزلار ياكى ئوغۇللار بىناسى بولسۇن ، دېرىزىدىن قارىساڭ پۈتۈن شەھەر ، ھەتتا شەھەرنىڭ ئۇ تەرىپىنى يېرىم ئاي شەكلىدە قورشاپ تۇرغان ئاق مۇنار گويا پۇتۇڭنىڭ ئۇچىدىلا تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ . ياتاق بىنالىرىنىڭ ئارقىسى گاۋلەنشەن تېغىغا تۇتاش بولۇپ ، تاغنىڭ قۇيرۇق قىسمى »لۇڭۋىيشەن« ، يەنى ئەجدىھا قۇيرۇق تاغ دەپمۇ ئاتىلىدۇ . تاغ ئۈستىگە چىقساڭ ، شەھەرنى ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈپ ئاقىدىغان ئەزىم خۇاڭخې دەرياسى ، گويا شەرققە قاراپ ئاستا تولغىنىپ  ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان غايەت زور كۈمۈش ئەجدىھادەك ئاقىرىپ كۆزگە تاشلىنىدۇ . ئىشقىلىپ ئىنستىتۇتنىڭ ماددىي مۇھىتى خۇددى ئانا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىدەك ، كىشىگە ئۆزىگە خاس تۇيغۇ بەخش ئېتىدۇ . بىراق مەنىۋى مۇھىت ئۇنچىلا ئەمەس . گەرچە مەن ھازىر ئاشۇ ئىنستىتۇتنىڭ بىر ستۇدېنتى ھېسابلانساممۇ ، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىر يىلدىن بۇيان ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ، قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ۋە ئۆزۈممۇ بىۋاسىتە قاتنىشىپ تولۇقى بىلەن چۈشىنىش ھاسىل قىلغان ئاشۇ رېئاللىققا كۆز يۇمالمايمەن . مۇنداق دېسەم ، بەلكى باشقىچە ئويلاپ قېلىشىڭ مۇمكىن . دۇنيادا مەڭگۈ ئۆزگەرمەي بىر خىللا تۇرىۋېرىدىغان ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت بولمىسا كېرەك . مېنىڭچە ، بۇ قانۇنىيەت دۇنيادىكى ھەممە نەرسىگە ئورتاق . چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا ھەرقانداق بىر دۆلەت ، ھەرقانداق بىر مىللەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش ، راۋاجلىنىش ، قۇدرەت تېپىپ تازا گۈللىنىش ۋە بارا-بارا  ئاجىزلىشىش ، ئاخىر بېرىپ يوقىلىش  دەۋرى بولىدۇ . كىچىك جەھەتتىن بىر ئادەمنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ يەنىلا شۇنداق . بۇنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئادەم بەلكى يوقتۇر . لېكىن مەن شۇنىڭغا ھەيرانمەنكى ، بىرەر دۆلەت ، بىرەر مىللەت ياكى بىرەر ئورۇن دەل ئاشۇ ئاجىزلىشىش ، خارابلىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقاندا ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قاراپ تۇرۇپ كۆز ئالدىدا مانا مەن دەپ تۇرغان ئاشۇ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلغىلى ئۇنىمايدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۆزىنى ئالداشنىڭ ئاقىۋىتى ئەلۋەتتە ئۆزىنى ھالاك قىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ...
    − بىر تال چېكىپ قويامسەن؟
    − چەكمەي ، چاي ئىچەي.. . گېپىم باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كەتتىغۇ دەيمەن . ئىنستىتۇتنىڭ مەنىۋى مۇھىت مەسىلىسىگە كەلسەك ، ئۇنىڭمۇ تازا گۈللەنگەن دەۋرىنىڭ بولغانلىقى ئېنىق . تالانتلىق يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ۋە ئاپتونوم رايوندا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتقان بىرمۇنچە مىللىي رەھبىرىي كادىرلار ، ئىنستىتۇتنىڭ ئەنە شۇ دەۋرىدە ئوقۇپ بىلىم تەھسىل قىلغان . ھازىرچۇ؟ ھازىرمۇ ئىنستىتۇتتا بىلىم تەھسىل قىلىۋاتقانلار 4 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئوقۇغۇچى بار . لېكىن شۇنىڭغا ئىمانىم كامىلكى ، ئۇلارنىڭ  مۇتلەق كۆپ قىسمى ھەقىقىي بىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى »ئىنستىتۇتنى پۈتتۈردى« دېگەن ستۇدېنتلىق قالپىقىنى كىيىش ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتىدۇ . بەزى ئىشلارنى سۆزلەپ  بەرسەم ، ھەتتا ئىشەنمەسلىكىڭ مۇمكىن . سىنىپىمىزدا ئازات ئىسىملىك بىر بالا بار . ئىنستىتۇتقا كەلگەن بىر يىلدىن بۇيان ئاساسلىق قىلىدىغان ئىشى  كىنو كۆرۈش ، ھاراق ئىچىش ، تانسا ئويناش ۋە ئۇخلاش بىلەنلا ئۆتۈپ ، سىنىپقا قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالغان چاغلاردىلا كىرىدىغان بولغىنى ئۈچۈن ، بىر ئوقۇتقۇچى دەرس ۋاقتىدا تونۇماي »سىزمۇ مۇشۇ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىسىمۇ؟« دەپ سورىغان ئەھۋالمۇ بولدى . بۇنى ئاڭلىغان ھەرقانداق ئادەم »ئۇ مەكتەپتە قائىدە-تۈزۈم يوقمىدۇ؟« دەپ ئويلاپ قالىدۇ . قائىدە-تۈزۈم دېسە ، پاتماندا نەچچىسى بار . ھەر يىلى يېڭى ئوقۇغۇچى كەلگەندە مەخسۇس  بىر كۈن يىغىن ئېچىپ ، قائىدە-تۈزۈملەرنى داغدۇغىلىق جاكارلايدۇ . بۇ ئاز كېلىپ قالسا ، ئايدا دېگۈدەك يېڭى قائىدە-تۈزۈملەرنى تۈزۈپ تۇرىدۇ . ئادەتتە كۈندىلىك مەشغۇلات ئەتتىگەن سائەت ئالتىدە باشلىنىدۇ . سائەت ئالتىدىن باشلاپ كەچتە ئون بىر يېرىمدا ئوقۇغۇچىلار ياتىقىنىڭ توكى ئۆچۈرۈلگەنگە قەدەر ، كۈنىگە 02 قېتىمدىن ئارتۇق قوڭغۇراق چېلىنىپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ . لېكىن بۇ قوڭغۇراقلارنىڭ  ئېشەك ھاڭرىغانچىلىك رولى يوق . راست ، ھاڭرىيالايدىغان ھەرقانداق ئېشەك ھېچ بولمىغاندا ئۇخلاۋاتقانلارنى ئويغىتالايدۇ . ئەمما سائەت ئالتىدە ئورنىدىن تۇرۇشقا ، ئالتە يېرىمدا ئەتىگەنلىك گىمناستىكىغا؛ يەتتىدە يۈز يۇيۇشقا؛ يەتتە يېرىمدا تاماققا چېلىنىدىغان بۇ قوڭغۇراقلارنىڭ ھېچىقايسىسى ھېچقانداق رولغا ئىگە ئەمەس . ناۋادا ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق رولى بار دەيدىغان ئادەم چىقسا ، ئۇ رول پەقەت دەرستىن چۈشىدىغان چاغدىلا ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلەيدۇ . چۈشتە تېخى سائەت ئون ئىككىگە قوڭغۇراق چېلىنىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇنلا مەكتەپ بويىچە ھەممە سىنىپلار دەرستىن چۈشۈپ ، قاچىلىرىنى دۇمباق قىلىپ چېلىشىپ ئاشخانىغا يۈگۈرۈشىدۇ . بۇنىڭغا  ھەتتا دەرسكە كىرگەن ئوقۇتقۇچىمۇ ئامالسىز . چۈنكى ئۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئون بىر يېرىمدىن ئون مىنۇت كېچىكتۈرۈپ قويسا ، چۈشلۈك تاماقتىن مەھرۇم قىلغان بولىدۇ . چۈشتىن كېيىنكى ئىشلار تېخىمۇ غەلىتە: سائەت تېخى تۆت بولا-بولمايلا ، ياتاق بىناسى ئالدىدىكى پەشتاق قاچا-قوشۇقلىرىنى كۆتۈرۈپ ئالدىراپ ئاشخانىغا قاراپ كېتىۋاتقانلار بىلەن توشۇپ كېتىدۇ . ئاشخانىلارنىڭ تاماق بېرىش ئېغىزىدىكى ئوزۇن ئۆچىرەتكە ، بىر-بىرىنىڭ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ تەڭلىنىۋاتقان سان-ساناقسىز قاچىلارغا ۋە ئالدىغا ئۆتۈشنى تالىشىپ جان-جەھلى بىلەن قىستىشىۋاتقان ئوغۇل-قىزلارغا قاراپ ، ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ھەرقىسما خىياللار كېلىدۇ . دەسلەپكى بىرىنچى ھەپتىسى مەن بۇلارغا زادىلا كۆنەلمىدىم . سائەت تۆتتىلا قاچا كۆتۈرۈپ مېڭىش ، ماڭا گويا ئىنستىتۇتقا بىلىم ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس ، ئەكسىچە پەقەت قورساق بېقىش ئۈچۈنلا كەلگەندەك  تۇيۇلۇپ ، خىجىللىق ھېس قىلدىم . شۇڭا ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدا سىنىپقا بىر كىرگەنچە ، ساۋاقداشلارنىڭ تاماق قالمايدۇ دەپ قىلغان نەسىھەتلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ، سائەت بەش-ئالتىلارغىچە ئۆگىنىش قىلدىم . قايتىپ كەلگىنىمدە ئاشخانىلاردا تاماق تۈگۈل ئىنسى-جىنمۇ قالمايدىغان بولغىنى ئۈچۈن ، بەزىدە نەق پۇلغا بولكا ، بولكىمۇ قالمىغان كۈنلەردە تاشكۆمۈردە قىزدۇرۇلغان كونا مارى باكىغا يېقىپ پىشۇرۇلغان خۇڭشۇ ئېلىپ يەپ كۈننى كەچ قىلدىم.
    − بۇ گەپچە سىلەرنىڭ ئىنستىتۇتتىمۇ بىزنىڭ بۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزنىڭ ئالدىدا مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنى ئوبيېكتى قىلىپ ئېچىلىدىغان كالتە بازارغا ئوخشاش بازارلار بارغا ئوخشىمامدۇ؟
    − ئىنستىتۇت ئالدىدىلا ئەمەس ، ياتاق بىناسى ئالدىدىلا يايمىكەشلەر تاكى چىراغ ئۆچۈپ ئوقۇغۇچىلار ياتقانغا قەدەر ئاچىدىغان ۋاژ-ۋاژ كەچلىك بازار بار . مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ئىبارەت بولغان بۇ يايمىكەشلەر قوشۇنى ھەر كۈنى كەچلىك تاماق بىلەن تەڭلا يايمىلىرىنى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتلارغا بېسىپ كېلىشىپ ، ياتاق بىناسى ئالدىدا ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سەپ تۈزۈپ ، قاتار-قاتار ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ . ئۇلارنىڭ يايمىلىرىدىكى ئەڭ كۆپ سودا بولىدىغان ئاساسلىق مال − ھەر خىل ئاق ھاراق ، پىۋا ۋە قىزلار شامپانىسكىسى بولۇپ ، ئاشۇلارنىڭ زاكوسكىسى سۈپىتىدە پاقلا ، پەلەس ، خۇاسىڭ ، بولكا ، خۇڭشۇ ۋە سىگارت قاتارلىقلارمۇ قوشۇمچە سېتىلىدۇ . يايمىكەشلەرنىڭ ئارقىسى ، نەق پۇل تىكىشىپ ئوينايدىغان بىليارت سورۇنى بولۇپ ، ھەربىر بىليارد ئەتراپىدا نۆۋەت ساقلاپ تۇرۇشقانلار بەش ئالتىدىن كەملىمەيدۇ . پۇل تىكىشىپ ئوينايدىغان ئويۇنلار يالغۇز بۇلا ئەمەس ، گەرچە قىزلار ياتىقىدا ئوينىلىدىغان قارتا ، ئوتتۇرۇۋەتكەنلەر ئورۇندۇق ئاستىدىن ئۆمۈلەش ياكى داستىن تەڭگە سۈزۈش قاتارلىق  ھەر خىل »جازا«لار بىلەن بولدى قىلسىمۇ ، لېكىن  ئوغۇللار ياتىقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا قارتا پۇل تىكىپ ئوينىلىدۇ . يانچۇقتا پۇل قالمىغان چاغلاردا بولسا ، مەكتەپتىن تارقىتىپ بېرىلگەن تاماق بېلەتلىرى پۇل ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ . شۇڭا ھەر ئاينىڭ بېشىدا بېلەت تارقىتىلغاندا قارتا ئويناش قىزىپ ئەۋجىگە چىقىدۇ . ئۇتۇۋالغانلار ھاراق ، پىۋا دېگەننى يەشىكى بىلەن ئەكىرىپ قويۇپ ، ياتاقتىكىلەرنى تاڭ ئاتقۇچە مېھمان قىلسا ، ئۇتتۇرۇۋەتكەنلەر تاماق ۋاقتىدا ئاشخانىغىمۇ بارالماي ، ئىنساپ قىلغان ساۋاقداشلىرى ئالغاچ كەلگەن قۇرۇق ھورناننى قايناقسۇغا چىلاپ يەپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ . خۇددى ئىنسانىيەت تارىخىدا ئوۋچىلىق چارۋىچىلىقنى ، چارۋىچىلىق بولسا دېھقانچىلىقنى ، شۇنداقلا دېھقانچىلىق ئېھتىياجى قول سانائەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغانغا ئوخشاش ، تاماق بېلىتىنى ئۇتتۇرۇۋېتىپ قۇرۇق ھورنان يېيىشمۇ بىزنىڭ ئاشۇ ئىنستىتۇتقا خاس بىر »يېڭىلىق«نى كەلتۈرۈپ چىقارغان . تۇرۇپ-تۇرۇپ ياتاقلاردا بېلىتى كۆپلەرنىڭ ئىشتان-كۆڭلىكى يوقاپ كېتىدىغان ئىش بولۇپ تۇرىدۇ . كىيىم ئىگىسى ئىزدەپ تاپالماي تازا تىت-تىت بولغان چاغدا ، ياتاقداشلىرىدىن بىرى: »ماڭا مانچە پۇللۇق سەي بېلىتى بەرسەڭ ھازىر تېپىپ بېرىمەن« دەيدۇ . كىيىم ئىگىسى يۈتكەن كىيىمنىڭ ئاشۇ ياتاقدىشىدا بارلىقىنى ئېنىق بىلسىمۇ ، لېكىن دېگەن بېلەتنى بەرمەي ئامال يوق . ئەگەر بېلەتنى بەرمەيدىكەن ، كىيىمىنى ئەتىسى خالانىڭ ئورىسىدا كۆرىدۇ . مۇنداق ئىشلار بىزنىڭ ئىنستىتۇت ئۈچۈن تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان يوقىلاڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى كىيىم-كېچەكلا ئەمەس ، بەزىدە ھەتتا جاننى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گەپ . بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ مۇبالىغە قىلىپ ئېيتقان سۆزۈم ئەمەس . مەن ئىنستىتۇتقا ئۆتكەن يىلى  9-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا باردىم . ئەسلىدە 8-ئايدا ، سەنئەت فاكۇلتېتىدىن تەتىلدە ئۆيگە قايتمىغان ئىككى قىز يوقاپ كېتىپ ، كىيىن جەسىتى بىر باغچىدىن تېپىلغانىكەن . 9-ئايدا مېنىڭ بېرىپلا ئاڭلىغىنىم »بىر زاڭزۇ بالىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ« دېگەندىن ئىبارەت بولدى . نېمە ئۈچۈن ۋە كىمنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكىنىنى بىلگۈچى بولمايلا 01-ئاينىڭ بېشىدا بىر خۇيزۇ قىز ئالتىنچى قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلدى . 11-ئايدا كۈپكۈندۈزدە سائەت 21 دە ، يەنە كېلىپ مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچى بار بولغان بىر ياتاق بىناسىنىڭ يۈز يۇيۇش ئۆيىدە ، بىر مانجۇ ئوقۇغۇچىغا پىچاق تىقىلىپ ، يۈز يۇيۇش ئۆيىدىن كارىدورغا چىقىپلا جان ئۈزدى . 21-ئايدا بىزنىڭ ياتاققا قوشنا ياتاقنىڭ يېنىدىكى بىر ياتاقتىن بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ ئوقۇغۇچىغا پىچاق تىقىلدى . شۇ كۈنى كەچتە كارىدوردىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ، ئىشىكلەرنىڭ تېپىپ ئاجرىتىلغانلىقىنى ، كېيىن پىچاق يېگۈچىنىڭ جان-جەھلى بىلەن ۋارقىرىغان ئېچىنىشلىق ئاۋازىنى ھەممىمىز ئېنىق ئاڭلاپ ياتتۇق . بىراق ھېچقايسىمىز سىرتقا چىقىپ باقمىدۇق . چۈنكى مۇنداق ۋارقىراشلار ، ئىشىك تېپىش ۋە باشقا قالايمىقانچىلىقلار ھەر كۈنى ئاخشىمى دېگۈدەك داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان بولغىنى ئۈچۈن ، چىقاي دەپ ئويلىساڭمۇ خۇددى »ئاچچىق ئۆرۈككە قول توشىماپتۇ« دېگەندەك ، چىقىپ توشىتالمايسەن . مەكتەپ ھاراق ئىچىشنى ، تانسا ئويناشنى چەكلەپ تۇرىدۇ . لېكىن ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا بولمىسا يەنە بىر ياتاقتا ، ئىشقىلىپ ھەربىر بىنادا ھەر كۈنى كەچتە ھاراق ئىچىپ ، چىراغ ئۆچكىچە ، بەزىدە ھەتتا تاڭ ئاتقۇچە تانسا ئويناپ تۇرىدۇ . ئاران 51 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر ياتاققا ئىككى قەۋەتلىك كارىۋاتتىن تۆتى قويۇلۇپ 7-8 ئوقۇغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغان . بۇنىڭغا تانسىغا تەكلىپ قىلىنغان قىزلارنى قوشقاندا 51-02 ئادەم ئاشۇ 51 كۋادرات مېتىر ياتاقتا تانسا بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇشىدۇ.. . ناۋادا مۇشۇ گەپلەرنى ئەسىرىڭگە كىرگۈزسەڭ ، ئوقۇپ چىققان ھەرقانداق ئادەم  جەزمەن ھەر خىل گۇماندا بولماي قالماس . بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇلار گۇمان قىلغان ئىشلارنىڭ ئوندىن بىرىمۇ يوق ۋە بولۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئادەم ھامان ئادەم ، مەيلى ئۇ قارشى جىنستىكىلەرگە قانچىلىك ئىنتىلسۇن ، ئۆزىگە ئوخشاش يەنە بىرمۇنچە ئادەم توپلانغان جايدا تۈكۈرۈكىنى يۇتۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.
    − قارىغاندا سېنىڭمۇ تۈكۈرۈكىڭنى يۇتۇشقا مەجبۇر بولغان ۋاقىتلىرىڭ بوپتۇ-دە.
    − ئەگەر سەن  بولغان بولساڭ ، سەنمۇ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولاتتىڭ . ناۋادا ياغاچتىن ياسالغان سۈنئىي ئادەم بولمىسىلا ، ھېسسىياتقا ئىگە بولغان تىرىك تەبىئىي ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمايدۇ.
    − شۇنداق ، گېپىڭ ئورۇنلۇق ، گەپكە گەپ كېلىپ قىلىپ چاقچاق قىلىپ قويدۇم . قېنى ، چاي ئوتلىغاچ سۆزلىگىن.
    − قارىغاندا ئىنستىتۇتنىڭ مەنىۋى مۇھىتىغا مەنسۇپ نەرسىلەرنى ئەمدى مۇشۇ يەردە توختاتمىسام بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ . چۈنكى ياتاق بىنالىرىنىڭ ھەربىر دېرىزىسىدىن تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان يۇندىدىن ھاسىل بولغان سۈنئىي يامغۇرلارنى »ئولتۇرۇش« قىلىنغان ھەربىر ياتاقنىڭ دېرىزىسىدىن »لاۋگۈيجۈ!«〖ZW(〗لاۋگۈيجۈ − كونا قائىدە ، ئىلگىرىدىن قالغان يوسۇن دېگەن مەنىدە.〖ZW)〗دېگەن سۆز بىلەن تەڭ پات-پات ئۇچۇپ چىقىپ ، جاراڭلاپ چېقىلىپ تۇرىدىغان بوتۇلكىلارنى؛ مەست بولۇپ مەخسۇس ئىشىك تېپىپ چېقىش ئۈچۈنلا قويۇلىدىغان كېچىلىك »دىجورنى«لارنى؛ كۈندە  بولمىسىمۇ ھەپتىدە دېگۈدەك ئۇرۇش-جېدەل دەستىدىن ياتىقىنى بالنىستلارغا ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغانلارنى ، شۇنداقلا تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلىدىغان كۆڭۈل قانماس تانسىلارنى تولۇق سۆزلەپ كەلسەم ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىدىن نەچچە ھېكايە چىقىدۇ . ئەمدى ئەسلىدىكى تېمىغا قايتايلى.
    − بولدى ، ئۇلارنى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە كېيىنكى سۆزلىرىڭگە قوشۇپ سۆزلەپ بېرەرسەن . قېنى ، كۆڭلۈڭدە نېمىنى دېمەكچى بولغان بولساڭ ، شۇنى سۆزلەۋەرگىن.

    2

    − بۇ دۇنيادا ھەرقانداق ياخشى نەرسىنىڭمۇ كىچىككىنە ئەسكى تەرىپى بولۇپ قالىدىغىنىغا ئوخشاش ، ھەرقانداق ئەسكى نەرسىنىڭمۇ يەنە ئۆزىگە تۇشلۇق ياخشى تەرىپىمۇ بولىدىكەن . مەن بايا ساڭا تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشىدىغان تانسىلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم . مەن بۇ يەردە تانسىنىڭ ياخشى-يامانلىقى ھەققىدە توختالماقچى ئەمەس . دېمەكچى بولغىنىم − دەل ئاشۇنداق تانسىلارنىڭ بىرىدە بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.. . ئالدىرىما ، كۆزۈمنىڭ ئىچىگە مۇنچە قاراپ كەتمىسەڭمۇ سۆزلەپ بېرىۋاتىمەنغۇ؟ كۆڭلۈڭگە كەلگىنىنى بىلىۋاتىمەن . دېمىسەڭمۇ سەن-بىزنىڭ بىر ئوبدان ئائىلىمىز ، ئوماق بالىلىرىمىز بار...
    − تاپالمىدىڭ ، مېنىڭ كۆڭلۈمگە كەلگىنى ئۇ ئەمەس ئىدى . مەن سېنى ئىنستىتۇتتا يۈز بەرگەن بىرەر مۇھەببەت ۋەقەسىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى دەپ پەرەز قىلغان . ئۇنىڭ سېنىڭ بېشىڭدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقە بولۇپ چىقىشىنى ھەرگىز ئويلىماپتىمەن . شۇڭا ئىختىيارسىز كۆزۈڭگە قاراپ قالدىم.
    − دۇنيا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ چەت ئەللەردىكى تەرەققىياتى كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە بېرىپ يەتتى . لېكىن بىز تېخى ئالغا كەتكەن مىللەتلەر بۇنىڭدىن يېرىم ئەسىر ، ھەتتا بىر ئەسىر بۇرۇن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن نادانلىق پاتقىقىدا »قوڭۇمدا ئىشتان يوق ، ئېتىم مارجان بۈۋى« دېگەندەك ، خىرامان ئېغىناپ يۈرىۋاتىمىز . بىزنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببەت قارىشىمىزغىمۇ ئەنە شۇ نادانلىق پاتقىقىنىڭ لايلىرى يېپىشقان . دۇنيادا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە بېغىشلانغان ناخشا-قوشاقلار ئارىسىدا بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭكىدەك چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ، گۈزەل ، يارقىن ، يالقۇنلۇق ناخشا-قوشاقلار ئىنتايىن ئاز ئۇچرار دەيمەن . ئېسىمدە قېلىشىچە ، بىر پېشقەدەم سەنئەتكار 05-يىللاردا شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى تەركىبىدە چەت ئەلگە چىقىپ ناخشا ئېيتقاندا ، شۇ دۆلەتتىكى سەنئەتكارلار ئۇ ئېيتقان ناخشىدىكى: »ئېگىز ئاسماندا ئاي بولۇپ ، جىمى ئالەمنى تەڭ كۆرسەم؛ پىيالىڭدە چاي بولۇپ ، لەۋلىرىڭنى كۆيدۈرسەم« دېگەن قوشاقنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ ئاڭلاپ ، تېكىستىنىڭ كىم تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغانلىقىنى زور قىزىقىش بىلەن سۈرۈشتۈرگەن ۋە ئۇنىڭ بىر خەلق قوشىقى ئىكەنلىكىنى بىلىپ: »سىلەرنىڭ خەلقىڭلارنى شاش خەلق دېيىش كېرەككەن!« دېيىشكەن . بىز ئەنە شۇ ناخشا-قوشاقلارنى يادلىۋېلىپ قارىسىغىلا ئوقۇيمىزكى ، ھەرگىز ئۇنىڭ مەنىسىنى قىلچە ئويلاپ قويمايمىز . سەن بىر يازغۇچى ، بۇ ھەقتە ئويلايدىغانلىرىڭ ۋە بىلىدىغانلىرىڭ جەزمەنكى مەندىنمۇ كۆپ . دىققەت قىلدىڭمىكىن ، يېقىنقى بىر-ئىككى يىل ئىچىدە چىققان ناخشىلارنىڭ بىرىدە: »ھەي ، ھەي دوستلار ئۆلۈپ كېتىمەن ، يارنى بىللە ئېلىپ كېتىمەن . شۇ جانانىم يېنىمدا بولسا ، دوزاخقىمۇ كۆنۈپ كېتىمەن!« دېگەن بىر يالقۇنلۇق تېكىست بار . ئۇنىڭدىكى كىشىگە ئاجايىپ بەدىئىي زوق بېغىشلايدىغان يۈكسەك لىرىكىنى ، يار بىلەن ھەتتا دوزاخقىمۇ بىرگە كىرىشنى خالايدىغان چىن ئەقىدە ۋە مەردانىلىقنى قويۇپ تۇرۇپ ، دېمەكچى بولغان ئاساسىي  پىكىرنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ، سۆيگۈ-مۇھەببەتسىز ياشىغان ھاياتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيەت ۋە لەززىتى بولمايدىغانلىقىنى ، ئەكسىچە سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ ئىنسان ھاياتىغا جان ئاتا قىلغۇچى ئىلاھىي  قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ ، يېنىدا ئۆز جانانى بولسىلا ھەتتا دوزاخقا كىرسىمۇ خۇشال-خۇرام ياشاش مۇمكىنلىكىدىن ئىبارەت بىر ئاددىي ، ئەمما ئۇلۇغ ھەقىقەتنىڭ يارقىن شولىسى بەدىئىي ھېس ئەينىكىدە روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . ئەپسۇسكى ، بىز ھازىرقى رېئالنى ھاياتىمىزدا سۆيگۈ-مۇھەببەتكە خۇددى تەقىپ ئاستىدىكى ئوغرىغا قارىغاندەك گۇمانخورلۇق بىلەن قارايمىز . بىر ئوغۇل بىلەن بىر قىزنىڭ بىللە ماڭغىنىنى ياكى ئىككى ئېغىز پاراڭلاشقىنىنى كۆرسەك ، شۇ ھامانلا »ئىككىسىنىڭ چاتىقى بار« دېگەن گەپنى تارقىتىمىز . ماقۇل ، ئاشۇ ئىككى ياشنىڭ راستتىنلا مۇھەببەت مۇناسىۋىتى بارمۇ دەيلى ، بۇنى قانداقمۇ »چاتاق« دېگىلى بولسۇن!؟ تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى بولغان  ھەرقانداق بىر نورمالنى ئىنساندا ، قارشى جىنسقا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت بىر خىل تەبىئىي ئىقتىدار بولىدۇ . دىنىي  جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ ، خۇدا ئىنسانلارنى يارىتىدىغان چاغدا ھەرگىزمۇ ئېزىپ كېتىپ ئىككى خىل جىنسقا ئايرىۋەتكەن ئەمەس . مېنىڭچە ، »چاتاق« دېيىشكە توغرا كەلسە ، نورمالنى ئىنسانلاردا بولۇشقا تېگىشلىك  تەبىئىي ئىقتىداردىن ئايرىلىپ قارشى جىنستىكىلەرگە قىزىقماس بولۇپ قالغانلارنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئىككى خىل جىنستىكىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئىنتىلىشىنى چاتاق دەپ گەپ تاپىدىغان ، سۆيگۈ-مۇھەببەتنىڭ كىشىلىك ھايات ئىشقىنى مەڭگۈ يالقۇنلىتىپ  تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ماگما ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان قەلبى كورلارنى ھەقىقىي  چاتاق دېسە بولىدۇ.. . يەنە ئەسلىدىكى تېمىدىن چەتنەپ بىرمۇنچە سۆزلەپ كەتتىمغۇ دەيمەن . بايا گېپىمنى نېمىدىن باشلىغانىدىم؟
    − ياق ، چەتنەپ كەتمىدىڭ ، بايا گېپىڭنى بىر قىز بىلەن تانسىدا تونۇشۇپ قالغانلىقىڭدىن باشلىغان . گەرچە ئۇ ھەقتىكى ھېكايەڭ ۋاقىتلىق ئۈزۈلۈپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن گەپ يەنىلا بىر باش تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا سۆزلىنىۋاتىدۇ . يەنە كېلىپ يېڭى ۋە ھەققانىي  سۆزلەر سۆزلىنىۋاتىدۇ.
    − مېنى ئىلھاملىنىپ تېخىمۇ سۆزلەپ كەتسۇن دەپ ، كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ قويۇش ئۈچۈنلا شۇنداق دەپ قويۇۋاتىسەنغۇ دەيمەن . بوپتۇ ، ھامان ساڭا سۆزلەپ بەرگىلى كەلگەندىكىن سۆزلەۋېرەي...
    − بۇ گېپىڭ تازا چەك باسماي قالدى ئاداش . بىز قاچانمۇ ئۆزئارا يالغان ئېيتىشقان؟ مەن تېخى سۆزلىرىڭنى بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ماختىماقچى ئىدىم . لېكىن بىرىنچىدىن ، سەن-بىزنىڭ بىراۋنى يۈزتۇرانە تۇرۇپ ماختاش ئادىتىمىز يوق . ئىككىنچىدىن ، سېنىڭ گېپىڭنى بۆلۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن ، تىلىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان گەپلەرنىمۇ يۇتۇۋېتىپ جىم ئولتۇردۇم.
    − مېنى سۆزلەپ بەرگىلى كەلدى دەپ ، ھەممە گەپنى ماڭا كۆتۈرە قىلىۋەتسەڭمۇ سۆھبىتىمىز  تازا قىزىمايدۇ . سەنمۇ تىلىڭنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان سۆزلەرنى تۈكۈرۈكۈڭ بىلەن قوشۇپ يۇتۇۋەتمەي ، ئانچە-مۇنچە پىكىر قاتناشتۇرغاچ ئولتۇرمامسەن؟
    − بىر كەلتۈرۈۋالدىڭ-دە ، بولىدۇ . ھازىرچە بولىدۇ دەپ تۇراي.
    − ئەسلىدىكى گېىپىمىزگە كەلسەك ، شۇنداق قىلىپ بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . كېيىن ئەسەر يازغان ۋاقتىڭدا پايدىلىنىشىڭ ئۈچۈن ، ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىسمى ۋە قىياپەت تەسۋىرىنى ئېيتىپ بېرەي: ئىسمى مېھراي ، قەشقەرنىڭ يېڭىسار ناھىيىسىدىن . بويى ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ ، لېكىن سېمىز بولغىنى ئۈچۈن ئوتتۇرا بوي كۆرۈنىدىغان ، سۈزۈك لەۋلىك ، يۇمىلاق يۈزلۈك ، ئۆتكۈر كۆزلۈك ، بۇغداي ئۆڭلۈك كەلگەن بۇ قىز ئۆزىنىڭ شۇنچە ئاددىي-ساددا يۈرىشىگە قارىماي ، ئادەمنىڭ كۆزىگە بىر خىل ئىللىق كۆرۈنىدۇ . شۇ تاپتىمۇ ئېنىق ئېسىمدە ، ئۆتكەن يىلى  11-ئاينىڭ 03-كۈنى ئىدى . ئىنستىتۇتقا بارماس چاغدىلا مۇشۇ يەردە يېزىشقا باشلىغان ، سەنمۇ بىلىدىغان ھېلىقى »تەكلىماكان ۋە دولان« دېگەن ماۋزۇدىكى چوڭ ھەجىملىك ماقالەمنى ئاخىرى پۈتتۈرۈپ ، گويا قىممىتىنى ئۆلچەپ بولمايدىغان بىباھا بىر تارىخىي  قەرزنى ئوڭۇشلۇق تۆلەپ تۈگەتكەندەك ، ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خۇشاللاندىم...
    − دۇنيادا ئۆز ئەسىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تاماملىغان ئاپتورنىڭ خۇشاللىقىدەك خۇشاللىق تېپىلمايدۇ.
    − دەل شۇنداقكەن . ئاشۇ خۇشاللىقتا ياتاقتىكىلەرگە ئولتۇرۇش قىلىپ بەردىم . بىزنىڭ ئۇ يەردىكى ئولتۇرشلىرىمىز ئادەتتە قىزلارسىز تۈزۈلمەيدۇ . قىزلارنى چاقىرايلى  دەپ تۇرساق ، بىر ياتاقدىشىمىزغا يۇرتداش كېلىدىغان بىر قىز كىرىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن يولنى قىسقارتىپ ، ئۇ قىزنىڭ ياتىقىدىكىلەرنى تەكلىپ قىلدۇق . ئولتۇرۇش باشلىنىدىغان چاغدا ئىككى كەلىمە گەپ قىلىشقا ۋە ياتاقداشلار قاتارىدا ئۆزۈمنىمۇ تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى . مېنىڭ ئىسمىم قىزلارغا بىرئاز غەيرى تۇيۇلدى بولغاي ، تېخى ئەمدىلا ئىسمىمنى ئېيتىپ تۇرۇشۇمغا ، بىر قىز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي: »تايماس؟...« دەپ تەكرارلىدى . مەن ھەم چاقچاق ، ھەم جاۋاب ئورنىدا ئىزاھات بېرىپ: »شۇنداق ، ئاتا-ئانام مېنى دۇنيانىڭ قەدىمىي  مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا بايلىقلارنى قوشقان ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ شانلىق ئىزىدىن تېيىپ كەتمەي مەڭگۈ ئىز بېسىپ ماڭسۇن دەپ ، ئىسمىمنى تايماس قويغانىكەن...« دېدىم.
    − ھەجەپمۇ مەنىلىك ، چىرايلىق ئىسىم ئىكەن دەيدىغانلار چىقمىدىمۇ؟
    − چىقتى ، دەل مەن ساڭا سۆزلەپ بېرىۋاتقان ھېلىقى مېھراي ، يېنىدا ئولتۇرغان بىر دوستىغا دېگەنلىك بولۇپ ، بوش ئاۋازدا »ھەجەپ مەزمۇنلىق ئىسىمكەن-ھە« دەپ قويدى . كىيىن بىللە تانسا ئوينىدۇق . شۇ جەرياندا ئۇنىڭ خەنزۇ تىل فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغانلىقىنى ، ئىنستىتۇتقا  كەلگىنىگە ئۈچ يىل بولغانلىقىنى ، يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇشىنىڭ پۈتىدىغانلىقىنى ۋە تارىخقا ، بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ تارىخىغا بەكمۇ قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدىم . ئاشۇ قىز بىلەن تونۇشقىچە بولغان ئارىلىقتا مەن ئىنستىتۇتتىكى بايا سۆزلەپ بەرگەن مەنىۋى مۇھىتقا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گەپ-سۆز ، ئىش-ھەرىكەت ، كىيىم-كېچەكلىرىگە قاراپ ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان ، مىللەت ۋە ئانا يۇرتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردە بىلىم ئېلىشقا بەل باغلىغان بىرمۇ ئۇيغۇر بالىسى يوققا ئوخشايدۇ دەپ ، روھىم قاتتىق ئازابلانغانىدى . بولۇپمۇ ئىلگىرى خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ، ئىنستىتۇتقا كەلگەندىن كېيىنمۇ خەنزۇ بالىلار بىلەنلا ئارىلىشىپ ئۆتۈۋاتقان ، ئاتا-ئانىسى كىچىك چېغىدا قويغان ئىسمىدىن باشقا ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنىڭ ھېچقانداق يېرىدىن قىلچىلىك مىللىي خاسلىق تاپقىلى بولمايدىغان ، ھەتتا ئۇيغۇر ياكى باشقا مىللەت ئىكەنلىكىنى ئايرىغىلى بولمايدىغان قىزلارنى كۆرسەم...
    − توختاپ قالدىڭغۇ؟
    − بولدى ، بۇ ھەقتە سۆزلەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي ، ھەرقانچە ئورۇنلۇق سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ ، سېنىڭ ئەسەر يازىدىغان چاغدا ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىڭ مۇمكىن ئەمەس . سېنى ئەسەرگە كىرگۈزۈشكە جۈرئەت قىلدى دېگەن تەقدىردىمۇ ، تەھرىرنىڭ ئۇنى قىزىل قەلەم بىلەن جىجىۋېتىشكە مەجبۇر بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس.
    − شۇنداق ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىزنىڭ شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مىسلىسىز تەكىتلىنىپ ، ھەر يىلى مەخسۇس ئىتتىپاقلىق ئايلىرى بەلگىلەندى . مەخسۇس ئۆلچەملەر بېكىتىلىپ ئورۇن ، ناھىيە ھەتتا ۋىلايەتلەرگىچە تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىندى . بارغانچە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇشۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئارقىلىق كىشىلەر ھەددىدىن ئارتۇق ئېھتىياتچان بولۇپ ، مىللىي خاسلىق ، مىللىي غۇرۇر ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى . گەرچە ھازىر كۆرۈنۈشتە ئىتتىپاقلىق كەيپىياتى ئىنتايىن ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ ، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، بۇ بىر سۈنئىي ئىتتىپاقلىق . ئەمەلىيەتتە بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنىدىكەن ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ مىللىي خاسلىقى ، مىللىي غۇرۇرىمۇ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك ئىدى . چۈنكى دەل ئاشۇ مىللىي خاسلىق بىلەن  مىللىي غۇرۇر بولمىسا ، ھەرقانداق بىر مىللەت ئاخىرقى ھېسابتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ . بۇمۇ بىر تەبىئىي قانۇنىيەت بولۇپ ، خۇددى يۇرتىنى سۆيمىگەن ئادەم ۋەتەننى سۆيمەيدۇ دېگەن داۋلىغا ئوخشاشلا ، ئۆز مىللىتىنى سۆيمىگەن ئادەمنىڭمۇ باشقا مىللەتنى ، جۈملىدىن ئىنسانىيەتنى سۆيۈشى مۇمكىن ئەمەس . ئەسلىدە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىش بولۇپ ، ئۇلار بەلگىلەنگەن مەلۇم ئايلاردىلا سۈنئىي ئىتتىپاقلىشىپ قالماي ، بەلكى ھەر دائىم تەبىئىي ھالدا ئىتتىپاقلىشىپ تۇرسا ياخشى بولاتتى.. . بولدى ، ئەسلىدىغۇ بۇمۇ تۈكۈرۈك بىلەن يۇتۇۋېتىشكە تېگىشلىك گەپلەر ئىدى . مەنمۇ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلدىم . قېنى ، ھېكايەڭنى داۋام قىلغىن.
    − شۇنىڭدىن باشلاپ مېھراي بىلەن ئانچە-مۇنچە سالاملىشىدىغان بولدۇق . كىتاب سوراپ پات-پات چىقىپمۇ تۇردى . بىز ھەر قېتىم ئۇچراشقاندا ياكى پاراڭلاشقاندا ، قىلىشىدىغان گېپىمىز باشقىلارغا ئوخشاش شەھەردە قايسى يېڭى كىنولارنىڭ قويۇلۇۋاتقانلىقى ، ئىنستىتۇتنىڭ قايسى ئاشخانىسىدا  قانداق تاماق ئېتىلگەنلىكى قاتارلىقلار بولماستىن ، بەلكى تارىخىمىزنىڭ شۇنچە پارلاقلىقى ، بىراق ھازىرقى ھالىتىمىزنىڭ شۇنچە قالاقلىقى ۋە ئۆتۈلۈۋاتقان دەرسلەر ھەققىدىلا بولدى . مېنىڭ مىجەزىمنى سەن ياخشى بىلىسەن . ئادەتتە گەپ قىلىش زۆرۈر بولۇپ قالمىسا ، تولا گەپ قىلغان بىلەن تازا خوشۇم يوق . بىز ئۇچراشقان چاغلاردىمۇ ، دەسلەپ ئارىمىزدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . كېيىن مېھراينىڭ تارىخىمىز ھەققىدىكى بىرەر سوئالىنى سورىشى بىلەنلا بىر سۆزلىشىپ كەتسەك ، ھەتتا قىزلار بىناسىنىڭ دەرۋازىسىنى تاقايدىغان چاغقىچە گېپىمىز تۈگىمەيدۇ . بىراق گەرچە ياتاقلىرىمىزنىڭ ئارىلىقى 002 مېتىر كەلمىسىمۇ ۋە كۈندىلىك ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ بىرەر قېتىمىدا ئاشخانىدا دوقۇرۇشۇپ قالساقمۇ ، بىرنەچچە ھەپتىگىچە كۆڭلىمىزدىكى ئورتاق غايە ھەمدە ئاشۇ غايىدىكى پارلاق كەلگۈسىگە بولغان يالقۇنلۇق ئۈمىد-ئىشەنچلەر ھەققىدە تەپسىلىي  سۆزلىشىشكە پۇرسەت تاپالماي ، سالاملىشىش بىلەنلا كۇپايىلىنىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدۇق . بۇ خىل بۇرۇقتۇرما ھالەت مېنى بارغانچە بىزار قىلىشقا باشلىدى . چۈنكى سىنىپتىكى شەكىل ئۈچۈنلا ئۆتۈلۈپ قويۇلىدىغان ، ئوقۇغۇچىغا ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلدۇرمايدىغان ئۈنۈمسىز دەرسلەر ، ياتاقتىكى ئەھمىيەتسىز قۇرۇق پاراڭلار ، يېڭى مۇھىتقا كۆنەلمەسلىك ، غېرىبلىق ، ئېزىز ئانا يۇرتنى ، مېھرىبان ئاتا-ئانا ، ئوماق بالا-چاقا ۋە قەدىردان دوستلارنى سېغىنىش تۇيغۇسى ئىلكىدە مۇڭلانغان كۆڭۈل ئۆزىگە بىر سەمىمىي  سىرداش دوست ئىزدەيتتى . گەرچە جىنسىي  ۋە ياش پەرقى جەھەتتىن تامامەن ئەكسىچە بولسىمۇ ، لېكىن ئەنە شۇ دوستىنىڭ كۆلەڭگىسى كۆرۈنۈۋاتقان بىر چاغدا ئارىدا  بۇرۇقتۇرما ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشى ھەقىقەتەن جانغا تېگىدىغان ئىش . مەن بۇ ھالەتنى قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ يۈرۈۋاتقىنىمدا ، مېھراي ھەر ھەپتىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ، مەلۇم بىر ۋاقىتتا ، مەلۇم بىر چاغدا قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرۇشتىن ئىبارەت بىر يېڭى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى . مەن بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم . بىز شۇنىڭدىن باشلاپ قەرەللىك ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان بولدۇق . بىر-بىرىمىزنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چۈشىنىشتۇق . ئاشۇ ئاساستا جىنسىي  ۋە ياش پەرقى جەھەتتىن ياخشى ئاكا-سىڭىل ، يۈرەكتىكى ئورتاق ئارزۇ-تىلەك ۋە خاراكتېردىكى بىردەكلىك جەھەتتىن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق...
    − ئىنسان ئۆز بېشىدىن كەچۈرمىگۈچە نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدۇ . سېنىڭ بىر قىز بىلەن ھەم ئاكا-سىڭىل ، ھەم دوست بولۇپ قالدۇق دېگىنىڭنىمۇ بەزىلەر چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن . مەن 41 يىلغىچە تۈرمىدە يالغۇز ياتقان بىر سىياسىي  مەھبۇسنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ، يالغۇزچىلىق دەردىدە تۈرمىدە بىر چاشقان بىلەن »دوست« بولۇپ قالغانلىقىنى ، كېيىن تاماق ئېلىپ كەلگەن بىر گۇندىپاي مەھبۇسنىڭ مۈرىسىدە ئويناۋاتقان چاشقاننى كۆرۈپ ئۆلتۈرۈۋەتكەندە ، مۇددىتى توشۇشقا بىر ھەپتىلا قالغان مەھبۇسنىڭ ئاچچىقىغا پايلىماي گۇندىپاينى بوغۇپ قويۇپ ، يەنە قايتا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم . ئادەملەر يېڭى مۇھىتقا يولۇققاندا ، ئۇ يەردىن ئۆزىگە مەسلەكداش ، سىرداش ، دوست تېپىشقا ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئىنتىلىدۇ . ئەنە شۇنداق چاغدا يۈرەكتىكى ئارزۇ-ئارمان ، غايە-ئۈمىدلەرنىڭ ئوخشاش چىقىپ قېلىشىلا ئەمەس ، ھەتتا خاراكتېردىكى كىچىككىنە ئوخشاشلىقلارمۇ ئۇلارنى يېقىن دوستلارغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
    − سەنمۇ دەل مەن ھېس قىلغان ۋە دېمەكچى بولغان گەپلەرنى دەۋاتىسەن . شۇنداق قىلىپ بىز ھەر ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ، ئىنستىتۇتقا تام قوشنا بولغان »بەش بۇلاق« باغچىسى ئالدىدا كۆرۈشىدىغان بولدۇق...
    − توختاپ تۇرغىن ، بىرسى ئىشىكنى قېقىۋاتىدۇ ، مەن چىقىپ باقاي...
    − ...
    − ئوغلۇڭ ئۆيگە مېھمان كېلىپ قالدى دەپ چاقىرغىلى كەپتۇ.
    − ئۇنداقتا مەن باراي . پارىڭىمىزنىڭ داۋامىنى ئەتە داۋاملاشتۇرايلى.
    − ھازىر ھەرقانچە ئالىي تەكلىپ-تەكەللۇپمۇ قۇلىقىڭغا مۇشت بىلەن ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغۇ دەيمەن . تەتىل قىلىپ كەلگىنىڭگە تېخى ئەمدىلا ئۈچ كۈن بولدى ئەمەسمۇ . بولىدۇ ، تېزرەك بارغىن...
    − چاقچىقىڭ تەنە تۈسىنى ئېلىپ قالدىمۇ قانداق؟ مۇبادا ئۇرۇق-تۇغقانلار مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىپ قالغان بولسىچۇ؟
    − مەيلى قايسىسى بولسۇن ، يەنىلا تېزرەك بارغىنىڭ تۈزۈك ، ئەتە سائەت قانچىدە كۈتىمەن؟
    − ئۈچتە كېلەي.
    − بولىدۇ ، خوش ئەمىسە ، خەيرلىك كېچە تىلەيمەن.
    − مەن ھەم شۇ.

    3

    − بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار ئۈچۈن ، خۇدا ياراتقان يەتتە كۈننىڭ ھەممىسى ئوخشاش . بىراق مەن مېھراي بىلەن تونۇشقاندىن باشلاپ ، ھەر بىر سەيشەنبە مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان ئالاھىدە بىر كۈنگە ئايلىنىپ قالدى . چۈنكى بۇ كۈنى بىز دەل ھازىرقى مۇشۇ ۋاقىتتا »بەش بۇلاق« باغچىسىنىڭ ئالدىدا ئۇچرىشىمىز . ئاندىن باغچا ئالدىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريولنى بويلاپ ، ئاستا پاراڭلىشىپ ماڭىمىز . يېرىم سائەتتە بىر دېگۈدەك ئۇياندىن-بۇيانغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان پويىزلار كۆڭۈللۈك پارىڭىمىزنى پات-پات ئۈزۈپ تۇرىدۇ . ئەمما بىزگە مۇشۇ تۆمۈريولنى بويلاپ مېڭىشتىن باشقا ئانچە ياخشى چارە يوق . چۈنكى ئىنستىتۇت ئىچىدە ئوقۇغۇچى مىغىلدايدۇ . شەھەردىكى باشقا باغچا ، كىنوخانا ھەتتا چوڭ كوچا-يوللاردىمۇ تونۇش ساۋاقداشلار پات-پات ئۇچراپ تۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جۈپ-جۈپ  بولۇپ يۈرىشىۋاتقان مۇھىتداشلار . بىز ئۇلارغا كۆز سالمىغىنىمىز بىلەن ، ئۇلار بىزگە كۆز-قۇلاق بولۇپ گەپ تېپىشقا ئارانلا تۇرىشىدۇ . گەرچە بىز ئۇلارغا ئوخشاش ئىشق-مۇھەببەت ئېھتىياجىدىن ئەمەس ، بەلكى ئىككى قەلبتىكى ئورتاق بىر يالقۇنلۇق غايە ، پارلاق كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدلىك ئىنتىلىش ۋە بۈگۈنكى رېئاللىققا بولغان پىكىردىكى ئوخشاشلىق سەۋەبىدىن ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ، شۇنداقلا مېھراينىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا مەن يەنە ئۇنىڭغا »بىلىم بېرىش« ئۈچۈن چىققان بولساممۇ ، لېكىن بىز تار ۋە ئارقا يوللاردا مېڭىشقا مەجبۇر...
    − سەنمۇ بەزىدە ھەددىدىن زىيادە ئېھتىياتچان . قورسىقىڭنىڭ ئاغرىقى بولمىغاندىكىن ، تاۋۇز يېيىشتىن قورقۇپ نېمە قىلاتتىڭ؟
    − شۇنداق ، ئەسلىدە قورساقنىڭ ئاغرىقى بولمىغاندىكىن ، تاۋۇز يېيىشتىن قورقماسلىق كېرەك ئىدى . لېكىن قىزنى ئايىدىم . ئىنستىتۇتتىكى مەخسۇس پەن ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدا شۇنداق بىر كەيپىيات مەۋجۇتكى ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن قايسى بىر قىز مەيلى يۇرتداشلىق ، مەيلى باشقا ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن بىز بىلىم ئاشۇرۇشقا بارغان »قېرىلار« بىلەن  ئارىلىشىپ قالىدىكەن ، ئۇ بىچارە قىزغا كۈن يوق...
    − چۈشەندىم ، ئىسىت! شۇلارمۇ ئۆزىنى تېخى ستۇدېنت دەپ يۈرىشىدۇ-ھە! ھېلىغۇ سىلەر ئاكا-سىڭىللاردەك ئۆتۈپسىلەر ، ئەگەر راستتىنلا مۇھەببەتلىشىپ ئۆتكەن بولساڭلارمۇ بۇنىڭ ئۇلار بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۆز ئەركىڭلاردىكى ئىشقا ئارىلىشىشقا نېمە ھەققى بار؟! ئۇلار بىلسە چىن ھەقىقىي مۇھەببەت مىللەت ئايرىمايدۇ . ياشقا قارىمايدۇ ، چىراي تاللىمايدۇ . دېمەك ، ئۇنىڭغا ھېچقانداق نەرسە توسالغۇ بولالمايدۇ...
    − ياز كۈنلىرى بىزگە بولىدىغان توسالغۇ بىرئاز ئازىيىدۇ . بەزىدە  گاۋلەنشەن تېغى ئۈستىگە چىقىپ ، شەھەر مەنزىرىسىنى تاماشا قىلغاچ پاراڭلىشىمىز . بەزىدە خۇاڭخې بويىغا بېرىپ ، قەلبىمىزدىكى غۇبارسىز ئارزۇ-ئۈمىد دولقۇنلىرىنى ئاشۇ ئەزىم دەريانىڭ تىنىمسىز دولقۇنلىرى بىلەن تەڭكەش قىلىمىز . خۇددى ئاشۇ ئەزىم دەريامۇ ناھايىتى ئۇزاقلاردىن ئېقىپ كەلگىنىگە ئوخشاش ، بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزمۇ بەزىدە يىراق-يىراقلارغا − جۈملىدىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مۇشۇ دەريانى »سېرىق دەريا« دەپ ئاتاپ ، ئۇنىڭ ۋادىلىرىدىكى كەڭ سۇ ، گەنجۇ يايلىقى ، دۇخان )دۇنخۇاڭ( چوغاي ئېتىكى ، قىسقىسى ، خېشى كارىدورىدا ياشىغان دەۋرلەرگىچە كېتىدۇ . بەزىدە مەن تولا سۆزلەپ ھېرىپ كېتىپ جىم بولۇپ قالىمەن . ئالدىمدا گەرچە خۇاڭخې  دەرياسى ئېقىپ تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ سۈيى لەۋلەرنى نەم قىلىشقىمۇ يارىمايدۇ ، چۈنكى ئۇ بۇلغانغان ، بۇنداق چاغلاردا مېھراي قەھرىمان ئەجدادلىرىمىزنىڭ پارلاق تارىخىدىن نۇرلانغان ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تەشنالىق بىلەن ماڭا تىكىپ:
    − نېمە بوللا تايماس ئاكا ، توختاپ قاللىغۇ؟− دەپ سورايدۇ . ۋۇجۇدىدا ساپ ئۇيغۇر قېنى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ۋە قەھرىمان ئاجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىغا شۇنچە قىزىققان بىر قىز ، ساڭا ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تىكىپ تەشنالىق بىلەن قاراپ تۇرسا ، سېنىڭ سۆزلەپ بەرمەسلىكىڭ مۇمكىنمۇ؟ مەن تولا سۆزلەپ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىمنى يالاپ قويۇپ ، يەنە سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.
    − ئەگەر ئېسىڭدە قالغان بولسا ، بىرەر قېتىملىق پارىڭىڭلارنى دىئالوگ شەكلىدە ئەينەن دەپ بەرگەن بولساڭ تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
    − ئېسىمدە ، تارىخ بىراقلا بەكمۇ يىراقتىن باشلانسا ئارىلىقتىكى بوشلۇق ناھايىتى ئۇزىراپ كېتىدىغان بولغىنى ئۈچۈن ، چۈشىنىشكە تەسىر يەتمىسۇن دەپ ، مەن ئاۋۋال ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى ، ئاندىن خوجىنىياز ھاجى ، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلاڭلىرىنى ، ياقۇپ بەگنىڭ 41 يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان مۇستەقىل دۆلىتىنى سۆزلەپ بەردىم . ئاشۇ ئۇسۇل بويىچە ئارىلىقتىكى بوشلۇقنى ئىمكانقەدەر تارايتىپ ، بارا-بارا يېقىندىن يىراققا ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللاندىم . مېھراي شۇ دەرىجىدە  قىزىقىپ كەتتىكى ، ھەتتا مەن سائەتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويمىسام ، قىزلار بىناسى دەرۋازىسىنىڭ تاقىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالسىمۇ يەنىلا مېنى سۆزلەپ بېرىشكە دەۋەت قىلىپ ، قايتىشنى يادىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايتتى . شۇنداق كېچىلەرنىڭ بىرىدە بىز خۇاڭخې  بويىدا كېتىۋاتاتتۇق . دەريا بىلەن يول ئارىلىقىدىكى تار گۈللۈكتە  يېنىپ تۇرغان بىر چىراغ بىردىنلا ئۆچۈپ قالدى . بۇنىڭ بىلەن ئىختىيارسىزلا بىر تارىخىي  قوشاق يادىمغا كېلىپ قالدى . مەن ئۇنى بوش ئاۋاز بىلەن دېكلاماتسىيە قىلدىم:
    بەختىمىز بولسا ئەگەر،
    يانغان ئوت ئۆچەرمىدى.
    يۇرتىمىز بولسا ئامان،
    خەلقىمىز كۆچەرمىدى.
    − بۇ بىر تارىخىي  قوشاق ئوخشىمامدۇ؟− دەپ سورىدى مېھراي مەندىن.
    − ھەئە ، بۇ ئېھتىمال نۇزۇگۇم پالانغان دەۋردە مەيدانغا چىققان قوشاق بولۇشى مۇمكىن . لېكىن بەختسىز خەلقىمىز تارىختا ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۆپ قېتىملاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.
    − نۇزۇگۇم دەۋرىدىكى كۆچۈشلەرنىغۇ چۈشىنىمەن . ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۆچۈشلەر نېمە سەۋەبتىن بولغان؟ ئۇنىڭ تارىختىكى رولىچۇ؟
    − بۇ سوئالىڭىزغا تولۇقى بىلەن جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئاز دېگەندىمۇ بىرنەچچە كۈن ماتېرىيال كۆرۈپ مەخسۇس تەييارلىق قىلىشقا ، ئاندىن پاكىت ، مۇلاھىزە ۋە يەكۈنلەرنى رەتلەپ چىقىشقا  توغرا كېلىدۇ . دېمەك ، سوئالىڭىزغا تولۇق بېرىلگەن جاۋاب بىر پارچە ئىلمىي ماقالە بولۇپ پۈتۈپ چىقىدۇ . لېكىن ھازىر بىزدە ئۇ ئىمكانىيەت يوق . مەن پەقەت ئاشۇ ھەقتىكى يۈزەكى ھېسسىياتلىرىمنى ۋە ھازىر يادىمدا بار بولغان بەزى خاتىرىلەرنىلا سۆزلەپ بېرەي.
    − تارىخىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن كۆچۈشلەرنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ خىل . ئۇ كۆچۈشلەرنىڭ بەزىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بەزىلىرى مەغلۇپ بولۇپ باشقا جايلاردىن ماكان تۇتۇش ئۈچۈن ، يەنە بەزىلىرى ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن بولغان . بۇ كۆچۈشلەرنىڭ تارىختا ئوينىغان رولىمۇ ھەر خىل . لېكىن بىرلا نۇقتىنى ئايرىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ . ئۇ بولسىمۇ ئاشۇ خىلمۇ خىل ۋە كۆپ قېتىملىق كۆچۈشلەر نەتىجىسىدە ، خەلقىمىز سان جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ باردى . سىياسىي  ۋە ھەربىي  كۈچ جەھەتتىنمۇ بارغانچە ئاجىزلاپ باردى . بىرەر مىللەت ، بىرەر خەلقنىڭ كۈچىيىشى ياكى ئاجىزلىشىشى  ئەلۋەتتە يالغۇز ئۇلارنىڭ سانىغىلا ئەمەس ، بەلكى ئەڭ مۇھىمى ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ . بىراق مۇئەييەن ساندىن مۇئەييەن سۈپەت چىقىدۇ دېگەن سۆزنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق داۋلىسى بار . بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن ، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئەتراپىدىكى باشقا ھەرقانداق قوشنا مىللەت ، قوشنا خەلقتىن مەيلى سان ، مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن ، زادىلا قېلىشمايدىغان ، بەلكى تەسىر دائىرىسى ئۇلاردىن خېلىلا ئۈستۈن بولغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز كۆپلەپ سىرتقا كۆچۈپ ، كۆچۈپ بارغان يەردىكى مىللەتلەرگە تەدرىجىي  سىڭىشىپ كەتمىگەن بولسا ، خەلقىمىز بۈگۈنكىدەك نادان ، ئاجىز ھالەتتە ياشارمىدى؟.. . بىراق بۇ بىر ئويدىنلا ئىبارەت . ئادەم نېمىلەرنى ئويلىمايدۇ دەيسىز؟ بەلكى ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كۆچۈشلەردە نۇرغۇن ياخشى ئوي ، ياخشى تىلەكلەردە بولغان بولغىيدى . لېكىن بەزى چاغلاردا ئوي-تىلەك قانچىلىك ياخشى بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ . بىزنىڭ تارىخىمىزدىكى كۆچۈشلەرنىڭ رولىمۇ دەل ئەنە شۇنداق ئەكسىچە بولغان . كۆچۈش نەتىجىسىدە خەلقىمىز ئاجىزلاپ قوشنا مىللەتلەر كۈچەيگەن . بۇ ھەقتىكى تارىخىي  پاكىتلاردىن بىر-ئىككىنى سۆزلەپ بېرەي.
    − مىلادى 048-يىلى قۇجۇ ، يەنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى خانىۋەيران بولۇپ ، ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى ، دۇنخۇاڭ ، ۋۇۋي ، خولەنشەن ، تيەنسۈي ، جوچىۋەن قاتارلىق جايلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان . ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئاجايىپ سەلتەنەتلىك كۆچۈشلەرنىڭ بىرى مىلادى 053-يىللىرىلا يۈز بەرگەن بولۇپ ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ھېسابلانغان ھونلار شۇ يىللاردا خۇددى دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنىدەك قوزغىلىپ  ياۋروپاغا يۈزلەنگەن . ئۇلار گەرچە 553-يىللىرى كاسپى دېڭىزى بويلىرىنى ئىشغال قىلغان؛ ئالانلار ۋە شەرقىي  گوتلار دۆلىتىنى يوقاتقان؛ 873-يىلى تەراكىيە ، يەنى ھازىرقى رۇمىيىگىچە ھەتتاكى قۇددۇس ، يەنى ھازىرقى ئېروسسالىم شەھىرىگىچە بېسىپ بارغان؛ 014-يىلىغا كەلگەندە قازاقىستاندىن تارتىپ رىيىن دەرياسىغىچە سوزۇلغان كەڭ زېمىننى بىرلىككە كەلتۈرگەن؛ 334-يىلى رومالىقلارنى ھەر يىلى 0012 لىرا ئالتۇن ياساق تۆلەشكە مەجبۇر قىلىپ ، روما شەھەرلىرىدىن 07 نى بېسىۋالغان بولسىمۇ ، لېكىن ئەڭ ئاخىرقى ھېسابتا ئۇلار ئۆزلىرى بېسىۋالغان ئاشۇ زېمىندىكى خەلقلەرگە ئاستا-ئاستا سىڭىشىپ كەتكەن . ئادەمنى تېخىمۇ ئويغا سالىدىغىنى شۇكى ، مىلادىنىڭ 84-يىلى خانزادە بەي گۇمىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى ھونلارنى ئەگەشتۈرۈپ خەن سۇلالىسىغا بەيئەت قىلىپ ، ئۆزىنى خو جەنيى تەڭرىقۇت دەپ جاكارلىغان . تارىختا خو خەنيى ئىككىنچى دەپ ئاتالغان بەينىڭ بۇ ھەرىكىتى بىلەن ھونلار شەرقىي  ھونلار ۋە غەربىي  ھونلاردىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن . شەرقىي  ھونلارنى خو جەنيى ئەگەشتۈرۈپ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ كەتكەن . دېمەك ، ھونلارنىڭ پۈتۈن بىر قىسمى سەددىچىن سېپىلى ئىچىدە ئولتۇراقلىشىپ ، ئاشۇ جايدىكى قوشنا مىللەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان غەربىي  ھونلارغا قارشى قانلىق جەڭلەرنى قىلغان . 9881-يىلى موڭغۇلىيىنىڭ خوخەن سايدام دېگەن يېرىدىن تېپىلغان »كۈلتېگىن مەڭگۈ تېشى«گە تەخمىنەن 037-يىللىرى ئويۇلغان بىر تېكىستتىمۇ دەل ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي  ۋەقە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدا شۇنداق سۆزلەر بار: »شەرققە كېتىدىغىنىڭ كەتتىڭ ، غەربكە كېتىدىغىنىڭ كەتتىڭ . بارغان يېرىڭدىكى ھالىڭ شۇ بولدى ، قېنىڭ سۇدەك ئاقتى . سۆڭىكىڭ تاغدەك دۈۋىلەندى . بەگلىكنىڭ ئەر ئەۋلادى قۇل بولدى ، خانىملىق قىز ئەۋلادىڭ دېدەك بولدى«.. .
    مېھراي بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلاندى بولغاي ، ئىختىيارسىز ھالدا قەدەملىرى ئاستىلاپ ، ئاخىر توختاپ قالدى .  مەن ئۇنىڭ ھاياجان ئىلكىدىكى يالقۇنلۇق پىكىرلىرىگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن ، ئۈن-تىنسىز تۇردۇم . مېھراينىڭ كۆزلىرى گويا تۈن قاراڭغۇلۇقى قوينىدىن نېمىنىدۇر ئاختۇرۇۋاتقاندەك بىر نۇقتىغا تىكىلگەنىدى . مەن ئۇنىڭ دەريا بىلەن يول ئارىلىقىدىكى تار گۈللەككە مەخسۇس زىننەت چىراغلىرى ئۈچۈنلا ئورنىتىلغان تۆمۈر ئىستولبىنىڭ ئۇچىغا قاراپ تۇرغانلىقىنى سەزدىم . بۇ ئىستۇلبىنىڭ ئىچىگىمۇ گەرچە ھەر 02-03 مېتىرغا بىردىن قادالغان باشقا ئىستۇلبىلارغا ئوخشاش بەش دانە رەڭلىك لامپۇچكا ئورنىتىلغان  بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ پەقەت بىرسىلا يېنىپ تۇراتتى . مېھراي لامپۇچكىلاردىن كۆزىنى ئۈزمەستىن ، گويا ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك بوش ئاۋازدا  دانىمۇ-دانە قىلىپ سۆزلىدى:
    − ھەي ، بەختسىز چىراغلار ، نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار تەڭ يورۇمايدىغانسىلەر؟ مۇبادا ھەممىڭلار ئۆز ۋۇجۇدۇڭلاردىكى بارلىق نۇرنى ئايىماي چىقىرىپ ۋە  بىرلەشتۈرۈپ تەڭ چاچساڭلار ، ئۇ ھالدا ئەتراپ يەنىمۇ نۇرلىنىپ  قاراڭغۇلۇق تېخىمۇ ئاجىزلاشماسمىدى؟!...
    − بىراق لامپۇچكا ئەينەك ۋە ۋۇلفىراملاردىن تەركىب  تاپقان . ئۇ شۇنچە سۈزۈك ۋە پاك بولغىنى بىلەن ، سالمىقى ئۆزىدىن نەچچە يۈز ھەسسە ئېغىر بولغان تاش-داشقاللارنىڭ رەھىمسىز زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . ئەنە قاراڭ ، قاراڭغۇلۇق ھامىلىرى ئۇنى تاش ۋە داشقاللار بىلەن ئۇرۇپ چىقىۋېتىپتۇ.. .
    مېھراي كۆزلىرىمگە قاراپ ، چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن ھالدا بېشىنى لىڭشىتتى ۋە يەنە ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەۋاتقاندەك ئاستا پىچىرلىدى:
    − بەلكى ئۇنى رېمونت قىلغۇچىلار نۇرغۇن قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرگەندۇ . بىراق قاراڭغۇلۇق ھامىلىرى يەنە تاش بىلەن داشقال ئېتىپ چاققاندۇ . ئەجەبا ئۇنى تاش بىلەن داشقالنىڭ زەربىسىدىن ساقلاپ قالالايدىغان بىرەر چارە تېپىلماسمۇ؟ ئەجەبا ئاشۇ چىراغلارنىڭ ئاستى مەڭگۈ نۇرلىنالماي ئۆتەرمۇ؟!...
    − نۇرلىنىدۇ ، جەزمەن نۇرلىنىدۇ! بۇ دۇنيادا ئىنسان ئۈمىدسىزلەنمەي ، ئۆز ئىرادىسىدىن قايتماي ئاداققىچە ئىزچىل كۈرەش قىلسىلا ، تاپقىلى بولمايدىغان چارە ، يەتكىلى بولمايدىغان نىشان يوق . ئەمما ئۇ نىشانغا ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئۈمىد ۋە ئىرادىلەر بىلەنلا يەتكىلى بولمايدۇ . بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئۈمىد-ئىرادە ئىگىسى شۇنداق بولۇشى كېرەككى.. . بۇ نۇقتىنى بىرمۇنچە قۇرۇق نەزەرىيىۋى سۆزلەر بىلەن چۈشەندۈرگەندىن كۆرە ، تارىختىكى بىر ئەمەلىي مىسال بىلەنلا چۈشەندۈرگەن ياخشىدەك تۇرىدۇ . مەسىلەن ، ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنى مىسالغا ئېلىشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە . مۇستاپا كامال...
    − خۇاڭخې بويىدا مۇستاپا كامال ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەۋاتقان كىمدۇ دېسەم ، بىزنىڭ تايماسكەن-دە! سۆزلىرىڭنىڭ ئورامىدىن قارىغاندا كەيپىڭ خېلى يۇقىرىدەك تۇرىدىغۇ؟
    − ھە ، نۇرتايمۇ سەن؟− مەن ماڭا قاراپ كېلىۋاتقان ساۋاقدىشىم نۇرتاي بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىكى دىلبەرنى كۆرۈپ ، سۆزلىرىمنى توختىتىشقا مەجبۇر بولدۇم . نۇرتاي سىنىپىمىزدىكى ئەڭ خۇشچاقچاق ساۋاقداشلارنىڭ بىرى ئىدى . ئۇ مېنىڭ گەپ قىلىشىمغىمۇ ئورۇن قالدۇرماستىن يەنە چاقچاق قىلىشقا باشلىدى.
    − مەن تېخى سېنى تارىخ كىتابلىرىنىڭ قوينىدىن سىرتقا چىقمامدىكىن  دېسەم ، خۇاڭخې  بويلىرىغىمۇ ئانچە-مۇنچە كېلىپ تۇرۇپسەن-دە ، مانا بۇ ئىشىڭ يارايدۇ...
    − سەن خۇاڭخې بويىغا مەندىن باشقىسى كېلەلمەيدۇ دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ بۇندىن مىڭ يىللار ئىلگىرى باتۇر ئەجدادلىرىمىز كېلىپ ئىزىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ ئەزىم دەريانىڭ بويىغا ئەلۋەتتە بىزمۇ كېلىپ تۇرىمىز-دە.
    − گېپىڭ جايىدا ، كېلىپ تۇرۇش كېرەك . بولمىسا ئىنستىتۇتتىن ئىبارەت  بۇ مۇساپىرلار لاگېرىدا ، كۈندۈزى كۈندۈزلۈك تۈرمە بولغان سىنىپقا ، كېچىسى كېچىلىك تۈرمىمىز ياتاقلارغا قامىلىپ ئىككى يىلنى توشقازغۇچە ئادەم زېرىكىش ، تىت-تىتلىق ، ئۇيقۇسىزلىق دەستىدىن نېرۋا كېسىلى بولۇپ كېتىدۇ...
    − بۇ گېپىڭىزچە ھۆكۈمەت سىزنى كېچىلىك ۋە كۈندۈزلۈك تۈرمىلەرگە قامىۋېتىش ئۈچۈن ئىنستىتۇتتىن ئىبارەت مۇساپىرلار لاگېرىغا مەجبۇرى ئەكەپتىكەن-دە؟
    − ياق ، دىلبەر خانىم ، بۇ مۇساپىرلار لاگېرىغا مەن ئۆز ئىختىيارلىقىم بىلەن كەلگەن ، ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن نەرسە . بىز ھەممىمىز ئەخمەق . ئەخمەق بولمىساق جەننەت كەبى يۇرتىمىزنى ، مېھرىبان ئاتا-ئانا ، قەدىردان دوست-يارلىرىمىزنى ، بىر ئوبدان ئائىلىمىزنى تاشلاپ ، ياندا بەش تىيىن بولمىسا قىستاپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئوبۇرنىغا كىرگىلى بولمايدىغان بۇنداق ئىتنىڭ شەھىرىگە نېمە بار دەپ كېلىمىز؟
    − سىزچە ئىنستىتۇتقا كەلگىنىمىزنىڭ زادى ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقمۇ ، نۇرتاي ئەپەندىم؟
    − بار ، دىلبەر خانىم ، بار . جاھاندا ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق ئىشمۇ بولامدۇ؟ خانىم-قىزلار ئالدىدىن ئۆتۈپ قالسا بۇرنىنى تۇتۇۋېلىپ ئۆتىدىغان ئوبۇرنىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئەھمىيىتى بار ئەمەسمۇ؟...
    − گېپىنىڭ سەتلىكىنى ، مەن سىزگە ئوبۇرنىنىڭ ئەمەس ، بىزنىڭ ئىنستىتۇتنىڭ گېپىنى قىلىۋاتىمەن!
    − بىزنىڭ ئىنستىتۇتنىڭمۇ ئەھمىيىتى بار . ئۇنىڭ بىرى − مەيلى تايماستەك باش كۆتەرمەي ئۆگىنىش قىلايلى ، مەيلى مەندەك خۇاڭخې سەيلىسى بىلەن ئۆتەيلى ، ئىشقىلىپ ئىككى يىلنى توشقۇزساق ، داشۆسىڭ دېگەن دىپلومغا ئېرىشىمىز . ئىككىنچىسى − مۇشۇ ئىنستىتۇتقا كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇخلاپ چۈشىمىزدىمۇ كۆرمەيدىغان ئادەملەر ساۋاقداش ، ياتاقداش بولۇپ ، ئۆزئارا تونۇشۇپ قالدۇق . ئەمدى شىنجاڭنىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارساق ئالدىمىزغا چىقىدىغان ئادەم بار بولدى...
    − يەنە شۇ مەنپەئەتنىڭ گېپى ، سىزگە زادى ھەقىقىي  بىلىم كېرەكمۇ ياكى قۇرۇق دىپلوممۇ؟
    − ئەجەبا سىزگە مەنپەئەت كېرەك ئەمەسمۇ خانىم؟ شەيتاندىنمۇ »توپا يەمسەن دەپ سورىسا ، يېغى بولسا« دەپ جاۋاب بېرىپتىكەن . ماقۇل ، مەنغۇ ھەقىقىي بىلىمنى قۇرۇق دىپلومدىن ئەلا بىلەي ، لېكىن مىسال ئۈچۈن مىڭ بىلىمىم بولۇپ دىپلومىم بولمىسا ، يەنە بىرسىنىڭ دىپلومى بولۇپ بىلىمى بولمىسا ، ئىككىمىزنىڭ مائاشى ياكى ئەمىلىنى ئۆستۈرۈشتە سىزچە نېمىنى ئاساس قىلار؟ شەك يوقكى ، بۇ جەمئىيەتتە ھەقىقىي بىلىمنى ئەمەس ، دىپلومنى ئاساس قىلىدۇ-دىپلومنى! ماڭا بىلىم كېرەك بولغىنى بىلەن جەمئىيەتكە كېرەك ئەمەس-دە...
    − بولدى ، بولدى . سىزگىغۇ گەپ تېپىپ بەرگىلى بولمايدۇ . بىز بۇ يەرگە مۇنازىرىلەشكىلى كەلمىگەنتۇق؟
    − ھەببەللى ، مانا ماۋۇ گېپىڭىز خېلى جايىدا . ئاتايىن ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن سەيلىگە چىققاندىكىن ، بىردەم سەيلە قىلايلى.
    − دەريا بويى كەچتە ھەجەپ سالقىن ، سۆرۈن بولىدىكەن-ھە؟
    − پاھ ، پاھ ، پاھ! ماۋۇ سۇ يۈزىگە چۈشۈپ تۇرغان رەڭگا رەڭ چىراغلارنىڭ شولىسىغا قاراڭلار! شۇ تاپتا يېنىمىزدا بىر شائىر بولۇپ قالغان بولسىچۇ؟
    − چىن-ھەقىقىي گۈزەللىك ئىنسان قەلبىدە شائىرانە تۇيغۇ ئويغىتىدۇ . سېنىڭ »يېنىمىزدا بىر شائىر بولسىچۇ؟« دېگىنىڭمۇ دەل ئاشۇ تۇيغۇ ، نۇرتاي.
    − ماۋۇ ئەخمەقلىقىمنى ، يېنىمىزدا تايماس تۇرسا يەنە يوق شائىرنىڭ گېپىنى قىلىپ كېتىپتىمىنا . قېنى تايماس ، كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىنى بىر تەسۋىرلىۋىتە!
    − ئەپسۇسكى ، مەن شائىر ياكى يازغۇچى ئەمەس-دە.
    − كەمتەرلىكىڭنى قوي ئاداش ، سېنىڭ كىتاب يېزىپ چىقارغانلىقىڭنى كىم بىلمەيدۇ؟
    − ئۇ دېگەن تارىخقا ئائىت نەرسىلەر...
    − مەيلى نېمىگە ئائىت بولسا بولسۇن ، ئىشقىلىپ كىتاب چىقاردىڭمۇ ، بولدى.. . گېپىمىز يەنە مۇنازىرىگە ئايلىنىپ كېتەي دەپ قالدى . قېنى قىزلار ، مەنلا سۆزلەۋەرمەي ، سىلەرمۇ بىرنەرسە دېمەمسىلەر؟
    − ئۆزىڭىز تېخى بايىلا چىن-ھەقىقىي گۈزەللىك ئالدىدا ئىنسان قەلبىدە شائىرانە تۇيغۇ ئويغىتىدۇ ، دېگەنىدىڭىزغۇ تايماس ئاكا؟ قېنى ، ئاشۇ تۇيغۇلارنى بىزمۇ ئاڭلايلى.
    − .. . ...
    − مەن گەپ قىلمىسام ، دىلبەرنىڭ ئاڭلىغۇسى يوق ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ تايماس . قېنى ، مەنمۇ بىر تەكلىپ قىلاي ، ئۇنچىلا ناز قىلىپ كەتمەي ، بىز ساۋاقداش بولغاندىكىن سۆزىڭىزنى باشلاۋېرىڭ.
    − گاچىنى تار يەردە قىستاڭ دەپ ، مېنىمۇ خۇاڭخې  بويىدا تازا قىستىغىلى تۇردۇڭلار ، بولىدۇ . تاغدا يولۋاس بولمىسا مايمۇن پادىشاھ بولۇۋالارمىش ، بۇ يەردە شائىر بولمىغاندىكىن ، مەنمۇ ئۆز تۇيغۇلىرىمنى سۆزلەۋېرەي.. . بىراق بۇ تۇيغۇلارنىڭ ھەقىقىي شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا ئەمەس ، بەلكى بىر پىشمىغان تارىخچىنىڭ تۇيغۇسىغا ئوخشاپ قېلىشى ئېنىق.. . ئەمىسە ، ھەممىڭلار دەرياغا قاراڭلار: قىرغاقتىكى رەڭگا رەڭ چىراغلارنىڭ سۇ يۈزىدىكى تىنىمسىز يېنىك دولقۇنلارغا چۈشكەن شولىسىنى نېمىگە ئوخشىتىش  مۇمكىن؟ مېنىڭچە ، ئۇ بەئەينى سالقىن شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان ئەتلەسكە ئوخشايدۇ . ئەمدى ئاستا-ئاستا سۇ ئاستىغا قاراڭلار: بىر قارىسا سۇ يۈزى خۇددى بۇ دۇنيا بىلەن سۇ ئاستىدىكى دۇنيانى ئايرىپ تۇرغان تىلسىم ئەينەك ، ئەنە بۇ تىلسىم ئەينەك ئاستىدا باشقا بىر ساماۋى دۇنيا بەرق ئۇرۇپ ياتىدۇ . بۇ ساماۋى دۇنيا − ئەتلەس دۇنياسى.. . ياق ، يالغۇز ئەتلەس دۇنياسىلا ئەمەس ، بەلكى يىپەك دۇنياسى!  ئەنە ئۇ دۇنيا يېشىل ، سېرىق ، قىزغۇچ ، زەڭگەر ۋە تىل بىلەن ئىپادىلەپ بولمايدىغان ئاجايىپ رەڭلەر بىلەن بويالغان شايى-ئەتلەس ، تاۋار-دۇردۇنلار بىلەن لىق-پەۋەس تولغان . بۇ  شايى ئەتلەس ، تاۋار-دۇردۇنلارنىڭ قاتلاپ توپ-توپ قىلىپ بېسىپ قويۇلغانلىرى ، خۇددى تاسادىپىي  كۆرگەن گۈزەل چۈشتىكى ئەرشكە تۇتاشقان نۇردىن ياسالغان رەڭلىك ئاسما شوتىغا ئوخشاش ، سۇ يۈزىگە − يەنى ئىككى دۇنيانى ئايرىپ تۇرغان ئاشۇ تىلسىم ئەينەككە تاقاشقان . قاتلىماي ئەن ھالەتتە قويۇلغانلىرى بولسا ، خۇددى يەر شارىنى نەچچە قات ئاتمۇسفېرانىڭ ئوراپ تۇرغىنىغا ئوخشاش ، سۇ ئاستىدىكى ئاشۇ گۈزەل  ۋە نازۇك يىپەك دۇنياسىنىمۇ قات-قات بولۇپ ئوراپ ، بەئەينى ھۆر-پەرىلەرنىڭ بەدىنىدە لىغىلداپ تۇرغاندەك تىنىمسىز يەلپۈنۈپ تۇرۇپتۇ . ئەنە ئۇ دۇنيامۇ خۇددى  سۇ ئۈستىدىكى دۇنياغا ئوخشاش ، نۇرغۇنلىغان چوڭ-كىچىك قەسىرلەر ، ئىمارەت-سارايلار بىلەن تولغان . بىراق ئۇ بىنالار بۇ بىنالارغا ئوخشاش لاي ۋە كېسەكلەردىن ئەمەس ، بەلكى ئەتلەس-شايىلاردىن قوپۇرۇلغان؛ گەرچە ئۇ بىنالار شۇنچىلا كۆركەم ، شۇنچىلا گۈزەل بولسىمۇ ، لېكىن ئىنس-جىنسىز . توغرا ، سۇ ئاستىدىكى بۇ نازاكەتلىك يىپەك دۇنياسىدا ئادەمنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇ دۇنيا − بىزنىڭ پارلاق مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ ئالتۇن چاغلىرى بولغان يىپەك دەۋرنىڭ يارقىن سىماسى . ئەمما بۇ ئالتۇن دەۋر ئاشۇ دەۋرنىڭ قەھرىمان ۋە پاراسەتلىك كىشىلىرى بىلەن بىللە ئاللىقاچان دەپنە قىلىنىپ كەتتى . ناۋادا تەڭرىنىڭ رەھىمى كېلىپ شۇ تاپتا ئۇلارنىڭ روھىنى بىر مىنۇت تىرىلدۈردى دېگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇ پاك روھنىڭ بىزدەك بۇلغانغان يارىماسلارغا ئۆز دىدارىنى كۆرسىتىشى ناتايىن.
    − ...
    − ...
    − ھەممىڭلار جىم بولۇپ كەتتىڭلىغۇ؟ كۆڭلىڭلىغا تېگىدىغان گەپ قىلىپ قويدۇممۇ؟
    − ناھايىتى مەنىلىك گەپلەرنى قىلدىڭ ئاداش . شۇنى ئويلاپ كەتكەن گەپ.
    − تۆگىنى ئۇسسۇلغا سالسا يەتتە تاختا قوغۇننى بۇزۇپتۇ دەپ ،  بىر ئوبدان كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتقان سەيلىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويدۇم . قېنى ، ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى نۇرتاي ، دەريانىڭ باش تەرىپىدىكى ئاۋۇ قاتار-قاتار چىراغلارنى سەن كۆڭلىڭدە نېمىگە ئوخشىتىۋاتىسەن؟
    − گەپنىڭ ھەممىنى بىز تارتىۋالساقمۇ تەڭسىزلىك بولۇپ قالىدۇ ، قىزلارنىڭ گېپىنىمۇ ئاڭلاپ باقمايمىزمۇ؟ قانداق دېدىم دىلبەر خانىم؟
    − گەپنىڭ ئاسىنىنى تاپسىڭىزغۇ ھېچكىمگە گەپ بەرمەيتتىڭىز ، ئەمدى تەس كەلگەندە بىزگە دۆڭگەپ قويامسىز؟ بوپتۇ ، بىزمۇ بىر تەسۋىرلەپ باقايلى ، بۇلارنىڭ شۇنداق دېگىنىگە تازا قاملاشتۇرۇپ بىر تەسۋىرلىۋىتىڭە مېھراي.
    − ۋىيەي دىلبەر ئاچا ، مەن...
    − گەپلىرىمىز يەنە مۇنازىرىگە ئايلىنىپ قالمىسۇن مېھراي ، پاك يۈرەكتىكى گۇناھسىز تەبىئىي تۇيغۇلارنى تارتىنىش ئارغامچىسىدا بوغمايلى . قېنى ، نېمە ئويلىغان بولسىڭىز دەۋېرىڭ.
    − مېنىڭچە ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ-تولغىنىپ  ئېقىۋاتقان بۇ دەريا ، خۇددى تاتلىق ئۇيقۇدا ياتقان زىلۋا بوي تۈن پەرىسىگە ئوخشايدىكەن . دەريا بويىدىكى رەڭگا رەڭ چىراغلار بولسا ئاشۇ تۈن پەرىسىنىڭ بوينىدىكى يىپەك يىپقا ئۆتكۈزۈلگەن خىلمۇ خىل ئۈنچە-مارجان...
    − پاھ-پاھ ، ھەجەپمۇ جايىدا ئوخشىتىش  بولدى . نېمىشقىمۇ باشتاراق مېنىڭ يادىمغا يەتمىگەندۇ؟
    − گەپ دېسە مەندىن ئۇستىسى يوق دەپ قالماڭ نۇرتاي ، گەپ قىلماي يۈرگىنى بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن سىزنىمۇ توختىتىپ قويىدىغانلار چىقىدۇ جۇما.
    − بولدى ، بۇ قېتىم سىزنىڭ ھېساب . بۈگۈن ئۆتسە ئەتىگە خۇدا پادىشاھ دەپتىكەن . كېيىنكى ئىشلارنى كېيىن ئۆز ۋاقتى كەلگەندە دېيىشىمىز.
    − ...
    − شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ ئۇ كۈنىسى خۇاڭخې بويىدىكى پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرى ئەنە شۇنداق سەيلە-چاقچاق پاراڭلىرىغا ئايلىنىپ كەتتى . ئىنستىتۇتقا تۆتەيلەن بىرگە قايتىپ كېلىشكە مەجبۇر بولدۇق.

    4

    − كېيىنچۇ؟
    − كېيىن شۇ قېتىمقى پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرىنى گاۋلەنشەن تېغىنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى بولغان سەنتەيگى راۋىقىدا داۋاملاشتۇردۇق . ئەسلىدە مەن ئىنستىتۇتقا بېرىپلا شەھەرنى قورشاپ تۇرغان تاغلارنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى ھېسابلانغان سەنتەيگى راۋىقىغا بىر چىقىپ بېقىشنى ئويلىغانىدىم . ئادەتتە بەزى سەيشەنبە كۈنلىرى بىز تاغ ئۈستىدە پاراڭلاشساقمۇ ، لېكىن سەنتەيگى راۋىغى ناھايىتى ئېگىزدە بولۇپ ، يېرىم كۈندە چىقىپ چۈشۈشكە كۆز يەتمىگىنى ئۈچۈن ، كېيىنگە قالدۇرغانىدۇق . ھېلىمۇ ئېسىمدە: »1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى« يەكشەنبىگە توغرا كېلىپ قالغىنى ئۈچۈن ، ئەتىسى يەنە بىزگە بىر كۈن دەم ئېلىش قىلىپ بەردى . بۇ دەل 2-ماي كۈنى ئىدى . بۇ كۈنى بىز سائەت ئوندىلا تاغقا يامىشىپ سەنتەيگى راۋىقىغا قاراپ يول ئالدۇق . تاغ ئۈستىدىكى سان-ساناقسىز پەلەمپەيلەردىن قانداق چىققانلىقىمىزنى ، ئاشۇ تىك پەلەمپەيلەردىن چىقىپ بولغۇچە ھېرىپ ، تەرلەپ-پىشىپ  ئاران دەسسىگۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالساقمۇ ، لېكىن پارلاق غايىمىزدىكى گۈزەل ئىقبالغا قاراپ ئۆرلەۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر خىل ھېسسىياتتا ، ھارغان-ھاسىرىغىنىمىزغا قارىماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىگىنىمىزنى تەپسىلىي  سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار . ئىشقىلىپ ساق ئىككى يېرىم سائەتتە سەنتەيگى راۋىقى ئۈستىگە چىقتۇق . ئىنستىتۇتتىنلا ئەمەس ، پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەرقانداق يېرىدىن قارىسا كۆرۈنىدىغان بۇ راۋاق شۇقەدەر ئېگىز ئىكەنكى ، ئۇنىڭدىن ئەتراپقا قارىسا ، گويا پۈتۈن دۇنيا ئىككى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىدا ، يەنى  ئۈستىدىكىسى دۈم كۆمتۈرۈلگەن ، ئاستىدىكىسى ئالەم بوشلۇقىغا مۇئەللەق ئېسىلغان ئاشۇ ئىككى قازاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكىدەك كۆرۈنىدىكەن . بىز راۋاققا چىقىپلا ئەسلىدىكى پارىڭىمىزنى ئۇنتۇپ ، ئاشۇ ئىككى قازان ئوتتۇرىسىدىكى پايانسىز بوشلۇققا ، يىراق-يىراقلاردا ئۇپۇققا چىلىشىپ چوقچىيىپ  تۇرغان سان-ساناقسىز تاغ چوققىلىرىغا مەپتۇنلۇق بىلەن سەپسېلىپ كەتتۇق . مەن ئۆمرۈمدە جىق تاغلارغا چىققان ، لېكىن مۇنداق مەنزىرىنى كۆرمىگەن ، مۇنداق ئىلھام ، مۇنداق پىكىرنى ھېس قىلىپ باقمىغانىدىم . ئاشۇ يالقۇنلۇق ئىلھام ، ئاشۇ تىرەن پىكىرلەر بىلەن مەست بولۇپ ، قولۇمغا ئىختىيارسىز قەلەم ئالدىم . كۆز ئالدىمدىكى چەكسىز تۇمان قوينىدا قەد كېرىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تاغلار ، ماڭا گويا بىپايان كائىنات بوشلۇقىغا ھوشسىز ھالدا ئوڭدا ياتقان بىر گىگانت گەۋدە بولۇپ تۇيۇلاتتى . ئۇنىڭ ئۇپۇققا چىلىشىپ چوقچىيىپ  تۇرغان تىك چوققىلىرى بولسا ، بەئەينى ھېلىقى ھوشسىز گىگانت گەۋدىدىن تېشىپ چىقىپ ، قۇياش نۇرىغا تەلمۈرۈپ تىك تۇرغان يالىڭاچ يۈرەكلەرگە ئوخشايتتى . بىر قارىسا ئاشۇ گىگانت گەۋدە ھوشسىز ، ئۈن-تىنسىز ، جىمجىت ئىدى . لېكىن يەنە بىر قارىسا ، چوققىلاردىن جىرالارنى بويلاپ شاۋقۇنلاپ پەسكە ئېقىپ چۈشۈۋاتقان ئويناق شوخ سۇلار ، بەئەينى ئاشۇ سوقۇپ تۇرغان يالىڭاچ يۈرەكنىڭ تومۇرلىرىدا جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ئىسسىق قاننىڭ ئۆزى . توغرا! بۇ يۈرەكلەر ھەرگىز توختىغان ئەمەس! گەرچە تارىختىن بۇيان سان-ساناقسىز يالقۇنلۇق يۈرەكلەر مۇقەددەس ئانا تۇپراق قوينىغا كۆمۈلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ روھى ، ئۇنىڭ ھارارىتى ئانا تۇپراقنىڭ ئىللىق نەپەسلىرىگە قوشۇلۇپ مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ!!.. . ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيمەن . بىركەمدە مېھراينىڭ »شېئىرىڭىز پۈتتىمۇ تايماس ئاكا؟« دېگەن سوئالى قۇلىقىمغا كىرگەندەك بولدى . ئىلھامنىڭ شېرىن چۈشىدىن ئويغىنىپ  ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ خىجىللىق ئارىلاشقان بىر خىل نازۇك تەبەسسۇم بىلەن يەنە سورىدى:
    − ئىلھامىڭىزنى قاچۇرۇپ قويدۇمغۇ ھەقىچان؟
    − ياق ، سىڭلىم  ياق ، بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ، دەل سىز يېنىمدا بولغىنىڭىز ئۈچۈنلا ئىلھامىممۇ ماڭا ھەمراھ بولغان بولسا كېرەك...
    − ۋىيەي تايماس ئاكا ، نەدىمۇ شۇنداق ئىش بولسۇن.
    − بۈگۈن شۇنداق ئىش بولدى سىڭلىم . گەرچە 53 يىللىق ھاياتىمدا ، ئۇلۇغ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىللاردا داستان قىلىشقا ئەرزىيدىغان بۈيۈك قەھرىمانلىقلىرىغا بولغان ھۆرمىتىم يۈزىسىدىن ، شۇلارنىڭ پارلاق تارىخىغا ئائىت ئازدۇر-كۆپتۇر بىرنەرسىلەرنى يېزىپ باققان بولساممۇ ، لېكىن ئۆمرۈمدە شېئىر يېزىپ باقمىغانىدىم ۋە شېئىر يازالارمەن دەپمۇ ئويلىمىغانىدىم . مانا بۈگۈن تۇنجى قېتىم سىز بىلەن بۇ چوققىغا چىقىپ شېئىر يېزىشقا نېسىپ بولدۇم.
    − قېنى ئەكېلىڭە ، مەن بىر ئوقۇۋالاي.
    − يۈرۈڭ ، ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇسسۇزلۇق ئىچكەچ پاراڭلىشايلى.
    − شېئىرنى كۆرۈشكە شۇنداق ئالدىراپ كېتىۋاتىمەن...
    − مەن ئوقۇپ بەرمىسەم ، بەزى ئۆچۈرۈلۈپ قايتا يېزىلىپ ئۆمۈچۈك پۇتىدەك بولۇپ كەتكەن مىسرالارنى ئوقۇيالمايسىز.
    − ماۋزۇسىنى نېمە قويدىڭىز؟
    − زېمىن يۈرىكى.
    − قېنى ئۆزىڭىز بىر ئوقۇپ بېرىڭە ئەمىسە.
    ياتىدۇ بىپايان بوشلۇقتا بىھوش،
    ھەيۋەتلىك گىگانت بىر گەۋدە ئوڭدا.
    يۇمۇلغان قارىچۇققا كىرەر بولۇپ چۈش،
    تۇمانغا پۈركەلگەن كائىنات گۇڭگا.

    ئۇپۇققا چىلاشقان كۆكرەك قەپىسى،
    ئۈستىدە تۇرار تىك يۈرەك چوقچۇيۇپ.
    تۆكسىمۇ قار-بوران ئاسمان گۈمبىزى،
    يالىڭاچ شۇ يۈرەك قالماس ھېچ سويۇپ.

    تىلغىغان ئاھ ، تېغى قىسمەتلەر ئۇنى،
    رەھىمسىز ، شۇم ياۋۇز تىرناق بوپ ئويۇپ.
    ۋە لېكىن سۆيۈملۈك قۇياش ھەر كۈنى،
    ئۆتىدۇ قان داغنى نۇر بىلەن يۇيۇپ.

    ئاقىدۇ ئالەمچە شاۋقۇنلاپ ھەيۋەت،
    تىلغانغان ، ئويۇلغان بېغىرلاردا قان.
    ئېقىپ ئۇ تىنىمسىز بېغىشلار ئەبەد،
    قاغجىراپ ياتقان شۇ ئانا يەرگە جان.

    بەستىدە مەغرۇرلۇق ، مەردلىك جۇش ئۇرغان،
    شۇ چوققا مۇقەددەس كۆكنىڭ تۈۋرۈكى.
    )ئۇچىدا ئاسماننى چىڭ تىرەپ تۇرغان،
    بىلسەڭلار دوستلىرىم زېمىن يۈرىكى!(
    − شائىر دېسە سېنى دېسە بولغۇدەك ئاداش ، بۇ سېنى ماختاش ئۈچۈنلا دەپ قويغان گېپىم ئەمەس . مۇبادا مېنى سەن شېئىر يازغان ئاشۇ راۋاققا باشلاپ چىقىپ سەيلە قىلدۇرۇپ ، ئاندىن بىر شېئىر يېزىپ باققىن دېسە ، پىكىردىكى يۈكسەكلىك ۋە بەدىئىيلىك جەھەتتىن سەن يازغان ئاشۇ شېئىرنىڭ يېرىمىغا تەڭ كەلگۈدەك بىرنەرسە يېزىشقا كۆزۈم يەتمىدى . راست ، شېئىرىڭنى بىرەر مەتبۇئاتقا ئەۋەتتىڭمۇ؟
    − ياق.
    − چۈشەندىم ، ئۆزۈڭچە شېئىرىڭ سەۋىيىسىنى تۆۋەن چاغلاپ ، كەمتەرلىك قىلغان گەپ . قىزىق ئىش ، شېئىر دەپ نەدىكى بىرنەرسىلەرنى يېزىپ شائىرلىق دەۋاسى قىلىۋاتقانلار ، ئۆزىنىڭ كۇپلېت ، مىسرالارغا ئايرىلغان ئاشۇ قۇرۇق سۆز دۆۋىلىرىنى ئەۋەتىۋېرىپ تەھرىرلەرنىڭ ئىشخانىسىنى تولدۇرۇۋەتكەن . ئەپسۇسكى ، تەھرىرلەر ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان ھەقىقىي سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يازغانلار ئۇنى ھېچيەرگە ئەۋەتىشنى خالىمايۋاتقان.. . بولدى ، شېئىرىڭنى يېزىلىدىغان ئەسەرگە كىرگۈزۈشتىن بۇرۇن مەن قايتا كۆچۈرۈپ ، سەن ئۈچۈن بىرەر مەتبۇئاتقا ئەۋەتىپ بېرەي . شېئىرىڭ ياراپ كەتكەنلىكتىن گېپىڭنىمۇ بۆلۈۋەتتىم . قېنى ، راۋاق ئۈستىدىكى پاراڭنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرغىن.
    − مېھراي شېئىرنى ئاڭلاپ ، گويا سەبىي  بوۋاق كالپۇگىنى ئوينىغاندەك ، بارماقلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن خېلىغىچە لېۋىگە يېنىك ئۇرۇپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى سۆزلەپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا تاس قاپتىمەن . مېنىڭ سېزىشىمچە ، كۆزىتىشكە ماھىر يازغۇچى ئاساسلىق پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى ئوچۇق ئېچىپ بېرىشتە ، پەقەت ئاشۇ پېرسوناژنىڭ ئۆزىگىلا خاس بولغان بەزى نازۇك ئادەتلىرىنى ئۆز ئەسىرىگە كىرگۈزۈشنى ئۇنتۇمايدىغۇ دەيمەن . سەنمۇ زۆرۈر تېپىلسا مېھراينى تەسۋىرلىگەن ۋاقتىڭدا قوشۇپ قويارسەن . مېھراينىڭ ھاياجانلانغان ، تەسىرلەنگەن ، خۇشاللانغان ، ئىشقىلىپ روھىي  ھالىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن چاغلاردا ، جۈپلەنگەن بارماقلىرىنىڭ ئۇچى بىلەن لېۋىگە يېنىك ئۇرۇپ قويىدىغان بىر ئادىتى بار ئىدى . شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ ئۇنىڭ يەنە ئىختىيارسىز ھالدا ئاشۇ ھالىتىنى تەكرارلاۋاتقانلىقىنى  سەزدىم . شېئىر تۈگىگەندىن كېيىنمۇ يەنە بىردەم ئاشۇ ھالەت داۋام قىلدى . ئاندىن شېئىرنى كۆچۈرۈۋېلىشنى سورىدى . مەن ئۇنىڭغا كېيىن قايتا رەتلەپ ئۆزۈم كۆچۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتىم . پارىڭىمىز كۆز ئالدىمىزدىكى بىپايان ۋە سىرلىق كائىنات مەنزىرىسى بىلەن شېئىر ھەققىدىكى تېمىدىن يەنە تارىخقا يۆتكەلدى . مەن ئۇنىڭغا بۈيۈك ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالنىڭ ، ئۇرۇش ۋە مۇتەئەسسىپلىك دەستىدىن ھالىدىن كېتىپ خەتەرلىك باسقۇچقا كېلىپ قالغان تۈرك مىللىتىنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنى؛ »دۇنيادىكى ئۈچ بۈيۈك ئىستېلاچى« دەپ ئاتالغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، چىڭگىزخان ، بولۇپمۇ قەدىمىي  ياۋروپالىقلار »تەڭرىنىڭ ئەركە ئوغلى« دەپ بىلگەن ، ئوغۇزخاننىڭ 91-ئەۋلادى ئەتىللا ھەققىدە بىلگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم . ئۇ تۇمان بىلەن قاپلانغان بىپايان كائىناتتىن گويا ئاتىللا ۋە مۇستاپا كاماللارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىنى ئىزدەۋاتقاندەك ، يىراق-يىراقلارغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرۇپ ، ھەسرەتلىك ئاۋازدا سورىدى:
    − ئەمدى بىزدىن ئۇنداق بۈيۈك ئىنسانلار يەنە چىقماسمۇ تايماس ئاكا؟
    − تارىختا بىرەر مىللەت ، بىرەر خەلقتىن يۈز يىل ھەتتا بىرنەچچە ئون يۈز يىلدا ئاشۇنداق بىرەر ئالەمشۇمۇل بۈيۈك زاتتىن بىرەرى چىققان . خەلق ئەسىرلەپ تارتقان چىدىغۇسىز ئاچچىق تولغاق ئازابى بەدىلىگە ئەڭ ئاخىرىدا ئالەمشۇمۇل ئوغلاندىن بىرنى تەۋەللۇت قىلدى . بۇ ئوغلان خەلقنى قۇتقۇزىدۇ ، يېقىنقى زامان تارىخىدا ئەرەبلەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنى دۇنياغا تەقدىم قىلدى . ئۇ پاك ۋە يېپيېڭى بىر دىن − ئىسلام دىنىنى يارىتىپ ، دىن يولى ئارقىلىق ئىتتىپاقسىزلىق ۋە نامراتچىلىق دەستىدىن ۋەيران بولۇشقا يۈزلەنگەن ئەرەب خەلقىنى  قۇتقۇزۇپ ، مىسلىسىز قۇدرەتكە ئىگە قىلدى . لېنىن رۇسلارنى ، ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا  مىللىتىنى قۇتقۇزدى . سۆزلەپ كەلسە مۇنداق مىساللار ناھايىتى جىق . بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىمۇ ئاز بولمىغان مەشھۇر زاتلار مەيدانغا چىقتى . بىراق ئۇلار قەھرىمانلىقتا كامالەتكە يەتسە ھەربىي  ئىشلاردا يېتىلمەي؛ ھەربىي  ئىشلاردا يېتىلسە سىياسىئونلۇقتا  كۆزگە كۆرۈنمەي؛ سىياسىئونلۇقتا ۋايىغا يەتسە ھىيلە-مىكرىنى ئوخشىتالماي ئاخىرقى ھېسابتا ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىدى...
    − بىرنەرسىنى چۈشىنەلمىدىم تايماس ئاكا . بىز ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىۋاتقان بۈيۈك زاتلارمۇ ھىيلە-مىكىر بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەكمۇ؟
    − بۈگۈنكى دۇنيانى مەن دېمىسەممۇ سىز ياخشى چۈشىنىسىز . ئادەتتە دوختۇرلار بىر خىل كېسەللىك  مىكروبىنى يوقىتىشتا يەنە باشقا بىر خىل مىكروبقا تايىنىدۇ . دېمەك ، زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان زامانلار مەردلىك ، ئاق كۆڭۈللۈك قەدىرلىنىدىغان زامان بولغان . لېكىن ھازىر مەردلىك ئاقمايدىغان ، ئاق كۆڭۈللۈك ئەخمەقلىق ھېسابلىنىدىغان بولۇپ قالدى . رىقابەت بىلەن تولغان بۇ زاماندا كىم ئۇتۇپ چىقسا شۇ غالىب . خۇدامۇ بۇ دۇنيانى غالىبلار ئۈچۈن ياراتقان بولسا كېرەك . كىم غالىب  بولسا ، بۇ دۇنيادا شۇ ياشايدۇ . ئاجىزلار مەيلى قانچىلىك ئاق كۆڭۈل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بېرىپ-بېرىپ ئاخىر ھالاك بولىدۇ . خۇدانىڭ ئاجىزلارنى قوللىغانلىقىنى تېخى كۆرمىدىم . ئەگەر ئاجىزلارمۇ بۇ دۇنيادا غالىب  بولۇپ ياشاشنى خالايدىكەن ، ئۇ ھالدا بارلىق ئىمكانىيەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ، رىقابەتتە ئۇتۇپ چىقىش كېرەك . بىزدە »تەدبىرىڭ قانداق بولسا ، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ« دېگەن بىر خەلق ماقالى بار . چارە-تەدبىر ھازىرقى زاماندىكى چىرايلىق ئاتالغۇ . لېكىن بەزى چاغلاردا ئۇنىڭ ھىيلە-مىكىردىن پەرقى يوق بولۇپمۇ قالىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ، سىز-بىز ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىۋاتقان ۋە تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان بۈيۈك ئىنسانلار − ئۆتمۈشتىن خەۋەردار ، بۈگۈننى تولۇق چۈشىنىدىغان ، كەلگۈسىگە قەتئىي ئىشىنىدىغان ، ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ، تەۋرەنمەس ئىرادە ۋە يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ، چارە-تەدبىرگە باي بىر ئەرباب بولۇشى ، گىزى كەلگەندە خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنىلا ئەمەس ، ھەتتا خۇددى مۇستاپا كامالغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئېزىز جېنىنىمۇ ئايىماي تەقدىم قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك . ئەپسۇسكى ، ھەممە تەرەپتىن تەڭ يېتىشكەن مۇنداق بۈيۈك ئىنساننىڭ مەيدانغا كەلمىكى ئۇنچىلا ئاسان ئەمەس . بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىمۇ بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تېخى ئۇنداق ئىنساننىڭ چىققىنى يوق.
    − سىزنىڭ پەرىزىڭىزچە ، بىزنىڭ ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە چىقارمۇ تايماس ئاكا؟
    − ئېنىق بىرنەرسە دېيىش قىيىن . لېكىن خەلقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئانا بىر ئەسىردىن بۇيان ئاچچىق تولغاق ئازابىنى يېتەرلىك تارتىپ كەلدى . ئانا سالامەتلا بولىدىكەن ، پەرزەنت چوقۇم دۇنياغا كېلىدۇ...
    − بۈگۈن چېسلاغا ئىككىغۇ دەيمەن؟
    − ھەئە.
    − چاقمىقىڭىزنى بېرىپ تۇرىڭە تايماس ئاكا.
    − مانا.. . نېمە قىلاي دەيسىز؟
    − بۈگۈنكى بۇ كۈن مېنىڭ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ...
    − ...
    مەن مېھراينىڭ نېمە قىلماقچىلىقىنى ئاڭقىرالماي ، ئۇنىڭغا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ئولتۇراتتىم ، ئۇ ئاۋۋال چاپىنىنىڭ ياقىسىنى ئۆرۈپ ، ئۈستىدىن بىر تال يىڭنىنى ئالدى ، ئاندىن سول بىلىكىنىڭ يېڭىنى تۈردى . بىر قولىدا يىڭنىنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ، بىر قولىدا چاقماقنى ياقتى ۋە چاقماقنىڭ ئوتىدا يىڭنىنى قىزدۇرۇپ قىپقىزىل ھالەتكە كەلتۈردى . مەن ئاشۇ قىپقىزىل يىڭنە ئۇنىڭ تۈرۈلگەن يېڭى ئاستىدىكى يۇمران ئاپئاق بىلەككە يېقىلغان چاغدىلا ، مېھراينىڭ بۈگۈنكى كۈن ئۈچۈن بەلگە قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى سەزدىم . مېھراينىڭ يىڭنە يېقىلغان بىلىكىدىن بىر خىل كۆكۈش ئاق ئىس كۆتۈرۈلۈپ ئەتراپ بىر خىل ياغلىق كاۋاپ پۇرىقى بىلەن تولدى . مەن قىپقىزىل يىڭنە پاژىلداپ كۆيدۈرۈۋاتقان يۇمران بىلەككە قاراپ ، ئىختىيارسىز شۈركىنىپ  كەتتىم . چۈنكى يىڭنە تېرە ئاستىغا پېتىپ كەتكەن بولۇپ ، تېرە ئاستىدىن ئېرىپ تەپچىپ چىقىۋاتقان ئېقىش ياغ يىڭنە تېگىشى بىلەنلا دەرھال قۇرۇپ قورۇلۇپ ، كۆكۈش ئاق ئىسقا ئايلىنىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلمەكتە ئىدى . ئەپسۇسكى ، مېھراينىڭ چىرايىدا ھېچقانداق يېقىمسىزلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى . ئەكسىچە ، مەمنۇنلۇق بىلەن تولغان بىر خىل خۇشال تەبەسسۇم ئىپادىلىنىپ تۇراتتى . كۆزلىرىدىنمۇ بىر خىل قەيسىرانە شاد كۈلكە يېغىپ تۇراتتى . مەن نېمە قىلىشىمنى بىلمەي بىردەم قاراپ تۇردۇم . يىڭنە ئاخىر سوۋۇپ ، ئەسلىدىكى رەڭگىدىنمۇ ئۆزگىرىپ باشقىچە بىر قارامتۇل رەڭگە كىردى . مېھراي يەنە چاقماقنى يېقىپ يىڭنىنى قايتا قىزىتىشقا باشلىدى . مەن مېھراينىڭ ھەددىدىن ئارتۇق ھاياجانلىنىپ كېتىپ ، بىلىكىنى ، تومۇر ياكى پەينى زەخىملەندۈرۈۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ چاقماقنى ئۆچۈرۈۋەتتىم . ئۇ ماڭا تەبەسسۇم بىلەن لاپپىدە بىر قاراپ قويۇپ ، چاقماقنى قايتا ياقتى . مەن ئۇنىڭ قولىدىن چاقماقنى ئېلىۋېتىپ دېدىم:
    − ھېلىمۇ خېلى چوڭقۇر ئىز قالدى سىڭلىم ، ئەمدى بولار...
    − مۇنچىلىك ئىزنى ئىز دېگىلى بولامدۇ تايماس ئاكا ، بۇ دېگەن ئەتە-ئۆگۈن ئۆچۈپ كېتىدۇ...
    − ياق سىڭلىم ، كېيىن راستكەن دەرسىز ، تېرىدىن قالغان كۆيۈك ئىزى ئۆمۈر بويى ئۆچمەيدۇ.
    − بۇدا يەنە بىر قېتىملا يېقىۋالاي ، چاقمىقىڭىزنى بېرىپ تۇرىڭە.
    − يەنە تەكرارلىسىڭىز تومۇرىڭىزنى زەخىملەندۈرۈۋالىسىز...
    − ياق ، زەخىملەنمەيدۇ.
    − ياق ، زەخىملىنىدۇ ، چاقماقنى بەرمەيمەن.
    − بىر چاقماقنى بېرىپ تۇرۇشقا چىدىمىسىڭىز ، بىز قانداق ئاكا-سىڭىللار تايماس ئاكا؟
    − ...
     مەن مېھراينىڭ بۇ چاقچىقى ئالدىدا ئامالسىز قالدىم . ئۇ يىڭنىنى قايتىدىن چوغدەك قىزارتىپ ، يەنە بىلىكىگە رەھىمسىزلەرچە ياقتى . مەن ئۇنىڭ قىلچىلىك چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە پەخىرلىنىش بىلەن كۈلۈپ تۇرغان ئىللىق چىرايىغا قاراپ ، ئىنسان ئۆزى چىن كۆڭلىدىن خالاپ ، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلغان ئىش − مەيلى ئۇ جىسمانىي  جەھەتتىن قانچىلىك ئازابلىق بولسۇن ، يەنىلا لەززەتلىك بولۇپ تۇيۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم...
    − توختاپ قالدىڭغۇ؟
    − بىر تال چېكەي.
    − شۇ تاپتا مېھراينىڭ بىلىكىگە يىڭنە يېقىۋاتقان كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىڭغا كېلىۋالدىغۇ دەيمەن.
    − ھەتتا بىلەكنىڭ كۆيۈشىدىن چىققان پۇراقمۇ بۇرنۇمغا پۇرىغاندەك بولۇۋاتىدۇ دېگىنە.
    − بىرەر رومكىدىن ئىچەمدۇق؟
    − مەيلى ، ئىچسەك ئىچتۇق.
    − مەن ئاۋۇ ئۆيگە چىقىپ ئازراق زاكوسكا ئەكىرەي ئەمىسە.
    − ئاڭغىچە مەنمۇ بىر سىرتقا چىقىپ كىرەي...

    5

    − قېنى ئەمىسە ، سۆزلىرىڭنىڭ ، ھېكايەڭنىڭ تېخىمۇ قىزغىن داۋاملىشىشى ئۈچۈن كۆتۈرەيلى!
    − يېزىلىدىغان ئەسىرىڭنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن ھۇررا!
    − ھۇررا!
    − ...
    − شۇنداق قىلىپ پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرىغا كەلسەك ، ئۇ كۈنىسى تاغدىن خۇشال-خۇرام قايتىپ چۈشتۇق . مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا خوشلىشىپ  ياتاققا كىرسەم ، بىر كۈن كەچكىچە بىكار يۈرۈپ زېرىككەن ياتاقداشلار ئولتۇرۇشنىڭ ھەممە تەييارلىقىنى پۈتكۈزۈپ قىزلارنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ . ھايال ئۆتمەي قىزلارمۇ كىرىشتى . ياتاقداشلارنىڭ تەكلىپ قىلغىنى دەل مېھراينىڭ ياتىقىدىكى قىزلار بولغىنى ئۈچۈن بىز يەنە يۈز كۆرۈشتۇق . گەرچە قورسىقىمىزنىڭ ئاغرىقى بولمىسىمۇ ، لېكىن ئەمدى »تاۋۇز يېيىش«كە بولمايتتى . بەلكى بۇ سۆزۈمنى چۈشەنگەنسەن.
    − چۈشەندىم ، مەكتەپتىكى كەيپىياتنى سۆزلەپ بەردىڭغۇ؟ گەرچە ئىككىڭلارنىڭ ھەقىقىي  ئاكا-سىڭىللاردەك ئۆتۈۋاتقانلىقىڭلارغا ئىمانىم كامىل بولسىمۇ ، لېكىن دىپلوم ئېلىش ئۈچۈنلا ئوقۇۋاتقان ستۇدېنتلارنىڭ ھەر خىل بولمىغۇر  گەپلەرنى تېپىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ، ئەلۋەتتە ئىھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ-دە.
    − ئولتۇرۇش باشلاندى . بوتۇلكىلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ ، ئوغۇللارغا ئاق ھاراق ، قىزلارغا مەخسۇس قىزلار شامپانى قۇيۇلدى . ئادەتتە ئىنستىتۇتتىكى ھەرقانداق ئولتۇرۇشتا ، ھېچ بولمىغاندىمۇ دەسلەپكى بىرىنچى نۆۋەت ئايلانغىچە بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇل بىرگە قەدەھ كۆتۈرىدىغان ئادەت بار ئىدى . ماڭا تۇنجى قېتىمدىلا مارىيە ئاتلىق بىر قىز بىلەن رومكا سوقۇشتۇرۇشقا توغرا كەلدى . ھە راست ، مېھراينىڭ ياتىقىدىكى قىزلارنى تېخى ساڭا تونۇشتۇرماپتىمەن . ئىنستىتۇتتا مەيلى ئوغۇللار ياتىقى ، مەيلى قىزلار ياتىقى بولسۇن ، ئادەتتە سەككىزدىن ئوقۇغۇچى ياتىدۇ . لېكىن دەل بىزنىڭ ياتاق ۋە مېھرايلارنىڭ ياتىقىدا ئالتىدىنلا ئوقۇغۇچى بار . مەن بىلەن رومكا سوقۇشتۇرغان مارىيە ئىسىملىك قىز سانجى ئوبلاستىدىن بولۇپ ، بەئەينى پاكىستاننىڭ كىنو ئارتىسلىرىغىلا ئوخشايدۇ . بويى ئوتتۇرا بوي ، سېمىزلىكىدىنمۇ ياكى كىيىملىرىنىڭ تارلىقىدىنمۇ ، ئىشقىلىپ تولۇق يېتىلگەن ساغرىسى بىلەن كۆكرىكى گويا كىيىمىنى تېشىپ چىقىدىغاندەك كۆتۈرۈلۈپ چىققان . مىجەز-خاراكتېرى خۇددى چەت ئەللەردىكى جىنسىي  ئەركىنلىككە بېرىلگەن قىزلارغا ئوخشاش ئاجايىپ ئەركىن . كۆزلىرى كۈلۈپلا تۇرىدۇ . كۆزلىرىلا ئەمەس ، ئۆزىمۇ كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ياتاقنى بېشىغا كىيىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىدۇ . يەنە بىرى − گۈلپەرى . ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن بولۇپ ، ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقىي  گۈلپەرى . ئەگەر سەن ئۇنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغان ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى ۋە ئاشۇ كىرپىكلەر ئاستىدىكى ئويناپ تۇرغان بۇلاق كۆزلەرنى ، شۇنداقلا ئاق ئالمىدەك ئاپئاق ھەم ئوماق يۈز بىلەن خۇددى ئەمدىلا ئۆز پوستىنى يېرىپ چىققان تۇنچىدەك قىپقىزىل لەۋلىرىنى كۆرگەن بولساڭ ، ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن جىسمىنىڭ شۇنچىلا ماسلاشقانلىقىغا قايىل بولغان بولاتتىڭ . قىزلارنىڭ يەنە بىرى − گۈلسۈم . ئۇ قۇمۇل شەھىرىدىن بولۇپ ، ئۆرىمەي ئەركىن قويۇۋەتكەن ئۇزۇن چاچلىرى باھاردىكى بوستانلاردەك يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ . كەڭ پېشانىسىگە تۇتاشقان توم قاشلىرى ئاستىدا بىر جۈپ كۆز كۈلۈپ تۇرىدۇ . قاڭشارلىق ۋە تولۇق ئېڭەكلىك كەلگەن بۇ قىز كىشىنىڭ كۆزىگە شۇنچە خۇشخۇي كۆرۈنىدۇ . قالغان قىزلارنىڭ ئىسمىنىلا دەپ بەرسەممۇ بولار: پاتىخا ، قازاق ، غۇلجا شەھىرىدىن؛ بۈۋىنۇر ، قىرغىز ، ئاقتۇ ناھىيىسىدىن . ئەمدى ھېلىقى سورۇنغا كېلەيلى . شۇنداق قىلىپ مارىيە بىلەن تۇنجى رومكىنى سوقۇشتۇرۇپ ئىچىشكە توغرا كەلدى . مارىيە بىزنىڭ ئىنستىتۇتتا داڭق چىقارغان قىزلارنىڭ بىرى بولۇپ ، سىنىپ ، ياتاق ، ئاشخانا ھەتتا كىنوخانىلاردىمۇ ئۇ ھەقتىكى ھەر خىل پاراڭلارنى ئاڭلاشقا بولاتتى . ئىشقىلىپ ئىنستىتۇتتا ئۇنىڭ نامى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى . بىز ئىنستىتۇتقا بېرىپ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ، بىر قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئاغزىدىن مارىيە ئىسىملىك بىر قىزنىڭ بۇزۇلۇپ مىللەت ئايرىمايدىغان دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ، بەزىدە ھەپتە-ھەپتىلەپ كېچە-كۈندۈز ياتاققا قايتمايدىغانلىقىنى ، مەكتەپ ئۇنى جازالايلى دېسە تېخى 81 ياشقا تولمىغىنى ئۈچۈن ، باشقىلار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلغان ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دەپ قاراپ ئامال قىلالمىغانلىقىنى ، شۇڭا بىزنىڭمۇ مۇنداق ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى قاتارلىقلارنى ئاڭلىغانىدۇق . ئىلگىرى مېھرايمۇ ياتىقىدىكى قىزلار ھەققىدە ئانچە-مۇنچە پاراڭ بولغاندا مارىيە توغرۇلۇق بىرئاز سۆزلەپ بەرگەن . تۇرۇپلا مېنىڭ بۇ داڭلىق قىز بىلەن بىۋاسىتە سۆزلەشكۈم كېلىپ قالدى . قىزىق ، مەن ياكى ج خ ئىدارىسىنىڭ خادىمى بولمىسام ، زادى نېمە سەۋەبتىن ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكۈم كېلىپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن . بىر ھېسابتا بۇمۇ ئانچە يامان بولمايتتى . چۈنكى مېنىڭچە ، ئۇ قىزنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن تارتىنماي ئوچۇق سۆزلەپ بەرگەن سەرگۈزەشتىلىرى سەن يازىدىغان ئەسەر ئۈچۈن بىر ياخشى دىتال بولالايدۇ . بىز تۇنجى رومكىنى سوقۇشتۇرۇپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن ، بىرگە تانسا ئوينىدۇق . تانسا ئوينىغاچ دەسلەپتە ئۆيىدىن خەت كېلىپ تۇرغان-تۇرمىغانلىقى ، دەرس ئەھۋالى قاتارلىقلار ھەققىدە تاغدىن-باغدىن سۆزلەشتۇق . تانسا قىزىپ كېتىپ ھېچكىم سائەتكە قارىمىغىنى ئۈچۈن ، قىزلار بىناسىنىڭ تاقىلىدىغان ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىپ ، بىزگىمۇ شۇ ئاخشام قىزلار بىلەن تۈنەشكە توغرا كەلدى . ئادەتتە شەنبە ، يەكشەنبە ۋە بايرام كۈنلىرى بىر سائەت ئۇزارتىلىپ ، چىراغ سائەت 21 دە ئومۇميۈزلۈك ئۆچۈرۈلىدۇ . چىراغ ئۆچكەندىن كېيىن شام يېقىپ قويۇپ گىتارغا يەنە بىردەم تانسا ئويناشتۇق . لېكىن »ھالۋىنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ« دېگەندەك ، ئاخىر تانسىدىنمۇ سوۋىدۇق ، شۇنىڭ بىلەن يەنە قايتىدىن ئىچىش باشلىنىپ ، كىمگە نۆۋەت كەلسە شۇ بىردىن ناخشا ئوقۇيدىغان بولدى . ناخشىمۇ ئوقۇلىۋېرىپ زېرىككەندە يەنە نۆۋەت بويىچە يۇمۇر ياكى لەتىپە سۆزلەشتۇق . ئۇنىڭدىنمۇ زېرىككەندە قايتىدىن تانسا ئوينىدۇق . ئوغۇللارنىڭ مەستلىك سەۋەبىدىن ، قىزلارنىڭ ئۇيقۇسىزلىقتىن يېتىپ قالىدىغانلىرىمۇ چىقتى . ھەتتا بىر كارىۋاتتا يېتىپ قالغانلارمۇ بولدى . بىراق باشتىلا ساڭا مەكتەپنىڭ مەنىۋى مۇھىتىنى سۆزلەپ بەرگەن چېغىمدا ئەسكەرتكىنىمدەك ، مۇشۇ سۆزلەرنى ئاڭلىسا باشقىچە گۇماندا بولىدىغان كىشىلەر ئويلىغان ئىشلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئوندىن بىرىنىڭمۇ يۈز بەرگىنى يوق . بەلكى ھەر خىل شېرىن ئويلارنى ئويلىغانلار بولغاندۇ . چۈنكى ئۇ ھەربىر تەبىئىي ئىنساندا بولىدىغان تەبىئىي ئەھۋال . ئەمما 01-02 جۈپ كۆز پىلدىرلاپ تۇرغان بىر سورۇندا ، ئۇنداق شېرىن ئويلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىمكانىيەت ھەرگىز يول قويمايدۇ . بىز ئاشۇنداق بىر سورۇندا ، مەجبۇرىيەت ئاستىدا ئىچىلگەن ھاراق كاللىنى تازا قىزىتقان ، تانسا ، ناخشا ، لەتىپىلەر تەكرارلىنىۋېرىپ زېرىككەن ، بەزىلەر گىتار چېلىپ بىرلىكتە ناخشا توۋلاۋاتقان ، بەزىلەر ئۈچ-تۆتتىن بولۇپ ئايرىم پاراڭغا چۈشكەن بىر ئەھۋالدا ، مارىيە بىلەن تەبىئىي ھالدا سۆزلىشىپ قالدۇق . ئەمدى ئىككىمىزنىڭ بۇ پاراڭلىرىنى يەنە دىئالوگ شەكلىدە سۆزلەپ بېرەي:
    − سىزنىڭ ئىسمىڭىز تايماسمۇ؟
    − ھەئە ، قانداق ، سىزگە غەلىتە تۇيۇلىۋاتامدۇ؟
    − تۇنجى قېتىم ئاڭلىغان ۋاقتىمدا راستتىنلا غەلىتە تۇيۇلغانىدى . مەن تېخى سىزنى باشقا مىللەتتىنمىكىن دەپ قالغان.
    − سىزچە تايماسلارنىڭ ھەممىسى باشقا مىللەتتىن چىقىپ ، ئۇيغۇردىن ساپلا تېيىپ كېتىدىغانلار چىقىدىكەن-دە.
    − گېپىڭىزنى تازا چۈشىنەلمىدىم ، مەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئەمەسمۇ.
    − ھە ، مۇنداق دەڭ . ئۇيغۇرچە يېزىقنى ئۇقىدىغانسىز؟
    − ياق ، مەن بۇ مەكتەپكە كەلگەندە ئۇيغۇرچە گەپنىمۇ تولۇق قىلالمايتتىم . ئالىم ئۆگىتىپ قويغان.
    − ئالىم دېگەن كىم ئۇ؟
    − تېخى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ بۇرۇن مەن بىلەن يۈرگەن بالا.
    − ئانچە-مۇنچە ئاڭلىغان . لېكىن مەن باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان گەپلەرگە ئانچە بەك ئىشىنىپ كەتمەيمەن . سىز ئۆز ئاغزىڭىز بىلەن سۆزلەپ بەرسىڭىز ئاندىن ئىشىنىمەن.
    − ...
    − ھېچگەپ قىلمايسىزغۇ؟ مېنى باشقىلارغا دەپ قويارمىكىن دەپ ئويلاۋاتامسىز؟
    − سىز دەپ قويمىسىڭىزمۇ ئۇنى مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ . ئاغزىدىن چىقارمىغىنى بىلەن بۇ مەكتەپتە مېنى ئىچىدە تىللىمايدىغىنى يوق . بۈگۈن مەيەدە بىللە ئولتۇرۇپ قېلىپ سۆزلىشىۋاتقىنىڭىز بىلەن ، ھەقىچان سىزمۇ ئىچىڭىزدە مېنى تىللىغان بولغىيدىڭىز؟
    − ياق مارىيە ، مەن باشقىلارنىڭ ماڭا مۇناسىۋەتسىز بولغان ئىشلىرىغا ھەرگىز ئارىلاشمايمەن . كىم بىلەن يۈرۈش ، كىمنى ياخشى كۆرۈش تامامەن ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئىش تۇرسا ، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئارىلىشىشقا ھەتتا سىزنى تىللاشقا نېمە ھەققىم بار؟
    − بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاغزىدىن مۇنداق گەپلەرنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم . مەن ئۆزۈممۇ ئۇيغۇر . مەن ئۆزۈممۇ تېخى ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان ئادەتتىكى بىر ئۇيغۇر . لېكىن ئۇيغۇر دېسە كۆز ئالدىمغا قىلچە تەربىيە كۆرمىگەن ، نادان ، قالاق ، قوپال ، يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ ئاشۇ قالاقلىقىغا قارىماي كېرىلىپ ، غادىيىپ يۈرىدىغان ، كۈنلىرىنى بىر-بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش بىلەنلا ئۆتكۈزىدىغان بىچارە كىشىلەر كېلىدۇ.. . بولىدۇ ، ئەگەر سىز راستتىنلا قىزىققان بولسىڭىز سۆزلەپ بېرەي...
    − راستتىن قىزىقمىغان بولسام ، مۇنچە كوچىلاپ سوراپ نېمە قىلاتتىم؟
    − ماقۇل ، سائەتمۇ ئەمدى ئۈچ بوپتۇ . پاراڭ بىلەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزمىسەك ، تاڭ ئېتىشقا يەنە تۆت سائەت بار ئىكەن . سۆزۈمنى باشتىن باشلاي: ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە مەكتەپلەر ناھايىتىمۇ ئاز بولغاچقا ، ئاتا-ئانام مېنى ئامالسىز خەنزۇچە مەكتەپكە بەرگەنىكەن . تولۇقسىزغىچە خەنزۇچىدا ئوقۇدۇم ، ئۆيگە كەلسەم ئاتا-ئانام بىلەن ئارىلاشقىنىمنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، ھەمىشە خەنزۇ بالىلار بىلەن ئارىلىشىشقا توغرا كەلگەچكە ، ئۇيغۇرچىنى ئاڭلىيالىساممۇ سۆزلىيەلمەيتتىم . تولۇقسىزنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا ، مۇشۇ مەكتەپتىن سەنئەت فاكۇلتېتىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا بارغانلار بىزنىڭ مەكتەپكە چىقتى . مېنىڭ ئاتا-ئانام سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغاچقىمىكىن ، كىچىكىمدىنلا ناخشا-ئۇسسۇلغا ئامراق ئىدىم . ئۇلار مېنى ئۇسسۇل ئوينىتىپ  بېقىپلا قوبۇل قىلدى . شۇ چاغدا 41 ياشتا ئىدىم . دېمەك ، 41 يېشىمدىلا بۇ مەكتەپكە كەلدىم . بىز شۇ قاراردا كەلگەن قىزلارنى ئالدىنقى قاراردا كەلگەن قىزلارنىڭ ياتاقلىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇردى . مەن ئورۇنلاشقان ياتاقتا ئەسلىدە  مەندىن باشقا يەنە ئالتە قىز بولۇپ ، ئۇلارنىڭ بەشىنىڭ يۈرۈۋاتقان يىگىتى  بار ئىكەن . ئۇلار ھەر كۈنى چۈشتە ، كەچتە قىزلار ياتىقىغا كىرىپ ، ھەر بىر كارىۋاتقا ئايرىم تارتىۋېلىنغان پاشىلىقلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشىدۇ . يۈرۈۋاتقان يىگىتى يوق ھېلىقى قىز بىلەن مەن ئامالسىز سىرتقا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىمىز . بەزىدە تۆمۈر يول بويىغا چىقىپ ئۆتۈۋاتقان پويىزلارغا قاراپ تۇرىمەن . پويىزلارنىڭ نەگە ماڭغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان تاختىدىكى ئۈرۈمچى دېگەن خەتنى كۆرۈپ قالسام ئىختىيارسىز يىغا تۇتىدۇ . شۇ ھامان ھېچنېمىگە قارىماي ئاشۇ پويىز بىلەن ئۆيگە كەتكۈملا كېلىدۇ . لېكىن ئامال يوق . سىرتتا يېتەرلىك ئايلىنىپ ، زېرىكىپ قايتىپ كىرسەم پاشىلىقلار تېخى ئېچىلمىغان ، مۇنداق چاغلاردا بىرنەچچە قېتىم كارىۋىتىمغا چىقىپ يېتىپمۇ باقتىم . ئەمما بىر خىل غېرىبسىنىش ، يېتىمسىراش ، يالغۇزلۇق يۈرىكىمنى سىقىپ ، ئۆزۈمنى توختىتالماي يىغلاپمۇ تاشلىدىم . مېنىڭ بۇ يىغىلىرىمنى پاشىلىق ئىچىدىن چىقىۋاتقان كۈلكە ئاۋازلىرى بېسىپ كەتتى . مەن بارا-بارا ئويلاشقا باشلىدىم: ئۆزۈمنى مۇنچىلا قىيناپ نېمە قىلىمەن؟ مېنىڭ ئۇلاردىن نەرىم كەم؟ نېمە ئۈچۈن مەن يىغلايمەن ، ئەكسىچە ئۇلار كۈلىدۇ؟ ياكى ماڭا يۈرگىلى يىگىت تېپىلمامدۇ؟.. . مەن ئاشۇلارنى  ئويلاپ يۈرگىنىمدە ، ئالىم ئىسىملىك بىر يىگىت تەلەپ قويۇپ قالدى . ئۇ قەشقەرلىق  بولۇپ ، تولىمۇ كېلىشكەن بالا ئىدى . مەن ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدۇم . شۇنىڭدىن باشلاپ چۈش ۋە كەچ ۋاخلىرى مەنمۇ ياتاقتا يالغۇز قالمايدىغان بولدۇم . ئىلگىرىكى غېرىبسىنىش ، يالغۇزلۇق تۇيغۇلىرى يوقىلىپ ، روھىم بىر مەدەتكارغا ئىگە بولدى . يىغىلىرىم بارا-بارا كۈلكىگە ئايلاندى . يۈرۈش جەريانىدا ئالىم ماڭا ئۇيغۇرچىنى ئۆگەتتى . ئۇ ھەمىشە: مەن ئۇيغۇر دەپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمىسىڭىز نومۇس ئەمەسمۇ؟ دەيتتى . يەنە كېلىپ ، بىز مەيلى ياتاقتا بولايلى ، مەيلى كىنوغا چىقايلى ، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى خەنزۇچە سۆزلىشىدىغانلار بولغىنى ئۈچۈن ،  مۇھەببەتلىك گەپلەرنى ئۇيغۇرچە دېيىشىمىزگە توغرا كەلدى . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى مەنمۇ تېزلا ئۆگىنىۋالدىم . ھازىر ئويلايمەن ، ئالىم شۇ چاغدا مېنى كەلتۈرۈۋالغىنى ئۈچۈن خېلى نوچى  بالىكەن . ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈرۈپ ئۇيغۇرچىنى ئۆگىنىپ قالمىغان بولسام ، مۇندىن كېيىن ھەرگىز ئۆگىنەلمەس ئىكەنمەن.. . لېكىن ئالىم بىز يۈرۈپ بىر يىلدىن كېيىن گۇاڭجۇغا ئوقۇشقا كەتتى...
    − ئۇمۇ مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۇرسا ، يەنە قانداق بولۇپ گۇاڭجۇغا ئوقۇشقا كېتىدۇ؟
    − ئۇ دېگەن تەييارلىق سىنىپتا ئوقۇيتتى ئەمەسمۇ.
    − ھە ، مۇنداق دەڭ.
    − بىز بىرنەچچە ئايغىچە خەت يېزىشىپ تۇردۇق . مەن سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇقمايدىغان چاغدىلا ئالىم بىلەن يۈرگىنىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئۆزۈمدىنمۇ ئارتۇق ئىشىنەتتىم . ئالىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مېنى يەنە پات-پات غېرىبلىق باسىدىغان ، يىغا تۇتىدىغان بولدى . مېنىڭ ئۇ چاغلاردىكى بىردىنبىر خۇشاللىقىم پەقەت ئالىمنىڭ خېتى كەلگەن ھامان ھېچنېمىگە قارىماي تېزدىن ئوقۇپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى . مەن كەلگۈسىدىكى كۈنلىرىمنى ئالىمدىن ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم . بىراق ئالىم توساتتىن ئۆزگىرىپ ، مېنىڭ بىرنەچچە قېتىملىق خەتلىرىمگە جاۋاب بەرمەي قويدى . مەن ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ قايتا-قايتا خەت يېزىپ سۈرۈشتە قىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق قىسقىغىنە خېتىدە ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەمدى توختىتىلغانلىقىنى ، مېنىڭ باشقا بىرەر يىگىت تېپىۋېلىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى . مەن بىرنەچچە كۈنگىچە دەرسكىمۇ چىقماي دۈم يېتىپ يىغلىدىم . ئالىمغا بىرنەچچە ئايغىچە ئارقا-ئارقىدىن خەت يېزىپ يالۋۇردۇم . لېكىن ئۇنىڭدىن ئىككىنچىلەپ خەت كەلمىدى . مەن بىرنەچچە ئايغىچە يىغلاپ يۈردۈم . ياتاقداشلىرىم ، دوستلىرىم »نېمانچىلا قىلىپ كېتىسەن؟ ساڭا باشقا يىگىت چىقمامدۇ؟« دەپ ئەيىبلەشتى . گۇناھسىز ئاققان پاك كۆز ياشلىرىم مېنىڭ ئالدىمغا سوئال بولۇپ تۆكۈلدى . ئەجەبا بۇ دۇنياغا ئوغۇللار ئالداش ئۈچۈن ، قىزلار ئالدىنىش ئۈچۈنلا يارالغانمۇ؟ ئەجەبا ئوغۇللار قىزلارنى ئالدىيالايدىكەنۇ ، قىزلار ئوغۇللارنى ئالدىيالمامدىكەن؟!« مەن ئوغۇللاردىن ئۆچ ئېلىش نىيىتىگە كەلدىم . گەرچە ئىچ-ئىچىمدىن يىغا قايناپ تۇرسىمۇ ، لېكىن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈۋېتىپ زورىغا كۈلۈپ يۈرىدىغان بولدۇم . مېنىڭ بۇ يالغان ، سۈنئىي كۈلكىلىرىم ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . دەسلەپتە بىرنەچچە ئايغىچە يىغلاپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا ماڭا نەزەر-كۆزلىرىنى سالمىغان ، ھەتتا مېنى مازاق قىلىشقان يىگىتلەر ئەمدى كۆزۈمنىڭ ئىچىگە مەنىلىك قاراپ ، بىچارىلىك بىلەن تەلمۈرىدىغان بولدى . مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئاشۇ سۈنئىي ، يالغان كۈلكىلىرىم بىلەن جاۋاب بەردىم . ئۇلار بىر-بىرىگە ئۇقتۇرۇشماي ماڭا بىر-بىرلەپ رەسمىي  تەلەپ قويۇشتى ۋە مېنىڭ جاۋابىمدىن خۇشاللىنىپ ، ئۆزلىرىنى مەن بىلەن يۈرۈۋاتىمىز دەپ ھېسابلاشتى.
    − سىزچە ئۇلارنىڭ سانى قانچە چىقار؟
    − 82 ، ھە راست ، بۇنىڭدىن بىرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك . مېنى بىرلا ئالىم ئالدىغان بولسا ، مەن ئۆزۈم يالغۇز 72 يىگىتنى ئالدىدىم.
    − ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرمۇ؟
    − كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ، لېكىن زاڭزۇ ، موڭغۇل ۋە باشقا مىللەتمۇ بار.
    − ئاشۇلارنىڭ ئارىسىدا سىزنىڭ تاسادىپىي  ياخشى كۆرۈپ قالغانلىرىڭىزمۇ بولدىمۇ؟
    − بۇ سوئالنىمۇ بىر ئۇيغۇردىن تۇنجى قېتىم ئاڭلىشىم . باشقا ئۇيغۇر  بالىلار مېنى ئۇيغۇرنىڭ نامىنى بۇلغىدى ، مەكتەپتە يۈزىمىزنى قويمىدى دەپ  ئۇرماقچىمۇ بولۇشتى . كېچىلەردە ئالدىمنى توسۇپ تەھدىتمۇ سېلىشتى . مەن ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلىمەن . بىرىنچىدىن ، ئۇلار ئاغزىدا پو ئاتقىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ھاراق سورۇنىدىن باشقا ھېچ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ . ئىككىنچىدىن ، چېچىنى مايلاپ پارقىرىتىپ قونچاقتەك ياسىنىپ يۈرۈشكىنى بىلەن يېنىدا ئىككى پۇڭنىڭ تايىنى يوق . شۇڭا مەن ئالدىمنى توسقانلارغا: »قېنى ، نوچاڭ بولساڭ يېنىڭدا پۇلۇڭ بولسا ، بۇ يەردە قۇرۇق گەپ سېتىپ ئاۋارە قىلىشماي بىرەرسىڭ باشلاپ مېڭىشامسەن!؟« دېدىم . ئۇلار بىر-بىرىگە قارىشىپ ، مېنى جالاپقا چىقىرىپ ئاستا يوقىلىشتى . سىزمۇ ئاشۇلاردەك مېنى ئۇيغۇرنىڭ نامىنى بۇلغاپسەن دەپ ئەيىبلىمىگىنىڭىز ئۈچۈن راستىنى دەپ بېرەي: ئاشۇ 72 بالىنىڭ ئارىسىدا بىر زاڭزۇنى ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرەتتىم . ئۇنى نېمە ئۈچۈن شۇنچە ياخشى كۆرۈپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . بولمىسا ئۇنىڭ قىزلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ھېچقانداق يېرىمۇ يوق . قارىسا ئادەمنىڭ ھۆ بولغۇسى كېلىدۇ . چىرايى شۇنداق قاپقارا ، ئۆزىمۇ ۋىجىك ، يۈزلىرى يايپاڭ ، لېكىن ئاپامنى دېمىسەم ، ئوقۇشنىمۇ تاشلاپ ئۇنىڭ بىلەن شىزاڭغا كەتكەن بولاتتىم . كېتىشكىمۇ تاس-تاسلا قالدىم . بىراق بىچارە ئاپامغا ئىچىم ئاغرىدى . ئاپام ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى . ئەگەر مەن شىزاڭغا كەتسەم ، ئاپام تولا يىغلاپ ئۆلۈپ كېتىشتىن يانمايتتى...
    − دۇنيادا سەۋەبسىز ھېچقانداق ئىش بولمايدۇ . ئۆزىڭىز سەزمىگەن بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىڭىزگە يېقىپ قالغان بىرەر تەرىپى بولسا كېرەك . بولمىسا سەۋەبسىزلا ئۇنچىلا ياخشى كۆرۈپ كېتىشىڭىز ناتايىن.
    − قىزلار بىناسى ئۈچىنچى قەۋەتتىن توسىلىپ  بىر قىسمىدا ئوغۇللار ياتىدۇ ئەمەسمۇ . ئۇنىڭ ياتىقى بىزنىڭ ياتاق بىلەن قوشنا ئىدى . ئۇنىڭ ياتىقىغا زاڭزۇ قىزلار پات-پات كىرىپ تۇراتتى . باشقا ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىسا ، ئۇ پەرۋاسىز ھالدا مەغرۇر كۈلۈپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ ئاشۇ كۈلكىسى مەن بىرىنچى قېتىم كۆرگەن چاغدىلا ئاجايىپ مەنىلىك تۇيۇلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ئاشۇ كۈلكە ھەمىشە كۆز ئالدىمغا كېلىۋالىدىغان بولدى...
    − گەرچە سۆيگۈ نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ياخشى كۆرۈش ئوخشاش بولسىمۇ ، لېكىن ئاشۇ ياخشى كۆرۈشنى ئويغاتقان دەسلەپكى سەۋەبلەر ئوخشاش بولمايدۇ . دېمەك ، سىزدىكى ياخشى كۆرۈشنى ئۇنىڭ ھەقىقىي  يىگىتلەرگە خاس مەغرۇرلۇقى ۋە قەيسەر ئىرادىسى ئويغاتقان ئىكەن-دە.
    − شۇنىڭدىن باشلاپ مەكتەپتىكىلەر  مېنى ئۇيغۇرنىڭ نامىنى بۇلغىدى دەپ ئۆچ كۆرىدىغان بولۇپ كەتتى . لېكىن مەن ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىتىپ ، ئويناپ-كۈلۈپ يۈرۈۋەردىم .
    − 72 يىگىتنىڭ ئىچىدە سىزنىڭ ياخشى كۆرگىنىڭىز پەقەتلا ئاشۇ زاڭزۇ بالا بولدىمۇ؟
    − شۇنداق دېسىمۇ بولىدۇ.
    − ئالىمچۇ؟
    − ئالىم ئۇ 72 بالىنىڭ ئىچىدە يوق . بايا سىزگە 82 دەپ بولۇپ ، بۇنىڭدىن بىرنى چىقىرىۋېتىش كېرەك دېدىمغۇ؟ ئاشۇ ئالىم شۇ . 72 سى مىنىڭ ئالدىغىنىم ، ئالىم ئۇنىڭ ئەكسىچە مېنى ئالدىغىنى . ھازىر ھېلىقى زاڭزۇ بالىنى ئاساسەن ئۇنتۇپ قالدىم . ئۇنىڭ كەينىدىن شىزاڭغا كەتمەكچى بولغانلىرىمنى ئويلىسام كۈلگۈم كېلىدۇ . لېكىن ئالىمنى تېخىچە ئۇنتالمىدىم . بىر ئويلىسام ، ئۇنىڭغا ئاچچىقىم كېلىپ ئىچىمدە تىللاپ كېتىمەن . يەنە بىر ئويلىسام ، ئۇنى بىر كېلىپ كەتسىكەن دەپمۇ قالىمەن . دەسلەپكى مۇھەببەت شۇنداق بولامدۇ ، ئىشقىلىپ ئۇنى ھەرقانچە ئۇنتاي دېسەممۇ يەنىلا يادىمغا كېلىۋالىدۇ.
    − ھېلىقى موڭغۇلچۇ؟
    − قايسىسىنى دەيسىز؟
    − ئىسمىنى ئۇقمايمەن . مەن بۇ مەكتەپكە كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىلا پوچتىخانىغا خەت سالغىلى چىقىپ ، سىزنىڭ ساقال قويۇۋالغان بىرسى بىلەن قولتۇقلىشىپ  كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى كۆرگەنىدىم . كېيىن مەكتەپ ئىچىدىمۇ ھەمىشە بىرگە يۈرگىنىڭلارنى كۆرۈپ ، سىزنى ئۇنى ياخشى كۆرسە كېرەك دەپ ئويلىغان.
    − ھە ، دوربانى دەيسىز ، ياق . مەن ئۇنى ياخشى كۆرگەن ئەمەس . ئۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ھەممىنى قورقىتىدىغان داڭقى چىققان  لۈكچىكى ئەمەسمۇ . ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قېلىشىمىز قىزىق بولغان . ئۇ ئۇيغۇر بالا بىلەن ئولتۇرغان بىر قېتىملىق سورۇندا مەن توغرۇلۇق بولۇنغان گەپلەرنى ئاڭلاپ ، مەسلىكتە مېنى ئۇرىمەن دەپتىكەن . بۇ گەپنى كۆتۈرۈپ كەلگەن قىزلار بىلەن باغلاشتىم . ئاخىر مېنىڭ دېگىنىمدەك بولدى . ئۇ مېنى ئۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تەلەپ قويۇپ ئالدىمغا يالۋۇرۇپ كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ قالدىم . كېيىن مەكتەپ ئۇنى باشقۇرۇپ بولالماي ئاخىر ھەيدىۋەتتى . ھازىر...
    − توختاپ قالدىڭىزغۇ؟
    − بۇنى دېمەيدىغان گەپ ئىدى ، بوپتۇ . مېنىڭمۇ ھازىر بۇ مەكتەپتىكى ئاخىرقى كۈنلىرىم كېلىپ قالدى . سىزگە دەپ بېرەي . لېكىن بۇ گەپلەرنى تېخى قىزلار ئۇقمايدۇ ، يېقىندا مېنىمۇ مەكتەپتىن قايتۇرۇشى مۇمكىن . ئۈلۈشكۈن بىزنىڭ شى جۇرىن〖ZW(〗شى جۇرىن − فاكۇلتېت مۇدىرى.〖ZW)〗چاقىرتقانىكەن . كىرسەم شۇنداقراق گەپلەرنى دەۋاتىدۇ . ياكى مېنى شۇنداق دەپ قورقۇتماقچى بولدىمىكىن ، بۇنىمۇ ئۇقمۇدۇم . ئەتىگەننىڭياغى ئوڭ قاپىقىم بەك تارتىپ كېتىۋاتىدۇ . ئوڭ قاپىقىم تارتسا ماڭا ئەزەلدىن ياخشىلىق يوق . كۆڭلۈمگىمۇ چۈشۈپ بولدى . ھەرقاچان مەكتەپ قىلىدىغىنىنى قىلىدۇ . بۇنىڭدىنمۇ پەرۋايىم پەلەك . ھەرقانچە قىلسا مۇشۇ قوتۇر مەكتىپىدىن ھەيدىۋېتەر . مەن ئۆزۈممۇ تويۇپ تۇرغانىدىم . بىر يىل قاپتۇ ، دېپلومىمنى ئېلىۋالاي دېمىسەم ، بۇ چاغقا ئۆزۈممۇ ئاللىقاچان كەتكەن بولاتتىم . ھازىر جەمئىيەتتە دېپلومنىڭمۇ ئەتىۋارى قالمىدى . ئادەمنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارى يوق . نى-نى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈپ بارغان بالىلار خىزمەتكە تەقسىم قىلىنالماي نەچچە ئاي ، نەچچە يىلغىچە يىغلاپ-قاقشاپ يۈرگەن . مەن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرسەممۇ يەنە شۇنداق بولار؟ بۇ يەردە بۇ خەققە يالۋۇرۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ، مېنى ئېلىڭ  دەپ ئىدارىلەرگە يالۋۇرۇپ يۈرگىچە قايتۇرۇۋەتسە كېتىپ ئۆزۈمنىڭ كۈنىنى ئۆزۈم ئالاي دەيمەن.
    − نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانماقچىسىز؟
    − جۇڭگو تەۋەسىدە تۇرمايمەن . تۈركىيىدە بىر تاغام بار ، ئۇ ھازىر 08 ياشلارغا كىرىپ قالدى . بىرنەچچە زاۋۇتى بار ، لېكىن بىرمۇ بالىسى يوق ، ئۇ ئىلگىرىلا بىزگە خەت يېزىپ ، بىزنىڭ ئۆيدىكى بالىلاردىن بىرنى ئەۋەتىشنى ئۆتۈنگەنىدى . شۇ تاغامنىڭ يېنىغا كېتىپ لاۋبەن〖ZW(〗لاۋبەن − خوجايىن.〖ZW)〗بولىمەن.
    − ئۇنداقتا كەلگۈسى كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيىدە ئۇچرىشىپ قالىدىكەنمىز دەڭا تېخى.
    − سىزمۇ چىقىپ كېتەمسىز؟
    − ياق ، مەن چىقىپ كەتمەكچى ئەمەس . لېكىن تۈركىيىدە بىز ئالاقىلىشالماي ئۆتۈۋاتقان يېقىن قېرىنداشلىرىمىز بار . ئۇلار بىلەن ئالاقىمىز ئەسلىگە كەلسە ، كېيىن چىقىپ كېلىش نىيىتىممۇ يوق ئەمەس.
    − ئاپامغا خەت يېزىۋەتكەنىدىم ، ئەتە-ئۆگۈن ئىچىدە كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . ئاپام كەلسە مەكتەپتىكىلەر بىلەن سۆزلىشىپ باقىدۇ . ئەگەر مېنى قايتۇرمايدىغان بولسا ، بىر يىل چىداپ ئەسقاتمىسىمۇ دېپلوم ئېلىپ قويارمەن . ئەگەر راستتىنلا قايتۇرىدىغان بولسا ، جەزمەن چىقىپ كېتىمەن . ئاپامنىڭ بېيجىڭدا تونۇشلىرى جىق . پاسپورت ئېلىشىمىزمۇ قىيىنغا چۈشمەيدۇ . ھازىر پەقەت تۈركىيىدىكى مەن تونۇمايدىغان يات كىشىلەرلا كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ ، قانداق كۆنەرمەن دەپ قورقۇۋاتىمەن.
    − قىزىق ، بۇ يەردىكى يات كىشىلەردىن قورقماپسىزۇ ، ئەمدى قېرىنداشلىرىڭىز بار يەردىكى كىشىلەردىن قورققىنىڭىز نېمىسى؟
    − ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن . ئىشقىلىپ تۈركىيىگە چىقىپ كەتسەممۇ كېيىن جاۋگې شىنجاڭ شياۋخوزى〖ZW(〗شىنجاڭلىق يىگىت تاپىمەن ، دېگەن مەنىدە.〖ZW)〗...
    − ...
    − مارىيە دەل ئاشۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ، ئەتىگەنلىك توك بېرىلىپ چىراغلار ياندۇرۇلدى ۋە بىرىنچى قېتىملىق قوڭغۇراق چېلىندى . ئۈنئالغۇنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ يوغان ئېچىلىپ ، ئەڭ ھەيۋەتلىك مۇزىكىلار قويۇلدى . مەستلىك ۋە ئۇيقۇسىزلىقتىن يېتىپ قالغانلارمۇ ئويغىنىپ ، كۆزلىرىنى ئۇۋىلىۋېتىپلا يەنە تانسىغا چۈشۈشتى . گىمناستىكا ئۈچۈن قوڭغۇراق چېلىنغاندا »مۇشۇنىڭدىن ئارتۇق گىمناستىكا بولامدۇ؟« دېگەن سۆزلەر بىلەن تانسا تېخىمۇ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى . پەقەت ئەتىگەنلىك تاماق ئۈچۈن چېلىنغان قوڭغۇراقتىن كېيىنلا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان تانسىنى تاماملاپ يۈز يۇيۇش ئۈچۈن سۇخانىغا يۈگۈرۈشتۇق...
    − كېيىن مارىيە راستتىنلا ئىنستىتۇتتىن قايتۇرۇلدىمۇ؟ راستتىنلا تۈركىيىگە چىقىپ كەتتىمۇ؟− ئىنستىتۇتتىن قايتۇرۇلغانلىقى راست بولۇپ چىقتى . ئانىسىمۇ كەلدى . ئانا-بالا ئىككىسىنىڭ بىرنەچچە ھەپتىگىچە مەكتەپتە بىللە يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم . كېيىن يوقاپ كېتىشتى . بالىلارنىڭ ئاغزىدا ھەر خىل گەپلەر بار . مېھراينىڭ كېيىن دەپ بېرىشىچە ، مارىيە تۈركىيىگە ئەمەس ، بەلكى ئىتالىيىگە چىقىپ كەتكەن.
    − مۇنداق دېگىن . دېمەك ، ئۇنىڭ تۈركىيىدە تاغام بار دېگىنىمۇ يالغان ئىكەن-دە.
    − بۇنىڭغا ئېنىق بىرنېمە دېيىش قىيىن . لېكىن ئۇنىڭ ئالىمدىن ئالدىنىپ 72 يىگىتنى ئالدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرى راست.
    − بۇ تەرىپى راست بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇ تېخى سۆيگۈ-مۇھەببەت دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقەتەن تولۇق چۈشىنىپ كەتمەيدىغان ، پاك ، مەسۈم قەلبىگە تېخى كىر قونمىغان چاغدىلا ئالىمنى ياخشى كۆرگەن . بىراق ئالىم ئۇنىڭ ئاشۇ تۇنجى پاك مۇھەببىتىنى ۋەيران قىلىپ ، ئۇنى ئىككىنچى بىر يولدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلغان . بىزدە ئادەتتە مارىيەگە ئوخشاش قىزلارغا نەپرەت بىلەن قارايدىغان ئادەت بار . ئەمەلىيەتتە تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، ئەسلىدە ئالىمغا ئوخشاشلارغا نەپرەتلىنىش كېرەك . چۈنكى مارىيەنىڭ دەسلەپكى ماڭغىنى بىرىنچى يول ئىدى . لېكىن ئۇنى ئالىم ئىككىنچى يولغا ئىتتىرىپ چىقىرىپ قويدى...
    − مەن ئويلايمەن ، مارىيە مەيلى تۈركىيىگە ، مەيلى ئىتالىيىگە چىقسۇن ، ئاشۇ خاراكتېرى بىلەن سۆزسىزكى جىنسىي  ئازادلىق قوينىغا كىرىپ كېتىدۇ . دېمەك ، بىزدىنمۇ جىنسىي  ئازادلىققا قەدەم قويغان تۇنجى ئەۋلاد چىقتى دېگەن سۆز . سەن بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسەن؟
    − مېنىڭمۇ دەل مۇشۇ نەرسىنى ئويلاۋاتقىنىمغا خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى . ئويلىرىمنىڭ تېخى بىر باشقا چىققىنى يوق . لېكىن مېنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشىم مۇنداق: ئىنسانىيەتنىڭ تارىختا بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇقەررەر يولى بولسا كېرەك . بۇ يول بىرەر كىم تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن بولماستىن ، بەلكى تەبىئىي ھالدا ئۆزلۈكىدىن شەكىللەنگەن . ئىنسانلار بۇ يولدىن مەيلى قانچىلىك ئۆزىنى قاچۇرۇپ باقسۇن ، ھەتتا ئاشۇ يولنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى قانچىلىك چوڭقۇر چۈشەنسۇن ،  بەرىبىر يەنىلا شۇ يولنى مېڭىپ تۈگىتىشكە مەجبۇر بولسا كېرەك . ھازىرقى دۇنيادىكى ۋە بىزدىكى رېئاللىق كىشىنى ئەنە شۇ ئويغا كەلتۈرىدۇ . مىسال ئالساق ، دەسلەپتە دېسكو ئۇسسۇلى چىققاندا خەلقىمىز ئۇنىڭغا »تولغىما ئۇسسۇل« دەپ ئات قويۇپ ، دېسكو ئوينايدىغانلارغا »پۇت-قوللىرى چوكىدەك ، مېڭىشلىرى توخۇدەك ، جىم تۇرمايدۇ ساغرىسى ، باپكا ئاتقان موكىدەك« دېگەندەك قوشاقلارنىمۇ توقۇشتى . لېكىن ھازىرچۇ؟ ئەپسۇسكى ھازىر دېسكو ياشلار ئارىسىدىلا ئومۇملىشىپ قالماستىن ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارمۇ ئوينايدىغان بولۇشتى . خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاشلا جىنسىي  ئازادلىقمۇ گەرچە سەن-بىزنىڭ ئىدىيىمىزدىن ئۆتمىگىنى بىلەن ، ھازىرقى بىپەرۋا ، نادان ، ئەمما قارام ، غەيرىيلىككە ئىنتىلىدىغان ياشلىرىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ كېتىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . ئەگەر شۇنداقلا بولۇپ قالسا »خۇدا ئۇرغاننى خۇداۋەدى قوشلاپ ئۇرۇپتۇ« دېگەندەك ، نادانلىق ، قالاقلىق دەستىدىن قەددىنى رۇسلىيالمايۋاتقان بىچارە خەلقىمىزگە يەنە ئويلىمىغان زور  بەدەللەرنى تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ . ھازىر جىنسىي  ئازادلىق يامراپ كەتكەن ئەللەر بۇ بەدەلنى تۆلەۋاتىدۇ . يەنى − جىنسىي  ئازادلىققا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەيدىز كېسىلى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇۋاتىدۇ . ئاشۇ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى مەدەنىيەتلىك كىشىلەر بىلەن تۇرۇپ تۆلەشكە مەجبۇر بولۇۋاتقان بەدەلدىن ، بىزنىڭ نادان خەلقىمىزنىڭ ساقلىنىشى ناھايىتى تەس . مېنىڭ »ئىنسانىيەتنىڭ تارىختا بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان مۇقەررەر يولى بولسا كېرەك« دېگىنىممۇ ئەنە شۇ.
    − پىكرىمىز ئاساسەن يېقىنلىشىدىكەن . لېكىن مېنىڭچە ، بىزنى ئاشۇ بەدەلدىن ساقلاپ قېلىش ، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ئازايتىش ئېھتىمالى بولغان ئامىللارمۇ يوق ئەمەس . بۇلارنىڭ بىرى خەلقىمىز چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلىدىغان ئىسلام دىنى.
    − شۇنداق ، ئەگەر بىزنى ئاشۇ بەدەلدىن ساقلاپ قالىدىغان ئامىللار بار دېيىلسە ، ئۇ ئامىللارنىڭ ھەقىقىي  پۇت تىرەپ تۇرالايدىغىنى ئىسلام دىنى . باشقا ئامىللار ۋاقتى كەلگەندە ھېچنېمىگە دال بولالماسلىقى مۇمكىن.
    − ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ، مەن قايتاي ، پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرىنى يەكشەنبە كۈنى داۋاملاشتۇرايلى.
    − يەكشەنبىگە تېخى يەنە ئۈچ كۈن بارغۇ؟
    − مەن ئەتە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئاقكۆلگە بارىدىغان بولۇپ قالدىم ، شەنبە قايتىپ كېلىمەن.
    − يەكشەنبە قانداق چاغدا كېلىسەن؟
    − پاراڭلىشىمىز دەپ قاراڭغۇ ئۆيگە سولىنىپ  ، يازنىڭ خۇۋلۇقىنى كۆرمەي ئۆتۈپ كەتمەيلى ، چۈشتە مەدەنىيەت كىنوخانىسى ئالدىدا ئۇچرىشىپ  دەريا بويىغا چىقىپ كەتسەك قانداق؟
    − قوللايمەن.
    − ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ، خەير-خوش!
    − ...
    − دەريا بويىغىمۇ ئۈنئالغۇ ئېلىپ كەپسەنغۇ؟
    − مېنىڭ خاتىرە قالدۇرۇش ئىقتىدارىم ياخشى ئەمەس . لېكىن بۇ بىر ئېغىز سۆزنىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ-دە.
    − سائەت دەل ئۈچ بوپتۇ . ئىنستىتۇتتىمۇ مېھراي بىلەن ھەر سەيشەنبە سائەت ئۈچتە كۆرۈشەتتۇق...
    − بۈگۈنكى پارىڭىمىز تەبىئىي باشلىنىدىغان بولدى . ئۈنئالغۇنى ئېچىۋەتتىم . قېنى ئەمىسە باشلىغىن.
    − كېيىنكى سەيشەنبە مېھراي بىلەن كېتىۋېتىپ »سېرىق ئەتتىر« دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان بىر رېستۇران ئالدىغا كېلىپ قالدۇق . ئىنستىتۇتتىكىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىپ گەپ تېپىشىدىن  ئەنسىرەپ سىرتتا قىسىلىپ يۈرگۈچە ، رېستۇراندا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشماقچى بولدۇق . تېخى كەچ كىرمىگەچكىمىكىن ، رېستۇران خېرىدارلاردىن خالىي  ئىدى . گەرچە مېنىڭ ئەزەلدىنلا ئېقىم كېلىشمىسىمۇ ، لېكىن رېستۇرانغا كىرىپ قۇرۇق ئولتۇرۇشقا بولمىغىنى ئۈچۈن ئالدىمىزغا تىزىملىك كۆتۈرۈپ كەلگەن مۇلازىمغا پىۋا ، گازلىق سۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى بۇيرۇدۇم . مۇلازىم ئېلىپ بولغۇچە مېھراينىڭ بىلىكىنى كۆرۈپ باقتىم . يىڭنىدە كۆيدۈرۈلگەن جاي پىلوس شەكىللىك قاقاچ بولۇپ ئۆرلەپ چىقىپتۇ . مەن مېھرايغا چاقچاق قىلدىم:
    − ئىز قالدۇرىمەن دەپ كرېست بەلگىسى سىزىۋاپسىزمۇ دەيمەن؟
    − ۋىيەي ، تايماس ئاكا ، مەن ياكى خرىستىئان مۇرىتى بولمىسام ، كرېست بەلگىسى سىزىۋېلىپ نېمە قىلارمەن . مەن خىيالىمدا ئىككى قېتىم كۆيدۈرۈلگەن بۇ ئىككى تال سىزىقنى ئىككىنچى چېسلاغا ۋە ئىككىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دەپ ئويلىغان...
    − ئەمىسە ئۇ ئىككى سىزىقنى بىرلەشتۈرۈۋېتىپسىزغۇ؟
    − ...
    − مېھراي شۇ ھامان شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى . مەنمۇ ئويلىماي دەپ سالغان بۇ بىر ئېغىز گېپىم ئۈچۈن خىجىل بولۇپ قالدىم . ئاڭغىچە مۇلازىم كېلىپ بۇيرۇلغان نەرسىلەرنى ئالدىمىزغا تىزدى . ئۇ قايتىپ كېتىۋاتقاندا مېھراي ئورنىدىن تۇرۇپ بىللە كەتتى . مەن مېھراينىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالماي قاراپ تۇراتتىم ، ئۇ پۇكەي يېنىغا بېرىپ چەت ئەلنىڭ قىممەت باھالىق سىگارتىدىن بىرقاپ ، كۆك رەڭلىك يۇمۇلاق يوغان ئەينەك رۇمكىدا ۋىسكى ۋە بىرمۇنچە سۈتكەمپۈت قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ، يانچۇقىغا قول سوزدى . مەن پەقەت شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم . بىراق مەن بېرىپ بولغۇچە ئۇ پۇلنى تۆلەپ بولدى . مېنىڭ ئۇياققا مېڭىشىم ، مېھراينىڭ بۇياققا كېلىشى تەڭ كېلىپ قېلىپ ئارىلىقتا دوقۇرۇشۇپ قالدۇق . مەن كۆڭلۈمدىكىنى يوشۇرالماي ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ سورىدىم:
    − بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟
    − ھېچنېمە قىلمىدىم ، تايماس ئاكا...
    − مېنىڭ ئالغانلىرىم ئاز بولۇپ قاپتىمۇ؟
    − ياق ، مەن ھېچ ئۇنداق دېمىدىم...
    − ئاغزىڭىزدىغۇ ئۇنداق دېمىدىڭىز ، لېكىن بۇ قىلغىنىڭىز شۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ سىزمۇ-مەنمۇ پۇل تۆلەپ يۈرگۈچە بىرسىمىزلا تۆلىسەك بولمامدۇ؟ مېنى تۆلىيەلمەيدۇ دەپ ئويلىدىڭىزمۇ؟...
    − سەنمۇ بىرئاز ئاشۇرۇۋېتىپسەن ، ئاداش . ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا چوڭقۇر دوستلۇق ھۆرمىتى بار ئەمەسمۇ ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئىككى دوست بىرگە كوچىغا چىقىپ ، بىرگە رېستۇرانغا كىرىپ ، بىرسى ئىككىسىنىڭ تەڭ ئىستېمال قىلىشى ئۈچۈن بىر نەرسىلەرنى ئالسا ، يەنە بىرسى قاراپ تۇرالامدۇ؟
    − ئىقرارمەن ، لېكىن مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئويلىغىنىم ، بىر يىگىت بىر قىز بىلەن كوچىغا چىقىپ ، قىزنى پۇل خەجلىتىپ يۈرسە سەت ئەمەسمۇ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى...
    − بۇ سەندىكى ئىستىخىيىلىك ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ مەھسۇلى.
    − شۇنداق ، سۈت بىلەن كىرگەن خۇي ئۆلگەندە چىقار دېگەندەك ، بەزى يارىماس ئەنئەنىلىرىمىزدىن قول ئۈزۈشنى ئۆزىمىز تەشەببۇس قىلىپ تۇرۇپ ، ئەمەلىيەتتە بەزىدە قول ئۈزەلمەيمۇ قالىدىكەنمىز.
    − شۇنداق قىلىپ ئارىدا بىر سۆرۈن كەيپىيات شەكىللەندى ، دېگىن.
    − دەل شۇنداق بولدى . بىز ئورنىمىزغا كېلىپ ئولتۇردۇق . لېكىن ئارىدا خېلىغىچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى . بۇ جىمجىتلىقنى ئاخىر مېھراي بۇزدى:
    − بىز مۇشۇنداق ماي تارتىشىپ ئولتۇرۇشقا چىققانمىدۇق ، تايماس ئاكا؟ قېنى سۆزلەپ بەرمەمسىز؟
    − نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان مەنلا سۆزلەپ كەلدىم . بۈگۈن نۆۋەت سىزگە كەلدى.
    − قارىغاندا ، سىزنى رەنجىتىپ قويغان ئوخشايمەن . كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېسەم ، بىز قىزلار قاتتىق ئازابلانغان چاغدا بىر بۇلۇڭغا كىرىپ دەردىمىزنى كۆز يېشىمىزدىن ئالىمىز . ئوغۇللار ئازابلانسا ياكى خۇشاللانسا ئادەتتە ھاراق ئىچىدۇ . شۇڭا سىزنى ھامان رېستۇرانغا كىرگەندىكىن بىرەر رومكا ئىچكەچ ئېچىلىپ-يېيىلىپ ئولتۇرۇپ سۆزلەپ بېرەمدىكىن دېگەن.
    − ...
    − مەن ئارتۇقچە گەپ -سۆز قىلماي ئولتۇرۇۋەردىم . بۇ كۆرۈنۈشتە تېخى ئاچچىقىمدىن يانمىغانلىقىم بولسىمۇ ، لېكىن ماھىيەتتە ئۆزۈمنىڭ سەل ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلىپ ، گەپنى نېمىدىن باشلاشنى بىلمەي قالغانلىقىمدىن ئىدى . ئارىدىكى بۇ ئەپسىزلىكنى يەنە مېھراي ئوڭشىدى . ئۇ ئالدىدىكى ئىستاكانغا گازلىق سۇ قۇيۇپ ، ۋىسكى بىلەن تولدۇرۇلغان رومكىنى ماڭا تەڭلەپ تۇرۇپ دېدى:
    − رەنجىتىپ قويغان بولسام كەچۈرۈڭ ، تايماس ئاكا ، سىز-بىزنىڭ قايغۇ-ئەلىمىمىزمۇ يېتىپ ئاشىدىغۇ . بىردەم بولسىمۇ ياخشى پاراڭلىرىمىز بىلەن ئاشۇ قايغۇلارنى ئۇنتايلى...
    − ...
    − بىر قىز تەڭلىگەن تۇنجى رومكىنى رەت قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا ، مەن بىر خىل ئوسال ئەھۋالدا رومكىنى قولۇمغا ئالدىم . ئەمما ئۇنى لېۋىمگە تەگكۈزۈشتىن بۇرۇن نېمە دېيىشىم كېرەكلىكىنى بىلمىدىم . كۆزلىرىمنى مېھرايدىن قاچۇرۇپ قولۇمدىكى رومكىغا قارىدىم . رومكا ئىچىدىكى ۋىسكىنىڭ يېنىك داۋالغۇشلىرى قايسىبىر شائىرنىڭ مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر شېئىرىنى ئىختىيارسىز ئېسىمگە سالدى . مەن داۋام قىلىۋاتقان بىئەپ ھالەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، شېئىرنىڭ يادىمغا كەلگەن كۇپلېتلىرىنى بوش ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلدىم:

    خۇشلۇق تولا جاھاندا دىلبەر،
    نېچۈن تەگمەس بىزگە بىر ئۆلۈش؟
    يارالغانمۇ ۋە ياكى شۇنداق،
    سۆرەلمىلەر ئۈچۈنلا كۈلۈش...
    نېچۈن تەگمەس بىزگە بىر ئۆلۈش؟!

    كۆۋەرەيدۇ قەدەھتە شاراب،
    دەردلىرىمنى يۇتماق بوپ گويا.
    مەستلىك خالاپ ئىچىمەن تېز-تېز،
    مەست ئېڭىدىن ساقىت بۇ دۇنيا،
    دەردلىرىمنى يۇتماق بوپ گويا.

    توسۇمىغىن قوي دەپ قەدەھنى،
    يىتۈپ كەتسۇن جىسمىمدىن ماجال.
    يىقىلغاندا چىمەنگە ھوشسىز،
    يۆلەپ مېنى قۇچىقىڭغا ئال.
    يىتۈپ كەتسۇن جىسمىمدىن ماجال.

    ئىزدەپ يۈرمە رېئاللىق ئۈچۈن،
    شېئىر يازغان شائىر نەدە دەپ.
    قانلىرىنى مىسراغا تىزغان،
    باشقا بىرسى ئەمەستۇر ئەجەب،
    ئىزدەپ يۈرمە شائىر نەدە دەپ.

    ئالدىم يەنە قەدەھنى قولغا،
    يارىڭ ئۈچۈن مەستلىك تىلەپ قال.
    بەخت كۈتۈپ تۇرغان قىرغاققا،
    يېتىش قىيىن (قىيىندۇر دەرھال)
    يارىڭ ئۈچۈن مەستلىك تىلەپ قال!...
    شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا مېھرايغا قارىدىم . ئۇنىڭ ھاياجان ئىلكىدىكى نۇرلۇق كۆزلىرى بىرلا نۇقتىغا تىكىلگەن بولۇپ ، جۈپلەنگەن بارماقلىرىنىڭ ئۇچى يەنە بىر خىل رىتىمدا لېۋىگە يېنىك ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . بىز رومكا بىلەن ئىستاكاننى سوقۇشتۇرۇپ بىردىن ئوتلىدۇق . شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى بىئەپ ھالەت تۈگەپ تەبىئىي پاراڭلىرىمىز باشلاندى . مېھراي يەنە شېئىردىن گەپ ئاچتى:
    − بۇ شېئىرنى قاچان يازدىڭىز ، تايماس ئاكا؟
    − بۇ مېنىڭ شېئىرىم ئەمەس.
    − ياق ، يوشۇرۇۋاتىسىز ، چوقۇم سىزنىڭ.
    − سىزدىن يوشۇرۇپ نېمە قىلاي؟ شېئىردا يېزىلغىنى دەل مېنىڭ قەلبىمدىكى سۆزلەر بولسىمۇ ، لېكىن شېئىر راستتىنلا مېنىڭ ئەمەس.
    − ئەمىسە كىمنىڭ؟
    − مەن ئادەتتە ئۆزۈمگە يارىغان ياخشى شېئىر ۋە ياخشى ئۈزۈندە سۆزلەرنىڭ ئاستىغا جەزمەن ئاپتورنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قوياتتىم . لېكىن بۇ شېئىر ماڭا بەك يېقىپ كەتكەنلىكتىنمۇ بىر كۆرۈشتىلا ئېسىمدە قاپتۇ . ئەپسۇسكى خاتىرىگە يېزىۋالمىغىنىم ئۈچۈن ئاپتورنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن...
    − توختاپ قالدىڭىزغۇ؟
    − توختىماي مەنلا سۆزلەۋەرسەم بولامتى؟
    − ۋاقتىڭىزنىڭ شۇنچە قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، تايماس ئاكا ، مەن سىزدىن تارىخىمىزنى ئۆگىنىمەن دەپ چىقىپ ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولماس.
    − بايا دېدىمغۇ ، بۈگۈن نۆۋەت سىزنىڭ.
    − ۋىييەي ، مەن ھېچنېمىنى ئۇقمىسام ، نېمە دەيمەن؟
     ھازىرقى رېئاللىق ھەققىدە سۆزلىسىڭىزمۇ بولىدىغۇ؟
    − ھازىرقى رېئاللىقنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئەمەسمۇ ، يەنىلا تارىخىمىز ھەققىدە سىزنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىڭىز ياخشى.
    − تارىخنى ، يەنى ئۆتمۈشنى سۆزلەشتىن مەقسەت يەنىلا بۈگۈنكى رېئاللىق ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن . ھەرگىزمۇ بىز ئاشۇنداق ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادى دەپ ماختىنىپ مەست بولۇپ ، پارلاق  تارىخىمىزنى ئېگىز ياستۇق قىلىپ بىخىرامان ئۇخلاش ئۈچۈن ئەمەس . تېخىمۇ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ، ئۆزىمىزگە »بىز قەدىمدە ئاشۇنداق خەلق ئىكەنمىز ، ھازىرچۇ!؟« دېگەن سوئالنى قويۇش ئۈچۈن . دېمەك ، بۈگۈنكى پارىڭىمىزنىڭ تېمىسى رېئاللىق . سۆزلىگۈچىسى سىز.
    − مەن نېمىنى سۆزلىشىمنى ئۇقمىسام.
    − ئۇنداقتا مەن سوراي ، سىز جاۋاب بېرىڭ ھە. . سىز نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ پاراڭلىشىدىغان كۈنىمىزنى باشقا كۈنگە ئەمەس ، دەل سەيشەنبىگە توغرىلاپ تەكلىپ بەرگەنىدىڭىز؟
    − چۈنكى ، گەرچە باشقا كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن  دەرسىمىز بولمىسىمۇ ، لېكىن ئادەتتە كۇتۇپخانىدا ئۆگىنىش قىلىمەن . سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن كۇتۇپخانىنى ئاچمايدۇ . شۇڭا شۇنداق تەكلىپ بەرگەنىدىم.
    − ياتىقىڭىزدىكى باشقا قىزلارمۇ شۇنداق ئۆگىنىش قىلامدۇ؟
    − ياق ، ئۇلار ئىمتىھان دېسە ، كۆچۈرۈش ئۈچۈن كىچىك چورنەكلەرنى〖ZW(〗چورنەك − ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان مەخسۇس پارچە قەغەز.〖ZW)〗تەييارلاشقىلا تەييارلىق قىلىدۇ . باشقا ۋاقىتلاردا ئۆزى ئۆگەنمەيلا قالماي ، ئۆگىنىش قىلغانلارنى شاكال ئاكتىپ دەپ مازاق قىلىشىدۇ تېخى.
    − دېمەك ، سىزمۇ ئاشۇ مازاق قىلىنغۇچىلار قاتارىدا دەڭ.
    − ھەئە ، مەن بۇ ئىنستىتۇتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغان چېغىمدا خۇشاللىقىمدىن سەكرەپ كەتكەنىدىم . دوستلىرىممۇ ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان بولدۇڭ دەپ چوڭ بىلىپ مېنى تەبرىكلىشىپ كەتكەنىدى . بۇ يەرگە كېلىپ بىرنەچچە ئايغىچە شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ئۆگەندىم . ئۇ چاغدا ھەممەيلەن يېڭىدىن كەلگەن بولغاچقىمىكىن ، ئىشقىلىپ قورقۇپ بولسىمۇ دەرسكە ۋاقتىدا چىقاتتى . ئۆگىنىشىمۇ خېلى ياخشى ئىدى . لېكىن مەكتەپنىڭ ئومۇمىي  كەيپىياتى شۇنداق بولغانلىقتىن ، كېيىن بارا-بارا بالىلارنىڭ كەيپىياتىمۇ بۇزۇلدى . بوش ۋاقىتلاردا ئۆگىنىش قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، دەرسكە خالىسا چىقىدىغان ، خالىمىسا چىقمايدىغان بولدى . گەرچە ئوقۇتقۇچى ھەر ئىككى سائەتلىك دەرستە بىر قېتىم يوقلىما قىلىپ يوقلارنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرسىمۇ ، لېكىن سەۋەبسىز يوق بولىدىغان بىرمۇ ئوقۇغۇچى چىقمايدۇ . ئاخشىمى ھاراق ئىچىپ ، تانسا ئويناپ ، ئەتىسى چۈشكىچە ئۇخلاپ قالغانلارنىڭ ھەممىسى يوقلىمىدا »كېسەل« ، كوچىغا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى »شىنجاڭدىن كەلگەن بىر تونۇشىنى ئۇزىتىپ  قويۇشقا كەتكەن« بولىدۇ . دەرسكە چىققانلارنىڭمۇ چىن كۆڭلىدىن خالاپ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىدىغانلىرى ئاز . كۆڭلۈم يېقىن بەزى قىزلار بىلەن سۆزلىشىپ باقتىم . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى »ئۆگەنمىسەكمۇ ئىمتىھاندىن ئۆتىمىز . ئىمتىھاندىن ئۆتسەك دېپلوم دېگەن تەييار . دېپلوم ئېلىپ كەتسەكلا بولدى« دەپ قارايدۇ . بىز ھامان بۇ ئىنستىتۇتقا كەپتۇق ، ئاز-تولا بىرنەرسە ئۆگىنىپ كېتەيلى دەيدىغانلادىن بىرنەچچىمىزلا بار . بۇ بىرنەچچەيلەنمۇ تېخى »ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بارسام تونۇشلاردىن بىرسى كېلىپ ماۋۇ بىر پارچە ئىلتىماسنى خەنزۇچە يېزىپ بەرگىن دەپ قالسا يازالمىسام سەت ئەمەسمۇ؟« دېگەن  ئوي بىلەنلا ئۆگىنىدۇ . يۇرت ئۈچۈن ، مىللەت ، كەلگۈسى ئۈچۈن دەپ ئۆگىنىدىغانلار ئىشقىلىپ سىنىپتا بىر-ئىككىدىن ئارتۇق ئەمەس . مەن بەكمۇ ھەيران ، تايماس ئاكا ، ئەسلىدە بىر مىللەتنىڭ ستۇدىنتلىرىدا شۇ مىللەتنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ ياخشى نەرسىلەر ئەكس ئېتىشى كېرەك ئىدى . لېكىن بىزنىڭ سىنىپتىكى ، بىزنىڭ مۇشۇ ئىنستىتۇتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالدىن ئېيتقاندا ، بىزنىڭ ستۇدىنتلار سۆزگە كەلگەندە ئاغزىدا شەھەر ئالىدۇ . شۇنچىلا كۆرەڭلەيدۇكى ، باشقا ھېچقانداق مىللەتنى كۆزگە ئىلمايدۇ . ناۋادا ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق تۇرىدىغان بىرەر تەرىپىنى كۆرسە ، شۇ ھامان چىدىماسلىق قىلىپ تىللايدۇ ، قارغايدۇ . باشقا مىللەتلەرنىلا ئەمەس ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ ئارىسىدىن بىزدىن سەللا ئېشىپ كېتىدىغانلار چىقسا ئۇنىڭغا ئورا كولايدۇ . ئەڭ ئاددىيسى ، بىزنىڭ سىنىپتا ھەقىقىي بىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلاردىن بىرنەچچەيلەن بار دېدىمغۇ ، ئاشۇلارمۇ دائىم چەتكە قېقىشقا ، مەسخىرىگە ، چېقىۋېلىشقا ئۇچرايمىز . بىز شۇنچە  ئىخلاس بىلەن ئۆگەنسەكمۇ ئىمتىھان ۋاقتىدا كۆچۈرۈشنى نومۇس بىلگىنىمىز ئۈچۈن نومۇرىمىز 07-08 . لېكىن ئۆگىنىش دېسە ئويناپ ، ئىمتىھان دېسە كۆچۈرىدىغانلارنىڭ نومۇرى 59 بىلەن 001 دىن چۈشمەيدۇ . ھەمىشە مۇشۇنداق بولۇۋەرسە ، بۇ ناھەقچىلىك ئاخىر ئادەمنىڭ روھىغا تەسىر قىلماي قالمايدىكەن . بىز ھەتتا مەنمۇ يېقىندىن بۇيان سوۋۇپ قالدىم . بۇرۇنقىدەك ئۆگىنىش قىلغۇممۇ كەلمەيدۇ . بەزىدە كۇتۇپخانىغا كىرسەممۇ ئالدىمغا كىتابنى قويۇپ قويۇپ چوڭقۇر خىيال سۈرۈپ كېتىمەن . كاللامدا خىلمۇ خىل سوئاللار پەيدا بولىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا جاۋاب تاپالمايمەن...
    − مەسىلەن قايسى سوئاللارغا؟
    − كاللامغا كەلگەن سوئاللار بەكمۇ جىق ، تايماس ئاكا . لېكىن ئەڭ مۇھىمى ، خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىياللار ۋە سوئاللار.
    − مەن نېمە دېسەم بولار ، سىڭلىم . ئەسلىدە مەن بۈگۈن گەپ قىلماي سىزنىڭلا گېپىڭىزنى ئاڭلاش نىيىتىگە كەلگەنىدىم . لېكىن سىزنىڭ چىن يۈرەكتىن ئېيتىلغان سەمىمىي  سۆزلىرىڭىز مېنى يەنە گەپ قىلدۇرىدىغان بولدى.. . قېنى ، ئىستاكاننى قولىڭىزغا ئېلىڭ ، ئاۋۋال ئاق كۆڭۈل ئەمما بەختسىز خەلقىمىز ئۈچۈن بىر رومكا كۆتۈرۈۋېتەيلى.. . ھەي! مۇبادا بىزنىڭ ھەممە ستۇدىنتلىرىمىز سىزگە ئوخشاش ئويلايدىغان بولسا ، ئۇ ھالدا كەلگۈسىمىز شەكىلسىز پارلاق بولغان بولاتتى . بۇ دېگىنىم ، بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىد يوق دېگىنىم ئەمەس . بىزدە خەلقىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ ئىزدىنىۋاتقان ئالتۇنغا بەرگۈسىز ئىقتىدارلىق پېشقەدەملەر ، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ئەزىز جېنىنى تەقدىم قىلىشقا تەييار تۇرغان ئوت يۈرەك ياشلار بار . ئەپسۇسكى خۇددى سىلەرنىڭ سىنىپتا سىزلا بولغاندەك ، ئۇلارنىڭ سالمىقىمۇ ئىنتايىن ئاز . بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى دېھقانلار تەشكىل قىلىدۇ . ئۇلار شۇنچىلىك ئىشچان ، شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل ، شۇنچىلىك ساددىكى ، مۇشۇ جەھەتتىن دۇنيادا ئۇلارغا تەڭداش تېپىلماس دەيمەن . ئەمما ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ساۋاتسىز . شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ، گەرچە ئۇلارنىڭ جىسمى مۇشۇ دەۋرگە − مۇشۇ ئەسىرگە مەنسۇپ بولسىمۇ ، لېكىن روھى ، مەنىۋى دۇنياسى تېخى ئۆتكەن ئەسىردىن ئاتلاپ ئۆتكىنى يوق . بىراق بۇ خەلقىمىزنىڭ خاتالىقى ئەمەس . بۇنى مۇنداق بىر ئاددىي مەسەل بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ: بىر كۈنى تەكلىماكان ئۈستىدە ئۇچۇپ يۈرگەن   بىر بۈركۈت بوراندا ھەرياندا ئۇچۇپ چېچىلىپ ياتقان ھالسىز قۇملارغا قاراپ دەپتۇ: »ھەي بىچارە قۇملار ، بۇ يەردىن ئۇ يەرگە ، ئۇ يەردىن بۇ يەرگە دومىلاپ چېچىلىپ خارلىنىپ يۈرگۈچە ، سىلەرمۇ تۇپراققا ئوخشاش زىچ بىرىكىپ زەل-زىرائەت ، دەل-دەرەخلەرنى ئۆستۈرۈپ ئىززەت تاپساڭلار بولماسمىدى؟« بۈركۈتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قۇملاردىن شۇنداق سادا كەپتۇ: »ھەي بۈركۈت ، كۆزلىرىڭ شۇنچە ئۆتكۈر تۇرۇپ كۆرمىدىڭمۇ؟ بارغانسېرى ئۇلغىيىپ  دەھشەت بىلەن چىقىۋاتقان بوران-قۇيۇنلار قىلچە ئۆز ئىختىيارىمىزغا قويماي مەجبۇرىي ئۇچۇرۇۋاتسا ، بىزدە نېمە ئامال؟« بۈركۈت قايتا سوراپتۇ: »ئەجەبا بوران-قۇيۇنلار تۇپراقنى ئۇچۇرتالمايدىكەنۇ ، سىلەرنى شۇنچىلا ئاسان ئۇچۇرتۇپ كېتىدىكەنغۇ؟« قۇملاردىن يەنە سادا كەپتۇ: »تۇپراقنى ئۈستىدىن دەل-دەرەخلەرنىڭ يىلتىزى قاماپ تۇرسا ، ئاستىدىن يەر ئاستى سۈيى نەملىك بىلەن تەمىن ئېتىپ ھەربىر ھۈجەيرىلىرىنى بىر-بىرىگە يېپىشتۇرۇپ تۇرىدۇ . ئەپسۇسكى بىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز تەڭداشسىز تەشنالىق ئازابىدىن چاك-چاك بولۇپ ئاجراپ كەتكەن...« قۇملاردىن چىققان بۇ سادانى ئاڭلاپ بۈركۈت ئۈن-تىنسىز ئۇچۇپ كېتىپتۇ.. . خۇددى مۇشۇ مەسەلدىكىگە ئوخشاش ، ئارقا-ئارقىدىن چىققان دەھشەتلىك بوران-قۇيۇنلار ، نادانلىق چۆلىدە چاڭقاپ تەشنالىقتىن باغرى چاك-چاك بولغان بىچارە خەلقىمىزنى قۇمدەك چېچىپ ئۇچۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزدى . مۇنداق مۇدھىش بوران ، قارا قۇيۇنلارنىڭ ئەڭ چوڭى − ئاپاق خوجىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى بىلەن تەڭ خەلقىمىز ئارىسىغا ئېقىپ كىرگەن سوپىزم ئەقىدىسى بولدى . ھەقىقىي  ئىسلام دىنىغا تۈپتىن زىت بولغان بۇ ئەقىدىنىڭ تەرغىباتچىلىرى ئۆزلىرى كېچە-كۈندۈز ئەيش-ئىشرەتتە ياشاپ تۇرۇپ ، ئاۋام خەلقنىڭ ئېڭىدا ھەممىگە شۈكۈر قىلىدىغان ھەتتا ھايۋاندىن بەتتەر ئورۇنغا چۈشۈپ قالسىمۇ ئاتالمىش »ئۇ دۇنيادىكى راھەت«نى كۆزلەپ يەنىلا رازى بولىدىغان روھىي  قۇللۇق چوڭقۇر يىلتىز تارتتى . ئارىدىن بىر ئەسىر ئۆتۈپ ، خەلقىمىز ئارىسىدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىلاردەك روھىي  قۇللۇقتىن خالىي كىشىلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىشقا باشلىغاندا ، ئىككى قولى بىگۇناھ شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن بويالغان ۋەھشىي  جاللات شېڭ شىسەي ئاق-قارىنى ئازراق پەرق ئېتەلەيدىغانلارنىلا ئەمەس ، ھەتتا ھەربىر يۇرتتا تۆت ئادەمنى گېپىگە كىرگۈزەلەيدىغان  ئابرۇيلۇق كىشىلەردىنمۇ قورقۇپ ، ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك چوڭ تۇتقۇن يۈرگۈزدى . خەلق ئارىسىدا »ھەپسىگە ئالدى« دەپ ئاتىلىپ ، تا ھازىرغىچە پاجىئەلىك ھېكايىلەر سۆزلىنىدىغان ئاشۇ تۇتقۇندا ئۆز يۇرتىنىڭ ئۆزىدىلا تىرىك كۆمۈۋېتىلگەنلەردىن باشقا ، مەخسۇس شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە ئۆلگەنلەر 082 مىڭ بولۇپ ، بۇ ساننى ئازادلىقتىن كېيىن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار تۈرمە خاتىرىلىرىدىن  ئېنىقلاپ چىققان . بۇنى ئاز دەپ »مەدەنىيەت ئىنقىلابى« دەپ ئاتالغان تەلۋىلەر ھەرىكىتىدە »بىرگە قارشى تۇرۇپ ، ئۈچكە زەربە بېرىش« دېگەن باھانىدە ئاز سانلىق مىللەت زىيالىيلىرىدىن 033 مىڭ كىشى تۈرمىلەردە جېنىدىن ئايرىلدى.. . بىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىمىز ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ، سىڭلىم.. . ھەي ، بەختسىز خەلقىمىزنىڭ بەختى ئۈچۈن يەنە بىر رومكا ئىچەي ، قېنى ، ماڭا ھەمدەم بولۇپ ئىستاكاننى قولىڭىزغا ئېلىڭ...
    − ...
    − بۈگۈن نۆۋەت سىزنىڭ دەپ تۇرۇپ ، يەنە بىر تالاي سۆزلەپ كەتتىم-دە.
    − ۋاي ياق ، تايماس ئاكا ، مەن تېخى سىزنى يەنە سۆزلەپ بېرىدۇ دەپ كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتىمەن.
    − ئەمدى نۆۋەت سىزگە كەلدى ، سىڭلىم.
    − تۈگمەن بار يەردە يارغۇنچاقنىڭ نېمە ئىشى ، تايماس ئاكا؟
    − ئېرىقتىكى سۈيى تۈگەپ تۈگمەن چۆرگىلىمەس بولۇپ قالغاندا ئەلۋەتتە ياغۇنچاق ياخشى ،  سىڭلىم.
    − مەن.. . مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى دېيەلمەي قالدىم.. . لېكىن سىزنىڭ قەلبىڭىز ئېرىق ئەمەس ، بىر دەريا ، تايماس ئاكا ، دەريا سۈيى ھەرگىز قۇرۇپ قالمايدۇ...
    − بۇ بولمىدى ، سۆزلىرىمىز بارغانچە باشقا ياققا چەتنەپ كەتتى . سىز گەپ باشلاشنى بىئەپ كۆرسىڭىز ، مەن يەنە بايىقىدەك سوراي . سىز جاۋاب بېرىڭ ، ھە؟ كۇتۇپخانىدا ئۇيغۇرچە ماتېرىيالمۇ بارمىكەن؟
    − بار ، ھە راست ، ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن ، تۈنۈگۈن نەنجىڭ دېڭىز-ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر دوستۇم خەت يېزىپتۇ . خەت بىلەن قوشۇپ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۆزلىرى چىقارغان گېزىتتىن بىرنى ئەۋەتىپتۇ . ئەدەبىيات بېتى ، ئىزدىنىش ، تەرجىمە دېگەندەك ستونلىرى بار ئىكەن . بۈگۈن ئالغاچ چىقىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ئەتىگىچە كۆرۈپ باقامسىز؟
    − كۆرەي . بىز ئۆز يۇرتىمىزدىكى چاغدا گەرچە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تۈرى خەنزۇلارنىڭكىدىن كۆپ بولمىسىمۇ دۇنيانىڭ ، جۇڭگونىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولۇپ تۇراتتۇق . بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن دەرس ۋە مۇشۇ ئىنستىتۇتنىڭ ئىچىدىكى ئىشلاردىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالدىم . سىز دېگەن ئۇ گېزىتكە نېمىلەرنى بېسىپتۇ؟
    − باش بەتتە »ئالتۇن دىيارنىڭ ئەخمەقلىرى« دېگەن ماقالە بار ئىكەن . ئاندىن بىرنەچچە شېئىر ، بىر ھېكايە ، دۇنيادىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە كىچىك تەرجىمىلەر ، ھە.. . يەنە »خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدىكى بۈگۈنكى شىنجاڭ« دېگەن ئەمەلىي زىيارەت خاتىرىسى بار ئىكەن . مېنىڭچە ، باشقىلىرىمۇ مەيلى ، باش بەتتىكى ماقالە بىلەن ئاخىرىدىكى ئەمەلىي زىيارەت خاتىرىسىنى بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.
    − ئاساسىي  مەزمۇنى ئېسىڭىزدە باردۇ؟
    − ئاز-تولا بار ، بولۇپمۇ »خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدىكى بۈگۈنكى شىنجاڭ« دېگەن زىيارەت خاتىرىسىدىكى بىرقانچە خەنزۇنىڭ شىنجاڭ ھەققىدە ئېيتقانلىرى ئېنىق ئېسىمدە بار . نەنجىڭ ۋە بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلار ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ بۈگۈنكى شىنجاڭ ھەققىدە باشقىلارنىڭ ئىنكاسى زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان . ئۇلارنىڭ سورىغان سوئالىغا بىرسى شۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: »شىنجاڭ دېسە مېنىڭ كۆز ئالدىمغا پايانسىز دەشت-چۆللۈك بىلەن سىرلىق قۇملۇقلار كېلىدۇ . ئۇ يەردىكى كىشىلەرنى نېمە يەپ ، نېمە كىيىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغاندۇ دەپ ئويلايمەن . ھە راست ، سىلەرنىڭ ئۇ يەردە ۋېلىسىپىت ، ماشىنا دېگەن نەرسىلەر بارمۇ؟ قۇملۇقتا زىرائەت ئۈنمەيدىغۇ دەيمەن . كىشىلىرىڭلار نېمە يەپ ھايات كەچۈرىدۇ؟...« يەنە بىرسى مۇنداق جاۋاب بەرگەن: »مەن شىنجاڭغا بەكمۇ قىزىقىمەن . ئۇ يەرنى گويا دۆلىتىمىز ئىچىدىكى چەت ئەل دەپ قارايمەن . بىر بېرىپ كۆرۈپ باققۇم بار . لېكىن ئۇ يەردىكى ئادەملەرنى قوپال ، ياۋايى دەپ قورقىمەن . شىنجاڭلىقلارنىڭ ھەممىسى يېنىغا پىچاق ئېسىۋالىدۇ دەپ ئاڭلىدىم . سىلەر نېمىشقا پىچاق ئېسىپ يۈرىسىلەر؟ بىر-بىرىڭلارغا تىقىش ئۈچۈنمۇ؟...« ئۈچىنچىسى مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ: »شىنجاڭ ھەققىدە مېنىڭ ئېڭىمدا پەقەت ئىككىلا ئىنكاس بار . ئۇنىڭ بىرى − شىنجاڭ دېگەن شۇ مەۋھۇم ئىسىم . ئىككىنچىسى − كاۋاپ . مەن باشقا جاي ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ھېچبولمىغاندىمۇ بىرنەچچىدىن ئالىمى ، يازغۇچىسى ياكى سەنئەتچىسىنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن . لېكىن شىنجاڭدىن ئاشۇلار بىلەن بىرقاتاردا تۇرىدىغان بىرمۇ ئادەمنى ئۇقمايمەن . شىنجاڭلىق دېسە پەقەت كاۋاپچىلار كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ...«
    −...
    − تېخى مېھراينىڭ گېپى تولۇق تۈگىمەستىنلا مۇلازىم كېلىپ رېستۇراننى تاقاش ۋاقتى توشقانلىقىنى ئېيتتى . بىز ئاخىرقى قېتىم رومكا بىلەن ئىستاكاننى سوقۇشتۇرۇۋېتىپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق.

    7

    − جىم بولۇپ كەتتىڭغۇ؟
    − بۈگۈنكى شىنجاڭ ھەققىدىكى ئىنكاسلارنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ  قالدىم ، ئاداش . گەرچە ئۇ ئىنكاسلارنىڭ بەزىلىرى بەكمۇ يۈزەكى ، بەكمۇ بىر تەرەپلىمە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭدىن بىرلا نۇقتىنى ، يەنى  بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەردىنلا ئەمەس ، ھەتتا جۇڭگو ئىچىدىكى باشقا قېرىنداش مىللەتلەردىنمۇ ھەقىقەتەن كۆپ ئارقىدا قالغانلىقىمىزنى چۈشىنىۋېلىشقا بولىدىكەن . خۇددى مېھراي شۇ كۈنى رېستۇراندا ساڭا دېگەندەك ، بىز سۆزگە كەلسە ئاغزىمىزدا شەھەر ئالىمىز . ھە دېسىلا پارلاق مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ، ئون ئىككى مۇقامىمىزنى ۋە باشقا ۋەھاكازالارنى ماختايمىز . لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا ، بۇ خۇددى ئۆزىنى ماختىغان بىرىنچى ئەخمەق دېگەننىڭ ئۆزىلا ئىكەن . ئادەتتە كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ ئۆزىنى ئۆزى ماختىغانلارنىڭ سۆزىگە ھېچكىممۇ ئىشەنمەيدۇ . ھەقىقىي  بىلىملىك ، قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى ماختاشنى نومۇس دەپ بىلىدۇ . دېمەك ، مەيلى كىشىلىك تۇرمۇشتا ، مەيلى بۈگۈنكى دۇنيادىكى كەسكىن رىقابەتتە بولسۇن ، باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىپ ماختىغىنىلا ھېسابكى ، ئۆزىنى ئۆزى ماختاشنىڭ تېخىمۇ ئارقىدا قېلىشتىن باشقا ھېچقانداق رولى يوق . ھازىرقى رېئاللىقتىن قارىغاندا ، ئاكيۇ روھى بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدىن ماكان تۇتۇپتۇ . ئۆزىمىزنىڭ  ھالىغا باقماي ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماسلىق ، كىشىلەرنىڭ بىزدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەك تىللاپ-قارغاش دەل ئەنە شۇنى كۆرسەتمەمدۇ؟ كونىلاردا: »دۈشمىنىڭگە ئۆلۈم تىلىگۈچە ئۆزۈڭگە كۆرۈم تىلە« دەيدىغان بىر ھېكمەتلىك سۆز بار . بۇ سۆز بىزنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىمىزغا بەكمۇ ماس كېلىدۇ . باشقىلارنى قارغاش دەل ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . ۋاھالەنكى غالىبلار ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ دۇنيادا ئۆزىمىز كۈچلەنمەي تۇرۇپ بىزدىن كۈچلۈكلەرنى قارغاش بىلەنلا ياشىغىلى بولمايدۇ . كونىلارنىڭ ».. . ئۆزۈڭگە كۆرۈم تىلە« دېگىنىمۇ »ئەگەر بۇ دۇنيادا باشقىلار بىلەن تەڭ ياشىماقچى بولساڭ دۈشمىنىڭدىن ئېشىپ كەت« دېگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس...
    − كېيىن مېھراي ئۇ گېزىتنى ماڭا ئاچىقىپ بەردى . ئەدەبىي  بېتىمۇ شۇنچە ياخشىكەن . ھازىرقى بىزنىڭ گېزىتلىرىمىزدە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان قاتمال ھالەت بۇزۇپ تاشلانغان ، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان ياخشى شېئىرلار بېسىلىپتۇ . كېيىن بىر كۆرۈپ باقارسەن.
    − بولىدۇ.
    − بۈگۈن مەشەگىچە پاراڭلىشامدۇق؟
    − كۈنمۇ تېخى باشتىغۇ؟ ئۆلۈمدىن باشقا ھەرقانداق ئىشنىڭ باشتا بولغىنى ياخشى ، ئاداش.
    − بولىدۇ ، مېنىڭ سۆزلەپ بېرىدىغانلىرىم قانچە باشتا تۈگىسە ، سېنىڭ يازىدىغان ئەسىرىڭمۇ شۇنچە باشتا باشلىنىدۇ . سېنى ئىنستىتۇت ئەھۋالىنى ۋە ئىنستىتۇتتىكى مىللىي  بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىق چۈشەنسۇن دەپ بەزى تەپسىلاتلارنى تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بەردىم . ئەمدى ئىمكانقەدەر ئىخچاملايمەن ، كېيىنكى سەيشەنبىلەردە مېھراي بىلەن قىلىشقان پارىڭىمىزنىڭ ئاساسىي  مەزمۇنى بۈگۈنكى رېئاللىق ، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاشۇ ئىنستىتۇتتىكى ۋە مېھراينىڭ ياتىقىدىكى يېڭىلىقلار ھەققىدە بولدى . ساڭا ئاشۇ يېڭىلىقلاردىن بىرقانچىنى قىسقارتىپ سۆزلەپ بېرەي: مېھراينىڭ ياتىقىدىكى قىزلارنىڭ مېھراي بىلەن گۈلسۈمدىن باشقا ھەممىسىنىڭ يۈرۈۋاتقان يىگىتى بار . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغىنى گۈلپەرى . ئالدىنقى پاراڭلىرىمىزدا گۈلپەرىنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقىي   گۈلپەرى بولۇپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگىنى ئېسىڭدە بولسا كېرەك . گەرچە ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ قويغان يىگىتى بولسىمۇ ، لېكىن ئىنستىتۇتقا كەلگەندىن كېيىن باتۇر ئىسىملىك يەنە بىرسى بىلەن يۈرگەن . ئۇلارنىڭ »يۈرۈشى« باشقىلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەم ئوخشاشلىققا ، ھەم ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە . ئوخشاشلىقى − ئۇلارمۇ ئاشۇ ئىنستىتۇتتا بىر-بىرى بىلەن يۈرۈۋاتقان ئوغۇل-قىزلارنىڭ %09 تىن كۆپرەكىگە ئوخشاش  پەقەت ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى ئۆتكۈنچى »يۈرۈش« . ئۆزىگە خاس بولغىنى شۇكى ، گۈلپەرى پۈتۈن ئىنستىتۇتىكى مىللىي  قىزلار ئارىسىدا ھۆسن-چىراي جەھەتتىن بىردىنبىر بولغىنى ئۈچۈن ، تەلەپ قويغان يىگىتلەر كۆپىيىپ كېتىپ ، ئۇ قايسى يىگىتنى تاللىۋېلىشنى بىلەلمەي يۈرگەن چېغىدا ، باتۇر ئۇنىڭغا خۇددى كانىدەك يېپىشىشقا باشلىغان . ئۇ ھەر سائەتلىك دەرس ئارىلىقىدىكى تەنەپپۇس ۋاقتىدا بىلمىگەن خېتىنى سورىغان بولۇپ گۈلپەرىگە بىر قېتىممۇ بولسا گەپ قىلىۋالماي قالمىسا ، چۈشتە تاماق ئالغاچ چىققان بولۇپ گۈلپەرىنىڭ ياتىقىغا بىر كىرگەنچە تاكى كەچلىك تاماققىچە چىقمىغان . بەزى چاغلاردا ھەتتا قىزلار ياتىقىدا باشقا قىزلارنىڭ ئالدىدىلا گۈلپەرىنىڭ كىيىم ، يوتقان-كۆرپىلىرىنى يۇيۇپمۇ بەرگەن . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىرنەرسە دېيىشمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئاخىر بىر-بىرىدىن زادىلا ئايرىلمايدىغان ئامراق مۇھەببەتداشلارغا ئوخشاش بىر ھالغا كېلىپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن باشقا ئوغۇللار ئۇ ئىككىسىنى يۈرۈۋاتىدۇ دەپ قاراپ گۈلپەرىگە ئارتۇق گەپ قىلمايدىغان بولغان . لېكىن بۇ ھەقتە قىزلار ئارىسىدا پاراڭ بولۇپ قالسا ، گۈلپەرى: »توۋا ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق بولۇپ يۈرۈپ قالغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن« دېسە ، باتۇر گۈلپەرىگە: »سىز مېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن ئەمەس ، پەقەت ماڭا ئىچ ئاغرىتقانلىقىڭىزدىنلا مەن بىلەن يۈرۈۋاتىسىز...« دەيدىكەن . بىر قېتىم مەن تەتىلدىن قايتار ۋاقتىمدا باتۇر بىلەن بىر پويىزغا چىقىپ قالدىم . ئۇ ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان چاغدا گۈلپەرىگە تېلېگرامما بېرىۋېتىپتىكەن ، دېگەندەك لەنجۇ ۋوگزالىدا گۈلپەرى يەنە بىر قىز دوستى بىلەن كۈتۈپ تۇرۇپتۇ . ئەمما باتۇرنىڭ بىر ساۋاقدىشى چاقچاق قىلىپ: »باتۇرنىڭ ئالدىغا چىقىپسىلەر-دە« دەپ قويۇۋىدى ، ئۇ: »ياق ، بىز دېگەن مارىيەنىڭ ئالدىغا چىققان« دەۋالدى . ئەپسۇسكى ئۇ قېتىملىق پويىزدا مارىيە يوق ئىدى . گۈلپەرىنىڭ خاراكتېرىنى تېخىمۇ ئېچىپ بېرىدىغان يەنە مۇنداق بىر ئىش بار: بىر كۈنى باتۇر گۈلپەرىنى بىر ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ كىرىپتۇ . گۈلپەرى باتۇرغا قاپىقىنىمۇ ئاچماستىن ئولتۇرۇشقا چىقىشنى رەت قىپتۇ . لېكىن باتۇرنىڭ چىقىپ كېتىشى بىلەنلا ، ئولتۇرۇشلارغا چىققاندا كىيىدىغان كىيىمىنى كىيىپ ، يۈز-كۆزىنى تۈزەپ تولۇق ياسىنىپ تەييار بولۇپ تۇرۇپتۇ . لېكىن  باتۇر خېلىغىچە قايتا كىرمەپتۇ . بۇ چاغا گۈلپەرى تىتىلداپ تۇرالمايلا قاپتۇ . ئۇ قىزلارغا: »قاراپ تۇرۇڭلار ، باتۇر چوقۇم كىرىدۇ،.. . ئەگەر ئۇ مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرگەن بولسا چوقۇم كىرىدۇ.. . ناۋادا كىرمەيدىغان بولسا ، بولدى ، ئىككىنچى قېتىم ئۇنىڭ يۈزىگە قارىمايمەن!...« دەپتۇ . راست دېگەندەك ، يېرىم سائەتلەردىن كېيىن باتۇر قايتا كىرىپ گۈلپەرىنى يەنە تەكلىپ قىپتۇ.
    − بۇ راستتىنلا گۈلپەرىگە ئوخشاش بىرقىسىم خوتۇن-قىزلارنىڭ ئاتتىن چۈشسىمۇ ئۈزەڭگىدىن چۈشمەيدىغان خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ياخشى دىتال ئىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، باتۇرغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ يىگىتلىك غۇرۇرىنى ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئىنسانىي  قەدىرىنىمۇ ئۆزى دەپسەندە قىلىدىغان يىگىتلەرنىڭ خاراكتېرىنىمۇ ياخشى ئېچىپ بېرىدىكەن . ھالبۇكى خۇددى بۈگۈنكى دۇنيادا كىم ئاجىز بولسا شۇ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانغا ئوخشاش ،  مۇھەببەتتىمۇ كىم ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا شۇ سۆيۈشكە ئېرىشەلمەيدۇ . سۆيۈش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش ، گەپ سۆيدۈرۈشنى بىلىشتە . غالىبلار ئۈچۈن يارىتىلغان بۇ دۇنيادا كىم غالىب  ئورۇندا بولسا ، سۆيگۈمۇ شۇنىڭغا كەڭ قۇچاق ئاچىدۇ.
    − ئەسىرىڭگە مۇشۇ سۆزلىرىڭنىمۇ كىرگۈزۈپ قويغىن ، ئاداش . قانۇنىيەت خاراكتېرىنى ئالغان مۇنداق ئېسىل سۆزلەر مۇشۇ دەريا بويىدىلا قالمىسۇن.. . گېپىمنىڭ ئاخىرىغا كەلسەك ، يەنە بىر كۈنى گۈلپەرى بىر دوستى بىلەن شەھەردىكى بىر كىنوخانىغا بېرىپتۇ . ئۇلارنىڭ يېنىدا باتۇرمۇ بار ئىكەن . ئادەتتە لەنجۇ شەھىرىدىكى كىنوخانىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا بىرىنچى قەۋەتتە كىنو قويۇلسا ، ئىككىنچى-ئۈچىنچى قەۋەتلەردە تانسا بولىدۇ . ئۇلار كىنوغا كىرىش-كىرمەسلىكنى مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا ، بىر لۈكچەك كېلىپ گۈلپەرىنى تانسىغا كىرىمىز دەپ سۆرەپ مېڭىپتۇ . باتۇر ئاچچىقىغا پايلىماي ھېلىقى لۈكچەكنىڭ كانىيىغا مۇشت بىلەن بىرنى ئۇرغانىكەن ، ئۇنىڭ  باشقا شېرىكلىرى باتۇرنى ئارىغا ئېلىۋېلىپ ئۇرۇپ كېتىپتۇ . بۇ چاغدا گۈلپەرى ھېلىقى دوستى بىلەن مەكتەپتىن ئادەم چاقىرىپ كېلىشكە يۈگۈرەپتۇ . ئۇلارنىڭ تەلىيىگە كىنو كۆرۈشكە چىققان بىر توپ ئۇيغۇر بالىلار كوچىدا ئۇچراپ قاپتۇ . ئۇلار ئەھۋالنى ئاڭلاپ دەرھال يېتىپ كېلىپ ، لۈكچەكلەر بىلەن تېخى ئەمدىلا تۇتۇشۇشقا باشلىغاندا ، ساقچىلار پەيدا بولۇپ جېدەلنى بېسىقتۇرۇپ قويۇپتۇ . لېكىن باتۇر بىكاردىن-بىكار تاياق يەپ ماڭالماس ھالغا كېلىپ قالغىنى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر بالىلار چوقۇم ئەنتىمىزنى ئالماي قويمايمىز دەپ لۈكچەكلەر بىلەن ئەتىسى سائەت 21 دە شەھەرلىك تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ پۇتبول مەيدانىدا ئېلىشىشقا كېلىشىم تۈزۈپتۇ . ئۇلار ئىنستىتۇتقا قايتىپ كەلگەچ ئەتىكى ئىش ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىۋاتقاندا ، يولدا بىر نەچچە ئۇيغۇر بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ . ئۇلار بالىلارنىڭ قىلىشىۋاتقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ ، ئەھۋالنى قايتا سوراپ ئېنىق ئۇقۇپتۇ ۋە بالىلار بىلەن ئىنستىتۇتقا بىللە چىقىپ ، ئۆزلىرىنىڭ »قوشۇن« كىشىلىرى ئىكەنلىكىنى ، ئەتە سائەت 21 دە تەنتەربىيە مەيدانىغا بېرىپ لۈكچەكلەرنىڭ ئەدىپىنى ئۆزلىرى بېرىدىغانلىقىنى ، بالىلارنىڭ خاتىرجەم بولۇشىنى ئېيتىپتۇ . ئەتىسى سائەت 21 دە بالىلار مەيدانغا بېرىپ قارىسا ، لۈكچەكلەر ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغان ، لېكىن »قوشۇن« كىشىلىرى تېخى كەلمىگەن ، بالىلار بىرئاز قورقۇشقا باشلاپتۇ . بۇنى سېزىپ قالغان لۈكچەكلەر ئېلىشىشنى دەرھال باشلىماقچى بولۇپ ، ئارىسىدىكى ئەڭ يوغان ، ئۇستىخانلىق ، قىياپىتى يىرگىنىشلىك بىرسىنى مەيدانغا چۈشۈرۈپتۇ . ئۇ مەيدانغا چۈشۈپ تاماكىسىنى توغرا چىشلەپ ئالچاڭلاپ بالىلارنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئەڭ كىچىك بالىدىن ئىككىنى كۆرسىتىپ: »ماڭا ئىككىڭ كەل!« دەپ كۆرەڭلەپتۇ . ھېلىقى ئىككى بالىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ مەيدانغا چۈشۈۋاتقاندا ، بىر كىرا ماشىنىسى ئوقتەك تېز يېتىپ كېلىپ بالىلارنىڭ يېنىدا توختاپتۇ ۋە ھېلىقى »قوشۇن« ئەزىمەتلىرى ماشىنىدىن چۈشۈپ ئاۋۋال ئىككى بالىنى توختىتىپ  قويۇپتۇ . ئاندىن يېشىكى بىلەن ئېلىپ كەلگەن پىۋىلەرنى ماشىنىدىن ئېلىپ بالىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ . بالىلار »جان بىلەن جان ئوينىشىۋاتسا بۇلارنىڭ پىۋا ئېلىپ كەلگىنى  نېمىسىدۇ...«دەپ ئويلاۋاتقاندا ، »قوشۇن« ئەزىمەتلىرىدىن بىرسى گويا بالىلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەك شۇنداق دەپتۇ: »ھازىر ھاۋا ئىسسىپ كەتتى . پىۋىنى ئىچىپ بىرىنچىدىن كۈچ توپلايسىلەر ، ئىككىنچىدىن ، بوتۇلكىلار قورال بولىدۇ . مەن ھازىر مەيدانغا چۈشىمەن . ئامال بار مەسىلىنى بىز ئۆزىمىز ھەل قىلىمىز . سىلەرنى ئارىلاشتۇرمايمىز . چۈنكى سىلەر ئوقۇغۇچى . بىز جاننى ئالىقانغا ئالغان كىشىلەر ، تۈرمە دېگەن بىزنىڭ مېھمانخانىمىز... . بىراق ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالسا ، ھوشيار تۇرۇپ بوتۇلكىلارنى ئىشلىتىڭلار...« ئۇ شۇنداق دەپلا كۆڭلىكىنى سېلىپ تاشلاپ ، بۈركۈت نەقىشلەنگەن كەڭ كۆكرىكىنى كېرىپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ . ھېلىقى لۈكچەكنىڭ يېنىغا بېرىپ: »سەن ئۆزۈڭدىن باشقا يەنە ئىككىنى ئېلىپ كەل . ماڭا ئۈچىڭلار كېلىڭلار!« دەپتۇ . دېگەندەك ئۇنىڭغا ئۈچ لۈكچەك ئېتىلىپ كەپتۇ . بىراق ئۇ يېرىم سائەت ئىچىدىلا ئۈچ لۈكچەكنى يىقىتىپتۇ . بۇ چاغدا سان جەھەتتە خېلىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان لۈكچەكلەر بىراقلا يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ھېلىقى »قوشۇن« ئادىمىگە تەڭلا ھۇجۇم قىپتۇ . ئىش بۇ دەرىجىگە يەتكەندە بالىلارمۇ قاراپ تۇرماپتۇ . ئۇلارمۇ قوللىرىدىكى بوتۇلكىلارنى قورال قىلىپ ، »جەڭ«گە ئاتلىنىپتۇ . يەنە يېرىم سائەت داۋام قىلغان بۇ ئارىلاشما »جەڭ« ، بالىلاردىن ئۈچ ، لۈكچەكلەردىن 31 ئادەمنىڭ يىقىلىپ يېتىپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلىشىپتۇ . »قوشۇن«دىكىلەر لۈكچەكلەردىن ئوقۇغۇچى بالىلارغا ئىككىنچى چېقىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە ئېلىپ كەتكۈزۈۋېتىپتۇ . لېكىن نامەردلىكنىڭ بىر بەلگىسى ۋەدىسىدە تۇرماسلىق ئەمەسمۇ ، نامەردلىك بىلەن جان بېقىپ كېلىۋاتقان لۈكچەكلەر گەرچە بالىلارغا قايتا چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمىسىمۇ ، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۆچىنى باشقا بىر ئۇيغۇر بوۋايدىن ئالغان؛ ئەسلىدە ئۇ بوۋاينىڭ ئاكىسى مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى بىر قېتىملىق چوڭ كۆچۈشتە لەنجۇغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بولۇپ ، ئۇنىڭ 81 ئېغىز ئۆيى »مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى«دا مۇسادىرە قىلىۋېلىنغان . ھېلىقى بوۋاي ئاكىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئاشۇ ئۆيلەرنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن لەنجۇغا دەۋاغا كېلىپ ، ئەڭ ئاۋات كوچىغا جايلاشقان 81 ئېغىز ئۆيىنىڭ ئاران بىر ئېغىزىنى ھەل قىلالىغان . ئۇ قالغان ئۆيلەرنىڭ دەۋاسىنى ھەل قىلىۋاتقان بىر پەيتتە ، ھېلىقى لۈكچەكلەر ئاۋۋال بوۋاينىڭ ئۆيىنىڭ نومۇرىنى بىلىۋېلىپ ، ئاندىن بىر كۈنى كەچتە ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىگە تېلېفون بەرگەن . ھايال ئۆتمەي بىر جۈپ ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى يېتىپ كېلىپ ، خىيالىدا يوق ئولتۇرغان بوۋايدىن »ئوت كەتكەن يەر قېنى؟« دەپ سوراشقان . بوۋاي ھەيران بولۇپ ، ھېچيەرگە ئوت كەتمىگەنلىكىنى ئېيتسا ، ئۇلار: »تېخى بايىلا مۇشۇ ئۆينىڭ نومۇرى بىلەن تېلېفون بەردىڭىزغۇ؟ ئوت كەتمىگەن بولسا مەيلى ، لېكىن ئىككى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ  ۋە خادىملارنىڭ كېلىپ-كېتىش ھەققى ئۈچۈن 031 سوم تۆلەڭ...«دېيىشكەن . بوۋاي ئۆزىنىڭ زادىلا تېلېفون بەرمىگەنلىكىنى قايتا-قايتا ئېيتسىمۇ ، ئۇلار ئۇنىماي ئاخىر كەتمىگەن ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلمىگەن ھەققىنى مەجبۇرىي يوسۇندا تۆلىتىۋېلىشقان...
    − ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ، ئۇر توقۇمىنى دېگەندەك ، نامەرد لۈكچەكلەر بىچارە بوۋايغا ئۇۋال قىپتۇ-دە .
    − مۇنداق ئۇۋالچىلىقلارنىڭ مىساللىرىنى سۆزلەپ كەلسەم ناھايىتى جىق.. . ۋاقىتمۇ خېلى بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ . ئەمدى بولدى قىلايلى.
    − مېنىڭغۇ سۆزلىرىڭنىڭ داۋامىنى يەنە ئاڭلىغۇم بار ئىدى.
    − يەنە پاراڭلاشساق ، بىرىنچىدىن ، كەچ قالىمىز ، دەريا بويىغا كەلگىنىمىزگە يارىشا بىر يۇيۇنۇۋالايلى؛ ئىككىنچىدىن ، ئەمدى دەپ بېرىدىغانلىرىمغا قوشۇپ ساڭا كۆرسىتىدىغان كىچىككىنە قوليازما بار ، بىراق ئۇ ھازىر يېنىمدا يوق-دە.
    − ئۇنداقتا قاچان كۆرۈشىمىز؟
    − ئۆگۈنلۈككە دەل سەيشەنبە بولىدىكەن ، سەيشەنبە يەنە سائەت ئۈچتە ئۆيۈڭگە باراي .
    − شۇنداق بولسۇن ، ئەمىسە .
    8
    − ...
    − ئەمدى ئىنستىتۇتتىكى بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سەيشەنبىمىز ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي:
    بۇ سەيشەنبىمۇ خۇددى باشقا سەيشەنبىلەرگە ئوخشاش چۈشكىچە دەرس ئۆتتۇق . چۈشتىن كېيىن دەل سائەت ئۈچتە يەنە »بەشبۇلاق« باغچىسى ئالدىدا ئۇچراشتۇق . ئارىدىن بىرلا كېچە ئۆتسە ، ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن مەن ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھاننى تۈگىتىپلا باشقا تەتىللەردىكىگە ئوخشاش چۈشتىن كېيىن يولغا چىقاتتىم . بىز ھەر قېتىم ئاشۇنداق قىلاتتۇق . مەيلى قىشلىق ، مەيلى يازلىق بولسۇن ، تەتىل ۋاقتى كەلگەن ھامان ئالدىنقى كۈنى يىغىشتۇرىدىغاننى يىغىشتۇرۇپ ، پويىزغا بېلەت ئېلىپ تەييار بولۇپ تۇراتتۇق . ئەتىسى ئىمتىھان تۈگىشى بىلەنلا ئۇدۇل ۋوگزالغا چاپاتتۇق . ھېچكىممۇ ئارتۇق بىرەر سائەت تۇرۇشنى خالىمايتتى.. . لېكىن مېھراي دەل ئاشۇ تەتىلدە ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان بولغىنى ئۈچۈن ، دېپلوم ۋە باشقا رەسمىيەتلەرنى قولىغا ئېلىپ بولغۇچە ئاز دېگەندىمۇ يەنە ئىككى ھەپتە تۇرۇشى كېرەك ئىدى . خۇددى خەلق قوشاقلىرىنىڭ بىرىدە »تونۇشۇش ھېچگەپ ئەمەس ، ئايرىلىش بەكمۇ يامان...« دېيىلگىنىگە ئوخشاش ، بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىۋاتقان بۇ ئايرىلىش مىنۇتلىرى مېنى ئۆز ھالىتىم بويىچە قويمىدى . قەلبىمدە قانداقتۇر مېھرايغا دەيدىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن گەپلىرىم باردەك قىلاتتى . لېكىن دەي دېسەم گېپىمنى قەيەردىن باشلىشىمنى بىلمەيتتىم . بىز ئاشۇ ھالەتتە تۆمۈر يولنى بويلاپ خېلى ئۇزۇنغىچە ماڭدۇق . مەن مېھراينىڭ چىرايىدىكى ئايرىلىش مىنۇتلىرىنىڭ ئىپادىسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ ئۇنىڭغا قارىدىم . بىراق مېھراينىڭ چىرايى خۇددى ئادەتتىكى چاغلاردىكىدەك ، گويا ئۇ ئەتىكى ئايرىلىشنى قىلچە ھېس قىلمىغاندەك شۇنچىلىك خۇشال ئىدى . كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا بىر خىل ساددا قىزغىنلىق چىقىپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ بىرئاز ئەجەبلەندىم . ئەجەبا ئۇ ئەتە ئايرىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ياكى بىلسىمۇ ئۇنىڭ ساددا قەلبىدە ھېچقانداق تۇيغۇ پەيدا بولمىغانمىدۇ؟.. . بىراق مېنىڭ بۇ ئەجەبلىنىشلىرىم ئورۇنسىز بولۇپ چىقتى . گەرچە بىز كەچ كىرگۈچە گېپىمىز قولاشمىغان ھالدا تاغدىن-باغدىن سۆزلىشىپ ماڭغان بولساقمۇ ، لېكىن كەچ كىرىپ تۇمانلىق كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا پارىڭىمىز تەبىئىي ھالدا ئەتىكى ئايرىلىشقا مەركەزلىشىپ ، كۆڭلىمىزدىكىنى ئېيتىشقا باشلىدۇق . مېھراي ئوڭ قولىنىڭ بارماقلىرىنى جۈپلەپ يەنە لېۋىگە يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ سۆزگە كىرىشتى:
    − تايماس ئاكا ، ئەتە ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز ، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان سىزدىن سورايمەن دەپ سورىيالمىغان ئىككى گېپىم بار ئىدى . ھازىر سورىسام بولامدۇ؟
    − سورىسام بولامدۇ؟ دەپ سورىغىنىڭىز نېمىسى؟ ئايرىلىش ئالدىدا ھېلىغۇ ئىككى ئېغىز گەپ ئىكەن ، 002 ئېغىز بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ.
    − قايسى كۈنى ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە يوق ، ئىشقىلىپ ، خېلى ئۇزۇن بولدى . دوستلۇق ھەققىدە سۆزلىشىۋېتىپ ، سىزنىڭ ئاغزىڭىزدىن »قىزلارنىڭ دوستلۇقى پەقەت توي قىلغۇچىلىك« دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانىدىم . كۆڭلۈمدىكىنى ئەمەس . سىزنىڭ قۇرۇق گەپنى ئاز ، ئەمەلىي ئىشنى كۆپ قىلىدىغان ئادىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى بىلىمەن . مەنمۇ قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ، مۇندىن كېيىن ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق ھەممە قىزلارنىڭ دوستلۇقىنىڭ ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ، توي قىلغاندىن كېيىنمۇ دوستلۇقنى قەدىرلەپ تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە چىن دوستلۇققا سادىق بولۇپ ئۆتىدىغانلارنىڭمۇ چىقىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقچىمەن . مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەكتەپتىن جەمئىيەتكە چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن . مەنمۇ گەرچە ئومۇمىي مەنىدىن ئېيتقاندا مۇشۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان بولساممۇ ، لېكىن تا ھازىرغىچە بىر مەكتەپ قوينىدىن يەنە بىر مەكتەپ قوينىغا كۆچۈپلا يۈرگىنىم ئۈچۈن بەلكى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن ھاياتىمدا مەن ئويلىمىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرەر . لېكىن مەيلى قانداق زور ئۆزگىرىش بولسىمۇ مەن سىزگە چوقۇم خەت يېزىپ تۇرىمەن . سورايدىغىنىمنىڭ بىرىنچىسى ، مەن خەت يازسام سىز جاۋاب خېتى يازامسىز؟
    − مەن تارىخىمدا ماڭا خەت يازغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ خېتىنى جاۋابسىز قالدۇرغان ئەمەس . بۇ ئادىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ، سىڭلىم .
    − سورايدىغىنىمنىڭ ئىككىنچىسىنى سوراشتىىنن بۇرۇن يەنە بىر نەرسىنى سورىۋالاي...
    − ئۇنداقتا ئۈچ بولۇپ كەتمەمدۇ؟
    − مەيلىغۇ ، بايا ئۆزىڭىز 002 بولسىمۇ مەيلى دېدىڭىزغۇ؟
    − چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، قېنى سوراڭ.
    − ئەمىسە چىن كۆڭلىڭىزدىكى سەمىمىي گەپنى دەپ بېرىسىز جۇمۇ...
    − قىزىق گەپ بولدى . ئەجەبا مېنى يالغان گەپ قىلىدۇ ، دەپ ئويلىغانمىدىڭىز؟
    − ۋاي ياق ، تايماس ئاكا ، مېنىڭ ھازىر سورايدىغىنىم باشقا بىر گەپ ئىدى...
    − ئادەم ئۆمرىدە بىر ئېغىزمۇ يالغان گەپ قىلمايمەن دېسە ، شۇنىڭ ئۆزىلا يالغان گەپ بولىدۇ . بەزىدە بىرەر ياخشى ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن يالغان گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان چاغلارمۇ بولىدۇ . ھەتتا زۆرۈر چاغدا قىلىنغان بىر ئېغىز پايدىلىق يالغان گەپ ، ئون ئېغىز ، يۈز ئېغىز راست گەپ بىلەن ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى مۇمكىن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، ھازىرقى جەمئىيەتتە راست گەپ ئانچە بەك  ئېقىپ كەتمەيدۇ . لېكىن مەن ئاشۇ كۈنگىچە  دوستلىرىمغا ، ئىشقىلىپ مەن تونۇيدىغان ، ھۆرمەتلەيدىغان ياخشى كىشىلەرگە يالغان گەپ قىلىپ باقمىدىم دېيەلەيمەن . مېنىڭ بۇ ئادىتىممۇ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ ، سىڭلىم . قېنى ، سورايدىغىنىڭىزنى سوراۋېرىڭ.
    − سىزنىڭ يالغان گەپ قىلمايدىغانلىقىڭىزغا چوقۇم ئىشىنىمەن . لېكىن ھازىر مەن سورايدىغان گەپ سىزنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.. . ھە ، مۇنداق بولسۇن ، تايماس ئاكا ، سىز ئاۋۋال »چوقۇم چىن كۆڭلۈمدىكىنى ئېيتىمەن ، بولمىسا يىگىت بولماي كېتەي« دەپ ۋەدە بېرىڭ.
    − ئوھوي ، بارغانچە ئويلىمىغان گەپلەر چىققىلى تۇردىغۇ؟.. . بوپتۇ ، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن...
    − راست ئەمىسە ، ھە؟
    − ئەلۋەتتە.
    − ئەمىسە قولىڭىزنى ئەكېلىڭ.. . ۋەدىڭىزدىن يېنىۋالمايسىز-ھە؟
    − يەنە دېسەم يەنە شۇ ، يەنە شۇنىڭ بىرى شۇ دەپ ، ئادەمنى ۋەدە بەرگۈزۈۋەرمەي سىڭلىم ، قېنى سورايدىغىنىڭىزنى سورىمامسىز؟
    − بۇ مۇنداق گەپ ئىدى تايماس ئاكا ، مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ ئايرىلىش كۈنلىرىنى ئويلاپ يۈرەتتىم . ئايرىلىدىغان چاغدا ئىككىمىزنىقڭ پاك ئاكا-سىڭىللىق ۋە دوستلۇق ھۆرمىتىمىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بىرەر نەرسىنى خاتىرە قالدۇراي دېگەنىدىم.. . لېكىن شۇنچە ئويلاپمۇ كۆڭلۈمگە ياققۇدەك مۇۋاپىق بىرنەرسە تاپالمىدىم . كىيىم-كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغۇم كەلمىدى . چۈنكى ئۇ يېڭى ۋاقتىدا مەيلى قانچىلىك سۈپەتلىك بولسۇن ، ھامان كونىراپ يىرتىلىدۇ . ئۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە قىممىتىنى يوقىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سىزنىڭ كىيىم-كېچەك دېگەننى ئانچىلا چوڭ بىلىپ كەتمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن . ئالبۇم ، خاتىرە دېگەندەك نەرسىلەرنى ئالاي دېسەم ، ئۇ بەكمۇ ئاددىي تۇيۇلىدۇ.. . شۇنداق قىلىپ مېنىڭ كۆڭلۈمگە ياققۇدەك ھېچنەرسە تاپالمىدىم . سىزدىن ئۇدۇللا سوراۋېرەي دېسەم ، ماڭا خاتىرە قىلىدىغان نەرسىنى مەندىن سورىغىنىڭىز نېمىسى دەمدىكىن دېدىم.. . ئاخىر بولماي يەنە ئۆزىڭىزدىن سوراشقا مەجبۇر بولدۇم . ئەمىسە چىن كۆڭلىڭىزدىكى سەمىمىي ، راست سۆزنى قىلىڭا ، تايماس ئاكا ، سىز ئادەتتە نېمىنى ياخشى كۆرىسىز؟ مەن سىزگە نېمىنى خاتىرە قىلسام بولار؟...
    − ...
    مېھراينىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان بىر يىگىت بىلەن بىر قىزنىڭ ئايرىلىش ئاخشىمى سەيلىگە چىقىپ دېيىشكەن گەپلىرى ھەققىدىكى يۇمۇر ئېسىمگە كەلدى...
    − قىز يىگىتتىن: »ئايرىلىش ئالدىدا مۇشۇنداق جىمجىت كېچىدە ، سۆيگەن قىزىڭىز بىلەن يالغۇز كېتىۋاتقان چېغىڭىزدا كۆڭلىڭىزنى نېمە تارتىدۇ؟« دەپ سورىسا ، يىگىت بىر مۇنچە ئويلىنىشلاردىن كېيىن: »كۆڭلۈم لەڭمەن تارتىدۇ« دېگەن ھېلىقى لەتىپىنى دەمسەن؟
    − دەل ئۆزى شۇ . باشقا مىللەتلەردە قانداقلىقىنى ئېنىق ئۇقمايمەن . لېكىن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پسىخىكىسىدا يىگىتلىك ئوبرازى ئەزەلدىن مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ . ئايرىلىش ئاخشىمى بىر قىز بىلەن بىر يىگىت بىللە كېتىۋېتىپ ، يىگىت تەشەببۇسكار ئورۇندا تۇرماق يوق ، ئۆزىنى قىزدىنمۇ پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويۇشنىڭ ئۆزىلا ، بىزدە ھېلىقىدەك لەتىپىلەر بىلەن مەسخىرە قىلىنىدىغان  نومۇسلۇق ئىش ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن . لېكىن ، گەرچە مەن بىر يىگىت ، مېھراي قىز بولسىمۇ ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تا شۇ كۈنگىچە ئاكا-سىڭىللىق ، پاك دوستلۇق مۇناسىۋىتى بولۇپ كەلگەچكە مەن ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا قالدىم . ئاشۇ مىنۇتتىكى قەلبىمنىڭ ئىچكى قاتلىمىدا پەيدا بولغان تەبىئىي تۇيغۇنى ، قانلىرى جۇش ئۇرۇپ سوقۇشى تېزلەشكەن يۈرىكىمنىڭ بېسىپ بولماس ئىستىكىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئوچۇق ئېيتسام ، مېھرايغا »كېلىڭ ، سۆيۈملۈك سىڭلىم ، ئەڭ قىممەتلىك خاتىرە ئۆزىمىزدە تۇرۇپ ، يەنە باشقىنى ئىزدەپ نېمە قىلىمىز؟ سىزنىڭ غۇبارسىز پاك لېۋىڭىز مېنىڭ ئەبەدىي ئېسىمدىن چىقمايدىغان خاتىرەم بولۇپ قالسۇن!....« دېگۈم بار ئىدى . بىراق ئۇ مېنى خۇددى ئۆز ئاكىسىدەك كۆرۈپ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن چىن قەلبىدىن ھۆرمەت قىلىۋاتسا.. . مەن ئاشۇ خىياللار ئىلكىدە خېلىغىچە بىر قارارغا كېلەلمىدىم . مېھراي ھە دەپ جاۋاب سۈيلەيتتى . مەن ئۇنىڭغا »سىز شۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ئويلىۋېلىپ ، مانا ئەمدى ماڭا كەلگەندە كىچىككىنە ئويلاش ۋاقتى بەرمەمسىز؟« دېۋىدىم ، ئۇ يەنە »ئەمىسە قاچان جاۋاب بېرىسىز؟« دەپ سورىدى . مېنىڭ »ئىشقىلىپ بىز ئىنستىتۇتقا قايتقۇچە« دېگەن  جاۋابىمنى ئاڭلاپ سەل جىم بولغاندەك قىلدى . بىز شۇنىڭدىن باشلاپ پويىزدىكى زېرىكىشلىك سەپەر ، ھەر قېتىملىق سەپەردە ئاڭلىغان ، ئۇچراتقان يېڭىلىقلار ، ئوقۇغان كىتاب-ژۇرنال ھەققىدە پاراڭلىشىپ ، خېلىغىچە مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈردۇق . مېھراي پات-پاتلا: »ئويلىنىپ  بولدىڭىزمۇ؟« دېگەندەك كۆزۈمگە قاراپ قوياتتى . مەن شۇ ھامان يەنە بىر گەپ باشلاپ ، جاۋاب بېرىش ۋاقتىمنى ئارقىغا سۈرەتتىم.. . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئاخىر قىزلار بىناسىنى تاقايدىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلاپ قالدى . بىز ئەمدى يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىپ ئىنستىتۇت تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق . بىز گويا ئىنستىتۇتقا بارساق ئەمدى مەڭگۈ

     ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى . شۈبھىسىزكى ، بۇ ئۇنىڭ مەندىن »ئەمدى دەپ بېرەرسىز ، تايماس ئاكا؟« دەپ سورىغىنى ئىدى . گەرچە تۇمان قوينىدىكى ئاي بۇ مۇڭلۇق كېچىنى ئانچە يورۇتالمىغان بولسىمۇ ، لېكىن مەن تۆمۈر يولنىڭ »بەشبۇلاق« باغچىسى ئالدىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان يەردىكى بىزگە يانتۇ چۈشۈپ تۇرغان كۈچسىز لامپىنىڭ سۇس نۇرىدا مېھراينىڭ چىرايىدىكى مەيۈسلۈكنى كۆرۈپ قالدىم . ئۇنىڭ ھەمىشە بىر خىل ساددا قىزغىنلىق بىلەن كۈلۈپ تۇرىدىغان ئۈمىدلىك كۆزلىرىدىنمۇ ئاشۇ قىزغىنلىقنىڭ ئۇچقۇنلىرى تامامەن ئۆچكەنىدى . مەن گەرچە ئۇنىڭغا نېمىدەپ جاۋاب بېرىشىم ھەققىدە ئېنىق بىر قارارغا كېلەلمىگەن بولساممۇ ، لېكىن ئەمدى يەنە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېرىشكە بولمايتتى . مەن گويا تۇمان قوينىدىكى ئايدىن جاۋاب سورىغاندەك كېچە ئاسمىنىغا قارىدىم . بىراق بارلىق نۇرلىرىنى تۇمان سۈمۈرۈۋېلىپ ، خۇددى داتلاشقان سوقۇچاق مىس لىگەنگە ئوخشاپ قالغان ئاي گويا مەندىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقاندەك بارغانسېرى بۇلۇتلارنىڭ كەينىگە سۈرۈلمەكتە ئىدى . ئايغا قاراپ تۇرۇپ توساتتىن كۆڭلۈمگە بىر سوئال كەلدى: »مېھرايغا مەن نېمە خاتىرە قالدۇرىمەن؟« ئەمدى ماڭا ماگىزىنلارغا بېرىش پۇرسىتى يوق ئىدى . دېمەك ، ھازىر يېنىمدا بار بولغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىكىنى ئويلىشىم  كېرەك.. . مەن ئىختىيارسىز ھالدا ، 01 يىلدىن بۇيان يېنىمدىن ئايرىماي كەلگەن قەدىناس قەلىمىمنى قولۇمغا ئېلىپ ، مېھرايغا قارىدىم ۋە شۇنداق دېدىم: »بايىدىن بۇيان گەپلىرىڭىزنى كۆپ ئويلىدىم ، سىڭلىم . دېگەنلىرىڭىز ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق . سىز-بىزنىڭ دوستلۇق ، ئاكا-سىڭىللىق مېھرىمىزنىڭ قىممىتىنى ھەرگىزمۇ كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ھەرقانداق قىممەتلىك ماددىي نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەپ بولمايدۇ . بولۇپمۇ شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمىزنى كېيىن پۈتۈن دۇنيا بەدىلىگە سېتىۋېلىش مۇمكىن ئەمەس.. . شۇڭا مەن 01 يىلدىن بۇيان ماڭا ئەڭ ياخشى مەنىۋى دوست ، ئەڭ سادىق ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ، بىزنىڭ كۆمۈلگەن پارلاق تارىخىمىزنى قېزىپ چىقىرىشتا مېنىڭ ئۇپرىماس گۈرجىكىم بولغان ، مېنىڭ كىتاب ۋە بارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىمنى مەۋھۇم روھىي  دۇنيايىمدىن ئاق قەغەز يۈزىگە تەۋەللۇت قىلىپ بەرگەن مۇشۇ قەلىمىمنى سىزگە خاتىرە سۈپىتىدە قالدۇرماقچىمەن...« مېھراي بىردىنلا ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە بوينۇمغا ئېسىلدى . ۋۇجۇدۇم بىر تەڭداشسىز ئىللىق ھارارەت تەپتىدىن گويا ئېرىپ كېتىۋاتقاندەك ئاجايىپ بىر ھالغا كەلدى . بۇرنۇمغا ئەتتىر ، يۈز ماي بىلەن قوشۇلۇپ پەقەت قىزلاردىلا بولىدىغان ۋە يىگىتلەرنىڭ قەلبىلا سېزەلەيدىغان بىر يالقۇنلۇق ئىللىق پۇراق ئۇرۇلغاندا ، لەۋلىرىم ئىختىيارسىز ھالدا مېھراينىڭ كۆز ياشلىرى ھۆل قىلىۋەتكەن ، ئەمما ئۆز ھارارىتىنى يوقاتمىغان ئىسسىق لەۋلىرى بىلەن جۈپلەشتى.. . ئاشۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇرغانلىقىمىزنى ئېنىق ئەسلىيەلمەيمەن . يالغۇز بىزنىڭلا ئەمەس ، جىمجىت كېچە قوينىدىكى ئەمدىلا مۈگدەشكە باشلىغان ئۇيقۇسىز تەبىئەتنىڭمۇ ئارامىنى بۇزۇپ ، تۇيۇقسىز ئاڭلانغان قۇلاقنى يارغۇدەك چىرقىراق پويىز گۈدۈكى بىلەن تەڭ ئەسلىمىزگە كەلدۇق . پويىز گويا غايەت زور بىر تەلۋە مەخلۇقاتتەك سەت چىرقىرىغىنىچە يېنىك شامال چىقىرىپ ئۆتۈپ كەتتى . بىز ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن يەنە ئىنستىتۇت دەرۋازىسىغا قاراپ مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق . بىرنەچچە قەدەم مېڭىپلا مېھراي يەنە سورىدى:
    − دەرۋازىغا كېلەي دەپ قالدۇق ، تايماس ئاكا ، ئەمدى دەپ بەرمەمسىز؟
    − نېمىنى دەيسىز؟
    − ۋىييەي ، بىردەمدە ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ھېلىقى خاتىرە بۇيۇمىنىچۇ؟
    − بولدى ، سىڭلىم.. . ئەمدى ئۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز...
    − ۋاي توۋا دەڭا تايماس ئاكا ، تېخى بايىلا ئۆزىڭىز ۋەدە بەرگەنىدىڭىز ، بىردەمدە يېنىۋالدىڭىزمۇ؟
    − ياق ، مېنىڭ ۋەدەمدىن يېنىۋالغىنىم يوق...
    − ئەمىسە نېمىشقا ئۇنى تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز ، دەيسىز؟
    − ...
    − گەپ قىلسىڭىزچۇ تايماس ئاكا ، دەرۋازىغا ئاز قالدۇق.
    − سىز ماڭا قالدۇرماقچى بولغان ئۇ خاتىرىگە مەن ئاللىقاچان ئېرىشىپ بولدۇم ، سىڭلىم.. . مەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خاتىرىنىڭ  بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
    − قاچان؟
    − تېخى بايىلا...
    − ...
    − مېھراي شۇ ھامان ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى مەھكەم ئېتىپ ئىزىدىلا ئولتۇرۇۋالدى . مەن ئۇنىڭ يىغلىغان ياكى خىجىل بولغانلىقتىن شۇنداق قىلغانلىقىنى ئايرىۋالالمىدىم . نېمە قىلىشىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ، ئارقىمىزدىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى . مېھراي بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ ، بىز تەرەپكە كېلىۋاتقانلارنى كۆرۈپ ئورنىدىن تۇردى . يەنە بىر قەدەم مېڭىپلا يىغا ئارىلاشقان بىر خىل تىترەك ئاۋازدا دېدى:
    − ئۇنداق قىلماي بىر دەپ بېرىڭا ، تايماس ئاكا.. . شۇڭا مەن باشتىلا ۋەدە ئېلىۋالغان...
    − بولىدۇ سىڭلىم ، بولىدۇ ، مەن ۋەدەمدە تۇراي . ئۇنداقتا ، ھە.. . ھېلىقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرە ئالبۇمىدىن بىرنى خاتىرە قىلىڭ . لېكىن بىرىنچى بەتتىكى بېغىشلىما سۆز ۋە سۈرەت ئۈچۈن قالدۇرۇلغان ئورۇننىڭ سىزگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ.
    − ۋىيەي ، ئاران شۇلىما ، تايماس ئاكا؟
    − بولدى ، ئەمدى بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەشمەيلى . سىلەرنىڭ بىنانىڭ ئىشىكىنى تاقاشقا ئاران ئۈچ مىنۇتلا قالدى ، سىز ئاۋۋال كىرىپ كېتىڭ...
    − ...
    − مېھراي گويا پۇتلىرىغا كۆتەرگۈسىز كىشەن سېلىپ قويۇلغاندەك ، مىڭ تەسلىكتە بىرنەچچە قەدەم ماڭدى . ئىختىيارسىز توختاپ ئارقىسىغا قارىدى . ئوڭ قولىنىڭ دۈمبىسى بىلەن كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ دېدى:
    − خوش تايماس ئاكا! دەيدىغان گەپلىرىمنىڭ تەڭدىن تولىسى يۈرىكىمدە قالدى.. . مېنى ئۇنتۇپ قالسىڭىزمۇ مۇشۇ كۆز ياشلىرىمنى ئۇنتۇماڭ!.. . خوش!...
    − ...
    مېھراينىڭ يىغا ئارىلاشقان ئاخىرقى »خوش!...« دېگەن ئاۋازى ئۇيقۇغا چۆمگەن جىمجىت كېچە قوينىدا لەيلەپ قالغاندەك بولدى . ئۇ ئىتتىك ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ يۈگۈرگىنىچە دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى . مەن ئۇ چاغدىكى ھېسسىياتلىرىمنى ئەمدى ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.. . ئەتىسى سائەت ئون بىر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى ئىمتىھاننى تۈگىتىپ ، ساۋاقداشلار بىلەن ۋوگزالغا قاراپ ماڭدۇق . تېخى ئەمدىلا بىز مېھراي بىلەن ئاخشام خوشلاشقان دەرۋازا يېنىغا كېلىپ تۇراتتۇق ، مېھراي قولىدا بىر تور سومكىنى كۆتەرگەن ھالدا گۈلسۈم بىلەن ئارقىمىزدىن يېتىشتى . ئۇنىڭ قولىدىكى چوڭ تور سومكىدا بانان ، ھەر خىل كونسېرۋا ، قەلەي قۇتىلىق پىچە ، تۈرلۈك پىچىنە-پىرەنىكلەر قاچىلانغان قاپلاردىن تارتىپ ، تەييار چۆپ ، تەييار سەي خالتىلىرى ، ھەتتا كىتاب-ژۇرناللارغىچە تۇراتتى . مېھرايلار بىز بىلەن سومكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ ۋوگزالغىچە باردى . ھەتتا بىز پويىزغا چىقىپ ، پويىز قوزغالغىچە يېنىمىزدا تۇردى . پويىز ئاخىرقى گۈدۈكنى چېلىپ قوزغالغان چاغدا ، بىز دېرىزىدىن چىڭ قول سىقىشىپ خوشلاشتۇق . مەن سەپەر جىددىيلىكى تۈگەپ ھەممە ئادەم مۈگدەشكە باشلىغان چاغدا ، مېھراينىڭ يوللۇقى بولغان تور سومكىنى ئېچىپ ، سىرتىدىن بىر پارچە گېزىت بىلەن ئوراپ قويۇلغان كىتاب شەكىللىك نەرسىنى قولۇمغا ئالدىم ۋە ئۇنى گېزىتتىن چىقاردىم . بۇ − مېھراي ماڭا ئەستىلىك قىلىپ قالدۇرغان ھېلىقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرە ئالبومى بولۇپ ، بىرىنچى بېتىنىڭ ئۈستۈنكى سول بۇرجىكىدە ، كۆزلىرىدىن ماڭا پىششىق تونۇش بولغان ساددا قىزغىنلىق چىقىپ تۇرغان مېھراينىڭ سۈرىتى گويا گەپ قىلىشقا تەمشىلىۋاتقاندەك بىر خىل قىياپەتتە كۈلۈپ تۇراتتى . مەن سۈرەتكە بىر پەس قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۆزلىرىمنى سۈرەت ئاستىدىكى تونۇش قوليازمىلارغا يۆتكىدىم . بۇ مېھراينىڭ ئاشۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش خاتىرە ئالبومىغا يېزىپ قالدۇرغان بىر پارچە شېئىرى  بولۇپ ، ئۇ گەرچە ماڭا يادا  بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ لېكىن سەن بۈگۈن ئۇنى كۆرۈپ چىققاچ ، شائىرلارغا خاس ھېسسىياتىڭ بىلەن بىر ئۈنلۈك دېكلاماتسىيە قىلىۋەتكىن...
    ئۇپۇقىدا مەسۈم كۆڭۈلنىڭ،
    پارلىغاندا بىر قۇياش بالقىپ؛
    نۇر ئىلكىدە ۋۇجۇد دۇنياسى،
    كەتتى تۈندىن بىر يولى ھالقىپ.

    قۇياشلىق شۇ ئىللىق تاڭ سەھەر،
    تۆرەلدى پاك سۆيگۈ بىخلىنىپ.
    ئەنئەنىنىڭ ئوقىدا بىراق،
    قالدى ھايال ئۆتمەي مىخلىنىپ.

    چاچرىغان پاك ئىسسىق قان بىلەن،
    ئوت-ئاتەشتىن رەڭ ئالدى ئۇپۇق.
    چالا شېھىت سۆيگۈ ئۈستىگە،
    ياپتى گۇڭگا تۇمانلار يوپۇق...

    ئاھ ، قىلىندى پاك سۆيگۈ دەپنە،
    بولدى ئۇنىڭ قەبرىسى يۈرەك.
    شۇ يۈرەكمۇ كۆمۈلگەن چاغدا،
    شېھىت بىخلار ئاتارمۇ چېچەك!؟...

    خاتىمە

    − كۆڭلۈمدە ساڭا سۆزلەپ بەرمەكچى بولغانلىرىمنى ئېلىپ قالماي تولۇق سۆزلەپ تۈگەتتىم ئاداش . بۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا باشتىلا دېگىنىمدەك ، مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ، قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغان ، قەلبىم بىلەن بىۋاسىتە ھېس قىلغان نەرسىلەر . ئادەتتە بىرەر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مەلۇم تۇرمۇش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا مەيدانغا كەلسىمۇ لېكىن مۇبالىغە ، تەسەۋۋۇر ، توقۇش ، ئوخشىتىش  دېگەنگە ئوخشاش كۆپ خىل ئەدەبىي ۋاسىتىلەردىن خالىي ئەمەسلىكىنى بىلىمەن . بىراق مېنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ بەرگەنلىرىم ، مەن ستۇدېنتلىق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئاشۇ مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى ئەمەلىي تۇرمۇشتا بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقىي ئىشلار . بۇلارنىڭ بىرقىسمى سېنىڭ يازىدىغان ئەسىرىڭ ئۈچۈن دىتال بولالىشى ، بىرقىسمى ئەدەبىي دىت ئەگلىكىڭدە سۈزۈپ قېلىنىشى مۇمكىن . بۇ تامامەن سېنىڭ ئۆز ئىختىيارىڭدىكى ئىش . ناۋادا  سۆزلەپ بەرگەنلىرىمنى بىرەر ئەسەر ئۈچۈن خام ماتېرىيال بولالايدىكەن دەپ قارىساڭ ، يازارسەن . بولمىسا بۇ ئىككىمىزنىڭ بىر قېتىملىق تەتىل پارىڭى بولۇپ قالار...
    − يازىدىغانلىقىمدا گەپ يوق ئاداش ، ھېچبولمىغاندىمۇ مېھراينىڭ بايىقى شېئىرىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ مەسۈم قەلبىدە تۆرىلىپ ھايال ئۆتمەيلا تارتىنىش ، ئەنئەنە ۋە باشقا ئادەت كۈچلىرىنىڭ ئوقلىرى بىلەن »شېھىت« قىلىنىپ يۈرەككە »دەپنە« قىلىۋېتىلگەن گۇناھسىز بىچارە پاك سۆيگۈ ئۈچۈن بولسىمۇ جەزمەن يازىمەن . قەلەم تەۋرىتىشتىن بۇرۇن بىرنەرسىنى سورىۋالاي: گەرچە سەن ئىنستىتۇتتا يەنە بىر يىل ئوقۇيدىغان بولساڭمۇ ، لېكىن مېھراي ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بوپتۇ . سېنىڭچە مۇندىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىڭلار قانداق بولار؟
    − بۇنىڭغا پەقەت بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمەلىيەتلا ھەقىقىي جاۋاب بېرەلەيدۇ . لېكىن شۇنى پەرەز قىلىش مۇمكىنكى ، تېخى تۆرىلىپ چېچەك ئاچمايلا »شېھىت« بولۇپ »دەپنە« قىلىۋېتىلگەن بىچارە سۆيگۈنىڭ ئەمدى قايتا بىخلىنىشى ناتايىن ئاداش.
    − بۇ مېھراي كۆزدە تۇتۇلۇپ قىلىنىۋاتقان سۆزمۇ ياكى ئۆزۈڭ ئۈچۈنمۇ؟
    − ھەممىمىز ئۈچۈن . بۇ بەختسىز سۆيگۈنىڭ جەسىتى  يالغۇز مېھراينىڭ قەلبىدىلا ئەمەس ، مارىيەنىڭ ، گۈلپەرىنىڭ ، باتۇرنىڭ ، گۈلسۈم ، پاتىخا ، بۈۋىنۇر قاتارلىق كۆپلىگەن ستۇدېنتلارنىڭ ، ھەتتا مېنىڭ قەلبىمدىمۇ بار...
    − بۇلارنى نەچچە كۈندىن بۇيان سۆزلەپ بەرگەنلىرىڭدىن چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىم . ئىنسان ئەسلىدىنلا تەبىئەتنىڭ مەھسۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، تەبىئىيلىككە قانچە يېقىنلاشسا ، ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن شۇنچە يىراقلىشاتتى . لېكىن بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئېلېكترون دەۋرىگە قەدەم قويغان ئالىي ئىنسانلار ، ئۆزىنى  ئۆزى سۈنئىيلىك ئاپىتىگە دۇچار قىلماقتا . مەسىلىنىڭ نېگىزى شۇ يەردىكى ، گەرچە ھېچقانداق بىر قىز مېھرايغا ئوخشاش ۋە ھېچقانداق بىر يىگىت ساڭا ئوخشاش قەلبىدىكى ئەمدىلا تۆرەلگەن گۇناھسىز پاك سۆيگۈنىڭ دەپنە قىلىنىشىنى ھەرگىز خالىمىسىمۇ ، لېكىن ئاشۇ سۆيگۈ باشقىلارنىڭ قەلبىدە تۆرەلگەن ھامان ئۇنىڭغا قارىتىپ دەرھال رەھىمسىزلەرچە ياكى بىپەرۋالارچە تۆھمەت ئوقلىرىنى ياغدۇرۇشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇشىدۇ . مەن يازغان ئەسىرىم ئارقىلىق ئەنە شۇ ئوقلارنىڭ بىرەر تىلىنى ئازايتالىسام ، سېنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىڭ ۋە مېنىڭ يازغانلىرىم بىكارغا كەتمىگەن بولاتتى.
    − دېگىنىڭدەك بولغاي ، ساڭا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.
    − ...
    9891-يىل ، نويابىر ، دېكابىر ، لەنجۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.