مۈشۈك(ئەركىنجان ئەمەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 16:30:41

مۈشۈك (ھېكايە) ئەركىنجان ئەمەت مېنى يېزىغا چۈشۈشكە بەلگىلەپتۇ. ئەسلى يۇقۇرىدىن بىر رەھبىرى كادىرنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، مېنىڭ بۇ شەھەرگە ئەمدىلا يۆتكۈلۈپ كەلگەنلىكىم ۋە ھېچقانداق خىزمەت تەجرىبە...

    مۈشۈك

    (ھېكايە)

    ئەركىنجان ئەمەت

     

       مېنى يېزىغا چۈشۈشكە بەلگىلەپتۇ. ئەسلى يۇقۇرىدىن بىر رەھبىرى كادىرنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، مېنىڭ بۇ شەھەرگە ئەمدىلا يۆتكۈلۈپ كەلگەنلىكىم ۋە ھېچقانداق خىزمەت تەجرىبەمنىڭ يوقلۇغى، توغرىسى ھېچقانداق «رەھبەر» بولمىغىنىمغا قارىماي ماڭا تىڭىپتۇ. بىرى ۋېلىسىپىت بىلمەيمەن دېسە، بىرى مەن بەك سېمىز يول ئازاۋىغا چىدىمايمەن دېگەن سەۋەبلەر بولدى. كۆڭلۈم بەكمۇ پاراكەندە. ئاڭلىسام ئۇ يېزا شەھەردىن ئىككى تاقىر ساي بىر يۇرتنى بىسىپ ئۆتىدىكەن. مېنى بەكمۇ مەيۈسلەندۈرگىنى يېڭى تونۇشقان قىز دوستۇم بولدى. چۈنكى دوستۇم دىلشات بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىمىز بەك ياخشى، شۇنداق بولغاچقىلا كۆڭلۈم ساراسىمىگە چۈشەتتى. دوستۇمنىڭ ئۆزىنى بىچارە ھالغا چۈشۈرۈپ چاندۇرماي ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىغىنى بەزىدە كۆزۈمگە چۈشۈپ قالاتتى. قانداق قىلغۇلۇق، بىر يىل شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ ياشاش، ھەپتىلەردە بىر قىتىم قايتىش سەھرانىڭ ناتونۇش كىشىلىرى بىلەن توپىلىق يوللاردا چېپىپ يۈرۈش، چېكەتكە بىلەن ئىتنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان تىنجىق كېچىلەر، بۇلارنى ئويلىغانسىرى بەكمۇ ئىچىم پۇشتى. شۇنداقتىمۇ باشلىقلار ئۇ يېزىنى تەرىپلەپ، بىر تالاي گەپ ساتتى يەنە كاماندروپكىنىمۇ خېلى ياخشى بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشتى. ئامال يوق، يۇقۇرىنىڭ بۇيرۇقى. بارماسلىققا ھەددىم ئەمەس ئىدى.
       بوينۇمنى باغلىغاندەك ئاخىرى دېگەن كۈندە ھۆججەت سومكامغا بىر پارچە شىپىگراپتا چاپاق بېسىلغان ماتېرىيال بىلەن يېڭىلا ئوقۇشقا باشلىغان «شاۋقۇنلۇق قورۇق» دېگەن روماننى ئېلىپ ۋېلىسىپىتلىك يولغا چىقتىم. يېزا ئاياللىرىنىڭ يىراق يەرنى «ئىشە»دە، دەپ كۆرسۈتۈشلىرى، ئىتلارنىڭ قورقۇتۇپ گۈرۈلدەپ قوغلىشى ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ يولنى خاتا كۆرسىتىپ يولنى تەكرار ماڭغۇزۇشى بىلەن ئەتىگەندە يولغا چىققان بولساممۇ سائەت ئون بىرلەردە چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ دادۈي قورۇسى ئالدىغا كەلدىم. پۇت قولۇمدا جان قالمىدى. يەنە ئاخشامقى كەيىپلىكنىڭ تەسىرىمۇ بار ئىدى. بىشىم ئىت قوغلىغاندا بەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىنمۇ لوقۇلداپ ئاغرىغىلى تۇردى. دادۈي ئالدىدا بىر نەچچە كىشى موخۇركا چەككەچ كەتمەندە ئولتۇرۇپ، سېپىغا يۆلەنگەن ھالدا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلار قوزغالمايلا مەن بىلەن كۆرۈشتى. بەزىسىنىڭ كۆزلىرىدىن چاقنىغان شۈبھىلىك نۇرلارنى كۆرۈپ، ئازراق قىزغنلىقىمنى يوقاتتىم. ئەترەت كادىرلىرى، سېكرىتار، ئەترەت باشلىقى قاتارلىقلار تېخى كەلمەپتۇ. كۆپ ئۆتمەي شەھەردىن بەلگىلەنگەن يەنە بىر كىشى  شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان رەھىم يىتىپ كەلدى. ئۇ خېلى سالاپەتلىك، ئەمەلدار سۈپەت ئادەم ئىكەن. كىيىىشلىرى شۇنداق ئاددى، خۇش چىراي كۆرۈنىدۇ. بۇرۇن كۆرمىگەن بولساممۇ ئاسانلا چىقىشىپ قالدۇق. ئۇمۇ ئىككىمىزنىڭ بىر يېزىغا بەلگىلەنگەنلىكىنى ئوقۇپتىكەن. لېكىن مېنىڭ ئەمدى يىگىرمە ياشلاردا ئىكەنلىكىمنى ئويلىماپتىكەن. بىراق ئۇمۇ مېنى بىر قاراشتىلا ياقتۇرۇپ قالغاندەك تۇراتتى. شۇڭا خېلى كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاقراق ئىشلەشكە كۆزۈم ھەرھالدا يېتىدىغاندەك تۇردى. دولۇمغا قولىنى قويۇپ «ئۇكا، ئادىل، ئەمدى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ كەتتۇق» دەپ قويدى.
       باشقىلار تولۇق كەلمىگەچ ئۇ يەر بۇ يەردىن پاراڭلاشقاچ، دادۈي قورۇسىنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يەرگە تىگىپ قالغاچقا ئېچىش - يىپىشقا بولمايدىغان دەرۋازىسىدىن كىرىپ كۆزىمىزگە چىلىققىنى بىر تالاي تاشلىنىپ ياتقان تۆمۈر - تەسەكلەر بولدى. ئەسلىدىن نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنىمۇ پەرق قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە خاراپلىشىپ كەتكەن، سايالكا، قول تراكتور... غا ئوخشاش نەرسىلەر ھەممىسى بىر خىل قىزغۇچ سېرىق رەڭدە داتلىشىپ يىتىپتۇ. ئۇلارنى جىڭلاپ سېتىۋەتكەن بولسىمۇ ئازراق پۇلغا يارىغانمۇ بولاتتىكەن. ھازىر شۇ تۇرقىدا دات يەپ تۈگەيدىغاندەك بولۇپ قارىساق كۆڭۈلنى غەش قىلاتتى.  سول تەرەپتە ئۈستى گۆمۈرۈلۈپ چۈشكەن «ماخو» ئوڭ تەرەپتە ۋەيرانە بولۇپ كەتكەن يىغىن زالى تۇراتتى. ئۇدۇلدا، ساق قالغان ئۆيلەرنىڭ بىر ئۆينىڭ بوسۇغىسىدا قولى بىلەن  توسۇپ بىر قېرى شۈمشىيىپ، ھەم ئازراق ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ۋەيرانە تۇرقىغا بىرەر سىكۇنتمۇ قارىمىغان لېكىن ئۇ خېلى چاققانلىق بىلەن قورۇق چۈشۈپ كەتكەن يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتىشكە تىرىشىپ ئالدىمىزغا قاراپ كەلدى. ئۇ پاكار ھەم دۈمچەك، بىشىغا تۈكى چۈشۈپ پارقىراپ كەتكەن قارا تۇماق، يەنە تۈكى چۈشۈپ كەتكەن چىبەرقۇت چاپان كىيىپ  بەلۋاغ باغلىۋاپتۇ. تولا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغانلىقتىنمۇ كوسار بىلەن ئەت ئارىلىقىدا قالغان كالتە قارا خادانى ئىشتىنى ئەگرى كانايغا ئوخشاپ  قايرىلىپ قالغان ئىدى. پالاستەك كەڭ پۇتى، بىر - بىرى بىلەن ماي تارتىپ قالغاندەك نېرى - بېرى تۇرغان پۇت بارماقلىرى (بەزى بارماقلىرىغا قوش تىرناق ئۆسۈپ قاپتۇ) تور چاچقان بىشەكشىندەك يىرىلىپ كەتكەن يوغان تاپىنى قارىغانلا ئادەمنىڭ كۆزىگە ئالاھىدە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. مەڭزىدىكى قىلدام تومۇرلار ئىنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان خام سېرىق، قېشى چۈشۈپ قاش سوڭىكىلا قالغان، شالاڭ ساقاللىق، پاناق بۇرۇن كىشى ياغاچتەك قاتتىق قوللىرى بىلەن كېلىپ كۆرۈشكەندە، بۇ ئەجنەبىچە تۇرقۇمغا قاراپ «قۇتقۇزۇش» باھالىغىلى كەلگەن كىشى ئوخشايدۇ دەپ قارىدىمىكىن قولۇمنى قويىۋەتمەي پاكار بەستى بىلەن يۇقۇرىغا قاراپ، تۇتۇق تەلەپپۇزدا خۇشامەت قىلىپ ئامانلىق سوراشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن سېسىق بۇس چىققاننى دېمەي، سۆزلىگەندە تۈكۈرۈك چاچرىغىلى تۇردى. مەن چىداپ تۇرالماي ئارقامغا داجىدىم. ئاندىن ئۇ باشقا كىشىلەرنىڭ خالىماي بەرگەن قوللىرىغا بىر - بىر ئىسىلىپ چىقتى. ئۇ شۇنداق بىچارە ۋە ۋەيرانە قىياپەتتە ئىدى.
       ئۆزىنىڭ ئېگىز ھەم قاۋۇل بولۇشىغا قارىماي بېشى مۇشتەك كىچىك بىرى چۈشەندۈرۈپ: «باقىكام مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تارقىتىۋېتىلگەن ئەترەتكە قاراشلىق چارۋا مەيدانىدىن كەلگەن. نۇقتىلىق «5 تە كاپالەتلىك ئائىلە». ئۇنىڭ دۇنيالىقتا ھېچنەرسىسى يوق. تەنھا چال. ھە راست  دېدى ئۇ كۆزلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ھەييارلىق، زاڭلىق ئارىلاش كۈلكە بىلەن، ئۇنىڭ يەنە چاپقاق بىر ئوغرى مۈشۈكى بار. سىلەرنىڭ بۇ قېتىم خىزمەتتە ئاساسلىق تۇتۇپ، «بىيىشىغا ياردەم بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى» دېگەنلەرنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭ بىچارە قىياپەتتە قىزىل كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ قاراشلىرى كىشىنىڭ ئېچىنى سىرىلدۈرگىدەك دەرىجىدە ۋەيرانە ئىدى. مەن ئىچىمدە «باقى ئاكا بىھىشقا كىرىپ بىيىۋالسا بولغۇدەك» دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا باي بولۇشىنى قىلچە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. شۇنداقتىمۇ خىزمىتىمىزنىڭ خېلىلا مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالدىم. باقىكامنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن ئۆيىنى كۆردۇق. كىرىپلا سول تەرەپتە بىر ئېغىز، ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا ئىشخانا بولسا كېرەك ئوقۇغىلى بولماس بولۇپ قالغان شۇئارلار، رەسىملەر ھازىر ئالا - بۇلا كۆرىنەتتى. تۇرۇس تامچە ئۆتۈپ، تەمرەتكە چۈشۈپ كەتكەن ئىتنىڭ دۈمبىسىدەك ئەسلىدىن ئاق سىردا سىرلىغان بولسىمۇ كاكۇل لايلىرى چۈشۈپ ۋاسىلىرى كۆرۈنۈپ قالغانىدى. دالان ئۆينىڭ بىر بۇلىڭىدا چالا كۆيگەن ھەر خىل، ھەر يەردىن تىرىۋېلىنغان كۆمۈرلىرى دۆۋىلەنگەن قىشىدا بىر تىگىگە ياماق سالغان ئەسكى سىۋەت، يەنە بىر بۇلىڭىدا خۇددى كۆمۈردەك ئارىلاشما ھەر خىل ئوتۇنلار قالايمىقان دۆۋىلىنىپ تۇراتتى. ئىچكەركى ئۆي  دېرىزىسى قىش تىزىپ چاپلىۋىتىلگەن  ئىشىكتىن كىرگەن غۇۋا يورۇق بولمىغاندا قاپ - قاراڭغۇ بولۇپ، ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۆينىڭ يۇقىرى تەرىپىدە نېمە بارلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئوچاق، قازان، ئاشتاختا، سۇپۇرا قارا ماي بىلەن ئالا - بۇلا چاپلانغان ئەسكى  چىلەك، چىلەكنىڭ قۇلىقىغا ئېسىغلىق تۆشۈك يىرىگە ماز تىقىپ قويۇلغان سىرلىرى چۈشۈپ كەتكەن كۇرۇشكا، راست كىيىن دىققەت قىلدىم. يەرگە بىر پارچە كىگىز سېلىنغان بولۇپ توپىغا سىڭىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن دىققەت قىلمىسا پەرق قىلغىلى بولمايتتى. تېخى بۇلارنىڭ «بېيىشىغا» يېتەكچىلىك قىلدۇدەكمىز. بۇ قېرى بىر تەرەپتە ئاقىرىپ پاختىلىشىپ ھەم ساڭگىلاپ قالغان كالپۇكىنى مۇتۇلدىتىپ قەستەن تەقۋادار قىياپەتكە كىرىۋېلىپ تەقۋادارلىقى بىلەن بىزنى تەسىرلەندۈرمەكچى بولغاندەك ئۆزىمۇ مەنىسىنى ئۇقمايدىغان سۈرىلەرنى (ئوقىۋاتاتتى) ئاۋازىنى گاھ چىقىرىپ، گاھ گۇڭۇلداپ ئوقۇيتتى. ئۇ باقىكام قائىدە بويىچە دوستىخان سالالماي شۇ تۇرقىدا  بىر بۇلۇڭدا قوللىرىنى قوشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ بىردىنبىر تەسەللىسى بولغان سۈرىلەرنى پىچىرلاپ خۇدادىن بەخت تىلەۋاتاتتى.

    1987 - يىل 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

        بۇ ئەسەر مەرھۇم ئەركىنجان ئەمەتنىڭ كونا قول يازمىلىرى ئارىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، بۇ ئېھتىمال ئاپتورنىڭ تۇنجى ھېكايىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەسەردە يازغۇچى جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، پىششىق، ئېنىق، ئەستايىدىل يېزىقچىلىق ئىستىلى، سەنئەتكە سادىق پەزىلىتى بىلەن بۇ دۇنيادا پەقەتلا بىر چاپقاق مۈشۈكىدىن باشقا ھېچنېمىسى يوق بىر دېھقاننىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىي ھالىتىنى، ئۇنى بېيىتىشقا كەلگەنلەرنىڭ ئوي خىيالىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن بولۇپ، بۇ ئەسەردىن يازغۇچىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردە يازغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنىڭ يارقىن ئىزنالىرىنى بايقاش مۇمكىن.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەركىنجان ئەمەت