نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(5)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 13:55:00

نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(5) (پوۋسىت) مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم ئەتىسى تاڭ يۇرىماستىنلا يولغا چىققان قۇشۇن كۈچەت پالۋاننىڭ يول باشلىشىدا يۈرۈپ كەتتى.كۈچەت پالۋان ئاتچاننىڭ سوقتىياق دىگەن يىرىدىن بۇلۇپ،...

     نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(5) (پوۋسىت)

     مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

             ئەتىسى تاڭ يۇرىماستىنلا يولغا چىققان قۇشۇن كۈچەت پالۋاننىڭ يول باشلىشىدا يۈرۈپ كەتتى.كۈچەت پالۋان ئاتچاننىڭ سوقتىياق دىگەن يىرىدىن بۇلۇپ، يەرلىك ئادەم بولغاچقا، تاغ يوللىرىغا پىششىق ئىدى.شۇڭا قۇشۇننى يېقىن يۇللار بىلەن باشلاپ، ناماز زىگەرگە يېقىن پىشكەگە يىتىپ كەلدى.
       -ئاتچاننىڭ پىشكە دىگەن مەھەللىسىگە يىتىپ كەلدۇق ئالىلىرى، - دىدى كۆچەت پالۋان ئابدۇللاخاننىڭ قېشىغا كىلىپ قول باغلاپ تۇرۇپ، - لەشكەرلەر مۇشۇ كۈجۈم مەھەللىدە ئارام ئالغاچ ئۇزۇقلىنىۋالسا، مەن بىر نەچچە يارانلىرىم بىلەن ئەھۋال ئىگەللەپ كەلسەم بۇلارمىكىن.
        -ماقۇل، تىز بېرىپ، تىز قايتىپ كىلىڭ. كۆچەت پالۋان بىر نەچچە ھەمراھىنى باشلاپ يۈرۈپ كەتتى.مىراز باباقبەگ لەشكەرلەرگە ئارام ئالغاچ ئۇزۇقلىنىشنى تاپىلىدى.شۇنىڭغىچىلىك ئوردىدىن خان بىلەن بىللە كەلگەن بىكاۋۇل بەگ لەشكەرلەردىن سەل يىراقراق يەرگەگىلەم - پاراز سېلىنىپ تەييارلانغان مەخسۇس سورۇنغا داستۇرخان سېلىشقا باشلىدى. كۈن كىرىپ، ئەتراپنى تۈن پەردىسى يېپىلىشقا باشلىدى.ئون تۆت كۈنلۈك ئاي ئەتراپنى يۇرۇتۇپ تۇراتتى.لەشكەرلەرنىڭ بەزىلىرى قورساقلىرىنى ئەستەرلەپلا شىرىن ئۇيقۇغا چۈشكەن، بەزىلىرى ئىككى- ئۈچتىن بۇلىۋېلىپ، قىزىق گەپلەر بىلەن ئۆز كۆڭۈللىرىنى ئاۋۇندۇرماقتا ئىدى.ئابدۇللا خان، مىراز باباقبەگ، ئەبەيدۇللا سۇلتان بىلەن يۇمشاق تۆشەك ئۈستىدە ئىزىلىپ ئولتۇراتتى.ئەتىگەندىن بۇيان گىياھسىز سايىلىقتا ئات ئۈستىدە مۈكچىيىپ ئولتۇرغان، بەل- پۇتلىرى ئوبدانلا ئۇيۇشۇپ ھاردۇق يەتكەن بولسىمۇ، سىڭگىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن بالدۇراق خەۋەر تېپىش ئىستىگىدە ئەتراپقا پات- پات قاراپ، گەپ بىلەن ئۆز كۆڭۈللىرىنى مەلىكە قىلىپ ئولتۇرىشاتتى .
       - ھازىر قايسى چاغ بولغاندۇ ؟، - سورىدى ئەبەيدۇللا سۇلتان ئاسماندىكى شوخ جىمىرلاۋاتقان يولتۇزلاردىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ.
        -ئالاھەزەل ئېغىر ئەلياتقۇغا يىقىنلاشتى، -دىدى مىرزاباباقبەگ ئالدىرماي سۆزلەپ . -ھېلىقى پالۋان كەتكىلىمۇ بىچاغ بۇلدى. نىمىشقا ھېچ قايتىپ كەلمەيدىغۇ؟ يۇلدا بىرەر كىلىشمەسلىككە ئوچراپ قالمىغاندۇ؟
       -تەمبەت ئونداق خىياللاردا بولمىسلا، تاغ يۇلى دىگەن ئىگىز-پەس ، مۇشەقەتلىك يول بولسىمۇ، كۈچەت پالۋان يەرلىك كىشى بولغاچقا. ئالىمادىس بىرەر ئىش بولسىمۇ بىر ئامال قىلالايدۇ. مىرزا باباقبەگنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، يىقىنقى يەردىن لەشكەرلەرنىڭ گۇڭۇلداشقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بارا-بارا كۈچەيدى،-دە، ھايالشىمايلا بىر نەيچەيلەننىڭ قارىسى كۈرۈندى. -كىم ؟كۈزەتتە تۇرۈاتقان نەۋكەر كىلىۋاتقانلارغا قاراپ ئۈنلۈك تۇۋلىدى.
        -مەن كۈچەت پالۋان، -كىلىۋاتقان تۇپنىڭ ئالدىدىكى كىشى جاۋاپ بەرگەچ، ئۇدۇل ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ يېنىغا كەلدى،
       -قېنى ئولتۇرسىلا، - دىدى مىرزا باباقبەگ تاقەتسىزلەنگەن ھالدا ئالدىراپ سۆزلەپ،- بىرەر خەۋەر بارمۇ؟
       كۈچەت پالۋان ئۇ كۆرسەتكەندەك جايىدا ئولتۇرغاچ تىزلىكتە جاۋاپ بەردى.
        -سىڭگى قۇشۇنلىرى سوقتياق دىگەن جايدىكى بىر ئىدىرلىقتىكەن. ئۇ يەرنىڭ بىر تەرىپى كىريا دەرياسىغا تۈتۈشىدۇ. ئىككى تەرىپى تاغ. پەقەتلا بىر تەرىپىدىن بىمالال ھەركەت قىلغىلى بۇلىدۇ. شۇ تاپتا قاراۋۇلدىن باشقىسنىڭ ھەممىسى ئۈلۈكتەك ئۇخلاپ قاپتۇ.
        -سىلى دىگەن جايغا قانچىلىك ۋاقىتتا يىتىپ بارغىلى بۇلىدۇ ؟ ئابدۇللاخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر نەرسىنى خىيال قىلغاندەك سورىدى.
        - بىر ئاشپىشىمدىن كۆپرەك ۋاقىتتا يىتىپ بارغىلى بۇلارمىكىن.
        -ھە.... ئونداقتا تۈمۈرنى قىزىقىدا سوقساق قانداق بۇلار مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى ؟ سىلى ئۇلار تەييارلىقسىز تۇرغان چاغدا ھۇجۇم قىلايلى دىمەكچىمۇ ؟ مىرزا باباقبەگ يالىت قىلىپ ئابدۇللاخانغا قاراپ
       -تايتىلان ھازىر كەلكۈن مەزگىلى، دەريادا سۇ بار، ئىككى تەرىپى تاغ ئىكەن. شۇڭا. . . -دىگەنلىرىچە بولسۇن، ئىمكان قەدەر شەپە چىقارماسلىققا تىرىشىپ، ئولارنى بىر يولدىلا يىغىشتۇرايلى. ئۇلار قىسقىلا مەسلىھەت قىلىشقاندىن كىيىن، چاقماق تىزلىكىدە يولغا چىقىشتى. مىرزا باباقبەگ ئابدۇللاخاننىڭ بېرىشىغا قۇشۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما خان ئۆز پىكىردە چىڭ تۇرىۋالغاچقا، ئامالسىز قالغان ئەمىر ئاخىرى باشقا ئامال قىلالمىدى. قۇشۇن ئەگرى-بۈگرى تاغ يۇلىغا بىر ھازا ماڭغاندىن كىيىن كۈچەت پالۋاننىڭ تەكلىۋى بىلەن ئۈچ تارامغا ئايرىلدى. ئابدۇللاخان، ئەبەيدۇللا سۇلتان، بىجەن پالۋانلار بىر توپ، خۇدا بەردى بەگ ئىسكەندەر پالۋانلار بىر توپ ،مىرزا باباقبەگ بىلەن كۈچەت پالۋانلار بىر توپ لەشكەرنى باشلاپ، ئەتراپنى بەش قولدەك بىلىدىغان يول باشلىغۇچىلارنىڭ ھەمرالىقىدا، ئالدىنئالا نىشانلىغان ئۇرۇنلارغا باردى، مىرزا باباقبەگ كۈچەت پالۋان بىلەن لەشكەرلەرنى باشلاپ ياۋ لەشكەرگاھىغا يېقىنلاشتى . بۇ چاغ ئاللىقاچان يېرىم كىچىدىن ئاشقان ۋاقىت بۇلغاچقا قاراۋۇللارمۇ ئۇخلاپ قالغاندەك قىلاتتى. شۇڭا ئوت يىقىپ بەلگە بەردى .ئابدۇللاخانمۇ، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەرمۇ بەلگىلەنگەن جايغا يىتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئوتقاچ يىقىشتى. شۇئان ناغرىلار گۈمبۈرلىتىپ چېلىندى ، لەشكەرلەر قىيازدەك جىلغا ئىچىگە باستۇرۇپ كىرىشتى.سىڭگى لەشكەرلىرى تاتلىق ئۇيقىدا بولغاچقا، تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ھۇڭا-سۈرەنلەردىن چۈچۈپ ئويغۇنۇشتى-دە،باش تەرەپلىرىگە قۇيۇپ قۇيغان جەڭ قۇراللىرىنى ئېلىشتى، ساي ئىچىنى قۇرال-ياراقلارنىڭ تاراڭ-تۇرۇڭلىرى. ئاتلارنىڭ كىشىنەشلىرى، يارلانغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئاھۇ-زارى قاپلىدى.تاڭ ئاتارغا يىقىن خۇدا بەردى ھاكىمبەگ تۇرغان تاغ ئېغىزىغا يىقىنلاشقان ياۋ لەشكەرلىرى كۈچلۈك ھۇجۇم بىلەن خانلىق لەشكەرلىرىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ قېچىپ كەتتى.

         قۇياش تارتىنچاق كىلىندەك ھىجىيىپ چىقىپ ئەتراپ تۇلۇق يۇرىغاندا، لەشكەرلەرنى ئېنىدىتلاپ ئۈلگۈرگەن مىرزا باباقبەگ ئەتراپنى بىر قۇر كۈزىتىپ چىقتى.
       -بۇ يەر بەك خەتەرلىك ئىكەن، ئەنھەزرىتىم، ئەگەر ياۋ لەشكەرلىرى ھۇجۇم قىلىپ قالسا، تاقابىل تۇرۇش تەس بۇلغۇدەك، شۇڭا دەرھاللا يۆتكىلەيلى.
       -دىگەنلىرىچە بولسۇن، كۈچەت پالۋان بىلەن قۇشۇننى دەررۇ ئاتلاندۇرسىلا. . . ئۇلار شۇ مەسلىھەت بىلەن دەررۇ ئاتلاندى، - دە، ھايالشىمايلا تۈزلەڭلىككە چىقىپ ھەيران بۇلۇشتى. كۆز يېتىم يەردە ياۋ لەشكەرلىرى ئۇلارنىڭ كىلىدىغانلىقىدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تاپقاندەك تۇرۇشاتتى، بۇنى كۈرۈپ، مىرزا باباقبەگ لەشكەرلەرنى سەپراس بۇلۇشقا ئۈندىدى، ياۋ سىپىگە قاراپ، بىر نىمىنى خىيال قىلغاندەك ۋارقىرىدى.
        -ئۇقياچىلار تەييار تۇرۇڭلار. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ياۋ سىپى ئۇلارتەرەپكە قاراپ دەۋرەپ كىلىشكە باشلىدى.ئوقياچىلار ساداققا ئوقنى بېسىپ، گىرىچىنى چىڭ تارتىشتى.
       -ئېتىڭلار. . . ياۋ يېقىنلاپ كەلگەندە، ئوقيا ئوقلىرى ئۇچۇشقا باشلىدى، ياۋ سېپىدە ئاتتىن دومىلاپ چۈشكەنلەر، ئات بىلەن بىللە يېقىلغانلار كۈرۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئارىلىق بارغانسىرى قىسقارماقتا ئىدى.
        - ئاتلىنىڭلار، - مىراز باباقبەگ قىسقا ساپلىق شەمشىرىنى بۇلاڭلىتىپ، ئات سالدى. بۇنىڭ بىلەن باشقىلارمۇ ئۇلارغا ئەگەشتى-دە، ئىككى قۇشۇن كىشلىرى ئارىلىشىپ جەڭ قىلىشقا باشلىدى. يىراقتا ئۇلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنى كۈرۈپ تۇرغان ئابدۇللا خان نەۋرىسى ئەبەيدۇللا سۇلتاننىڭ يەڭگىلتەكلىك قىلىپ ياۋ سېپىگە ئات سالماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قەدەمدە بىر غىلام - غىلام قاراپ قويغاچ، جەڭ ئەھۋالىنى كۈزىتۋاتاتتى. تۇيۇقسىز سىڭگى قۇشۇنى ئارقا تەرەپكە ئاستا- ئاستا سۈرۈلدى- دە، ئاللىقانداق ۋارقىراشقان ئاۋازلار بىلەن تەڭلا ئات چاپتۇرۇپ چىكىنىشتى.
        - بولدى، قوغلىماڭلار، قايتىپ كىلىڭلار، بىكار ياۋنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالمايلى، - دەپ ۋارقىرىدى مىراز باباقبەگ. شۇنىڭغىچىلىك جەڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ تۇرغان ئابدۇللاخانمۇ ناغرا چالدۇرۇپ لەشكىرى بەلگە بەردى.
        - ئۇلارنىڭ قاچقىنى راسمىدۇيا، - سۇرىدى ئابدۇللا خان قان تېمىپ تۇرغان شەمشىرىنى قىنىغا سالماستىن، ئات چاپتۇرۇپ كەلگەن مىراز باباقبەگدىن.
        - ئۇلارنىڭ يېڭىلگىنى يالغان ئەنھەزرىتىم. كىچىدىكى تۇيۇقسىز زەربىدە ئىغىر تالاپەت تارتتى. شۇڭا بىزنى سىناپ باقماقچى بۇلۇپ ھۇجۇمغا ئۆتكەن بۇلسىمۇ. بىزنىڭ ھەمدەيچى قۇشۇنىمىز بار-يۇقلىقىنى بىلەلمەي چىكىندى. ئۇلارمۇ بىكاردىن-بىكار ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدىغان پەرۋانە ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇش دىگەننىڭ «تۇققۇزى رەڭ، بىرسى جەڭ» ، يىڭىلگەن بۇلۇپ، بىزنى قىلتاققا دەسسەتمەكچىمۇ تېخى ،كىم بىلىدۇ ؟!
        شۇ ئەسنادا ئولارنىڭ يىنىدىن كۈچەت پالۋان ئۈتۈپ قالدى. مىرزا باباقبەگ ئۇنى كۆرۈپ چاقىردى.
       - بۇ يەرگە كەلسىلە پالۋان. مەسلىەھەت قىلىدىغان ئىش بار.-ئۇ سۆزلىگەچ ئاتتىن چۈشتى -دە ئۆزىگە يېقىنلاپ كەلگەن كۈچەت پالۋاندىن سورىدى . -بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ نېرىسى قانداق يەر؟
       -بۇ يەرنىڭ يۇقارقى تەرىپى ئۈچ-تۆت ئادەم قاتارلىشىپ ئاران ماڭالايدىغان يارلىق، مويسىپىتلار نىڭ دىيىشچە ، ئىككى-ئۈچ يۈز يىل مۇقەددەم غايەت زۇر كەلكۈن كىلىپ پەيدا بولغانمىش .
        -بۇ تەرىپىچۇ،-ئۇ يان تەرەپنى قولى بىلەن ئىشارەت قىلدى. -ئۇ يەردىمۇ ئوخشاش، ئەمما يارلىقنىڭ ئۇ تەرىپى ئىگىز تاغ، پەقەت بىرلا ئادەم ئاران ماڭالايدىغان يول بار. بۇنى ئاڭلىغان مىرزا باباقبەگ كىچىك بالىدەك بىردىنلا ۋاقىرۋەتتى.
        -دەرھال ناغرا چېلىڭلار، قۇشۇن دەرھال يىغىلسۇن . قۇشۇن باشلىرى بۇ يەرگە كەلسۇن.
       بۇيرۇق بىردەمدىلا ئۇرۇندالدى مىرزا باباقبەگ قۇشۇن باشلىرىغا بىر قاتار يوليۇرۇقلارنى بەرگەندىن كىيىن، كۈچەت پالۋان بىلەن ئىككى يۇزدەك لەشكەرلەرنى باشلاپ سىنگىنىڭ كەينىدىن قۇغلاپ ماڭدى، ئۇلار بىر ئاشپىشىم يۇل يۈرۈپ ، غەربى جەنۇپ تەرىپى بىر-بىرىگە باش قۇيۇپ ئوخلاپ قالغاندەك كۆرىنىدىغان تاغلارنىڭ يانتۇ تەرىپىدە بارگاھ قۇرۇپ ئەمدىلەتىن ناشتا قىلىشقا تۇتۇنغان ياۋنىڭ يىنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. بۇنى كۆرگەن ياۋ لەشكەرلىرى نىمە قىلىشىنى بىلەلمىگەندەك سەل تىڭىرقاپ قېلىشتىيۇ، ئەمما ناھايىتى تىزلىكتە ئاتلىرىغا مىنىشتى. مىرزا باباقبەگ ئوڭ قولىدىكى قىسقا ساپلىق قىلىچنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ھۇررا توۋلىغىنىچە ئېتىلدى. بۇنى كۆرگەن سىمىز، غۇلۇسقىنە كەلگەن، مەڭزىدىن قان تەمچىپ تۇرغاندەك كۆرىنىدىغان ياۋ سەركەردىسىمۇ، ئۆز لەشكەرلىرىنى «جەڭگە ئاتلىنىڭلار» دىگەندەك ئۇزۇن، ئايسىمان قىلىچنى ھاۋادا پۇلاڭلاتقىنىچە ئات چاپتۇرۇپ كەلدى. مىرزا باباقبەگ تۇيىقى يەرگە تەگمەي چېپىۋاتقاندەك كېتىۋاتقان قارا گىر تۇلپارىنىڭ بېشىنى سىڭگىنىڭ ئېتىغا روبىرۇ قىلدى. ئىككى ئاتنىڭ بېشى يېقىنلىشا-يېقىنلاشمايلا ئىككى سەركەردىنىڭ قىلىچلىرى بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ، ھاۋادا چاقماق چېقىلغاندەك «پاللىدە» ئۇچقۇن چاچرىدى. ئۇلار ئاتلىرىنىڭ بېشىنى بۇراپ، يەنە بىر مەرتەم يېقىنلاشتى-دە، قىلىچۋازلىق قىلىشقا باشلىدى. قىلىچلار گاھ بېشىنى، گاھ بوينىنى، بەزىدە يۈرەكنى نىشانلاپ ئۇرۇلاتتى.ئەمما ئۇلار چەبدەس ھەركەتلەر بىلەن بىر-بىرىنىڭ زەربىسىنى توسۇۋالاتتى. ئىككى سەركەردە خېلى ھەملە قىلىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككەيلەن ئەلەم ماھارىتىگە پىشقان سانغۇنلار بولغاچقا، بىر-بىرىگە ئەجەللىك زەربە بېرەلمىدى. شۇ چاغدا مىرزا باباقبەگ لەشكەرلىرىدە تالاپەتنىڭ ئېغىر بۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىتنىڭ بېشىنى بۇرۇغاچ ۋارقىرىدى.
        -چىكىنىڭلار، تىزدىن چىكىنىڭلار. . . بۇيرۇقنى ئاڭلىغان لەشكەرلەر تىزلىكتە كەينىلىرىگە ياندى. بۇنى كۆرگەن سىڭگى قەھرى بىلەن توۋلىدى.
        -قىرىڭلار، بىرىمۇ ئامان قالمىسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرەيلى...
        مىرزا باباقبەگ ۋە ئۇنىڭ لەشكەلىرى ناھايىتى تىزلىكتە قاچماقتا ئىدى. تۈن يېرىمىدىكى ۋە بايامقى جەڭدە ئېچىنىشلىق چىقىم تارتقان سىڭگىنىڭ بىردىنلا قېنى قىزىپ كەتكەچكە، ئېتىنى ھەدەپ تېقىمىداپ قوغلىماقتا ئىدى.ئۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇن ماڭدى-دە، كۆچەت پالۋان بايام چۈشەندۈرگەن مەنزىلگە يېتىپ كېلىپ، ئاتلىرىنىڭ بېشىنى قوغلاپ كېلىۋاتقان سىڭگىنىڭ قوشۇنى تەرەپكە بۇرۇدى. دەل شۇ چاغدا يارلىقنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن تاشلار«گۈلدۈر-غاراس» قىلىپ، تۈۋەنگە دۇملاشقا، ئوقيا ئوقلىرى ئۇچۇپ كىلىشكە باشلىدى. بۇنى كۆرگەن سىڭگى ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئېتىنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇرىدىيۇ، ئەمما بايام كەلگەن يېرىدە خۇدا بەردى بەگ بىلەن ئىسكەندەر پالۋان قوشۇنلىرىنىڭ ئۆز لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىنى تېقىمداپ، شۇ تەرەپكە ئات سالدى.ئ ەمما سىڭكى لەشكەرلىرى ھەر قانچە كۈچەنگەن بىلەنمۇ كىرىش چىقىش ئېغىزى تۇسۇۋېلىنغان، ئىككى تەرەپتىن تاشلار دۇمىلاپ، ئوقيالار ئېتىلىپ تۇرغاچقا، سىڭگى قوشۇنىنىڭ تالاپىتى ئېغىر بولماقتا ئىدى.جىلغا ئىچى ئاتلارنىڭ كىشىنەشلىرى، لەشكەرلەرنىڭ ئاھۇ-زارى بىر ئالغان بولۇپ، ئىگىسىز قالغان ئاتلار قالايمىقان چېپىپ، جەڭ مەيدانىدا ئېغىر ساراسىم پەيدا قىلماقتا ئىدى. سىڭگى ھېلى مىرزا باباقبەگ تەرەپكە، ھېلى خۇدا بەردى ھاكىمبەگ تەرەپكە ئات سېلىپ، بىرەر يوچۇق ئېچىپ، ھاياتلىق ئىزلەشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، ئەمما مۇداپىيە چىڭ، ھۇجۆم قاتتىق بولغاچقا، ئاخىرقى ئۈمۈتلىرىمۇ سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكتەك تۇزۇپ بارماقتا ئىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۇرتتىن باشلاپ چىققان بەش مىڭ ئاتلىق قوشۇنىدا ئۈچ-تۆت يۈزدەك ئادەم قالغان بولۇپ، بۇ ھەل ئۇنى قاتتىق ئازاپلىدى. سىڭگى يۈرەك باغرىنى تىلىپ ئۆتكەن ئاجايىپ بىر خىل ئاچچىق سىزىم بىلەن قاتتىق ۋارقىرىدى.
        - ئالغا... ئالغا. . . مەن بىلەن ئالغا... سىڭگى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېتىنى تېقىمدىدى. ئات كۈچلۈك زەربىدىن چۈچۈپ، ئالدى ئىككى پۇتىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىلغۇدەك شۇنداق قاتتىق كىشىندى-دە، جىرادا ئەكىس سادا پەيدا قىلغاندىن كېيىن، بىردىنلا خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ سېپىگە قاراپ ئېتىلدى. سىڭگى ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى خانلىق لەشكەرلىرىگە زەرىپ بىلەن قىلىچ ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىنى قالايمىقان قىلىدى-دە، ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كەلگەن لەشكەرلىرى بىلەن قۇرشاۋنى بۇزۇپ چىقىپ، ساداقتىن ئايرىلغان ئوقتەك ئالغا قاراپ ئېتىلدى.
       - قوغلاڭلار، ئۇلارنىڭ بىرسىنىمۇ قويماي قىرىپ تاشلاڭلار... مىرزا باباقبەگ شۇئان بۇيرۇق بەردى. خۇدا بەردى ھاكىمبەگ بىلەن ئىسكەندەر پالۋان بۇنى ئاڭلاپ، ياۋا لەشكەرلىرىنىڭ كەينىدىن ئات سالدى.
        ئەنە شۇ ئۇرۇشتا ئابدۇللاخان بىلەن يەركەندىن كېرىيەگە كېلىپ، جەڭگە بىۋاستە قاتناشقان «تارىخى رەشىدى زەيلى » نىڭ ئاپتورى شاھ مەخمۇد جوراس ئۆز خاتىرىسىگە «شۇنداق قاتتىق جەڭ بولدىكى قىلىچ، نەيزىلەرنىڭ ئاۋازلىرىدىن، جەڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ گۈپۈرلىشىدىن تاغلارمۇ ئەندىشە قىلىپ، ئۆز ئورنىدىن يۆتكىلىپ كەتكۈدەك بولدى» دىگەن قۇرلارنى پۈتتى.

     10

     بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا نۇسرەت قازانغان ئابدۇللاخان ئىككى ئۈچ كۈنلەردىن كېيىن، كېرىيەنىڭ ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگە قايتىپ كېلىپ ئورۇنلاشتى. شۇنىڭغىچىلىك ياۋنى قوغلاپ ئويتوغراقنىڭ جاڭگاللىقلىرىدا، كېرىيە بىلەن نىيە ئارسىدىكى سايدا ئاراملىق بەرمەي، ياۋنىڭ قاچقان لەشكەرلىرىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى يوقىتىپ كەلگەن خۇدا بەردى ھاكىمبەگ بىلەن ئىسكەندەر پالۋانمۇ، نىيىگە ئالدىن ئالا چىقىپ كەتكەن يولۋاسخانمۇ قايتىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ ھاكىمبەگلىك مەھكىمىسىگە ئۇرۇنلىشىپ، ئەتسى لەشكەر باشلىرى ۋە ئۇرۇشتا ئەجىر تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنىڭ جىمسىنى جەم قىلدى-دە، ئۇرۇشتا ئەجىر تۆھپە كۆرسەتكەن سانغۇن لەشكەرلەرگە ئىنئام بېرىشتى.ئۇرۇشتا خان قوشۇنىغا ھەمدەم بولۇپ، نۇسرەت قازىنىشقا يار-يۆلەكتە بولغان كۆچەت پالۋان، ئىسكەندەر پالۋان، بىجەن پالۋانلارغا يەر، سۇ سۇيۇرغال قىلىپ بېرىپ، ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات مىراس قالدۇرۇشنى، ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى، يۈز بېشى، تۈپ بېشى، ئون بېشىلارنىڭ جەڭدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن زىممىسىدىكى باج-سىلىقنى ئېلىپ تاشلاشنى جاكارلىدى.
        ئەنە شۇ ئىشلاردىن ئىككى كۈن كېيىن، ئابدۇللاخان خۇدا بەردى ھاكىمبەگنىڭ تەكلىۋى بىلەن كۆككۆز ۋە تۇقۇچاقلىققا ئوۋغا چىقتى.ئۇلار كەچ پىشىمگىچە تۇلۇمدەك سىمىز ئاتلىرىنى چاپتۇرۇشۇپ، تۇشقان، تۇلكە دىگەندەك نەرسىلەردىن ئوندىن ئارتۇقراقنى ئولجا ئالدى- دە، كۆز باغلىنىشتىن بۇرۇن ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن قايتىشتى.مەيىن شامال يۈزلەرگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، بىر خىل تەرىزدە تىزگىن سىرىلىپ كېتىۋاتقان ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن كۈتۈرۈلگەن تۇپا- چاڭ ئاستا- ئاستا ئۆرلەيتتى.
       بۈگۈن ئابدۇللا خاننىڭ كەيپى خېلىلا كۈتۈرلۈپ قالغان بۇلۇپ، بەزىدە ھەمراھلىرىغا چاقچاق قىلسا، بەزىدە قايسى بىر ناخشىغا ئۆزىچىلا غىڭشىپ كېتەتتى. ئۇلار قۇيۇق قۇمۇچ ئۆسكەن جاڭگاللىقتىن ئۈتۈپ، ئۆ يەر بۇيەردە سېسىق سۇ يىغىلىپ قالغان شورلۇقنى كەينىگە تاشلاپ مەھەللىگە ئۇلاشتى.خان يول بۇيىدئكى كۈز كەلمەستىنلا غازاڭلىرى سارغىيپ قالغان دەرەخلەرگە، ئوسساپ قاغچىراپ كەتكەن يەرلەرگە قاراپ، خۇدا بەردى ھاكىمبەگدىن سۇئال سۇراشقا تەمشەلگەندە، يېقىنلايەردىن ئاللىكىملەرنىڭ ۋاقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
        -ئادەم بارمۇ؟، تىز كىلىڭلار، خۇن تۈكۈلدى....ئادەم ئۆلدى. بۇنى ئاڭلىغان خان ئاۋاز چىققان تەرەپكە ئات سالدى.باشقىلارمۇ خانغا ئەگەشتى.ئۇلار يولنىڭ بۇيىدىكى قۇچاق يەتمەيدىغان سۈگەتنىڭ كەينىدىكى ئاچا يولدىن قايرىلىپ، ئاۋاز چىققان يەرگە يېقىنلاشتى.
        -سىلى تۈرۈپ تۇرسىلا ئەنھەزرىتىم.مەن ئەھۋالنى ئۇقۇپ كىلەي، -دىدى خۇدابەردى بەگ ئالدىراپ ئادەملەر ئولۇشۇۋالغان تەرەپكە ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ ماڭغىنىچە. ئابدۇللاخان ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇل كۆرگەندەك ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتتى، بۇنى كۈرۈپ باشقىلارمۇ توختاشتى، ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا، خۇدابەردى بەگمۇ قايتىپ كەلدى.
       -نىمە ئىش بوپتۇ؟ -، سورىدى ئابدۇللا خان ئالدىراپ.
        -سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپتۇ. بىر دېھقان تۇغۇمنى چېپىۋېتىپسەن دەپ يەنە بىرىنى يارلاندۇرۇپتۇ
       -ئەھۋال ئېغىر ئەمەستۇ ؟
       -ياق، ئىغىر ئەمەسكەن. ئۇلارنى ئەتە ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگە بارىسىلەر دەپ قويدۇم.
        -ھىم... بۇ يەردە داۋاملىق مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بىرەمدۇ.؟ مەن دىمەكچى، كېرىيەدە سۇ قىسمۇ ؟ -شۇنداق ئادالەتپاناھىم ،كېرىيەدىلا ئەمەس، چىرىيە نىيالاردىمۇ سۇ قىس. بەزىدە دېھقانلار ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى قاپاق، سوغىلاردا سۇ تۇشۇپ تىرىدىغان ئىشلارمۇ بۇ يەردە كۆپ.
       -بۇنىڭ ئامالىنى قىلسىڭىز بۇلمامدۇ ھاكىم بەگ، قارىسام قىريا دەرياسىنىڭ سۈيى خېلىلا بار ئىكەن. ئۆستەڭ،ئېرىقلارنى ئېلىپ سۇنى كۈپەيتىپ، بىنام ئاچساقمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ؟
        -بۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن، بۇ جەھەتتە خېلى كۆپ ئويلانغان بولساممۇ، ئەمما بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم، ئادالەتپاناھىم. يارلىق قىلغان ئىكەنلا، بۇ ئىشنى چۇقۇم ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلايمەن.
        -ئەتە ھەممىمىز ئۆستەڭ ئېلىنىدىغان ئۇرۇننى كۆرۈپ بار مەسلىھەت بىر ئىش قىلايلى، - ئابدۇللاخان سۆزلىگىنىچە ئېتىنى دىۋىتتى،- چۇھ، جانىۋار. چۇھ...

     11

        خانە ئىچىنى ئېغىر سۈكۈناتلىق قاپلىغان بۇلۇپ، چىۋىن ئۇچسىمۇ ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە جىمجىت ئىدى. ئابدۇللا خان ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان ئوغلى شاھزادە يولۋاسخانغا قاراپ قۇشۇمىنى تۈرگىنىچە ئولتۇراتتى.
       -شۇنداق قىلىپ ئەتە يولغا چىقاي دەۋاتامسىز ئوغلۇم ؟- خان خاس خانىدىكى بۇرۇختۇرمىچىلىققا بەرداشلىق بىرەلمىگەندەك ئاخىرى ئېغىز ئىچىپ، -بۇ يەردىكى ئىشلارمۇ ئاساسەن بىر يەرگە باردى. مەنمۇ پات ئارىدا ئوردىغا قايتىمەن. شۇ چاغدا بىرگە قايتىساق بۇلمامدۇ ؟
       -بولسىغۇ شۇنداق قىلساق بۇلاتتى خان ئاتا، ھېلىمۇ قەشقەردىن چىققىنىمغا خېلى ۋاقىت بولدى. ئۇ يەردە قانداق ئىشلار يۈز بەردى، كەمىنە ئوغۇللىرى خەۋەرسىزمەن...ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەل-رەئىسيەتنىڭ خىزمىتىنى تاشلاپ، بۇ يەردە تۇرىۋەرسەممۇ قاملاشماسمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
       - ئوبدان بۇلۇپتۇ ئەمىسە ئىختىيارىڭىزچە بولسۇن .

     ( ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.