توخۇ پاچىقى ( ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان )

يوللىغۇچى : zohragul omer يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-15 14:33:36

توخۇ پاچىقىئابباس مۇنىياز تۈركىيقانيىللار ئۆتۈپ، ياش ئۇلغايغانچە، قىسمەتلەر ھېكايەتكە ۋە بەزىلىرى ھېكمەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، چاچقا ئاللىقاچان ئاق كىرگەن، سىدام يۈزلەرگە قىسمەت...



     

    توخۇ پاچىقى

    ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان

    يىللار ئۆتۈپ، ياش ئۇلغايغانچە، قىسمەتلەر ھېكايەتكە ۋە بەزىلىرى ھېكمەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، چاچقا ئاللىقاچان ئاق كىرگەن، سىدام يۈزلەرگە قىسمەت گۈللىرىنىڭ ئىزناسى _ تۇنجى قورۇقلار ئىز سېلىپ ئۈلگۈرگەن بولىدۇ. ئاتىسىنى چۆرىدەپ ئولتۇرىدىغان تۈنۆگۈنكى بالا، بالىلىرى ئورىۋالغان بۆگۈنكى ئاتىغا ئايلىنىدۇ. كۆيۈم تاماسىدا ئەركىلەيدىغان ئوغۇل، كۆيۈنۈش ئىستىكىدە تىپىرلايدىغان يىگىتكە ئۆزگىرىدۇ. ھەر قېتىملىق داستىخاندا بۇ خىل تەبىئىي ئۆزگىرىش تېخىمۇ ئېنىق بىلىنىدۇ. بۆگۈن مەن، ئۆزۈمدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلغاندەك بولدۇم.

    _ توخۇنىڭ ماۋۇ تۆش گۆشىدىن جىق يەڭ ئوغلۇم، ئەقىللىق ئادەم بولىسىز، _ دېدى ئايالىم، ھەدېگەندە قۇرۇق چاي ئىچىپلا ئولتۇرغاندىن باشقا ھېچنېمە يېگىلى ئۇنىمايۋاتقان ئوغلۇم تۈركىيزادقا، بازاردىن ئېلىپ كەلگەن پىششىق توخۇنىڭ تۆش گۆشىدىن بىر پارچە تەڭلەپ.

    __ ياق، يېمەيمەن!

    _ ئەمىسە، ماۋۇ پاچاقنى يەڭ.

    _    ياق! _ ئۇ، يۈزىنى يانغا بۇرىغاچ، ئارقىغا چىكىنىشكە باشلىدى، _ نەگىلا بارسا توخۇ پاچىقى!.....

    دەرۋەقە، يېقىندىن بېرى تېز تاماقخانا، ئاشپۇزۇل ۋە رېستۇرانلاردا توخۇ پاچىقى كۆپىيىپ قېلىۋاتقاندەك قىلاتتى. 

    _ ئۇنداقتا، ماۋۇ قاناتنى يەڭ، قانات چىقىرىپ، يىراقلارغا ئۇچىدىغان بولىسىز، _ ئايالىم، قولىدىكى توخۇ پاچىقىنى تاشلاپ، ئوغلۇمغا قاناتتىن بىرنى تەڭلىدى.

    _ يېمەيمەن! _ ۋارقىراپ تۇرۇپ رەت قىلدى ئۇ، _ قانات يېسە ئۇچىدۇ دېگەن يالغان. مەسىلەن، نەگە ئۇچىمەن؟ سۈن ۋۇكۇڭدەك بۇلۇتقا چىقالىسام، ئايغا چىقالىسام ھىساب.

    _ بۇلۇتقا چىقالمىغان بىلەن، ئاچىڭىزدەك ئۇچۇپ، شاڭخەيگە، ئامېرىكىغا بارالايسىز.

    _ ئامېرىكىغا ئۇچسام ھىساب ئەمەس، ئايغا چىقالىسام ھىساب!

    _ بىزنىڭ مۇئەللىمنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئايغا چىققان ئۇچقۇچىلارنىڭ ھەممىسى كىچىكىدە توخۇ پاچىقى يېگەن بالىلاركەن، _ تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن قىزىم، ئۇكىسىغا گۆش يىگۈزۈش مەقسىتىدە يالغان گەپ قىلغىنى ئۈچۈن، ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى،  _ ئۇلار چوڭ بولۇپ ئايغا چىقىدىغان چاغدىمۇ يەنە ناھايىتى كۆپ توخۇ پاچىقى يەيدىكەن. سەنمۇ چوڭ بولغىچە توختىماي توخۇ پاچىقى يېسەڭ، چوڭ بولغاندا ئاندىن ئايغا چىقمامسەن، دۆت!

    _ ئۆزۈڭ دۆت. ھازىرلا، يەپ بولۇپلا چىقسام ھىساب! _ ئۇ يەنە تەرسالىق قىلىشقا باشلىدى.

    قورسىقىمنىڭ ئاچلىقىدا، ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئەمدى نېرۋام ئۆرلىدى. ئوڭ قۇلۇمنىڭ شاپىلىقىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ، چىشلىرىمنىڭ ئاراچلىرىدىن شۇنداق دېدىم :

    _ سېنى ئايغا چىقىرىدىغان بىر نەرسە بار، مانا ماۋۇ، _ مەن سۆزلىگەچ، ئالدىمغا سىلجىدىم، _ مۇشۇنىڭ بىلەن قۇلاق تۈۋىگە بىرنىلا قويسام، ئۇدۇل ئايغا چىقىسەن!

    _ يەنە ئۇرغىلىمۇ؟ _ ئۇ، داستىخاندىن نېرى قېچىپ تۇرۇپ سۆز ياندۇردى، _ تاپشۇرۇق ئىشلىمىسىمۇ، ئۇرىمەن دېگەن. تالادا ئوينايمەن دېسىمۇ، ئۇرىمەن دېگەن. تاماق يېمىسىمۇ، بىرنى قۇيىمەن دەپ.....

    ئۇ گەپ يەيدىغاندەك ئەمەسىدى.    

    _ بەزى بالىلارغا يەي دېسە يوق. بۇ شۇمتەك....

      مۇشۇ گەپنى دەۋېتىپ، خېلى چوڭ بولغان چاغلىرىمدا دادامنىڭمۇ ماڭا مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى تۇيۇقسىزلا ئەسكە ئېلىپ قالدىم. « بەزى بالىلارغا يەي دېسە يوق.... » دەيتتى دادام، بىرنەرسە يېمىگەنلىكىمدىن قاقشاپ، لېكىن ئۇرمايتتى. قارىغاندا، « دادىسىغا قىلغاننى، بالىسىدىن كۆرىدۇ » دېگەن گەپ راست ئوخشايدۇ. مەنمۇ قىلغانلىرىمنى بالامدىن كۆرۈۋاتسام كېرەك.

    مەن چاقماق تېزلىكىدە مەرھۇم دادامنى، ئۇنىڭ كۆيۈمچان سماسىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ ئۈلگۈردۈم. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا، ئوغلۇمنى ئۇرۇش نىيىتىمدىنمۇ يېنىپ قالدىم.

    _ بەزى بالىلارغا يەي دېسە يوق.... _ بايىقى گېپىمنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدىم مەن.

    _ كىمنىڭ يەيدىغان نەرسىسى يوق ئىكەن؟ _ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا بېرىۋېلىپ گەپ قىستۇردى ئۇ، _ بىزنىڭ مۇئەللىم: ھازىر تۇرمۇش بەك ياخشى. ھەرقانداق ئادەمگە نېمە يەيمەن دېسە، شۇ  بار، دەپ سۆزلىدىغۇ ئەمىسە؟

    _ مۇئەللىمىڭ شۇنداق دېدىمۇ؟! _ مەن ئىختىيارسىز ھالدا جىمىپ قالدىم، _  مۇئەللىم شۇنداق دېگەن بولسا، دېمەك..... _ ئېغىزىمنىڭ ئۇچىغا كەلگەن گەپنى يۈتۈۋېتىپ، باشقا بىر گەپنى قوشۇپ قويدۇم مەن، _ بىزنىڭ مەكتەپتە، پۇل تىجەيمەن دەپ، كۈندە ئۈچ ۋاق قۇرۇق نانلا يەپ، ماغدۇرسىزلىنىپ يىقىلىپ قالىدىغان بالىلار كۆپ. ئېست، مۇشۇ گۆش شۇلارغا بولسىچۇ. مۇئەللىمنىڭ دېگەن گېپىنى قاراڭ، ھەممىلا ئادەم بېيىپ كەتكەن ئىش نەدە بار؟ يېزىلاردا كۈندە ئىككى ۋاق تاماقنى ئاران تېپىپ يەيدىغان دېھقان ساماندەك. ئائىلىلىكلەر رايونلىرىدا يېگىدەك ئېشى يوق، قۇتقۇزۇشنى كۈتۈپ تۇرغانلار كۈرمىڭ. يەنە نېمە دەپ؟....

    _ بولدى، بولدى قىلىڭ. كىچىك بالىنىڭ ئالدىدا.... _ ئايالىم نېمىدىندۇر ئەنسىرەپ، مېنى جىملەشكە باشلىدى. يېقىندىن بېرى ئۇ بەكلا سەزگۈرلىشىپ كەتكەنىدى.              

    بالامنى ئۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايتتى. كۆڭلۈمدىكىنى دېيىشىمگە ئايالىم ئۇنىمايۋاتاتتى. تاماق يېمەيدىغان بۇ بالىنى قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى؟! تامىقىمنى تېز- تېز يۈتۈۋەتتىم. تىلىمنىڭ ئۇچىغا يەنە بىر گەپ كېلىۋاتاتتى...

    يېڭىدىن سىنىپ مۇدىرى بولغان چاغلىرىم ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ئۆزگىرىشلىرىنى، ئۆگىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا ئائىلە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش تەلەپ قىلىناتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن مەن نېمىشقىدۇر، ئائىلىلەرگە بېرىشتىن باش تارتاتتىم. ئارىلاپ بارغان ھالەتتىمۇ ناھايىتى بىئاراملىق ھىس قىلاتتىم. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، سىنىپىمدىكى بىر ئوقۇغۇچى يالغۇز ۋاقتىمنى تېپىپ: « دادام سىلىنى كەچتە ئۆيگە كېلىپ كەتسە دەيدۇ » دېدى تارتىنىش بىلەن. ماقۇل بولدۇم. دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىنىڭ ئادەمنىڭ تىلىنى قىسقىدەك نېمە ئىشى بولاتتى؟

    كەچتە يەنە بىر جىددىي ئىشىم چىقىپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، ۋەدەم بويىچە، ئاۋۋال ئوقۇغۇچىمنىڭ ئۆيىگە باش تىقىۋەتمەكچى بولدۇم. ئۇ دەپ بەرگەن مەھەللىگە باردىم. بىراق، شۇنچە ئۇزاق ئىزدەپمۇ ئۇنىڭ ئۆيىنى تاپالمىدىم. راستىمنى دېسەم، بۇ يەردىن بىرەر ئادەمنىڭ ئۆيىنى تېپىش مەڭگۈ مۈمكىن ئەمەستەك بىلىندى ماڭا. ئۆيلەر بەك قالايمىغانىدى. ئەزەلدىن بۇنداق ۋەيرانە مەھەللىنى كۆرۈپ باقمىغانىكەنمەن: ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى خام كېسەكتىن سېلىنغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپۈنچىسى سۇۋالمىغانىدى. ھويلىلار بورا ياكى تاشلاندۇق شاللاردىن توسۇپ ياسالغان بولۇپ، خۇددى قوي قوتانلىرىغا ئوخشايتتى. ئۆي بىلەن ئۆي ئارىلىقىدىكى يول شۇ قەدەر تار ئىدىكى، ئىككى ئادەم ئۇدۇل كېلىپ قالغۇدەك بولسا، بىرى جەزمەن يېنىچە تۇرۇپ بەرمىسە، يەنە بىرى ئۆتەلمەيتتى. يەنە كېلىپ بۇ يول تار بولۇپلا قالماي، سويلاپ كېتىۋاتقان يىلاندەك ئەگرى- بۈگرى ئىدى. ئايىقى نەدىن چىقىدۇ، نەگە بېرىپ توختايدۇ.... بىلىپ بولمايتتى. ئۇنىڭ پوق-سۈيدۈك، يۇندا-چاقانلار بىلەن تولۇپ، ماڭغۇسىز بولۇپ كەتكەنلىكى ئادەمنى تېخىمۇ بىزار قىلاتتى.....

    كىرمەكچى بولغان ئۆينى تاپالمىغانسېرى، بۇ مەھەللە كۆزۈمگە شۇنچە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى. تۇرۇپلا، كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم. ئۆز ئىشىمنى قىلىۋەرسەمچۇ دەپ ئويلىدىم.

    نېمىلا بولمىسۇن، بىرمۇنچە بالىلاردىن سوراشتۇرۇپ يۈرۈپ، كىرىدىغان ئۆينى ئاخىرى تاپتىم.

    _ كېلىپ بولغۇچە ھېرىپمۇ كەتكەنلا، موخۇركا چەككەچ ئولتۇرسىلا مۇئەللىم، _ دېدى ئوقۇغۇچىمنىڭ دادىسى، ھويلىسى بورا بىلەن توسۇلغان كونا كېسەك ئۆيگە ئەمدىلا قەدەم بېسىپ تۇرۇشۇمغىلا، _ چاي-پاي چىقىپ بولغۇچە بىرەر ئورامدىن تارتىشقاچ تۇرايلى.

    _ رەھمەت. مەن چەكمەيدىغاندىن.

    _ بىر تارتىپ قويسىلا، ماۋۇ بەك ئاچچىقىدىنتى. گۈپپىدە يۈرەككىلا تېگىدۇ، _ دېدى ئۇ يېنىشلاپ زورلاپ.

    _ راست، ئەزەلدىن چەكمەيمەن.

    ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، پەجمىدۇن كېيىنگەن بىر  ئايال، قىرچىلىپ كەتكەن سۇلىياۋ لېگەندە 3-4 نان، ئۆڭگەن ھىجىر چەينەكتە چاي كۆتۈرۈپ كىردى. ئوقۇغۇچىمنىڭ ئاپىسى بولسا كېرەك دەپ پەرەز قىلدىم. شۇنداق قىلىپ، شال كارىۋات ئۈستىگە سېلىنغان داستىخاندا، بىر خالتا ئاچچىق موخۇركىدىن باشقا، يەيدىغان نەرسىمۇ بار بولدى.

    راستىنى دېسەم، مېھماندارچىلىق بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئاچ قورساق كەلگەنىكەنمەن. شۇنداق تۇرۇغلۇق، تىرىشىپ باقساممۇ بىر توغرام ناننى تۈگىتىپ يېيەلمىدىم. بۇ، نانغا ئۆچلىكىمدىن ئەمەس، بەلكى ناننىڭ شۇ قەدەر غورىگۈللىكىدىن بولىۋاتاتتى. « ئەييۇھانناس! »دېدىم ئىچىمدە، قولۇمغا ئالغان بىر پارچە ناننى ئۆز جايىغا قۇيغاچ، بۇ ئەسىردىكى ئىنساننىڭ تۇرالغۇسىغا ئوخشىتىش زادىلا مۈمكىن بولمايدىغان ئۆينىڭ تۆت ئەتراپىغا تەكشى ۋە تېزلا بىر كۆز يۈگۈرتىۋېتىپ. ئۆي ئىچى ئەسكى- تۈسكىلەر بازىرىدەك غېرىپ ۋە قالايمىقان ئىدى. پۇلغا يارىغۇدەك بىرەرمۇ نەرسە كۆزگە چېلىقمايتتى. تىنىق ئىچىدە شۇلارنى ئويلىدىمكى، ئوقۇغۇچىم مۇشۇ ئۆيدىن بېرىپ ئوقۇپ، قانداق قىلىپ ئوتتۇراھال دەرىجىدىكى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ماڭالىغاندۇ؟

    _ ئاش پىشىپ بولغۇچە، ماۋۇ چايدىن  بىرەر يۇتۇمدىن ئىچىشكەچ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشايلى، _ دېدى ئوقۇغۇچىمنىڭ دادىسى، ئەرزان باھالىق « ئاق قۇناق ھارىقى » دىن بىر بوتۇلكىنى داستىخانغا دوككىدە تىكلەپ. ئۇ ئىچىملىككە ئامراق، ياسالمىلىقتىن خالىي، تۈز ۋە قوپال ئادەمدەك قىلاتتى،  _ دېيىشكىدەك باشقا ئالاھىدە گەپقۇ يوق. كۆرۈپ چۈشۈنۈپمۇ قالدىلا ھەقىچان، قولۇمىز قىسقا بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئەخمەت دېگەننى مەكتەپتىن ئاجرىتىۋېلىپ، نىمكارلىققا سالايمىكىن دېگەن. شۇڭا، سىلى بىلەن بىردەم - يېرىمدەم مۇڭداشقاچ، بىر گەپنى دەپ باقاي دەپ.... ئۆزلىرىنى مۇشۇ ئىشقا بىر ياردەم قىلىپ قۇيارمىكىن دەپ....

    _ بىر ئوبدان ئوقۇۋاتسا بۇ بالا؟ _ ئۇنىڭ نەشىخورنىڭكىدەك كۆكىرىپ كەتكەن چىرايىغا « لاپ » قىلىپ بىر قارىۋېتىپ شۇنداق دېدىم مەن، _ يەنە كېلىپ مېنىڭ قۇلۇمدىن كېلىدىغان ئىش ئەمەس دېسىلە بۇ.

    _ مۇدىرنىڭمۇ كۈچى يەتمەسمۇ؟ _ ئۇ، ھاراق بوتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنى چىشى بىلەن ئېچىپ ئالدىمغا قويغاچ، شۇنداق سورىدى.

    _ بەلكىم ئۇنىڭ كۈچى يېتىپ قالار. لېكىن..... _ قورسۇقىمنىڭ ئاچلىقىدا گەپمۇ خوش ياقمىدى. كاللامدا بولسا كېتىش خىيالىلا ھۆكۈمران ئىدى.

    _ بولدى، بولدى، سىلىنىمۇ خىجىل قىلماي. ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولار. ھازىر ھارىقىمىزنى ئىچەيلىچۇ. قېنى قوللىرى بىلەن ماڭدۇرۇپ بەرسىلە، مۇئەللىم، _ ئۇ، ئالدىمدىكى بوتۇلكا ۋە پىيالىنى ئىما قىلدى، _ مېنى نەزەرلىرىگە ئىلىپ كەلگەنلىرىگە رەھمەت. غورىگۈل بولسىمۇ بىردەم ئولتۇرايلى. ئەمىسە، قۇيسىلا!

    _ مەن ھاراق ئىچەلمەيتتىم، ئاكا، _ ئۆتۈنۈش بىلەن ئۇنىڭغا قارىدىم مەن، _ ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەكلا ئالدىرايتتىم. سىلىنىڭ كۆڭۈللىرىنى دەپلا....

    _ دېمىگەن بىلەن، يەنىلا كۆزگە ئىلمايۋاتىدىلا-ھە، مۇئەللىم؟ _ دېدى ئۇ، ھازىرلا يىغلىۋېتىدىغاندەك ئاۋازدا، تۇمۇشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.

    _ ياق، ئۇنداق دېمىسىلە، _ ئىختىيارسىز ھالدا قولۇمنى كۆكسۈمگە ئېلىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم  مەن، _ بىر ئادەمنى كۆزگە ئىلمۇغۇدەك مەن قانچىلىك ئادەمتىم. ھاراق ئىچەلمەيتتىم. يەنە كېلىپ، بەك-بەك ئالدىراش بىر ئىشىم بارىتى دېسىلە. شۇڭا...

    _ مۇشۇنىڭدىن بىر ئوتلاپ بەرمىسىلە، مېنى مەڭسىتمىدى دەپ قالىمەن، _ ئۇ، ئاتايىتەن ئالدىمغا كېلىپ، ھاراق پىيالىسىنى قۇلۇمغا تۇتقۇزدى، _ خۇدايىم، سىلىنى كادىر، مېنى ئىشسىز يارىتىپ قۇيۇپتۇ.... سىلىدىن خوش بولۇپ قالاي.... _ ئۇ، شۇنداق دەپ ئىككى قولىنى دەرھال كۆكسىگە قويدى ۋە ئارقىدىنلا پىشانىسىگە بىرنى ئۇرۇۋېتىپ دېدى،  _ ۋاي ئانىمەي، گەپ بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، تەييارلاپ قويغان نەرسىنى ئۇنتۇپتىمەن... _ ئۇ، گەپنىڭ قۇيرۇقىنى ئۈزمەيلا سىرتقا قاراپ ماڭدى.

    قورساقلىرىم ۋاژىلداپ ئېچىشماقتا ئىدى. ھاراق بوتۇلكىسىغا بولسا قارىغۇممۇ كەلمەيتتى. ھەرقانچە بولسىمۇ ئىشمەسمىنا بۇ نەرسىنى، دەپ ئويلايتتىم.

    بىردەمدىلا ئۇ، تەخسىگە ئېلىنغان بىر تال توخۇ پاچىقىنى كۆتۈرۈپ كىردى. مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر- بىرىدىن يېشى ئانچە پەرق قىلمايدىغان، قاسماق چىراي تۆت ئوغۇل بالا ئەگىشىپ كىرىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى دادىسىنىڭ قولىدىكى تەخسىدە ئىدى.

    _ ھەرقايسىڭغا نېمە بار بۇ يەردە؟! _ تەخسىنى ئالدىمغا قۇيۇۋېتىپ، كەينىگە ئۆرۈلۈپلا بالىلارنى كۆرۈپ ۋارقىرىدى ئۇ. شۇئان، بالىلار گۈررىدە قېچىپ چىقىپ كەتتى.

    قىسقىغىنە دەقىقىلەر ئىچىدە، كاللامدىن تالاي خىياللار ئەگىپ ئۆتتى. توۋا، ئەتراپىمدا مۇشۇنداقمۇ ئادەملەر بارىكەن-ھە؟!....

    _ قۇيسىلا، مۇئەللىم! _ يەنە بىر قېتىم ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزىدا دېدى ئۇ، _ باشقىچە ئويلاپ قالمىسىلا، بايا سىلى كۆرگەن ماڭقىلار _ ئەخمەتنىڭ ئىنىلىرى. چوڭ بولۇپ بىر نەرسە كۆرمىگەندەك ئىش قىلىدۇ، ئاچ گۇينىڭ بالىلىرى.....

    _ مەن راست ئىچەلمەيتتىم.... _ ئۆز گېپىمدە چىڭ تۇردۇم مەن.

    _ ھەي!.... كۆزگە ئىلمايۋاتىلا، مەڭسىتمەيۋاتىلا-دە، بىزنى!.....

    _ ئۇنداق ئەمەس. بۇ.... _ مەن ئۆزۈمنى زادىلا چۈشەندۈرەلمەيۋاتاتتىم. ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىمنى قانداق ئىسپاتلىغۇلۇق؟

    _ ئۇنداق قىلمىسىلا، مۇئەللىم، _ پىيالە ۋە بوتۇلكىنى يەنە بىر قېتىم قولۇمغا تۇتقۇزدى ئۇ، _ خوتۇن ئاچچىق- چۈچۈك قىلىپ سۇيۇقئاش قىلىۋاتىدۇ. بىر ئايلىنىپ بولغۇچە ئاشمۇ پىشىپ قالىدۇ. بىر قاچا ئىچىۋېتىپ ئاندىن ماڭسىلىمۇ....

    ئۇ، ئاش ھەققىدە خوتۇنىغا بىر نېمە دېمەكچى بولغاندەك، يەنە سىرتقا ماڭدى. خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا، بايىقى تۆت بالا نەدىندۇر پەيدا بولۇپ كىرىپ، داستىخاندىكى تەخسىگە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى.

    _ كەينىڭگە يېنىش! _ دەپ ۋارقىراپ كىردى ئۇ، خۇددى بالىلىرىنىڭ بېسىپ كىرىدىغانلىقىنى بىلگەندەك، ئىشىنى تېزلا تۈگۈتۈپ.

    ئۇزۇندىن - ئۇزۇن تارتىشىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئۇ تېنىمسىز زورلايتتى...

    _ ھە... قۇيسىلا. ئاۋۇ ئالدىلىرىدىكى گۆشتىن تارتىنماي يېسىلە، _ دەيتتى ئۇ.                   

    ئىچىم ئاچچىق بولدى. بۇنچىلىك تەڭقىسلىقتا قويغۇچە، بىر يۇتۇم ئىچىپ بېرەي، ئۆلۈپ قالماسمەن، دەپ ئويلىدىم مەن ھاراق ئىچمەسلىك ئىرادەمدىن يېنىپ.

    شۇ ئەسنادا، ئاچچىق كۆك تاماكا ئىسى ئۆپكىسىگە كەتتىمۇ، ئۇ، قاتتىق ھۆتەلگەن پېتى تالاغا ماڭدى. ئاسماندىن چۈشكەندەكلا، بالىلار يەنە پەيدا بولدى.....

    ئەپ تاپسىلا يۇپۇرۇلۇپ كېلىش، قوغلىسا گۈرۈلدەپ قېچىشلار... كۆپ قېتىم تەكرارلاندى. ئەمدى بەرداشلىق بېرەلمىدىم. قوللىرىمنى قول ياغلىقىم بىلەن سۈرتۈۋەتتىم-دە، پاچاقنى مېغىزدەك، گۈلىدەك قىلىپ پارچىلىدىم.

    _ نېمە قىلىۋاتىلا مۇئەللىم؟ _ ئۇ خىجالەت بىلەن، پارچىلانغان گۆشنىڭ ھەممىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى، _ سىلى يېسىلە. ئۆزلىرىگە ئاتاپ ئالغان نەرسە بۇ....

    _ مەنمۇ يەيمەن، يەيمەن.... _ شۇنداق دېگىنىمچە، گۆشتىن مېغىزدەك بىر پارچىسىنى ئېغىزىمغا سالدىم ۋە شۇنىڭغا ئۇلاپلا، _ بالىلار! _ دەپ توۋلىدىم.

    مېنىڭ قىچقىرىشىمنى ساقلاپ تۇرغاندەك، ۋارقىرىشىم بىلەن تەڭلا بالىلارمۇ يۈگۈرۈپ كىرىشتى.

    _ يەڭلار! _ دېدىم مەن ئۇلارغا قاراپ.

    _ يۇقال، گۇينىڭ بالىلىرى! _ دادا يەنە غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى.

    _ ئۇنداق دېمىسىلە، مەن ئۆز قولۇم بىلەن پارچىلىدىم.

    _ بۇ.... بۇ....

     ئۇ، ئېغىزىنى ئۆمەللەپ قالدى. بالىلار تويدا چاچقۇ تالاشقاندەك تالىشىپ يەپ، تەخسىنى بىكارلاپ قويدى.      

    _ ئىچمىسەم، كۆڭۈللىرىگە كەلگۈدەك. مۇشۇ بىرنى ئىچەي، ئاندىن ماڭا رۇخسەت قىلسىلا، _ دېدىم مەن، پىيالىگە لىققىدە بىرنى قۇيۇپ، _ كۆپ كايىپلا، سىلىگە رەھمەت. ئەمىسە خوشە!

    _ خو....خوشە!... _ ئۇ، تىترەك ئاۋازدا شۇنداق دەپ قوللىنى كۆتەردى-يۇ، كۆزلىرى ئىختىيارسىز ھالدا پارقىراپ كەتتى.

    كۆپ ئۆزرىلەر سوراپ تالاغا چىقتىم. بىرنەچچە قەدەم ماڭا- ماڭمايلا، دادىنىڭ :

    _ ھۇ، نەپسى ئۇپقان گۇينىڭ بالىلىرى، يۈزۈمنى ئەجەبمۇ تۆكۈشتىڭا. بىر يەردىن يەنە قەرز ئالالىسام، سەنلەرنىڭ ژىنىڭنى تويغۇزۇپ قويماسمىدىم؟! _ دەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى.

    ئاچلىقتىنمۇ ياكى ئاچچىق ھاراقنىڭ كۈچىدىنمۇ، قورسىقىمنىڭ ئىچى ئوت كەتكەندەك ئېچىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن تەڭلا كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلەشكەندەك بولدى. دېمىقىمغا قانداقتۇر بىر ئاچچىق سۇيۇقلۇق يىغىلىپ، بۇرنۇمنىڭ تۆشۈكىدىن ئېقىپ چۈشۈۋاتقاندەك بىلىندى. كۈيۈشكەن گېلىمنى قىرغاچ، ئىختىيارسىز ھالدا ئارقامغا قارىدىم. مەن سوغۇرۇلۇپ چىققان تار كوچا كۆز ياشلىرىمدىن تېخىمۇ غۇۋالىشىپ كەتكەنىدى....      

    سەرگۈزەشتىمنى ئەينەن سۆزلىدىممۇ ياكى باشقىچە سۆزلەپ بەردىممۇ بىلمەيمەن. ئەتراپىمغا قارىدىم. مانا ئەمدى، داستىخانغا يۇپۇشۇپ ئولتۇرغان ئوغلۇمنىڭ قولىدا بىر پارچە توخۇ پاچىقى تۇراتتى. دىلى يۇمشاق، ئەمما تاماق تاللايدىغان قىزىمنىڭ كۆزلىرى بولسا لىققىدە ياش ئىدى....

                   

    2010 -يىلى، 14-يانۋار، ئاقسۇ.

    ( « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىدىن ئېلىندى )

     

     

     

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.