دادام بەرگەن ھېيتلىق(مۇھەممەت ئېلى تۇردى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:10:59

دادام بەرگەن ھېيتلىق(ھېكايە)مۇھەممەت ئېلى تۇردى مەن دادامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ئۆيدە بولمىسا:«نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ھەمىشە ئاچىلىرىمدىن سورايمەن. مانا بۈگۈن قوربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتىگە...

    دادام بەرگەن ھېيتلىق(ھېكايە)
    مۇھەممەت ئېلى تۇردى


     
    مەن دادامنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇ ئۆيدە بولمىسا:«نەگە كەتكەندۇ؟» دەپ ھەمىشە ئاچىلىرىمدىن سورايمەن.
       مانا بۈگۈن قوربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى ئەتىگەندىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام، دادام يوق تۇرىدۇ. ئاچىلىرىمدىن سورىسام، ئاچىلىرىم:
    - دادىمىز ھېيت نامىزىغا چىقىپ كەتتى،- دېدى. كىيىملىرىمنى كىيىپ، يۈزلىرىمنى يۇيۇپ، ئىشىكە يېنىش - يېنىشلاپ تەلمۈردۈم. بىر چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ، دادام خوشال كىرىپ كەلدى. مەن ئاچىلىرىم بىلەن بىللە دادامنىڭ ئالدىغا يۈگۈردۈم. دادام:
       - بالىلىرىم، ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! - دەپ ئاچىلىرىمغا 10 كويدىن ھېيتىلىق بەردى. مەنمۇ ئاچىلىرىمنىڭ قاتارىدا دادامغا قاراپ تۇرغىنىمدا، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ:
       - ئوغلۇم، ساڭا پۇل ئەمەس، ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر نەرسىنى ھېيتلىق بېرىمەن، -دېدى.
       مەن ئىچىمدە«شاكىلات ياكى كەمپۈت بولسا كېرەك» دەپ ئويلىدىم - دە:
       - شاكىلات!-دېدىم.
       - ياق!-دېدى دادام بېشىن چايقاپ.
      - كەمپۈت!
       - ياق!
       دادام ماڭا ھەمىشە مۇشۇنداق نەرسىلەرنى ئېلىپ بەرگەچكە، ئانچە قىزىقىپ كەتمەيتتىم.
       - شاكىلات ھەم كەمپۈت بولمىسا، ئەمىسە نېمە ئۇ؟ -دېدىم - دە، سومكىسىدىن يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان «خەيرىلىك كەچ ھېكايىلىرى» دېگەن كىتابنى ئالدى، - مانا بۇ سېنىڭ ھېيتلىقىڭ.
       - ھېكايە كىتاب! -خۇشاللىقتىن ۋارقىراپ كەتكىنىمنى تۇيماي قاپتىمەن. چۈنكى، بۇ كىتابنى مەن ھېيتلىق پۇلۇمغا ئېلىشنى ئويلاپ قويغانىدىم.
      - رەھمەت دادا، - دېدىم - دە، دادامنىڭ بېلىدىن قۇچاقلىدىم، لېكىن غۇلىچىم دادامنىڭ بېلىگە يەتمىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.