توققۇزىنچى رىۋايەت-مۈشكۈلات بىشارىتى ۋە ئىشىقنىڭ ئىشارىتى(چىمەنگۈل ئاۋ

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 01:08:44

توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)چىمەنگۈل ئاۋۇتتۆتىنچى باب مۈشكۈلات بىشارىتى ۋە ئىشىقنىڭ ئىشارىتى يالىڭاچ ئوغول دۇنيانىڭ كۈن-كۈنلەپ قىزىرىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆبجۈپ تۇرغ...



    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل  ئاۋۇت
    تۆتىنچى باب مۈشكۈلات بىشارىتى ۋە ئىشىقنىڭ  ئىشارىتى

     

        يالىڭاچ ئوغول دۇنيانىڭ كۈن-كۈنلەپ قىزىرىپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن ئىشتان كىيىۋالغان ئىدى.ئۇنىڭ كۆبجۈپ تۇرغان مەيدە،بىلەك مۇسكۇللىرىغا ئون سەككىز باھارنىڭ قارلىغاچلىرى ئۇۋا سالغان،بويى تاش ئۆڭكۈر ئالدىدا بىنا قىلغان توققۇز خىل مىۋىلىك باغنىڭ دەرەخلىرى بىلەن قاتارلاشقان ئىدى .كۆزلىرىدە ئوت يېلىنجاپ تۇراتتى.ئاستىدىكى چىن تۆمۈردىن قالغان ئارغىماق ھەر قېتىملىق كىشىنىشدە ئۇنىڭ ۋايىغا يەتكەن يىگىتلىكىگە ئاپىرىن ئېيتاتتى.بەلبىغىدىكى خەنجەر نامەرت-خۇمسىلارنىڭ نەيرەڭلىرىگە بەتلەنگەن ئىدى.چۈنكى ئۇنىڭ بىسىدا قىزنىڭ ئۇنىڭدىن ئالغان ۋەدىسى يالتىرايتتى:
    -ئەركەكلىك -مەردلىك-مەردانىلىق دىمەكتۇر!مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ بەلگىسى بولغان بۇ خەنجەر جېنىڭغا جان بولسۇنكى، دۇشمەنلىرىڭ ئۇنىڭ قەھرىدە يەر بىلەن يەكسان بولسۇن!!!.......

     

    بەلباغدا خەنجەرسەن مېنى سۆيگەن يار،
    بوينۇمدا ساڭىلا ئاتالغان تۇمار.
    باغرىمدا ئىرىسەڭ قىلدەك تولغۇنۇپ،
    تۇلپارنىڭ ئىزىدا رەقىبلىرىم خار.

     

    كۆكتىكى زۆھرەنىڭ تۆكۈلسە يېشى،
    لەرزىدە ئېگىلەر زىمىننىڭ بېشى.
    ئەركەكنىڭ مىھرىگە بۆلەنگەن چاغدا،
    تېرىقتەك چېچىلار پەلەكنىڭ تېشى.

     

        بالاغەت پەللىسىدىكى نەۋقىران چۈشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.ئارغىماق غەزەپ بىلەن يەر تىپىپ كىشىنىدى.ئۇ چۈشىدە گۇگۇم پەيتىدىكى سامادا ئەگىپ يۈرگەن قارا بۇلۇتلارنى،يىراق جاڭگالدا مەشرەپ سېلىۋاتقان ھوۋقۇشلارنى كۆرۈپ قالغان ئىدى... يىگىت بوينىدىكى يۈرەكتاشنى چىڭ سىقتى،ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا باياۋاندىكى پادا توپىغا ئۆزىنى يوشۇرۇپ لەيلىنىڭ جامالىنى بىر مەرتە كۆرۈشكە ئامال ئىزدەۋاتقان مەجنۇن،دەرياغا تاشلانغان ساندۇق ئىچىدە بىھۇش بولغان تاھىر،ئۆز تەقەززاسى بىلەن بىر تامچە قانغا ئايلىنىپ گۈلنىڭ لىۋىگە ساقىغان بۇلبۇل،شېرىننىڭ ۋىسالى ئۈچۈن بازغان بولۇپ تاغقا ئۇرۇلىۋاتقان پەرھاد،سەنەمگە بەرگەن ئىشقى ئۈچۈن پالاندى بولغان غېرىپ،زەينەپنى سۆيگىنى ئۈچۈن شور دەريا بىلەن زەنجىرلەنگەن كاككۇك......تاڭ پەيتىدە ئۇپۇقىنىڭ قان-يېشى بىلەن قوشۇلۇپ ناخشا ئېيتىشقا باشلىدى.

     

    دەردى يوقنى كىسەك دەيمىشلەر،
    ئىشقى يوقنى ئىشەك دەيمىشلەر.
    ئارغىماقنىڭ ئۈستىدە ئاشىق،
    بەلبىغىدا مىڭبىر كەچمىشلەر.

     

    ئايدەك يالغۇز قوڭۇر چاچلىق قىز
    تىلسىملاندى قارا زەنجىرگە.
    نەرە تارتىپ كېلەر بىر يىگىت،
    تىترىكىنى تارىتىپ يەرگە.

     

    توققۇز يىللىق ھېجرۇ بالەر،
    توققۇز قەدەم تۇرار نېرىدا.
    نامەرتلەرنىڭ پۈكۈلدى تىزى
    توققۇز تال كوكولا ئاتقان سالغىدا.

     

       ئەلقىسسە،يىگىت ئاتنىڭ ئۈسىتىگە قوندى.ئارغىماق قارا بوراندەك  ئاياقلىرى بىلەن ئۇنى ئېلىپ دەريالارنى كېچىشكە،ئۇسىتخانغا ئايلانغان بىلىقلارغا مەشۇقنىڭ كۆڭلىدەك سۈزۈلگەن سۇ بېرىشكە،قۇش تىللىرىغا بەنىت قىلىنغان سىھىرنىڭ زۇۋانىنى بىلىشكە ماڭدى.كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان قۇملار شاماللارغا قوشۇلۇپ،نېمىلەرنىدۇر شېۋىرلىغاچ يىراقلاردا قالدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.