گۇناھ-17(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:30:54

گۇناھ(17)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  — ئى كالا بىلەن ئېشەك ئاچ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قارنىغا بىر نېمە بېرىڭلا، ھېلى قاراڭغۇدا قالىسىلە، ئوچاق بېشىدا بىر ئادەم تۇرسا بولار!-دېدى خوتۇنى.   — ھېلى بالىلار كە...



    گۇناھ(17)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


     — ئى كالا بىلەن ئېشەك ئاچ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قارنىغا بىر نېمە بېرىڭلا، ھېلى قاراڭغۇدا قالىسىلە، ئوچاق بېشىدا بىر ئادەم تۇرسا بولار!-دېدى خوتۇنى.

     

      — ھېلى بالىلار كەلسە قىلار، كۈندە ئىككى ۋاق ئېشەك، كالا بېقىپلا ئۆتەمدىم؟!-دېدى نىياز.

     

      — ئەمەل تەگكەندىن بېرى بەك ھورۇنلىشىپ كەتتىڭلا، يېزىغا شاڭجاڭ بولغان بولساڭلا بەنچاڭدىن چۈشمەي يېتىۋالىدىكەنسىلە-ھە!؟ شۇنچىلىك ئىشقىمۇ ئېرىنامسىلە، بالىلارغا قاراپ تۇرغان بىلەن ئۇلار قاچان كېلىدۇ؟! ئۇلاغ ئاچ تۇرىۋەرسە، كۈندىلا قۇرۇق ساماننى يەۋەرسە قىشتىن قانداق چىقىدۇ؟ سىلىغۇ بىرەر كۈن ئىسسىقسىز قالساڭلا ئوچاقنى بېشىڭلىغا كىيگۈدەك قىلىپ، قازان بېشىغا چېپىلىپ، بېشىمنى ئوماش قىلىسىلە، شۇ بىچارە ئۇلاغلار ئاچ-ئۇسسۇز قالسا قانداق چىدايدىغاندۇ دېمەيسىلە!

     

      — بولدى تولا قاينىماڭلا، بالىلارمۇ كەلدى ئەنە!نىيازنىڭ ئون نەچچە ياشلىق ئىككى كەپسىز ئوغلى قويلىرىنى ھەيدەپ ھويلىغا كىردى.

      — تۈزۈككىنە تويماپتۇ بۇ قويلار، سۇ ئىچتىمۇ؟-دېدى نىيازنىڭ خوتۇنى يەنە جىلىخورلۇق بىلەن سۆزلەپ.

      — تويمىغان بولسا ھەلەپ بېرىڭلار، كالىغىمۇ، ئېشەككىمۇ تەڭ ھەلەپ بېرىڭلار، ئاپاڭلار بىر خوش بولۇپ كەتسۇن!-دېدى نىياز.

      — يائاللا، ئىشقا بۇيرىۋېرىدىكەن!-دەپ غۇدۇڭشىدى چوڭ ئوغۇل، ئاندىن ئۇ ئۇكىسىنى ئىشقا بۇيرۇدى،- ماڭە ئۇكام سەن سامان ئېلىپ چىقە!

     

      — ئۆزەڭ ئەچىق، قورقىمەن!-دېدى ئۇكىسى.

      — تازا بىر قورقۇنچاق ماڭقىكەن بۇ، قورقۇپ سېنى بىر جىن يەمدۇ؟! ساماننى مەن ئەچىقسام ھەلەپنى ئۆزەڭ ئېتىسەن!

      — مەن ئېتەلمەيمەن، ئاتام ئەتسۇن.

     

      — ھەي گۇي، ئاكاڭغىغۇ بەس سال، ئەمدى ماڭىمۇ بەس سالامسەن؟! ھەلەپ ئەتمىسەڭ ئەتە بازارلىق پۇل يوق ساڭا، ئاتاڭنىڭ ھازىر زۆرۈر ئىشى چىقىپ قالدى،- نىياز ھاجەتخانىغا ماڭدى.نىيازنىڭ چوڭ ئوغلى سىۋەتنى ئېلىپ سامانلىققا كىردى، ئۇكىسىنى قورقۇنچاق دەپ ئەيىبلىگەن بىلەن بۇ قاپقاراڭغۇ سامانلىققا كىرىپلا ئۆزىمۇ سەل قورقۇپ قالدى، تۆت بۇلۇڭغا ئالاڭ-بۇلۇڭ قارىۋەتتى، قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىۋاتقان كۆزى نېرىقى بۇلۇڭدا كۆتەكتەك قاپقارا نەرسىنىڭ تۇرغانلىقىنى، بۇنىڭ قويمۇ، موزايمۇ ئەمەس بەلكى ئادەمدەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى بايقاپ ئۈلگۈردى، سىنچىلاپ يەنە قارىدى، تۇماق ۋە جۇۋىنى ئېنىق پەرق ئەتتى. ھىدايەت قارى قىمىرلىماي، بېشىنى ئىچىگە تىقىۋېلىپ ئولتۇرغان بولسىمۇ دەككە-دۈككىدە يۈرەكلىرى پوكۇلداپ، چوڭراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، دېمى سىقىلىپ كەتتى، نىيازنىڭ ئوغلى سىۋەتنى تاشلاپ، ھويلىغا قېچىپ:”ۋاي ئوغرى، سامانلىقتا بىر ئوغرى تۇرىدۇ! “ دەپ ۋاقىرىغاندىلا ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ، ھودۇققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي، كاللىسىنى ھېچنېمىگە ئىشلىتەلمەي قالدى؛ ساماننى ئارا بىلەن ئۆرۈپ ئارىسىغا كىرىۋېلىشنى ئويلىدى، لېكىن بۇنىڭدا بەرىبىر تۇتۇلۇپ قالاتتى. نىيازنىڭ خوتۇنى كىچىك ئوغلىنى ئاتىسىنى باغدىن چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپ، ئاندىن چوڭ ئوغلىغا:”ئادەمنى ئالدىما، قېنى كۆرسىتە ماڭا! “ دەپ جاۋىلدىغىنىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتاتتى، سامانلىققا كىرەيلا دەپ قالغانىدى. ھىدايەت قارى ئىشىكنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى، ئانا-بالا ئىشىكتىن ئۇدۇللا كىرىپ:” قېنى-قېنى! “ دەپ قاراپ بولغىچە ئارىنى قولتۇقلاپ ھويلىغا قاچتى؛ لېكىن ئۇچىسىغا ئېغىر ھەم ئۇزۇن جۇۋىنى كىيىۋالغاچقا، پۇتىدىكى پىيمىمۇ قولاشمىغاچقا تېز قاچالمدى، ئۇنىڭ كەينىدىنلا قوغلاپ كېلىۋاتقان نىيازنىڭ خوتۇنى ئوغلىغا ۋاقىرىدى: — تېز بول، دەرۋازىنى تاقىۋال!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.