توغرا نىيەتتە ئۈگۈنەيلى !

يوللىغۇچى : hellolife يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-28 11:39:00

توغرا نىيەتتە ئۈگۈنەيلى ! زىيالىيلارنىڭ نېمىشقا ھە دېسىلا ئۆز كۆڭلىنى ئەدەبىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئۇرۇنىدىغانلىقى بىر ھەيران قالارلىق ئىش. بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ باشقا مىللەتلەردە بار-ي...

     توغرا نىيەتتە ئۈگۈنەيلى !

           زىيالىيلارنىڭ نېمىشقا ھە دېسىلا ئۆز كۆڭلىنى ئەدەبىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئۇرۇنىدىغانلىقى بىر ھەيران قالارلىق ئىش. بۇنداق بىر ھادىسىنىڭ باشقا مىللەتلەردە بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا پەقەت دەرس بىلمەيدىغان بالىلار «مەن ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرىمەن» دەۋالاتتى، مەن ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈپ، موشۇ قاپاقباشلار قاتارىغا قوشۇلۇپ قالغىنىمدىن بەكلا نۇمۇس قىلاتتىم. ئۇلارنىڭ «ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈۋېلىشى»دىكى ئاساسلىق سەۋەب- ئۇلار بىرەر پەننى ياخشى كۆرمەيتتى ھەم چۈشەنمەيتتى. لېكىن ئوقۇغۇچى بولغىنى ئۈچۈن بىرەر پەننى ياخشى كۆرىمەن دەپ قويمىسا بولمايتتى. مانا موشۇنداق «ياخشى كۆرۈش» سەۋەبىدىن ھېچ نېمە بىلمەيدىغان بالىلار ئىجتىمائىي پەندىن ئىمتىھان بېرىدىغان قىلىق چىققان. ئۇنىۋېرىستېتلارنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتلىرى ناھايىتى كۆپ ئەخلەتلەرنى سۆرەلدۈرۈپ يۈرەتتى. بۇ خىل ھالەتنىڭ ھېلىھەم بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن. لېكىن كۆز قاراش يەنىلا ئۆزگەرگىنى يوق. نېمە كۆز قاراش؟ ئەدەبىياتنى قانۇنىيەتسىز بىر پەن , نېمىلا دېسە بولۇۋېرىدۇ، دەپ قارايدىغان قاراش. گەپنى سەل يىغساق، «ئەركىن شېئىر» دېگەن گەپ ئۇنىڭدا ھېچقانداق قانۇنىيەت يوق، دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان ئەركىن شېئىر پەقەت ئەنئەنىۋىي شېئىرىي شەكىللەرگە بولۇپمۇ، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارغا قارىتىلغان بولۇپ، مەيلى شەكىل ياكى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، ئەركىن شېئىرلارنىڭمۇ قانۇنىيىتى بولىدۇ. شېئىر تېگى-تېگىدىن گۈزەل ھېس-تۇيغۇلارنى پۈتىدۇ. شۇ نۇقتىدىن ئۇنىڭ شەكلىدىمۇ، مەزمۇنىدىمۇ گۈزەللىك بولۇشى كېرەك. بۇنى بىرەر مۇنبەر ياكى شەخس بەلگىلىمىگىنى بىلەن، نەچچە مىڭ يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا ئىنسانلار بەلگىلەپ قويغان. شېىرنىڭ قاپىيە، بوغۇملىرى ۋەھاكازالارنى قايرىپ قويغان تەقدىردىمۇ، بىر پاچە شېئىردا ئەقەللىي بىر رېتىم بولۇشى، ئوقۇغۇچىنىڭ تىلىغا راۋان كېلىشى كېرەك. بىز بۇ يەردە مۇلاھىزە قىلىۋاتقان «پىتلىق ئۇيغۇر ...شېئىر» دېگەن بۇ تېمىنى ئالساق، ئۇ شەكىل جەھەتتىن گۈزەل بىر رېتىمغا ئىگە بولالمىغاننىڭ سىرتىدا، مەزمۇن جەھەتتىنمۇ ناھايىتى كۆپ خاتالىقلار ساقلانغان. مەسىلەن، پىت-ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلاتى، پىت-ئۇيغۇرنىڭ ھەمرايى. پىت-ئۇيغۇرنىڭ كۈشەندىسى، پىت –ئۇيغۇرنىڭ جىنى شورايدۇ توختىماي ئۇيغۇر قىنىنى. نىمانچە تۈگىمەس قان، تۈگىمەس پىت، ،تۈگىمەس شوراشلار!!! «پىت - ئۇيغۇرنىڭ مەھسۇلى» دېگەن بۇ مىسرا خۇددى ئاپتور سىزىقچە تارتىپ يازغىنىدەكلا بىر ئىزاھ جۈملە، يەنى ھۆكۈم، مۇنداقچە ئېيتقاندا «پىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇيغۇرلار پىتنى ياراتقان» دېگەندەكلا بىر ھۆكۈم. دېمەك، باشقا مىللەتلەردە پىت بولمايدۇ، ئەگەر بار دېيىلسە ئۇيغۇرلار ئىشلەپ چىقارغان پىتنىڭ راۋاجى ياكى باشقىلارغا ئۇيغۇرلار پىت يۇقتۇرغان دېگەندىن باشقا گەپ ئەمەس. لوگىكا مانا موشۇنداق ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ، ئوتتۇرىغا چۈشكۈسى توقۇناق سۇئال «شېئىردىمۇ لوگىكا بولامدۇ؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بەرسەك، «بولىدۇ!» ئۇنىڭدىن كېيىنكى مىسرالار مەسىلىنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. قىسقىسى، بۇ «شېئىر»دىكى «پىت» نى مەلۇم نەرسىگە، ئاللىقانداقتۇر بىر روھقا سىمۋول قىلىنغان دېيىشنىڭ ئۆزى بىر باھانىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە سىمۋول مەۋجۇت ئەمەس، پەقەتلا ئىنتايىن مەينەت، كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىبارىلەرلا مەۋجۇت.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۈگىنش