دوقمۇش(ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى)

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 04:04:05

دوقمۇش(پوۋېست)ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى 1 سورۇن باشلانغاندا ۋىسكىغا سودا سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ ئاز-ئاز ئوتلاپ تۇرغان قىزلار ساقىينىڭ «ئىككى-ئۈچ قېتىم»، «بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭلار» دېگەن گېپىدىن كېيى...

    دوقمۇش(پوۋېست)
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى


    1



        سورۇن باشلانغاندا ۋىسكىغا سودا سۈيى ئارىلاشتۇرۇپ ئاز-ئاز ئوتلاپ تۇرغان قىزلار ساقىينىڭ «ئىككى-ئۈچ قېتىم»، «بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭلار» دېگەن گېپىدىن كېيىن، ئارىدىن بىر قىز سومكىسىدىن «خىلتون» ماركىلىق قاتتىق قاپلىق تاماكىدىن بىر قاپ ئېلىپ قىزلارغا بىر تالدىن تۇتتى.
    — بىز دېموكراتىيىگە چوقۇنىمىز، ئەركىنلىك ياشىسۇن،— دېدى ساقىي  مۇغەمبەرلىك بىلەن كۈلۈپ.
       مەن ساقىينىڭ گېپىدىن دېموكراتىيە ھەققىدە خىيالغا پاتتىم، ساقىي 28 ياشلاردىكى يىگىت بولۇپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئاغىنە بولۇپ كېلىۋاتاتتۇق . ئۇنى ئائىلىسى بەكمۇ چىڭ تۇتىدىغان بالا ئىدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ قويدۇم، ئۇ مېنىڭ كۈلۈشۈمنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلىپ، ماڭا قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى . بۇ ئۇنىڭ بۇنداق سورۇنلاردا شۇنداق دېمەي نېمە دەيمىز دېگىنىمۇ، يا بولمىسا سۇنى ئېقىشىغا، تۈكنى يېتىشىغا قويۇپ بەرگىنىمۇ بىلمىدىم . رېستوراننىڭ ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا چىرايلىق نەقىشلەنگەن خانىسى كۆكۈش تاماكا ئىسى بىلەن تولدى، دېموكراتىيە دېگەن مۇشۇنداق ئەسكى ئىشقىمۇ يول قويىدىغان، ياخشى ئىشقىمۇ يول قويىدىغان رېزىنكىدەك بىرنەرسە بولسا ئۇمۇ تايىنلىق دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
       سورۇنغا ئون ئادەم جەم بولغان، بەش قىز، بەش يىگىت ئارىلىشىپ ئولتۇرغانىدۇق، قىزلارنى ساقىي بولغان يىگىت تاپقانىدى . ئەمما سىرتتىن كىرىپ سورۇن ئەھلىگە نەزەر سالغان ئادەم بۇلار تونۇشقىلى نەچچە يىل بوپتۇ، ھەتتا ئامراق ئاشىق-مەشۇقلار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالاتتى . چۈشتە كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتىم . تېلېفونىم  جىرىڭلىدى، تېلېفوننى ئالدىم.
    — ئەخمەتمۇ سەن؟ مەن غالىپ، ئولتۇرۇۋېرەمسەن ئۆيدە، سائەت تۆت بولغاندا «يانتاق» رېستورانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا كەل، كۆزۈڭنى ئېچىپ قوياي، رەڭلىك ئولتۇرىمىز . ھەممىسى بىر-بىرىدىن پەيزى تۇمۇچۇقلار، ئىشەنچلىك، ئايالىڭغا كەچرەك قايتارمەن دەپ قويارسەن . خوش ئەمىسە، ھېلى رېستوراندا كۆرۈشەيلى،— غالىپ دېگەن بۇ ئاغىنەم ئەنە شۇنداق گەپنى كېسىپ قىلىدىغان بالا . شۇڭا ئۇنى ئاغىنە بولۇپ يۈرىدىغان ھەممەيلەن ياقتۇراتتى . ئۇ مېنىڭ بىر ئېغىز گەپ قىلىشىمنىمۇ ساقلىماي «خەير-خوش» دەپ تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى، مەنمۇ ھېچقانداق تاللاش ئىمكانىيىتى يوق «ماقۇل، خوش ئەمىسە» دېيەلىدىم.
    — ھە، بۇزۇق،— دېگەنىدىم بىر كۈنى ئۇنىڭ بىر رەڭلىك سورۇن ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ بولۇپ،— ئۆزۈڭنى بۇزۇپ يۈرەمسەن؟
    — سېنىڭمۇ بۇزۇلغۇڭ كەپتۇ-دە، — دېگەنىدى ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ، — ساق يۈرمەك ھەم تەس، بۇزۇلماق ھەم تەس .  بىرەر يەردە دېزىڭ بولمىسا قانداق بۇزىمەن سېنى.
    — ئۆزۈڭ ئامال قىلىپ باقمامسەن،— دەپ جاۋاب بەرگەنىدىم ئۇنىڭغا.
       بەختلىك ئائىلەم بار ئىدى . ئوغلۇمنىڭ چۈچۈك پاراڭلىرى سۆيۈندۈرەتتى . شۇنداقتىمۇ بىرەر نەرسە كەمدەك، ئۆزۈمنى تۇرمۇشنىڭ سىرتىدا قالغاندەك ھېس قىلاتتىم . رەڭگارەڭ ئادەملەر دۇنياسىغا غالجىرلىق بىلەن بۆسۈم كىرگۈم كېلەتتى، بەزىدە  تۇيۇقسىز كوچىدا خىرامان مەست يۈرگەن ئادەملەرگە قاراپ «مەنمۇ مۇشۇنداق بولۇپ قالسام-ھە» دەپ ئويلاپ قالاتتىم . «مەستلىك — پەسلىك» دېگەن ھەقىقەتنى چۈشىنەتتىم . ھاراق ئىچكىنىم بىلەن مەست بولماسلىققا تىرىشاتتىم . لېكىن نېمىشقىدۇر بەزىدە كاللامغا ئاشۇنداق خىيال كىرىۋالاتتى . كىنوخانا ئالدىدا چاپانلىرىنىڭ تۈگمىسىنى چالا ئېتىپ، مەيدىسىنىڭ تۈكىنى چىقىرىپ قويغان، ساقىلىنى چالا قىرغان، نوچىلىق بىلەن توۋلاپ يۈرگەن ئادەملەرگە ھەۋىسىم كېلەتتى.
      — قىزلار كېلىپ بولدى . ئاغىنىلەردىن سەن تۇنجى بولۇپ كەلدىڭ، بۈگۈن ھەقىقەتەن ئاران ئولتۇرۇپتىكەنسەن، لېكىنزە بۈگۈنكىلىرى ئەرزىيدۇ جۇمۇ،— دېدى غالىپ سائەت تۆت بولغاندا «يانتاق» رېستورانىنىڭ قىزىل تەگلىك پالاز سېلىنغان كارىدوىدا قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ،— ھازىر كىرىپ ئولتۇرامسەن، يا ئاغىنىلەر كەلگەندە بىللە كىرەمسىلەر؟
    غالىپ مېنىڭ «ئاغىنىلەر بىلەن كىرەيلى» دەيدىغىنىمنى بىلەتتى . تەبىئىيكى ئۇنداق سورۇندا قانداق ئولتۇرۇش ھەققىدە تەجرىبەم، ئازراقمۇ كۆزقارىشىم يوق ئىدى . ھەتتا بىرەر قېتىم رەڭدار سورۇندا ئۆزىنى قانداق تۇتۇش ھەققىدە بىرنەچچە دوست تاماق يېگەچ مۇنازىرە قىلىشقانىدۇق.
    — ئۇنداق سورۇندا بەك ئىلمىي بولۇۋالسا قىزلار كۆزگە ئىلمايدۇ، سەل قوپال، تومپاي قىياپەتكە كىرىۋېلىش كېرەك،— دېگەنىدى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاغىنەم پەرھات . ماڭا ئۇنىڭ كۆزقارىشى توغرىدەك بىلىندى.
    — ياق، ئۇنداق قىزلار ئېغىر-بېسىق، كەمسۆز يىگىتلەرنى ياقتۇرىدۇ، ئېسىل قىياپەتكە كىرىۋېلىش كېرەك،— دېدى ھەسەن.
    — چاقچاقنى كۆپرەك قىلىش كېرەك، ئۇنداق قىزلار كۆڭۈلنى بەكمۇ مۇھىم بىلىدۇ . كۆڭلىنى ئۇتساڭلا گاھ دېسەڭلا قولۇڭغا  قونىدۇ . قىزلار  يۇمۇرلۇق يىگىتلەرگە ئامراق،— دېدى تۇرسۇن.
    ئاغىنە بالىلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسى باردەك قىلاتتى، مەن قايسى پىكىرنى قوللاپ قايسىنى رەت قىلىشنى بىلەلمىدىم.
    — ئەخمەت بىر قوۋۇز گەپ قىلىپ باقسۇن،— دېدى ئۇلار ئاخىر ماڭا تىكىلىپ.
    ھەممەيلەننىڭ نەزىرى ماڭا تىكىلگەندە كاللامنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . نېمە دېيىشىم كېرەك.
    — ئادەم ئۆز خاراكتېرىنى ھەرقانچە يوشۇرسىمۇ ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ، ئەڭ ياخشى چارە خاراكتېرىمىز قانداق بولسا شۇنداق ھالەتتە رول ئېلىشىمىز كېرەك،— دېدىم مەن ئاخىر.
    ئاغىنىلەر بۇ گەپكە قوشۇلمىدى.
    — ئۇنداق قىزلار بەكمۇ ھىيلىگەر كېلىدۇ، ئۇلار تالاي سورۇن كۆرۈپ قاغدالما بولۇپ كەتكەن، ياۋاشلىقىمىزنى بىلىپ قالسا بۆكىمىزگە جىگدە سالىدۇ . دەرياغا ئاپىرىپ سۇغارماي ئەكېلىدۇ،— دېدى پەرھات.
    ئاغىنىلەر بىر ھازا مۇلاھىزە قىلىپ پىكىردە توختىمىدى . ئاخىر ھەممىمىزنى غالىپ جىم قىلدى.
    — ئاق يەردە تۈگمەن تالىشىپ نېمە قىلىسىلەر، بۇنداق ئىشنىڭ بىرەر فورمۇلاسى يوق، كۆرۈشىمىز دېگىنىڭدە تاپقىلى بولمايدۇ، كەپ قالغاندا قوشلاپ كېلىدۇ.
    ھەممىمىزگە غالىپنىڭ گېپى ئورۇنلۇقتەك تۇيۇلدى . بىز ئۈن-تىنسىز تارقاپ كەتتۇق.
    — قانداق، گەپ قىلمايسەنغۇ، ھازىرلا كىرىپ قىزلاردىن بىرەرىنى كەلتۈرۈپ قويغاچ ئولتۇرغۇڭ بارمۇ، يا،— غالىپنىڭ گېپى مېنى خىيالدىن ئويغاتتى، كاللامدا يا تەشۋىشكە ئوخشىمايدىغان، يا شادلىققا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ھاياجان بار ئىدى . خەقنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم . ئايالىم بىلەن بالام كۆز ئالدىمغا كېلىۋاتاتتى . تەلىيىمگە ئاغىنىلەر تېزلا يېتىپ كەلدى، بىز ھايال بولماي رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىغا قەدەم قويدۇق.
    كۈتكۈچى قىز خانىنىڭ  ئىشىكىنى ئېچىشى بىلەن بۇرنۇمغا  ئاياللاردىلا بولىدىغان يۈز ماي ۋە ئەتىرنىڭ پۇرىقى گۈپپىدە  پۇرىدى . ئەمما بۇ يەردىكى پۇراق ئالاھىدە كۈچلۈك ئىدى.
    — كېلىڭلار، ئادەمنى ئەجەب ساقلاتتىڭلارغۇ؟— دەپ ئورنىدىم تۇردى ئاقپىشماق، سېرىق چاچلىرىنى قىرقىپ مۈرىسىگە قويۇۋەتكەن زىلۋا بىر قىز . باشقا تۆت  قىزمۇ بىزگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىپ قويدى، ئورنۇمدا ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن كۈتكۈچى ئالدىمغا چاي كەلتۈرگىچە قىزلارغا سەپسالدىم، تۇنجى قېتىم ئورنىدىن تۇرغان قىز 23-24 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە بولسا كېرەك، باشقا قىزلار تېخى 18 گىمۇ توشمىغاندەك قىلاتتى، چىرايىدىن بىر خىل سەبىيلىك چىقىپ تۇراتتى، كىيىنىشى ۋە چىرايىمۇ باشقا قىزلاردىن پەرقلىنىپ تۇراتتى، كىيىملىرى پاكىز ۋە ئاددىي-ساددا ئىدى . تۇيۇقسىز كۆزىمىز ئۇچرىشىپ قالدى، قىز مېنىڭ يوشۇرۇن كۆزىتىۋاتقانلىقىمنى بىلىۋالغاندەك لاپپىدە ماڭا تىكىلدى، ئەندىكىپ كېتىشتىن ئاران ئۆزۈمنى ساقلاپ قالدىم، كۆزىمىز بىرنەچچە دەقىقە ئۈنسىز قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن قىز كۈلۈپسىرەپ قويۇپ نەزىرىنى باشقا ياققا يۆتكىدى . ئەمدى ئوغۇللارغا قارىدىم، ھەممەيلەن تەن قويۇپ سەمرىشكە باشلىغان، كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان 30 ياش ئەتراپىدىكى يىگىتلەر ئىدى . ھەممەيلەن تۈجۈپىلەپ ياسانغان، ساقاللىرىنى پاكىز قىرىپ، چاچلىرىنى ئالاھىدە يىلىم بىلەن قاتۇرۇۋالغانىدى.
    ئاۋۋال تاماق تارتىلدى، تارتىنىپ تۇرۇپ ئېغىزلاندۇق . ئايرىمخانىنىڭ ياڭراتقۇسىدا ناخشا ئاڭلىنىپ تۇراتتى . ناخشىچىنىڭ ھەسرەتلىك، مۇڭلۇق ئاۋازى كەيپىياتقا بەكمۇ ماسلاشقاندەك قىلاتتى، تاماق بىر قۇر يېيىلىپ تەخسىلەرنىڭ تېگى كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا ئىسسىق-سوغۇق سەيلەر كەلتۈرۈلدى . بىردەمدىلا داستىخان لىق تولۇپ تەخسىلەر ئىككى قەۋەت قويۇلۇشقا باشلىدى.
    — ئەمىسە ئەزىز مېھمانلار خەپ شۈك،— دېدى غالىپ قىلچە تەكەللۇپسىز . كۈتكۈچى قىز ئاۋاز ياڭراتقۇنى ئۆچۈرۈۋەتتى.
    — بۈگۈن ئەل-ئاغىنىلەر جەم بولۇپ بۇ سورۇننى تۈزدۇق، بەھۇزۇر ئولتۇرغايسىلەر،— ئۇ بىرنەچچە جۈملە تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلغاندىن كېيىن، ئاۋۋال ھاراقنىڭ ئېغىزىنى ئېچىپ ئىككى رومكىغا لىق ھاراق قۇيدى، ئاندىن  بوتۇلكىسى چىرايلىق ئىشلەنگەن «ۋىسكى» ناملىق ھاراقنى ئىككى ئىستاكانغا بىرنەچچە يۇتۇمدىن قۇيۇپ، ئۈستىگە سودا سۈيى قاتقاندىن كېيىن بايا بىز كىرگەندە ئەڭ ئاۋۋال ئورنىدىن تۇرغان قىزغا تۇتقۇزدى ۋە،— ئازراق ئىچىشكەچ  ئولتۇرايلى، كۆڭلىمىز تارتقانچە ئىچەيلى . ئارىمىزدا يات كىشى يوق، ھەممىمىز جان-جىگەر دوست-ئاغىنىلەر، مەن ئاۋۋال ئوغۇللارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي، تۇرسۇنئاي سىز قىزلارغا ساقىيلىق قىلغاچ قىزلارنى تونۇشتۇرۇڭ،— دەپ گەپنى تۈگەتتى.
    تۇرسۇنئاي ئىسىملىك قىز قىلچە تارتىنمايلا رومكىنى قولىغا ئالدى  ۋە:
    — بىز كۆڭۈل ئىزدەپ كەلدۇق، كۆڭۈللۈك ئولتۇرساق دېگەن ئۈمىدتىمىز، قېنى ئەمىسە مېنىڭ ئىسمىم...— دەپ ئاۋۋال ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ، ئاندىن قىزلارنى تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى.
    ھېچقايسى قىز ھاراقنى رەت قىلمىدى . چىرايىنى قىلچە پۈرۈشتۈرمەي ھاراقنى قىزلارغا خاس لىۋەنلىك بىلەن ئىچىپ ساقىيغا بوشىغان ئىستاكاننى قايتۇرۇپ تۇردى، ئەڭ ئاخىرىدا  نۆۋەت مەن بىلەن كۆز ئۇچرىشىش قىلغان كىچىك قىزغا كەلدى، تۇيۇقسىز كۆڭلۈم.. . ئىچمە، سەن ئىچسەڭ بولمايدۇ.. . دېگەن سادا قوزغالدى، قىزغا مىختەك قادالدىم.
    — بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۆھەر، سورۇندىكى ئەڭ كىچىك، ئەڭ چىرايلىق قىز، بىز ئۇنى ئەركىلىتىپ تۇمۇچۇق دەپ ئاتايمىز، قېنى دوستۇم خوشە.
    قىز قولىدىكى ئىستاكاننى ئاۋۋال يەنە بىر قىزنىڭ ئىستاكانى بىلەن، ئاندىن مېنىڭ ئاق ھارىقىم بىلەن سوقۇشتۇردى، ئىستاكاننى سوقۇشتۇرغاچ كۆزۈمگە يەنە بىر قېتىم لاپپىدە قاراپ قويدى، ھەر ئىككىلىمىز ھاراقنى كۆتۈرۈۋەتتۇق، ھاراق گېلىمنى يىرتقاندەك پىژىلداپ ئاشقازىنىمغا قۇيۇلدى، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى.
    — ئاغىنىمىز چىرايلىق بىر تۇمۇچۇق بىلەن رومكا سوقۇشتۇرغانلىقىدىن ھاياجانلىنىپ يىغلاپ تاشلىدى،— دەپ چاقچاق قىلدى تۇرسۇن . بۈگۈن ئۇ چاقچاقچى بولۇپ قالغانىدى، ئۇنىڭ بۇ چاقچىقى سورۇندىكى ھەممە ئادەمنى كۈلدۈرۈۋەتتى، مەن كۈلمىدىم . قولياغلىقىمنى چىقىرىپ كۆزۈمنى سۈرتتۈم.
    مەن قىزغا قارىدىم . قىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك خىرامان ئولتۇراتتى . ئارىلاپ مىيىقىدا كۈلۈپمۇ قوياتتى.
    — ماڭا ئاق ھاراقتىن قۇيىڭە، قىزىل ھاراقنى قىزلارغا قۇيۇپ بېرەي، بۇ ھاراق بىلەن چىقىشالمايدىغاندەك قىلىمەن،— قىزلارنىڭ ساقىيسى تۇرسۇنئاي غالىپقا ئىلتىجا قىلدى . بۇ گەپ مېنى خىيالدىن ئويغاتتى . غالىپ تۇرسۇنئايغا ئوغۇللارنىڭكىدىن سەل ئازراق قىلىپ بىر رومكا ئاق ھاراق قۇيدى.
    — پۈتۈن ئىچەي،— دەپ كۈلدى چىرايى ئالمىدەك قىزىرىپ كەتكەن قىز.
    — پۈتۈن دۇنيا بولاي دەپسىز-دە، مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق مىجەزىڭىزگە قايىل،— دېدى غالىپ رومكىنى تولدۇرغاچ.
    — ئوغۇل بالىدىن قېلىشقۇچىلىكىمىز يوق، چىلاشقۇچە ئىچەيلى،— دېدى تۇرسۇنئاي رومكىنى قولىغا ئېلىپ.
    قىزلار «ۋىسكى»دىن بىر بوتۇلكا تۈگەتكەنىدى . تۇرسۇنئاينىڭ قىزىل ھاراقنى تاشلاپ ئاق ھاراققا ئۆتۈشى بىلەن يەنە ئىككى قىز ئاق ھاراقچىلار سېپىگە قېتىلدى.
    پەقەت گۆھەر بىلەن سەل دوغىلاق كەلگەن يەنە بىر قىز داۋاملىق ۋىسكى ئىچىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ يېنىمدىكى ھەسەن ئولتۇرماي قالدى، ئۇ بۈگۈنكى ئۇيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى، ئۇ پات-پات غالىپنى ئالدىرىتىپ:
    — ساقىي ئۇسساپ كەتتۇق،— دەپ  ئەسكەرتىپ قوياتتى . غالىپمۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن «مەست بولۇپ تاماشانىڭ قىزىقىدىن قۇرۇق قالما» دېگەندەك رومكىنىڭ تېگىدە ھاراق قۇيۇپ بېرەتتى . ھەسەننىڭ  بۇ ئىشلار بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى . ئۇ ئالدىدىكى ۋىسكى ئىچىۋاتقان ئامىنە ئىسىملىك قىزغا قاراپ قالغانىدى.
    مېنىڭ كەيپىياتىممۇ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى . كۆڭۈلنىڭ بىر يەرلىرى كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىققا ئىشەنمەيۋاتقاندەك تۇيغۇدا ئىدى . «ئوچۇق قىزلاركەن» دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە، ئوچۇق بولغانلىق گۇناھ ئەمەسقۇ.
    — خەپ شۈك،— غالىپنىڭ ئاۋازى سورۇننى خېلى تەستە بىر يەرگە جەم قىلدى . تېلېفون ئېلىۋاتقان ئىككى قىز ئالدىراپ سۆزىنى تۈگەتتى.
    — ئاغىنىلەر، قىزلار، سورۇنىمىز بەك قىزغىن داۋام قىلىۋاتىدۇ، لېكىن كېلىدىغان تېلېفون سەل كۆپ بولۇپ كەتتى،— ئۇنىڭ گېپى راست ئىدى، كەچ كىرىشىگە ئەگىشىپ قىزلارنىڭ تېلېفونى تولا جىرىڭلايدىغان بولۇپ قالغان، ئايرىمخانا كۆچمە تېلېفون ئۆيىگە ئوخشاپ قالغانىدى.— شۇڭا مېنىڭ تەكلىپىم سورۇننىڭ كەيپىياتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەممىمىز تېلېفونىمىزنى ئەتسەك، ئاۋۋال مەن باشلاي.
    غالىپ تېلېفوننى چىقىرىپ ئېتىۋەتتى . بىزمۇ  دەرھال ئاۋاز قوشتۇق، قىزلارنىڭ بىر-ئىككىسى سەل غۇدۇراپ قويۇپ تېلېفونىنى ئەتتى، مەن شۇ چاغدا سورۇندىكى  تۆت  ئادەمدە تېلېفون، يەتتە-سەككىز چاقىرغۇ بارلىقىنى ھېس قىلدىم . بىز زامانىۋى دۇنيانىڭ كەشپىياتلىرى بىلەن تولۇق قوراللانغانىدۇق.
    — ئەمدى بىردەم لەتىپە دېيىشسەك، لەتىپە دېيىشكەچ ئۆز ئارا  چۈشىنىشسەك،— غالىپنىڭ تەكلىپىگە ھەممەيلەن قېتىلدى، ئاۋاز ياڭراتقۇ ئۆچۈرۈلدى . غالىپ بىزگە خىزمەت قىلىپ بېشىمىزدا قاراپ تۇرغان ئىككى مۇلازىم قىزغا قاراپ:
    — قىزچاقلار، خاپا بولمىساڭلار، چاي چەينىكىنى بىزگە بېرىپ چىقىپ كەتسەڭلار، خانىگە چاقىرمىغۇچە ئادەم كىرمىسە،— دېدى.
    — بولىدۇ،— دېدى ئىككى قىز.
    قىزلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن غالىپ رومكىنى قولىغا ئالدى،— ھازىر يۇمۇر باشلايمىز، ھەربىر ئادەم  بىر رومكا ھاراق ئىچىپ بىر يۇمۇر ئېيتىدۇ، ئەمىسە ئۆزۈم باشلاي.
     ئاۋۋال ھېسامنىڭ يۇمۇرلىرى ئېيتىلدى، بارا-بارا ئىگىسىز يۇمۇرلار باشلىنىپ يۇمۇرلارنىڭ دەرىجىسى ئاۋال كۆكرەككە، ئاندىن كېيىن كىندىككە چۈشتى، كىندىكىنىڭ ئاستىغا چۈشكەندە سەل تەڭشىلىپ قالغان تۇرسۇنئاي رومكىنى  قولىغا ئېلىپ سۆز باشلىدى.
    — ئادەمگە ئەڭ ياقىدىغىنى سوغۇق يۇمۇر، بولدى ئەمدى، ساختا تارتىنچاقلىقنى تاشلايلى، قېنى كىممۇ جەمئىيەتتىن يىراقلاپ كېتەلىگەن . دوستلار يىغىلغان سورۇندا باشقىلار ھەققىدە گەپ قىلساق غەيۋەت قىلغان بولۇپ قالىمىز، مەستلىكتە ئېغىز باشقۇرماق تەس . ھېچكىم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرمەيدىغان ئىشتان ئىچىدىكى يۇمۇرلار دىتىمىزغا ئەڭ بەلەن كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ ھەم كۆڭۈلنى ئاچىدۇ، ھەم خاتالاشمايمىز.
    پاراققىدە كۈلكە كۆتۈرۈلدى، تۇرسۇنئاينىڭ گېپى ھەممەيلەنگە ياققانىدى.
    لەتىپە سۆزلىنىشكە باشلىدى، بىز ئاغىنىلەر ئايرىم جەم بولغاندا ئاران ئېيتىدىغان چاقچاقلار پۇقرالارنىڭ ئېغىزىدىكى ئادەتتىكى گەپتەك تۆكۈلۈۋاتاتتى . ھەيران قالدىم . توۋا دېگۈم كەلدى . كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىققا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، لېكىن ئىشەنمەي ئامال يوق ئىدى، سوغۇق لەتىپىلەر ئارىمىزدىكى پەردىنى پۈتۈنلەي بۇزدى . ئەمدى لەتىپىدىكى شەخسلەر، «سورۇنىمىزدىكى پالانى» دەپ داۋاملىشىدىغان يەرگە كەلدى، مەن ئىچىپ بىر يەرگە بېرىپ قالغانىدىم . لېكىن كاللام يەنىلا سەگەك ئىدى . نېمىشقىدۇر بۇ ئىشلار ئىدىيەمدىن ئۆتمەيتتى . ئەمما قارشى چىقالمايتتىم، قارشى چىققۇم يوق ئىدى . كاللامنى پەقەت ئاخىرى قانداق بولار دېگەن ئوي ئىگىلىۋالغانىدى.
    لەتىپە بىرھازا دېيىلگەندىن كېيىن، توختاپ تانسىغا چۈشتۇق، مەن ئىككى قول تانسىنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن ئاندىن ئورنۇمدىن تۇردۇم، تانسا ئويناش ھەققىدىكى تەكلىپىمنى گۆھەر تەكەللۇپسىز ئىلىك ئالدى.
    ئارىدا بىرنەچچە قىز بىلەن تانسا ئوينىدىم، كېيىن سورۇننىڭ كەيپىياتىغا قاراپ ھەممەيلەننىڭ ئۆز جۈپتىنى نىشانلاپ بولغانلىقىنى سەزدىم، ماڭا گۆھەر ئېشىپ قالغانىدى.

    2

    — بىردەم ياندىكى ئۆيگە كىرىپ پاراڭلىشىپ چىقساق قانداق؟— دېدى گۆھەر بىر چاغدا تانسىغا قوپقاندا.
    — ماقۇل،— دېدىم مەن . ھازىر ئايرىمخانىنىڭ غۇۋا يانىدىغان رەڭدار چىراغلىرىلا يورۇتۇپ قويۇلغان بولۇپ، تانسا دوستلىرىمنىڭ گېپى بويىچە ياۋروپاچە تۈس ئالغانىدى . تۇرسۇنئاي دېگەن قىز بېشىنى غالىپنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرقىنى تانسا ئويناۋاتىدۇ، دېگەندىن كۆرە قۇچاقلىشىۋېتىپتۇ، دېسە مۇۋاپىقراق بولاتتى.
    ئايرىمخانىنىڭ ئىچكىرىسىدە يەنە بىر ئېغىز ئارام ئېلىش ئۆيى بار ئىدى . بۇ ئۆي بەكمۇ كىچىك بولۇپ، تۆت-بەش ئادەم كىرسىلا پۇت قويغۇدەك يەر قالمايتتى، خانىدا ئىككى كىشىلىك ساپا، بىر ئۈستەللا بار ئىدى . ئۈستەلدە بىر پەتنۇس مېۋە-چېۋە قويۇقلۇق ئىدى.
    ئىككىمىز ساپاغا ئولتۇردۇق، مەن كاللامنى سەگىتىش ئۈچۈن «قىزىل بۇقا» ماركىلىق مۇزدەك ئىچىملىكتىن بىر ئوتلىدىم.
    — ئايرىمخانا بەك ئىسسىپ كەتتى . تاماكا ئىسىغا چىدىيالماي قالدىم،— دېدى گۆھەر.
    مەن ئەمدى بۇ قىزنى يورۇق چىراغ نۇرىدا كۆرۈشكە مۇۋەپپەق بولغانىدىم، قىز ھەقىقەتەن كىچىك ئىدى.
    — نەدە ئىشلەيسىز؟— دەپ سورىدى قىز مەندىن.
    — دوختۇرمەن،— دەپ جاۋاپ بەردىم.
    بۇ ھەقتە غالىپنىڭ تەجرىبە سۈپىتىدە دەپ بەرگەن «رەڭلىك ئولتۇرغاندا ھەرقانداق قىزغا خىزمەت ئورنىمىزنى دەپ بەرمەيمىز» دېگەن گېپى مېنى شۇنداق دېگۈزدى.
    — سىزچۇ؟— دەپ سورىدىم مەن قىزدىن.
    — شەخسىي  دۇكان ئاچاتتىم، يېقىندىن بۇيان ئوقىتىم يۈرۈشمەي بىكار بولۇپ قالدىم،— دەپ جاۋاب بەردى قىز.
    — نەدە دۇكان ئاچاتتىڭىز،— دەپ سورىدىم مەن.
    — كونسۇل كوچىسىدا،— دەپ جاۋاب بەردى قىز.
    كونسۇل كوچىسى ماڭا ناھايىتى تونۇش ئىدى، بۇ كوچىدىن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتەتتىم، كوچىدىكى ئوقەتچىلەر ئارىسىدا مەن تونۇمايدىغىنى يوق، دېسەممۇ بولاتتى . قىزنىڭ يالغان ئېيتقانلىقىنى سەزدىم . «ئۇنداق قىزلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدىكى ھېكايىلەرمۇ يالغان، ھەتتا دەپ بېرىدىغان ئىسمىمۇ يالغان»، غالىپنىڭ بۇ گېپى قۇلىقىم تۈۋىدە قايتا جاراڭلىدى . مەن قىزنى گەپكە سېلىش قارارىغا كەلدىم.
    — ئاتا-ئانىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
    — ساقچى، پېنسىيىگە چىقتى، بىر ئاكام ھازىر رايونلۇق تارماق ج خ ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.
    — باشقا تۇغقانلىرىڭىز بارمۇ؟
    — بار، بىر ئاچام، ئىككى سىڭلىم بار، ئىككى سىڭلىم تېخى ئوقۇيدۇ . خۇمارىم تۇتۇپ كەتتى، تاماكىڭىز بارمۇ؟
    مەن تاماكا ئېلىۋالمىغانىدىم . ئادەتتە ئۆزۈم چەكمىگەچكە يېنىمدا تاماكا ساقلىمايتتىم . مەن قىزغا تاماكا ئەكېلىش ئۈچۈن ئايرىمخانىغا چىقتىم ۋە ھايال بولماي يېنىپ كىردىم، قىز بىرسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىۋاتاتتى.
    — بۈگۈن ئايشەمگۈلنىڭ ئاپىسى كېچىلىك ئىسمېنىدا ئىشلەيدىكەن، شۇڭا قونۇشۇپ بەر دېدى، كەچتە ئۆيگە بارالمايمەن، يېتىۋېرىڭلار.
    قىز مېنىڭ كەلگىنىمنى كۆرۈپ تاماكىدىن  بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئىزاھات بەردى.
    — ئانام چاقىرغۇ قىلىپتۇ . ئايشەمگۈلگە قونۇشۇپ بېرىمەن، دەپ ئالداپ قويدۇم.
    سورۇندا ئايشەمگۈل ئىسىملىك قىز يوق ئىدى، قىز بۇ گەپنى ماڭا قارىتىپ ئېيتتىمۇ ياكى مەقسەتسىز ئېيتتىمۇ بىلەلمىدىم . ناۋادا ماڭا قارىتىپ ئېيتقان بولسا بۇ «مەن بۈگۈن سېنىڭ ئىلكىڭدە، نېمە قىلساڭ قىل» دېگەنلىك بولاتتى.
    — ئايشەمگۈل دېگەن كىم؟— دەپ سورىدىم قىزدىن.
    — تاڭ، مەنمۇ بىلمەيمەن،— كۈلدى قىز كۆزۈمگە چوڭقۇر تىكىلىپ .
    ھاراقنىڭ كەيپى پۈتۈنلەي تارقالغان بولۇپ، كۆز ئالدىمدىكى رېئاللىققا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى، جەمئىيەتمۇ شۇنداق بولۇپ كەتكەنمىدۇ . ئىلگىرى يولدىن چىقىپ كەتكەن قىزلار ھەققىدە ئاڭلىغانىدىم . ھەتتا بەزىدە دۆڭكۆۋۈك ۋە بۇلاقبېشى كوچىلىرىدا  شۇنداقلارنى كۆرۈپمۇ قالاتتىم . ئۇلارنىڭ ياسىنىشىدىن، مېڭىشىدىن قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى، لېكىن تەسەۋۋۇرۇمدا ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدىكى ئارىلىق بەكمۇ يىراق ئىدى . بۈگۈن بۇ ئارىلىقنىڭ بەكمۇ قىسقىراپ كەتكەنلىكىنى سەزدىم . ئىشىكنىڭ چېكىلىشى خىيالىمنى بۇزۇپ قىزغا قارىدىم . ئۇ ئاللىقاچان ساپاغا يۆلىنىپ  ئۇخلاپ قالغانىدى . ئىشىكنى ئاچتىم، ئالدىمدا غالىپ كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ تۇراتتى.
    — قانداقراق، ئىش ئۇقمايدۇ دەپ يۈرسەم، ھەممىمىزدىن يامان چىقىپ كەتتىڭلار، بولالماي مۇشۇ يەردىلا ئىش باشلىۋەتتىڭلارمۇ نېمە؟
    غالىپ مەست بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى . ئۇ باشقا چاغلاردا ھەرگىز ماڭا بۇنداق قوپال چاقچاق قىلمايتتى . مەن رەددىيە بېرەي دەپ تۇرۇۋىدىم، گۆھەرنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، قىز تېخى ئۇخلىمىغان ئىكەن.
    — ۋۇي غوجام، بىزنى ئۇنداق تايىنى يوق كۆرمىسىلە،— دېدى قىز سۆرۈلۈپ ئورنىدىن تۇردى،— قانداق ئىشنى قانداق يەردە قىلىشنى بىلگۈچىلىكىمىز بار، شۇنداقمۇ ئەخمەق،— قىز مېنى قولتۇقلىۋالدى، نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم.
    — ئىشىڭلار تۈگىگەن بولسا، مەن بۇ يەردە گۆھەر بىلەن ئىككى ئېغىز پاراڭلىشىۋالغان بولسام.
    مەن غالىپنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ كارىدورغا چىقتىم، گۆھەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ئايرىمخانىنىڭ گۇڭگا چىراغلىرى ئاستىدا ئىككى جۈپ ئادەم تانسا ئويناۋاتاتتى، ئۇلار ھەشىقپىچەكتەك چىرمىشىپ كەتكەنىدى . ھەسەن بولسا ئۈستەل يېنىدا ئامىنەگە چىڭ چاپلىشىپ بىرنېمىلەرنى دەۋاتاتتى، قىز ھەردەم بېشىنى لىڭشىتاتتى.
    مەن ئۆزۈمنىڭ تۈنۈگۈنلا مەندىن بەك يىراق دەپ قارىغان دۇنياغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . ئاغىنىلىرىممۇ شۇنداق بولغانىدى . غالىپنىڭ شۇنداق ئىش قىلىپ يۈرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ئىدى . پەرھات، ھەسەن، تۇرسۇن ۋە مەن قاتارلىق تۆتىمىز تۈنۈگۈنلا بۇنداق دۇنياغا شۈبھى  بىلەن قارايدىغان بالىلار ئىدۇق . بۈگۈن ئۇلار بۇ دۇنياغا باشچىلاپ سىڭىپ كەتتى.
    — ئەخمەق، كەچتە قانداق قىلاي دەيسەن،— دېدى پەرھات، ئۇنىڭ بىلەن تانسا ئويناۋاتقان ئادىلە ئىسىملىك قىز گۆھەرنى باشلاپ  تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئىككىمىز يالغۇز قالدۇق.
    — بىلمەيمەن،— دەپ جاۋاب بەردىم مەن، بەلكىم ئۇ قىزنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويارمەن.
    — ئەخمەق،— دەپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى پەرھات،— تەييار مالنى كەتكۈزۈۋېتىپ نېمە قىلىسەن، دەرھال توغرىلا، مەن ئادىلەنى توغرىلاپ بولدۇم، مېھمانخانىغا كېتىدىغان بولدۇق.
    مەن ئۈندىمىدىم، پەرھات ھاياجانلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى.
    — سىلىنىڭ رايىڭلا قانداقراق؟— دەپ سورىدى پەرھات يەنە مەندىن.
    — بىلمىدىم،— دەپ جاۋاب بەردىم مەن.
    — تېزرەك توغرىلا، بولمىسا ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئاھ دەپلا قالىسەن.
    تۇيۇقسىز خانىنىڭ چىرىغى يورۇپ كەتتى . ئامىنەنى سۆيۈۋاتقان ھەسەن دەرھال ئۆزىنى تاپتى، چىراغنى غالىپ ياندۇرغانىدى.
    — ئاغىنىلەر،— دېدى غالىپ كۆزلىرى ئېلىشىپ تۇرۇپ،— سائەت بىر يەرگە بېرىپتۇ، قايتىپ ئارام ئالساق قانداق دەيسىلەر.
    بىز ھەممىمىز قوشۇلدۇق . تۈن كېچە بولغانىدى . رېستوران ئىشىكىدىن چىقىشىمىزغىلا بىرنەچچە تاكسى يېتىپ كەلدى، ئاۋۋال غالىپ مەستلىكتىن ئۆرە تۇرۇشقىمۇ قۇربى يەتمەيۋاتقان  تۇرسۇنئاينى قولتۇقلاپ تاكسىغا چىقتى . تاكسى قوزغىلار چاغدا  ئۇ دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ تۇرۇپ:
    — ئەخمەق ئاغىنە، دادىل بول،— دېدى . رېستوران ئالدىدا گۆھەر بىلەن مەن ئېشىپ قالغانىدىم، ئالدىمىزدا بىر تاكسى بىزنى ساقلاپ تۇراتتى.
    — قانداق قىلىمىز،— دېدىم گۆھەرگە.
    — كۆڭلىڭىز نېمىنى تارتسا شۇنى قىلايلى،— دېدى قىز ئوچۇق-يورۇقلۇق بىلەن.
    — ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويايمۇ؟
    — بۇ كېچىدە قانداق قىلىمەن، بۇنداق كەچتە ئۆيگە كىرسەم دادام توڭكىيىمنى چاقمامدۇ؟
    ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز تاكسىغا چىقتۇق . قىزنىڭ چىرايى سەل تۇتۇلۇپ قالغاندەك ئىدى.
    — نەگە؟— دېدى شوپۇر.
    — غەربىي  كۆۋرۈككە،— دېدىم مەن.
    ھەر ئىككىمىز جىمجىت كېتىۋاتىمىز . غەربىي  كۆۋرۈككە يېقىنلاشقانسېرى يۈرىكىم دۈپۈلدەشكە باشلىدى.
    — ياق، قىزىلتاغقا ھەيدەڭ،— دېدىم شوپۇرغا يەنە . ئەنە قىزىلتاغ.. . ئەمدى قانداق قىلىش  كېرەك، مەن شوپۇرنى بىرنەچچە يەرگە بېرىشقا بۇيرۇدۇم، شوپۇر ئۈچۈن نەگە بېرىش بەرىبىر ئىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ماشىنىدا ئادەم ئولتۇرۇپ، بىر مېتىر بولسىمۇ ماڭسا پايدا چىقاتتى.
    — زادى نەگە بارىمىز؟— دېدى گۆھەر بىر چاغدا ئاچچىقلاپ . ئۈندىمىدىم، شوپۇر مەقسىتىمنى چۈشەندىمۇ ئېغىز ئاچتى.
    — مەن ياخشىراق مېھمانخانىغا ئاپىرايمۇ؟
    — مەيلى،— دېدىم مەن.
    ماشىنا بىر قورۇغا كېلىپ توختىغاندا نەگە كەلگىنىمىزنى بىلدىم . ماشىنا بىزنى بىر مېھمانخانىغا ئېلىپ كەلگەنىدى.
    پۇلىنى تۆلىدىم، شوپۇر بىزدىن يىراقلاپ كەتتى، يېرىم كېچە بولۇپ قالغان بولسىمۇ مېھمانخانا ئالدى خېلى ئاۋات ئىدى.
    — قانداق قىلىمىز، تېز گەپ قىلىڭە؟— دېدى گۆھەر،— پۇلىڭىز يوقمۇ يا.
    — پۇلغۇ بار، لېكىن،— دۇدۇقلىدىم مەن.
    — لېكىن نېمە؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ يا؟
    قىزنىڭ بۇ گېپى نېرۋامغا تەگدى، قىز قاراپ تۇرۇپ مېنى كەمسىتىۋاتاتتى، بەلكىم دەي-دەيگە سېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
    — مىجەزىم ئاتتەك،— دېدىم مەن،— لېكىن.. . لېكىن...
    — نېمە لېكىن، بايا خېلى جاراڭ-جۇرۇڭ كۆرۈنەتتىڭىز، تۈزۈك گېپىڭىزنى قىلىڭە.
    مەن نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم . تۇيۇقسىز كەسكىنلىكىم تۇتتى.
    — گۆھەر، مەن ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەس، ئايالىم بىلەن ئوغلۇم كۆز ئالدىمغا كېلىۋالدى، خاپا بولماڭ، بولدى قىلايلى.
    قىزمۇ كەيپلىكتىن تولۇق يېشىلگەندەك بولسا كېرەك، ماڭا بىردەم قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
    — ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىمەن؟— دېدى.
    راست، مەن كەتسەم قىز قانداق قىلىدۇ.
    — بولدى، بىر ئامال تاپقىچە ماڭايلى،— دېدى گۆھەر.
    مەن باش لىڭشىتتىم، بۇ ئەتراپلاردا تونۇشلار ئاز ئىدى . ئىككىمىز قارىياغاچلىق يولغا چىقتۇق.
    — مەن بۇرۇنلا بىلگەن، بەك ئىچ مىجەز بالىكەنسىز،— دېدى گۆھەر گەپ تېشىپ.
    — بەلكىم،— دېدىم مەن.
    — لېكىن ئايالىڭىزغا سادىقكەنسىز، سىزگە ھۆرمىتىم قوزغالدى . مەن سىزدەك ئەرنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم . باشقا ئەرلەر ئادەم بار دېمەي ئېتىلاتتى.
    قىز ھازىر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى تولۇق ئاشكارا قىلىۋاتاتتى . قىزنىڭ ئۆز سالاھىيىتىنى بۇنداق پەرۋاسىز ئېتىراپ قىلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى . ئىلاجى بار قىزنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئۇنى گەپكە سېلىشقا تىرىشتىم.
    — خىزمەت ئىزدەپ باقمىدىڭىزمۇ؟
    — بىزدەكلەرگە خىزمەت دېگەن نەدە تۇرۇپتۇ دەيسىز، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن بولمىسا.
    — ئاتا-ئانىڭىز يول ماڭمىدىمۇ؟
    — بايا سىزنى گوللاپ قويغانىدىم . دادام پالەچ، ئانام ئىشلەيدۇ . لېكىن بىز بەش بالا، ئانام بىچارە ھەرقانچە يول مېڭىپمۇ ھەل قىلالمىدى.
    قىزغا قايتىدىن نەزەر سالدىم . راست قىزنىڭ كىيىملىرى ئاددىي-ساددا ئىدى . قىز مېنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىمنى سېزىۋالغاندەك يورۇقتىن داجىپ مېڭىشقا باشلىدى.
    — بولدىلا، كۆڭۈلسىز پاراڭنى قىلغۇچە سىزگە ناخشا ئېيتىپ بېرەي.
    — ياق،— دەپ توختىتىۋالدىم قىزنى،— سائەت ئىككى بولاي دەپتۇ . يۈرۈڭ، سىزنى بىر يەرگە ئاپىرىپ قوياي . مېھمانخانىدىن ياتاق كەستۈرۈپ بېرەيمۇ يا؟
    — ياق،— دېدى قىز،— يامالىقتا بىر دوستۇم بار . شۇنىڭ ئۆيىگە كېتەي.
    بىر تاكسى توستۇم، ئىككىمىز ماشىنىغا چىقتۇق . بىز تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ بىردەمدىلا ناتونۇش بىر يەرگە كېلىپ قالدۇق.
    — توختايلى،— دېدى قىز.
    ماشىنا يول بويىدا توختىدى.
    — سىڭلىم، تېخى كىچىككەنسىز، سىزگە ئىچىم ئاغرىپ قالدى . ئەڭ ياخشىسى بۇ يولدىن يېنىڭ، مەن سىزگە خىزمەت تېپىپ بېرەلمەيمەن . لېكىن بۇنداق يولنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى سىزگە چۈشەندۈرەلەيمەن . سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن.
    بىر تىنىقتىلا نۇرغۇن گەپنى دەۋەتتىم . ئىچىم يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى . كوچا چىرىغىنىڭ نۇرىدا قىزنىڭ چاناقلىرىنىڭ ياشقا تولغانلىقىنى كۆردۈم . قىزنىڭ كۆزى پارقىراۋاتاتتى . قىز ئېغىر ئۇھ تارتىپ «رەھمەت» دېدى.
    — مېنى بىر دوستىڭىز قاتارىدا كۆرۈڭ . ئاكىڭىز ئورنىدا كۆرسىڭىزمۇ مەيلى،— دېدىم قىزغا.
    — رەھمەت، مېنى  ئادەم ئېتىپ ھۆرمەت قىلدىڭىز، مۇشۇ گەپلىرىڭىزگىمۇ رەھمەت . خوش.
    قىز مېڭىشقا تەمشەلدى . ئالدىراپ يامچۇقۇمنى كولاپ يۈز يۈەنلىكتىن ئىككىنى سوغۇرۇۋالدىم-دە، قىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزدىم . قىز كۆزۈمگىلا قاراپ قالدى . قىزنىڭ چانىقىدىن ئىككى تامچە ياش دومىلاپ چۈشتى.
    قىز تار بىر كوچىغا كىرىپ كەتتى . كۆڭلۈمنى بىر خىل ئازادىلىك قاپلىۋالدى . تاكسىغا چىقتىم . ئۆيۈمگە كېلىپ گۇناھكاردەك بىر خىل تۇيغۇ بىلەن تاتلىق ئۇخلاپ ياتقان ئوغلۇمنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ قويۇپ كارىۋاتقا چىقتىم، خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇيقۇم كەلمىدى.

    3

    — ۋەي ئەخمەتما، كەچتە ھەرقانداق ئىشىڭ بولسىمۇ تاشلاپ تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە كەلسەڭ جىددىي ئىش چىقىپ قالدى.
    تۇرسۇننىڭ ئايالى ئېغىرئاياغ بولغاچقا يەڭگىش ئۈچۈن جەنۇبقا كەتكەنىدى . مەن غالىپنىڭ  تېلېفوندىكى گېپىنى  ئاڭلاپ سەل چۆچۈپ قالدىم . خىزمەتتىن چۈشۈپ ئايالىمغا ئىشىم چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ قويغاندىن كېيىن، تۇرسۇننىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم . تۇرسۇننىڭ ئۆيى بار بىنانىڭ ئالدىدا تۇرسۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم . تۇرسۇننىڭ چىرايىدىن كۈلكە چىقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ سەل خاتىرجەم بولدۇم.
    — زادى نېمە ئىش بولدى؟ بەكمۇ چۆچۈپ كەتتىم،— دېدىم مەن تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشۈپ تىنچلىق-ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن.
    — چۆچۈگىدەك ئىش يوق، ساڭا خۇشخەۋەر بار . ئۆيدە مېھمان بار . بىر مېھمان سېنىڭ  بەك گېپىڭنى قىلىپ كەتتى.
    تۇرسۇننىڭ قولىدىكى تومپىيىپ تۇرغان سومكىغا قاراپ سومكىنىڭ ئىچىدىكى ھەر خىل ئىچىملىكلەر ئىكەنلىكىنى قىياس قىلدىم . مېنى كۆرگۈسى كېلىپ كەتكەن زادى كىمدۇ؟
    — جەنۇبتىن بىرەر ساۋاقدىشىمىز كەپتۇمۇ يا؟
    تۇرسۇن بىلەن ئىككىمىز ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق.
    — ئۆيگە كىرگەندە بىلىسەن،— دېدى تۇرسۇن كۈلۈپ تۇرۇپ.
    ئۆيگە كىردىم . مېھمانخانا ئۆيدىن كۈلۈشكەن ئاۋاز كېلەتتى.
    — ياخشى مېھمان كەلدى،— بۇ غالىپ ئىدى . ئۇ ئالدىمغا چىقىپ مېنى ئۆيگە باشلىدى . بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئېلىپلا چۆچۈپ كەتتىم . ئۆيدە ئۈچ كۈن ئىلگىرى «يانتاق» رېستورانىدا بىللە ئولتۇرغان ئۈچ قىز ئولتۇراتتى . قىزلارنىڭ بىرى تۇرسۇنئاي ئىدى، يەنە بىرى مەن زادىلا ئويلاپ باقمىغان گۆھەر ئىدى.
    — تۇمۇچۇق گېپىڭىزنى قىلىپ بەك سايراپ كەتتى . كۈتە-كۈتە ئاران دىدارىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق.
    قىزلار بىلەن باش لىڭشىتىپ كۆرۈشتۈم . گۆھەر ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگەچ قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتتى . مەن شۇ كۈنكى ئولتۇرۇشتىن كېيىن ئىككى كۈن تولۇق ئويلانغان، بۇنداق سورۇنغا قايتا يولىماسلىقنى قارار قىلغانىدىم . ئەمما بۈگۈن «بارمايمەن دېگەن تۈگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ» دېگەندەك ئىش بولغانىدى.
    — كەل، يۇقىرىغا ئۆت . گۆھەرنىڭ يېنىدا ئولتۇر . گۆھەر دېگەن گۆھەرپۇرۇشنىڭ يېنىدا بولمىسا بولمايدۇ،— ئۆيدىن كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.
    تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىشتۇق . كۆڭلۈم زادى ئېچىلالمىدى . تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، قورۇما تارتىلىپ بوتۇلكىنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى . يەنىلا كۆڭلۈم ئېچىلمىدى . بۈگۈن قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاق ھاراققا ئۆتكەنىدى.
    — بۈگۈن كونا دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق،— دېدى سۆزىنى باشلاپ غالىپ،— بىر كۆرۈشكەن تونۇش، ئىككى كۆرۈشكەن تۇغقان  دېگەن گەپ بار . مانا بۈگۈن تۇغقانمۇ بولۇپ قالدۇق . قانداق تۇرسۇنئاي؟
    تۇرسۇنئاي ئىسىملىك قىز كۈلۈپ قويدى . مەن بۈگۈن بۇ قىزغا تۇنجى قېتىم بەكمۇ يېقىندىن قارىدىم . قىزنىڭ تەن قۇرۇلۇشى، چىرايى بەكمۇ چىرايلىق ئىدى . لېكىن تېرىسىدىن، كۆزلىرىدىن بىر خىل خۇنۈكلۈك چىقىپ تۇراتتى . قايسى كۈنى مەن بۇ نۇقتىنى بايقىمىغانىكەنمەن.
    — بۈگۈن ئەتىگەندە رەيھانگۈل كۆرۈشسەك دەپ تېلېفون قىپتۇ،— دېدى تۇرسۇن . قايسى كۈنى ئۇ كەلتۈرگەن قىزنىڭ ئىسمى رەيھانگۈل ئىدى،— دەرھال ماقۇل دېدىم.
    — مەنغۇ بىرەر ھەپتە كۆرۈشمەي چىدايتتىم . تۇرسۇنئاي بىلەن گۆھەر ئەخمەت بىلەن غالىپنىڭ گېپىنى قىلىپ چىدىيالماي قالدى،— دېدى رەيھانگۈل.
    بۇ گەپ بىلەن تەڭ مەن گۆھەرگە سەپسالدىم . گۆھەر بۈگۈن بەكمۇ تارتىنچاق بولۇپ كەتكەنىدى . ئۇ كۆزۈمگە قارايتتىيۇ، دەرھال كۆزىنى ئەپقاچاتتى . مەن قىزنىڭ چىرايىدا تۇرسۇنئاينىڭ چىرايىدىكىدەك سۇسراق خۇنۈكلۈكنىڭ بارلىقىنى سەزدىم . قىز بۈگۈن باشقا پاسوندا ياسىنىۋالغانىدى . ئەمما كىيىملىرىدىن ئاددىي-ساددىلىق، توغرىراقى نامراتلىق چىقىپ تۇراتتى.
    بىرنەچچە قېتىم رومكا سوقۇشتۇردۇق . ئارىدا قىزلار بىردەم ئۇسسۇل ئوينىدى . ئەمما مەيلى ئۇسسۇل، مەيلى چاقچاق زادى مەيلىمنى تارتالمىدى . كۆڭلۈمدە ئاجايىپ بىر غەشلىك ھۆكۈمران ئىدى . ئۆزۈمنى قەستەن خۇشال قىياپەتتە كۆرسىتىپ باقتىم . ئۈنۈم بەرمىدى . گۆھەر قىياپىتىمدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى بايقىغانىدى . شۇڭا ئۇنىڭمۇ شوخلۇقى ئازلاپ قالغانىدى . ئالدىغا كەلگەن رومكىنى زادى توختاتمايتتى . ھەر قېتىم خوش دېگەندە ماڭا بىر قېتىم لاپپىدە قاراپ قوياتتى.
    — نېمە بولدىڭىز؟— دېدى بىر چاغدا تۇرسۇنئاي ماڭا قاراپ،— مىجەزىڭىز يوقمۇ يا؟
    — ياق،— دېدىم مەن،— ھېرىپ كەتكەن ئوخشايمەن.
    — نېمە ئىش قىلغانغا ھاراتتىڭىز، بىر گۆھەرنى تۇتقۇزۇپ قويساق پۇراپمۇ قويماپسىزغۇ؟— دېدى رەيھانگۈل، مەندىن باشقا ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى.
    — بۈگۈنمۇ مېجەزىڭىز بولمىسا قاچان مىجەزىڭىز پەيدا بولار، غالىپ، ئاغىنىلىرىڭىزنىڭ تۇغما مىجەزى يوقمۇ يا.
    قىزلار ساز قىلىشىۋاتاتتى . قاپاقلىرىم تۈرۈلۈپ كەتتى . غالىپ بۇنى ھېس قىلىپ دەرھال گەپنى بۆلدى:
    — ئاغىنىمىزنىڭ ئوقۇرى ئېگىز . ئۇنداق-مۇنداق ئاتلار بوغۇز يېيەلمەيدۇ . گۆھەر ئۇنىڭ ئالدىدا مىت قىلماي تاشتەك قېتىپ تۇرۇۋالسا ئاغىنەم ئۆزى تاش دېمەي گۆھەر دەپ پۇراپ يۈرەمىش.
    گۆھەر قىزىرىپ كەتتى . قىز ناھايىتى ئوڭايلا قىزىراتتى . «بۇ قىز تېخى ئۈزۈل-كېسىل تۈگەشمەپتۇ» دېدىم مەن ئىچىمدە، «تېخى قىزىرىشنى بىلىدىكەن، راست، خۇدا بۇنداق كۈننى بىزگە كۆرسەتمىسۇن . ھېلىمۇ شۈكرى دەيلى . بۇ يولدا كىمنىڭ ئۆزى خالاپ ماڭغۇسى بار؟ كىم بۇ يولنىڭ ناچار يوللىقىنى بىلمەيدۇ، ئەمما...»
    كەچ سائەت 10 غا يېقىنلاشقاندا قايتىش ئۈچۈن ئورنۇمدىن تۇردۇم . گۆھەر ئۈن-تىنسىز ماڭا ئەگەشتى . غالىپ بىلەن تۇرسۇن يەنە بىردەم ئولتۇرىدىغان بولۇپ قېپقالدى . مەن چىقىپ كېتىدىغان چاغدا تۇرسۇنئاي دېگەن قىز يەنە چاقچاق قىلدى:
    — بۈگۈن يەنە مىجەزىم يوق دەپ دوستۇمنى ئۆيىگە ماڭدۇرۇۋەتسىڭىز، بۇنىڭدىن كېيىن گۆھەر ئەمەس، تاشقىمۇ ئېرىشەلمەيسىز.
    گەپ قىلمىدىم . مېنىڭ بۇنداق گۆھەرگە ئېرىشكۈم يوق ئىدى . گۆھەرنىڭ ھالىتى بۇ ۋۇجۇدۇمدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلغانىدى . ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسى بار ئىدى . تېخى مۇشۇ تۇرسۇننىڭ ئايالى بوشانغىلى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتكەنىدى . دوست بولغان ئادەم دوستىنى بۇنداق جىنايى يولغا باشلايدىغان ھالەتتە ئەمەس، بار ئامالى بىلەن توسىدىغان ھالەتتە  بولۇشى كېرەك ئىدى . لېكىن ئەھۋال پۈتۈنلەي ئەكسىچە.. . كاللامنى گادىرماچ خىياللار قاپلىۋالدى.
    — مەندىن رەنجىپ قالدىڭىزمۇ؟— بىر چاغدا گۆھەرنىڭ قىلغان گېپى مېنى خىيالدىن قايتۇرۇپ كەلدى.
    — ياق، نېمىشقا سىزدىن رەنجىگۈدەكمەن،— دېدىم مەن.
    — رەھمەت، سىزنىڭ قايسى كۈنى دېگەن گەپلىرىڭىز بىلەن مەن بۇ ھەقتە ئويلاندىم.
    — چىقىش يولى تاپتىڭىزمۇ؟
    قىز جىمىپ كەتتى،— ئويلانساق بۇ يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەك بەكمۇ ئوڭاي ئىكەن . لېكىن بۇ يولدىن قەدىمىمىزنى تارتماق بەك تەس ئىكەن،— دېدى ئاخىرىدا قىز ئۇھ تارتىپ.
    — نېمىشقا شۇنداق ئويلاپ قالدىڭىز،— دېدىم مەن.
    — بىلمەيمەن،— دېدى قىز.
    — بىلىشىڭىز كېرەك . بۇ يول سىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
    — بىلىمەن . لېكىن بۇ يولغا ماڭمىساممۇ يەنىلا ھالاكەتكە بارىمەن . ماڭا ھالاكەتتىن باشقا يول قالماپتۇ.
    — نېمىشقا؟
    — چۈنكى مەن ماڭىدىغان توغرا يولنى باشقىلار ئىگىلەپ كېتىپتۇ . ئۇ يولدا مەن ماڭغۇدەك بوشلۇق قالماپتۇ.
    قىز بىلەن خېلى مۇنازىرە قىلدۇق . لېكىن ھېچكىم ھېچكىمنى قايىل قىلالمىدى . قىزنىڭ گەپلىرىنىڭ خاتالىقىغا شەك كەتمەيتتى .
    — باشقا گەپلەرنى قىلىشمايلىمۇ؟— دېدى قىز بىر چاغدا.
    — بايىقى دوستلىرىڭىز بىلەن قاچان تونۇشقان؟
    — بىر ھەپتە ئىلگىرى تونۇشقان.
    — نېمە؟!— چۆچۈپ كەتتىم.
    — بىر ھەپتە ئىلگىرى تونۇشقانتۇق . بۇنداق قىزلار ساماندەك . قاراڭ، ئاشۇ تۇرسۇنئاي دېگەن قىزنى، ئېرى ئاق چېكىپ بارلىق بىساتىنى تۈگىتىپ قېتىپ قاپتۇ . بىچارە ئامالسىز كوچىغا چىقىپتۇ . جان ساقلىماق مۈشكۈل.
    گۆھەرنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا سالغاندەك ئاڭلىناتتى . ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . گۆھەر بۇ نۇقتىنى ھېس قىلدىمۇ، ئاخىرىدا قوشۇپ قويدى:
    — ھەرقانچە گەپ قىلسام سىز بەزى ئەھۋاللارنى چۈشەنمەيسىز.
    قىزنى بۈگۈن شامالۋاغدىكى بىر جايغا ئاپىرىپ قويدۇم . خوشلىشار چاغدا قىزنىڭ چاقىرغۇ نومۇرىنى يېزىۋالدىم . قىز مەن بىلەن خوشلىشىپ  ئۆيگە كىرىپ كەتتى . بۈگۈن ئۇنىڭغا نەسىھەتمۇ قىلمىدىم . نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم . مەن ئىلگىرى كۆرگەن، ھېس قىلغان بۇ رېئاللىق بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقاندىن كېيىن، ماڭا ئوخشاش  ياشاۋاتقانلارنىڭ نەقەدەر خىرامان، ھەتتا بەختىيارلىقتىن يامان ئىشلارغىمۇ زوق بىلەن قارايدىغان خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىۋاتاتتىم . بۇ بەكمۇ خەتەرلىك ئىدى . تونۇشتىكى قارىغۇلۇق بىزنى ئەقىلنىڭ چۈشكۈنلىكىگە پاتۇرۇپ، تۇيغۇمىزدا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتاتتى.
    تەييار كېلىپ قالغان ئاشنى يېمەسلىكىم ئاغىنىلەرنىڭ ئەرۋاھىنى ئۇچۇرغانىدى . ئۇلار گۆھەرگە 200 يۈەن بەرگەنلىكىمنى تۇرسۇنئايدىن ئۇقۇپ چىچاڭشىپ كېتىشتى.
    — سېنى خېلى ئەقىللىق بالا دېسەم ئەخمەت، ئەخمەق ئىكەنسەن،— دېدى پەرھات كۆزۈمگە تىكىلىپ تۇرۇپ.
    ئۇلار بىلەن «بىزنىڭمۇ ئاچىمىز، سىڭلىمىز بارغۇ؟ بەختلىك ئائىلىمىز تۇرسا ئۇنى خاراب قىلمايلى» دەپ خېلى ئۇزۇن مۇنازىرە قىلدىم . ئۇلارنىڭ جاۋابى تەييار ئىدى . ھەممىسى مېنى خاتا قىلدى دەپ قاراۋاتاتتى.
    — بىز ئازدۇق ئاغىنىلەر،— دېدىم ئۇلارغا،— ئۇنداق قىلمايلى، بۇ كۈن بىزنىڭ بېشىمىزغا كېلىپ قالمىسۇن.
    — خۇدايىم ساقلايدۇ،— دەپ جاۋاب بەردى ھەسەن.
    ئىشنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقى بىر ھەپتىدىن كېيىن مەلۇم بولدى . پەرھاتنىڭ ھاسىراپ ئۇرغان تېلېفونى ئارىمىزدا بىر ۋەھىمىلىك ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
    — ئاداش ئەخمەت، ئايالىڭغا دېمەي 2000 يۈەن پۇل ئېلىپ شەرق دوختۇرخانىسىغا كەلسەڭ، بېشىمغا كۈن چۈشتى.
    ئىشخانىدا تارتمامدا  ساقلىنىۋاتقان ئىدارىنىڭ 2000 يۈەن پۇلىنى ئېلىپ تاكسى بىلەن شەرق دوختۇرخانىسىغا كەلدىم.
    پەرھات دوختۇرخانا كارىدورىدا ئورۇندۇقتا  سالپىيىپ ئولتۇراتتى . ئۇ مېنى كۆرۈپ ئورنىدىنمۇ تۇرمىدى . ئۇنىڭ سۇلغۇن تۇرقىغا، سارغايغان چىرايىغا قاراپ ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم.
    — ئاداش، نېمە ئىش بولدى؟ چاققان دېگىنە؟
    — ئاداش، مەن تۈگىدىم . پۈتۈنلەي تۈگەشتىم،— دېدى پەرھات يىغلامسىراپ تۇرۇپ،— نېمىشقا شۇ پۇقنى يېگەن بولغىيتتىم . ھېلىقى پاسكىنىلار قىز بالا ئەمەس شەيتانكەن . ھېلىمۇ سېنىڭ ئەقلىڭ بار ئىكەن.
    مەن ئەھۋالنى سەل چۈشەنگەندەك بولدۇم . قارىغاندا بىز بىر ھەپتە ئىلگىرى «ئاچقان كۆڭۈل»نىڭ چاتىقى چىققانىدى.
    — زادى نېمە بولدۇڭ؟
    — ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . ئىككى كۈندىن بېرى پۈتۈن بەدىنىم بىئارام بولۇپ، تەرىتىم ياخشى ئەمەس، پۇت-قوللىرىمغا ھۆررەكلەر چىقىپ كەتتى . دوختۇرخانىغا كېلىۋىدىم، دوختۇر «سىبلىس بولۇپ قالغاندەك تۇرىسەن» دەيدۇ . جىددىي داۋالانمىسام بولمايدىكەن.. . ھازىر قان تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتىمەن.
    بىز پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق، تۇيۇقسىز ياندىكى ئۆيدىن دوختۇر توۋلىدى.
    — پەرھات بارمۇ، كېلىڭ.
    پەرھاتنىڭ چىرايى تېخىمۇ سارغايدى.
    — قورقما ئاداش، مەن بار.
    ئىككىيلەن ئالدىرىماي مېڭىپ بۆلۈمگە كىردۇق . بۆلۈمدە بىزنى ئوتتۇرا ياشلىق بىر دوختۇر ساقلاپ تۇراتتى.
    — سىز پەرھاتمۇ؟— دېدى دوختۇر پەرھاتقا باشتىن-ئاياغ قاراپ چىقىپ،— قاملاشقان بالىكەنسىلەر، قاراڭلار قىلغان ئىشىڭلارنى، سىلەرگە جان كېرەك ئەمەسمۇ، سىبلىس كېسىلى بولۇپ قاپسىلەر . جىددىي داۋالىنىڭ، بۈگۈندىن باشلاپ ھەر كۈنى ئىككى ۋاق ئوكۇل سالدۇرىسىز، بولدى چىقىڭلار.
    پەرھاتنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەنىدى . مەن ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدىم.
    — ھەي، پەرھاتنىڭ دوستى سىز توختاڭە، گەپ بار.
    مەن توختىدىم . پەرھات تېخىمۇ قورقۇپ كېتىۋاتاتتى.
    — سىلە دورا ئالغاچ تۇرۇڭلا پەرھىتاخۇن.
    پەرھات ماڭدى . مەن دوختۇر بىلەن يالغۇز قالدىم.
    — ئاغىنەڭلارنىڭ خوتۇن-بالىسى بارمۇ؟
    — بار،— دېدىم مەن.
    — تېزدىن ئېنىقلاپ بېقىڭلار . ئەسكىلىك قىلغاندىن بۇيان ئايالىغا يېقىن كەپتىمۇ  يوق؟ يېقىن كەلگەن بولسا ئايالىمۇ داۋالانسۇن، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى . يەنە بىر گەپ، ئاغىنەڭلاردا سىبلىس بار ئىكەن . بىز ئەيدىز كېسىلىمۇ بارمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمىز . ئەيدىز كېسىلى بار-يوقلۇقىنىڭ نەتىجىسى ئىككى كۈندىن كېيىن چىقىدۇ . ئەيدىز كېسىلى دېگەن بەك خەتەرلىك، ھازىر ئەخلاقسىزلىق قىلىش ھايات بىلەن ئويناشقانلىق.
    ئەيدىز ۋە سىبلىس كېسىلى ھەققىدە خەۋىرىم بار ئىدى . ھەتتا يېرىم يىل ئىلگىرى مۇشۇ كېسەل ھەققىدىكى بىر تەشۋىق ۋاراقچىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەنىدىم . ئەيدىز كېسىلى يۇققان ئادەم مۇقەررەر ئۆلەتتى . شۇ چاغدا ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە ئويلاپ باقمىغانىكەنمەن . ئەجەبا ئۇ بۈگۈن يېنىمىزدىلا پەيدا بولسا، ئىلاھىم ئاغىنەم ساق چىقار . بۇنداق تىلىمەكتىن باشقا ئامال يوق ئىدى . ئاغىنەم ئەيدىز كېسىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ سىبلىس بولغان، ئارىدا ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلغان بولسا ئايالىمۇ يۇقۇملانغانىدى.
    كارىدوردا پەرھات مېنى سارغايغان پېتى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.
    — دوختۇر يەنە نېمە دەيدۇ؟— دەپ سورىدى ئۇ مەندىن.
    مەن نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم . ئاخىر سۈكۈت قىلىۋېرىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى سېزىپ گەپنىڭ ئوچۇقىنى دېدىم.
    — ھېلىقى ئىشتىن كېيىن ئايالىڭ بىلەن بىرگە بولغانمۇ؟
    پەرھات سوئالىمنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى . چىرايى شۇنداق سەتلىشىپ كەتتىكى، بىر چاغدا ئېغىر ئۇھ تارتىپ «شۈكرى» دەپ جىم بولدى.
    — گەپ قىلە،— دېدىم مەن.
    — شۈكرى، خۇدا ساقلاپتۇ،— دېدى پەرھات.
    بايا مەنمۇ جىددىيلىشىپ كەتكەنىدىم . بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشتى . ئەمما كۆڭلۈمنىڭ يەنە بىر يېرىدە يەنە بىر مۇدھىش ماراپ ياتاتتى . ئۇ بولسىمۇ ئەيدىز دېگەن گەپ ئىدى.
    — كېسىلىڭ تەلتۆكۈس ساقىيىپ ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈچە ئايالىڭنىڭ يېنىغا بارما،— دېدىم ئەسكەرتىپ.
    پەرھاتنىڭ چىرايىغا سۇس كۈلكە يۈگۈردى . ئۇ دوختۇر بىلەن بالنىتسىدا ياتمايدىغان، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم ئاسما ئوكۇل ئۇردۇرىدىغان بولۇپ كېلىشىپ تۇنجى ئوكۇلنى ئۇردۇرۇش ئۈچۈن سېسترا ئىشخانىسىغا ماڭدى . مەن ئۇنىڭغا خىراجەت قىلار دەپ 2000 يۈەننى بېرىپ دوختۇرخانىدىن ئايرىلدىم.
    ئۆيگە كېلىۋىدىم، تېلېفون كەلدى . يۈرىكىم جىغغىدە قىلدى.
    — مەن غالىپ ئاداش، چاتاق چىقتى.
    — كىمدىن چاتاق چىقتى؟
    — كىمدىن بولاتتى؟ مەندىن.
    ئۇمۇ سىبلىس بولغانمىدۇ؟ غالىپنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ كېسىلى سىبلىستىن يېنىك سۆزنەك ئىكەن . ئەمما دوختۇر ئۇنى ئەيدىز كېسىلى دەپ گۇمان قىپتۇ.
    غالىپنىڭ ئاۋازى بەكمۇ دەردلىك ئىدى.
    — ئاداش، راستتىن شۇ كېسەلگە گىرىپتار بولسام نە ئات، نە نومۇس.. . ئۆلۈۋالىمەن، شۇ كۈنى ئۆلۈۋالىمەن.
    ئايالىمغىمۇ ئېيتماستىن غالىپنىڭ يېنىغا ئۈندۈم . ئۇنىڭ كۈلگە يېغىپ تۇرغان چىرايى ھەسرەت ۋە ئازابتىن بىر قىسمىلا بولۇپ كەتكەنىدى . مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ ھەسەن ۋە تۇرسۇنغا تېلېفون ئۇردۇم . ئۇلارمۇ بىردەمدىلا يېتىپ كەلدى . تەلىيىمىزگە يارىشا بۇ ئىككى ئاغىنە ھېچنېمە بولمىغانىدى . لېكىن ئەيدىز دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ چىرايىمۇ سارغايدى . ھەسەن ھەتتا يىغلىۋەتكىلى تاسلا قالدى.
    — ئاداشلار،  بىر نۆۋەت ئازغانغا ئۇنداق بولۇپ كەتمەس.
    — بىلمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى قان تەكشۈرتكىن.
    ئاغىنىلەر جەم بولغان سورۇندىن تۇنجى قېتىم كۆڭۈلسىز ئايرىلدۇق . بولۇپمۇ غالىپنىڭ ئەھۋالى بەكمۇ خاراب ئىدى . ئۇ بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى مەن دەپ قارىغاچقا دوستلار ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرەلمەيتتى.
    ئىككى كۈندىن كېيىن دوختۇرنىڭ ئالدىغا باردىم . دوختۇرنىڭ چىرايىدىكى ئىپادىدىن ھېچ ئىش بولمىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . يېنىك تىندىم.
    — شۈكرى، ئاغىنىڭىز ساقكەن . لېكىن ئۇ بالىغا دەپ قويۇڭ، بۇ يولغا ئىككىنچى كىرىپ قالمىسۇن . سىزگىمۇ دەپ قوياي، قاملاشقان بالىكەنسىز، «قاغا بىلەن بىر بولساڭ يېيىشىڭ پوق» دەپ سىزمۇ ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپ قالماڭ . بۇ ھەرگىز ئويۇن ئەمەس، ھاياتقا چاقچاق قىلماڭلار.
    ھەسەننى قان تەكشۈرتۈشكە ئۇناتماق بەكمۇ تەسكە چۈشتى.
    — قورقىمەن،— دەيتتى ھەسەن،— كېسەل چىقىپ قالسام قانداق قىلىمەن.
    — ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرتۈپ باق . ئايالىڭنى قوغداپ قالساڭمۇ بولىدىغۇ...
    ئاخىر بۇ جۈملە ھەسەننى ئەيۋەشكە كەلتۈردى . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ھەممەيلەننىڭ قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىقىپ ھېچكىمنىڭ قېنىدا ئەيدىز ۋىرۇسى يوقلۇقى ئايدىڭلاشتى . ئاغىنىلەر يېنىك ئۇھ تارتتى . ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە پەرھاتمۇ تولۇق ساقىيىپ كەتتى . لېكىن ئۇنىڭ ساقىيىشى 4000 يۈەنگە توختىدى . 4000 يۈەن پەرھات ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشى ئىدى . ئىككىسى ئىككى ئاي يېمەي-ئىچمەي يىغسا ئاندىن بۇ قەرزنى قايتۇرالايتتى.
    ئەمما، بۇ ئىشنى ھېچقايسى ئاغىنىمىزنىڭ ئايالى ئۇقۇپ قالمىغانىدى . پەرھات ئايالىغا ئۆز كېسىلىنى يېقىندا چىققان قىچىشقاقتەك بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەلكەن دەپ سۆزلەپ يۈرۈپ ئىشەندۈرۈۋەتكەنىدى . ئاياللار ئۇقسا پۈتۈن جەمئىيەت ئۇقۇپ كېتەتتى . مۇھىمى سادىر قىلغان بۇ خاتالىقىمىز گۈزەل بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلاتتى . بىرنەچچە بالا تىرىك يېتىمغا ئايلىناتتى.
    — بىز بەك بىخۇتكەنمىز،— دېدى پەرھات،— بەك قارامكەنمىز . نېمىشقا شۇنداق خەۋپ-خەتەرنى ھېس قىلالمىغاندۇق؟
    — بىزدە بىر خىل كېسەل بار ئىكەن،— دېدى غالىپ پەرھاتنىڭ گېپىنى تەن ئېلىپ،— خەۋپ-خەتەر ئىچىدە ياشايدىكەنمىز، ئەمما قورقمايدىكەنمىز . قورقماسلىقىمىز مەردانىلىقتىن ئەمەس، نادانلىقتىن كېلىپ چىققانىكەن.
    — بىزدە ئەقىل سەل كەممۇ يا؟— دېدى تۇرسۇن.
    مەنمۇ چوڭقۇر خىيالغا پاتتىم...

    5

    ئايالىم بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانىدىم . مۇھەببەتلەشكەن چاغلىرىمنى ئويلىسام، كۆڭلۈمگە گۈزەل تۇيغۇلار يامرايتتى . ئايالىمنى قاچان، قانداق ياخشى كۆرۈپ قالغىنىم ئېسىمدە يوق . لېكىن شۇ قىزسىز ياشىيالمايدىغانلىقىمنى ھېس قىلىپ ھەسرەتكە چۆككىنىم، كېچىلەردە  ئۇيقۇسىز قالغىنىم ھازىرمۇ ئېسىمدە . شۇ چاغلاردا بىر روھىي كېسەلگىلا ئوخشاپ قالغانىدىم . قىزنى كۆرگۈم كېلەتتى . شۇڭا دائىم قىز ماڭىدىغان كوچىلارنى ئەگىپ يۈرەتتىم . ئىشىم بولمىسىمۇ قىز بار تەرەپنى ئايلىنىپ ماڭاتتىم . تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم يېزىقچىلىقتىن تاپشۇرۇق بەرسە، ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىنى قوياتتىم . بىرىنچى، ئىككىنچى قۇرنىمۇ يازاتتىم . لېكىن ئۈچىنچى قۇرغا  بارغاندا نېمە دېيىشنى بىلمەي قالاتتىم . كۆپىنچە ھاللاردا  تاپشۇرۇقنى ئىشلىيەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن تەنقىد ئاڭلاپ تۇراتتىم . لېكىن تەبىئىي پەندىكى نەتىجەم ياخشى بولغاچقا ئوقۇتقۇچۇم بەكمۇ ئەيىبلەپ كەتمەيتتى . ناتىقلىقىم باشلانغاندىن كېيىن بىلىپ-بىلمەي يازغۇچى بولۇپ قالدىم . بىرنەچچە خاتىرە كۆڭۈل بايانلىرىم بىلەن توشتى . ھەتتا بىر كۈنى خاتىرەمنىڭ بىر بېتىگە مۇنداق دەپ يازغانىدىم:
    «ھاياتىمنى مەنىلىك دەپ ئويلايتتىم . سەن قەلبىمگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، مەن مەنە دەپ قاراۋاتقان ئىشلار مەنىسىز تۇيۇلىدىغان بولدى . ھەقىقىي مەنە سەن ئىكەنسەن . ھازىر سەنسىز ھايات ماڭا ئەڭ مەنىسىز . سەنسىز ياشاش چەكسىز ئازاب . مېنىڭ ياشىشىم پەقەت سەن ئۈچۈن» . يازغانلىرىمنى ئەدەبىي گەپ دېگەندىن كۆرە ئاشىق كۆڭۈلنىڭ ئەڭ سەمىمىي  ئىقرارى دەپ ئويلىسا توغرا بولاتتى . كېيىن قىزغا تەلەپ قويدۇم . بىر مەزگىللىك ئەگرى-توقايلىقلاردىن كېيىن قىز ماڭا مەنسۇپ بولدى . بۇ جەرياندا يىگىتلەردە بولىدىغان، قىز كەلتۈرۈشكە ئائىت تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سالدىم . ھەتتا ھېچكىم سىناق قىلمىغان يېڭى تەدبىرلەرنى ئويلاپ تاپتىم . ئاشىق كۆڭۈل قىزنىڭ ئىشقىدا ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا رازى ئىدى.
    قىز كۆڭلىنىڭ ماڭا مەنسۈپ بولۇشىمۇ قەلبىمدىكى ئىشىقنى پەسەيتەلمىدى . خىزمەتكە چىقىپ توي قىلدۇق، بۇ جەرياندا بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەر بولمىدى دېيەلمەيمەن . لېكىن قەلبىمىزدىكى يالقۇنلۇق سۆيگۈنىڭ ياردىمىدە ھەممە قىيىنچىلىقنى يەڭدۇق . بالىلىق بولدۇق...
    مەن مۇشۇ تارىخنى قايتا ئەسلەپ چىقتىم،  خىزمەتكە چىقىپ بىر يىل بولغاندا خىزمەت تېپىشىمغا ياردەم بەرگەن بىر يۇرتلۇقىمىز مېنى خالىي بىر جايدا چاي ئېچىشكە تەكلىپ قىلدى.
    — ئۇكام ئەخمەت،— دېگەنىدى يۇرتلۇقىمىز شۇ چاغدا،— خىزمىتىڭگە يول مېڭىشىپ بەرگەنلىكىمدىن بەك رازىمەن . يۈزۈمنى تۆكمىدىڭ . ئىقتىدارىڭدىن ھەممەيلەن رازى . ئىدارە باشلىقىڭدىن تارتىپ بىرنەچچە يۇقىرى دەرىجىلىك كادىر ساڭا كۆز تەگمىسۇن دېگەن ئويدا بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى...
    خىزمەتتە ئۇتۇق قازىنىش، باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشگە ئېرىشىش ئادەمنى بەكمۇ شادلاندۇرىدۇ . يۇرتلۇقىمىزنىڭ گەپلىرىگە قۇلىقىم تىك بولدى . يەنە نېمە ياخشى گەپلەر چىقاركىن دەپ كۈتۈۋاتاتتىم.
    — بىزنىڭ يۇرتلۇق خالىق نازىرنى بىلىسەن . ئۇمۇ سېنىڭ ياخشى گېپىڭنى ئاڭلاپتۇ . ئۇ كىشىمۇ سەندىن بەك رازى ئىكەن...
    شۇ گەپلەردىن كېيىن خالىق نازىرنىڭ  ئۆيىگە بىرنەچچە قېتىم باردىم . مېنى ھەر قېتىم ھېلىقى يۇرتلۇقىم ئېلىپ باراتتى.
    — ئۇكام،— دېدى يۇرتلۇقىمىز بىر كۈنى يەنە چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپ،— خىزمەتكە چىققىلى ئىككى يىل بولدى . تۇرمۇشىڭنى ئويلايدىغان چاغ كەلدى . بۇ ھەقتە بىرەر پىلانىڭ بارمۇ قانداق؟
    ئۈندىمىدىم . يۇرتلۇقىمىز ئۈندىمەسلىكىمنى  كۆڭلىدە ھېچقانداق سان يوقلۇقتىن شۇنداق بولۇۋاتىدۇ دەپ قاراپ، مېنىڭ گەپ قىلىشىمنى كۈتمەي نەق گەپكە كۆچتى.
    — خالىق نازىرنىڭ  تېببىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر قىزى بار، ئۆيگە بارغاندا بىزگە چاي قۇيغان قىز شۇ.
    ئېسىمگە كەلدى . بىز ھەر قېتىم خالىق نازىرنىڭ  ئۆيىگە بارغاندا چىرايلىق، تارتىنچاق بىر قىز چاي قۇياتتى.
    — قىز بەك ئەدەپلىك، تارتىنچاق بالا بولدى . نازىرنىڭ شۇ قىزىنى ئۆز يۇرت دائىرىسىدىن چىقىرىپ قويغۇسى يوق ئىكەن...
    يۇرتلۇقىمىزنىڭ مەقسىتىنى چۈشەندىم . شۇ چاغدا كاللامغا «سۆيگۈنىمدىن ئايرىلىپ قالامدىم نېمە؟» دېگەن ئوي كەلدى.
    يۇرتلۇقىمىز خالىق نازىرنىڭ قىزنى ئالغان ئادەمنى قوشۇپ چەت ئەلدە ئوقۇتىدىغانلىقى ھەققىدىكى بايانلارنى سۆزلەشكە باشلىغاندا، بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ سۆزنىڭ تۈگىشىنى كۈتتۈم . سۆز تۈگىگەن ھامان:
    — مەن بۇ يىل كۈزدە ئۆيلىنەي دەيمەن . باشتا تۇرۇپ بېرەرسىز . قىز تەرەپكە ئۆيدىكىلەر چاي ئىچۈرۈپمۇ بولدى،— دېدىم.
    شۇ چاغدا  يۇرتلۇقۇم مېنى باشقا قىزلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىمىغان بولسىمۇ، سۆيگۈنىمدىن ئايرىلىپ قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرىگەن ، سۆيگۈنىمسىز ياشىماقنىڭ تەسلىكى ۋۇجۇدۇمدا زىلزىلە قوزغىغانىدى.
    ئەمما، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قەلبىمدىكى بۇ تۇيغۇدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى.
    ئايالىم، بۈگۈنكى تۇرمۇشۇم ھەققىدە ئويلاندىم، ئايالىمدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلارمەن دەپ سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزدۈم . ھازىر ئىلگىرىكى سەۋدايىلارچە ياخشى كۆرۈش قېرىنداشلىق خاراكتېرىدىكى مۇھەببەتكە ئوخشايدىغان، بىر خىل يېقىنچىلىققا ئايلىنىپ قالغاندەك تۇراتتى . ئەمما ئايالىمدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ۋەھىمىسى بۇرۇنقىدىن ئازايغانىدى . ئويلىنىش ئارقىلىق بەختىمىزگە بولغان ئىشەنچنىڭ قەلبىمدىن بۇنداق ۋەھىمىنى ئازايتىۋەتكەنلىكىنى سەزدىم . لېكىن مەندە بىلىنەر-بىلىنمەس بىر ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنىدى . ئىلگىرى تۇرمۇشۇمدا باشقا ئاياللارنىڭ بولۇشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم . قەلبىمنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىدىن ئۆرلەپ چىققان ئىسيانكار تۇيغۇلار بۇنداق خىيالنى قىلىشقىمۇ يول قويمايتتى . ئەمما ھازىر بۇرۇنقىدەك ئايالىمنى قىزغىن ياخشى كۆرۈش تۇيغۇلىرى پەسەيگەن، مۇھەببەتلىك تۇرمۇشقا قارىغاندا بىر-بىرىمىزگە ھەمراھلىق مەسئۇلىيەت كۈچەيگەندەك قىلاتتى.
    ئويلىغانلىرىمنى غالىپقا دەپ بېرىۋىدىم، غالىپ ھەيران قالدى.
    — مەن سەندەك چوڭقۇر ئويلىنىپ باقماپتىمەن . بىلىسەن، مەنمۇ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغان، لېكىن نېمە بولغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەي قالدىم . ئايالىمنى ھازىر ياخشى كۆرىمەن . لېكىن باشقا ئاياللارمۇ شەيتىنىمنى قوزغاپ تۇرىدۇ.
    غالىپنىڭ دېگەنلىرى سەمىمىي گەپلەر ئىدى . ئىككىلىمىز خىيالغا چۆمدۇق.
     بوۋام ياش ۋاقتىدا بىر قېتىم مومامغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش قىلىپ قويۇپ خىجىللىقتا يۇرتتىن چىقىپ كېتىپ نەچچە يىلدىن كېيىن قايتىپ كەلگەنىكەن،— دېدى غالىپ.
    مەنمۇ ئۆتمۈشتە شۇنداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم . لېكىن ھازىر بۇنداق ئىشلار بارمۇ-يوق؟ ھېچكىم بىلمەيتتى . سۆيگۈگە ساداقەتسىزلىك قىلىدىغانلار خېلى كۆپ بولغاچقا، بۇ كىشىلەر ئەجەبلەنمەيدىغان ئىشقا ئايلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى . بەلكىم مەن بىتەرەپلىمە ئويلىغاندىمەن . مەن شۇنداق ئىشلارنى باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك بىلگەچكە، ماڭا جاھان شۇنداق بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلغاندۇ.
    — مەن بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن،— دېدى غالىپ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ،— ئىلگىرىمۇ ئادەملەر بىزگە ئوخشاش ئويلىغان بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ بۇزۇقلۇقى ھازىرقىدىن قېلىشماسلىقى مۇمكىن . بولمىسا چىن مۇھەببەتنى كۈيلەيدىغان «پەرھاد-شېرىن»، «تاھىر-زۆھرە»لەرنى يارىتىشىپ يۈرەمدۇ؟ ئۇ داستانلارنىڭ يېزىش مەقسىتىمۇ ئادەمنى پاك مۇھەببەتكە، ئەخلاققا ئۈندەشقۇ.
    مەسىلىنى شۇنداق تەھلىل قىلىشقىمۇ بولاتتى . لېكىن بۇنداق تەھلىل قىلىش يەنىلا يۈرەكنى قانائەتلەندۈرەلمەيتتى . كۆڭۈل جاۋابلاردىن تولۇق رازى ئەمەس ئىدى . نېمىشقا رازى بولسۇن؟ كۆڭلىمىز شۇنداق ئىشلارنى خالاپ تۇرسىمۇ يەنىلا پاكلىقنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىمىز . ئۆز كۆڭلىمىزدە شۇنداق خاھىش مەۋجۇت بولسىمۇ، ئايالىمىزنىڭ قەلبىدە شۇنداق خاھىشنىڭ پەيدا بولۇشىغا بىر دەقىقىمۇ سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز . غالىپمۇ شۇنداق، ئۇ ئۆزى ئويۇنچى بولغاچقىمۇ ئايالىنى بەكمۇ چىڭ تۇتىدۇ.
    — مەنمۇ تۇنجى ئىشنى قىلماستا  ئازابلانغان، ھودۇققان، قورققانىدىم . لېكىن ئىش تۈگىگەن ھامان قورقۇنچۇم بېسىلدى . ھەتتا ئەتىسى شۇنداق ئىشنى قىلسامكەن دەپ خالايدىغان بولۇپ قالدىم.
    ئىككىمىز خېلى ئۇزۇنغىچە  پاراڭلاشتۇق، ئەمما كاللىمىزدا بىر تۈگۈن بار ئىدى . بۇ تۈگۈن قارىماققا ناھايىتى ئايدىڭ مەسىلىدەك كۆرۈنەتتى . قېتىغا چوڭقۇرلاپ كىرسىڭىز مۇرەككەپ ۋە باش-ئاخىرىنىڭ تايىنى يوقلۇقىدىن، جاۋاب تاپماقلىقنىڭ تەسلىكىدە كۆڭلىڭىز ئېلىشاتتى.
    جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قالايمىقانلىقى قاننى بۇزۇپ،  شۇ ئارقىلىق كېسەللەر پەيدا بولۇپ جەمئىيەتتە بەختسىزلىك ئاۋۇپ كېتىشى مۇمكىن.. . بەلكىم ھازىرقى جىنسىي ئەخلاق، گۇناھ تۇيغۇسى شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.

    6

    — كىمنىڭ مۇشۇنداق ياشىغۇسى بار دەيسىز، مەنمۇ ئىززەت-ئابرۇي بىلەن ياشىسام دەيمەن، پاك مۇھەببەتكە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن . لېكىن ئارزۇ قىلالايمەن، خالاس . ئەمما رېئاللىقتا ئۇنداق ئىش مەۋجۇت ئەمەس، قېنى مېنى كىم ھۆرمەت قىلىدۇ . بەلكىم سىز مېنى ھۆرمەت قىلدىم دەرسىز، لېكىن بۇ بىر ساختا تۇيغۇ، مېنى ياخشى كۆرۈڭ، پاك مۇھەببىتىڭىزنى ئاتا قىلىڭ دېسەم، سىز قۇيرۇقىڭىزنى خادا قىلارسىز ھەرقاچان...
    — بەلكىم،— دېدىم مەن،— راست، مەن سىزگە پاك مۇھەببەت بېرەلمەيمەن، لېكىن سىزنى بىر ئىنسان سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيمەن، مېنىڭ سۆيگەن ئايالىم بار، كۆڭلۈم شۇنىڭغا مەنسۇپ.
    — ئادەملەرنىڭ ھەممىسى  شۇنداق، كۆڭلىنى بىر ئادەمگىلا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ، لېكىن تېنىنى ھەممە ئادەمگە بېرىۋېتىشتىن يانمايدۇ، قارىغاندا پاك سۆيگۈ روھقىلا تەۋە نەرسە بولۇپ، تەن بىلەن ئىشى بولمىسا كېرەك.
    بۇ بىر قورقۇنچلۇق كۆزقاراش ئىدى . بۇ كۆز قاراش بىر قىزنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتاتتى . مەن قاتارلىق تەڭتۇشلىرىمدىمۇ مۇشۇنداق كۆزقاراش يوق دېگىلى بولمايتتى . ھەتتا ئۇلار ئوچۇق دېمىگىنى بىلەن شۇ كۆزقاراشقا قايىل ئىدى.
    مەن گۆھەرنىڭ ئاجايىپ چۈشكۈن بىر قىز ئىكەنلىكىنى قايتا تونۇۋاتاتتىم . ئۇنىڭ روھى ھازىر مەن چۈشكۈن دەپ قارىغان ئىدىيىلەرنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلانغانىدى.
    — سىزنىڭ كۆڭۈل بەرگەن ئادىمىڭىز بولغانمۇ،— دەپ سورىدىم قىزدىن.
    — بولغان،— دېدى قىز خىيالغا چۆمۈپ،— لېكىن كۆڭۈل بەرگەن ئادىمىم تېنىمگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، كۆڭلۈمنى ئەسكى پايپاقتەك تاشلىۋەتتى.
    — شۇ ئادەم ھازىرمۇ كۆڭلىڭىزدە بارمۇ؟
    — ھازىر.. . ھازىر ھېچكىم كۆڭلۈمدە يوق، مەن روھ تۈركۈمىگە مەنسۇپ ئادەم ئەمەس، مېنى روھى يوق دەپ قارىسىڭىز بولىۋېرىدۇ . مەن روھقا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرگە ئېرىشىشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن، بۇ ھەقتە ئويلىماس بولدۇم.
    بىر ئادەمنىڭ دۇچ كەلگەن ئازابلىرى بەك كۆپ بولسا، تۇرمۇش يولى ئۆزگەرتىپ تاشلىغۇدەك دەرىجىدە ئېغىر ھادىسىلەرگە يولۇقسا ئەنە شۇنداق ئاجايىپ پىكىرلەرنى قىلىدىغان بولۇپ كېتەمدۇ نېمە؟ دەپ ئويلاپ قالدىم.
    — بۈگۈن مېنى چاقىرىپ پاراڭلىشايلى دەپ ئويلىغانمۇ؟— دېدى گۆھەر كۆزۈمگە قاراپ.
    — شۇنداق، مەن سىزگە ياردەم قىلسام دېگەن ئويدىمەن، بۇنداق مېڭىۋەرسىڭىز بولمايدۇ.
    — شۇنداقمۇ؟— كۈلدى قىز،— ماڭا كۆزىڭىز چۈشۈپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟
    — ياق.. . ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئويلاپ قالماڭ،— دېدىم مەن،— مەندە باشقا ئوي يوق.
    قىز بىردەم خىيالغا پاتتى ۋە ئاخىرىدا ئورنىدىن تۇردى:
    — ياخشى گەپ قىلغان بىلەن مېنى ئالدىيالمايسىز . ئايالىڭىز بار ئادەمسىز . مەن بۇ يولغا مېڭىپ بولدۇم ھەم كاللامدا  مۇشۇ يولنىڭ توغرىلىقىغا ئىشىنىپ بولدۇم، مېنى ھۆرمەتلىگىنىڭىزگە، دوست قاتارىدا كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت . ئەمدى ئايالىڭىزغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ، ئايالىڭىز كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە مەندىن بەكرەك موھتاج . سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز مېنىڭ ئەھۋالىمدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ.
    بېشىمغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك بولدى، قىز كەتتى . قىز توغرا ئېيتاتتى . ئايالىم ھەممىدىن ئارتۇق كۆڭۈل بۆلۈشۈمگە موھتاج ئىدى . لېكىن كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە مېنىڭ ئائىلەمغۇ بەختلىك ئائىلە، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمىسەممۇ بولىدۇ، ئەمما ھەممە ئادەم ئەتراپىدىكى ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىسە دۇنيا قانداق بولۇپ كېتەر، دېگەن ئويلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى.
    قىز توغرا ئېيتىدۇ . مەن كۆڭۈل بۆلگەن قىزنىڭ رېئاللىقىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىدىم . ياق، كۆڭۈل بۆلۈشۈم بەلكىم قىزنىڭ قەلبىدە تېخى ئۆلمىگەن ۋىجدان دېگەن تۇيغۇنىڭ باشقا سېسىقچىلىقلار ئىچىدە بېسىلىپ قالغان قىسىملىرىدا چوغلىنىش پەيدا قىلار، شۇنداق چوغلىنىش پەيدا بولدى دېگەن تەقدىردىچۇ؟ قىز مەلۇم دەرىجىدە ۋىجدان ئازابىغا قالاتتى، لېكىن بۇ ئازاب مەن يېنىدىن كەتكەن ھامان ئۇچۇپ كېتەتتى.
    مەن ئەتراپىمدا بازار تېپىۋاتقان نۇرغۇن ئىدىيىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى تۈزۈلمە، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلغان بىلەن ئادەمنىڭ روھى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى تولۇق ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم.
    ئايالىم  بىلەن ئىككىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتنى دەسلەپ مۇھەببەتلەشكەن چاغلاردىكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايتتى، ئۇ چاغدا ئايالىمنىڭ خاتالىقلىرىمۇ بىر مۇھەببەتلىك ئىشتەك تۇيۇلۇپ يۈرىكىمدىكى سۆيگۈ يالقۇنىغا  يالقۇن قوشاتتى . ھازىر ئايالىمنىڭ خاتالىقى چوقۇم خاتالىق، بۇنداق خاتالىق قەلبىمدە غەزەپ قوزغاپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇ غەزەپنى ئايالىمغا بولغان ئەرلىك بۇرچ ۋە ئەرگە خاس مەسئۇلىيەت بىلەن بېسىشقا مەجبۇر ئىدىم...
    غالىپ بىلەن تولا مۇڭدىشىدىغان بولۇپ قالغانىدۇق، پارىڭىمىز كۆپىنچە مۇشۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بولاتتى.
    — مەن يەنە بۇ كوچىدىكى مېھرىمنى ئۈزەلمەيۋاتىمەن،— دېدى بىر كۈنى غالىپ،— يۇقۇملۇق كېسەلدىن قورقۇشقا تايىنىپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن، ھازىر بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانساڭلا كېسەل بار ئايال بىلەن بىرگە بولساڭمۇ ھېچ ئىش بولمايدىكەن . شۇڭا ھازىر پەلەي كىيىپ پولۇ يەيدىغان بولۇپ كەتتىم.
    مەن ھەيران قالدىم، ئەسلى ھەيران قالماسلىقىم كېرەك ئىدى . يۇقۇملۇق كېسەلدىن قورقۇپلا بۇ ئىشنى قىلمايدىغانلارغا ئامال كۆپ ئىدى . ئەڭ بىخەتەر ئامالمۇ بار ئىدى.
    — ھازىر نۇغۇن ئادەم كېسەلدىن قورقۇپ بۇ ئىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتىدۇ . ناۋادا بىر كۈنلىرى مېدىتسىنا ئىلمى تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتماق ناھايىتى ئوڭاي بولۇپ قالسا، كىشىلەرنى كوچىدىن ئەكىرگىلى بولماسمىكىن،— دېدى غالىپ.
    — ئاتا-بوۋىلىرىمىز ياشىغان دەۋردە ئۇنداق ئېغىر جىنسىي كېسەللەر يوق . شۇنداقتىمۇ ئۇلارنى تىزگىنلەپ تۇرىدىغان بىر كۈچ بولغان بولۇشى مۇمكىن.
    — ياق،— دېدى غالىپ،— ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ بىزدىن قېلىشمىغان بولسا كېرەك، ئۇلارنى تىزگىنلەيدىغان ھازىرقىدەك بىرەر خەۋپ-خەتەر بولمىغاچقا، بىزدىن ئاشۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايمەن، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا قاراپ باق، مۇھەببەت، ئىشق دېگەندىن باشقا گەپ يوق.
    ئۇنداقتا بىزنى ھەرقانداق شارائىتتا مەلۇم تەرتىپ ئاستىغا ئېلىپ، ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىرادىمىزنى چەكلەپ تۇرىدىغان ئۇ كۈچ زادى نەدە؟
    غالىپ ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر كۈچنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
    — مېنىڭچە، شۇنداق بىر كۈچ بولۇشى مۇمكىن، مەسىلە بىزنىڭ بىلەلمىگەنلىكىمىزدە، ئۆزىمىز كۆرمىگەن نەرسىلەرنى يوق دەپ قارىساق نادانلىق بولارمىكىن...
    غالىپ بۇ قارىشىمغا قوشۇلدى، ئەمما ئۇ توردىن چىقىپ كەتكەن بېلىقتەك، بارغانسېرى قىزىۋاتقان مۇھاكىمە تېمىسىدىن سۇغۇرۇلۇپلا چىقىۋالدى.
    — ھەي ئاداش، بۇنداق ئىشلارغا بىز باش قاتۇرۇپ نېمە قىلىمىز، ھۆكۈمەت بار، ئۇنىڭ ئۆزىگە لايىق باش قاتۇرىدىغانلارمۇ بار . بىز باش قاتۇرغان بىلەن نېمىنى ھەل قىلالايتتۇق؟ ھايات دېگەن چەكلىك، ئۆتۈپ كەتسىمۇ كەلمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى بىز ئۇنىڭدىن خالىغانچە ھۇزۇرلىنايلى . بۇنداق چىگىش مەسىلىلەر ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ مېڭىنىڭ قېتىقىنى چىقارغۇچە ھارىقىمىزنى ئىچەيلى.
    شۇنىڭدىن كېيىن غالىپ بىلەن بۇ ھەققىدە پاراڭلاشماس بولدۇق . ئەمما ئۇ مېنى مۇتەپەككۇر دەپ چېقىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.
    — يېقىندىن بۇيان خىيالچان بولۇپ قالدىڭىزغۇ،— دېدى ئايالىم بىر كۈنى مەن ئەنە شۇ روھىمدىكى كۈرەش خامىنىدا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرگەندە،— نېمە گېپىڭىز بولسا دەڭ.
    — ھېچگەپ يوق خوتۇن،— دېدىم مەن،— سەل چارچىغان بولسام كېرەك.
    — راست، ئەتىيازدا ئادەمنىڭ مىجەزى بۇزۇلۇپ قالىدۇ، ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىدىن مىجەز تەڭشەيدىغان  دورىلارنى ئەكېلىپ قوياي.
    ئايالىمنىڭ روھىمدا بولغان ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلغانلىقى مېنى چۆچۈتۈپ قويدى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈمنى كۆپرەك خىزمەتكە ئۇرىدىغان، كەسپىي كىتابلارنى بېرىلىپ ئوقۇيدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنداقتىمۇ ماڭا ئەركىلەۋاتقان تاتلىق ئوغلۇم، نەچچە يىلدىن بۇيان بېرىلىپ خىزمىتىمنى قىلىپ كېلىۋاتقان، يۈرۈش-تۇرۇشۇمغا گۇمانلىنىپمۇ قويمايدىغان ۋاپادار ئايالىمغا قاراپ يوشۇرۇن ئاھ ئۇرۇپ قوياتتىم، مېنىڭ بەختىم يېتەرلىك ئىدى .  ئەمما تالادا بولۇۋاتقان ئىشلار كاللامدا سانسىز سوئاللارنى پەيدا قىلاتتى.

    7

    — ۋەي، ئەخمەق ئاكاممۇ، چۈشتىن كېيىن ۋاقتىڭىز بارمۇ؟ سىز بىلەن ئازراق پاراڭلىشىپ باقاي دېگەن.
    گۆھەرنى ئۇنتۇپ كەتكەن، نەچچە ھەپتىدىن بۇيان خىيال قىلىپمۇ باقمىغانىدىم . ئۇ تۇرمۇشتىكى بىر تەمسىز كۆرۈنۈش سۈپىتىدە مېڭەمدىكى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىپ بولغانىدى . بۇ تېلېفون بىلەن تەڭ يەنە قەلبىمنىڭ بىر يېرىدە ئارامسىزلىنىش پەيدا بولدى . قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلاي، ئەمدى ئۇنداق ئادەملەر بىلەن ئىككىنچى كۆرۈشمەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ، ئىختىيارسىز كۆرۈشۈشكە  قوشۇلدۇم.
    — تۇيۇقسىز تېلېفون ئۇرۇپ سىزنى چۆچۈتۈۋەتمىگەندىمەن-ھە،— دېدى گۆھەر كۆرۈشكەن چاغدا.
    — نەدىكىنى،— دەپ قويدۇم مەن.
    — كۆڭلىڭىزدە بىرەرسى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرەۋاتىسىزغۇ دەيمەن، خالىيراق يەرگە بېرىپ پاراڭلىشايلى.
    ئىككىمىز بىر ئاشخانىنىڭ ئايرىم خانىسىغا كىردۇق . بىر تەخسە توخۇ قورۇمىسى بۇيرۇتتۇم، قورۇما تىزىملىكىنى گۆھەرگە تۇتقۇزدۇم، قىز تاماققا رايى يوقلۇقىنى بىلدۈردى . قىز تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇھ تارتاتتى . مەن تاماكا چەكمىگەچكىمۇ قىز تاماكىغا يېقىن يولىمىدى . بىز بىرھازاغىچە  شۇنداق ئولتۇردۇق، مەن ئارىلاپ توخۇ قورۇمىسىغا ئېغىز تېگىپ قوياتتىم، قىز مەن كۆرمىگەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيان سەل جۈدەپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى . چىرايىدىكى سەبىيلىكى يوقاپ، كۆز جىيەكلىرىگە سەل قورۇق چۈشكەن، يۈز تېرىسىدىكى سۈزۈكلۈك يوقاپ خېلى روشەن دەرىجىدە خۇنۈكلىشىپ قالغانىدى.
    — دەپ بېقىڭە، سىزنى نېمىشقا ئىزدىگەندىمەن،— دېدى قىز بىر چاغدا ماڭا تىكىلىپ.
    مەن بىلمىگەنلىكىمنى ئېيتتىم . قىز ماڭا تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تاپتۇرۇپ يۈرمەي ئۆزىلا ئېغىز ئاچتى.
    — قورقماڭ، باشقا ئىش يوق، سىزگە ئازراق ھاجىتىم چۈشۈپ قېلىپ.. . شۇڭا چاقىرغانىدىم . ئۆزىڭىزمۇ قىيىنچىلىققا يولۇقسام ياردەم قىلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقانغۇ.
    شۇنداق ۋەدە بەرگەنلىكىم يادىمدا يوق، لېكىن قىز مېڭىۋاتقان يولدىن يانسىلا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشقا رازى ئىدىم.
    — قېنى تارتىنماي دەڭ،— دېدىم مەن قىزغا تىكىلىپ . قىز قولىدىكى چوكىنى بىردەم ئوينىغاندىن كېيىن يەرگە قاراپ تۇرۇپ،— مەن سىزنى ئاغىنىڭىز غالىپ توغرىسىدا ئىزدىگەنىدىم.
    — قېنى ئېيتىڭ،— دېدىم مەن.
    — بىلىسىز،— دەپ گەپ باشلىدى گۆھەر ھەسرەت بىلەن،— ئاغىنىڭىز غالىپ تۇرسۇنئاي بىلەن بىر مەزگىل ئارىلاشقان...
    — شۇنداق،— دېدىم مەن بىر شۇملۇقنىڭ شەپىسىنى سەزگەندەك بولۇپ.
    — ئاشۇ تۇرسۇنئاي ھازىر سەكرات ئۈستىدە، نەچچە كۈنلۈكىلا قالدى.
    گۆھەرنىڭ دېيىشىچە، بىر ئاي ئىلگىرى تۇرسۇنئاي تۇيۇقسىز قىزىغاندەك بولۇپ نەچچە كۈنگىچە ئورنىدىن تۇرالماپتۇ . ئاخىر ئۇنى گۆھەر بىلەن يەنە بىر قىز ئىجارىگە ئالغان ئۆيىدىن كۆتۈرۈپ چىقىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ، قىزغا بالىياتقۇ راكىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلۇپتۇ.
    مەن گۆھەرنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ قالدىم، كاللامدا «ئۇنداقتا تۇرسۇنئاي غالىپنى نېمىشقا ئىزلىگەندۇ؟» دېگەن سوئال بار ئىدى . يا بۇ قىز داۋالىنىشقا پۇل تاپالماي غالىپقا ئۆلۈكىنى ئارتقانمىدۇ يا دېگەندەك مۇدھىش ئوي قەلبىمنى مۇزلىتىپ ئۆتتى.
    — ھازىر تۇرسۇنئاي ھوشى بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا، پات-پات غالىپنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالىدۇ، تىڭشاپ باقساق ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە غالىپنى بىر كۆرۈۋالغۇسى بار ئىكەن...
    گەجگەمدىن ئېغىر بىر تاش غۇلىتىۋېتىلگەندەك بولدى، ئۆزۈمنىڭ قىز ئەمدى ئۆلۈكىنى ئارتارمۇ دېگەن خىياللىرىمدىن نومۇس قىلىپ كەتتىم.
    — غالىپقا تېلېفون ئۇرساق، تۇرسۇنئاينىڭ گېپى چىققان ھامان تېلېفوننى قويۇۋەتتى، شۇڭا سىزنى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم.
    قىزنىڭ مەقسىتى  چۈشىنىشلىك بولغانىدى، ئەمدى بۇ گەپنى غالىپقا قانداق يەتكۈزۈش كېرەك؟ غالىپنىڭ ئائىلىسى بار ئىدى . بۇ تەرەپنى ئويلىماي بولمايتتى . مەن ئاخىر گۆھەرگە غالىپنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىم ھەققىدە ۋەدە بەردىم...
    — نېمە دەيدىغانسەن ئاداش،— دېدى غالىپ گېپىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن.
    — راست،— دېدىم ئۇنىڭغا،— گۆھەر ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتتى.
    — ھەي، ساددا ئادىشىم،— دېدى غالىپ قېتىغا ئالماي،— جالاپ دېگەننىڭ ھەممىسى يالغانچى كېلىدۇ . تۇرسۇنئاي دېگەن پاسكىنا مېنى بىر بابلاي دېگەندەك قىلىدۇ، ئۇلار يەنە ئىزدىسە تاپالمىدىم دە . بولدى، ئۇلار بىلەن كۆرۈشمەيمەن.
    نېمە قىلىشنى بىلەلمەي ھاڭۋېقىپ قالدىم، غالىپ ئۇنداق ئاياللارنى مەندىن بەكرەك چۈشىنەتتى . ئەھۋال راست غالىپ پەرەز قىلغاندەك بولۇپ قالسىچۇ؟ بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، گۆھەرنىڭ شۇ چاغدىكى سۆزلىرىنى، سۆزلەۋاتقان چاغدىكى تۇرقىنى ئەسلىدىم . گەپنىڭ يالغىنى يوقتەك قىلاتتى . گۆھەرگە ۋەدە بەرگەنىدىم . مەيلى ئۇ بىر پاھىشە ئايال بولسىمۇ ۋەدىگە ۋاپا قىلماي  بولمايتتى.
    — بولدى،— دېدىم مەن كەسكىنلىك بىلەن،— يالغان بولسا ئاقىۋەتكە مەن ئىگە، ھەرقانداق ئىقتىسادىي مەسىلە بولسا مەن ھەل قىلىمەن...
    غالىپ تۇرقۇمدىكى كەسكىنلىكتىن چۆچۈدىمۇ تەكلىپىمنى رەت قىلمىدى، ھەتتا دوختۇرخانا ئالدىغا كەلگەندە كېسەلخانا دەرۋازىسى يېنىدىكى بىر ماگىزىندىن بىر سېۋەت گۈل، بىر سېۋەت مېۋە-چېۋە ئالدى.
    كاللامدا گۆھەرنىڭ ئېيتقىنى يالغان بولسا، بۇ ھەقىقەتەن توزاق بولسا قانداق قىلارمەن دېگەن ئەندىشە بار ئىدى، «ۋىيەي، كەلدىڭلارمۇ» دېگەن ئاۋاز ئەندىشەمنى يوق قىلدى . يېنىمىزدا گۆھەر پەيدا بولۇپ قولىمىزدىكى سوۋغا-سالاملارنى ئالدى ۋە بىزنى باشلاپ ماڭدى.
    تۇرسۇنئاي بەكمۇ ئۆزگىرىپ كەتكەنىدى . بىر چاغدىكى خۇشخۇي قىز ھازىر ساماندەك سارغىيىپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغانىدى . ئۇ بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپ كۆزىنى ئاچتى . غالىپ كارىۋاتنىڭ گىرۋىكىدە تۇرسۇنئايغا يېقىن يەردە ئولتۇردى.
    — كەلدىڭىزمۇ؟— دېيەلىدى قىز . مەن قىزنىڭ چاناقلىرىدىن سىرغىپ چىققان ئىككى تامچە ياشنىڭ يانغا ئېقىپ چۈشۈپ قىزنىڭ قۇلاق تۈۋىدىكى چاچلىرى ئارىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم.
    — سىزنى كەلمەسمىكىن دەپتىمەن،— دېدى قىز، ھازىر قىزغا خېلى ماغدۇر كىرىپ قالغاندەك قىلاتتى.
    — نېمىشقا كەلمىگۈدەكمەن، ئاڭلاپلا كەلدىم،— دېدى غالىپ، غالىپنىڭ قانداق كەلگەنلىكى ياندا تۇرغان بىزگە — مەن، گۆھەر ۋە تۇرسۇنئاينىڭ يەنە بىر دوستىغا بەش قولدەك ئايان ئىدى.
    — ماڭا ئاخىرغىچە ھەمراھ بولالارسىزمۇ؟— دېدى تۇرسۇنئاي ئۆتۈنۈش تەلەپپۇزدا.
    مەن «ياق» دەپ سالمىسۇن دەپ غالىپنىڭ پۇتىغا دەسسىدىم، غالىپ مەقسىتىمنى چۈشەندىمۇ ياكى ئەسلىدە شۇنداق قارارى بارمۇ:
    — بولىدۇ، سىز چوقۇم ساقىيىپ كېتىسىز، ئۈمىدلىك بولۇڭ،— دېدى . مەن تۇرسۇنئاينىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرمەسلىكىم، شۇنداقلا غالىپ بىلەن بولغان پارىڭىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن تالاغا ماڭدىم.
    گۆھەر ئۈنسىز ماڭا ئەگەشتى، تۇرسۇنئاينىڭ يەنە بىر دوستى ئورنىدىن قوزغالمىدى . بىز دوختۇرخانىنىڭ باراقسان ھويلىسىدىكى بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇق.
    — تۇرسۇنئاي تۇنجى ئارىلىشىپلا غالىپنى ياقتۇرۇپ قاپتىكەن، لېكىن بىلدۈرمەپتىكەن،— دېدى گۆھەر.
    مەن غالىپنىڭ بۇ قىزنى زادى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇنى بىر ئوينىغۇچ سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەتتىم.
    — تەقدىر بەكمۇ رەھىمسىزكەن،— دېدى گۆھەر.
    لېكىن، مەن ئۇنداق دەپ قارىمايتتىم . تەقدىر تۇرسۇنئاي ئۈچۈن نەقەدەر رەھىمدىللىك قىلغان، ئۇنى بۇنىڭدىن ئارتۇق شەرمىسار قىلىشتىن ساقلاپ، ئالىدىغان ئامانەتنى ناھايىتى بۇرۇن ئالماقچى بولغانىدى.
    — تۇرسۇنئاينىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى خەۋەر تاپتىمۇ،— دېدىم مەن.
    — خەۋەر بېرەيلى دېگەن، لېكىن قىزنىڭ يۇرتىنى بىلمەيمىز، باشقا ئىشلىرىنىمۇ بىلمەيمىز . سورىساق دەپ بېرىشنى خالىمىدى،— دېدى گۆھەر.
    — دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان پۇلنى قانداق قىلدىڭلار،— دېدىم مەن.
    — دوستلار يىغىش قىلدۇق،— دېدى گۆھەر، ئۇ نېمىگىدۇر كەمسۆز بولۇپ قالغانىدى . پات-پات ئۇھ تارتىپ قوياتتى.
    شۇ كۈنى دوختۇرخانىدىن خېلى كەچ قايتتۇق، تەلىيىمىزگە دوختۇرخانىدىن بىرەر تونۇش ئۇچراپ قالمىدى . كاللىمىزدا ھېلىمۇ بىر خىل قىلغان ئىشلىرىمىزدىن نومۇس قىلىش كەيپىياتى ھۆكۈمران ئىدى . بولۇپمۇ بۇ ئىشلاردىن ئاياللىرىمىزنىڭ خەۋەر تېپىپ قېلىشىنى خالىمايتتۇق . غالىپنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەنىدى.
    — قانداقراق،— دېدىم دوختۇرخانا ئىشىكىدىن چىقىۋېتىپ.
    — ھەي،— ئاچچىق خۇرسىندى غالىپ،— قىزنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى سېزىپ ئۆزۈمنى تارتقانىدىم.
    — قىز نېمە دەيدۇ.
    — ھېچنېمە دېمىدى . بىردەم ماڭا قاراپ ياتقاندىن كېيىن كۈلۈمسىرىگەن پېتى ئۇخلاپ قالدى،— غالىپنىڭ كۆپ گەپ قىلىشقا رايى يوقتەك قىلاتتى . ئىككىمىز ئۈن-تىنسىز خوشلاشتۇق.
    — ئاڭلىدىڭىزمۇ،— دېدى كەچتە ئايالىم،— ساۋاقدىشىڭىز تۇرسۇن تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
    — كىم تۇتۇۋاپتۇ، نېمىش قىپتىكەن،— دېدىم مەن چۆچۈپ.
    — ھېچ ئىش قىلماپتۇ، ئاشنىسى بار ئىكەن، ئايالى تۇتۇۋاپتۇ.
    تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولغانىدى.
    — چاقچاق قىلمايۋاتقانسەن،— دېدىم ئىشەنمەي.
    — چاقچاق قىلىپ نېمە قىلىمەن، ئۇلار ھەتتا ئاجرىشىپمۇ بوپتۇ، بالا ئانىسىغا قاپتۇ.
    بېشىم پىررىدە قايدى، نېمە قىلىشنى بىلمەي ئولتۇرۇپ قالدىم .
    ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە تۇرسۇنئاي قازا قىلدى . غالىپ ئۆلۈمىگە قەدەر ھەر كۈنى يوقلاپ تۇردى . قارىغاندا قىزنىڭ نەپىسى غالىپنىڭ قولىدا ئۈزۈلگەندەك قىلاتتى . قىزنىڭ نامىزىغا كۆپ ئادەم چىقمىدى، گۆھەر بىلەن يەنە بىرنەچچە قىز قارىلىق كىيىپ ھازا ئاچتى.
    تۇرسۇنئاينىڭ ئۆلۈمى ۋە تۇرسۇنئاينىڭ ئائىلە پاجىئەسى مېنى گاڭگىرىتىپ قويغانىدى . بولۇۋاتقان ئىشلار يالغاندەك تۇيۇلاتتى . ئەمما  يالغان ئەمەس ئىدى . غالىپ تۇرسۇنئاينىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن بەكمۇ كەمسۆزلىشىپ كەتتى . لېكىن ئايالى ئاجراشقان تۇرسۇننىڭ ئەھۋالى ئادەمنى ھەيران  قالدۇراتتى، ئىلگىرى كىيىم-كېچەككە ئانچە دىققەت قىلمايدىغان بۇ بۇرادەر ھازىر كىيىمگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدىغان بولۇپ كەتكەنىدى . بىر كۈنى ئايالىم بىلەن بازار ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ تۇيۇقسىز مۈرەمگە بىرسى شاپىلاقلىدى، قارىسام تۇرسۇن ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ.
    — قانداق ئاغىنە، كەم دىدارغۇ سەن،— دېدى تۇرسۇن قىزغىنلىق بىلەن،— بازارغا چىققانمۇ.
    — شۇنداق،— دېدىم مەن،— سەنچۇ؟
    — مەنمۇ،— دېدى تۇرسۇن كۈلۈپ تۇرۇپ يېنىدا قولتۇقلىۋالغان ئۆزىدىن خېلىلا كىچىك قىزنى كۆرسىتىپ،— تۇمارىس بازارغا چىقايلى دەپ تۇرۇۋېلىپ.
    مەن قىزغا قارىدىم . قىز قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى . خوشلىشىپ بىر يەرگە بارغاندا ئايالىمنىڭ توختىماستىن «خۇدايىم توۋا» دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، ئېنىقكى، ئايالىمنىڭ كۆزدە تۇتۇۋاتقىنى تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ يېڭى مۇھەببىتى ئىدى.
    ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتتى . نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى، ئىلگىرى ئۆزىنى ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈلى سانايدىغان غالىپ ھازىر ناھايىتى كەم سۆز يىگىتكە ئايلانغان، ئارىلاپ بولۇپ تۇرىدىغان يىغىلىشلىرىمىزغىمۇ قاتناشمايدىغان بولغانىدى . ئەمما ئۇنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن بەكمۇ رازى ئىدى . بىز ئۇنى پات-پات شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئايالى بىلەن بالىسىنى ئوينىتىپ  يۈرگەن ھالەتتە ئۇچرىتىپ قالاتتۇق، تۇرسۇن بولسا ھازىر بىز بىلەن ئارىلاشمايتتى . قايتا ئۆيلەنمىگەنىدى . ئارىلاپ ئىلگىرىكى ئايالى يېنىشىۋالايلى دېسە، تۇرسۇن رەت قىلىپتۇ دېگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم . ئۇ ھازىر ھەر ئايدا بىر قېتىم قىز ئالماشتۇرىدىغان مۇھەببەت مەستانىسىگە، مەركىزىي شەھەرنىڭ بوز يىگىتىگە ئايلانغانىدى.
    — ئەخمەق،— دېدى شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە غالىپ ئىشخانامدا پەيدا بولۇپ،— بۈگۈن كەچتە سېنى بىر يەرگە ئاپىرىمەن.
    — ھېلىقىدەك رەڭلىك ئولتۇرىدىغان يەرگىمۇ،— دېدىم مەن غالىپقا چاقچاق قىلىپ.
    — ياق،— دېدى غالىپ، ئۇنىڭ چىرايى كەسكىن تۈس ئالغانىدى . زادى ئوخشىمايدىغان بىر خاسىيەتلىك سورۇنغا،— توغرىراقى بىر تويغا بارىمىز.
    — نېمە؟— ھەيران قالدىم،— چاقىرمىغان تويغا بېرىپ نېمە قىلىمىز.
    — كىم بىزنى چاقىرمىدى دەيدۇ،— كۈلدى غالىپ.
    — ئۇنداقتا باغاق قېنى؟— دېدىم مەن.
    — توي ئىگىسى بۇ ئىشلارنى سەندىن مەخپىي  تۇتۇشنى ئېيتقان، ھەممە سىرنى بارغاندا بىلىسەن.
    مەن غالىپنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشنىڭ ئورۇنسىزلىقىنى ھېس قىلىپ باش لىڭشىتتىم . لېكىن توي بولغانىكەن، سوۋغا ئالماي بولمايتتى.
    — تويغا نېمە ئېلىۋالىمىز،— دېدىم مەن.
    — ئەسلى پۈتۈنلەي خالىس مېھمان چاقىرغان . خالىس دېگىنىمىز سوۋغا-سالام قوبۇل قىلمايمىز دېگىنى، شۇنداقتىمۇ بىز سوۋغا ئالغاچ بارايلى،— دېدى غالىپ.
    — نېمە ئېلىۋالىمىز؟— دېدىم مەن.
    غالىپ گەپ قىلمىدى . مەن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر كىتابخانىغا كەلدۇق . غالىپ ئارىلاپ يۈرۈپ ئالتە- يەتتە كىتابنى كۆتۈرۈپ كەلدى . بىز كىتابلارنى يەنە بىر يەردە چىرايلىق ئورىتىپ ماگىزىندىن چىقتۇق.
    — توي نەدە؟— دېدىم مەن، قەلبىمدە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلمايدىغان، كىتاب ئاپارسىمۇ چاكىنا تۇيۇلمايدىغان بۇ تويغا نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولغانىدى . توي قىلغۇچىنىڭ مېنى تونۇيدىغانلىقى تېخىمۇ قىزىقارلىق  تەرەپ ئىدى.
    — نېمىگە ئالدىرايسەن، ھازىرلا بارىمىز،— كۈلدى غالىپ، تاكسىدىن چۈشۈپ ھەيران قالدىم . بىز تۇنجى قېتىم رەڭدار ئولتۇرغان «يانتاق» رېستورانىنىڭ ئالدىدا توختىغانىدۇق . ھازىر رېستوراننىڭ ۋىۋىسكىسى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن، بىنا قايتىدىن رېمونت قىلىنىپ يېڭى تۈسكە كىرگەنىدى . بىنانىڭ تېمىدا مىللىي سەنئەتنىڭ ئەڭ نادىر ئۈلگىلىرىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى . مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى مۇراسىم كىيىمى كىيگەن، چىمەن دوپپىسى بەكمۇ ياراشقان، شەلپەردەك قىزىرىپ تۇرغان گۆھەر ئىدى،— تويىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز،— دېدى گۆھەر ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، مەن گۆھەرنى كۆرۈپ يېنىدىكى يىگىتكە قارىدىم . يىگىت چىرايلىق بۇرۇت قويغان، ئوتتۇرا بوي 25 ياشلار چامىسىدا ئىدى.
    تويغا كەلگەنلەر كۆپ ئەمەس ئىدى . تۆت ئۈستەل مېھمانلارغا توشقان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدا بىز تونۇيدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.
    — دوستلار،— دەپ سۆز باشلىدى توي رىياسەتچىسى،— بۈگۈن رىشات ئەپەندى بىلەن گۆھەر خېنىمنىڭ تويى، بۇ توي باشقا تويلارغا قارىغاندا بەزى ئالاھىدىلىككە ئىگە، بىرىنچىسى تويدا ھاراق ئىچىلمەيدۇ، ئۇسسۇلۇق ئۈچۈن تەبىئىي ئانار شەربىتى بار . ئىككىنچىسى، سوۋغا قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەڭ ياخشى سوۋغا مېھمانلارنىڭ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇققا تىلىگەن ياخشى تىلىكى .
    توي ئاخىرلاشتى، توي بىزگە شۇنچىلىك يېنىك تۇيغۇ بەردىكى، رېستوراننىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆزلىرىمىزنى بەكمۇ ئازادىلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.
    — ئەمدى ھەممە سىر ئېچىلدى، قانداقراق،— دېدى غالىپ.
    مېنىڭ تەسىراتىمنى بىرنەچچە ئېغىز گەپ بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمايتتى، كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرىدە گۆھەردىكى ئۆزگىرىشنىڭ سىرى ھەققىدىكى سوئاللار لەيلەپ يۈرەتتى.
    — نېمە ئويلاۋاتقىنىڭنى بىلىمەن،— دېدى غالىپ،— مەنمۇ باغاقنى تاپشۇرۇۋالغان كۈنى بەكمۇ ھەيران قالغان . باغاقنى گۆھەر ئۆزى ئېلىپ كەپتىكەن...
    غالىپنىڭ دېيىشىچە، گۆھەر ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدنى ئۈزۈپ شۇ پاتقاققا چوڭقۇرلاپ پېتىۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، تۇيۇقسىز ھېلىقى يىگىت ئۇچراپ قاپتۇ، يىگىت قىزغا بۇ يولدىن قايتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلىپلا قالماي، توي قىلىش تەكلىپىنى قويۇپتۇ، گۆھەر بۇ تەكلىپنى ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران بوپتۇ . بەلكىم قىز ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم شۇنداق تەكلىپ ئاڭلىدىمۇ ياكى تۇيۇق يولغا چوڭقۇرلاپ كىرىۋېرىپ، ماڭا توي تەكلىپىنى قويىدىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس دېگەن قاراشقا كېلىپ قالغانمۇ، يىگىتنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ زادى ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ.
    — ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟— سورىدىم مەن تەقەززالىق بىلەن.
    — ئۇنىڭدىن كېيىن،— دەپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى غالىپ،— ھېلىقى يىگىت ئۆزىنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭغا: «سىز ئۆزىڭىزنىڭ مېڭىپ سالغان يولىدىن خىجىل بولۇپ گېپىمگە ئىشەنمەيۋاتىسىز، سىز تېنىم بۇلغانغان دەپ قارايسىز، ئەمما سىزنىڭ روھىڭىز بۇلغانمىغان، تەن روھنىڭ كىيىمى، روھ پاكىزلانسىلا تەندىن ئىبارەت كىيىمنى پاكىزلىماق تەس ئەمەس . روھىڭىزنى پاكىزلاشقا ماقۇل بولسىڭىز، مەن سىزنى قىلچە ئىككىلەنمەي سۆيىمەن . بەلكىم مېنىڭ ئېيتقانلىرىم سىزنى ھەيران قالدۇرار . ھازىر بىر ئائىلىنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ھەقىقىي ئۇلۇغ كىشىلەر، لېكىن يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر روھنى پاكىزلاپ بىر پاك ئائىلىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلاندۇرالىغانلار تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر» دەپ ئۇنى قايىل قىلىپتۇ.
    — يىگىت نېمىش قىلىدىكەن؟— دېدىم مەن تەئەججۈپ بىلەن.
    — تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالماي ھازىر  ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان بالا ئىكەن.
    بۇ يېڭىلىق قەلبىمنى ئۇزۇنغىچە غىدىقلىدى . بىر كۈنى ئايالىم بىلەن ئوغلۇمنى ئويناتقىلى ھايۋاناتلار باغچىسىغا باردۇق . ئوغلۇم ئاپتاپ نۇرىدا تۇرغان قەپەستىكى شىرنى تاماشا قىلىۋاتاتتى . شۇ چاغدا كۆزۈم ئون نەچچە مېتىر  يىراقلىقتىكى چىغىر يولدا بوۋاق بالا ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ئەر-خوتۇنغا  چۈشتى . ئەر ئادەتتىكىچە كىيىنگەنىدى . ئايال بولسا يېشىل يىپەك ياغلىق بىلەن ئۆسكىلەڭ چاچلىرىنى باستۇرۇپ چىگىۋالغان بولۇپ، ئايىغىنى ياپقان ئۇزۇن كۆڭلەكلىرى بويىنى تېخىمۇ ئېگىز ۋە زىلۋا كۆرسىتىپ تۇراتتى.
    — ئەجەب قاملاشقان ئەر-خوتۇنلاركەن-ھە؟— دېدى ئايالىم.
    — شۇنداق،— دېدىم مەن ئۇ ئىككىيلەندىن كۆزۈمنى ئۈزمەي.
    شۇنىڭدىن كېيىن گۆھەر بىلەن ئۇنىڭ ئېرىنى  ئۇچراتمىدىم . ئەمما ھەر قېتىم مۇھەببەت، ئائىلە بۇزۇلۇش ھەققىدە خىيال قىلسام، گۆھەرنىڭ ئېرىنىڭ «بىر ئائىلىنىڭ پاكلىقىنى قوغداپ ياشاۋاتقان كىشىلەر ئۇلۇغ كىشىلەر، لېكىن يولدىن چىقىپ كەتكەن بىر روھنى پاكىزلاپ، بىر پاك ئائىلىنىڭ يۇلتۇزىغا ئايلاندۇرالىغانلار تېخىمۇ ئۇلۇغدۇر» دېگەن گېپى قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ . مۇشۇ بىر جۈملە سۆز مېنىڭ تۇنجى قېتىم يامان يولغا كىرىپ ئېسەنكىرەش ئىلكىدە قايتقان روھىمنىڭ شۇ ھەقتىكى تالاي سوئاللىرىغا تولۇق جاۋاب بەرگەنىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.