ئەجەل ھودۇقۇشىدا (لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

يوللىغۇچى : Hechkim يوللىغان ۋاقىت : 2011-07-30 00:54:32

ئەجەل ھودۇقۇشىدالۇتپۇللا مۇتەللىپمۇسسۇلىنى گىتلېرغا زېنت توپ، زەمبىرەك، ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئىتالىيىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا قەتئىي تەلەپ قويغان. مۇسسۇلىنىڭ بۇ تەلىپى گىتلېرنىڭ ئومۇمىي ...

     

     

    ئەجەل ھودۇقۇشىدا

     

    لۇتپۇللا مۇتەللىپ

     

     

    مۇسسۇلىنى گىتلېرغا زېنت توپ، زەمبىرەك، ئايروپىلان ئەۋەتىپ، ئىتالىيىنى مۇھاپىزەت قىلىش توغرىسىدا قەتئىي تەلەپ قويغان. مۇسسۇلىنىڭ بۇ تەلىپى گىتلېرنىڭ ئومۇمىي بۆلۈمىنى ھەيران قالدۇرغان. (گېزىت خەۋىرى)

     


    نىئاپولدىن بېنتون مۇسسۇلىنى ئۆلە-تىرىلىشىگە باقماستىن «رىم نەدىسەن؟» دەپ سېمىز قورسىقىدا توختىمىغان ئىشتىنىنى كۆتۈرگەن پېتى ۋارقىراپ چاپتى.
    - ۋاي خالايىق، ئوتتۇرا دېڭىز كۆيۈۋاتىدۇ!
    - ھە، نېمە بولدى؟
    - ئوتتۇرا دېڭىزغا ئوت كەتتى!...
     
    مۇسسۇلىنى ئارقىسىغا قاراپ-قاراپ قوياتتى. بونا ئارىلىدا، بىزېرتا چوققىلىرىدا ئېتىلغان توپلارنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، قارا ئىس-تۈتەكلەرنى ئەرشىئەلاغا كۆتۈرۈپ ھەيۋەت بىلەن ئېتىلىشلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئالدىراپ چاپتى. ھېرىپ بارغان بويىچە گىتلېرنىڭ قوينىغا ئېتىلدى. مۇسسۇلىنى ئەركىلەپ ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. گىتلېر ئۇنى پەپىلەپ بەزلەشكە باشلىدى:
    - دۈپدۈگىلەك پور سېمىز مۇسسۇلىنىم، يىغلىما، نېمىگە يىغلايسەن؟
    - مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن. ئىتالىيە تىررىن دېڭىزى ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزىدىكى خۇددى بىر ئۆتۈكنى سۇغا چىلاپ قويغاندەك يەر تۇرسا، ئۇنىڭغا ئوت تۇتىشىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟
    - ئەخمەق ئىكەنسەن،- دېدى گىتلېر،- ئۆتۈككە ئوخشىغان ئارالدىنمۇ غەم قىلامسەن؟
    - ئەمىسە قانداق قىلىمەن؟
    - مەن كىيىۋالىمەن تامام!
    - ئۇنى كىيىشكە بولمايدۇ!
    - نېمىشقا؟
    - ئۇنىڭ سىجىلىيە دېگەن چەمى ئاجراپ كەتكەن.
    - كىيسەم نېمە بولىدۇ؟
    - پۇتۇڭغا ئوت تۇتىشىدۇ. پۇتى كۆيگەن توخۇ ماڭالمايدۇ...
     
     
    بۇلار كۆپ تالاشتىن كېيىن ئايرىلدى. گىتلېر يولىغا راۋان بولدى. مۇسسۇلىنى ئۆز ئوردىسىغا گاۋجانى، كاپىلو، داپىنو، كاۋىكالىيا ناملىق مارشاللارنى يىغىپ، ئىتالىيىنى «قۇتقۇزىدىغان» باش ھەربىي ئىشلار ئۆمىكى تەشكىل قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەپ بېرىپ چىقىپ كەتتى. مارشاللار ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرىگە ئائىت نەرسىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىپ كەتتى.
    - سەن كاپىلو، يۇگۇسلاۋىيىنىڭ جۇغراپىيە ئەھۋالى بىلەن تونۇشامسەن؟
    - نېمىشقا تونۇشمايمەن! يۇگۇسلاۋىيە تاغلىق رايون. يۇگۇسلاۋىيە پارتىزانلىرى بىر تاغنىڭ ئىچىگە سولىۋېلىپ مېنىڭ ئاكامنىڭ پۈتۈن بىر دىۋېزىيىسىنى قىرىپ تاشلىغان.
    - داپىنو، سېنىڭ گرېتسىيە ھەققىدە مەلۇماتىڭ قانداق؟
    - يامان ئەمەس، مېنىڭ دادامنى گرېكلار ئاپىنا غارىدىن دېڭىزغا تاشلىۋەتكەن!
    - سەن كاۋىكالىيا، جەنۇب تەرەپتە خېلى بولغانغۇ؟ قانداق، ئۇياق بىلەن چىقىشالامسەن؟
    - 5-ماي كۈنىدەك ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئەسكەرلىرى قوغلىمىسا، نېگىرلارنى قاقشىتىپ ئويناش كۆڭۈللۈك ئىدى.
    - گاۋجانى، سەن رۇمىنىيىدە، رۇسىيە جەڭ مەيدانلىرىدا بولدۇڭ، رۇسلاردىن ئەسىر ئېلىپ باقتىڭمۇ؟
    - ھە، ئەلۋەتتە. سەن رۇسلارنى تۇتۇۋالغىنىڭ بىلەن ئۇلار سېنى قويۇپ بەرمەيدىكەن.
     
     
    مارشال كاۋىكالىيا سۆزگە ئارىلىشىپ قالدى:
    - بىز ئاپرىقىدىن قاچقاندا، قورققانغا قوش كۆرۈنۈپ، ئاڧرىقا چۆللىرىدە ئۆسىدىغان ئادەمگە ئوخشايدىغان كاكتۇس ئۆسۈملۈكىگە چاس بەرگەندەك بولۇپتۇ-دە، كېرەك يوق.
    - ئەمىسە، ئىتالىيىدىن تىنچ يەر يوق دېگىنە؟- دەپ سورىدى بىرى.
    - گىتلېر كىيىۋالىمەن دەيدىغۇ؟
    - مانا بۇ مۇتلەق قاملاشمايدۇ!
    - نېمىسى قاملاشمايدۇ؟
    - ئۆتۈكنى قۇرۇق كىيسە پۇتنى غاجايدۇ، ئۇنىڭغا بىر نېمە ئوراش كېرەك.
    - بىزنى ئورايدىكەن-دە!...
    - ئۇلۇغ رىمغا شۈكۈر!...
    - مۇسسۇلىنىغا شۈكۈر- دە، ئەخمەق!...
    - ئۇ ئۆلۈپ كەتسىچۇ؟
    - ئاندىن ئىمپېرىيىگە شۈكۈر دېسەڭ بولىدۇ...
    - ئۇقماپتۇق...
     
     
    مۇسسۇلىنى ئۇخلىيالمىدى. ئۇ چۈش كۆردى، چۈشىدە مانا مۇنداق ئىش كۆردى: مانا نىئاپول ئۈستىدە نەچچە مىڭلىغان ئىتتىپاقچىلار ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ يۈرىدۇ. مانا، بومبىلار ياغدۇردى. مانا كۈچلۈك پارتلاشلار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. مانا، ئوتتۇرا دېڭىزدا توشقان پاراخوت... ئەنە، ئەسكەرلەر قىرغاققا دەسسىدى. مانا، ئوردىنىڭ زور بىناسى ئۆرۈلۈپ كەتتى...
     
    مۇسسۇلىنى قورقۇپ:
    - ۋاي ھېتەك (گىتلېر)!- دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
    - ۋالاقلىماي جىم يات!- دېدى گىتلېر بوغۇق سەت ئاۋاز بىلەن.

     
    ئىككىسى بىر-بىرىگە يات ئادەمدەك ماي تارتىشىپ قارىشىپ، خورازلاردەك بوغۇشۇپ، ئوتتۇرا دېڭىز تەرەپتىكى دېرىزىدىن كىرىۋاتقان شامالدا مۇزلىغاندەك غوللىرىنى چىقىرىپ ھودۇقۇپ گاڭگىراشتى. گىتلېر ئاستاغىنا دېدى:
    - ھۆكۈمرانلىق ھارۋىمىز پاتقاققا پاتتى. بىر چاقى شەرقتە، يەنە بىر چاقى غەربتە...
    - پېتىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئوقمۇ سۇندى...
    - «ئوق سۇندى»؟!...
     
     
    ئىككىسىنىڭ كۆزى ئالاق-جالاق بولۇپ كەتتى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.