لايىق

يوللىغۇچى : guzal110 يوللىغان ۋاقىت : 2014-02-18 18:49:36

ھاممام بىر قارىسا قىزىقچى، ئەقىللىق، بىر قارىسا دۆتتەكلا. ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىم بىلەن تەڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋېتىپ: -ھەي ئۆلدىڭمۇ؟! –دەپ ۋارقىرىدى، ئارقىدىن يەنە،-نەدە سەن؟-دەپ سورىدى. -ئۈرۈمچىدە،-دېدىم مەن.

     
    لايىق
     
    ئەركىن سابىر
    (ھېكايە)
     
    ھاممام بىر قارىسا قىزىقچى، ئەقىللىق، بىر قارىسا دۆتتەكلا. ئۇ تېلېفوننى ئېلىشىم بىلەن تەڭ ئاۋازىنى بولىشىغا قويىۋېتىپ:
    -ھەي ئۆلدىڭمۇ؟! –دەپ ۋارقىرىدى، ئارقىدىن يەنە،-نەدە سەن؟-دەپ سورىدى.
    -ئۈرۈمچىدە،-دېدىم مەن.
    -ئۈرۈمچىدە دېگىن! شۇنچە يوقاپ كەتكەنمۇ بارمۇ؟ يا تېلېفون بېرىپ قوياي دېمەيسەن، خۇددى تېلېفون نومىرىڭنى ئۇقۇۋالساق ئاۋارە قىلىدىغاندەك! ئۇقۇپ-ئۇقماي نېمە بوپتۇ، ھېلىمۇ تەستە تاپتىم، سەن بىلەن بىللە يوقاپ كېتىپ، قايتىپ كەلگەن تۇرغازى، ھېلىقى ئىمىركامنىڭ ئوغلى تۇرغازى دەپ بەردى. جىددىي ئىش بولغاچقا تېلېفون بەردىم...ئاڭلاۋاتامسەن؟
    -ئاڭلاۋاتىمەن.
    ئاڭلاۋاتقان بولساڭ ھەر قانچە چوڭ شەھەر ئامېرىكىدا بولساڭمۇ ھازىرلا قايتىپ كەل!
    ھاممام شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى. قىزىق ئىش، تېلېفون نومىرىمنى تەستە تېپىپتىمىش، لېكىن بار-يوقى قىلغان گېپى شۇنچىلىك، جىددىي ئىش دەيدۇ تېخى، زادى قانداق جىددىي ئىشتۇ؟ مەن شۇلارنى ئويلاپ بىر ئاز ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدىم، ئەمما كۈلكىلىك يېرى ھاممام ئامېرىكىنى چوڭ شەھەر دەۋالغانىدى.
    -نېمە تېلېفونكەن؟ شۈكلەپلا كەتتىڭغۇ؟-مەن بىلەن بىللە ئۆي چېقىۋاتقان داۋۇت ماڭا قاراپ كېتىپ سورىدى.
    -ھاممامدىن كەپتۇ، جىددىي ئىش دەيدۇ، ئۆيدە بىرەرسى ئاغرىپ قالغان ئوخشايدۇ؟
    -بىرەرسى ئاغرىپ قالسا ئېنىق ئېيتار بولغىيتتى؟
    -مېنى ئەنسىرەپ قالمىسۇن دېدىمىكىن دەيمەن.
    -بەلكىم،-دېدى داۋۇت،-يۇرتقا دىككىدە بېرىپ كېلەمسەن يا؟ ناھايىتى شۇ بىر كېچىدىلا بارىسەن.
    -ئىشنى قانداق قىلىمىز، قۇرۇلۇش خوجايىنى ئالدىرىتىۋاتسا، ۋاقتىدا تۈگەتمىسەك پۇلىمىزنىڭ يېرىمىنى تۇتۇپ قالىدۇ...
    ھامماڭمۇ قىزىق ئىكەن، گەپنى يېرىم يارتا قىلغىچە، ئېنىق دېسە بولمامدۇ؟ قايتۇرۇپ تېلىفون بېرىپ باق بولمىسا.
    -تېلىفوننى كوچىدىن بېرىپتۇ، پۇل جىق كەتمىسۇن دېدى بولغاي، قىسقىلا سۆزلەشتى.
    -ئەمىسە قانداق قىلىسەن؟
    -كۆڭلۈم بەك ئەندىشىدە قالدى.
    -بۇنداق ئىشلىسەڭمۇ ئىشنىڭ ئۈنىمى بولمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى يۇرتقا دىككىدە بېرىپ كەل.
    داۋۇت ئاخىر يەنە شۇنداق ئەقىل كۆرسەتتى.
    -ھىم،-دېدىم مەن ۋە ئەتىسىلا يۈك-تاقامنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. لېكىن شۇنچە ئۇزاق يول يۈرۈپ يۇرتقا بارسام، داداممۇ، ئاپاممۇ، ساق ئىكەن، ئۆيدىمۇ ھېچقانداق ئىش بولماپتۇ. پەقەت ئۆيدە چىرايلىق بىر قىز پەيدا بولۇپ قاپتۇ خالاس.
    -مېنى نېمىگە چاقىردىڭلار شۇنچە جىددىي؟-دەپ ئاچچىقلىدىم مەن.
    -بېشىڭنى ئوڭلاپ قويايلۇق دېدۇق،-دېدى ھاممام ئاپامنىڭ ئورنىدا جاۋاپ بېرىپ.
    -نېمىشقا؟ مەن يەنە ئۆيلىنىمەن دېمىسەم؟
    -سەن ئۆيلىنىمەن دېمىگەن بىلەن، ئۆيدە بىر قىزنى بېقىپ ياتساقمۇ بولماس؟
    -نېمە قىزكەن ئۇ؟
    مەن ئۆيگە كىىرپ چىقىپ يۈرگەن ھېلىقى قىزغا قاراپ قويۇپ، شۇنداق سورىدىم.
    -كوچىدا تېنەپ-تەمتىرەپ يۈرۈپتىكەن، ئەكىرىپ، بېشىنى يۇيۇپ-تاراپ، ئۈستىبېشىنى يېڭىلىۋالدۇق، بىر چىرايلىق قىزغا ئايلاندى، قولىمۇ ئىشلىق ئىكەن...
    -نېمە؟!
    مەن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك قاتتىق ۋارقىرىۋەتكىنىمنى تۇيمايلا قالدىم. ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، داۋۇت مەندىن:
    -نېمە ئىشكەن؟-دەپ سورىدى،-بېرىشىڭدىن يېنىشىڭ بەك تېزغۇ؟-دەپ قوشۇپ قويدى ئاندىن.
    -ئۆيۈمدىكىلەر بىر ئىنەك بېقىپتىكەن، شۇنى كۆرۈپ كەتسۇن دەپ چاقىرىپتۇ،-دېدىم مەن.
    -ئۆيۈڭدىكىلەرمۇ قىزىقكىنا؟-دەپ كۈلدى داۋۇت.
    بىز چېقىشنى ھۆددىگە ئالغان بىنانىڭ ئىشى تۈگىگىچە، لەپىلدەپ قارمۇ ياغدى، لېكىن چاقىدىغان قۇرۇلۇش جىقراق بولغاچقا، پۇل تاپقانچە تاپقۇمىز كېلىپ، سوغۇققىمۇ قارىماي ئىشلەۋەردۇق. ئاڭغىچە ھاممام يەنە بىر نەچچە قېتىم تېلېفون بەردى.
    -زادى كېلەمسەن-كەلمەمسەن؟-دەيتتى ھاممام ئاچچىقلاپ.
    -ماۋۇ قۇرۇلۇشنى چېقىپ بولۇپلا، ئۆيۈڭگە يەنە بىر قېتىم بېرىپ كەل،-دېدى داۋۇت كۈلۈپ،-ئۆيۈڭدىكىلەر يەنە بىر ئىنەك باققان بولسا، كۆرۈپكەتسۇندەپ يولۇڭغا قاراپ قالغان ئوخشايدۇ.
    -نېمە ئىنەك بولسۇن، ئۇلار ماڭا بىر لايىق تېپىپ قويۇپتۇ،-دېدىم مەن راست گەپنى قىلىپ.
    -ھۇششەرە، ئۆيلىنىدىغان بوپسەن-دە؟ بىزگە شۇنداق تەلەي يوق دېسە،-دېدى داۋۇت.
    -قويە ئۇنداق تەلەينى، مېنىڭ ھازىر ئەس-يادىم كۆپرەك پۇل تېپىشتا.
    -دېگىنىڭغۇ راست، پۇلۇڭ بولمىسا خوتۇن ئالغان بىلەن ئۇنى باقماق تەس...
    بىز شۇ گەپلەرنى قىلىشۋاتقاندا ھاممام يەنە تېلېفون قىپتۇ.
    -نېمانداق بىغەرەز سەن؟!-دېدى تېلىفوندا ۋارقىراپ.
    -ۋاي-ۋۇي، كوچىدىن تېپىۋالغان قىزغا نېمانچە قىلىسىلەر؟!-دېدىم مەنمۇ ئاچچىقلاپ.
    -ساڭا كىم شۇنداق دەيدۇ؟
    -ئۆزۈڭلار دېدىڭلارغۇ.
    ئۇ دېگەن قىزىقچىلىق ئورنىدا دېگەن گەپ، لېكىن گەپنىڭ ئاخىرىنى دېگىچە پەشنى قېقىپ چىقىپ كېتىپ، شۇ پېتى ئۈرۈمچىگە قېچىپ كېتىۋاپسەن. بۇ قىز كونا مەھەلىمىزدىكى جۈماخۇنكامنىڭ قىزى، سىلەرگە كېلىن قىلىپ بەرگىنىم بەرگەن دەپ ئەكەپ قويدى.
    -ئۇ ئادەمنىڭ بېشى ئىشىپ قالمىغاندۇ؟
    -ئۇنداق دېمە! ئۇچۇ، ئاتا كۆرگەن، ئانا كۆرگەن كونا قوشنىلار دەپ بىزگە ئىشەنگىنى. ھازىر بۇ قىز بىزگە كېلىن بوپ بولدى، بۇ ئۆيدە پەقەت سەنلا كەم.
    -قېنى، مەن ئويلىنىپ باقاي.
    -بۇنىڭ ئويلىنىدىغان نەرى بار؟ بۇ قىزدىن قۇرۇق قېلىپ، كۈندە پۇلۇڭنىڭ ھېسابىنى ئالىدىغان، سېنىڭ ئاچ-توق قېلىۋاتقىنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغان بىرەسىگە ئۇچراپ «ۋاي-دات!» دەپ قالمىسۇن دەيمىز سېنى.
    ھاممامنىڭ كېيىنكى گېپى مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى. دېمىسىمۇ مەن بىلىدىغان ئاغىنىلەردىن قايسىبىرى خوتۇنى ئۈستىدىن ھال ئېيتمايدۇ؟ ئۇچىسى ۋال-ۋۇل، ئوينىشى چاي، ئايدا بىرەر قېتىم قازان قاينىتىشنى بىلمەيدۇ...
    مەن تېلىفوننى قويۇۋېتىپ داۋۇتقا قارىدىم.
    -قولى ئىشلىقكەن دەمدۇ؟-دېدى داۋۇت ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ،-ئەمىسە ئۇ قىز ساڭا راستىنلا لايىقكەن. ئۇنداق قىزلارنى ھازىرقى ۋاقىتتا ئاسماندىن چۈشمىسە، يەر يۈزىدىن تاپماق تەس.
    -ئاسماندىن چۈشمىسە؟...
    مەن تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدىم. ھاممام بولسا «ھەر قانچە چوڭ شەھەر ئامېرىكىدا بولساڭمۇ، خوتۇن ئالماي تۇرىۋېرەمسەن» دەپ توختىماي تېلېفون قىلىۋەردى.
     
    مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.