پۇل ۋە قۇل(ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراخمان)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:14:05

پۇل ۋە قۇل(ھېكايە)ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراخمانئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ پۇل تېپىشنىڭ كويىدىلا قاتراپ، پۇتلىرىنى قاداق بېسىپ كەتكەن نۇراخۇن سەۋدانى مەھەللىداشلىرى ئېغىز - ئېغىزىغا تەگمەي ئۇنداق بايەي...

    پۇل ۋە قۇل(ھېكايە)
    ئابدۇشۈكۈر ئابدۇراخمان


    ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ پۇل تېپىشنىڭ كويىدىلا قاتراپ، پۇتلىرىنى قاداق بېسىپ كەتكەن نۇراخۇن سەۋدانى مەھەللىداشلىرى ئېغىز - ئېغىزىغا تەگمەي ئۇنداق بايەي، مۇنداق بايەي دەپ ماختىشىپ ھارمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تۇرغان تۇرقى ھەمىشە ئۇلارنى «يالغانچى» قىلىپ قوياتتى.
    سەمرىگەن ھايۋان تۈكىدىنلا مەلۇم بولغىنىدەك، باي ئاتالغان بۇ بەندىنىڭ بايلىقى تۇتقان ئۆي بىساتىدىن، كىيگەن كىيىم - كېچىكىدىن، ھېچبولمىسا قايناپ تۇرغان قازىنىدىن بولسىمۇ مەلۇم بولۇپ تۇرۇشى كېرەك ئىدىغۇ؟ ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ تاشلاندۇق مازارنىڭ ئەسكى تېمىدەك ۋەيرانە ھالىتى بايلار تەبىقىسىنىڭ شەنىگە چۈشكەن داغدەك كۆڭۈلنى غەش قىلماي قالمايتتى. ھەركىم ئۆز خىلى بىلەن ياشايدىغان بۇ يۇرتتا باي ئاتالغانلار مۇشۇنداق بىر بەندىنىڭ چىرايلىق يۈزگە چىققان جاراھەتتەك كۆزگە چېلىقىپ تۇرىشىدىن تولىمۇ نومۇس ھېس قىلىشاتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك يۈرۈش ھەققىدە تولا نەسىھەت قىلىپمۇ بەھرە ئالالمىدى، ھەتتا ئۇنىڭ قىش - يېزى سالمايلا كىيىۋالىدىغان، قانداق رەخت ئىكەنلىكىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان «مۇقىم ئۈستۋاش»ى  ئەسكى قۇلاقچىسىنى ئېلىۋېتىشقىمۇ قادىر بولالمىدى. ئۇ ھامان ئۆزىنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ كېتىپ باراتتى. تۈكى چۈشۈپ گىرۋەكلىرى ساتىراشنىڭ كاپلىغۇچىسىدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئولتۇرۇشۈپ كەتكەن لەمپىدەك ماكچاراپلا تۇرىدىغان بۇ بىرنېمىسىنى يازنىڭ يېزىدىمۇ بېشىدىن ئالماي كىيىۋېلىپ، «ئىسسىققا چىداملىق»تا يۇرت ئەھلىنى تاڭ قالدرۇپ يۈرەتتى...
    دەرۋەقە، ئۇنىڭ ھاياتى پۇل تېپىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدىلا ئۆتۈپ باراتتى. ئۇ پۇل تېپىشقا شۇنچىلىك ھېرىسمەنكى، پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىنمۇ يانمايتتى. ئۇنىڭ پۇل تېپىشتىكى قورالىمۇ بىرەر ھۈنەر ياكى كەسىپ بولماستىن، بەلكى ئىسسىق جېنىنى دوغا تىكىش ئىدى. ئۇ كىشىلەر بىلەن بەسلىشىشنى تىرىكچىلىكنىڭ دەسمايىسى قىلىۋالغانىدى، بەستە ئۇتىدىغان پۇلنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەنمۇ ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايتتى. بىر يۈەن بولامدۇ، بىر موچەن بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئۇتسىلا بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تاپمىغان كۈن قىيامەت ئىدى. ئۇ بىرنەچچە يۈەن، ھەتتا بىرنەچچە تىيىن پۇل ئۈچۈن جېنىنى دوغا تىكىپ، قانچىلىك مۇشەققەت، قانچىلىك خورلۇققا قېلىشى بىلەنمۇ كارى بولمايتتى.
    ئۇ بىر قېتىم ئۈچ يۈەن پۇل ئۈچۈن 30 تۇخۇمنى بىر يولىلا يەۋەتكەن؛ يەنە شۇنچىلىك پۇلغا ئۈچ قوشۇق ئۇۋاق لازىنى، لازا بولغاندىمۇ ئادەمنىڭ ئىچ - باغرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان زەھەردەك لازىنى يۈز - كۆزىنىڭ سۈيىنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇتۇۋەتكەن؛ بەش يۈەن پۇل ئۈچۈن بىر بوتۇلكا ئاق ھاراقنى بوتۇلكا ئېغىزىغا قۇيۇپ ئىچىۋەتكەن؛ ئون يۈەن پۇلنى دەپ تېخى ئەمەت «قاۋان» دېگەن نامى بار دىۋىدەك ئاغىنىسىنى ئىككى كىلومېتىر ئارىلىققا كۆتۈرۈپ ئاپارغان، ھەتتا پاتقاققا تاشلاپ قويۇلغان ئون تىيىن پۇلنى چىشلەپ ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئېغىز - بۇرۇنلىرىنى پاتقاققا توشقۇزۇۋالغانىدى...
    ۋەھالەنكى، ھەمىشەملا «ھېيت» بولىۋەرمەيدۇ دېگەندەك، ئۇنىڭمۇ بەستە ئامىتى قاچقان چاغلىرىمۇ بولغانىدى.
    بىر قېتىم ئۇ خېلىلا چوڭ بىر بەسكە دۇچ كەلدى. بەسلەشكۈچى 50 يۈەن پۇلنى دوغا تىكىپ، ئۇنىڭغا ئېغىلدىكى توپىقىنى 10 مېتىر ئارىلىققا كۆتۈرۈپ بېرىش شەرتىنى قويدى. تاماشا كۆرگۈچىلەرنىڭ كۆپى نۇراخۇن سەۋداغا دەرگۇماندا قاراشتى، ئادەمنى كۆتۈرسىغۇ كاشكى، ھەرقانچە بولسىمۇ توپاققا تەۋەككۈل قىلماس دەپ ئويلاشتى. ئەمما شۇ مىنۇتلاردا ئۇنىڭ جاپاكەش كاللىسىدىمۇ بىر تەشۋىشلىك خىيال توختىماي كېزىپ يۈرەتتى. «توپاق ئاز دېگەندىمۇ 100 نەچچە كىلو چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەمدەك جىم تۇرۇپ بەرمەيدۇ - دە، بۇ كاساپەت؟ لېكىنزە، بۇنىڭلىق بىلەن بۇنچە كۆپ پۇلنى قاراپ تۇرۇپ قولدىن بېرىپ قويسام بولمايدۇ - دە؟ بىر ئۇرۇنۇپ كۆرەي، يېڭىلىپ قالسام مېنىڭدىن نېمە كېتەتتى؟ پەقەت  ئۇيەر - بۇ يېرىم ئاغرار، شۇ!» ئەمەلىيەتتىمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن پۇل ئۇتۇۋېلىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بەسلىشەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بەستە ئۇتتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
     كۆتەرسەم كۆتەردىم! كۆپچىلىككە قاراپ ۋارقىرىدى ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۇ.
    لىللا گەپنى قىلغاندا ھېلىقى ئادەمنىڭمۇ بەسلەشكۈسى يوق ئىدى، ھەرقانچە بولسا توپاقنى كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالماس دېگەن ئوي بىلەن مۇنداقلا دەپ قويغان گېپىنىڭ چىڭغا چىقىپ كېتىشىنى نەدىن بىلسۇن؟ شۇنداق قىلىپ بەس نامازدىگەرگە بېكىتىلدى. ئۇ ئادەممۇ چاشقانغا كېپەك ئالغۇزىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بەسنى تاماق ۋاقتىغا توغرىلاپ قويۇشىدىمۇ بىر گەپ بار ئىدى. دېگەندەكلا، ئۆمرىدە تۈرلۈك باھانە - سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇدۇل كەلگەن قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تامىقىغا داخىل بولۇشقا ئادەتلەنگەن نۇراخۇن سەۋداغا بۈگۈن ئۇنداق قىلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغانىدى. چۈنكى بۈگۈنكى بەسنىڭ ۋاقتى نەق تاماق ۋاقتى - دە. ئۇ نېكەم ئۇ يەرگە بېرىپ، جوزىنىڭ تۈۋىدە بەداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ بولغانىدى!
    نېمىشقىدۇر تاماق بۈگۈن سەل «كەچ» قېلىپ نامازشامدا ئاران تارتىلدى، ئاڭغىچە كۆز باغلىنىپ، تاماشابىنلارمۇ يىغىلىپ ۋاڭ - چۇڭ قىلغىلى تۇردى. نۇراخۇن سەۋدا بىكىرىغا يېگەن ئىككى تەخسە لەغمەننىڭ كۈچىنى كۆز - كۆز قىلغاندەك توختىماستىن كېكىرىپ - كېرىلىپ، ھويلىدا ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئەمدى رەقىبىنىڭ توپىقىمۇ چاغلىقلا بىرنېمە بولۇپ قالغانىدى.
    ئەمما بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالدىغا تامدەك يوغان بىر توپاق كەلتۈرۈلدى. بۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭ يۈرىكى «قارت» قىلىپ، تېنى ئىختىيارسىز شۈركىنىپ كەتتى. بۇنى باشقا توپاق دەيمىكىن دېسە رەڭگى، شەكلى ھەتتاكى سالغان ئەنلىرىگىچە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش. پەقەت چوڭ - كىچىكلىكىلا ئوخشىمايدۇ، شۇ. باشقا كەلگەننى كۆرمەي نە ئىلاج؟ ئۇ توپاقنىڭ چاتىرىقىغا كىرىپ، بوينىنى ئۇنىڭ قورسىقىغا تىرەپ، ئىككى قولى بىلەن ئالدى ۋە ئارقا پۇتلىرىنى يىغىپ تۇتقىنىچە ئىنجىقلاپ تۇرۇپ دەس كۆتۈردى، لېكىن توپاق بىرلا يۇلقىنىش بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى پۈكۈپ يىقىتىۋېتىپ قېچىپ كەتتى. ھېلىمۇ ياخشى توپاق يىقىلمىدى،  يىقىلغان بولسا ئىدى، نۇراخۇن سەۋدانىڭ يېگەنلىرى قوڭىدىن چىققان بولاتتى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇتتۇرۇپ قويدى. ئەسلىدە قارشى تەرەپ توپاقنى ئالماشتۇرۇۋەتكەنىدى، تاماقنىڭ «كەچ» قېلىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىدى. چۈنكى كۆز باغلانغاندا ھايۋاندىكى پەرقلەرنى كۆرۈۋېلىشمۇ قىيىن ئىدى. لېكىن ئۇ بۇنىڭلىق بىلەنلا بەل قويۇۋەتمىدى. ئەتىسىدىن باشلاپلا كوچىدا ئۇ باشتىن - بۇ باشقا ئۆمىلەپ مېڭىش، ئېشەك تىزىكىنى چىشلەپ يۈگۈرۈش،... قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن زىيىنىنى تولدۇرۇۋالدى. بىراق شۇ قېتىمقى «توپاق ۋەقەسى»دە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىنى تولدۇرۇۋالغۇسىز بىر يوقىتىش شۇ بولدىكى، كىملەردىن ئالغانلىقى يادىدىمۇ قالمىغان، تېشىنى بىر قەۋەت قاسماق باغلاپ خىرەلىشىپ كەتكەن ئېلېكترونلۇق قول سائىتىنىڭ بېغى بىرنەچچە يېرىدىن ئۈزۈلۈپ كەتتى. ئۇ بۇ سائەتكە گويا ئۇنىڭ بېغى ئەمەس، ئۆزىنىڭ قول - پۇتلىرىنىڭ بېغىشلىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەندەك خېلىغىچە ماتەم تۇتۇپ يۈردى. ئۇنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئوڭشالمىدى، يېڭى باغ ئېلىشقا كۆزى قىيمىدى، تاشلىۋېتىشكە تېخىمۇ چىدىمىدى...
    «ئۇ دېگەن سائەتنى تۇتۇپلا تۇرىدىغان نەرسىغۇ، شۇ؟!» ئۇ كاللىسىغا كەلگەن بىر ئويدىن سۆيۈنۈپ كەتتى. دەرۋەقە، ئۇ پارچە - پۇرات لاتا - پۇرۇچلاردىن ئۇنىمۇ ياسىۋالدى.
     ھېچبىر پۇل خەجلىمەيلا بىر ئوبدان سائەت بېغى ياسىۋالدىما، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەم يۇمشاق، ھەم قولغا زىيانسىز؟! ئۇ بەستە يەنە ئۇتۇپ چىققاندەك ھاياجانلىنىپ، ئەسكى - تۈسكىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن قازناقتەك غېرىبخانىسىنى بېشىغا كىيىپ ۋارقىراپ تاشلىغىنىنىمۇ سەزمەي قالدى. بۇ ئەزەلدىن تارتىپ مۇڭ بېسىپ كېلىۋاتقان بۇ سىرلىق «قەلئە»دىكى ئادەمزاتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋاڭ - چۇڭى ئىدى. ئۇ بۇ يەردە ھەقىقەتەنمۇ تىكەندەك يالغۇز ياشاپ كېلىۋاتاتتى. پۇل خەجلەپ خوتۇن ئېلىش قاراپ تۇرۇپ خەقنى بېقىش، تېخى ئۇنىڭ «كۈچۈك»لىرىنى بېقىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك ئىدى.
     ساڭا نېمە كۈن بۇ ئەمدى، ئۆيلىنىۋالساڭ بولمامدۇ - ھە؟! دەپ ئۇنىڭغا قوشنىسىمۇ ھاردى.
     يېمەي - ئىچمەي يىغىپ - تۆشىگەن دۇنيايىڭنى ئۇ ئالەمگە ئېلىپ كېتەمسەن؟! دەپ تۇغقانلىرىمۇ ئاچچىقلاپ ئادا - جۇدا بولۇشتى.
     دائىملا بىزنىڭكىنى يېگىچە سەنمۇ بىرەر قېتىم ئالدىمىزغا داستىخان سېلىپ باقساڭ بولمامدۇ؟! دەپ ئاغىنىلىرىمۇ زېرىكتى...
    شۇنداق قىلىپ ئۇ يېتىم قالدى، بىراق ئۇ بۇنى ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇش دەپلا چۈشەندى. ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇنىڭغا ھېچكىم دەخلى قىلمىسا، مۇھىمى «خوتۇن ئېلىۋال» دەپ بېشىنى ئاغرىتمىسا، ئۇ كۈندە بەستە بىرنەچچە تىيىن بولسىمۇ ئۇتۇپ كىرىپ پوكىنىغا بېسىپ ياتسىلا، ئۈچ ۋاق قۇرۇق نان غاجاپ، داغ سۇ ئىچىپ ياتسىمۇ رازى ئىدى. چۈنكى ئۇ يالغۇزلۇقنى بەكلا خالايتتى. ئۇنىڭ يالغۇز ئۆزىلا ئەمەس، جىمىكى تەئەللۇقاتى  قازان - قۇمۇچ، يوتقان - كۆرپە، كىيىم - كېچەكلىرىگىچە بىر تالدىنلا ئىدى. ئۇ يالغۇزلۇققا يالغۇز دەرەختەكلا كۆنۈپ كەتكەن ئادەم ئىدى...
    «ھەسەلنى كۆپ يېسە ئەمەن تېتىيدۇ» دېگەندەك، كىشىلەر كېيىنچە بىر - ئىككى تەڭگە پۇل خەجلەپ بەسلىشىش ھېسابىغا ئۇنىڭ كۈلكىلىك ئىشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىشنىمۇ ئانچە بەك خالاپ كەتمەيدىغان بولدى. بارا - بارا بۇ ئىمتىياز ئەمدى كىچىك بالىلارغا قالدى. ئۇلار ئاتا - ئانىسى بەرگەن پارچە - پۇرات پۇللىرىنى خەجلىۋېتىشكە ئالدىرىماي بىرسى ئۇنداق، بىرسى مۇنداق تەلەپلەرنى قويۇپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمىكىگە ئايلاندۇرۇۋالغانىدى.
     ھوي سەۋدا، نومۇس قىلماي كىچىك بالىلارغا ئەخمەق بولۇپ يۈرگىنىڭنى قارىغىنا سېنىڭ! دېدى ئۇنىڭغا ئاخىر بىر كۈنى بۇ خورلۇققا چىدىمىغان بىر قوشنىسى.
     نېمىگە نومۇس قىلاتتىم؟ پۇل تاپقانغىما؟!
     پۇل تاپتىم دەپ ئەمدى بۇنچىلىكلا قىلىپ كەتسەڭ قاملاشماس؟
     شۇنچىلىك قىلمىسام نەدە تۇرۇپتۇ ماڭا ئۇ پۇل؟
     ھەرقانچە بولسىمۇ ساقىلىڭنى سۆرەپ كىچىكلەرنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلىنىپ يۈرسەڭ قاملاشمايدۇ - دە؟!
     ھېلىغۇ كىچىكلەركەن، پۇل بەرسە بوۋاقلارغىمۇ ئۇسسۇل ئويناپ بېرىۋېرىمەنغۇ تازا، پۇل تېپىپ كېتىۋاتقىنىمنى كۆرەلمەي قېلىشىۋاتىسەنغۇ سەن خەق تايىنلىق؟!
     ئۇنداق بولسا پوقۇڭنى يە! قوشنىسى ئاچچىقىدا يېرىلغۇدەك  بولۇپ كېتىپ قالدى، ھوي ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان سەۋدا، ئاشۇ پۇلنىڭ ئاستىدا قېلىپ ئۆلىسەنغۇ ئاخىر بىر كۈنى!
    قوشنىسىنىڭ «قارغىش»ى تۇتتىمۇ، ئەيتاۋۇر شۇ كۈنى ئۇ بىر بالا بىلەن تۈزۈشكەن ئوتتۇز تىيىنلىق بەستە ئېگىز سۇۋادان دەرىخىدىن يىقىلىپ كېتىپ قولىنى سۇندۇرۇۋالدى. «كۆزنىڭ دەردىنى پۇت تارتىپتۇ» دەپ، ئۇنىڭ خەسىسلىكىنىڭ دەردىنىمۇ جىسمى  قول - پۇتلىرى يەتكىچە تارتتى. ئۇ پۇلنىڭ كۆزىگە قاراپ بىر ھەپتىگىچە دوختۇرغىمۇ كۆرۈنمىدى، قولى ئىششىپ مىدىرىتالمايدىغان ھالەتكە يەتكەندىلا، ئاندىن مەھەللىدە ئانچە - مۇنچە مال - ۋارانلارنىڭ چىققان - سۇنغانلىرى بىلەن ھەپىلىشىدىغان «ھېكىم قارام» دېگەن ئادەمنى ئىزدەپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ قولىنى ھايۋاننىڭ قولىنى كۆرگەندەك ئۇياق - بۇيىقىغا قالايمىقان قايرىپ تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتتى. قېرىنداش دېگەن بىر ئۆلۈكتە، بىر تىرىكتە دەپ، يەنىلا شۇلار ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. ئۇنىڭ مەيلىچە بولغاندا، ئۇ ئۆلۈپ كەتسىمۇ جىق پۇل كېتىدىغان ئۇنداق يەرگە بەلكىم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە يېقىن يولىمىغان بولاتتىمىكىن؟! ئۇ شۇ ھالدا تۇرۇپمۇ گويا ئۆزىنى ئوتقا ئىتتىرىۋاتقاندەك قېرىنداشلىرىغا ئالايغىنىچە:
     كىم ئۇ يەرگە بارىمەن دەپتۇ؟ سىلەرگە دەپ قوياي، چىقىمغا مەن ئىگە ئەمەس جۇمۇڭلار؟! دەپ بىرنەچچە قېتىم ھالسىز پىچىرلىدى. ئۇلار ھەممىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى دەپ تۇرسىمۇ، ئۇ يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى، ۋاقتى كەلگەندە يەنە ئۇندىغىدى - بۇندىغىدى دېسەڭلار تەن ئالمايمەن جۇمۇڭلار...
    ئۇ دوختۇرخانىدا تۈزۈكرەكمۇ ياتماي، قولىنى تاڭدۇرۇپلا يېنىپ چىقىۋالدى. قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزىگە شۇنچە كۆيۈنۈپ قاراۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ، «خەققە بىكاردىن بىكار پۇل خەجلەيدىغان ئىش نەدە بار؟» دېگەننى ئويلاپ، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا ئۇلارغا ئىشىنەلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە پۇلدىن ئۈستۈن  تۇرىدىغان ھېچقانداق بىر مۇناسىۋەت مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ پۇلمۇ تاپالماي، دوزاخنىڭ كۈنىنى كۆرۈپ بىر ئايغىچە تالا - تۈزگىمۇ چىقالمىدى. بەسسىز، «كىرىم»سىز ئۆتكەن ھەربىر دەقىقە ۋاقىت ئۇنىڭ ئۈچۈن گويا بىر يىلدەك، بىر ئەسىردەك ئۇزاق بىلىنەتتى.
     پۇل تاپماي ئۆتكەن ھاياتنىڭ نېمە لەززىتى بولسۇن؟ كوچىغا چىقىپ باقمايمۇ! دەپ پىچىرلاپ ئاخىر ئۆيىدە ئولتۇرالمىدى ئۇ. بىراق ئۇ ناكا قولى بىلەن نېمىمۇ قىلالىسۇن؟ ئىلگىرىكىدەك دەرەخقە يامىشالايتتىمۇ؟ يەر بېغىرلاپ ماڭالايتتىمۇ؟ ئۇنى - بۇنى كۆتۈرەلەيتتىمۇ؟! ئۇ ئالىقىنىغا كىرمىگەن پۇللار خۇددى ئالىقىنىدىن زورمۇزور چىقىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا توختىماي ئاھ ئۇراتتى، ئاغرىق قولىنىڭ ئازابىنىمۇ ئۇنتۇپ تېقىمىغا ئۇراتتى. بەزىدە ھەتتا دۈم يېتىۋېلىپ، خەپ دېسە خەپ دەپ قىلدەك تولغىنىپ كېتەتتى. ئېھتىمال ئۇ ئاتىسى - ئانىسى ئۆلگەندىمۇ بۇنچىلىك ئازابلانمىغان بولغىيتتى؟ ئۇ ھېلىدىن - ھېلىغا قەيەرلەرگىدۇر لاتىغا ئوراپ سېلىۋەتكەن بىر تىيىنلىقتىن تارتىپ ئون يۈەنلىككىچە بولغان باغلام - باغلام پۇللىرىنى ئېلىۋېلىپ، ئۇلارغا خۇددى تالالىق قىلغان قىزىغا قىيمىغاندەك قايتا - قايتا قاراپ كېتەتتى ۋە ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قالىدىغاندەك شۇ ھامان جايىغا سېلىۋېتەتتى. گەرچە ئۇ بۇ مەزگىلدە پۇل تاپمىغىنى بىلەن، لېكىن چىقىمنىڭ تۆشۈكىنى شامالمۇ كىرەلمىگۈدەك قىلىپ پۇختا ئېتىۋەتكەنىدى. قىسقىسى، بىر مىسالنىلا ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ كالا پوقىدىن تېزەك قىلىۋېلىش ئۈچۈن كالىسىنى تېزەكلىمىگىچە ھويلىسىدىن چىقارمىدى. ھەتتا كالىسىنى تېزرەك تېزەكلىتىش ئۈچۈن ھويلىدا قوغلاپ ھېچ ئارامىنى قويمىدى. بىچارە كالا ئاچ قورساق چېپىۋېرىشتىنمۇ، ئىشقىلىپ ئاخىر شاتىراق ئۇرۇپ چىچىشقا مەجبۇر بولاتتى...
    ئۇ ئاخىر كوچىغا چىقتى. بەسلىشىدىغان بىرەر ئاەم چىقىپ قالسا ئەجەب ئەمەس دەپ، كوچىلارنى خۇددى ئۇستىخان ئىزدەپ يۈرگەن ئىتتەك تىمىسقىلىدى. بىر چاغدا بىر توپ ئۇششاق بالىلارنىڭ ۋاڭ - چۇڭىنى ئاڭلاپ توختاپ قالدى. ئۇلار يامغۇر سۈيى قۇيۇلۇپ كۆل بولۇپ قالغان يار بويىدا نېمىنىدۇر تالىشىۋاتاتتى. قۇلاق سېلىۋىدى، ئۇلارنىڭ بۇ كۆلگە كىمنىڭ چۈشەلەيدىغانلىقىنى تالىشىۋاتقىنىنى چۈشەندى.
     مانا مەن چۈشسەم نەچچە پۇل بېرىسىلەر؟ دېدى ئۇ شۇھامان بالىلارغا ۋارقىراپ.
    بالىلار تۇشمۇ تۇشتىن ئون تىيىن، يىگىرمە تىيىن دەپ باھا قويۇشۇپ ئاخىر ئەللىك تىيىنغا پۈتۈشتى. شۇ تاپتا ھەر ئىككىلا تەرەپ خۇشال ئىدى. بالىلار ئۆزلىرىگە بىر ياخشى ئەمەكنىڭ چىققىنىغا خۇش بولسا، نۇراخۇن سەۋدا بولسا ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئەللىك تىيىن پۇلغا ئېرىشىدىغىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى. لېكىن ئۇ مۇشۇ ھالىتىدە ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغىنىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيتتى. ئۇ دىدارىنى كۆرمىگىنىگە خېلى چاغلار بولۇپ كەتكەن پۇلغا تېزرەك ئېرىشىش ئۈچۈن چاپان - چارىسىنى ھاپىلا - شاپىلا سېلىشىغا، بالىلار بىردەك چۇرقىرىشىپ:
     كىيىم بىلەن چۈشىسەن، بولمىسا ھېساب ئەمەس! دەپ قەستەن چىڭ تۇرۇۋېلىشتى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئۇنىڭ سۇغا چۈشكەن چاشقاندەك ھالىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىدى. «كىيىم ھۆل بولسا قۇرىيدۇ، ئەمما قولدىن چىققان پۇلنىڭ قايتىپ كەلمىكى تەس». ئۇ شۇلارنى كاللىسىدىن چاقماق تېزلىكىدە ئۆتكۈزدى - دە، كىيىملىرىنى قايتىدىن كىيىپ سۇغا چۈشتى. كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا بارا - بارمايلا سۇ ئۇنىڭ مەيدىسىگە كەلدى، يەنە ئازراق مېڭىشى بىلەنلا سۇ يۈزىدە بۇلدۇقلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ پەيدا بولغان كۆپۈكچىلەر ۋە ئۇنىڭ قۇلاقچىسىدىن باشقا ھېچنېمە كۆرۈنمىدى.
     قاراڭلارچۇ ئۇنىڭغا، باش چۆكۈرۈشنىمۇ بىلىدىكەن تېخى!
     چىقمايدىغۇ ئەمىسە؟!
     ئەنە، ئەنە، بېشى كۆرۈندى.
    دەل شۇ چاغ ئۇنىڭ ئاخىرقى قېتىم جان تالىشىپ سۇ يۈزىگە چىققان ۋاقتى ئىدى، بالىلار بۇنى نەدىن بىلسۇن؟! ھېچكىم بىلەن ئارىلاشمايدىغان بۇ بەندە سۇ ئۈزۈشنى نەدىن بىلسۇن؟ ئۇ بىردەم پالاقلىدى - دە، جىمجىتلا غايىب  بولدى. خېلىدىن كېيىن قۇلاقچىسىغا ئوخشاشلا سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى...
    ئۇنىڭ ئۆلۈمى داغدۇغىسىزلا ئۇزىتىلدى. ئەمما ئۆمرىدە ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ يىغىپ - تۆشىگەن، يېمەي - ئىچمەي توپلىغان ئاشۇ پۇللىرى ھەققىدىكى داغدۇغىلىق تالاش - تارتىش ئۇزۇنغىچە بېسىقمىدى. كېيىنچە كىشىلەر ئۇنى: «نۇراخۇن سەۋدادەك ئۇنداق، نۇراخۇن سەۋدادەك مۇنداق...» دەپ تەمسىل ئورنىدا تىلغا ئېلىشىدىغان بولۇشتى. ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇنىڭغا ئۇتتۇرۇۋەتكەن پارچە - پۇرات پۇللىرىغا قورسىقى ئاغرىمىغاندەك، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ھېچكىمنىڭ جېنى ئېچىشمىدى. ئۇ خۇددى ئوشۇقچە يارىلىپ قالغان ئادەمدەك بۇ دۇنيادىن ئەنە شۇنداق جىمجىتلا كېتىپ قالدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.