ناپولېئوننىڭ تىمسالى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 11:50:15

ناپولېئوننىڭ تىمسالى(مۇنارجان تەرجىمىسى) مەيلى قانداق شارائىت، مەيلى قانداق شەرت ئاستىدا بولسۇن، كىشىلىك دۇنيادا ھەرقاچان مۇنداق غەلىتە ئادەملەر بولىدۇ: ئۇلار بارىغا شۈكۈر قىلىدۇ، يەنە كېلى...



    ناپولېئوننىڭ تىمسالى

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      مەيلى قانداق شارائىت، مەيلى قانداق شەرت ئاستىدا بولسۇن، كىشىلىك دۇنيادا ھەرقاچان مۇنداق غەلىتە ئادەملەر بولىدۇ: ئۇلار بارىغا شۈكۈر قىلىدۇ، يەنە كېلىپ، ھورۇنلۇق قىلمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە شۇنداق پۈتۈلگەندەك، بىر ئۆمۈر نامراتلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئۇلار قول-ئىلكىدە ھىچنىمە يوق، تەنھا، ۋەيرانچىلىق ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزىدۇ. يەنە كېلىپ، ھەرقاچان ئىزىلگۈچىلەر ئورنىدا تۇرغانداك كۆرۈنىدۇ، چىرايلىرىدىن ئازاپتىن باشقا نەرسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر ئىجادىي ئىش، ھەرقانداق بىر ئىجادىي روھ ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئازاب ۋە يۈك. گويا تۇغۇلۇشىدىنلا ئۇلارنىڭ پىشانىسىگە بىرەر يېڭىلىق يارىتىش پۈتۈلمىگەن، باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ياشىمايدۇ، ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى باشقىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئاڭلاش يەنە كېلىپ، ھەرقانداق شارائىت، ھەرقانداق پۇرسەت ئۇلارنى بېيىتالمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلار مەڭگۈلۈك دىۋانە. مېنىڭ بايقىشىمچە، مۇنداق ئادەملەر ئادەتتىكى ئادەملەر ئىچىدىلا مەۋجۇت بولۇپلا قالماي، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ھەرخىل تەبىقىلەر ئىچىدىمۇ تېپىلىدىكەن.

    ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سېرىك ئۆمىكىدە پىلنى مۇنداق كۆندۈرىدىكەن: پىلنى تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا ناھايىتى يوغان بىر تۈۋرۈككە باغلاپ قويىدىكەن، ئەسلىدىنلا جىم تۇرالمايدىغان كىچىك پىل باغلاقتىن بوشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن قېتىم ئۇرۇنۇپ باقىدىكەن، ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بۇ يوغان تۈۋرۈكتىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدىكەن. بۇ چاغدا، كىچىك پىلنى ئالدىنقىسىدىن سەل كىچىكرەك تۈۋرۈككە باغلايدىكەن، كىچىك پىل ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلمەيدىكەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىمۇ كىچىك تۈۋرۈككە ئالماشتۇرىدىكەن، كىچىك پىل ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلمەيدىكەن، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، پىلنىڭ تەپەككۇر سىستېمىسىدا مۇنداق خۇلاسە شەكىللىنىدىكەن: ئىشقىلىپ تۈۋرۈك شەكىللىك نەرسە بولسىلا قۇتۇلۇپ چىقىپ كەتكىلى بولمايدۇ.

    پىلدا مۇشۇنداق ئاڭ شەكىللىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى كىچىك بىر تاياققا باغلاپ قويسىمۇ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە كۆزى يەتمەي جىممىدە تۇرىدىكەن. ئۇ چوڭ بولغاندىن كېيىن تۈۋرۈكتىن قۇتۇلۇپ كېتىشكە يىتەرلىك كۈچى بولسىمۇ،لېكىن ئۇ ئەركىنلىككە ئىنتىلىش ئىقتىدارنى يوقاتقان بولىدىكەن. بۇ چاغدا، تۈۋرۈك شەكلىدىكى كىچىك تاياقمۇ پىلنى بويسۇندۇرالايدىكەن. مانا بۇ سېرىك ئۆمىكىدىكىلەر پىلنى بىر تاياققا باغلاپ قويسىمۇ نېمە ئۈچۈن قېچىپ كەتمەيدىغانلىقىدىكى سەۋەب ئىكەن. ئوخشاشلا، ئەگەر بىزنىڭ يۈرىكىمىزدە«قۇتۇلالماسلىق ئېڭى شەكىللىنىپ، ئۇ چاغدا چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتمىگىمىز تەسكە توختايدۇ، ھەقىقەتتىن مەڭگۈلۈك يىراقلىشىپ كېتىمىز.

    بىر فرانسىيىلىك بار ئىكەن، 42 ياشقا كىرگەندىمۇ بىرەر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقماپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ پالاكەت باسقان ئادەم ھېسابلاپتۇ: خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، ۋەيران بوپتۇ، ئىشسىز قاپتۇ... ئۇ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ يۈرۈشنىڭ نېمە قىممىتى، ھاياتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھالىدىن تولىمۇ نارازى ئىكەن، مىجەزىمۇ ئۆزگىرىپ، بىر ئىشلارغا ئاسان تېرىكىدىغان بولۇپ قاپتۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بەكلا ئاجىزلاپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى، ئۇ پارىژ كوچىسىدا بىر پالچى سىگاننى ئۇچرىتىپ قاپتۇ ۋە تەۋەككۈل قىلىپ بىر پال ئاچقۇزۇپ باقماقچى بوپتۇ.

    سىگان ئۇنىڭ قولىنى كۆرگەندىن كېيىن:

    -سىز بىر ئۇلۇغ ئادەم ئىكەنسىز، قالتىس ئادەم ئىكەنسىز!-دەپتۇ.

    -نېمە؟-دەپتۇ ئۇ ئادەم قاتتىق ھەيران بولۇپ،-مەن ئۇلۇغ ئادەممۇ؟ چاقچاق قىلىۋاتمايدىغانسىز؟

    -سىز ئۆزىڭىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەمسىز؟-سوراپتۇ سىگان سالماقلىق بىلەن.

    «مەن كىم؟-ئويلاپتۇ ئۇ،-مەن پالاكەت باسقۇچى، مەن قارا نامرات، مەن تۇرمۇشنىڭ يەكلىشىگە ئۇچرىغان ئادەم!» لېكىن ئۇ يەنىلا سالماقلىق بىلەن سوراپتۇ:

    -مەن كىم؟

    -سىز ئۇلۇغ ئادەم،-دەپتۇ سىگان،-بىلەمسىز، سىز ناپولېئوننىڭ تىمسالى! تومۇرلىرىڭىزدا ئېقىۋاتقان قان، سىزدىكى جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەتنىڭ ھەممىسى ناپولېئوننىڭ! ئەجەبا سىز چىرايىڭىزنىڭمۇ ناپولېئونغا بەكلا ئوخشىشىدىغانلىقىنى سەزمىدىڭىزمۇ؟

    -ئۇنداق ئەمەستۇ... دەپتۇ ئۇ ئىككىلىنىپ،- مەن خوتونۇمدىن ئاجرىشىپ كەتتىم، ئىگىلىكىم ۋەيران بولدى، ئىشسىز قالدىم، تۇرار ماكانىم يوق دىسەممۇ بولىدۇ....

    ھەي، ئۇ دېگەن سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز،-دەپتۇ سىگان،-سىزنىڭ كەلگۈسىڭىز قالتىس ياخشى بولىدۇ. ئەگەر گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز، ماڭا ھەق بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. لېكىن، بەش يىلدىن كېيىن سىز فرانسىيىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەم بولۇپ قالىسىز! چۈنكى سىز ناپولېئوننىڭ تىمسالى!

    ئۇ سىگاننىڭ يېنىدىن ئىشەنمىگەن قىياپەتتە كېتىپتۇ، لېكىن يۈرىكىدە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر گۈزەل تۇيغۇ پەيدا بوپتۇ. ئۇنىڭدا ناپولېئوننىڭ نىسبەتەن كۈچلۈك قىزىقىش قوزغىلىپتۇ. ئۇ ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ناپولېئونغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تېپىپ ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ.

    ئۇ ئاستا-ئاستا ئەتراپىدىكى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە باشلىغانلىقىنى سېزىپتۇ، دوست-بۇرادەرلىرى، ئائىلىدىكىلىرى، خىزمەتداشلىرى، خوجايىنى ئۇنىڭغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغان بوپتۇ؛ ئىشلىرى راۋان يۈرۈشۈشكە باشلاپتۇ؛ ئۇ كېيىن شۇنى ھىس قىپتۇكى، ئەمەلىيەتتە ھىچقانداق نەرسە ئۆزگەرمىگەن، ئۇنىڭ ئۆزى ئۆزگەركەنىكەن: ئۇ جاسارەت، تەپەككۇر شەكلى جەھەتلەردە ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ناپولېئونغا تەقلىد قىلىدىغان بوپتۇ، ھەتتا يول مېڭىش، گەپ قىلىشلىرىمۇ ناپولېئونغا شۇنداق ئوىشاپ قاپتۇ. 13 يىلدىن كېيىن، يەنى55ياشقا كىرگەندە، ئۇ بىللىئونېر بولۇپ قاپتۇ، فرانسىيىدە نامى مەشھۇر مۇۋەپپەقىيەت ئىگىسى بولۇپ قاپتۇ.

    ئېلبېرت خۇببارنىڭ«مەڭگۈلۈك ھەراھ ــــ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.