ئاللاھ ۋە ساتىراچ

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-09 21:57:00

ئاللاھ ۋە ساتىراچ بىر كىشى چېچىنى ياسىتىش ئۈچۈن ساتىراشنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ، ساتىراش ئۇ كىشىنىڭ چېچىنى ياسىغاچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپتۇ، ئۇ يەردىن بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ئاللاھنىڭ بارلىقى تو...

    ئاللاھ ۋە ساتىراچ

     بىر كىشى چېچىنى ياسىتىش ئۈچۈن ساتىراشنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ، ساتىراش ئۇ كىشىنىڭ چېچىنى ياسىغاچ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭغا چۈشۈپتۇ، ئۇ يەردىن بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ ئاللاھنىڭ بارلىقى توغرىسىدا سۆزلىشىپ قاپتۇ، ساتىراش : مەن ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن ..
         خېرىدار : نېمە ئۈچۈن ؟
          ساتىراش : مۇنداق، سىز كوچىغا چىقىپ قاراپ باقسىڭىز ئاللاھنىڭ مەۋجۇد ئەمەس ئىكەنلىكىنى بىلىسىز ، ئەگەر ئاللاھ مەۋجۇد بولغان بولسا كېسەل كىشىلەرنى كۆرەرمىدىڭىز ؟ ئاللاھ مەۋجۇد بولغان بولسا مۇنچە كۆپ يېتىم بالىلارنى كۆرەرمىدىڭىز ؟ ئەگەر ئاللاھ مەۋجۇد بولغان بولسا ئاشۇنداق خاپىلىقلارنى كۆرەرمىدىڭىز ؟ مەن ئاللاھ بولغان زاتنىڭ بۇنداق ئىشلارغا يول قويىدىغانلىقىنى قەتئىي تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن .
         خېرىدار بىردەم ئويلىنىپ قاپتۇ، جاۋاپ قىلاي دەپتۇيۇ، گەپ چىڭىغا چىقماسلىقى ئۈچۈن جىم بوپتۇ .
          ساتىراش ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن خېرىدار كوچىغا چىقىپ چاچلىرى ئۇزۇن، پاخپايغان، ئۈستىنى مەينەتچىلىك قاپلىغان بىرسىنى كۆرۈپ دەرھال ساتىراشنىڭ يېنىغا كىرىپ : ساتىراش دېگەننىڭ يوق نەرسە ئىكەنلىكىگە ئىشىنەمسىز ؟ دەپتۇ .
    ساتىراش ھەيران قالغان ھالدا : قانداقسىگە بۇنداق دەيسىز؟ مەن ھازىرلا تېخى چېچىڭىزنى ياساپ قويغان تۇرسام ؟
        خېرىدار : ساتىراش دېگەن مەۋجۇد بولىدىغان بولسا، ئاۋۇ ئادەمدەكلەر بولمىغان بولاتتى .
        ساتىراش : ساتىراش مەۋجۇد، ئەمما بۇلار يېنىمغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاشۇنداق شەكىلدىكى كىشىلەرنى كۆرىسىز .
        خېرىدار : ئىش دەل مۇشۇنداق . ئاللاھ مەۋجۇد، لېكىن كىشىلەر ئاللاھنى تونۇمايدۇ، قۇللۇق بەجا كەلتۈرۈپ، ھاجىتى چۈشكەندە يېلىنمايدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا قىيىنچىلىق، خاپىلىقلارنى كۆرىسىز دەپتۇ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق