لەيلىنىڭ خاتىرىسى7 (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-22 10:32:00

لەيلىنىڭ خاتىرىسى سەھەر.... قورامتاش ئارقىسىغا ئۆزۈمنى يوشۇرۇپ ئۇنىڭ نالىلىرىگە قۇلاق سالدىم! ئۇزۇن يىللىق قاباھەتلەرنى،ئۇزۇن يىللىق پاراغەتلەرنى يالماپ تۇرۇپ دولقۇن ئۇرىۋاتقان دېڭىز شۇنچىلىك...

    لەيلىنىڭ خاتىرىسى

    سەھەر....

       قورامتاش ئارقىسىغا ئۆزۈمنى يوشۇرۇپ ئۇنىڭ نالىلىرىگە قۇلاق سالدىم! ئۇزۇن يىللىق قاباھەتلەرنى،ئۇزۇن يىللىق پاراغەتلەرنى يالماپ تۇرۇپ دولقۇن ئۇرىۋاتقان دېڭىز شۇنچىلىك چوڭقۇر،شۇنچىلىك بىپەرۋا...
        "ئۇ دېڭىز بويىغا ھېلىقى قومۇش نېيىنىلا ئىزدەپ كەلمىگەندۇـ ھە...؟" دەپ ئويلاۋىتىپ يالاڭئاياق پۇتلىرىمنى ئاپئاق كۆينىكىمنىڭ كەڭ ئىتەكلىرى بىلەن ئورىۋالدىم . ئۇنىڭ شاماللارغا ،تاشلارغا ،سۇلارغا ئېيتىپ بىرىۋاتقان ھېكايىسىنى ئاڭلاۋاتىمەن... ئۇ ئاخىرى تاڭ ئاتقىنىنى سەزدى ،ئاھلىرى بىلەن قۇياشنىڭمۇ يۈرىكىنى ئەزدى...ئۇ كېتىۋاتىدۇ... مەن ئورنۇمدىن ئاۋايلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىزلىرى بىلەن بىزەلگەن ساھىلغا سۈزۈك نۇردەك،ئىسسىق كۆز يېشىدەك ئېقىپ كەلدىم. نەمخۇش قۇملار ئۈستىگە يېزىلغان "ر" ھەرىپىنى سوغۇق شامال توختىماي سۆيىۋاتاتتى.مەن كۆز قاراقلىرىمدەك قارا،كۈتۈشلىرىمدەك تىنىچ ھەم سىيلىق بىر تاشنى ئۇنىڭغا چېكىت قىلىپ قويدۇم.چۈنكى، ئەمدى ئۇ مېنىڭ زۆھرە يۇلتۇزىغا قانچىلىك ئامراقلىقىمنى بىلىپ قالسۇن...
        "ئۇ ئەتىمۇ چوقۇم كىلىدۇ،مېنىڭ ئىزلىرىمنى ،مېھرىمنىمۇ كۆرىدۇ" دەپ شىۋىرلىغاچ قىرغاقتا سۇغا چىلىشىپ تۇرغان بىر پارچە قەغەزنى تىترەپ تۇرغان بارماقلىرىم بىلەن سۈزىۋالدىم .خۇددى كېچىلىرىمنى چۈشلىرىمدىن،مۇھەببىتىمنى تەرسالىقىمدىن سۈزىۋالغاندەك...خۇددى ئارمانلىرىمنى ئىسسىق جېنىڭدىن،ماڭىلا تەئەللۇق ئۆمۈرلۈك بەختىمنى قىسمەتلىرىڭدىن،بەرداشلىقىڭدىن،بارلىقىڭدىن سۈزىۋالغاندەك..... پۇرلەشكەن،نەملەشكەن،سارغايغان بۇ بىر پارچە قەغەزگە نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ .ئوت بولۇپ ياندىم ،بار ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ ۋاقىرىغۇم،دېڭىز سۈيىنىمۇ ئارقىغا قايتۇرغۇم كەلدى. لەيلى،لەيلى،لەيلى...لەيلى،لەيلى...
    .لەيلى...لەيلى !...لەيلى،لەيلى،لەيلى.....لەيلى!!!
       توختىماي زىكرى قىلىنىۋاتقان پاك مۇھەببەتنى قۇياش بىلەن تەڭ كۆرۈپ جۇغۇلداپ كەتتىم...
    ـ ئاھ ،خۇدا !مېنى كەچۈرگىن...ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئوت سېنىڭ ئۇلۇغلۇقىڭ بىلەن مېنىڭ جېنىمغا تۇتاشتى....ئۇنىڭ قولىدىكى نەينى دېڭىزغا تاشلىۋەتكىنىمدىن رازى بولدۇم .
       ئۇ ئاخىرى قولىغا قەلەم ئاپتۇ...ئەمدى بىزگە قەلەم بىلەن ساھابىلەرگە،ئەلەم بىلەن مۇشرىكلارغا يۈزلەنگۈدەك جاسارەت ئاتا قىلغىن....

    داۋامى بار...

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-7 10:34:09]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق